• 2010-08-11

    دەرس دوكلاتى ھەققىدە چۈشەنچە - [ئىزدىنىش]

    دەرس دوكلاتى ھەققىدە چۈشەنچە
    تاشپولات روزى


    1. قىسقىچە ئۇچۇر
    دەرس دوكلاتى دېگەن ئۇقۇم ئەڭ ئاۋۋال 1987-يىلى خىنەن ئۆلكىسى شىن شىياڭ شەھىرى قىزىل بايراق رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ،بولۇپ ئوقۇتۇش پائالىيىتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرتۈرلۈك ئىزدىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ .
    كۆپ يىللىق سىناق ۋە نەتىجىلەر شۇنى يەكۈنلىدىكى دەرس دوكلاتى يېزىش يېڭىچە دەرس ئىسلاھاتىدا تەكتلىنىۋاتقان تەتقىقاتچى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچى بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىششنىڭ ياخشى يولى بولۇپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۆرۇشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە .
    2. دەرس دوكلاتى دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە
    دەرس دوكلاتى بولسا ئوقۇتقۇچىنىڭ كونكرت دەرس تېمىسى ئۈستىدە ئالدىن ئېلىپ بارغان لايىھە تەسەۋۋۇرى -نەزەرىيىسىنى ،جۈملىدىن مەزكۇر دەرس ھەققىدىكى «دەرس تەييارلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت .
    دەرس دوكلاتى بىرىش ئادەتتە -ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى ،ياكى كەسپداشلارغا بىرىلىدۇ ،باھالىغۇچىلار ياكى ئاڭلىغۇچىلار پىكىر بىرىدۇ ،بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ ،ئورتاق تونۇشلار قولغا كەلتۈرۈلىدۇ .
    ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا دەرس دوكلاتى - سىزنىڭ مەلۇم دەرسنى قانداق ئۆتىدىغانلىقىڭىز ،نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆتىدىغانلىقىڭىز ئۈستىدە بەرگەن تەتقىقات دوكلاتىڭىزدىن ئىبارەت .

    3. دەرس دوكلاتى يېزىش (بىرىش) نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە
    (1) ئوقۇتقۇچىنىڭ تەتقىقاتلىق ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ئۈنىمىنى ئاشۇرىدۇ .
    ئادەتتە ئوچوق دەرس ،ئۈلگىلىك دەرس قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بىرىۋاتىمىز ،بىراق بۇ پائالىيەتلەردە نۇقۇل ھالدا دەرس ئاڭلىغۇچىلارلا پىكىر بايان قىلىدۇ ياكى دەرسنى باھالايدۇ . ئەمەلىيەتتە دەرس ئۆتكۈچىنىڭ لايىھىلەش ئىدىيىسى ،دەرسنى بىرتەرەپ قىلىش جەھەتتىكى تاكتىكىلىق نەزەرىيىسى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى كۆپچىلىككە نىسبەتەن قاراڭغۇ بولۇپ قالىدۇ .
    دەرس دوكلاتى بولسا دەرس ئۆتكۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچى -باھالىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .دەرس ئۆتكۇچى دەرس دوكلاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەزكۇر دەرسنى قانداق ئۆتىدىغانلىقى ،نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن ،ئاڭلىغۇچى -باھالىغۇچىلار ئاندىن توغرا لىنىيىدە پىكىربايان قىلىدۇ ،ئەڭ مۇھىمى دەرس دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوقۇتۇش ئىدىيىسى ،ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىلمىي نۇقتىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈنىمى يۇقىرى بولىدۇ .
    (2) ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلاش سەۋىيىسى ۋە دەرس لايىھىسىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۆرىدۇ .
    ئوقۇتقۇچى دەرس دوكلاتى يېزىشنى ئادەت قىلغاندا ، دەرسكە نىسبەتەن تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە قاراپ ،دەرس تەييارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ،بۇنىڭ تەبىئىي تۈردە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلاش سەۋىيىسى ئۆسىدۇ ،دەرس تەييارلىقىنىڭ سۈپىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ .
    (3) دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۇرىدۇ .
    دەرس دوكلاتى ئىزدىنىش جەريانى بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دەرسنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى قىزىپ چىقىدۇ ،ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قىزىش ۋە تەدبىقلاش ئىقتىدارى ئىشىپ بارىدۇ .
    (4) ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى بىلىمى ۋە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۇرىدۇ .
    دەرس دوكلاتى تەييارلاش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆپلەپ ماتېرىيال توپلىشى ،پىكىر يۇرگۇزىشىگە توغرا كېلىدۇ  .دەرس دوكلاتى يېزىشنى داۋاملاشتۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى جەھەتتىكى نەزەرىيىۋى بىلىمى ئۆسۇپلا قالماي ،ئۈنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى كۆتۇرىلىدۇ .

