1. تاشپاقا قۇرۇقلۇقتا يۈگۈرۈشتە توشقاننى يېڭەلمەيدۇ، ئەمما سۇدا بولسا مەڭگۈ توشقاندىن تېز ئۈزىدۇ. ــــــــــ ئۆزىڭىزنى خاتا ئورۇنغا قويۇۋالماڭ.
2. قاغا ساردىن قوينى ئوۋ قىلىشنى ئۆگىنىمەن دەپ قاملاشتۇرالماي، تىرنىقى قوينىڭ يۇڭىغا ئىلىشىپ قاپتۇ. نەتىجىدە پادىچى ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ. ـــــــــــ ھەممە خىل قۇش سارغا ئوخشاش بولىۋەرمەيدۇ، ئۆزىڭىزنى تونىغاندىلا ياشاپ قالالايسىز.
3. بىر كۈنى چۈمۈلە پىل بىلەن كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپتۇ ۋە پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىدىن يۈز ھەسسە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بۇ ۋاقىتتا پىل بەدىنىدىكى لايلارنى بىر سىلكىگەنىكەن، چۈمۈلە لاينىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپتۇ. ــــــــــ رىقابەتچىنى مەڭگۈ خاتا تاللاپ قالماڭ، بولمىسا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولىسىز.
4. ئات قۇملۇقتا تۆگىگە يولۇقۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ لوكىسىنى مازاق قىلىپ: «ھەي بۇرادەر، سېنىڭ لوكاڭ نېمىدېگەن كۆرۈمسىز!» دەپتۇ. تۆگىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي يولىنى داۋام قىلىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تۆگە قۇملۇقتىن چىقىپ كېتىپتۇ، ئەمما ئات قايتىپ چىقالماپتۇ، تۆگە ئۇنىڭ جەسىتىگە قاراپ كۈلۈپتۇ. ــــــــــ باشقىلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى مازاق قىلماڭ. كىم بىلىدۇ بىر كۈنى سىز ئۇنىڭ مازاق ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالامسىز.
5. بىر ھورۇن توشقان دائىم ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىنىڭ تۈۋىدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەيدىكەن، شۇ سەۋەپتىن ئوۋچى ئۇنى ئاسانلا بايقاپ، تۇتىۋاپتۇ. ــــــــــ ئۇۋىڭىزنىڭ تۈۋىدىكى چۆپنى يەۋاتقاندا، نەتىجىسىنى ئويلاپ قويۇڭ. ئەگەر ئاقىۋەتكە تاقابىل تۇرۇشقا كۆزىڭىز يەتسە يەڭ، بولمىسا يېمەيلا قويۇڭ.
6. ئورمانلىقتا گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، توز چېمپىيون بولۇش ئارزۇسىدا تۇنجى بولۇپ تىزىملىتىپتۇ. ئەمما تۇنجى تاللاشتىنمۇ ئۆتەلمەپتۇ. ئۇ ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، باھالىغۇچى ئۆچكىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئۆچكە: «سەن قانىتىڭنى يايغاندا ھەقىقەتەن گۈزەل كۆرۈنىسەن، ئەمما ساغراڭ كۆرۈنۈپ قالىدىكەن.» دېگەنىكەن. توز ئوڭايسىزلانغان ھالدا كېتىپ قاپتۇ. ــــــــــ ئەينەككە قارىغاندا يۈزىڭىزگىلا قارىماي، باشقا جايلىرىڭىزغىمۇ قاراپ قويۇڭ.
7. يازدىكى تومۇز ئىسسىقتا تاغىل ئات دەريا بويىغا سۇ ئىچكىلى بېرىپ، سەقەنقۇرنىڭ سۇدا ئۈزۈپ ئويناۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ. (خەنزۇتىلىدا بۇ ئىككىلا ھايۋاننىڭ ئىسمىدا «ئات» مەنىسىدىكى «»خېتى بار) «سەقەنقۇر سۇدا ئوينىسا بولىدىكەن، مەن ئوينىسام بولمامدىكەن؟» دەپ ئويلىغان تاغىل ئات دەرياغا چۈشۈپتۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تىمساھقا يەم بوپتۇ. ــــــــــ ئەگەر قابىلىيىتىڭىز بولمىسد ئوينىمايلا قويۇڭ، بولمىسا جېنىڭىزنىمۇ سېلىپ بېرىسىز.
8. بىر ئۆردەك ياۋا غازنىڭ ھاۋادا ئەركىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، «مېنىڭ ئۇنىڭدىن ھېچنىمەم كەم بولمىسا مەن نېمىشقا ئۇچالمايمەن؟» دەپ ئويلاپ، تىك يارغا چىقىپ، پەسكە قاراپ ئۆزىنى ئېتىپتۇ. ئەمما نەچچە پالاقشىپلا ئۇدۇل پەسكە چۈشۈپ نېمجان بولۇپ قاپتۇ. ــــــــــ تولۇق تەييارلىق قىلماي تۇرۇپ،يەڭگىللىك بىلەن ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان بىر ساھەگە كىرىپ تەۋەككۇل قىلماڭ.
9. شىر يولۋاسنى تاغ جىلغىسىغا بېرىپ ئوۋ ئوۋلاشقا تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنىڭ يېرىمىنى بېرىشكە ۋەدە قىلىپتۇ.يولۋاس بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن قوشۇلۇپتۇ. جىلغىغا كەلگەندىن كېيىن، شىر بىردىنبىر چېكىنىش يولىنى توسىۋېتىپ، يولۋاسنى يەۋېتىپتۇ. (مەن يولۋاسنى يامان دەپ ئويلايدىغان، شىرنىڭ يولۋاسنى يەۋېتىشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ بىلمىدىم. ئەمما ئەسلى مەنبە شۇنداقكەن) ــــــــــ كۈچلۈك رەقىب بىلەن ھەملارلىشىشتىن ئاۋۋال چېكىنىش يولىنى ئويلاپ قويۇڭ.
10. بىر تاشپاقا دېڭىز ساھىلدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقاندا، بىر سار ئۇچۇپ كەلتۇ. تاشپاقا «مېنىڭ قېپىم قېلىن ۋە مۇستەھكەم، ئۇ مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ» دەپ غەم تارتماي يېتىۋېرىپتۇ. سار كېلىپ ئۇنى تۇتۇپلا كۆككە كۆتۈرۈلۈپتۇ ۋە بىر تاشلىققا كەلگەندە ئۇنى پەسكە قارىتىپ ئېتىپتىكەن تاشپاقىنىڭ ئىچ-باغرى چۇۋۇلۇپ چىقىپتۇ. ــــــــــ ئۆزىڭىزگە زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، سىزنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئادەم سىز تاش سانىغۇچە، قۇم سانايدۇ.
مەنبە : سىنا بلوگى
تەرجىمىدە : ئۆزۈم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 P& l4 F- c( _2 ^! _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' H3 t; l7 B2 g3 hتولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-9 12:02 PM):بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: l$ H6 X- f$ ~5 Y. r
7-دە، قوش تىرناق ئىچىدە بىر 马 خېتى چۈشۈپ قاپتۇ. توغرا چۈشەنگەيسىلەر!