• 2010-08-27

    بىزدىمۇ مۇشۇنداق بىر رەسىم ئىجاد قىلىنسا - [بىلىگلەر]

    مەزكۇر ماي بوياق رەسىمنىڭ ئەسلى نامى « دانتې بىلەن ئېلاھ كۈيى ھەققىدە سۆھبەتلىشش» بولۇپ ،بۇ رەسىمنى دەي دۇدۇ ، لى تېيزى ۋە جاڭ ئەنجۈن ئىسىملىك ئۈچ نەپەر ھازىرقى زامان جوڭگو رەسسامى بىرلىكتە توپتۇغرا بىريىل ۋاقت سەرپ قىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقارغان .
    مەن ئىلگىرى توردا بۇ رەسىمنى كۆرگەن بولساممۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك ماتېرىيال كۆرۇپ باقمىغان ئىكەنمەن ،بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ھەجىملىك ئەسەر ئىكەن .رەسىمنىڭ ئومۇمى چوڭلۇقى  : كەڭلىكى 6متېر ئىگىزلىكى 2.6مېتر بولۇپ  رەسىمدە جەمئى 103نەپەر كىشىنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەنگەن .
    ئەلۋەتتە بۇ رەسىمنى كۆرگەن چىغىمىزدا دۇنيا تارىخىنى ئۆگەنگەنلىرىمىز بولسا دۇنياغا مەشھۇر ئەسەررافىللونىڭ «ئافىنادىكى ئېقىملار» ناملىق ماي بوياق رەسىمى كۆزئالدىمىزغا كېلىدۇ . قارىغاندا بۇ ئۈچ نەپەر رەسساممۇ شۇ رەسىمدىن ئېلھام ئالغان بولىشى مۈمكىن .، ئەمما «ئافىنادىكى ئېقىملار» دا گەۋدىلەنگىنى قەدىمكى زاماندىكى مەشھۇر پەيلاسوپلار بولسا بۇنىڭدا تەسۋېرلەنگىنى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامادىكى سىياسى ، مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە ..قاتارلىق ساھەلەردىكى مەشھۇر كىشلەردۇر .
    بۇ رەسىمدە زادى كىملەر بار ؟
    رەسىىمگە سىنچىلاپ قاراپ باقساق خىلى كۆپ كىشلەرنى تۇنىيالىىشمىز ياكى پەرەز قىلىشمىز تەبىئي .ئەمەلىيەتتە رەسساملار بۇ رەسىم قۇرۇلمىسى ھەققىدە خىلى كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ باھاسىغائاساسەن بۇ ئوبرازلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان .پۈتكۈل رەسمنىڭ مەركىزى نۇقتىسى دەل ماۋزىدۇڭدۇر .
    ئۇندىن باشقا بۇنىڭدا غەيرى رەسمى «مەشھۇر كىشى»لەردىن گەندىنىڭ يىنىدا تۇرغان ،دۇنيادىكى تۇنجى كلۇن قوي «دوللىي» ۋە رەسمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى بالكۇندا دانتى بىلەن سۆھبەتلەشكەچ تۆۋەندىكى مەشھۇرلارنى كۈزىتىپ تۇرغان ئۈچ نەپەر كىشى -يەنى دەل مۇشۇ رەسىمنىڭ ئىجادكارلىرى دەي دۇدۇ ، لى تېيزى ۋە جاڭ ئەنجۈنلەردۇر .
    قالغان 99نەپەر كىشى رەسساملارنىڭ نەزەرىدىكى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جوڭگو ۋە چەتئەللەردىكى مەشھۇر كىشلەردۇر  ئۇلار بولسا :
    1.ئارخىمىد  2.گەيتىس 3. سۈيجىيەن  4. لېنىن 5.بەيلىي 6. گۈەنيۈ 7. تۇتىنخامۇن فېرئەۋن 8. ھېتلىر 9. مۇسسىلىن 10. سادام 11.چوپىن 12.ھىبۇرىن 13.فىرام 14.لېي فىڭ 15.فورد 16.چاپلىن 17.بېتيۇن 18.گورگىي 19.سۇن جوڭشەن 20.دېڭ شىياۋپىڭ 21.پۇشكىن 22.دېگۇل23.پائۇل 24.كېلنتۇن 25. ئۇلۇغ پېتر 26.لىيۇشاۋلۇڭ 27.ماتس 28.ساچىرخانىم 29.چىرچىل 30.روزۋىلت 31.ھېمىڭۋاي 32.ئېلۋس 33.سىتالىن 34.داۋىنچ 35.ماركس 36.نىتزى37.شېكىسپر 38.مۇزارد 39.چىڭگىزخان 40.ناپولىئۇن 41.گۇۋدىۋاارا 42.كاستىرۇ 43.مارلۇن بىراندۇ 44. ياسىرئەرافات 45.مۇنرۇ 46.جۇئىنلەي 47.ۋاشىڭتۇن 48.لاۋزى 49.ماۋزىدۇڭ50.لىنكۇلىن 51.مارىيە كيۇرى 52. رودىن 53.پىكاسسۇ 54.كايسار 55.بىن لادىن 56.بۇش 57.پاۋاروتتى 58.سالۋادۇر 59.سى شىتەيخۇ 60.جوردان 61.شارۇن 62.چىنالۇت 63.چارلس 64. كوفىي ئاننان 65.لىيۇشىياڭ 66.چى بەيشى 67.چىن شىخۇاڭ 68.گورباچىيۇف 69.دوڭتياۋيىڭجى 70.ترىسسا 71.يۇفىي  72. مىگىلانجىلۇ 73.شاۋ 74.بېسمارك75.تاگۇر 76.رۇسسۇ 77.سۇڭ چىڭلىڭ 78.كوڭزى 79.ۋانگوخ 80.ئىيزىنخۇۋېر 81.لائۇرىك 82.كىر نى ستەي 83.گەندى 84.لى بەي 85.نوھ86.ئىينىشتين 87.تولىستۇي 88.ئاندىرسۇن 89.شېرلىي .تېمپىل 90.تەيسىن 91.پۇتىن 92.جىياڭ جىيشى 93.سامارانچ 94.فىرۇئىد 95.ئىلزابت ئىككىنچى96. لۇشۈن 97.كىم ئىرسىن

