‹‹ 300››
ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى
1
دىكابىرنىڭ ئاخىرىقى كۈنى ،
قار چۈشمەكتە قەلبىمگە لەپ-لەپ.
ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆزۈم،
ئەگەشتۈرۈپ ئۈچيۈز دوستۇمنى ،
رېستۇرانغا كىردىم سەگىلدەپ.
ئالدىمدىكى ئۈچ يۈز جوزىغا ،
تىزىپ قويدۇم ئۈچ يۈز خىل سەيدىن .
لىقلاپ قۇيدۇم ئۈچ يۈز قەدەھكە ،
گرادۇسى‹‹ئۈچيۈزلۈك››مەيدىن .
چۈنكى بۈگۈن ئۈچ يۈزدۇر يېشىم ،
ئىچتىم شۇڭا ئۈچ يۈز خىل شاراپ .
دوستۇم ئۈچيۈز ،ئۈچ مىڭ ھەتتاكى،
لىكىن كىزەر قەلبىمدە ئازاب .
2
قولۇمدا جام ،
سوردۇم ئۈچ يۈز رەت :
‹‹مەن- كىم؟››،‹‹مەن››دىن چىقمىدى جاۋاپ.
‹‹مەن –كىم؟ . . .مەن-كىم؟ . . .››بىلەلمەي پەقەت،
كىتەي دېدى مېڭەم پارتىلاپ . . . .
ئۈچ يۈز پارچە بولغان قەدھتىن،
ئاڭلانماقتا ئۈچ يۈز مىڭ ھەسرەت .
ئۈچ يۈز پارچە بولدى يۈرىكىم ،
كۆز يېشىمدا ئاقتىم قانچە رەت .
ئاپتۇر ؛پوسكام ناھىيە 3-ئوتتۇردىن -
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-7 09:36 PM