    4. دەرس دوكلاتى يېزىشنىڭ تۈرى ،شەكلى ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدە
    ئادەتتە ھەرقايسى پەنلەرنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دەرس دوكلاتى يېزىشتا ئاز-تولا پەرىقلەر مەۋجۇت . بىراق چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا دەرس دوكلاتى چوڭ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ :
    ① ئەمىلىيەت خارەكتىرلىك دەرس دوكلاتى
    ② نەزەرىيە خارەكتىرلىك دەرس دوكلاتى
    ئەمىلىيەت خارەكتىرلىك دوكلات بىرىش - مەلۇم بىر كونكرت دەرس تېمىسى ئۈستىدە دوكلات بىرىشنى كۆرسىتىدۇ ، نەزەرىيە خارەكتىرلىك دوكلات بىرىش - مەلۇم بىر نەزەرىيىۋى قاراش ھەققىدە دوكلات بىرىشنى كۆرسىتىدۇ .
    دەرس دوكلاتى بىرىشنىڭ شەكىللىرى تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ :
    ① لىكسىيە شەكىللىك دەرس دوكلاتى -
    ② نۇتۇق شەكىللىك دەرس دوكلاتى-
    ③ سۆھبەت شەكىللىك دەرس دوكلاتى -
    ④مۇھاكېمە شەكىللىك دەرس دوكلاتى -
    5. دەرس دوكلاتى بىرىشنىڭ بىرقەدەر قىلىپلاشقان شەكلى :
    I. دەرس ماتېرىيالىنى تونۇشتۇرۇش
    ① مەزكۇر دەرسنىڭ پۈتكۈل دەرس قۇرۇلمىسىدىكى ئورنى
    ② مۇناسىۋەتلىك دەرس ئۆلچىمىدىكى مەزكۇر دەرسنى ئوقۇتۇشقا دائىر تەلەپلەر
    ③ مەزكۇر دەرسنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قاراتمىلىق سەۋەبلەر
    II. مەزكۇر دەرسنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە يەتمەكچى بولغان نىشانلارنى تونۇشتۇرۇش
    ①   بىلىم ھازىرلاش نىشانى : ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ھازىرلىنىدىغان ئاساسى بىلىملەر
    ② ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش نىشانى :  مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ، ئوقۇشلۇق - رەسىم قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىش ، ئۇچۇرتوپلاش-بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا قوللىنىش …قاتارلىق ئىقتىدارلار چۈشەندۈرىلىدۇ .
    ③ ئەخلاقى تەربىيە سىڭدۈرۈش نىشانى (ھېسىيات ،پوزىتسىيە ، قىممەت قارىشى يىتىلدۈرۈش )
    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە سەۋىيىسىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئوقۇغۇچىلاردا ھېسىيات ، پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قارىشى نۇقتىلىرىدىن ئادىمىيلىك تەربىيىسى بىرىش .
    III. دەرسنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش
    دەرسلىك ئۆلچىمىدىكى تەلەپ ۋە مەزكۇر دەرسنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرسنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرى بىكىتىلىدۇ :
    ① مۇھىم نۇقتىسى :
    ② قىيىن نۇقتىسى :
    IV. ئوقۇتۇش سىتىراتىگىيىسنى تونۇشتۇرۇش
    ⑴ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش
    ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش -ھەل قىلىشنى ئاساس قىلىپ لايىھىلىنىدۇ .
    ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى لايىھىلەشتە دىققەت قىلىدىغان ئاساسى پرىنسىپ بولسا « ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش ، ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش» بولىدۇ .
    ⑵ ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى ئۈستىدە تەھلىل
    ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ئوبىيكتى - دەل ئوقۇغۇچى .
    نۆۋەتتە ساۋاتسىزلىق ئۇقۇمى خەت تۇنۇمايدىغانلارنى ئەمەس بەلكى ئۆگىنىشنى بىلمەيدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ .شۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى لايىھىلىگەندە ئوقۇغۇچىنى تەھلىل قىلىش ناھايىتى مۇھىم . ئوقۇغۇچى تەھلىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ، ياش قۇرۇلمىسى ، پىسخىكىلق ئالاھىدىلىكى ، ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار تەھلىل قىلىنىپ ،ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسى شۇ سەۋىيىگە ئەڭ زور دەرىجىدە يىقىنلاشتۇرىلىدۇ .
    V. ئوقۇتۇش پائالىيىتى جەريانى ۋە ئالدىن تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇش
    ① يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى (جەريانى )
    ② تەييارلانغان مىساللار ۋە بۇ ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىلەر
    ③ ئىقتىدار سىناش لايىھىلىرى

