-
چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ــ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتى ھەتتا يىراق شەرق سىياسىتىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق ئۇرۇش سېپىنىڭ مۇھاپىزەت چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى بارلىق پىلانلىرىنىڭ ھەممىسى چاۋشيەندىن قولىنى بوشىتىشنى ئاساسىي نۇقتا قىلغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان ئىدى.
-
2010-09-12
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(8) - [ئەتراپىمىزدا]
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە نيې رۇڭجېن ئىلگىرى بىر پارچە دوكلاتتا خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
سوۋېت تەرەپنىڭ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش پوزىتسىيىسى 1958-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئىلگىرى يەنىلا بىر قەدەر ياخشى ئىدى، ئادەتتە كېلىشىمدىكى ماددىلار بويىچە ئىش قىلغان ئىدى، كونكرېت خىزمەت قىلغۇچى تارماقلار ۋە خادىملار يەنىلا ئاكتىپ ۋە قىزغىن ئىدى، بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى خالايتتى، بىراق يۇقىرىنىڭ باشقۇرۇشى بىر قەدەر قاتتىق بولۇپ، دائىرىدىن بىرەر يېرىم قەدەم ئاتلاشقا قەتئىي يول قويۇلمايتتى. -
2010-09-12
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(7) - [ئەتراپىمىزدا]
بىراق، خرۇشېۋنىڭ خاراكتېرىدىن ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا يادرو ياردىمى بېرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ، تەيۋەن دېڭىزى كرىزىسىدە يۈز بەرگەن يەنە بىر ئىش بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن، چۈنكى ئۇ خرۇشېۋنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە جاراھەتلەندۈرۈپ، ھەتتا خرۇشېۋنىڭ كېيىنكى ئەسلىمىلىرىدە دائىم بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
-
2010-09-12
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(6) - [ئەتراپىمىزدا]
ئەلۋەتتە، بۇ خىل چەكلىمىنى بەزىدە تىزگىنلەش تەسكە توختايتتى. مەخپىي ئورۇنلارغا ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئازاپ ۋە ئەنسىزلىك ھېس قىلاتتى. 1957-يىلى مەركىزىي كومىتېتقا يوللانغان بىر پارچە دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپچى سالاھىيىتىدە جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن بىر نەچچە نەپەر مەسلىھەتچى ئەزەلدىن قايسى نەرسىلەرنى ئاشكارىلىسا بولىدىغانلىقى، قايسى نەرسىلەرنى ئاشكارىلىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇلمىغان ئىدى.
-
2010-09-12
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(5) - [ئەتراپىمىزدا]
ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى يالغۇز ئۈسكۈنە، چېرتيوژ ۋە تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە زور تۈركۈمدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى جۇڭگوغا ئەۋەتتى. زاۋۇت ئورنىنى تاللاش، لايىھىلەشتىن تارتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەشكىچە، بولۇپمۇ، جۇڭگونىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى چۈشىنىشى، جۇڭگو تېخنىك ئىشچىلىرىنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم قىلىش جەھەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىم رول ئوينىدى.
-
2010-09-10
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(4) - [ئەتراپىمىزدا]
دەل جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى سۆھبىتى قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغاندا، 1954-يىلىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە ئىچىدىكى كۈرەشنىڭ كەسكىنلىشىشى خرۇشېۋنىڭ يادرو ياردىمى جەھەتتەجۇڭگوغا قاراتقان چەكلىمىسىنى يەنە بوشاشتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1957-يىلى 6-ئايدا سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ئومۇمىي يىغىنى مالېنكوۋ (Malinkov)، كاگانوۋىچ (Kaganovich)، مولوتوۋ (Molotov)لارنىڭ پارتىيە تەشكىلىگە قارشى قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە تەنقىدلىدى ھەمدە ئۇلارنى مەركىزىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىن چىقىرىۋەتتى. بۇ قېتىملىق كۈرەش سوۋېت كومپارتىيىسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە پولشا-ھۇنگرىيە(ۋېنگرىيە) ۋەقەسىدىن كېيىنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە ئىچىدىكى ئىدىيىۋىي لېنىيە(لۇشيەن) ئىختىلاپىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئاشكارىلىنىشى ئىدى.
-
2010-09-04
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(3) - [ئەتراپىمىزدا]
ئىككىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم بېرىش يېتەكچى پرىنسىپىدا بۆسۈش خاراكتېرلىق بۇرۇلۇش بولدى.
گەرچە ئاتوم ئېنېرگىيسىدىن تېنچ يول بىلەن پايدىلىنىش يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشنىڭ تېخنىكا ئاساسى بولالىسىمۇ، ئەمما بۇ بىر قەدەم ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، ئۇراندىن ئاجرىتىش، ساپلاشتۇرۇشتىن، يادرو پارتلىتىشىغا ئىشلەتكۈچە بىر قاتار مەخسۇس تېخنىكا ۋە ھۈنەرنى ئىگىلەشكە توغرا كېلەتتى. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ بىر قەدەمنى ئېلىش ئۈچۈن بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلغان ئىدى. -
2010-08-29
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(2) - [ئەتراپىمىزدا]
بىراق، خرۇشېۋ قانداقلا بولمىسۇن ماۋزېدۇڭغا ھاجەتمەن بولغاچقا، ئۇ ستالىندىن بىر قەدەم ئالغا باستى، جۇڭگوغا ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش جەھەتتە ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى، ھالبۇكى، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، شۈبھىسىزكى، يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن تېخنىكا ئاساسى سېلىپ بەردى. يادرو قورالى بىلەن يادرو رېئاكتورىنىڭ ئىلمىي قائىدىسى بىردەك بولۇپ، رېئاكتور بولسا پارتلىمايدىغان ئاتوم بومبىسى ئىدى، خالاس.
-
2010-08-27
سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(1) - [ئەتراپىمىزدا]
يادرو مەسىلىسىگە ئائىت تارىخ (ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يادرو تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، يادرو سىياسىتى ۋە يادرو ستراتېگىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يادرو تەييارلىقلىرىنى تىزگىنلەش ۋە يادرو سىنىقىنى چەكلەش سۆھبىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شەك-شۈبھىسىزكى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى. بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنىدىغىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ: 1950-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا قوللانغان يېتەكچى پرىنسىپىدۇر.
-
2010-08-08
38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى(3) - [ئەتراپىمىزدا]
يۇقىرىقى تەھلىللەردىن بىز مۇنداق يەكۈن چىقىرالايمىز: 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشى، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گەرچە يۈزەكى قارىغاندا مەسىلە ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، باشلىنىشىدىلا ئۇنىڭ چوڭقۇر سىياسىي ئويلىشىشى بار؛ 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشى، چاۋشيەن مىللىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بۆلۈنۈپ تۇرۇش ئۇرۇقىنى يەرگە كۆمدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇدىغان يۈزلىنىش سەۋەپلىك، بۇ ئاچچىق ئۇرۇق مۇقەررەر ھالدا بىخ سۈرەتتى؛ 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ يىراق شەرق ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋەزىيىتىگە ئاساس سالدى، 38-پاراللېل ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت كۈچلىرىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا تىركىشىپ تۇرۇشىدىكى بەلگىلىنىپ بولغان چېگرا سىزىقىغا ئايلاندى.