ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، كەلگەن قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
نۆۋەتتە كۆپلىگەن بىلوگلار بىلوگنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئىنكاس قالدۈرغاندىكى ئۈچۈرىنى ئېلخەتكە ئاپتۇماتىك ئەۋەتىش جەھەتتە ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن .
ئېلخەت ئەۋەتىش ئىقتىدارىنى قىستۇرما ئارقىلىق ئېچىش
قىستۇرما ئارقىلىق ئېچىشتا ، بېكەت ئارقا بېتىدىن «Configure SMTP » نامىلىق قىستۇرمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، تەڭشەكلەر-SMTP ئارقىلىق كىرىپ ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تەڭشەش ئېلىپ بارساقلا كۇپايە . رەسىمگە قاراڭ ؛
ئېلخەت ئەۋەتىش ئىقتىدارىنى قىستۇرمىسىز ئېچىش
تۆۋەندىكى كودنى فونكىسىيە ھۆججىتى (functions.php)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى < ? نىڭ ئۈستىدىكى قۇرىغا قىستۇرۇڭ :
- //SMTP ئېلخەت ئەۋەتىش ئىقتىدارىنى ئىچىش
- add_action('phpmailer_init', 'mail_smtp');
- function mail_smtp( $phpmailer ) {
- $phpmailer->FromName = 'CreeKoo'; //ئەۋەتكۈچى
- $phpmailer->Host = 'smtp.qq.com'; //سىز ئىلخەت يوللاشتا ئىشلەتكەن SMTP مۇلازمىتىرىغا ئۆزگەرتىڭ
- $phpmailer->Port = 25; //SMTP ئىغىزى
- $phpmailer->Username = '****@qq.com'; //ئېلخەت ئادرىسىڭىز
- $phpmailer->Password = '*********'; //ئېلخەت پارۇلى
- $phpmailer->From = '*****@qq.com'; //ئېلخەت ئادرسىڭىز
- $phpmailer->SMTPAuth = true;
- $phpmailer->SMTPSecure = ''; //tls or ssl (port=25,465为ssl)
- $phpmailer->IsSMTP();
- }
ئۇچۇر مەزمۇنى
ئېلخەتكە ئەۋەتىلىدىغان ئۇچۇر مەزمۇنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى كودنى فونكىسىيە ھۆججىتى (functions.php)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى < ? نىڭ ئۈستىدىكى قۇرىغا قىستۇرۇڭ :
- //ئىنكاسنى ئېلخەت ئارقىلىق ئاپتۇماتىك ئۇقتۇرۇش
- function comment_mail_notify($comment_id) {
- $admin_email = get_bloginfo ('admin_email');
- $comment = get_comment($comment_id);
- $comment_author_email = trim($comment->comment_author_email);
- $parent_id = $comment->comment_parent ? $comment->comment_parent : '';
- $to = $parent_id ? trim(get_comment($parent_id)->comment_author_email) : '';
- $spam_confirmed = $comment->comment_approved;
- if (($parent_id != '') && ($spam_confirmed != 'spam') && ($to != $admin_email) && ($comment_author_email == $admin_email)) {
- $wp_email = 'no-reply@' . preg_replace('#^www\.#', '', strtolower($_SERVER['SERVER_NAME']));
- $subject = ' [' . get_option("blogname") . '] دىكى ئىنكاسىڭىزغا جاۋاب قايتۇرۇلدى ';
- $message = '
- "font: 13px Microsoft Yahei;padding: 0px 20px 0px 20px;border: #ccc 1px solid;border-left-width: 4px; max-width: 600px;margin-left: auto;margin-right: auto;">';
' . trim(get_comment($parent_id)->comment_author) . ', ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
[' . get_option("blogname") . '] تېمىسىدىكى يازمىغا 《' . get_the_title($comment->comment_post_ID) . '》 قالدۇرغان باھايىڭىز :
'- . nl2br(get_comment($parent_id)->comment_content) . '
' . trim($comment->comment_author) . ' باھايىڭىزغا قايتۇرۇلغان جاۋاب :
'- . nl2br($comment->comment_content) . '
"color:#f00"
>بۇ يەردىن "' . htmlspecialchars(get_comment_link($parent_id, array('type' => 'comment'))) . '"> تەپسىلاتىنى كۆرەلەيسىز ."color:#f00"
> يەنە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن "' . get_option('home') . '">' . get_option('blogname') . '"color:#999"
>(بۇ ئېلخەتنى سىستېما ئاپتۇماتىك ئەۋەتكەن ، جاۋاب قايتۇرۇشىڭىز ھاجەتسىز !) - $message = convert_smilies($message);
- $from = "From: \"" . get_option('blogname') . "\" <$wp_email>";
- $headers = "$from\nContent-Type: text/html; charset=" . get_option('blog_charset') . "\n";
- wp_mail( $to, $subject, $message, $headers );
- }
- }
- add_action('comment_post', 'comment_mail_notify');
ئەسكەرتىش
يۇقارقى كودلارنىڭ utf-8 شەكلىدە ساقلىنىپ ، قىستۇرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك ، ئۇنداق بولمىغاندا ، بەت ئېچىلماسلىق ، ئېچىلسىمۇ ، ئاق بەت بولىۋىلىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ .
بولۇپمۇ فونكىسىيە ھۆججىتىنى تەھرىرلىگەندە ئەڭ ياخشىسى ، ھۆججەتتىن بىر نۇسخا زاپاس ساقلىۋىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك ، بۇنداق بولغاندا ، مەسىلە كۆرۈلسە ، ۋاي ئېسىت....! دەپ ، قاقشاپ يۈرگۈچە ، زاپاس ھۆججەتنى قايتۇرۇپلا ، پۇشايماننى يۇغىلى بولىدۇ .
قىستۇرما ئارقىلىق ئېچىش
كۆرۈلگەن مەسلىلەرگە قارىتا كەڭرى ئىنكاس يېزىڭ ، بىلىم ئوغرىسىدەك ، نەپكە ئىرىشپلا قىچىپ چىقىپ كەتمەڭ ....
نۆۋەتتە :15 باھا بار | بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى : 15 پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى : 0 پارچە
2017-يىلى02-ئاينىڭ09-كۈنى چۈشتىن كېيىن تەخت
ياخشى تېما كۈنسىرى چىقىۋاتىدۇ مۇئەللىم قوللىرىغا دەرت كەلمىسۇن
2017-يىلى02-ئاينىڭ08-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كىرسلۇ
مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم ۋېن بوشلۇق ئىدى.
شۇڭا مەن مۇشۇ دەرسلىك بويىچە قىستۇرمىنى قاچىلاپ.
مۇناسىۋەتلىك ئانكىتلارنى، دەرسلىك بويىچە تولدۇرغان ئىدىم.
لېكىن ماڭا مۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالدى.
An error was encountered while trying to send the test e-mail.
SMTP Error: Could not authenticate.
ئۇلىنىش ئېغىزىدا مەسىلە بارمۇ مۇئەللىم.ھە
نېمىشقا دېسىڭىز.توردىن ئاختۇرسام دىسكازنىڭ ئېلخەت ئېچىش، ئۇسۇلىنى سۆزلەنگەن 1 دەرستە.بۇرۇنقى ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات، بېرىپتىكەن.قېنى ئۇنداقتا سىزمۇ 1 كۆرۈپ تەھلىل قىلىپ بېقىڭە.مەن بۇنداق ئىشنى قىلىپ باقمىغاندىكىن، تازا دېگەندەك چۈشىنەلمەيۋاتىمەن، مۇمكىن بولسا 1 ئىزاھات بېرىپ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز بولۇپتىكەن.
http://nurqi.net/forum.php?mod=viewthread&tid=36
2017-يىلى02-ئاينىڭ08-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1قەۋەت
@ERK مەن ۋىن بوشلۇقىدىن تاكى لىنۇكىس بوشلۇقىغىچە دەل ھازىرقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تەڭشەك بويىچە ئىشلىتىپ كەلدىم . سىز ئەڭ مۇھىمى ئېلخەت ئىشلەتكۈچى نامى ، ئېلخەت ئادرېسى ۋە مەخپى نومۇرنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىڭ .
