مائارىپ نازارىتىگە ئوچۇق خەت
مائارىپ نازارىتىنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى، ياخشىمۇ سىلەر؟
ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان روھىڭلارغا ئاپىرىن ئېيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇرتىمىز مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ، مائارىپ ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئاساسى قاتلامدا ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدىكى ھەر خىل بېسىملار، ھەمدە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، سوتسىيالىستىك ۋەتەننىڭ قۇرغۇچى ئىز-باسارلىرى بولۇش ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان سەبىي غۇنچىلارنىڭ ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىرىدىن سىلەرنى ۋاقىپلاندۇرۇپ، مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا ياردىمى بولارمىكىن دىگەن ئۈمىدتە بىرنەچچە تۈرلۈك مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز. مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە قارىتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى بويىچە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
1. مائارىپنىڭ مەقسىدى ئادەم تەربىيەلەش،شۇنداقلا ئەۋلادلارغا كەسپىي مەدەنىيەت بېلىملىرىنى ئىگەللىتىش ئاساسىدا ئۇلاردا مۈئەييەن ئىقتىدار ۋە ئۈنۋىرسال ساپا يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىياتقا يىتەكلەش، ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ، مەۋجۇدلۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. مائارىپ دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش يىتەكچىلىكىدە پىلانلىق ، سىستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت، مائارىپنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قائىدە قانۇنىيىتى بولىدۇ.
مائارىپ تارىخىدا ،ھەرقانداق دۆلەت ۋە ھەرقانداق مىللەت مائارىپىدا بىر ئوقۇش ماۋسۇمى ئىچىدە ئىككى قېتىم دەرسلىك ماتىرىيال ئالماشتۇرىدىغان مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلمىگەن. لىكىن ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى رايونىمىزدىكى مائارىپ باشقۇرۇش ئورگنلىرى بولغان ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ، مائارىپ نازارىنىڭ خەۋىرىسىز، تەستىقىسىز ھالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن 9-ئايدا تارقىتىلىپ دەرسخانىلاردا ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلىك ماتىرىياللار ئوقۇغۇچىلار قولىدىن ماۋسۇم ئوتتۇرىسىدا يىغىۋىلىپ، 11-ئايدا قايتىدىن دەرسلىك ماتىرىيال زاكاس قىلىپ تارقىتىش ھادىسىسى يۈز بەردى! بۇ ئەھۋال نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ مائارىپ قانۇنىيىتىگە، مائارىپ قانۇنىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟! كىم بىر تەرەپ قىلىدۇ؟!!
2. بىز رايونىمىز مائارىدىكى خىلمۇ-خىل مەسىلەر ئۈستىدە مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەرز ۋە مەسلىھەت سوراش تىلىفونى 09917606199 غا بىرنەچچە قېتىم ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بولساقمۇ «بىز ئەھۋال ئىگەللەپ باقايلى» دىگەن جاۋاپ بىلەن كۇپايىلەندۇق، ئەھۋالنىڭ قانداق ئىگەللىنىپ، قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالدۇق. ئاپتونۇم رايونلۇق ئىستىل تۈزىتىش ئىشخانىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇ يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «كەسپ ئىستىلى پىروگىراممىسى» ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ئاساسى قاتلام ئورۇنلىرىدىكى قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ھەمدە ھەرقايسى ساھەلەردە يۈز بېرىش مۈمكىنچىلىكى بولغان ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاۋانگارت رول ئويناپ كەلمەكتە. مائارىپ نازارىتىمۇ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى ، مائارىپتىكى قىيىن نۇقتا، مۇھىم نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىدىغان ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان پىروگىراممىنى يولغا قويسا قانداق بولار؟
3. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش چاقرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى يەڭگىللەش ئورنىغا تېخىمۇ ئېغىرلاپ بارماقتا. ھازىرقى ئەمەلىيەتنى ئېلىپ ئېيتساق يەتتە ياشقا كىرگەن، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى دۆلەت ۋە يەرلىك تەرىپىدىن بېكىتىلگەن توققۇز پەندىن دەرس ئۆگىنىشكە قاتنىشىدۇ، ئۇ دەرسلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى ئائىلە تاپشۇرىقى، نۇقتىلىق تاپشۇرۇق ، يادلاش تاپشۇرىقى قاتارلىقلار داۋاملىق ياندىشىپ ماڭىدۇ، يۇقۇرى ئۆرلىگەنسىرى پەن تۈرى قوشۇلۇپ دەرس سانى داۋاملىق ئارتىپ ماڭىدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندا بولسا بىر ئوقۇش ماۋسۇمى ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان پەن تۈرى 15كە يېتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسى ماتىرىيال بىلەن لىق تولۇپ، سومكىلار ئېغىرلايدۇ، سومكىلارلا ئەمەس ھەر بىر پەندىن ئۆتۈلگەن دەرس يۈكى، ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاپشۇرۇق يۈكى، ھەر بىر پەندىن ئېلىنىدىغان ئايلىق، چارەكلىك، ماۋسۇملۇق ئېمتاھان يۈكى قوشۇلۇپ جىسمانى ۋە روھىي جەھەتلەردىن كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچرىماقتا، تېخى يېقىندىلا «ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى قاچان يېنىكلەيدۇ» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگىراممىسىدا بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ ھەل قىلىش تەدبىرى ئۈستىدە ھىچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى، سەۋەبى بەلكىم مائارىپ نازارىتىدىن بۇنى ھەل قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان بىرەر رەھبەرنىڭ بۇ پىروگىراممىغا قاتناشمىغانلىقىدىن بولسا كىرەك. ئۇنداقتا بىز يەنە سوراپ باقايلى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى قاچان يىنىكلەيدۇ؟!
4. مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر ھەپتىلىك خىزمەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىر ھەپتىدە كەم بولغاندا 16-17سائەت، يۇقۇرىسى 20نەچچە سائەت ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يۇقۇرىسى 15-16سائەت دەرس ئۆتىدۇ، ئۆتىدىغان ھەر بىر دەرسى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم تەييارلىق قىلىدۇ، سائەتلىك پىلان تۈزىدۇ. پەننىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن بىر نەچچە قېتىم تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ تەكشۇرىدۇ ۋە خۇلاسىلايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ، سۆھبەت مەزمۇنىدىن خاتىرە قالدۇرىدۇ. ئايلىق، چارەكلىك، ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ۋە سىناق ئېلىپ تەكشۇرىدۇ ۋە خۇلاسىلايدۇ. داۋاملىق دەرس ئاڭلاپ ئوقۇتۇش مىتودىنى يېڭىلايدۇ. يەنە ھەپتىدە ئىككى سائەت خەنزۇ تىلى ئۆگىنىپ ،قوش تىل سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشى كىرەك، ھەپتىدە ئىككى سائەت كومپىيۇتىر ئۆگىنىپ، زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىدىن پايدىلىنالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كىرەك، ھەپتىدە ئىككى سائەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشى كىرەك، نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش كىرەك، ھەپتىدە ئىككى سائەت كەسپىي ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ، بىلىم سەۋىيەسىنى داۋاملىق يىڭىلاپ تۇرۇشى كىرەك، ھەپتىدە بىر سائەت سىياسى ئۆگىنىشلەرگە قاتنىشىپ، ئىدىيەسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلىشى كىرەك، بىر سائەت پارتىيە ،ئېتىپاق ، پىئونىرلار پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ۋە تەشكىللىشى كىرەك.ئۇنىڭدىن سىرت يەنە مەكتەپلەردىكى ئىككى ئاساسەن خىزمىتى ، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى، مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى، مۇقۇملۇق- بىخەتەرلىك خىزمىتى قاتارلىقلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇش ، تەشۋىقات –تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئىشلىشى كىرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىبىنى تەپسىلى تولدۇرىشى كىرەك. تەتىل مەزگىلىدە ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىشى، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىدىن ئايرىم خاتىرە قالدۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى كىرەك.
خوش، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقارقىدەك خىزمەت سىجىللىقى ۋە خىزمەت بېسىمىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولغاچقا ، ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىللىرىدە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇنى مائارىپ جەريانىدىكى بىر قانۇنىيەتلىك ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان بولسا كىرەك. شۇ سەۋەپلىك «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» نىڭ 2-باپ 7-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلەنگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىش ھەققى ئېلىپ دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش؛ » ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن. لىكىن ئاتۇش رايونىمىزدا ئوقۇتقۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا تەتىل مەزگىلىدە تەربىيەلەشكە ئۇيۇشتۇرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، بېسىمىمۇ ئارتىپ بارىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار جىسمانى ۋە روھىي جەھەتلەردىن چارچايدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردا بېسىمنىڭ كۆپ بولۇشى كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى يوققا چىقىرىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ يىل ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 2011-يىلى 321-نومۇرلۇق ھۆججەت تارقىتىپ ، تەربىيەلەشكە قاتناشمىغان ۋە كېچىككەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈنۋانىنى بىر دەرىجە تۆۋەنلىتىش، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن چىقىرىۋىتىش قاتارلىق قاتتىق شەرتلەر بىلەن ئاتۇش رايونىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ( 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە) خەنزۇ تىلى بويىچە مۇنتىزىم تەربىيەلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ مائارىپ قانۇنىيىتىگە، شۇنداقلا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»غا ئۇيغۇنمۇ؟!
ھۆرمەتلىك نازىر، ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا چارچىدى، ئۇلار 2-ئوقۇش ماۋسۇمىدا كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بېلىم بېرىش ئۈچۈن دەم ئېلىشقا مۇھتاج ! بۇ بىر ئوقۇش ماۋسۇمىدىكى خىلمۇ-خىل بېسىملاردىن چارچىغان نىرۋىسىنى ئارام ئالدۇرۇشقا مۇھتاج ! خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ھالىدىن خەۋەر خەۋەر ئالالمىغان ئاتا-ئانىلىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مۇھتاج !!! شۇڭا سىلەرنىڭ ئاتۇش رايونىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە دەم ئېلىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشىڭلارنى، جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-4 04:13 PM