مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 19750|ئىنكاس: 111

خې شېننىڭ يەنە بىر يۈزى(بوزقىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 39751
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 12:57:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

       خې شېننىڭ يەنە بىر يۈزى

                      بوزقىر              





پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ گېپى چىقسىلا نېمىشقىدۇر جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن خىيانەتچى ئەمەلدار    خې شېننىڭ ئوبرازى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولماي قالمايدۇ. دۇرۇس، خې شېن خىيانەتچىلىكتە ئۇچىغا چىقىپ تارىخىنىڭ لەنەت گەردىشىگە مىقلانغان سەلبىي شەخس. خې شېننىڭ بۇ تەرىپى ھەممىگە ئايدىڭ . ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئاقتۇرۇپ كۆرسەك جوڭگۇ ئەدەبىيات تارىخدىكى مەشھۇر ئەسەر « قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نىڭ تاماملىنىشى ۋە نەشىر قىلىنىشىدا ئاجايىپ زور تۆھپىسى بارلىقىنى بەلكىم نۇرغۇن كشىلەر بىلمىسە كېرەك. بۇ بىر تارىخى پاكىت. مۇبادا خې شىېن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىنى بايقىمىغان، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىغا كۈچ چىقارمىغان بولسا بۇ كىلاسسىك ئەسەر بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن بولار ئىكەن.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ 2005-يىل 20-ئۆكتەبىر سانىنىڭ 3-بېتىگە «خې شېن ‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش› رومانىنى قۇتقۇزۇپ قالغان» سەرلەھىۋىلىك بىر ماقالە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خې شېن ۋە « قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
« ‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش› نىڭ ئەسلىى ئاپتۇرى ساۋشۆچىن كاڭشى يىللىرىدا جىياڭنىڭ فابرىكىسىنى ئاپرىدە قىلغان ساۋيىڭنىڭ نەۋرسى بولۇپ، بالىلىق چاغلىرى باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئەمما كېيىن يۈز بەرگەن تەسادىبىي كېلىشمەسلىك ئۇنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئەينى چاغدا پادىشاھ كاڭشىنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا ۋەلىئەھدىلىك تالىشىش نىزالىرى يۈز بەرگەندە، ساۋجەمەتى سەككىزىنچى شاھزادە يىن سىنى قوللىغانلىق ئىشنى سەۋەپ قىلىپ ساۋ جەمەتنى تىنجىتقان. بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن كاتتا جەمەت شۇنىڭ بىلەن خارابىلىشىپ ۋەيران بولغان. بۇ چاغدا ساۋ شۆچىن 13 ياشتا بولۇپ كەمبەغەللىك ئۇنى يەتكۈچە ئازاپلىغان. ئۇ قۇرامىغا يەتكەن چاغدىمۇ يوقسۇزلۇقتىن زادىلا قۇتۇلالمىغان، ئۇ ئاخىر قولىغا قەلەم ئېلىپ، جەمەتنىڭ سەلتەنىتى ۋە خارابىلىشىشىنى تېما قىلىپ ‹تاشنىڭ رىۋايىتى› ناملىق قىسسىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ساۋ شۆچىن چىيەنلۇڭنىڭ 38-يىلى نامراتلىق ھۆكۈم سۈرگەن كۈلبىسىدە‹تاشنىڭ رېىۋايىتى›نىڭ 80جىلىدىن تاماملىغان. ئۇزاق ئۆتمەي ‹تاشنىڭ رىۋايىتى› قولدىن قولغا ئۆتۈپ كۆچۈرۈلۈپ ئەل ئارسىغا تارالغان. بۇ كىتاب بۇرۇنلا يەنى ياغاچ ئويما باسما نۇسخىلىرى پەيدا بولغان چاغدىلا ئوردا تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابلار قاتارىغا كىرگۈزىۋېتىلگەن.
