• 2010-08-13

    winrar ئارقىلىق ھۆججەتنى پارچىلاپ پىرىسلاش - [كومپيۇتېر]

    بەزىدە ئېلېكترۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى(ئېلخەت) ئارقىلق باشقىلارغا مەلۇم بىر ھۆججەت -ماتېرىيال  ھەتتا مەلۇم بىرخىل دېتاللارنىمۇ يوللاپ بىرىشكە  توغرا كېلىدۇ .ئۇندىن باشقا بەزى مۇنبەرلەرنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارى ئىچىۋىتىلگەن بولۇپ ،بىز بىۋاستىلا شۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بەزى ماتىرياللارنى كۆپچىلىككە تەمىن ئىتىشنى قارار قىلىمىز . لىكىن مەيلى ئېلخەت سېستىمىلىرى بولسۇن ياكى مۇنبەرلەرنىڭ قوشۇمچە ھۆجقەت يوللاش ئىقتىدارى بولسۇن ھەممىىسنىڭلا بىر قېتىمدىلا يوللاشقا بولىدىغان سىغىم چەكلىمىسى بولىدۇ .
    مەسىلەن . سىنا ئېلخەت بېتىنىڭ بىر قىتىمدا يوللاشقا بولىدىغان ھۆججەت سىغىمى mb15 . ئۇنداقتا بىز مۇشۇ بېكەتتىن ئالغان ئېلخىتىمىزدىن پايدىلىنىپ بىراۋغا mb30 كېلىدىغان بىر دېتالنى يوللاپ بىرىشقا مەجبۇرى بولوپ قالغان بولساق قانداق بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟
    بۇنى قانداق قىلاتتۇق ، winrar ئارقىلىق پارچىلاپ پىرىسلايمىز .بەلكىم سىز ئۇزۇندىن بۇيان بۇ دېتال ئارقىلق ھۆججەت پىرىسلاپ -يېىشىپ دېگەندەك مەشغۇلاتتىن كۇرمىڭنى قىلىۋەتتىڭىز ،لىكىن بۇ دېتالدا يەنە خىلى كۆپ ئىقتىدارلار بار .بۈگۈن پەقەت بىرىنى كۆرۇپ باقايلى . گەپكە كەلسەك ماتېرىيالنى قانداقن پارچىلاپ پىرىسلايىمىز . ئەمەلىيەتتە بۇ ئاساندىنمۇ ئاددى ئىش !

    يۇقارقى رەسىمدىكى يېىشل رامكىغا ئېلىنغان ئورۇننى كۆردىڭىزمۇ ؟ بىز يۇقارقى mb30لىق ھۆججەتنى ئەگەر mb15لىق ئىككى پىرىس بولىقى قىلماقچى بولساق شۇ يەرگە mb15 دەپ كىرگۈزۈپ جەزىملەيمىز . بۇ بىزنىڭ winrarغا : ئاداش ماۋۇ mb30 لىق ھۆججەتنى mb15لىكتىن قىلىپ پارچىلاپ بەر دېگىنىمىز .

    مانا شۇنىڭ بىلەن بۇ mb30لىق بىر ھۆججەت ھەربىرى mb15لىق ئىككى پىرىس بولىقىغا ئايلىنىدۇ . دېمەك مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە پارچىلايمىز

     .ئەمدى مۇھىم گەپتىن بىرى مەلۇم ھۆججەتنى قانچە پارچە قىلىۋىلىشىمىزىدىن قەتئى نەزەر  ھەربىربۆلەك تەرتىپ بويىچە «1.part,2.part...»دېگەندەك تەرتىپتە بولىدۇ . بىز بۇلارنى بىر-بىرلەپ پىرىستىن يەشمەيمىز ،پەقەت بىرىنچى بولاق يەنى «1.part» يەشسەكلا قالغانلىرى ئاپتۇماتىك يشىلىپ ئەسلىدىكى ھۆججەت قايتىدىن «سېھىر»دىن يېىشلىدۇ .


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇنداق پارچىلىغاندا،ئارىسىدىن بىرەرسى يوقاپ كەتسە يەشكىلى بولمايدىغان ئىش چىقىدۇ،[cusFace:6][cusFace:6]
    لېكىن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى...[cusFace:2]
    مۇئەللىم回复پرىستان说:
    توغرا ،ھەممىسى تولۇق بولىشى كېرەك
    2010-08-14 01:27:25
  • سىزگە كۆپ تەشەككۇر ،ياخشى چارە ئىكەن
  • ھىم..يەنە بىر تېخنىكىنى ئۆگىنىۋالدۇق،ئادەتتە مەن پرىسلاشدىن بۇرۇن ئۆزۈم نەچچىگە بۆلۈپ پرىسلاپ ئاندىن...قىلاتتىم [cusFace:7]