مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: نىلۇفەر

قانلىق پاجىئە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 12:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلبىمدە بىر سۇئال تەكرارلانماقتا، تىرىشىپ ئەسلەۋاتىمەن:  «ئۇنى ئاخىرقى قېتىم قاچان، قەيەردە كۆرگەن بولغىيتتىم؟»

«ئۆلۈم ھەقىقەتەن ياشقا قارىمايدىكەن،ئۇ تېخى ياشلا ئىدىغۇ؟ بەلكىم 21~22ياشلاردىدۇ؟ »  
بەزىلەر مېنىڭ بۇ ئۆلۈمدىن بۇنچە ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قوياي دېگىنىمگە قاراپ بۇقىز بىلەن ئابلاجاننىڭ بىرەر باشقىچە مۇناسىۋىتى بارمىدۇر دەپ ئويلاۋاتقاندۇ بەلكىم. ياق، ئۇ پەقەتلا مېنىڭ ئادەتتىكى بىر ساۋاقدىشىم. بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، باشلانغۇچ ئالتە-يەتتە يىل (تەييارلىقنى قوشقاندا) بىر سىنىپتا، ئوتتۇرا مەكتەپتە پاراللېل ئوقۇغان ساۋاقدىشىم.
*   *   *
ھېلىمۇ ئېسىمدە، باشلانغۇچ ۋاقىتلىرىمىزدا، ئۇ پۇتبول تېپىشكە بەك ماھىر ئىدى. بىر قېتىم ئۇ يىقىلىپ پۇتىنى سۇندۇرىۋالغاندا، بىز پۇتبول مۇسابىقىسىدە يەنە بىر سىنىپقا ئۇتتۇرىۋېتىپ، نەچچىمىز «ئەگەر ئابلاجان بولغان بولسا بەلكىم ئۇتۇۋالاتتۇق» دەپ يىغلاپ كەتكەنىدۇق.
يېشىمىز سەل چوڭايغاندا ھايا، پەردىشەپ يۈزىسىدىن ئانچە ئالاقە قىلماس بولدۇق. ئەلۋەتتە، ئۇچرىشىپ قالغانلىرىمىزدا، ئاللاھنىڭ سالامىنى قىلىپ، بەزىدە ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ قوياتتۇق.
ئۇ بويى ئېگىز، بەستلىك، بۇغداي ئۆڭ، خۇشخۇي، ئاقكۆڭۈل بىر يىگىت ئىدى.(ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن~) تۇلۇقسىزدىن كېيىن ئۇ ئوقۇمىدى، مەن ئۇنى بەزىدە مەھەللىدە كۆرۈپ قالاتتىم. بەزىدە ئۇ دېھقانچلىق سايمانلىرىنى سوراپ بىزنىڭ ئۆيگە كىرەتتى. دادامنىڭ ئۇنى «بەك قولى ئەپلىك، چوڭ ئادەمدەك پۇختا ئىش قىلىدۇ»، «چوڭلار بىلەنمۇ بەك چىقىشىدۇ» دەپ ماختىغىنى ئانچە-مۇنچە ئېسىمدە.