     شۇنداقتىمۇ پايدىنى كۆزلىگەن ئاز ساندىكى كىتابپۇرۇشلار خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بۇ كىتابنى خۇپىيانە نەشىر قىلىپ تارقاتقان. چىيەنلۇڭنىڭ 45-يىلغا كەلگەندە خې شېن ‹تۆت چوڭ مەجمۇئە مەھكىمىسى› نىڭ دىۋان بېگى بولغاندا تۆۋەندىكى ئىقلىمغا بارىغان. ئۇ تاسادىىي پۇرسەتتە ‹تاشنىڭ رىۋايىتى› نىڭ ياغاچ ئويما مەتبە نۇسخىلىرىنىڭ ئەل ئارىسىدا بارلىقىنى ئاڭلىغان. خې شېننىڭ سۇلىڭئا دەيدىغان يېقىنى يېغىپ ساقلىغۇچىدىن ‹تاشنىڭ رىۋايىتى› نىڭ ئەسلى قول يازمىسىنى نۇرغۇن كۈمۈشكە سېتىۋالغان. خې شېن سۇلىڭئا قەسىرىسىگە بېرىپ ‹تاشنىڭ رىۋايىتى›نى كۆرۈپ ناھايتى قىزىقىپ قالغان ھەم ئۇقۇپ بولۇپ قالتىس ھاياجانلانغان. ھەتتا” بۇ جاھاندىكى ئەڭ كاتتا قىسسە ئىكەن “ دەپ مەمنۇن بولغان. ئەمما بۇ كىتابنىڭ ئاخىرى يوق ئىدى. خې شېن شۇ چاغدىكى مەشھۇر ئەدىب گاۋئېنى ئىزدەپ، ‹تاشنىڭ رىۋايىتى›نىڭ داۋامىنى يېزىپ چىقىشقا ئۈندىگەن. گاۋ ئې بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى 80 جىلىدىنى يېڭىۋاشتىن رەتلەپ، كېيىنكى 40 جىلىدىنى يېزىپ تاماملىغان ھەم ‹تاشنىڭ رىۋايىتى›نى ‹قزىل راۋاقتىكى چۈش› كە ئۆزگەرتكەن. خې شېن كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ ئوردىغا سالامغا كىرگەندە چىيەنلۇڭغا بۇ كاتتا قىسسىنى سۇنغان. چىيەنلۇڭ كىتابنى ئوقۇپلا مەپتۇن بولۇپ قالغان. بىراق ئۇ كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ چەكلەش پەرمانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرسىدا ئالدىراپ ئېغىز ئاچمىغان. خې شېن چىيەنلۇڭنى بىر نەچچە قېتىم ‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش› نى كەكلەش پەرمانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۈندىگەن، چىيەنلۇڭ ئاخىر كىتابنى يېڭىۋاشتىن نەشىر قىلىشقا رۇخسەت قىلىغان. شۇ چاغدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ كاتتا نەشىرىيات- ۋۇدىڭدىيەن كىتابچىلىق مەھكىمىسى ‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش› نى ياغاچ ئويما مەتبەئەدە نەشىر قىلغان ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاتقان.»
         ھازىر تېلېۋزوردا قويىلىۋاتقان «جې شىياۋلەن» قاتارلىق چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا خې شېن پارىخور، ئىككى يۈزلىمىچى، خوشامەتچى، دۆت قىلىپ تەسىۋىرلەنگەن. خې شېن ھەقىقەتەن پارىخور ئەمەلدار تىپىغا كىرىدۇ. ئەمما ئۇنى ھازىرىقى زامان پارىخور ئەمەلدارلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىجابى جەھەتتىكى مۇنۇ بىر نەچچە ئالاھىدىلىگى بىلەن ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېسەك ئارتۇق كەتمەس:
     (1) خې شېن گەرچە سېپى ئۆزىدىن پارخور ئەمەلدار بولسىمۇ ئەمما كىتاب ئوقۇيدىغان، مىللى مەدەنىيەتنى ئاسىراشنى، مەنىۋى مىراسلارنى ئولۇغلاشنى بىلىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» دىن ئىبارەت بىر كاتتا كىلاسسىك ئەسەرنى قوتقۇزۇپ قالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بىرىنىڭ كەيندىن بىرى موللاق ئېتىۋاتقان پارىخور ئەمەلدارلارچۇ؟ ئۇلار ساپلا دۆلەتنىڭ مەنپەتىگە چاڭ سېلىش، پارتىيىنىڭ ئۇلىنى كولاش، خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىشتىن باشقا نېمىش قىلىپ بەردى؟
«جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتى»نىڭ 2001-يىل4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانىنىڭ 5-بېتىگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا «گويۈگە سەپەر»،« دۆلەت يولىنى ياسايمىز دەپ قەدىمىي شەھەرنى ۋەيران قىلىش» ماۋزۇلۇق ئىككى خەۋەر بېسىلغان.ئالدىنقىسىدا، جىندوڭنەن ۋىلايىتىدىكى گويۈ كەنتىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى داڭلىق كەنتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پويىزغا چىقىپ بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان مۇتەخەسىسلەرنى مېھمانخانىغا قايتۇرۇپ كېلىپ ،ئۆزلىرىگە قوغداش-ئاسراش لاھىيىسى تۈزۈپ بېرىشنى ئۆتۈنگەنلىكى ھەم قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنى رېمنوت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ 10يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقى يېزىلغان. بۇ كىچىككىنە كەنىت مۇشۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 2مىليون يۇەن ئاجرىتىپ ئالدىنقى قارارلىق قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قۇرۇلۇش  ئېلىپ بارغان.كەنىت باشلىقى مىياۋ كۇنجىېڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ” ھازىر ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئانچە تەكىتلەنمەيۋاتىدۇ،شۇنداقتىمۇ بىز ئاۋال كەنتىمىزدىكى قەدىمىي ئىزلارنى ھەقىقى تۈردە رېمنوت قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئەجدادلىرىمىز ھەم كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز يورۇق بولىدۇ.“
