-
2010-08-19
چىراي ئىپادىسى ھەققىدە پاراڭ - [بىلىگلەر]
چىراي ئىپادىسى ھەققىدە پاراڭ
مەن تور دۇنياسىغا قەدەم باسقاندىن بۇيان نېمىشقىدۇ ئىزچىل تۈردە بۇ ئېنتېرنت دۇنياسىدىكى كىچىك مەخلۇقات چىراي ئىپادە ( 表情图标Emoticon) لىرىگە ئالاھىدە بىرخىل قىزىقىش بىلەن قاراپ كەلدىم .تۈرلۈك -تۈمەن بۇ چىراي ئىپادىلىرى بىزنىڭ تورئالاقىمىزدىكى تۈرلۈك سورۇنلاردا بىزگە ھەمراھ بولوپ كەلمەكتە شۇنداقلا شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەككى بۇلار توردۇنياسىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېلمىنت بولوپ قالدى . قاراڭ مەيلى مۇنبەر ،مەيلى كىيۇ-كىيۇغا ئوخشاش ئالاقە قۇراللىرى بولسۇن ياكى ئېلخەتلەردە بولسۇن بىز بۇ مىكرۇ جانلىقلارنى ئۇچراتماي قالمايمىز ...
بەزىدە بۇلارنى ئىجاد قىلغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە ئىپادىلەش ماھارىتىگە ھەقىقەتەنمۇ قول قويۇپ قالىمەن .ھەتتا بەزىدە بۇلارنى بۇ ئۇچۇر سەيناسىدىكى يېڭىچە بىرخىل يېزىق ياكى ئىپادىلەش شەكلى دەپ قاراشقا كېلىپ قالىمەن . ئەيتاۋۇر بۇ ئاالمىش چىراي ئىپادىلىرى توردۇنياسىدىكى مۇھىم كەشپىيات .
بۈگۈنكى كۈندە توردىكى ئالاقە قىزىق نۇقتىسى بولغان مۇنبەر ياكى كىيۇ-كىيۇ قاتارلىقلاردا بىزنىڭ كۆزقاراش ،كەيپىياتىمىزنى ئىپادىلەشتە بۇ جانىۋارلار مۇھىم كۈچەيتكۇچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالدى . مەيلى قاتتىق ۋاقىرىماقچى بولۇڭ ،مەيلى قاھقاھلاپ كۈلمەكچى بولۇڭ مەيلى غەزەبتىن يىرىلغىدەك بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەكچى بولۇڭ ...بۇخىل كەيپىياتىڭىزنى ئىپادىلەشتە شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىرتال چىراي ئىپادىسى يىتىدۇ خالاس .
ئۇنداقتا بۇ چىراي ئىپادىسى نىڭ ئىجادچىسىنى بىلگۈڭىز بارمۇ ، مەن بىكارۋاقىلىرىمدا بۇ ھەقتىمۇ ئاز-تولا ماتېرىيال ئىزدەپ كۆرگەن ئىدىم ئاقىۋەت توردۇنياسىنىڭ بىر بۇلىڭىدىن بۇنىڭغا جاۋاب چىقىپ قالدى .
مەن تاپقان مەزكۇر ماتېرىيالغا مۇنداق خاتىرە قالدۇرۇلغان :
1982-يىلى 19-سىنتەبىر 11:44 تە سكوت فولمەن (Scott E Fahlman ) كارناك مللۇن ئۈنېۋىرسىتىتىنىڭ ھېسابلاش ماشىسنىسى ئېلان تاختىسىغا :
-----------------
19-Sep-82 11:44 Scott E Fahlman :-)
From: Scott E Fahlman
مەن بىرقىسم ھەرب بەلگىلەرنى ئىشلىتىپ خۇشاللىق ئۈچۈن :-)
خۇشاللىق بولمىغان ئىشلارئۈچۈن :-( لاردىن ئىبارەت كەيپىيات ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدىم
-------------------------
دەپ يازغان . شۇنىڭ بىلەن سكوت فولمەن ASCIIھەرب-بەلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھېسىيات ( كەيپىيات)نى ئىپادىلىگەن تۇنجى شەخىس بولوپ نۆۋەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان چىراي ئىپادىلىرىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى بولوپ قالغان .
شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر خىلمۇ-خىل ،رەڭگارەڭ چىراي ئىپادىلىرىنى كەشىپ قىلشىتى ۋە ئېلكترۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى ۋە قىسقا ئۇچۇر ئالاقىلىرىدا كەڭ قوللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ھېسىياتنى ئىپادىلەشتى ..يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇنداق بىر ئىش يادىمغا كېلىپ قالدى . 2007-يىلىغۇ دەيمەن ، مەن گۇگۇلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى نۇپۇسى ھەققىدە ماتېرىيال ئىزلەۋىتىپ تاساددىپى ھالدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ توربىكىتى بولغان ‹ئۇيغۇرلاربىز›غا كىرىپ قالدىم بۇ بېكەت سىلاۋىيان يېزىقىدا بولوپ ،كۆپىنچىسى روسچە ،ئاز بىرقىسمى سىلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۇچۇر يوللايدىكەن .ئۇلارنىڭ مۇنبىرىنى كۆرىۋىتىپ توساتتىن بىشىغا بادام دوپپا ،چىمەن دوپپا كىيىۋالغان ئۇيغۇر چىراي ئىپادىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم .ئۇلار بەكمۇ تاتلىق بىلىنىپ كەتتى !
شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ئىككىنى كومپيۇترىمدا ساقلاپ قويغان ئىدىم . كىيىن بىركۈنى ھازىرقى چىمبۇلاق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرمۇھەممەد بىلەن كىيۇ-كىيۇدا پاراڭلىشىۋىتىپ بۇ چىراي ئىپادىسىدىن بىرنى يوللاپ قويۇۋىدىم ئۇنىڭغىمۇ بەكلا ياراپ كەتتى ...
كېيىن بىلسەم ئۇ بىرمۇنچە چىراي ئىپادىلىرنىڭ بىشىغا بادام دوپپا كىيدۇرۇپ توردۇنياسىغا قويىۋەتكەن ئوخشايدۇ ،ھازىر دوپپا كىيىۋالغان بۇ ئۆزلۇك پۇرىقى كۈچلۈك ئۇيغۇر ئىپادىلەرنى كۆپ ئۇچىرىتىپ تۇرىمەن .
......
شۇنداق سكوت فولمەننىڭ ئەينى ۋاقىتتا يوللىغان چىراي ئىپادىسىنى ئەمدى مەڭگۈ تاپالماسلىقىمىز مۈمكىن 30يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ كىچىككىنە چاقچىقى تور ئالاقىمىزگە ئۆزگىچە بىر مەزمۇن قوشۇپ تۇرماقتا ..
收藏到:Del.icio.us
评论