كەچۈرىسىز ، ماقالىڭىزنى باھالاش قىلغان ۋاقتىمدا ئالدىراپ تەكشۈرۋەتمەي يوللاپتىمەن قارىسام بىر خەت خاتا بولۇپ قاپتۇ، مەن ئەسلى ئىملاغا بەك دىققەت قىلاتتىم!ئۆزگەرتەي دىسەم ئۆزگەرتەلمىدىم
بۇ ماقالىڭىزنى تولۇق ئۇقۇپ چىقتىم، خېشىننىڭ يەنە بىر ئوبرازىنى پاكىتلار بىلەن ياخشى تەھلىل قىلىپسىز، دىمىسىمۇ ھازىرقى بەزىبىر پارىخور ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سىلىشتۇرغاندا خېشىننىڭ مەدىنىيەت جەھەتتىن قۇشقان تۆھپىسى چوڭ، ئەمما مەن ئويلايمەن، كۆپلىگەن خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ سەلبى ئوبرازى ياخشى ئوبرازىنى بىسىپ كەتكەن، كۆپلىگەن خەلقنىڭ نەزىرىدە ئۇ يەنىلا پارىخور، ئىككى يۈزلىمىچى، چىقىمچى، يالاقچى، قىلتاقچى خېشىن ، شەخسەن مەن ئاددى بىر خەلق ئاممىسىنىڭ پۇخراسى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن خېشىن ئوبرازىغا ئىگە كىشىلەرنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن.
بىزنىڭ شىركەتتە بىرى بار،تۈزۈك ساۋادى يوق، قۇرسىقى قازاننى دۆم كۆمتۈرۈپ چاپلاپ قويغاندەكلا، دەششەت چىقىمچى يالاقچى، يۈزىدىن يۈزىگە باشلىقىمىز ھىي كالا دىسىمۇ ھىجاراپ تۇرىدۇ، قۇسقۇمنى كەلتۈرۈپ، نە غورۇر، نە ساپادىن ئەسەر يوق، ئەمما سىختا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى باشقۇردىغانغا كارامەت ئۇستا دىسە، تېخى ئاتىكاچىلىق قىلىپ ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تارقاتقاندا ئالاھىدە كىرىپ بىزگە بۇيرۇق چۈشۈرگەندەك پالانچىنىڭ، پۈكۈنچىنىڭ مائاشىدىن يىرىمىنى بېرىپ يىرىمىنى بەرمەي تۇرۇڭ، مائاشىنى ئىلىپ قىچىپ كەتمىسۇن دەيدۇ، ئەگەر گىپىگە پىسەنىت قىلماي بېرىۋەتسەم دەرھال باشلىققا چىقىپ يامانلايدۇ. نىمىشقىدۇ باشلىق ئۇنىڭ گىپىنى قەۋەتلا قوللايدۇ!
ھەراس بوزقىر ئەپەندى، خېلى ئۇزۇن بولدىغۇ دەيمەن، كوچىدا كىتىۋىتىپ بىر يايما كىتاپ ئورنىدىن بۇددا ئالىمى كامراجىۋا دىگەن كىتاپنى سىتىۋالغانتىم، ئۇقۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، بۇ كىتاپنى سىز يازغانغۇ دەيمەن؟
.gif)