مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مېنىڭ ئايالىممىۇ باشلانغۇچنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ بىلەن دائىم مەكتەپتىكى ئىشلارنى پاراڭلىشىمىز ، مەن مائارىپىمىزدا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە ئېغىر ،خەۋىپلىك مەسىلە بار دەپ ئويلايمەن:
1. قوش تىل مائارىپى ئەسلىدە ئۆز ئاناتىلىنى پۇختا بىلگەن ئاساستا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلىنى مۇكەممەل ئىگىلەپ ،خەنزۇ تىلىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق تىخىمۇ كەڭ بولغان يىڭى بىلىم -ئۇچۇرلارنى ئىگىلىيەلەيدىغان ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىدە دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ ياشىيالايدىغان ئۇنۋىرسال ساپانى ھازىرلىىيالايدىغان ، ئەقەللىيسى مۇشۇ جەمئىيەتتە بىركىشىلىك نان تېپىپ يەلەيدىغانلارنى يېتشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئىدى.
بىراق ھازىر مەكتەپلەردە خەنزۇتىلى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشنى بىرخىل ۋاستە ئەمەس بەلكى نىشان قىلىۋالىدىغان ، ئاناتىل پۈتۈنلەي تاشلىنىپ قالىدىغان ، بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلماي تەييارلىقتىن باشلاپ بارلىق پەنلەر قارىسىغا پۈتۈنلەي خەنزۇچە دەرسلىكلەر بويىچە خەنزۇچە سۆزلىنىپ بالىلار (بولۇپمۇ يىزا بالىلىرى ) مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگەتكىچە ئۆردەككە سۇيۇقمىغاندەك ھېچنىمە بىلمەي چىىقىپ كېتىدىغان ،خەنزۇچە بىلىشتىنغۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ بەزىلىرى ھەتتا ئاناتىلدىنمۇ ساۋاتسىز قالىدىغان ئەھۋاللار جەنۇپتا ئومۇملىشىپ قالدى.
2. ھازىر دۆلەت مائارىپقا ھەسسىلەپ مەبلەغ سالماقتا ، مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ سېلىندى ، يىزا مەكتەپلىرنىڭمۇ شارائىتى بەك ياخشى بوپ كەتتى. مەجبۇرىي مائارىپتا پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇيدۇ . يېزا مەكتەپلىرىدە تاماقمۇ بىكارلىق ، ھەتتا يېزا باللىرى تولۇقتا ياكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆرلەپ ئوقۇسا ياردەم پۇلى بار. پىىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا تىېخى نەچچە مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي ھەقسىز!
مانا مۇشۇنداق ياخشى شارائىتتىمۇ نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بولۇپمۇ يېزىلاردىكى دىھقانلار نىڭ بالىلىرىنى ئۇقۇتۇش ئىڭى بەكلا تۆۋەن ، ئۇلارنىڭ باللىرىنىڭ قانداق ئوقۇۋاتقانلىقى بىلەنغۇ ئەسلا كارى يوق ھەتتا بالىسىنى ياخشى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىپ ئازراق دۈشكۈلەپ قويغان مۇئەللىملەرنى تىللاپ-ئۇرۇپ بالىسىنى مەكتەپكە بارغىلى قويمايدىغان ئىشلار بەك ئېغىركەن.
چۈنكى ھازىر دىھقانلىرىمىز ئۇنداق روزى سايىت شئىرىداتەسۋىرلگەندەك ساددا ئەمەس، ئۇلار ھېلىھەم سىكرىتاردىن ئۆلگىدەك قورقۇشىدۇ. بىراق بىر بالا مەكتەپكە بارمىسا مەكتەپنىڭ ئىككى ئاساسەننىڭ ئالۋىڭىدىن ئۆتەلمەي قالىدىغىنىنى بالىسىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەي تۇرۇۋالسا ، مەكتەپ مۇدىرنىڭ بىچارە مۇئەللىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىشىپ يالۋۇرتىدىغىنىنى ئوبدان بلىۋالغان ، شۇڭا بۇ نادان قېرىنداشلىرىمىىز مۇشۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن مۇئەللەىملەرنىمۇ قاقشىتىپ، باللىرىنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىپ ، ئاخرىدا باللىرىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ مەكتەپتىن بەزدۈرىدۇ. بۇ بالىلار يا مۇئەللىمىنى كۆزگە ئىلمىغان يا تۈزۈك ساۋادى يوق ، خورەك چوڭ، ئەخلاقى ناچار ... مۇشۇنداق قىلىپ ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان سىنىپ قالدۇرماسلىق سىياسىتى بويىچە ئاشۇنداق ناچار ئوقۇسىمۇ ئاخرىدا دىپلوم ئېىلىپ مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ.