2017-يىلى02-ئاينىڭ08-كۈنى چۈشتىن كېيىن 2قەۋەت
@ئىقبال كۆپلىگەن مەسلىلەر ئېلخەت ئادرېسى ۋە مەخپى نومۇرنى خاتا يېزىشتىن كېلىپ چىقىدۇ ….
2017-يىلى02-ئاينىڭ08-كۈنى چۈشتىن كېيىن 3قەۋەت
@ئىقبال سىز بىلوگقا ئىشلىتىۋاتامسىز ياكى مۇنبەرگىمۇ ؟…..
2017-يىلى02-ئاينىڭ09-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 4قەۋەت
@ئىقبال بىلوگقا ئىشلىتىۋاتىمەن……
2017-يىلى02-ئاينىڭ07-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇق
مۇئەللىم كودنى بۇنداق ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە مۇلازىمىتىرگە قارىتا يەنە قايتىدىن مۇرەككەپ تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارامدۇ.مەنغۇ ۋېن بوشلۇقىنى ئىشلىتەتتىم ئۇنىڭكىنى پەقەت ئېچىپ نورماللاشتۇرالمىغان ئىدىم.شۇڭا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقايمىكىن دېگەن ئىدىم.چۈنكى مەنمۇ كۆپ بىلمىگەچكە مۇلازىمېتىرنىڭ ئۇ خىل ئىقتىدارلىرىنى تەڭشەشنى بىلمەيدىكەنمەن.
2017-يىلى02-ئاينىڭ07-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1قەۋەت
@ERK كود ئارقىلىق ئېچىش ۋىن بوشلۇقىغا ئەسلا ئىشلىمەيدۇ ، ۋىن بوشلۇقىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قىستۇرما ئىشلىتىش كېرەك ….ئەمما مۇلازىمىتىر تەڭشەش كەتمەيدۇ .
2013-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 4قەۋەت
مۇئەللىم، بۇنىڭ css لىرىنى ئۆزگەرتىپ eot تونۇتۇپ سىناپ باققان ئىدىم، نورمال كۆرۈندى. ھاجىمنىڭ كومپۇتېرىدىمۇ نورمالكەن. ئەمما باشقىلارنىڭكىدە نورمالمۇ بىلمىدىم. ئەگەر نورمال بولسا ئۇنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن…
2013-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 5قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، ‹‹بىلىم ئوغرىسى ئوغرى ئەمەس›› دەيدىغۇ كونىلار..
2013-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1قەۋەت
@ھاجى ھاجىم! كىتاب ئوغىرىسى ئوغىرى ئەمەس دەيمىز ماندا… ئۆزگەرتمىسىلە خالىغانچە، باكا مۇئەللىم نۆل قويىدۇ نومۇرنى
2013-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 2قەۋەت
@تەشنايى مۇشۇنداق دېمىسەم ، بەزىلەر ئېلىپلا قاچىدىكەن ؟
2013-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 6قەۋەت
ئىسىل تىخنىكا ئىكەن، مۇئەللىم بارغانسىرى يامان چىكىتىپ بارىدۇ جۇما…
2013-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1قەۋەت
@تورسودا ئۇنداق دەپ كەتكۈچىلىكى يوق ، پەقەت قىزىقىشىم تۈپەيلى تەتقىق قىلىۋاتىمەن ، خالاس ……
2013-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 2قەۋەت
@مۇئەللىم ئىشقىلىپ سىلىدە ئىلگىرلەش زور جۇما