-
2010-07-26
ۋىسال پەيتى - [شېئىرلىرىم]
ۋىسال پەيتى
ۋىسالنىڭ پەيتلىرى كەلسە يېقىنلاپ،
چاڭقىغان يۈرىكىم كېتەر تىپىرلاپ.
قاچانكى سىمايىڭ كۆرۈنسە يولدا،
سۇ بولۇپ ئېرىيدۇ تېنىم سىقىراپ. -
2008-08-10
پارچىلار (1) - [شېئىرلىرىم]
كۆزلىرىڭدىن كۆرەي دەپ مېنى،
تەلمۈرگەنتىم بولۇپ ئىنتىزار.
ئۆزەم تۈگۈل ھەتتا سايەممۇ،
تېپىلمىدى كۆزۈڭدىن زىنھار. -
2008-08-07
نېمىشقا - [شېئىرلىرىم]
نېمىشقا
ئادىل ئابدۇرەھىم (نىدا)نېمىشقىمۇ قۇرىمايدۇ كۆزدىن ياشلىرىم؟
نېمىشقىمۇ ئېگىلىدۇ غەمكىن باشلىرىم؟
كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ھېچ نازۇك سىمارىڭ،
تولا كۈتۈپ ئاقىرىپتۇ قارا چاچلىرىم. -
2008-08-07
ئايرىلدىم - [شېئىرلىرىم]
ئايرىلدىم
ئادىل ئابدۇرەھىم (نىدا)
شۇم پېشانەم كاجلىقىدىن سۆيگەن نىگاردىن ئايرىلدىم،
تەلمۈرۈپ قالدىم بۇ جايدا مەڭزى ئاناردىن ئايرىلدىم.
جۈپ كۆزۈمدىن يېشىم ئاقار، بولۇپ ئەمدى بىچارىمەن،
لېۋى شېرىن، خۇيى ئوڭلۇق، كۆزى خۇماردىن ئايرىلدىم. -
2008-08-07
كاج پەلەكتىن پەندىيات - [شېئىرلىرىم]
-
2008-08-06
ھەسرەت - [شېئىرلىرىم]
-
2008-08-06
توسىما - [شېئىرلىرىم]
توسىما
ئادىل ئابدۇرەھىم (نىدا)
مەي ئىچمە، دەيسىنا توسۇپ ئالدىمنى،
ئىچمىسەم قانداقمۇ تۇرىمەن ئۆرە؟
ئىچكىنىم ياخشىراق دەلدەڭشىسەممۇ،
ئۆمىلەپ پاتقاقتا ماڭغاندىن كۆرە! -
2008-08-06
سۆيگۈ ئىلاھى - [شېئىرلىرىم]
سۆيگۈ ئىلاھى
ئادىل ئابدۇرەھىم (نىدا)
ئوخچىدى قەلبىمدىن ھىجران نىگاھى،
كەتمىدى كۆزۈمدىن جانان سىماھى.
نېمىشقا ئۇنتۇلماس ئازاپلىق سۆيگۈ؟
چۈشەندىم، ئەسىلى سەن ـــ سۆيگۈ ئىلاھى. -
2008-08-04
ئەجەپ - [شېئىرلىرىم]
ئەجەپ
ئادىل ئابدۇرەھىم (نىدا)
كاج پەلەك يوللىرىڭنى زەپمۇ تار قىلدىڭ ئەجەپ،
سۆيگەن يارنىڭ ئىشقىدا خارۇ - زار قىلدىڭ ئەجەپ.
ۋاپا ئىزدەپ ئاتلىنىپ چىقسام بەلنى چىڭ باغلاپ،
يۈزى گۈزەل، بىۋاپا قىزنى يار قىلدىڭ ئەجەپ. -
2008-08-04
سورىما - [شېئىرلىرىم]
سورىما
ئادىل ئابدۇرەھىم (نىدا)
سورىما ئامرىقىم:« سۆيەمسەن مېنى؟
ئۇخلىساڭ چۈشۈڭگە كىرەمدىمەن؟» دەپ.
كۆزۈمدىن بىلمىسەڭ قەلبىم سىرىنى،
قانداقمۇ تۈگىتەي سۆيگۈمنى سۆزلەپ؟!