مەن بۇيەردە شۇ دېھقان قېرىنداشلارنى سۆككىنىم ئەمەس لېكىىن بىر سۇئالىم بار:
بۇرۇنغۇ بىز نامرات ،ئالۋاڭ -سېلىقنىڭ دەستىدىن بالىلارنى ئۇقۇتقۇدەك پۇل يوق دەپ قاقشىدىڭلار، ئەمدى بىر پۇڭمۇ پۇل ئالماي بالاڭلارنى ئوقۇتۇپ بىرەيلى دىسە نېمىشقا يەنە تەتۈرلۈك قىلىسىلەر؟ توغرا ، ھازىر نۇرغۇن ساۋاتسىز كىشىلەرمۇ ئاشۇ بىلىملىك ئوقۇتقۇچى -خىزمەتچىلەردىن نەچچە ھەسسە ،نەچچەيۈز ھەسسە كۆپ پۇل تاپىدۇ . سىلەرچە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولارمۇ ؟ سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار ساۋاتسىز قالسىمۇ شۇنداق ياخشى كۈن كۆرىشىگە سىلەر كاپالەتلىك قىلالامسىلەر؟ ھىچبولمىغاندا ھەربىر ناھەقچىلىققا يولۇققىنڭلاردا ئاشۇ ھەيۋەتلىك ئىشخانىلاردىكى يولداشلارغا تىلىڭلارنى ئۇقتۇرالماي ئىلاجسىز قايقىنىڭلاردا ھەتتا بەزىلىرى گېپىڭلارغىمۇ قۇلاق سالماي چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ «چۈچۈچۈ...گۈن..گۈن»دەپ ھەيدەپ چىقارغىنىدا ئىچىڭلار ئاچچىق بولمامدۇ ؟ «خەنزۇچىنى بىلگەن بولسام ، مېنى يوقال دەيدىغانغا نىمە ھەددىڭ ؟ ما مائاشنى ، ھۇقۇقنى پارتىيە -ھۆكۈمەت بىزگە يوغانچىلىق قىلسۇن دەپ ئەمەس بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن دەپ بەرگەن ،دەپ تۆت ئېغىز گەپقىلۋالاتتىم ،خەپ بالامنى بولسىمۇ ياخشى ئوقۇتاي ..» دەپ ئويلىمامسىلەر؟!!!
ئۇنداق قىلمايلى قېرىنداشلار ! تېخىمۇ خارلىقتا قالماسلىق ئۈچۈن ، مۇشۇ زېمىندا مەيدىمىزنى كېرىپ يۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ بالىلارنى ياخشى ئوقۇتايلى ...
بولمىسا ئەتىلا ھالىمىز خەتەر،كۈنىمىز ئىتتىن بەتەر بولۇپ قالمىسۇن ،كاللىمىزنى سىلكىۋېتەيلى!
3.ھازىر مائارىپتا ئادەم كەمچىللىگى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتۈرگەنلەرنىىڭ خزمەتسىز قېلىپ ،جەمئىيەتتە مۇقۇمسىزلىق ئامىلىغا ئايلىنپ قلماسلىقى ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە نۇرغۇن ياشلارنى مائارىپ قوشۇنىغا قېتىۋاتىدۇ
ئەلۋەتتە نۇرغۇن ياشلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ،بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتقان جاپاسىغا لايىق ھەرھالدا مۇقىم مۇئاشلىق خزمەتكە ئورۇنلىشۋالغىنىغا خۇشال بولۇپ يەنەبىرتەرەپتىن ئەۋلاتلارغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ، ھۆكۈمەت بەرگەن مۇئاشنى ھالاللاپ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى بەجانىدىل قىلماقتا ...
