|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسى بىلەن مىسرانىم ،شۇنداقلا مۇنبىرىمىز مانا بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ياخشى تەكلىب پىكرىڭلارنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە.. بىز بۇندىن بۇرۇن مىسرانىم تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ مانچە يىللىقى نامىدا مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ باقمىغان، مىسرانىم تورى قۇرۇلغىنىغا 7 يىل بولغان بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە مىسرانىم تورىغا، ئېنىقراقى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيتىگە مەنىۋىيتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر ساھەدىكى ئوت يۈرەك كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى،بىز بۇ مۇھەببەتلىك تىلەكلەردىن ،تورنى ھەر ئاچقىندا بىزنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنۇتمايدىغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە بەھىر ئېلىش مەقسىتىدە بۇ فىلىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق ،ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر;
ۋاقىت شارائىت تۈپەيلىدىن بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاش ،ۋە ئۇلار بىلەن تەپسىلىي سىردىشىش مۇمكىن بولماي قالدى، تىلەكلىرىنى ئېيتىقان بۇ قېرىنداشلىرىمىز ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئاز بىر قىسمى ئەلۋەتتە.... ھەممەيلەن بىلەن سىردىشالمىغىنىمىزدىن تورداشلارغا ئۆزرە ئېيتىمىز.!
بىز فىلىم ئىشلىرىمىزغا باشتىن ئاخىر كۈچ چىقارغا ئوپىراتورىمىز ،تالانتلىق فوتوگراف جۈمەخۇنغا ،شۇنداقلا رىياسەتچى مەدىنە دىلشاتلارغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز!
فىلىم مەزمۇنى ھوزۇرۇڭلاردا:
ئەسكەرتىش: ئۇستاز ئابدۇقەييۇم مۇھەممەت ،ئالدىراشچىلىقتا ئابدۇقەييۇم ئىمىن بولۇپ قاپتۇ، كىرىشتۈرۈلۈپ تورغا يوللىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزگەرتىشكە ئامال بولماي قالدى، توغرا چۈشەنگەيسىلەر
نورمال قويۇلمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ :
http://v.youku.com/v_show/id_XNjU5NTYwMzg0.html
فىلىم جۈمەخۇن سۈرەتچىلىكى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىدى! ئالاقىلشىش نۇمۇرى : 15099673331 (ئۇچۇر قىلىڭ)
فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر:
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تورى
مىسرانىم فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى
2014- يىلى 1- ئاينىڭ 9 - كۈنى
|
|
|
|
|
|