مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bozqir

خې شېننىڭ يەنە بىر يۈزى(بوزقىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29903
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7228
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1287 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 10:09:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوز قىر ئەپەندى ھەقىقەتەن ياخشى ئىپادىلەپ بىرىپسىز . ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ياخشى يامان تەرپى بولدۇ .

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە ، دىلىڭ بىلەن تىلىڭ بىردەك بولسۇن .

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14836
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9475 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 11:41:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

46قەۋەتتىكى(چېچەك) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

«ۋاڭ باۋچەي» ئەمەس شۆ باۋچەي.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 873
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17396
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9415 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 11:44:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

71قەۋەتتىكى(شەرەپ) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

مەن ئالماشتۇرۇپ ئېسىمدە ساقلىۋاپتىمەن..ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت..

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32680
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4352
تۆھپە نۇمۇرى: 202
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:10:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىم ئەھمەد زىيائىى بىر گۇرۇپپا ئالىملارنىڭ قان_ تەر بەدىلىگە نەشىردىن چىققان «قۇتادغۇبىلىگ» نى X ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسىغا تەقدىم قىلغىنىدا، ۋالى ئۇ كىتاپقا قاراپمۇ قويماي دېرىزە تەكچىسىگە تاشلاپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئەھمەد زىيائىنىڭ كۆڭلى زەربە يەپ، ۋالىينىڭ ئىشخانىسىدىن يېنىپ چىققان. دەل مۇشۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتاپنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ قاراخانىلارنىڭ ھۈكۈمدارى ھەسەن بۇغرا خانغا تەقدىم قىلغاندا، ھەسەن بۇغرا خان مۇئەللىپكە «ھاجىپلىق» ئۈنۋانىنى بەرگەن. بۇ ئۈنۋاننىڭ مەنىسى «خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى»، «دۆلەت تۈۋرۈكى» دېگەن بولىدىكەن. بۇ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئىش ئىدى.
              ئۈزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا      ئا. جالالىدىن   369- بەت
بىلىملىك، قابىلىيەتلىك، ئىلىم سۈيەر كىشىلەرنىڭ بارغانسىرى ھۇقۇق ساھەسىدىن چىكىندۈرلىشى، ئۆستۈرۈلمەسلىكى... جەمئىيتىمىزدىكى گەۋدىلىك مەسسىللەرنىڭ بىرى. ھۇقۇق ساھەسىدىكى بىر نەرسە ئۈگنىشكە تىرىشىدىغان، قىزىقىدىغان كىشىلىرىمىز ئازلىشى، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قەدىرلەنمەسلىكى، خاتا چۈشىنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر نەرسە ئۈگەنگەننىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق، ئەكسىچە زىيىنى باردەك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرمەكتە.
مەن تۇنۇيدىغان تۆت مەكتەپ مۇدىرى بار، بۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇڭدىشىپ قويىمەن. ھىس قىلىشىمچە ئۇلارنىڭ مۇنداق ئورتاقلىقى بار: 1- بۇلۇشىغا ھاراق ئىچىدۇ، تاماكىنى قوپال چىكىپ قويىدۇ.  2- گىزىت - ژورنال كۆرمەيدۇ، كىتاپ ئوقۇمايدۇ. 3- ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاسانلا بۇزۇقچىلققا ئائىت گەپلەنى تاپالايسىز... 4- مەڭگۈلۈك ئۈگىنىش، ئۆز بىلىمىنى مۇكەممەللاشتۈرۈش دىگەن گەپلەر ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ. 5- تور بەتلەدىكى نادىر ماقالە ئادرىسلىرىنى يوللاپ بىرىپ باقتىم، خوش ياقماپتۇ. 6- ئۇلارنىڭ دىگىنى دىگەن، قىلغىنى قىلغان. تېخى خېلى پۇلدار.
روشەن سېلىشتۇرما: ئۇلار رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مەكتەپلەردە  ھاراقكەشلىكنى، تاماكىنى ساغلاملىققا زىيانلىق دەپ بىلىپ ئۈزىنى روناق تاپقۇزۇشقا تىرىشىۋاتقان، گىزىت – ژورنالنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىدىغان، كىتاپنى سۈيۈپ، سېتىۋېلىپ ئۇقۇيدىغان، مۇھەببەت، ئائىلىگە  سادىق، ئۈگىنىش، ئۈزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغان  نۇرغۇن ئۇقۇتقۇچى خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ تورغا چىقىش شارائىتى يوق، قۇلىقى يۇمشاق، بۇيرۇقنى ئامالسىز بىجاندىل ئىجرا قىلىدۇ.
بۇلار ئالمىشىپ قالغانمۇ قانداق؟ بۇ نۇرغۇن ئىدارىلەردە ساقلىنىۋاتقان بىر مەسلە.