     كېيىنكىسىدە ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يەنشەن ناھىيىسى 315-دۆلەت يولىدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا كۆرىنىشتە ئىتائەت قىلغان بولىۋېپ ئاستىرىتتىن خىلاپلىق قىلىپ، خەۋەرلەرنى قامال قىلىپ، مەخپىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ ، پارتىزانلارچە قۇرۇلۇش تاماملىغانلىقى؛ بۇنى بەرىبىر بولۇپ بولغان ئىش قىلىپ كۆرسىتىش شەكلى بېلەن شىخەيجۈن قەدىمىي شەھرىنىڭ ئەسلىدىكى يولىنى مەجبۇرىي كېڭەيتپ، مەمەلىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ---شىخەيجۈن قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقى يېزىلغان. مەزكۇر ناھىيىنىڭ بىر مۇئاۋىن ھاكىمى بۇ ئىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:” مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ناھىيمىز مالىيىسى ئىنتايىن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالدى، كارخانىلار ۋەيران بولۇپ، پۈتكۈل ناھىيىدىكى ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلىشىپ كەتتى.مۇبادا 315-دۆلەت يولى ناھىيىمىزدىن ئۆتسە  بىر قىسىم ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،بەزى 3-كەسىپ تۈرلىرىنى يولغا قويغىلى بولىدۇ. “
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنىڭ دېھقانغىمۇ يەتمەيدىغان،ھەتتا قاپ يۈرەكلىك قىلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلار قانۇنى»غا ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلغان ،تۈرلۈك سېياسىي ھەركەتلەردىن پايدىلىنىپ مىللىي مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى تالاي تەۋەرۈك قول يازمىلارنى كۆيدۈرۈشكە،كەم تېپىلىدىغان ئىستىدات ئىگىلىرى بولمىش زىيالىيلارنى جازالاپ،سۈرگۈن قىلىپ،قەتلى قىلىپ  يوقىتىشقا؛دۆلەتنىڭ مىللىي مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنى ۋەيران قىلىشقا باشچىلىق قىلغان بۈگۈنكى زامانىۋى دەۋىرنىڭ ئەشۇنداق پاسىق ئەمەلدارلىرىنى خې شېنغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
      (2) خې شېن قانداقلا بولمىسۇن شۇ دەۋردە جاپاغا چىداپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى بولۇپ خەنزۇ تىلىدىن باشقا يەنە مانجۇ، مۇڭغۇل، تىبەت تىلىنى ناھايتتى پىششىق ئىگىلىگەن موللا ئادەم ئىدى. ئەمما ھازىرىقى ساپاسىز چىرىك ئەمەلدارلارنىغۇ دېمەيلا تۇرايلى بوپتۇ، زامانىمزدىكى ھوقۇق تۇتۇپ دۋران سۈرۈۋاتقان ئەمەلدارلاردىن دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىدىن باشقا ئۆز تېرىتوريىسىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن بىرەنى پىششىق بىلدىغانلاردىن نەچچىسى چىقار؟ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئەمما ئۆز ئانا تىلىنى ئانچە پىششىق بىلمەيدىغان بىر ئويغۇر مۇئاۋىن ۋالىينىڭ ھەجگە بارىدىغان ئويغۇر موللاملارغا ساپ خەنزۇ تىلىدا يىغىن ئاچقانلىقىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانمەن. تېخى نەچچە يىل ئاۋال خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئەمما ئانا تىلى- ئويغۇر تىلىنى ئانچە پىششىق بىلىپ كەتمەيدىغان بىر 1-قول ھاكىمنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەندە”تېرورچىلارغا قارىشى تۇرايلى“ دېگەن سۆزدىكى”تېرورچى“ نى توغرا تەلەپپۇز قىلالماي”تېرىچىلەرگە قارشى تۇرايلى “ دەپ ئوقۇپ سېلىپ شۇ ناھىيىدە يۇڭ-تېرە سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەر-تىجارەتچىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانلىقىدەك