بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى سۆيگۈ
فاڭ فاڭ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 D& |& ?4 Q: F4 t2 Tنەچچە يىل ئىلگىرى، مەن خۇازى بىلەن بىرلىكتە سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىغا زىيارەتكە باردىم. بىر كۈنى بىز بىر مەكتەپكە باردۇق، مەكتەپتىكى پىدائىي ئوقۇتقۇچى ئۇ كۈنكى دەرسنىڭ تېمىسىنى «غايە ۋە سۆيگۈ» قىلىپ بېكىتكەن ئىكەن. دەرس ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى خۇازىنىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خۇازى مۇنداق بىر ھېكايە ئېيتتى:
ئىلگىرى، بىر ئاشلىق ئامبىرىدا نۇرغۇنلىغان چاشقانلار باربولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ئاشلىقلارغا زىيان سالىدىكەن. بىر كۈنى كەنتتىكى كىشىلەر چاشقانلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىپتۇ. ئۇلار ئىسلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، چاشقانلارنى ئامباردىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. بۇ كۈنى، ئىسلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى ئامبارغا كىرىپ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ كىرىپ، كۆپىنچە چاشقانلارنىڭ ئىشىكتىن قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ، ئەمما، يەنە ئىككى چاشقان ئامباردا قاپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، جېنىنىڭ بارىچە تامنىڭ بۇلۇڭىغا قاراپ يۈگۈرسە، يەنە بىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى ئىشىككە قاراپ تارتقىلى تۇرۇپتۇ. تامنىڭ بۇلۇڭىغا يۈگۈرسە ئەلۋەتتە ھالاك بولىدۇ؛ ئىشىكتىن چىقىسا ھايات قالىدۇ. ئۇ چاشقان نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئاتىدۇ؟ بىر كىشى ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، تام تەرەپكە يۈگۈرگەن ئۇ چاشقاننىڭ قارىغۇ چاشقان ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. شۇندىلا كەنت ئاھالىسى يەنە بىر چاشقاننىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئۇ قارىغۇ قېرىندىشىنى قۇتقۇزماقچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ.
ئوقۇغۇچىلار بۇ ھېكايىدىن تەسىرلىنىپ، بەس-بەستە ئۇ چاشقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدى. بەزىلەر ئەر-ئايال دېسە، بەزىلەر ئاكا-ئىنى، بەزىلەر ئاشىق-مەشۇق، يەنە بەزىلەر ئانا-بالا دېيىشىپ، بىر خۇلاسىگە كېلەلمىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر جۈملە سۆزى ھەممىمىزنى داڭ قالدۇردى.
«نېمىشقا چوقۇم مۇناسىۋىتى بولىشى كېرەككەن؟» دەپ سورىدى بالا .
ئىلاۋە: ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقىي ئىنسانىي سۆيگۈ شۇنداق بولىدۇ: دۆلەت، مىللەت، ئىرق، دىن، تۈر… ئايرىمايدۇ.
مەنبە: «ئوقۇرمەن» ژورنىلى 2011-يىل 6-سان.
تەرجىمىدە: نىلۇفەر
(مەن تېخى يېقىندا ئۆزۈم ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى ئانچە-مۇنچە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم، تورداشلارنىڭ كۆپرەك يول كۆرسىتىشىنى، خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نىلۇفەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 02:32 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 `3 q: y, ]: m0 {
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 r, a- I0 g! H