بوزقىر ئاكىمىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر ! جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىڭىز تۇلۇپ تاشقان، قەلەم قۇۋىتىڭىز زىيادە بولغاي. ئۇ تەرەپلەرگە ئۈتۈپ قالسام سىزنى يوقلاپ ئوبدان بىر مىھمان قىلىۋالمىسام ھىساپ ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 39682
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7170 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 02:32:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   گەرچە خې شېننىڭ ئادەم ئەۋەتىپ   لىيۇ جەنسېڭنىڭ تۇز دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى پەملەپ بارلىق مال-مۈلكىنى باشقا جايغا يۆتكەپ يوشۇرغانلىقىنى قاتتىق تەكشۈرگەنلىكى «چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەيرى رەسمىي تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»دا شۇنداق ئېنىق قەيىت قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى زاماننىڭ بىر قىسىم ئاغۋات تارىخشۇناسلىرى بۇ تارىخىي پاكىتنى ئىنكار قىلىپ،«خې شىن ئۇ مەزگىلدە پادىشاھ بېلەن تېخى يېقىن مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ بولالمىغان.شۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىدىن نەچچە دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان 4-دەرىجىلىك مەنسەبدار ،دانىشمەن-ئۆلىمالار كامالەتخانىسىنىڭ ئۆلىماسى جىشاۋلەننىڭ قۇدىسى لىيۇ جەنسېڭنىڭ مال-مۈلكىنى يوشۇرغانلىق دېلوسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ پەقەت ئەل ئارىسىدىكى ئەپقاشتى گەپ بولۇشى مۇمكىن»دېگەندەك چويلىدا توختىمايدىغان يوقىلاڭ پەتىۋالارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خې شېننىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئورۇنماقتا.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئەشۇ پىچىۋېتىلگەن ئاغۋات تارىخشۇناسلار تارىخنى شۇ تارىخي دەۋىرنىڭ ئۆزىگە قويۇپ ئەمەس بەلكى ھازىرقى رېئاللىق ئۆلچىمى بويىچە تەھلىل قىلىپ يەكۈن چىقىرىشقان.ئۇلارچە بولغاندا  خې شېن پادىشاھ بېلەن تېخى يېقىن مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىدىن نەچچە دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان 4-دەرىجىلىك مەنسەبدار ،دانىشمەن-ئۆلىمالار كامالەتخانىسىنىڭ ئۆلىماسى جىشاۋلەننىڭ قۇدىسى لىيۇ جەنسېڭنىڭ مال-مۈلكىنى يوشۇرغانلىق دېلوسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالىشى مۇمكىن ئەمەسمىش.خې شېن ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدا غال-غال تىترەپ تۇرىشى؛ئۇلارنىڭلا ئەمەس ھەتتا ئۇرۇغ -تۇغقان،قۇدا-باجىلىرىنىڭ  پارا خورلۇق ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىشى؛ ھەتتا خاننىڭ ھۆكمى ،دۆلەتنىڭ ئەمىر-مەرۇپلىرىغا زىت يول تۇتۇپ، ئۇلارغا چاپان يېپىشى كېرەكمىش.

بۇ قانداق مەنتىقە ئەمدى؟ بۇ پۈتۈنلەي تارىخقا  ھازىرقى رېئاللىق بويىچە باھا بەرگەنلىك بولماي نېمە؟ئۇلارچە بولغاندا خې شېن خۇددى زامانىمىزدىكى ئەمەلدارلاردەك ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى ئەمەلدارنى كۆرسە كۈچۈكلىنىپ ھالى قالمايدىغان ،ئۇلارنىڭ خاتا ئىش-ھەركەتلىرىنى كۆرسىمۇ چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلمەيدىغان ھەتتا ئۇلارنىڭ خاتا ئىش-ھەركەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغان ، ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن قۇل مىجەز ئەمەلدارلىرىغا ئوخشىسا ئاندىن چىن تارىخىي شەخىسكە ئايلىناتتىكەن-دە؟

شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ،چىيەنلوڭ، كاڭشى دەۋىرلىرى ئەلدە ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن؛پارىخور-چىرىك ئەمەلدارلار قاتتىق جازاسىنى يەپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىمكانىيىتى يوقۇتۇلغان؛ پادىشاھ-ۋەزىرلەر پۇقراچە ياسىنىپ، مەخپىي ئەل كېزىپ،ئەل رايىنى بىۋاستە ئىگىلەپ تۇرغان؛  ياڭ نەيۋۇ دېلوسىدەك كىچىك ناھەقچىلىقلەرمۇ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىغان؛«مانجۇچە-خەنزۇچە-موڭغۇلچە-تېبەتچە-ئۇيغۇرچە بەش تىللىق لۇغەت»لەرگە ئوخشاش ئىلمىي ئەمگەكلەر دۆلەت مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزىلىپ، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى، ئۆرىپ-ئادەتلىرى،مىللىي مەدەنىيىتى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىنغان ئاسايىشلىق دەۋىر ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۈيۈك چىڭنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلىگەن.چىڭ ھاكىمىيىتىمۇ 300يىلدىن ئارتۇق ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئاساسىنى قۇرالىغان.شۇنداق ئىكەن پادىشاھ بېلەن تېخى يېقىن مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ بولالمىغان خې شېننىڭ  ئۆزىدىن نەچچە دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان 4-دەرىجىلىك مەنسەبدار ،دانىشمەن-ئۆلىمالار كامالەتخانىسىنىڭ ئۆلىماسى جىشاۋلەننىڭ قۇدىسى لىيۇ جەنسېڭنىڭ مال-مۈلكىنى يوشۇرغانلىق دېلوسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالىشى تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش دېيىشكە بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ چىيەنلوڭ خاننىڭ  20يىل ئىچىدە  مەنسەپ تۇتقان تۇز باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلارىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشكە ئائىت پەرمانىغىمۇ تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم شۇ پەرمان بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىش ئىدى. ئەڭ موھىمى  خې شېننىڭ ئادەم ئەۋەتىپ   لىيۇ جەنسېڭنىڭ تۇز دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى پەملەپ بارلىق مال-مۈلكىنى باشقا جايغا يۆتكەپ يوشۇرغانلىقىنى قاتتىق تەكشۈرگەنلىكى «چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەيرى رەسمىي تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»دا شۇنداق ئېنىق قەيىت قىلىنغان .

شۇنداق ئىكەن، چويلىدا توختىمايدىغان يوقىلاڭ پەتىۋالارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خې شېننىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئورۇنىۋاتقان ئاغۋات  تارىخچىلارنىڭ پەتىۋاسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.ئۇلار «ئۆتمۈشنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش»دەك سېياسىي تەربىيىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كېتىپ، مېڭىسى يۇيىلىپ كەتكەن زامانىمىزنىڭ ئوردا تارىخچىلىرى بولۇشى مۇمكىن.

شۇڭا ھازىر ئىشلىنىپ ئېكرانغا ئېلىپ چىقىلىۋاتقان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى خې شېننىڭ ھەددىدىن زىيادە خۇنۈكلەشتۈرىۋېىتىلگەن ، تارىخىي چىنلىقنى ھازىرقى رېئاللىققا قويۇپ يارىتىلغان ئوبرازىغا چوقۇم تەنقىدىي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىش زۆرۈردۇر.

ئەمما ، بۇ بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىمدۇر خالاس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23588
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6139
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 11:30:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى بىر تارىخىي بىلىمگە ئىگە بولدۇم ، رەخمەت

خۇشال ياشايمىز،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67753
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 04:56:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە كۆپ رەخمەت!ئەگەر بۇ ئەسەرنى ئوقۇمىغان بولسام،تارىختىكى شەخىسلەر توغرىسىدا قاچانغىچە خاتا چۈشەنچىدە يۈرەر بولغىيتتىمكىن تاڭ!!!يەنە بىر قېتىم رەخمەت!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلا!سىلەرگە مول بەخىت تۈگىمەس ئامەت تىلەيمەن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9228
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1657 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 02:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوز قىر ئاكىمىزنىڭ بۇ يازمىسى ھەققىتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ھەر نەرسىگە بىرنىڭ ئىككىگە بۇلىنشى بۇينچە باھا بەرگەن تۈزۈك، دەۋرمىزدىكى بەزى خىيەنەتچى ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تېلۋىزىيە فىلمى قىلىپ ئىشلەيدىغان بولسا خېشىنننىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئارتۇق كىشىنى غەزەپلەندۈردىغان بىر فىلىم بۇلۇپ چىقىپ تارىختىكى بۇ «خىيانەتچىلىك پادىشاھى» ھازىرقى پارخورلار شاھىغا ئورۇن بۇشۇتۇپ بېرىشى مۇمكىن.

ئەيساجان خالمۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11016
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10554
تۆھپە نۇمۇرى: 1088
توردا: 1083 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 02:22:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
_ ھەي خى ئەمىر ،سىلى كاللىرى كىتىشتىن قورقماملا ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3912
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27771
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5410 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 04:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ‹ شىنجاڭ مەدەنىيتى › ژورنىلىدا ئوقىغاندەك قىلىمەن . يەنە بىر قېتىم كۆرگىنىمدىن خۇرسەنمەن .
بوزقىر ئاكىنىڭ خېشىن توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىزگە سۇنغىنىغا رەھمەت !

ئون كوي پۇلنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆرمىدىم ، ئەمما ئون يىللىق دوستىنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆردۈم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش