بىر قىزنىڭ توي تەكلىپى
زىبالە ھۇجرىسىغا كىرىپ ئاستا تورۇسقا قاراپ ياتتى، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئانىسىنىڭ بايىقى گەپلىرى تەكرارلانماقتا ئىدى: «قىزىم، بۈگۈن يەنە ئەلچىلەر كەپتۇ، ‹قىزىمىزنىڭ پىكرىنى ئېلىپ باقايلى› دەپ قايتۇردۇق. ئەمما قىزىم، يېشىڭىزمۇ كىچىك ئەمەس، نۇرغۇن ئەلچىلەرنى قايتۇرىۋەتتىڭىز، ئەمدى بۇنىمۇ قايتۇرىۋەتسىڭىز تازا ياخشى بولماس. ياكى پۈتۈشكەن بىرەرسى بولسا ئەلچى قويسۇن، شۇنىڭغا بېرەيلى. ئوبدانراق ئويلىنىڭ قىزىم.» ئۇنىڭ بۈگۈنكى ھارغىنلىقىنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر غەم قوشۇلدى.
«ئانامنىڭ دېگەنلىرىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ يېشىممۇ بىر يەرگە باردى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۆمۈرلۈك ئىشىمغا سەل قارىسام بولماس. پۈتۈشكەن بىرسى؟ نەدىمۇ ئۇنداق بىرى بولسۇن. كونىلارنىڭ ‹يىگىت ئالىمەن دېگىنىنى ئالالايدۇ، قىز تېگىمەن دېگىنىگە تېگەلمەيدۇ› دېگىنى راست ئوخشايدۇ…» دادىسىنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئۇنىڭ خىياللىرى ئۈزۈلدى.
زىبالەنىڭ شەرتىمىغۇ ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، پەقەت شۇ ئەدەب-ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك، ئىلىملىك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولسىلا نامرات بولسىمۇ ياتلىق بولىۋېرەتتى. ئەمما قېرىشقاندەك كەلگەن بىر قانچە ئەلچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇ شەرتلەرگە چۈشمەيدۇ. بىرلىرى باي، ئەمما ھاراقكەش، ئويۇنچى؛ بىرلىرى ئىلىملىك، ئەمما بىكارچى؛ ياكى ئۆزىنىڭ يۈرگەن يىگىتىمۇ يوق. ئۇ بىرەرسى بىلەن يۈرۈپ نىكاھى قوشۇلماي قالسا، كېيىن توي قىلغان جۈپتىنىڭ ئالدىدا ۋىجدان ئازابىغا قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.بۇنى نىكاھقا بولغان بىر ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارايدۇ. يۈرۈشنىمۇ بىر خىل ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ.
كەچلىك تاماقتىمۇ ئۇ ئېچىلىپ ئولتۇرالمىدى،تۈزۈك گەپمۇ قىلمىدى. قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ قايتىپ كىرىپ يەنە شۇ غەمدە. «قانداق قىلىش كېرەك؟ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىچىدە ماڭا مۇۋاپىقراق بىرەرسى بارمۇ؟ بار بولسىمۇ، مەن بىر قىز بالا. قانداقمۇ يۈزۈمنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچالايمەن؟ ئاۋۋال بىر ئويلاپ باقاي.» خېلى ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چىرايىدا يېقىملىق تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. «توغرا! ھېكمەت. تونۇشلىرىمنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا پەزىلەت، ئىلىم جەھەتتە يېتىشىدىغىنى يوق. مىجەزىمۇ ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردىمۇ ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلغان. ئەمما ئۇنىڭغا نېمە دەپ ئېغىز ئاچىمەن؟ ئەگەر ئېغىز ئاچسام ئىلگىرىكى دوستلاردەك، قېرىنداشلاردەك مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلسىچۇ؟ ئۇ مېنى نېمە دەپ ئويلار؟» ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالدى. نېمىدىگەن قىيىنچىلىق بۇ؟ بىر قىزنىڭ ئۆز بەختىنى قولغا كەلتۈرمىكى ئاسان ئەمەسكەن ئەسلى! ئەگەر بايىقى يىگىتكە تەگسىچۇ؟ بۇ يىگىتنىڭغۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى دەيدۇ، ئەمما ئۆزى ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ، ئويناپ يۈرىدىغان بىر نان قېپىمىش. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا كېيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟ ئۆزگەرتىۋالغىلى بولارمۇ؟ ياق، بۇ ئىشقا ئالدىراپ تەۋەككۇل قىلمىغۇلۇق.
