ئىككى شېئىر
ئەكبەر ئۆمەر ۋولقانى
يىگىت كۆڭلى
يىگىت كۆڭلى غۇبارسىز ئەينەك،
داغ تەككۈزمە ئۇنىڭغا،ئەي قىز.
يەتسە سەندىن زەررىچە زەخمە،
ئاۋالقىدەك بولمايدۇ ھەرگىز.
ئۆز كۆڭلۈڭدەك ئاۋايلا ئۇنى،
گۈل ئەمەس ئۇ ئۈزۈۋالغىلى.
خالىغاندا تولغاپ بويننى،
خالىغاندا قىسىۋالغىلى.
بالىلىقىم
بىرلا چۈمۈپ زۇمرەت ئىقىنغا،
بالىلىقىم ئېقىپ كېتىپتۇ.
مۇزلار ئېرىپ باھار كەلگۈچە،
چانا تېيىلىپ قىچىپ كېتىپتۇ.
ئوينار ئىدى بالىلار تېخى،
قار ئۈستىگە مەجنۇنتال سىزىپ،
قەيەردىدۇر كېتىپتۇ ئۇزاپ،
تال چىۋىقنى ئات قىلىپ مىنىپ.
گۈل تۈۋىدە يوق ئۇ قارىسام،
دەرەخلىقتا يوق ئۇ مارىسام.
ئاۋازىممۇ يەتتى ئۇپۇققا،
كەلمىدى ئۇ قانچە چاقىرسام.
ئاپتۇر؛ پوسكام ناھىيە 3- ئوتتۇردىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 05:00 PM