قانلىق پاجىئە
(نىلۇفەر)
ئويلاپ باقسام يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىگە دەل تۆت يىل بولغۇدەك. بۇ ۋاقىت قىسقىمۇ ئەمەس، ئەمما نېمىشقىكىن ئۇ ئىشنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمىدىم. نېمىشقا ئۇنتالمايمەن؟ ئۇ ئىش بەك ئېچىنىشلىق بولغاچقىمۇ ياكى ئۆلۈم تەڭتۇشلىرىمغا كەلگەچكىمۇ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم~
ھەر قېتىم ئۆتمۈشنى، بالىلىقىمنى ئەسلىسەم، شۇ ئىشمۇ تەڭلا ئېسىمگە كېلىپ كۆڭلۈم بىر خىل يېرىم بولىدۇ. گەرچە ئۇ ۋاقىتتا يېشىم ئۇنچە كىچىك بولمىسىمۇ، ئۇندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن مۇسىبەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، ئۆلۈمنىڭ ياش-قېرى دەپ ئايرىمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، ئەمما ئۆلۈم تەڭتۇشلىرىمغا كەلگەندە مەن ھەقىقەتەن مەڭدەپ قالدىم.
تۈنۈگۈن بۇ ئىش يەنە ئېسىمگە كەچتى. ئىلگىرىمۇ بۇ ۋەقەنى بىر ھېكايە قىلىپ يېزىپ چىقىشنى ئويلىغان، بىراق، ياخشى يازالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، بۇ خىيالىمدىن كۆپ قېتىم ۋاز كەچكەن ئىدىم. بۇ قېتىم «مەن يا مۇسابىقىگە قاتناشمىسام بىر نېمىلەرنى قىلىپ يېزىپ باقمامدىم، ياشلارغا ئازىراق بولسىمۇ ئىبىرەت بولسا ئەجەب ئەمەس» دەپ جۈرئەتكە كېلىپ، ئاخىرى كومپىيۇتىر ئالدىغا كەلدىم. (بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزۈم ئەسەر يېزىپ مۇنبەرگە يوللىشىم، تۇرداشلارنىڭ كۆپرەك پىكىر بېرىشىنى، يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)
ئۇ كۈنى مەن تۇرىۋاتقان شەھەردە قېلىن قار يېغىپ، خېلى قاتتىق سوغۇق بولدى. مەن، دوستۇم قەدرىيە ۋە ئۇنىڭ ساۋاقدىشى نۇرىيە ئۈچىمىز مەكتەپتە گۈرۈچ تاماق يەپ زېرىكىپ، سىرتقا تاماق يېگىلى ماڭدۇق. ئۇ ئاشخانا مەكتىپىمىزدىن پىيادە ئون بەش مىنۇتلارچە يول ئىدى. مېڭىپ يېرىم يولغا كەلگەندە تېلىفۇنۇم سايرىدى، قارىسام ئۆينىڭ نۇمۇرى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،قىزىم. قانداق ئەھۋالىڭىز؟-قارشى تەرەپتىن ئانامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئانچە-مۇنچە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، «ئانا، بۈگۈن ئەجەب تېلىفۇن قىلىپ قاپسىلەرغۇ؟» دەپ سورىدىم. (مەن بىر مۇلازىمەت بېجىرگەن بولۇپ، ئۆيگە ئۇرسام ھەقسىز ماڭاتتى. شۇڭا، ئادەتتە مەنلام ئۆيگە تېلىفۇن قىلاتتىم، مۇھىم ئىش بولمىسا ئۆيدىكىلەر ماڭا ناھايىتى ئاز تېلىفۇن قىلاتتى.)
-قىزىم، بىرگەپ قىلاي قورقۇپ كەتمەڭ. باشقىلاردىن ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتمىسۇن دەپ، ئۆزىمىز دەپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
-نېمە ئىش؟ دەڭە ئەمىسە؟
-مەھەللىمىزدىكى ساۋاقدىشىڭىز ئابلاجان تۈگەپ كەتتى.
-نېمە؟ قانداق بولۇپ؟
-قاتناش ۋەقەسىدە.
-ھە؟؟؟…
*مانا بۇ بىزنىڭ ئائىلە. ئۆيدىكىلەر مېنىڭ چۇس مىجەزىمنى بىلگەچكىمۇ ياكى مېنى چوڭ بولسۇن دەمدۇ ۋە ياكى ماڭا بەك ئىشىنەمدۇ بىلمەيمەن، ئۆيدە، مەھەللىدە بىرەر ئىش بولسا ئەزەلدىن مەندىن يوشۇرمايدۇ. مەنمۇ باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بىرەر ئىشنى مەندىن يوشۇرىشىنى ياقتۇرمايمەن. بىر مەۋسۈمدىن كېيىن ئۆيگە قايتقاندا، مۇسىبەتتىن، بىرەرسىنىڭ ئېغىر ئاغرىپ ساقايغىنىدىن خەۋەر تاپىدىغان ئىش بىزنىڭ ئۆيدە يوق. ھاممام، چوڭ داداملار تۈگەپ كەتكەندىمۇ مەن مەكتەپتە ئىدىم. ئۆيگە تېلىفۇن قىلغانلىرىمدا مەھەللىلەردە نېمە يېڭىلىق بولدى سوراپ، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلاردىن خەۋەر تېپىپ تۇرىمەن. بەلكىم بۇمۇ مېنىڭ مەھەللەمگە، يۇرتداشلىرىمغا بولغان سېغىنىشىمنى ئىپادىلىشىمنىڭ بىر ئۇسۇلىدۇ!
كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش ئاقتى. شۇنداق قىلىپ تلىفۇننى قويدۇم. ئۇ ئىككىسى ماڭا سۇئال نەزىرىدە قاراپ تۇاتتى. ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن، ئانچە-مۇنچە تەسەللىي بەرگەنمۇ بولدى.
تاماقنى قانداق يېگىنىم ئېسىمدە يوق، بىر نەچچە كۈن كۆڭلۈم غەشلا يۈردۈم.
قەلبىمدە بىر سۇئال تەكرارلانماقتا، تىرىشىپ ئەسلەۋاتىمەن: «ئۇنى ئاخىرقى قېتىم قاچان، قەيەردە كۆرگەن بولغىيتتىم؟»
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.