«نېمىشقىمۇ ئوقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىم بىلەن ئوبدانراق خوشلىشىۋالمىغاندىمەن؟ كىممۇ بەزى ئۇچرىشىشلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىش بولۇپ قېلىشىنى ئويلىغان؟ ھېچبولمىسا قىز ساۋاقداشلىرىم بىلەن بولسىمۇ خوشلىشىۋالسامچۇ؟ ئەمدى پۇشايمان قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟»
«بولدىلا، ھەممە ئىش ئۆتتىم ئەمدى ئىزىغا كېلەمتى. ھە راست، ئۇنى ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆرگەن بولغىيتتىم؟»
ھە توغرا ئاشۇ قېتىم. بىراق ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شۇمۇ جەزىملەشتۈرەلمەيمەن. ئۇ كۈنى،چاقىرىقنى تاپشۇرىۋېلىپمۇ ياكى ئارزۇ تولدۇرۇپمۇ قايتىپ كېلىۋاتاتتىم. ئەمما شۇنچە ساقلىساممۇ ئاپتوبۇس كەلمەي، پىيادە مېڭىپ تۇردۇم. پات-پات ئارقامغا قايرىلىپ ئاپتوبۇسقا قاراپ قوياتتىم.
بىر چاغدا ئارقامغا قايرىلسام، يېقىنلا يەردە ئىككىيلەن بىر ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ھەيدەپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇلار يېقىنلاپ كېلىپ توختىدى. ئۇلارنىڭ بىرى ئابلاجان، يېنىدا ئولتۇرغان بويى پاكارراق، ئورۇق، كۆزلىرىدىن شوخلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان يەنە بىرى بولسا ئابلاجان بىلەن ئوخشاش بىر مەھەللىلىك ساۋاقدىشىم بەكرى ئىدى. (ئىككىسى قاتناش ۋەقەسىگە بىللە ئۇچرىغان ئىكەن)
-چىقىۋالامسىز؟ ئالغاچ كېتەيلى.
-بولدىلا، ئاۋارە قىلماي.
-قىززىققۇ سىز، نېمە ئاۋارىچىلىك بولسۇن؟ ياراتمايۋاتىسىز ھە!
-ياقەي، نەدىكىنى.  
ئۇنداق دەۋاتسا مەن يەنە قانداق رەت قىلاي. شۇنداق قىلىپ ئۇلار مېنى ئالغاچ كەلدى. ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ بىرەر يەردە ئىشلەپ كەلگىنىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئەمما ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ھېچ ھارغىنلىق كۆرۈنمەيتتى، ھەر ئىككىسىنىڭ يۈزىدە كۈلكە.

ھە راست، ھېلىقى كۈنى قوشنام ۋە تۇغقىنىم ئابدۇرېھىمغا ئەھۋال سوراپ تېلىفۇن قىلغاندا، ئۇ ئابلاجانمۇ يېنىمدا بار، سىزگە سالام ئېيتتى، دېگەندەك قىلغان. نېمىشقىمۇ شۇ كۈنى بىرەر ئىككى ئېغىز ئەھۋاللىشىپ قويمىغاندىمەن؟
توغرا، بۇ ئۇ توغرۇلۇق قەلبىمدە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى خاتىرە.

داۋام يوللىنىدۇ~
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نىلۇفەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 12:49 PM  


قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6716
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 02:33:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق پاجئەلەر ئادەم قەلبىدە مەڭگۇ ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاشراق ئىشلار كۆرۈلسىمۇ شۇ ئىشلار ئەسكە كىلىدۇ. ئەي تەقدىر نىمىمۇ دەي.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12398
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32452
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 02:45:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىدىكى ئەسكەرتىش ئەسەرنىڭ جەلپ قىلارلىقىنى ئاشۇرۇپتۇ.....

ئەسىر تىلى چۈشىنىشلىك،راۋان چىقىۋاتىدۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 984
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 03:15:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.داۋامىغا تەشنامىز.

ئىت قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا كىتىۋىرىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110873
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 03:31:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا..ھازىر ئاپامدىن تىلفۇن كىلىپ بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ،مەندىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇغان بالىنىڭ تۇيۇقسىزلا تۈگەپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ .كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم ھالدا بۇ ھىكايىنى ئۇقۇۋاتسام،،بۇ ھىكايىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال يىزىلىپتۇ...مۇشۇنداقمۇ توغرا كىلىپ قالغان بامۇ؟ توۋا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110517
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 03:56:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتىدە؟   يەپ بۇلۇپلا يىزىۋىتىڭ-ھە...قىزىقىپ قالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 06:54:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ياخشى باشلىنىش بۇلۇپتۇ، قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ..

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1832 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 07:09:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ يازمىڭىزنى   ئوقۇپ ، تۇلۇقسىزدا  ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىمىز    بىزگە   دىگەن بىر تەمسىل ئىسىمگە كەپ قالدى   .     «    كەتكەنلەرغۇ كىلەر بىر كۈنى ،   كەلمەيدىكەن  كەتمەنلەنگەنلەر .   »      

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 08:17:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 07:09 PM
بۇ يازمىڭىزنى   ئوقۇپ ، تۇلۇقسىزدا  ئەدەبىيات ئوقۇتقى ...

مەن ئۇ تەمسىلنى بەك ياقتۇرىمەن~

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 08:18:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھرىما يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 06:54 PM
بىر ياخشى باشلىنىش بۇلۇپتۇ، قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ..

رەھمەت، كۆپرەك تەكلىپ بېرەرسىز~

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش