-
2010-08-27
ئۇلىنىش تورىنىڭ كارامىتى -بلوگ ئۇچتى - [بلوگچىلىق]
ئۇلىنىش تورىنىڭ كارامىتى -بلوگ ئۇچتى!
قايسى كۈنى «بلوگ -توردۇنياسىنىڭ ئەڭ چىتىدىمۇ؟» دېگەن يازمىدا نۆۋەتتىكى بلوگلىرىمىزنىڭ كۆرۆلۇش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبىنى ئۇلىنىش بېكەتلىرىنىڭ بلوگلارغا مۇۋاپىق جاي بەرمەسلىكىدىن كۆرگەن ئىدىم .
نۆۋەتتە خىلى كۆپ ساندىكى تورداشلار ياكى بلوگ يازغۇچىلىرى يىقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا بلوگ يازمىچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم يۈزلىنىش بولوپ قالدىغانلىقىنى ئېلگىرى سۈرمەكتە . مېنىڭچىمۇ بۇنىڭ ئاساسى بار ،چۈنكى بىزدە توربەت ئىچىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇسۇسىيلاربولوپ ئۇلاردا ھەۋەس ۋە قىزغىنلىق ناھايىتى كۈچلۈك لېكىن توربىكەتنى بۇنىڭ بىلەن قانچىلىك داۋام قىلغىلى بولىدۇ ؟
ئادەم كۈچى ،ئىقتىساد قاتارلىق ئامىللارنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتقاندا نۆۋەتتىكى شارائىتىمىزدا ئۇزۇپ چىققىدەك توربىكەتلەرنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولىشى ئىنىق .
بىراق بلوگ نىڭ نۇرغۇن ئەپچىللىكلىرى (بۇنى بلوگ يازارمەنلىرى بىلىدۇ) بىزنى توربەت ماڭدۇرغاندىكى نۇرغۇن دىشۋارچىلىقلاردىن خالى قىلىدۇ .
ئەمدىكى گەپ بلوگ يازغۇچىلىرىمىز بلوگ سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرسە بلوگ يازمىچىلىقىمۇ تېخمۇ ئىتىراپ قىلىنىشقا نائىل بولغۇسى .
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم تۈنۈگۈن بلوگىمنىڭ سىتاستىكا ئەھۋالىنى كۆرۆپ ھەيران قالدىم ،چۈنكى ئادەتتە كۈندىلىك كۆرۇرمەن سانى 50~60ئەتىراپىدا بولىۋاتقان ئىدى لىكىن تۈنۈگۈنكى زىيارەت 213ئادەم قېتىم بولوپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلىنىش بېكىتىدىن (ulinix.cn)دىنلا 125زىيارەتچى كىرگەن . مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۆپ دەرھال ئۇلىنىش (http://www.ulinix.cn) غا ئىزقوغلاپ كىرىۋىدىم ھىچبىر يەردىن بلوگلار ئۇلىنىشى دېگەن سەھىپىنى تاپالمىدىم ..بىر ھازا ئىزدىگەندىن كېيىن قارىسام ئەسىلى بۇ بېكەتنىڭ «شەرەپ تاختىسىدىكى بېكەتلەر» سەھپىسى ئاستىدا «بلوگ-خاتىرىلەر» تارماق سەھىپىسى قىتىلغان بولوپ بۇنىڭغا «يۈكسەل» ،«چەۋەنداز»،«ئۇيغۇربەگ» ...قاتارلىق 11 بلوگ قېتىلغان ئىكەن ،ئەلۋەتتە بىزنىڭ «مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى» مۇ «مۇئەللىم» نامىدا قويولغان ئىدى
ulinix.cn بېكىتى مېنىڭ بىلىشمچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ئۇلىنىش بېكەتلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئابۇنتلىقى ،شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر بىكەتلىرى ئىچىدىمۇ تېزىلىش تەرتىپى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساناقلىق بىكەتلەرنىڭ بىرى .
ulinix.cnدىكى بۇ باشلىنىش بارلىق ئۇلىنىش بېكەتلىرىگە كېڭەيگۈسى . بىزدە خىلى كۆپ نادىر بلوگلار يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ تورداشلاربىلەن ئۇچرىششتا مۇۋاپىق سەينا يوق توپا بىسىپ تۇرماقتا .بولسا ئۇلىنىش بېكەتلىرى سۇنۇلغان ئىلتىماسقا باقماي ئازىراق ۋاقت ئاجرىتىپ بلوگلارنىمۇ ئانچە-مۇنچە تەكشۈرۈپ ،نادىر-ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىرنى قىزىپ چىقىرىپ ،ئۇلارنىڭ تورداشلار بىلەن ئۇچرىشش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشىگە ياردەم بىرىشى كېرەك .
ئاخىرىدا ulinix.cnبېكىتىنىڭ بۇ دادىللىقىغا تەشەككۇر ئىيتىمەن ،شۇنداقلا ئۆزۇمنى ئىچىگە ئالغان بلوگ يازارمەنلىرىمىزنىڭ بلوگ سۈپىتىگە تېخمۇ كۆپ ئەھمىيەت بىرىىشنى تەۋسىيە قىلىمەن . بلوگلىرىمىزمۇ ئېنتېرنت سۈزۈك ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغۇسى .
收藏到:Del.icio.us
评论
ئەمدى ئۇلىنىش.كوم مۇ شۇنداق ئىشنى باشلىسا بولاتتى![cusFace:6]