-
2010-08-29
ئىلھامجاننىڭ ھاياتلىق ئۈمىدىگە ئىلھام بىغىشلايلى - [تەشۋىقات]
ئىلھامجاننىڭ ھاياتلىق ئۈمىدىگە ئىلھام بىغىشلايلى
2010 – يىلى 4 – ئاينىڭ 28 -كۈنى مەكتەپ سەككىزىنچى ياتاق بىناسى تۆتىنچى قەۋەت سۇخانىسىدا تېيىلىپ يىقىلىش چۈشۈپ ، ئارقا مېڭىسى ئېغىر زەخىملىنىپ ھوشىدىن كەتكەن . ساۋاقداشلىرى ئۇنى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان . دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىلھامجاننىڭ باش مېڭە تەرىپىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىپ قان يىغىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان . دوختۇرلار 4 سائەت پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن مېڭىدىكى ئۇيۇپ يىغىلىپ قالغان قانلارنى چىقىرىۋەتكەن ، لېكىن ئەھۋالى يەنىلا خەتەرلىك بولۇپ، 4 ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 4 -كۈنىگىچە ھوشسىز ھالەتتە ياتقان ، ئالتىنچى ئايىنىڭ 4 -كۈنى كۆزىنى ئاچقان ، لېكىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە بولمىغان ، 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى يىغلىغان ۋاقتىدا بىر ئاز ئاۋاز چىقىرىدىغان بولغان . دوختۇرخانىغا كىرگەندىن تارتىپ 42 كۈن بولغىچە كۈنىگە 6000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كەتكەن . 42 كۈندىن كىيىن كۈنلىكىگە 2000 يۈەندىن پۇل كېتىۋاتىدۇ . ھازىرغىچە 300 مىڭ يۈەن يەنى 300000 دىن ئارتۇق پۇل كەتكەن . ئەلى ئاكا بىلەن مەريەم ئاچا پۇل جەملەش ئۈچۈن ھەتتا كۇچا ناھىيىسىدىكى تۇرالغۇ ئۆيىنىمۇ سېتىۋەتكەن . ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ قەرز تۆلەش شەكلىدە ئالغان بولۇپ ، ھازىر 100 مىڭ يۈەن يەنى 100000 دىن ئارتۇق قەرزدار بولۇپ قالغان …….
مەكتەپتىكى ئىلھامجاننىڭ يۇرتداشلىرىدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىز كۆمۈركان دوختۇرخانىسىغا ئۇنى يوقلاپ ھەمدە ئاتا ئانىسىدىن تەپسىلىي ئەھۋاللانى بىلگىلى باردۇق . ئىلھامجاننىڭ ئاپىسى مەريەم ئانا يىغلاپ تۇرۇپ بىزگە ھازىر ئوغلىنىڭ ھىچ بولمىغاندا بۇ يېرىپ ئاغرىيتتى دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى ، ھەمدە ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىز تارتقان بۇ ئازابنىڭ باشقا بىر ئىنساننىڭ بېشىغا سالمىغايسىز دەپ دۇئا قىلىپ كەتتى . دادىسى ئەلى ئاكا ئوغلىنىڭ ئازابىدىنمۇ تۈگىشىپ كەم سۆز بولۇپ قالغان . ئىلھامجاننىڭ ئاتا ئانىسى خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەچكە نۇرغۇن ئىشلاردا قىيىنالغان ، نۇرغۇنلىغان رەسمىيەتلەرنى قىلىشنى بىلەلمىگەن ، قانداق قىلىپ پۇل غەملەشنى تېخىمۇ بىلەلمىگەن …. پەقەت ئىلھامجاننىڭ ساۋاقداشلىرى كەلگەن ۋاقتىدا رەسمىيەت بېجىرىش ئىشلىرىنى قىلغان . بىز مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشلارنى تورغا چىقىرىشنى قارار قىلدۇق ، ئىلھامجاننىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن تورغا بۇ تېمىنى يوللىشىمىزغا قوشۇلدى . نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن چوقۇم ئىلھامجانغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز! چۈنكى ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان مېھرىبان كىشىلىرىمىز بار .
ئاخىرىدا ئىلھامجان ۋە ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ئورنىدا ھەرقايسى تورداشلار شۇنداقلا مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز !…
=================================================================
ئىلھامجانغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىپ ،ئۇنىڭغا ئائىت باشقا ئۇچۇرلارنى كۆرگەيسىز:
http://www.yuksel.me/358.html
收藏到:Del.icio.us
评论