• 2010-08-20

    بلوگ - توردۇنياسىنىڭ ئەڭ چىتىدىمۇ؟ - [بلوگچىلىق]

     

    بۈگۈن بلوگنىڭ ئاستىدىكى ۋاقت ئەسكەرتمىسىگە قارىىسام  قۇرۇلغىنىغا نەق 80كۈن بولوپتۇ ،ئەمەلىيەتتە مەن رايۇنىمىزدا تورئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئىيۇننىڭ بىشىدا بلوگباستىن بۇنى بىجىىرپ قويۇپ  ئارىلىقتا بىرئايغا يىقىن ۋاقت ئۇ-بۇ سەۋەبلەر بىلەن تاشلاپ قويغان ئىدىم ...
    شۇۋاقتلارنى چىقىرىۋەتكەندە  رەسمىي يېزىشقا كىرىشكەن ۋاقت 50كۈن بولدىمۇ دەيلى ،بلوگنىڭ زىيارەت قىلىنىش ئەھۋالى ئادەمنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ .
    بۇ بىرمەزگىل بلوگنىڭ زىيارەت ستاتىسكىسىنى كۈزىتىپ باقسام ئەڭ يۇقىرى چەك ئاران 82 بولدى ،قالغان ۋاقىتلاردا ئاساسەن 50 ئادەم قېتىم ئەتىراپىدا بولىۋاتىدۇ .
    باشقا بلوگلارنى كۈزىتىپ باقسام ئۇيغۇربلوگىلىرى (ئاساسەن بلوگباس كۆزدە تۇتۇلدى) ئىچىدە زىيارەت  قېتىم سانى بەش خانىلىق سان بولغانلىرى ساناقلىقلا ئېكەن ،يەنە كېلىپ ئالدىغا ئۈچ يىل -كەينىگە بىريىل بولغان ئىكەن .ھەتتا بەزى بلوگلار قۇرۇلغىنىغا 2يىلچە بولغان بولسىمۇ زىيارەت سانى مىڭغىمۇ يەتمەپتۇ ؟!
    مەن يەنە ئۆزبلۇگېمنىڭ ۋاستىلىق زىيارەت ئەھۋالىنى كۈزىتىپ باقتىم ، نۆۋەتتىكى ئۇلىنىش بىكەتلرىنىڭ بلوگلارنى كۆزگە ئىلماي ئاران-ئاران ئۇلىنىش قىلىشى ،يەنە كېلىپ بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا تىقىۋىتشدىنمۇ ياكى تورزىياەرتچىلەرنىڭ بلوگلار تېزىملكىگە قارىغۇسى يوقمۇ بىلمىدىم  ئۇلىنىش بىكەتلىرىدىن بىرئىككىسگە قاتقان بولساممۇ ئۇلاردىن كىرگەن زىيارەتچى يوق .
    مەن بلوگ يېزىشتىن باشقا بەزى يازمىلىرىمنى باس-باس مۇنبرىىدە ئېلان قىلىپ تۇرغان ۋە بلوگ ئادىرىسمنى قالدۇرۇپ ماڭغان ئىدىم بۇنىڭ بىلەن دەل مۇشۇ باس-باس مۇنبىرىدىن كىرگەن زىيارەتچى ئەڭ كۆپ ئىكەن .
    ئۇندىن  باشقا ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان باشقا بلوگلاردىن كىرگەن زىيارەتچىمۇ يوقنىڭ ھېسابىدا .
    بەزى دوستلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپ يازغان ماقالىلىرىنىمۇ ئوقۇپ باقتىم ،ھەقىقەتەن بلوگ ئۇيغۇر تورئابۇنتلىرى ئۈچۈن يەنىلا يېڭى بىر شەيئى بولىشى مۈمكىن . ئۇنىڭدىن تاشقىرى مەن نۆۋەتتىكى بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق بىرقانچە يەكۈننى چىقىرىپ قويدۇم .
    بىرىنچى .تور زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ بلوگقا بولغان تونۇشى يىتەرلىك ئەمەس ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بلوگلارنىڭ كۆپىنچىسى ئويۇن ھېسابىدا ئىچىلىپ -تاشلىنىپ قىلىۋاتقاچقا باشقىلارغا نىسبەتەن بلوگلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرالمايۋاتىدۇ .
    ئىككىنچى . بلوگلار نىڭ ئۇيغۇر توردۇنياسىدىكى ئورنى ئىتىراپ قىلىنمايۋاتىدۇ ،كۆپىنچە ئۇلىنىش بەتلىرى بلوگ بەتلىرىگە ئورۇنمۇ بەرمىگەن ،بەرسىمۇ بۇلۇڭ -پۇشقاققا تىقىۋىتىدۇ .
    ئۈچىنچى . كۆپىنچىمىز بلوگباسقا ئوخشاش يات تىلدىكى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئۆزتىلىمىزدا بلوگ قۇرىۋاتىمىز ئەلۋەتتە بۇنداق بولغاندا سۇپا تەمىلىگەن تەشۋىقات پۇرسىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە بىز ،ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمىز بىلەن تېز پۇرسەتتە ئۇچرىشىدىغان كۆرۇرمەن يوق .
    ......يەنە نۇرغۇن چوڭ-كىچىك سەۋەبلەر بار .
    ئەيتاۋۇر ، بىلوگ يېزىشتىكى تۈپ مۇددىئا گەرچە زىيارەت مىقدارىنى قوغلىشش بولمىسمۇ ،لىكىن زىيارەتچىنىڭ كۆپەرەك بولىشى ۋە تورداشلاردىن چۈشكەن پىكىر-سۆھبەتلەر بىر بلوگ يازغۇچىسىغا نىسبەتەن ئازتولا راھەت تۇيغۇسى بىرىدىكەن ،بولمىسا ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز گەپ قىلغاندەك مەنىسىزدە ..
    ھەي.........ي  بوپتۇ شۇنداق بولسىمۇ يېزىپ باقايلى ، بىرەر ئوقۇرمەنگە نەپ بىرەلىسەكمۇ مۇشۇنىڭ ئۆزى خۇشاللىق ئەمەسمۇ ،ئەمما زە يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سۆزقالدۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە!؟


