مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 909|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەققانىي: «كەسپى ئائىلە» (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36934
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5730 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي

«كەسپى ئائىلە»

(ھىكايە)

«ھىلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس»

-     خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن.

-     **

مىھمان-زالىم. ئۆيۈمگە ئەزىز مىھمانلارنىڭ كېلىدىغانلىق خەۋىرى

بىر ھەپتىدىن بىرى مىنى قۇمدا پۇتى كۆيگەن ئادەمدەك تىنىم تاپماي يۈگۈرتمەكتە.مىھمان كۈتۈش تەييارلىقىغا كېتىدىغان ئۇششاق-چۈشەكلەرنى تەييارلاپ بولۇپ،بۈگۈنكى يەكشەنبىدە سىمىز پاخلاندىن بىرنى ئالىدىغان ئىشلا قالغانىدى.شوڭا تەپتىدىن ئوت يېنىپ تۇرغان تۇمۇز ئىسسىققا قارىماي،مال بازىرىغا چاپتىم.

  - سودا قىلىشمۇ بىر ھۈنەر،-دەيتتى ئاغىينىلەر،-بۇ ھۈنەرنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويساق بولغىدەك.

ئاغىنىلىرىمنىڭ بۇ گىپى ئىسىمگە كىلىپ سودىغا پىششىقراق بېرەرسىنى تاپاي دىگەن نىيىتىمدىن يالتىيىپ،بۈگۈنكى سودىنى ئۆزۈم بىر قىلىپ بېقىپ بۇنىمۇ ئۈگۈنۈپ قوياي زادى دىگەن نىيەتكە كەلدىمدە چارۋا بازىرىغا شۇڭغۇپ سودا قاينىمىغا كىرىپ كەتتىم.

مىنىڭ قوزا-پاخلانلارغا قاراپ تەنھا بازار ئارىلاۋاتقان قىياپىتىمنى كۆرگەن ساتارمەنلەر ھە دەپ ئۆز مېلى ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىشاتتى.

-كەلسىلە،كەلسىلە...قوي ئالاملا؟ مانا ماۋۇ ئۆز قولۇم بىلەن باققان پاخلان.....

ـ  مانا بۇ قوينى كۆرۈپ باقسىلا،ئۈچ ۋاق ھەلەپكە تۇز قوشۇپ بىرىپ باققان قوي،گۈشى بەك تەملىك...

- مانا ماۋۇ ئەركەك قوي،ئۆزلىرىمۇ خېلى ئەركەك يىگىتتەك تۇرىلا،كەلسىلە...كەلسىلە..سودىدا كىلىشىپ قالىمىز.

-  كەلسىلە..كەلسىلە...قوي بولسىلا ھىساپ ئەمەس،مانا بۇ قوي گاڭ كۆممە قوناقتا باققان قوي،

- مانا بۇ مەكىتنىڭ قۇيى،قېنى كەلسىلە،ئالمىسىلىمۇ كۆرۈپ قويسىلا،....

تەرەپ-تەرەپتىن چاقىرىشلار مىنى سەل گاڭگىرىتىپمۇ قويدى،لېكىن مەن بازار ئارىلاپ كېتىۋەردىم.كىتىۋېتىپ توساتتىن مۆمىن چىراي بىر كىشى تۇتۇپ تۇرغان بەش-ئالتە قوينىڭ ئىچىدە يۇڭلۇق ئالا پاخلاندىن بىرسىگە كۆزۈم چۈشتى-دە،ئۇدۇللاپ پاخلاننىڭ قېشىغا كەلدىم.پاخلاننىڭ دۈمبىسىنى تۇتۇپ كۆرۈپ مىھمانغا يارايدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ مال ساتقۇچىدىن سورىدىم:

- قېنى ماۋۇ پاخلانلىرىغا نىمە دەيمىز؟،-مال ساتقۇچى كەم سۆز ئادەمدەك كۆرۈنەتتى،ئۇ باشقا ساتارمەنلەرگە ئوخشاش ۋاقىراپ-جاقىراپمۇ كەتمەي بىرخىل جىمىخورلۇق بىلەن باش-ئايىقىمغا ئوبدان بىر سەپ سېلىۋەتكەندىن كىيىن سۆزگە كىرىشتى:

- قوينى ئوبدانراق كۆرۈپ باقسىلا ئۇكام،قارىغاندا خېلى مال تونۇيدىغان يىگىتتەك تۇرىلا،باھانى ئاسمان-پەلەك قويىۋالغاننىڭ پايدىسى يوق-،ئۇ بېشىنى قاشلاپ ئۇيان-بۇيان قاراپ قويۇپ سۈزىنى داۋام قىلدى،-پاخلانغا بىرمىڭ ئالتە يۈز كوي بىرىلا.

