- مۇئەللىم بىلوگى يانفۇن ئۇسلۇبى
- كۆركەم رەسىم بىلوگى ئۇسلۇبى
- ۋوردپرس ئۇسلۇبى :Kronos
- wordpressكىنو ئۇسلۇبى: Relia Pro (ھەقلىق)
مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! يېڭى يىلىڭىزغا ۋە مۇئەللىم بىلوگىغا باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
Reviewzine ھەقسىز بولغان CMS تۈردىكى ئۇسلۇب . ماسلىشىشچان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ ، تېلېفۇن ۋە تەكشى ئېكرانلىق كومپىيۇتىر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگىمۇ تولۇق ماسلىشىدۇ .
كۆپ خىل كۆرۈنۈش قىلىپى ۋە باش بەت سىيرىلدىقى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ ، ئەڭ ياخشى كۆرۈنۈش شەكلىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، ياخشىسى ھەر بىر تال يازما ئۈچۈن بىر تال سۈرەت قىستۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ !
ReviewZine ئۇسلۇبى كۆپ تىللىق قىستۇرما WPML ، ئالبۇم قىستۇرمىسى Photo Gallery Grid ، ئالاقىلىشىش كۆزنىكى قىستۇرمىسى Contact Form 7 ، تاۋار باھالاش قىستۇرمىسى WP Product Review ، بەت ھاسىللاش قىستۇرمىسى SiteOrigin Page Builder قاتارلىقلار بىلەن ناھايىتى ماسلىشىدۇ ، ئەگەر بۇ ئۇسلۇبتا يۇقىرىقى قىستۇرمىلارنى ئىشلىتىشنى ئويلىغان بولسىڭىز ، باشقۇرۇش بېتى-قىستۇرمىلار-يېڭىدىن قوشۇشتىن ئىسمىنى يېزىپ ، ئىزدىتىتىپ قوشىۋالسىڭىزلا بولىدۇ .
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ، ئۇسلۇب كۆرۈنۈشلىرى تۆۋەندىكچە :
ئۇسلۇبنى سىناش ۋە چۈشۈرۈش
ئۇسلۇبنى سىناش
ئۇسۇب ئىقتىدارى بىلەن تونۇشماقچى ياكى كۆرۈنۈشلىرىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز ، بۇ يەردىن كۆرۈڭ :
ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش
ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، بۇ يەردىن كىرىڭ :
( DOWNLOAD NOW FOR FREE كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ، ئېچىلغان كۆزنەككە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ)
2017-يىلى01-ئاينىڭ02-كۈنى چۈشتىن كېيىن تەخت
چىرايلىق ئۇسلۇبكەن.
2017-يىلى01-ئاينىڭ02-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كىرسلۇ
رەھمەت مۇئەللىم