سەھەر ئويغانغان ئانا
شياۋجۈ
مەن ئۇخلاش ئۈچۈن كارىۋاتقا چىققاندا كەچ سائەت 11بولغانىدى،سىرتتا قار ئۇچقۇنداۋاتاتتى. مەن يوتقانغا تۈگىلىپ كىرىۋېلىپ، سائەتنى قولۇمغا ئالدىم، ئۇ توختاپ قالغانىدى — مەن باتارىيە سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپتىمەن. ھاۋا شۇنچە سوغۇق ئىدى، مەن قايتا تۇرۇشقا ئېرىنىپ، ئانامغا ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن ئۇردۇم:
«ئانا، سائىتىمنىڭ باتارىيىسى تۈگەپتۇ، ئەتە شىركەتتە يىغىن ئاچاتتىم، سەھەر تۇرۇشۇم كېرەك، سائەت ئالتىدە تېلىفۇن ئۇرۇپ مېنى ئويغىتىپ قويغىنە.» ئانامنىڭ ئاۋازى سەل بوغۇق چىقتى، قارىغاندا ئۇخلاپ بولغانىكەن، ئۇ: «ماقۇل، قوزام.» دېدى.
تېلىفۇن سايرىغان ۋاقىتتا مەن بىر تاتلىق چۈش كۆرۈۋاتاتتىم، سىرت تېخى قاپقاراڭغۇ ئىدى. ئانام تېلىفۇننىڭ ئۇ تەرىپىدە: «شياۋجۈ، تېز ئورنۇڭدىن تۇرغىن، بۈگۈن يىغىن ئاچىسەن.»دېدى. مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ سائەتكە قارىدىم، ئەمدى بەشتىن قىرىق مىنۇت ئۆتۈپتۇ. مەن تاقەتسىزلەنگەن ھالدا: «مەن سېنى ئالتىدە ئويغاتقىن دېگەنغۇ؟ يەنە ئازراق ئۇخلىۋالغۇم بار ئىدى، ئويغىتىۋەتتىڭ!» دەپ توۋلىدىم. ئاپام تۇيۇقسىز جىمىپلا كەتتى، مەن تېلىفۇننى قويىۋەتتىم.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈزـ كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، ئىشىكتىن چىقتىم. ھاۋا شۇنچىلىك سوغۇق، پۈتۈن جاھان ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدە، مەن سوغۇقتىن پۇتۇمنى توختىماي بىرـ بىرىگە ئۇراتتىم. ئەتراپ تېخى قاپقاراڭغۇ بولسىمۇ يېنىمدا چاچلىرى قاردەك ئاقارغان ئىككى مويىسپىت تۇراتتى. مەن بوۋاينىڭ مومايغا: «قارىڭە سىزنى، بىر كېچە ئوبدان ئۇخلىمىدىڭىز، نەچچە سائەت ئاۋۋال مېنى ئالدىرىتىپ، مانا نىكەم ساقلىغىلى.»
شۇ ئەمەسمۇ، بىرىنچى ئاپتوبۇس يەنە بەش مىنۇتتىن كېيىن كېلىدۇ تېخى! ئاخىرى ئاپتوبۇس كەلدى، مەن ئاپتوبۇسقا چىقتىم. شوپۇر بىر ياش يىگىت ئىدى، مەن ماشىنىغا چىققاندىن كېيىنلا ئۇ گۈرۈلدەپ مېڭىپ كەتتى. مەن: «ھەي، ئۇستام، پەستە تېخى ئىككى مويىسپىت بار ئىدى. ھاۋا شۇنچە سوغۇق، ئۇلار ساقلىغىلى نىكەم، سىز ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ساقلىمايلا ھەيدىدىڭىزغۇ؟»
ئۇ يىگىت ناھايىتى مەغرۇرلۇق بىلەن شۇنداق دېدى: «ھېچقىسى يوق، ئۇ مېنىڭ دادام بىلەن ئانام! بۈگۈن مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئاپتوبۇس ھەيدىشىم، ئۇلار پەقەت مېنى كۆرگىلى كەلگەن!» مەن ئۆزۈمنى باسالماي يىغلاپ سالدىم. دەل شۇ ۋاقىتتا دادامنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم: «قىزىم، ئاناڭ ‹مەن ياخشى قىلماپتىمەن› دەيدۇ، ئۇ كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىدى، سېنى كېچىكىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ، سەھەرلا ئورنىدىن تۇرىۋالدى.»
تۇيۇقسىز يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېكمىتى ئېسىمگە كەلدى:
«دادا بالىغا سوۋغات بەرگەندە، بالا كۈلىدۇ؛ بالا دادىغا سوۋغات بەرگەندە، دادا ياش تۆكىدۇ.»
مەنبە: «ئوقۇرمەن» ژورنىلى 2011-يىل 6-سان.
تەرجىمىدە: نىلۇفەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نىلۇفەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-23 02:44 PM