ئۇ بىئاراملىق ئىچىدە تەكچىدىكى بىر كىتابنى ئېلىپ مەقسەتسىزلا ۋاراقلاشقا باشلىدى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى مۇنۇ قۇرلارغا كېلىپ توختىدى: «ھايات گويا بىر سەپەر، ئەر-خوتۇنلار بىر ئاپتونۇسقا چۈشكەن يولۇچىلاردۇر. ناۋادا ئىككىسىنىڭ مەنزىلى ئوخشىمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرى يېرىم يولدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قېلىشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، ئورتاق ئېتىقاد، ئورتاق غايە ئاساسىدىكى ئائىلە ئاندىن مۇستەھكەم بولىدۇ. بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن مۇھەببەتمۇ ھەقىقىي ۋە مەڭگۈلۈك بولىدۇ.»
ئورتاق غايە، ئورتاق ئېتىقاد؟ يەنە شۇ ھېكمەت. بۇ ئىككىسىنىڭ گېپى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىر يەردىن چىقاتتى.قىزىقىشلىرىمۇ ئوخشاپ قالاتتى.
«ئەمما ھېكمەت نېمە دەپ قالار؟ قىز بالا تۇرۇپ بۇنداق قىلسام يۈزۈمگە سەت ئەمەسمۇ؟ ئۆز بەختىمنى نابۇت قىلىپ قويارمەنمۇ؟» دېگەن خياللار بىلەن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى.
« سەن پەقەت ئۆزۈڭگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھلا تاللاۋاتمايسەن بەلكى كەلگۈسىدىكى بالىلىرىڭغا ئاتا تاللاۋاتىسەن، چوقۇم ئوبدان ئويلان! سەن ئەخلاقسىز سانىلىدىغان بىرەر ئىش قىلمىدىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ئۈچۈن تىرىش! ھېكمەت رەت قىلسا ئۇنىڭ يولى باشقا.» شۇنداق قىلىپ ئۇ قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ قولىغا قەلەم ئالدى.
خەت ماۋزۇسىز، ئاددىيلا باشلانغانىدى.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھېكمەت قانداق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ ئۆيدىكىلەرچۇ، ئوبداندۇ؟ بىز ئوقۇش پۈتتۈرگىلى يېرىم يىل بولدى، خىزمەتلىرىڭ ياخشىمۇ؟
خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مېنى مەسخىرە قىلما ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمە. بولامدۇ؟ مەنمۇ ئامالسىز بەختىم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم. مەن يەنىلا بۇرۇنقى مەن، مەنچە بەختىم ئۈچۈن بۇنداق قىلسام ئەرزىيدۇ. پەزىلىتىمدىن گۇمانلانما. بىر كىتابتا «قىزىڭنى بىر ياخشى، ئىلىملىك كىشىگە ياتلىق قىلىش ئۈچۈن، ھاياتىڭنى قۇربان قىلساڭمۇ ئەرزىيدۇ» دەپ ئوقۇغىنىم ئېسىمدە.
بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىش ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى، بىراق ئامال قانچە؟ بۇ يېرىم يىلدىن بېرى ئۆيىمىزگە كۆپ ئەلچىلەر كەلدى، ھەممىسىنى رەت قىلىۋەتتىم. ئەمما نەچچە كۈن ئاۋۋال ئانام ئەمدى بۇنداق قىلىۋەرسەم ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. سەن مېنى چۈشىنىسەن، مەن ئۇنداق باي-باياشات تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىپمۇ كەتمەيمەن، ئاددىي، خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك بىر ئائىلەم بولسا شۇ ماڭا كۇپايە. مەن كەلگۈسىدىكى ھالال جۈپتىمنىڭ پەزىلەتلىك، ئىلىملىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، لېكىن ئەلچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇ شەرتىمگە ئۇيغۇن كەلمىگۈدەك.
مۇۋاپىقراق بىرى بولسا دەپ ئويلاپ يۈرگەندە سەن ئېسىمگە كەلدىڭ. سېنىڭ پەزىلىتىڭ، ئىلىمىڭ، مىجەزىڭ، تىرىشچان روھىڭ مېنى شۇنچىلىك قائىل قىلىدۇ. مەن سېنى ھۆرمەتلەيمەن. قىزىقىش-ھەۋەسلىرىمىزمۇ ئوخشىشىپ قالىدۇ، خۇددى ئاكا-سىڭىللاردەك ياخشى ئۆتىمىز. شۇڭا مەن سېنى ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولالايدۇ، مېنى بەختلىك قىلالايدۇ دەپ ئويلاپ بۇ خەتنى يازدىم.
مېنىڭ مىجەزىم ئۇنچە مۇلايىم ئەمەس، يەنە نۇرغۇن كەمچىللىكلىرىم بار. بەزىلىرى ساڭا ئايان. مەن يەنە تاماق ئېتىشنى، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. ئەمما تىرىشىۋاتىمەن ھەم داۋاملىق تىرىشىمەن. ئاتا-ئاناڭغىمۇ ياخشى كېلىن بولۇشقا، ئۇلارغا ياخشى قاراشقا تىرىشىمەن.
ئەمدى ھېسسىيات ئىشىغا كەلسەك، ھازىرغا قەدەر مەن سېنى پەقەت دوستۇم دەپلا قاراپ كەلدىم. بىراق كونىلار ‹نىكاھ ئۇلۇغ› دېيىشىدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ بىر كۆرۈپ توي قىلىشىپ شۇنچە يىل بىللە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتىكەنغۇ؟ ئاللاھ نېسىب قىلسا بىزمۇ بەختلىك بولالايمىز دەپ ئىشىنىمەن. مەنچىمۇ ھەقىقىي مۇھەببەت نىكاھتىن كېيىن بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ھەرگىز ياسالمىلىق يوق.
چوڭلارمۇ مېنى ئانچە-مۇنچە تونۇيدۇ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ باقساڭمۇ بولىدۇ.
دوستىمىز نىگارە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ بەك تەشەببۇسكار بولۇپ كەتكەچكە ھەم ئادەمنى خاتا تاللىغاچقا بەختسىز بولۇپ قالدى. مەن ساڭا ئىشىنىمەن، ئەگەر راست تۇرمۇش قۇرۇپ قالساقمۇ سەن بۇ ئىشلارنى دەستەك قىلىۋېلىپ مېنى يەرگە قاراتمايسەن. مەنمۇ بۇخەتنى ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئەمەس، بەلكى ۋىجدانىم ۋە ئەقلىمگە تاينىپ، كۆپ ئويلىنىپ ئاندىن يازدىم.
جاۋاب خېتىڭنى كۈتىمەن. ئەگەر كۆڭلۈڭدە بىرى بولسا ياكى مېنى مۇۋاپىق كۆرمىسەڭ جاۋاب خەت يازمايلا قوي، بىر ئايغىچە سەندىن خەت كەلمىسە قوشۇلماپتۇ دەپ بىلەي. بۇ ئىشلار پەقەت ئارىمىزدىلا قالسۇن، سەن توغرا چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ باشقىلار توغرا چۈشىنىشى ناتايىن. مەن خەلقىئالەم ئالدىدا يەرگە قاراپ قېلىشنى خالىمايمەن. ئېسىڭدە بولسۇن، مەن ھەرگىزمۇ سەندىن ياردەم تىلەۋاتمايمەن بەلكى بەختىمنى ئىزدەۋاتىمەن. چوقۇم يۈرىكىڭنى تۇتۇپ توغرا قارار چىقارغىن. ماڭا ھېسىداشلىق قىلما.
يەنە بىر ئىمىدىم ئەگەر قوشۇلمىساڭمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك دوست بولۇپ ئۆتۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۆزۈڭنى ئاسرا، ئاللاھقا ئامانەت!
دوستۇڭ زىبالە.
مەنبە: ئۆزۈم.
داۋامى بار.