بىر غەلىتە ۋەقەنىڭ يۇرتىمىزدا يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىغانمەن. ئۇلارنىڭ تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ۋە سەۋىيىسىنى قانداقمۇ خې شېنگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ تېخى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 2011-يىلى باش ئەتىيازدا چاقىرىلغان « ئىككى يىغىن»دا رەئىس نۇر بەكرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلىۋاتقان دوكلاتنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا شۇنچە ۋەزمىن بېلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ ئوقۇۋاتسا ئالدىنقى قاتاردا يىغىن ئاڭلاۋاتقان ۋىلايەت-ئوبلاسىتلارنىڭ ۋالىي-ئوبلاسىت باشلىقلىرى قاتارىدا ئولتۇرغان بىرئۇيغۇر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋېلىپ دوكلاتنى خەنزۇچە ئاڭلاۋاقتان ھالىتى تېلېۋىزوردا تارقىتىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئەمەسمىز.يەنە بىر قىسىم مىللىي رەھبەرلەر خې شېنغا ئوخشاش تىرىشىپ تىل ئۆگەنمەكتە يوق ،تۈزۈك خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ ئەتەي ئۆزىنى سەۋىيىلىك قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يىغىنلاردا چۈشىنىكسىز تەلەپپۇز قىلىپ، ھەتتا بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ، خەنزۇ تىلىنىڭ تىل قانۇنىيىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىۋاتقانلىقىدىن؛ ھەتتا ئۇيغۇرچە ئىلتىماس،ھۆجقەتلەرگىمۇ خەنزۇچە ئىمزا قويىۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ خەۋەرسىز ئەمەسمىز. ئەنە شۇنداق مۆھتەرەم جانابىي رەھبەرلەرنىڭ تىل سەۋىيىسى ۋە تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى خې شېنغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
  خې شېن مەككار،خۇشامەتچى،ئىككى يۈزلىمىچى،مەنپەئەتپەرەس كىشى بولسىمۇ ھەرھالدا مەدەنىيەتنى چۈشىنىدىغان،ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان ،يۇقۇرى مەلۇماتلىق شەخىس ئىدى.بىزدىن چىققان بىر قىسىم ئەمەلدارلارچۇ؟ بىر توستۇم  تۇنۇيدىغان ئەمەلدارلاردىن بىرسى بىر قېتىملىق يىغىندا «ماركىسىزىملىق مىللەت نەزەريىسىدە ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر خەلق دىيىلگەن»دەپ سۆزلىگەندە نىمە دەۋاتقاندۇ بۇ ئادەم دەپ  ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرسا قالغان ئادەملىرىمىز توختىماستىن قىزغىن چاۋاك  چېلىپ ئالقىش ياڭراتقانكەن. يەنە بىر باشلىق شۇ دوستۇمغا ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ئۇقۇغان بولسىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى تېزلا بىلىۋالغانلىقى،بىر تىلنى ئۆگىنىۋېلىشنىڭ تەس ئەمەسلىكى،شۇڭا تىرىشىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلىۋېتىپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئۇيغۇرچە چۈشۈرەلمەي خەنزۇچە ئاخىرلاشتۇرغانكەن. مانا شۇنداقلارنىمۇ خې شېننىڭ ئىلىم ئىگىلەش روھىدىن تەلىم ئالسا ھېچ بولمىغاندا بىلىملىك بوپ قالاركەن،دېسەك ئارتۇق كېتەرمۇ؟
  (3)خې شېن گەرچە سېسىق نامى پۈركەتكەن خىيانەتچى، چىرىك ئەمەلدار بولىسمۇ ئائىلىنى ، مۇھەببەتنى قالتىس قەدىرلىگەن. ئۇ ئايالى فېڭ خانىم ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ئەل ئىچىدىكى داڭلىق ھېكىم-تىۋىپلاردىن كىمكى ئايالىنى داۋالاپ ساقايتالىسا بارلىق مال-مۈلىكنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىقان.فېڭ خانىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن خې شېن ئايالىنىڭ قەسىرىسىگە ھېچكىمنى يولاتمىغان. ئەمما ھازىرىقى تورغا چۈشكەن پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ خېلى بىر قىسمى ئاشنا ئوينىغان كەسپى پاھىشۋازلار بولۇپ سەتەڭلەر ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن؛ نە ئائىلىسىگە، نە خەلققە، نە پارتىيە-ھۆكۈمەتكە  يۈز كېلەلمەيدىغان بىشەملەردۇر.