     

    رەسىمدە يەنە سەددچىن ، ئەلئىھرام ۋە ئەنگىليىدىكى گېگانت تاش تۈۋرۈكلەر قاتارلىق مەدەنىيەت سىمۇۋۇللىرى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىنغان ئۇندىن باشقا رەسىمدىكى شىرە ئۈستىدە سىمۇۋۇ چوڭ داڭقىنى ،ئۈنئالغۇ ،ئاتۇم بومبىسى قاتارلىق ئىنسانىيەت ئىختىرالىرى قويۇلغان .
    بۇ رەسىم 2006-يىلى تاماملانغان بولوپ ،دەسلەپتە لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك مۇزىيدا كۆرگەزمە قىلىنغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قىتىم تەشۋىق قىلىنغان ۋە جوڭگۇ سەنئەت تارىخىدىكى بىر نامايەندىلىك ئەسەر دەپ تەرپلەنگەن .ئۇندىن باشقا بۇ يەنە توردۇنياسىدىمۇ كەڭ تارقىلىپ بىر مەزگىل تورداشلارنىڭ قىزىق نۇقتسىغا ئايلانغان .بەزىلەر بۇ  رەسىمدىن پايدىلىنىپ ئەقىل سىناش ئويۇنلىرىنى ياساپ چىققان .
    --------
    تەسىرات ۋە ئىنكاس :
    مەن رەسسام ئەمەس ياكى بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمايمەن شۇڭا سەنئەتلىك تەرىپىدىن بۇ رەسىمگە باھا بىرەلمەيمەن ، ئەمما بۇ رەسىم مېنىڭچە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشڭ مەھسۇلى .بۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر كىشلەرگە كەلسەك بۇ رەسساملارنىڭ ئۆزىنىڭ خاھىشى خالاس .
    بۇ رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق بىر خىيال تۇغۇلدى ،مەيلى تەقلىد قىلغانلىق بولوپ قالسۇن ، ئارىمىزدىن بىرەر رەسسامىمىز چىقىپ «ئۇيغۇر تارىخىدىكى 100مەشھۇر شەخىس» دېگەندەك تېمىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە رەسىم سىزىپ چىققان بولسا ئەجەب بىر ئەھمىيەتلىك ئىش بولارئىكەن ؟!

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • قازاقلارنىڭمۇ مۇشۇنداقراق رەسىمى بار،كىم سىزغانلىقىنى بىلمىدىم،ئەمما ئىچىدە مەھمۇد كاشىغەرىي،يۈسۈپ بالاساغونىي،ئەلىشىر نەۋائىي قاتارلىقلارمۇ تىزىلغانىكەن...
  • بۇ يازىڭىزنى ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگىغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ ماڭا بەك يارىدى، بۇ يازما.
    مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى回复atashart说:
    بولىدۇ . قائىدىسىنى بىلسىزغۇ
    2010-08-31 00:23:58
  • ماۋۇ يازىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يازما بوپتۇ،ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىرىىزنى ئويلىنىپ كۆرسەك بولىدىغان پىكىركەن.