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇ يازمىغا قىستۇرغان رەسىم ناھايىتى مەنىلىك بولۇپتۇ. باش تىمىنى بەك ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىكەن. مەن شۇنداق زوقلاندىم. لايىھىلەش ماھارىتىڭىزگە ئاپىرىن.
  • بلوگ يازغۇچىسىدا بۇلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش سەۋىرچانلىق
  • ھەم مۇشۇ بىلوگىمنىڭ ئىسمىنى خاتا قويۇپ ساپتىمەن باشقىچە ئىسىم قويسام بوپتىكەن.
  • توغرا دەيسىز ھازىر بىلوگ يىزىشنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدىغانلار كۆپ.مەن مەكتەپتە ئوقۇمىغاچمىكىن يازما يۇللاي دەپ بىلوگنىڭ ئالدىغا كەلسەم نىمە يىزىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىمەن
  • مەن بلوگ يازغاندىن بۇيان نۇرغۇن نەرسىلەر ئۈستىدە ئويلىنىدىغان بولدۇم. ئۇ ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەن. زىرىكمەيلى.
  • سۆزىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئاساسەن بلوگباس تىن ئىبارەت بۇ ئۇيغۇرچەيازغىلى بولىدىغان بلوگلارنى كۆپ ئادەم بىلمەيدۇ. ھەم بىلوگ يازىدىغانلارمۇ جىق ئەمەس. جىق ئادەملەر بۇنى چۈشەنمىسە كىرەك.
  • بىلوگىڭىز بەزى تور بەتلەردىن قېلىشقۇسىز ئىكەن، تېخىمۇ تىرىشىڭ!
  • بلوگ يىزىشمۇ بىر سەۋر-تاقەت قىلىدىغان ئىشدەك قىلىدۇ،ئەينى چاغ <<كۆچۈرمە>>دەۋرىمدە ئالامەت سەلتەنەت سۈرگەنىدىم،ھازىر ئىجادىيەت باسقۇچىدا ئازراق سوۋۇپ قالدىم،ئەمما سەۋرچانلىق بىلەن يازساق،مېنىڭچە ..
  • مەيۈسلەنمەڭ،قۇلۇلىنىڭ مۇنارغا چىقىشىدىن ئىلھام ئالايلى.
  • يۈكسەل بلوگىدىكى ماۋۇ سەھىپە تېمىلىرىنىڭ بەلكىم ياردىمى تېگىشى مۇمكىن:http://www.yuksel.me/category
    /blog-termechliri
    مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى回复يۈكسەل说:
    يۈكسەل ئەپەندىنىڭ قەدىمى قۇتلۇق بولسۇن . بولىدۇ مەن تەپسىلى كۆرۇپ چىقاي .
    2010-08-21 01:20:44