تەپەككۇر ئۈنچىلىرى
لىن كەي
يامان ئىشلارغا سۈكۈت قىلىش
يامان ئىشلارغا سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۈچ خىل ئېھتىمالى بولىدۇ: بىرى، ۋەھىمە-تەشۋىش؛ ئىككىنچىسى، ئامالسىزلىق؛ ئۈچىنچىسى، بۇ ئەسكى ئىش شۇ كىشىگە نىسبەتەن ياخشى ئىش.
باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق
باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغانلار: بىرى، ئۆزىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلەيدىغانلار؛ ئىككىنچىسى، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن كۆككە قارايدىغان، نەزەر دائىرىسى تار كىشىلەر؛ ئاخىرقىسى، ياماندىن قورقۇپ، ياۋاشقا مۇشت كۆتۈرىدىغانلار.
ئوخشمىغان چاۋاك چالغۇچىلار
راست سۆز ئۈچۈن چاۋاك چېلىشنىڭ سەۋەبى: بىرى، يالغان سۆزنى كۆپ ئاڭلاپ كەتكەن؛ يەنە بىرى، باشقىلار ئۆزى ئېيتىشقا پېتىنالمىغان سۆزنى قىلغان. يالغان سۆز ئۈچۈن چاۋاك چېلىشنىڭ سەۋەبى: بىرى، ئۆزىمۇ يالغان سۆزلەيدۇ؛ يەنە بىرى، ئەزەلدىن نېمىنىڭ راست سۆز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
كۆڭۈلنىڭ ئەركى
ئادەمنىڭ ئەڭ تەستە ئېرىشىدىغىنى كۆڭۈلنىڭ ئەركى، ئەڭ ئاسان يوقىتىدىغىنىمۇ كۆڭۈلنىڭ ئەركى. كۆڭۈل قارىماققا ئەڭ چوڭقۇر يوشۇرۇنغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاسان ئازار يەيدۇ.
ئۆز بىلىمىگە بولغان گۇمان
بەزىلەرنىڭ ئۆگەنگەنسېرى نادانلىشىشىنىڭ سەۋەبى: كىتابتىكى بىلىملەردىن گۇمان قىلىشقا قەتئىي پېتىنالمايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىجادىي پىكىرلىرىگە دائىم گۇمان بىلەن قارايدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى تەبئىيلىكتىن مۇقەررەرلىككە قاراپ يۈزلىنىش
ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىنى تەتقىق قىلىشى، ئۆزىنى تونۇش ئۈچۈن. ئۆزىنى پۈتۈنلەي تونۇغاندىن كېيىن ئەگىشىپلا كېلىدىغىنى بولسا تەشۋىش. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسانلار تەبئىيلىكتىن مۇقەررەرلىككە قاراپ يۈزلىنىشتىن قورقىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: F+ ? s" S2 ?, B* _مەنبە: «ئوقۇرمەن» ژورنىلى 2011-يىل 6-سان
تەرجىمىدە: نىلۇفەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نىلۇفەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 11:18 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ]( q1 i% d$ k9 m5 w) q7 y3 N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! e. y7 w" u9 S; z7 C