دەرۋەقە ھازىر بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئىشقىۋازلىق قىلمىشلىرىنى سۆزلەشكە ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن تىلى ئاجىزلىق قىلىدۇ.جاڭسۇ ئۆلكىسىدە مەلۇم نازارەت نازىرىنىڭ 146ئاشنا تۇتقانلىقى؛مەلۇم بىۋاستە قاراشلىق شەھەر پارتىكومىنىڭ دائىمى ھەيئىتى تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقىنىڭ 17نەپەر ساھىپجامال سىتۇدىنىت بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلغانلىقى؛خەينەن ئۆلكىلىك تۇقۇمچىلىق ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئۆزى جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان ئاياللارنىڭ تۈكىدىن 236نى ئەۋرىشكە قىلىپ ساقلاپ  جەريانىنى يېزىپ 95خاتىرىنى توشقۇزغانلىقى؛ سىچۈەندىكى مەلۇم شەھەر باشلىقىنىڭ 16ياشلىق قىزلاردىن 20نى ئاشنا تۇتقانلىقى ؛ شېنجىندە بىر بانكا باشلىقىنىڭ ئاشنىلىرى ئۈچۈن800كۈندە 18مىليۇن400مىڭ يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەنلىكى؛ شەنشىدە سىياسى كېڭەشنىڭ  مەلۇم  مۇئاۋىن مۇدىرى ئۈستىدىن 11ئاشنىسىنىڭ كوللىكتىپ ئەرىز قىلغانلىقى...دىگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋېرىپ قۇلاقلار پىشىپ قالدى.ئۇلارنى تېخى بۇنداق ئىشلارنىڭ پاش بولۇپ قالغانلىرىنىڭ بىر قىسمىلا دېيىشكە بولىدۇ.ئامما بۇنداق ئەمەلدارلاردىن بىزار بولغانسېرى،ھۆكۈمەت پاك بولۇشنى تەكىتلەپ ئەشۇنداقلارنى جازالاپ تۇرغانسېرى  بۇنداق ئىشلارنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ...بۇنداقلارنى قانداقمۇ خېشىن بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ئۇلار ئىپلاسلىقتا ،شەھۋانىلىقتا،پەسكەشلىكتە خېشىندىن يۇقۇرى تۇرسا تۇرۇدىكى تۆۋەن تۇرمايدۇ.
      (4) خې شېن گەرچە سېسىق نامى پۈركەتكەن خىيانەتچى، چىرىك ئەمەلدار بولىسمۇ ئەمما توپلىغان شۇنچە كۆپ ھارام ماللىرىنى ئەيشى-ئىشرەت،كەيپى-ساپا ئىشلىرىغا بۇزۇپ چاچمىغان.ياكى ئەشۇ ھارام ماللىرىنى كۆتۈرۈپ چەتئەللەرگە تىكىۋېتىش خىيالىدا بولۇپ باقمىغان.شۇڭا ئۇنىڭ ھارام ماللىرى ئۆز پېتى دۆلەت غەزىنىسىگە قايتۇرۇلغان.ئەمما، زامانىمىزدىكى چىرىك، پارىخىور ئەمەلدارلار بولسا توپلىغان شۇنچە كۆپ ھارام ماللىرىنى ئەيشى-ئىشرەت،كەيپى-ساپا ئىشلىرىغا بۇزۇپ چاچقاننى ئاز دەپ ، خېلى بىر قىسمى ھارام ماللىرىنى كۆتۈرۈپ چەتئەللەرگە تىكىۋېتىپ دۆلەت ۋە خەلققە تولدۇرۇپ ئالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. شىياڭگاڭ «سۇمرۇغ تورى»(news.ifeng.com)نىڭ 2010-يىل 10-يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە يېزىلىشىچە ، يېقىنقى 30يىلدىن بۇيان جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن پارىخىور ئەمەلدار 4مىڭگە ،ئېلىپ چىقىپ كەتكەن پۇل 50مىليارىت ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەككە يەتكەن.زامانىمىزدىكى ئەشۇ قاچقۇن پارىخور ئەمەلدارلارنى پارىخورلۇق جەھەتتىكى ئىنساپ ۋە ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭى جەھەتتە قانداقمۇ خې شېنغا سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟
(5) خې شېن گەرچە سېسىق نامى پۈركەتكەن خىيانەتچى، چىرىك ئەمەلدار بولىسمۇ ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەشتە ئىمتىياز ھەيۋىسىدىن ئوجۇقۇپ كەتمەي ، ئۆزىدىن يۇقۇرى مەنسەبدارلارنىڭ ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ -تۇغقان،قۇدا-باجىلىرىنىڭ  پارا خورلۇق ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالىغۇدەك شىجائىتى  بار ئىدى.ئۇنىڭ بۇ خىل روھىنى  زامانىمىزدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى ئەمەلدارنى كۆرسە كۈچۈكلىنىپ ھالى قالمايدىغان ،ئۇلارنىڭ خاتا ئىش-ھەركەتلىرىنى كۆرسىمۇ چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلمەيدىغان ھەتتا ئۇلارنىڭ خاتا ئىش-ھەركەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغان ، ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن قۇل مىجەز ئەمەلدارلىرىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