لېكىن بىرقىسىم ئەسلىدىنلا ياخشى ئوقۇماي ئالىي مەكتەپتە كۇتۇبىخانىنىڭ ئىشىكى قايانغا قارايدىغىنىنى بلمەي ئۆتۈپ كەتكەن ، نامەلۇم يوللار بىلەن مائارىپ سىپىگە كىرىۋالغان بىرقىسىم ھارامتاماقلار ، تۈزۈك دەرس ئۆتەلمەي ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇنداق بىرقىسىم قىزلار ھەدىسىلا ھەررەڭ -سەررەڭ كىيىملەرنى كىيىشىپ ، مەكتەپتىمۇ شاللاقلىق قىلىشىپ يەنە كەچلىرى بارغان رەڭلىك سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى سازايى قىلىشىپ يۈرۈشمەكتە. بەزى نائەھلى مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ مۇشۇنداق نىمىلەرنى باشلىقلارغا خۇشامەت قىلىدىغان رەڭلىك سورۇنلارنىڭ «گۈلى» قىلىشىپ ، ئۆسۈشنىڭ شوتىسى ، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل خۇشى قىلۋالماقتا، مۇشۇنداقلار مەكتەپلەردە ئىلغار -نەمۇنىچى بولۇپ ، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى -ئەجرى نەزەرگە ئېلىنماي ، ئاكتىپچانلىقىغا دەخلى يەتمەكتە،. مۇشۇنداق ئوغۇللار بولسا مەەكتەپلەردىمۇ مەس-ئەلەس يۈرگەن ، قىمارۋازلىق ، پاھىشۋازلىق.... بۇلارنىڭ ئادىتى بولغاچقا ، بەزى ئاتا -ئانىلار مۇشۇنداقلارنى كۆرۈپ مەكتەپلەرگە ئىشەنمەس ، بالىلىرىنى ئەۋەتمەس بولىۋالغان.
4. ھازىر مائارىپتىكى بەزى باشلىقلار ،مەكتەپ مۇدىرلىرى قانداق قىلىپ مائارىپىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ، قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ، توغرا بولغان قوش تىللىق مائارىپ ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئىزدەنمەي، يۇقىرىنىڭ ئەمىر-پەرمان ،قىزىل باشلىق ھۆججەتلىرىنى قارسىغىلا ئىجرا قىلىدۇ. ئۆز باشقۇرىشىدىكى ئوقۇتقۇچىلار زادى قانداق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ، ئوقۇتۇش نەدە قالدى ، ئوقۇغۇچىلار زادى بۇ يىڭى ئىسلاھاتقا ماسلىشالىدىمۇ يوق، دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈۋاتامدۇ -يوق دىگەنلەر بىلەن ھىسابلاشماي ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەرخىل تەكشۈرۈش -سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ، يالغان خاتىرە-دەپتەرلەرنى بوياپ توشقۇزۇپ ، يۇقىرىنىڭ كۆزىنى بوياشقا مەجبۇرلاپ ، بارغانسىرى كەينىىگە يېنىۋاتقان مائارىپىمىزنى ساختا سان-سىفىرلار بىلەن يالغاندىن كۆپتۈرۈپ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يولى قىلۋالدى . ئۇلارنىڭ مائارىپىمزنىڭ ئەتىسى ، بالىلىرىمىزنىڭ كىلەچىگى دىگەنلەر بىلەن كارى يوق، پەقەت يالغان تۆھپىلىرى بىلەن كۆز بوياپ ئۆسىۋالسا ، يانچۇقنى توملىسا بولدى ...
يەنە ئۇلارنىڭ ساپاسىزلىقى ، شاللاق-لۈكچەكلىكى ، كىچچكىنە ئەمىلىدىن پايدىلنىپ بىچارە مۇئەللىملەرگە سېلىۋاتقان زۇلمى توغرىسىدا سۆزلىمىسەممۇ بۇتوغرىدا مۇنبەردە نۇرغۇن يازمىلار يېتىپ ئاشقۇچە بار!
بەلكىم مائارىپتا ساقلانغان مەسىلىلەر بۇنىڭدىن كۆپتۇر ،بۇ پەقەت مېنىڭ ھىس قىلغىنىم . مۇشۇنداق زەھەرلىك جاراھەتلەر ساقايتىلمىسا يا كى كېسىپ ئىېلىۋېتىلمىسە مائارىپىمزنىڭ تەرەقىيياتىدىن سۆز ئېچىش بەسىي مۈشكۈل.