يۇرتۇم چىلان،ياڭاق بازىسى
ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى
يۇرتۇم چىلان،ياڭاق بازىسى،
تاراپ كەتكەن داڭقى ھەر يانغا.
ئۇنىڭ چۈرۈك،تاتلىق لەززىتى،
ھۇزۇر-بەخىش ئېتەر ھەر جانغا.
داڭلىق ماركا،ئېسىل مەھسۇلات،
يۇرت-يۇرتلاردىن ئالماقتا ئورۇن.
ئەرتىۋارلاپ يۇرتۇم مىۋىسىنى،
مەرھابا دەپ ئاچماقتا قۇيۇن.
يۇرتۇم چىلان، ياڭاق بازىسى،
ھەر دانىسى گۆھەردىن قىممەت.
رەڭگى كۆركەم تەمى ئۆزگىچە،
پاك ۋۇجۇتقا بىغىشلار قۇۋۋەت.
يۇرتۇم چىلان،ياڭاق بازىسى،
ئۇ يارالغان ئەلنىڭ ئەجرىدىن.
يۇرتۇمدا كۆكلەيدۇ ھايات،
ئالتۇن تۇپراق نۇرنىڭ بەھرىدىن.
ئاپتۇر؛ پوسكام ناھىيە 3- ئوتتۇردىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-4 03:43 PM