مىلادى1768-يىلى ياڭجۇ تۇزچىلىق مەھكىمىسىنىڭ 10مىليون سەر كۈمۈش قىممىتىدىكى تۇز بېجىنى يوشۇرۇش دېلوسى يۈز بېرىپ، 20 يىل ئىچىدە تۇز سودىگەرلىرىنىڭ 9مىليون سەر كۈمۈش قىممىتىدىكى تۇز بېجىنى ئوغۇرلىغانلىقى،تۇز باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلىرىنىڭ 900مىليون سەر پارا ئالغانلىقى پاش بولىدۇ.چىيەنلوڭ خان مۇشۇ 20يىلدا مەنسەپ تۇتقان تۇز باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشكە پەرمان چۈشىرىدۇ. جى شىياۋلەننىڭ قۇدىسى لىيۇ جەنسېڭ پىنسىيىگە چىقىپ سەندوڭدىكى يۇرتىغا كېتىشتىن ئىلگىرى 10 نەچچە يىل تۇز بېگى بولغان بولۇپ،ئۇمۇ سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلار تىزىملىكىدە بار ئىدى. «چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەيرى رەسمىي تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»دا قەيىت قىلىنىشىچە، جى شىياۋلەن قۇدىسى  لىيۇ جەنسېڭنى  قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن « ئازراق چاينى لىپاپىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاغزىنى تۇزدا يەملەپ،لىپاپىنىڭ ئىچىگە بىرمۇ خەت يازماي ئۇنى  لىيۇ جەنسېڭنىڭ ئوغلىدىن كېچىلەپ سەندوڭدىكى  لىيۇ جەنسېڭغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. لىيۇ جەنسېڭ تۇز دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى پەملەپ بارلىق مال-مۈلكىنى باشقا جايغا يۆتكەپ يوشۇرىدۇ.ئائىلىسى ئاختۇرۇلغاندا ھېچقانچە مال-مۈلكى چىقمايدۇ.ئەمما خې شېن ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ئىشنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ».كېيىن ياڭجۇدىكى قاتتىق سوراقتا لىيۇ جەنسېڭ پارا ئالغانلىق جىنايىتىنى بوينىغا ئالىدۇ. بۇنىڭ بېلەن جى شىياۋلەن تۇغقاندارچىلىقنى ئەلا بىلىپ، خەۋەر يەتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىنى يۇيۇشقا ئۈرۈمچىگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا خې شېىندىمۇ دۆلەت-خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن سوقىدىغان بىر مەسئۇلىيەتچان يۈرەكنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۇنچە يارىماسلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.شۇنداقلا جى شىياۋلەننىڭمۇ ئانچە دۇرۇس ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغىلىمۇ بولىدۇ. خې شېىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىدىن نەچچە دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان 4-دەرىجىلىك مەنسەبدار ،دانىشمەن-ئۆلىمالار كامالەتخانىسىنىڭ ئۆلىماسى جىشاۋلەننىڭ قۇدىسى لىيۇ جەنسېڭنىڭ مال-مۈلكىنى يوشۇرغانلىق دېلوسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ دېلونى پاش قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىنى زامانىمىزدىكى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدا غال-غال تىترەيدىغان،ئۇلارنىڭلا ئەمەس ھەتتا ئۇرۇغ -تۇغقان،قۇدا-باجىلىرىنىڭ  پارا خورلۇق ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان ھەتتا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سېياسەتلىرى ، جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇنلىرىغا زىت يول تۇتۇپ، ئۇلارغا چاپان ياپىدىغان قىلمىشلىرىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
     دەرۋە قەخې شېننىڭ پارىخور بولغاندىن سىرىت يەنە تالاي قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتكەنلىگىمۇ ھەممىگە ئايان تارىخ، بىراق ئۇنىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» دەك بىباھا، كاتتا كىلاسسىك ئەسەرنى ساقلاپ قالغانلىقىنى جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى قالتىس كاتتا مۆجىزە دىيىشكە بولىدۇ.
جۇڭگو مەدەنىيەت غەزىنسىدىكى بىباھا گۆھەر، كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر ئەسەر «قزىل راۋاقتىكى چۈش» مۇبادا ئەينى يىللىرى خې شېننىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن تولۇقلاپ يېزىلمىغان، رەسمىي مەتبەدە بېسىلىپ ئاشكارە تارقىتىلمىغان بولسا بىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن بولارمىدى؟ يەنە بۇ ئەسەر ھازىرىقىدەك جۇڭگوغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان دۇنياۋى كاتتا ئەسەرلەر قاتاردىن ئورۇن ئالارمىدى؟

