كۆڭۈل چەشمىلىرى
ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى
مۇھەببەت دەرگاھى ئەمەس تۈز- داۋان ،
داۋانلار كۆكىدە يەنە بار داۋان.
ئاتلاندىم شاتلىنىپ مەنزىلىم تامان،
گۈل تاقاپ قايتقىچە سىز بولۇڭ ئامان !
ئۇپۇققا پۇت قويسام بۇلۇتلار ئاتلاپ،
ئون يىللىق مەنزىلنى مىنۇتتا قاتلاپ.
بەزىلەر گۈل تۇتتى سۆيۈنۈپ قۇتلاپ،
بەزىلەر غاجاشنى باشلىدى داتلاپ.
ھىجران تاغلىرىدىن مەغرۇر يول ئېچىپ،
جانانغا ئېرىشتىم ھەممىدىن كېچىپ،
مۇھەببەت جامىدا كۈلگۈن مەي ئېچىپ،
دوستلار چاي تارىتتىم باغرىمنى ئېچىپ.
مەنزىلگە يىتەركەن جۈرئەتلىك كىشى،
تەقدىرگە تەن بىرىش كالۋانىڭ ئىشى.
قەدەمدە گۈل تەرسەڭ ئەل دەپ يار قىشى،
بىېشىڭغا قونغۇسى سائادەت قۇشى.
ئاپتۇر؛ پوسكام ناھىيە 3- ئوتتۇردىن -