سەگەكلىكىم بار
ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى
ياتار بولسام گاھىدا ئۇخلاپ،
ئويغۇتارغا سەگەكلىكىم بار.
ناھەقلەرگە ئىگىلمەس بېشىم،
تىك تۇتارغا ئەركەكلىكىم بار.
يېلىنمايمەن يات بىراۋلارغا،
ئاتام كەبى بەركەتلىكىم بار.
تاسقاپ بېرەر دوستى دۈشمەننى،
ئانام كەبى ئەلگەكلىرىم بار.
ئەلنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى،
قايتۇرارغا ۋىجدانلىرىم بار.
ئەركەكتۇرمەن ئاسى ئەمەسمەن،
ھەق ياشاشقا ئىمكانلىرىم بار.
مىنىڭ ئۈچۈن جاننى بەرگۈدەك،
ئىسىل سۈپەت ھەمكارلىرىم بار.
مەيدىسىنى كىرىپ تۇرغىدەك،
يىگىتكە خاس ھەقكارلىرىم بار.
ئاپتۇرى-بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق دۇڭشىڭ ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى تەشۋىقات بۈلۈمىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-2 11:07 PM