2006-يىل قەلەمگە ئېلىنىپ ،2011-يىلى دېكابىردا تولۇقلاپ يېزىلدى.


ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئەسكەرتىش:بۇ ماقالىنى ئاپتۇر يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقىپ،مەزمۇنىنى يەنە كېڭەيتىپ،قايتا پىشىقلاپ يېزىپ چىقتى،ئاپتۇرنىڭ تەلىۋى بويىنچە،قايتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىلدى.مۇنبەردىكى ئەزالار خەۋەردار بۇلۇپ قالغايسىلەر!
-باشقۇرغۇچىدىن

ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
OZTURK02 + 777 نادىر تېما .
tewelgha + 100 ئاجايىپ كاتتا سېلىشتۇرۇش...........
gulbaxikar + 100 كۆپ ئەخىر قىلىپسىز!
hokumran + 300 ئەجىرنىڭ قىممىتىنى خەلق بىلىدۇ.
koznak + 100 نادىر تېما .
nim-japa + 206 .............

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1583   باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1328
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 43231
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9038 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 01:46:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىنقى زامان جوڭگۇ كىنۇچىلىقىدا زور تەرەقىياتلار بارلىققا كەلدى،بىز كۆرۈپ كېلىۋاتقان،ياقتۇرۇپ كۆرگەن جوڭگۇ كىلاسىك ئەدەبىاتىنىڭ نەمۇنە ئەسەرلىرى كىنۇ قىلىپ ئىشلەنگەن،ئەلۋەتتە،كىنۇ ئىجتىماھىي تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان مىدىيە ۋاستىسى.ئۇ تارقىلىش سۈرئىتى تېز،كۆرۈرمەنلەر كۆپ كۆرىدىغان ئامىۋىلىققا،ئۇمىيلىققا ئىگە ۋاستە.
جوڭگۇ تارىخىدا ئۆتكەن بەزى مەشھۇر ئەمەلدارلار،پادىشاھلارنىڭ ئوبرازى،تارىختا تۇتقان ئورنى تېلىۋۇزۇردىن ئىبارەت تارقىلىش سۈرئىتى تېز ۋاستە ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئويىدا بىر ئوبراز شەكىللەندۈردى.
بىز كىنۇدا چىققان ھەربىر تارىخى شەخسلەرنى ئاڭلىساقلا،كىنۇغا قاراپ،باھا بېرەلەيمىز،دەرۋەقە،‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››جوڭگۇ كىلاسىك ئەدەبىياتىدىكى ئېسىل نەمۇنە،قىممەتلىك تارىخىي يازما،ئۇنىڭدا يېزىلغان تارىخ تېلىۋۇزۇر كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن،نۇرغۇن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.
تېلىۋۇزۇردا كەمچىللىك بۇلۇۋاتقان ئىشلار بەك كۆپ،ياخشىنى ياخشى قىپلا چىقىرىش،سەلبىي ئوبرازنى سەلبىي قىپلا چىقىرىش،مانا بۇ ھازىرقى كىنۇ تەرەقىياتىدا ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم نۇقسانلارنىڭ بىرى.
ھازىرقى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى،بىر تىلدىن ھالقىيالماسلىق،خەلققە باشلامچى بولالماسلىق ئىشلىرى بوزقىر ئېيتقاندەك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 02:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65560
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6629
تۆھپە نۇمۇرى: 886
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:00:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5202
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:08:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرىسىز !!!دىققەت -ئىتىبارىڭىزنى نىمە ئۈچۈن خېشىنغا قاراتقانلىقىڭىزنى ،نىمە ئۈچۈن بۇ تېمىنى يىزىش خىيالىغا كىلىپ قالغانلىقىڭىزنى بەكمۇ بىلگۈم بار !؟ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن ،سۇئالىمنى جاۋاپسىز قالدۇرماسلىقىڭىزنى ئۈمد قىلىمەن!!!

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 1295
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 313613
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5467 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:09:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمېشقىكىن  بوزقىر ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرىنى  ئامال بار تولۇق كۆرۈپ چىقىمەن  ، دىيارىمدىمۇ شۇنداق ئىدىم .
   تارىخى بىلىمىم كەمچىل بولغاچقا مەن  خېشىن ھەم ئۇ دەۋىرلەرگە بوزقىر ئاكىمىزغا ياندىشىپ سۆز قاتالمىساممۇ ، بوزقىر ئاكىنىڭ ھەقنى سۆزلەيدىغان خسلىتىدىن سۆيۈنىدىغىنىمنى بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قوياي دەپ بۇ ئىنكاسنى يېزىشىم .

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1930
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2886 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:19:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخىي شەخىسكە ناھاييتى ياخشى باھا بېرىپسىز...ئۇنىڭمۇ ئىجابىي تەرەپلىرىنى بېلىۋالدىم . لېكىن ئۇمۇ راس تۈلكىدەك ياشىغان كىشى، مۇندا بىر گەپ بار :
  _پادىشاھ ئوسۇرسا خېشىننىڭ يۈزى قىزىرىدۇ.
_نىمىشقا؟
_چۈنكى، ئۇنىڭ يۈزى قىزارسا ئەتراپتىكىلەر خېشىننى ئوسۇرۇپتىدە دەپ ئويلايدۇ، پادىشاھ ئۇنىڭدىن يەنە بىر مەرتەم رازى بولىدۇ....

دوست ئۈچۈن جاننى پىدا قىلىش نۆۋىتى كەلسە چوڭ ئىش ئەمەس !
لىكىن جاننى پىدا قىلالايدىغان دوست تاپماق تەس !

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7649
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2641 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:22:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىككى يۈزى بولغىنىدەك ،  بۇ  ئەسكى ، پارخور ئەمەلدارنىڭمۇ مۇنداق تەرەپلىرى باركەن ،  بىلۋالدىم .
  بوزقىر ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرىنى  ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇيمەن ...

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئننە لىللەھى ۋەئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4753
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:25:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنو تېلۋىزىيەلەردە تارىخنى بۇرمىلاش ھەقىقەتەن ئېغىر......................

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 948
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7660
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:30:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېشىننى كىنودا كۆرۈپ بەك سەت كۆرۈپ كەتكەن بولىشىمىش مۇمكىن،
لېكىن ھازىرقى زاماندىكى خىيانەتچى چوڭ ئەمەلدارلار كىنو يۈزىدە كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، ھازىر ئوچۇق ئاشكارە پارە يەيدۇ ، كىچىكى چوڭىغا ، چوڭى ئۆزىدىن چوڭىغا، ئەڭ ئاددىسى بىر كەنتتىن باشلىنىپ ......... ھەر- بىر چوڭىغىچە پارىخورلۇق
  

تاڭسىڭمۇ ئالتۇن كاسىنى پارە بېرىپ ئاندىن نومنى دۆلىتىمىزگە ئەكىلىپ تاراتقان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 39751
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 02:39:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  بېھزات كە 2011-12-08 02:08 AMئەۋەتىلدى  :
كەچۈرىسىز !!!دىققەت -ئىتىبارىڭىزنى نىمە ئۈچۈن خېشىنغا قاراتقانلىقىڭىزنى ،نىمە ئۈچۈن بۇ تېمىنى يىزىش خىيالىغا كىلىپ قالغانلىقىڭىزنى بەكمۇ بىلگۈم بار !؟ئەسەرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن ،سۇئالىمنى جاۋاپسىز قالدۇرماسلىقىڭىزنى ئۈمد قىلىمەن!!!
بۇ تېمىنىڭ يېزىلىشىغا «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»رومانىنى بەك ئۇتۇقلۇق چىققان رومان دەپ قارىغانلىقىم سەۋەب بولغاندىن باشقا مۇشۇنداق بىر كاتتائەسەرنىڭ قىممىتىنى بىلگەن، ئۇنى تولۇقلاپ يازغۇزغان،رەسمى مەتبەدە بېسىپ تارقىتىشقا كۈچ قوشقان خې شېندىن ئىبارەت كۆپ تىللىق،مول بىلىم ئاساسىغا ئىگە بىر شەخىس ھەققىدە قايتا ئويلىنىش قىلىشىم سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.ئەڭ موھىمى زامانىمىزدىكى خې شىنچىلىك بىلىمى يوق پوق قورساق ئەمەلدارلارنىڭ كاساپىتىدىن رۇي بېرىۋاتقان  ئاچچىق قىسمەتلەر  سەۋەبلىك بىر مەھەل ئەمەلدارلار ساپاسى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات قىلغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەس.
مەيلى نېمىلا دېمەيلى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان سېھرى قۇدرىتى بېلەن ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىزچىل قىزىق نۇقتىلىق تېما بولۇپ كەلمەكتە .ساۋشۆچىندەك بىر نامرات ئەدىبكە ھېچقانچە شان-شەرەب ۋە ئىقتىزادىي نەپ بېرەلمىگەن بۇ رومان بۈگۈنكى كۈندە   «قىزىل راۋاقتىكى چۈش ئىلمىي جەمئىيىتى » كۈنلۈكىنى  كۆتۈرىۋالغان تالاي تەتقىقاتچى-ئالىملارغا تالاي شان-شەرەب ۋە ئىقتىزادىي نەپ ئېلىپ كەلمەكتە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
maxal2010 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش