مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: نىلۇفەر

قانلىق پاجىئە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17391
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7592
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 07:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ. دەل ھوشۇقىدىنلا ئۈزۈپ قويۇپسىز.!!! داۋامىغغا تەقەززامەن!

دەرەخ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ يوپۇرمىقى ھامان يەرگە چۈشىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 12:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي يەنە قاچان چىقار داۋامى .......................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 01:42:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا، بۇ ئۇ توغرۇلۇق قەلبىمدە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى خاتىرە.

كۆڭلۈم سەل تىنچلانغاندا ئۆيگە تېلىفۇن قىلىپ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلدىم. ھەممە ياشلار شۇنداقمۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ بىزنىڭ مەھەللىنىڭ بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى موتسىكىلىت، ماشىنا دېگەنلەرنى شۇنچىلىك تېز ھەيدەيدۇ. بەزىدە شامالدەك دېسەممۇ مۇبالىغە بولماس دەپ قالىمەن. ئاكام بىرەر يەرگە چىقىپ كەتسىمۇ، ئانام بىچارە ئۇ كەلگۈچە ئەنسىرەپ ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. بىزمۇ ئەنسىرەيمىز، ئەمما ئانا مۇھەببىتى يەنە باشقىچە بولىدىكەن~ بەزىدە ئاچىلىرىم قوشۇلۇپ ھەممىمىز ئەنسىرەپ ھەرخىل بولمىغۇر خىياللاردا بوپ كېتىمىز. ئاكام كەلگەندە بولسا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئازراق خىجىللىقتىن ئەسەرمۇ يوق ھالدا: «چوپچوڭ ئادەم نېمە ئىش بولماقچىدى، ئارتۇقچە ئەنسىرەپ» دەپ قويۇپ، ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەجابا چوڭ ئادەمگە بالا-قازا كەلمەمدىكەن؟ شۇنداق چاغلاردا شۇنچىلىك ئاچچىقىم كېلىدۇ، «ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمە» دېگەن بىر ئېغىز گەپمۇ يوق! بەلكىم ئوغۇللار بىلەن قىزلارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قارشىدىكى پەرقمۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئوخشايدۇ، دەپ قالىمەن.
تېز مىنسە ھەقىقەتەن باشقىچە بولىدۇ، ئەمما بىر دەملىك كۆڭۈل خۇشىنى دەپ جاننى دوغا تىكىش ئەرزىمدۇ؟
بۇ ۋەقەمۇ ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. ئۇ كۈنى سەئىدنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ،  ئابلاجان، دادامنىڭ بىر دوستىنىڭ ئوغلى سەئىد (تۆتىلىمىز باشلانغۇچتا بىر سىنىپتا ئوقۇغان، بىر مەھەللىدىن)  ئىككىسى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۈچى بىللە سېتىۋالغان بىر خىل كاستيۇم-بۇرۇلكىنى كىيىپ، بەكرىنى چاقىرىپ مېڭىپتۇ. بەكرىنىڭ ئاپىسى تاماق ئېتىۋاتقان ئىكەن.
-بالىلىرىم، تاماق پىشاي دېدى، يەۋېلىپ مېڭىڭلار!
-بولدى ئاچا، باشقا كۈنى يەيلى! قاراڭ ئاچا بۈگۈن بەك كېلىشكەن بوپ كېتىپتۇقمۇ؟ ھى ھى~
-شۇنداق، شۇنداق! مېنىڭ بالىلىرىم ئەزەلدىن شۇنداق كېلىشكەن. ياخشى ئويناپ كېلىڭلار بالىلىرىم، ئەمما موتۇسىكىلىتنى ئاستا مىنىڭلار، بەك دىققەت قىلىڭلار!
-ماقۇل ئاچا، چوقۇم! ئەنسىرىمەڭ~
كىممۇ بۇ سۆھبەتنى ئاچىمىز ۋە ئابلاجاننىڭ ئاخىرىقى پارىڭى بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ كىممۇ ئابلاجاننى ئاچىمىزنىڭ تامىقىنى مەڭگۈ يېيەلمەيدۇ،دەپ ئويلىغان؟ سەئىدنىڭ بۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنىنىڭ مۇسىبەتكە ئايلىنىدىغىنىنى، ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئازابقا ئايلىنىدىغىنىنى خىيالىغا كەلتۈرگەن؟ ئۇ كۈنى نۇرغۇن چوڭلار بۇ ئۈچىنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ ئۈچىنىڭ خۇشاللىقىغا، كېلىشكەن تۇرقىغا قاراپ مەسلىكى كېلىشكەن ئىدى. كۆز ئالدىدا چوڭ بولغان بالىلار ئەمەسمۇ؟ ئەمما…
ئىشلار دائىم شۇنداق ئويلىمىغان تەرىقىدە يۈز بېرىدۇ.
موتۇسىكىلىتنى سەئىد ھەيدىگەن بولۇپ، ئوتتۇرىدا بەكرى، ئارقىسىدا ئابلاجان مىنگەشكەن ئىكەن.(تەرتىپنى دەپ ئۆتۈشۈم، ئاخىرىدىكى ۋەقەلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك) ئۇلار شۇنچىلىك تېز كېتىۋاتقاندا، ئالدى تەرەپتىكى بىر كوچىدىن لىققىدە يۈك بېسىلغان چوڭ بىر يۈك ماشىنىسى كەينىچە چىقىپ قالدى. سەئىد تەمتىرەپ قالدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمدى تورمۇز قىلىش ئۈلگۈرمەيدۇ، ئارىلىق شۇنچىلىك يېقىن. بولدى تېزرەك مېڭىپ، يانداپ ئۆتۈپ كەتسۇن~ ئۇ رولنى تېز سۈرەتتە يانغا ئۇرۇپ، سۈرەتنى تېزلەتتى.
ئەمما ئۇ خاتالاشقان ئىدى. پاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇلار ماشىنىغا سوقۇلدى. سۈرەك بەك تېز ھەم سوقۇلغاندىكى بېسىم بەك چوڭ بولغاچ، ئارقىدا ئولتۇرغان بەكرى تۆت-بەش مېتىر نېرىسىغا قاڭقىپ تاش ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتتى. قالغان ئىككىسىمۇ قانغا مىلەنگەن ھالدا، ماشىنىنىڭ ئاستىدا ياتاتتى.
تەرەپ-تەرەپتىن كىشلەر يۈگۈرۈپ كەلدى، جىددى قۇتقۇزۇشقا، قاتناش ئەترىدىكىلەرگە تېلىفۇن قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى.
مەھەللىسىدىكى ياشلار، ئۇرۇغ-تۇققانلار خەۋەر تېپىشىپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابلاجان دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندىلا جان ئۈزگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ياشانغان ئاتا-ئانىسى ئۆزىنى يوقىتىپلا قويدى. بەكرىنىڭ بىر پۇتى ئىككى، يەنە بىر پۇتى بىر يەردىن سۇنغان، سەئىدنىڭ سەل بىر قولى سۇنۇپ، مېڭىسى ئېغىر سىلكىنگەنىكەن. باشقىلارنىڭ دېيىشىچە ئارقىدا ئولتۇرغان ئادەم كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئالدىدىكىسىدىن ئېغىر يارىلىنىدىكەن، راستمۇ بىلمەيمەن~
بەكرى ھوشىغا كېلىپلا، ئىنتايىن زەئىپ ئاۋازدا:
-ئاپا، ئۇلار قانداقراق؟- دەپ سورىدى.
نىساخان ئاچا ئىككىلىنىپ قالدى، نېمە دېيىش كېرەك؟ راستىنى ئېيتسۇنمۇ؟ ياق، ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، سەل ئەسلىگە كەلگەندە دېسۇن~
-ئۇلارمۇ خېلى ياخشى بالام، ئەنسىرىمىگىن.
لېكىن سەئىدنىڭ ئەھۋالى سەل غەلىتە ئىدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا ئەلەڭل