     

    VI. دەرس خۇلاسىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش
    ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ دەرس خۇلاسىسىنى لايىھىلەش شۇپەنلەرنىڭ خاسلىقى بويىچە ئوخشىمىغان شەكىلدە لايىھىلىنىدۇ . ئورتاقلىق بولسا  ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە يەتمەكچى بولغان ئۈچ خىل نىشان ئاساسى لىنىيە قىلىنىدۇ .

    VII . دەرسنىڭ ئومۇمى مەزمۇن سىخىمىسى (دوسكا لايىھىسى) نى ئوتتۇرىغا قويۇش
    مەزكۇر دەرستىكى مۇھىم بىلىم نۇقتىلىرىنى ئاساس قىلىپ ، دەرسنىڭ مەزمۇن سىخىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە دوسكا لايىھىسى دەپمۇ ئاتايمىز .

    VIII . تاپشۇرۇق بىرىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش
    ① تاپشۇرۇق مەزمۇنى
    ② تاپشۇرۇق لايىھىلەشتىكى مۇددىئا ۋە يەتمەكچى بولغان ئۈنۈم (نىشان)
    ③ تاپشۇرۇق باھالاش ئۆلچىمى
    ………….
    IX . دەرستىن كېيىنكى ئانالىز نى ئوتتۇرىغا قويۇش
    دەرستىن كېيىنكى ئانالىز خاتىرىسى  ئادەتتە بىرسائەتلىك دەرسنى ئۆتۇپ بولغاندىن كېيىن يېزىلىدۇ .
    دەرستىن كېيىنكى ئانالىزدا -شۇسائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە قولغا كەلگەن ئۇتۇق بىلەن كۆرۆلگەن مەسىلە ئاساس قىلىنىپ ،سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ .ساۋاقلاريەكۈنلىنىپ ، تۈزىتىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ .
    ئەگەر دەرس دوكلاتى دەرستىن كېيىن بىرىلسە ،بۇ نۇقتا چوقۇم يېزىلىدۇ ، ئەگەر دەرستىن ئاۋۋال بىرىلسە مۇۋاپىق ئەسكەرتىش يېزىلىدۇ .


    收藏到:Del.icio.us