نەپرەت غۇنچىسى
ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى
شۇ كۈنى
مەن يوقاتتىم مەۋجۇتلۇقىمنى،
زېمىن كەتتى ئوقىدىن چەتنەپ.
بۇلۇت پەسلەپ باستى يەلكەمنى ،
تاغلار ئۆتتى بېشىمغا دەسسەپ .
سېنىڭ ئاشۇ ئاسي دىلىڭنى ،
يىغلاپ تۇرۇپ پاش قىلدى قۇياش.
يوللىرىمنى توستى كەلكۈندەك،
كۆزلىرىمدىن تاراملىغان ياش.
دىل قەسرىمگە نۇرلار تۆككۈچى ،
سەن ئىدىڭغۇ پاكلىق ئىلاھى.
قىزغىناتتىم شامالدىن سىنى،
چاچلىرىڭنى تاراپ ئوينىسا.
يۇلتۇزلاردىن كۈنلەيتتىم ھەتتا،
دەرىزەڭدىن ماراپ تويمىسا.
ئىزلىرىڭنى قبلىگاھ ئەيلەپ،
زەر بىلەتتم باسقان يولىڭنى .
سۈرە ئىدىم كۆزۈمگە تەكرار،
تۇتىيا دەپ نازۇك قولىڭنى.
ئاپتۇر؛ پوسكام ناھىيە 3-ئوتتۇردىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-10 07:00 PM