- سىلىمۇ يامان دىمىدىلە،-دىدىم مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ رازىمەنلىك بىلدۈرۈپ،-ساتارمەننىڭ مېلىنى كەمسىتكەن ئىش ئوبدان ئىش ئەمەس،قويلىرغا بىرمىڭ ئۈچيۈزنى سانايمۇ؟-دىدىم مەن ناھايتى ئالدىراپ.باھادا سەل تىز كەتتىممۇ قانداق دىگەن ئوي بىلەن ئەتراپىمغا قاراپ قويدۇم.

ئىككىمىزنىڭ سودىسىنى تاماشا قىلىۋاتقان بازارچىلار غۇژژىدە ئەتراپىمىزغا ئولاشتى،سالا باشلىنىپ كەتتى.

-     ئوبدان دىدى،بىرىۋېتەيلى...

-     يەنە يۈزنى قوشىۋېتىڭە يىگىت....

-     بوپتۇ يەنە يىگىرمىنى قوشسۇن...

-     ئەللىك كوي......

-     ......

-     .....

لىكىن ساتارمەن ھېچكىمنىڭ سالاسىغا كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،دەل شۇ پەيتتە شاپ بۇرۇت بىر سالاچى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-     قوللىرىنى ئەكەسىلە،-دىدى ئۇ ساتارمەننىڭ قۇلىنى تارتىپ،ئىككىسى قول ئىشارەتلىرى بىلەن بىر نەرسىلەر دىيشىۋىدى،ساتارمەن يەنىلا باش چايقىدى.شاپ بۇرۇت سالاچى ئاچچىقلانغان قىياپەتتە ماڭا قاراپ:

-     ئۇكا ئەكەسلە،پۇللىرىنى سانىسىلا،-دىدى.

-     مەن ئۇ ئادەمگە ئۆزۈمنىڭ باشتا دىگىنى بۇيىچە بىر مىڭ ئۈچيۈزكوي ساناپ بەردىم.شاپ بۇرۇت پۇلنى ساناپ كۆرگەندىن كىيىن ماڭا قايرىلىپ نارازى بولغان قىياپەتتە:

- ئۇكا، بۇ ئىشلىرى بولماپتۇ،يەنە يۈزنى سانىسىلا،-دەپ بۇيرۇق ئاھاڭدا سۆزلىدى،مەن ئۆزۈمچە كۈندە بازاردا يۈرۈپ ئېلىم بىرىمغا ئۇستا بوپ كەتكەن بۇ كىشىلەر قوينىڭ ئەھۋالىنى پەملىمىسە مۇنداقمۇ دىمەس،دەپ ئويلۇدۇم-دە،يەنە يۈز كوينى قۇلىغا تۇتقۇزدۇم.شاپ بۇرۇت بىرمىڭ تۆت يۈز كوينى قوي ئېگىسىگە تۇتقۇزىۋىدى،ئۇ يەنىلا بېشىنى چايقاپ ئۇنىماي قويدى.ئەتراپتىكىلەرنىڭ سالاسى يەنە قىزىشقا باشلىدى:

- يەنە ئەللىكنى قوشىۋېتىڭە يىگىت....

-     ياق...يۈز دەڭلا...يۈز...

-     لىكىن بۇنىڭغىمۇ ساتارمەن يېقىن كەلمەي كەينىگە داجىشقا باشلىدى.شاپ بۇرۇت يەنە ئوتتۇرىغا چۈشتىدە سالادا كۈچەشكە باشلىدى:

- ئۇكام،بۇ قوينىڭ كېمى مەلۇم بوپ قالدى،يەنە يۈز كوي ئالسىلا،بىر مىڭ بەشيۈزكوي،سودا پۈتۈنلا بوپ كەتسۇن زادى ئاسلا..ئاسلا،- مەن قوينىڭ بەك قىممەت كىتىشىدىن ئەنسىرەپ يەنە يۈز كوينى يانچۇقتىن چىقارغىم كەلمەي كەينىمگە داجىدىم.شۇ چاغدا قاياقتىندۇر بىر ئايال پەيدا بولدى-دە،مىنىڭدىن سورىدى:

- يىگىت،سىز سودىدىن ياندىڭىزمۇ؟

- ياندىم.-مەنمۇ كەسكىن جاۋاپ بەردىم.لىكىن قويدىن كۆزۈمنى ئۈزمەيتتىم.

- بوپتۇ،-دىدى ئايال،-ئەگەر سىز سودىدىن يانغان بولسىڭىز بۇ سودىغا ئۆزۈم چۈشىمەن،- دىدى-دە ساتارمەنگە سۆزلەشكە باشلىدى:

- خوتۇن كىشى جېنىمدا سىلى بىلەن بىر سودا قىلىپ باقاي،نۇرغۇن خېرىدارنى قاچۇرىۋەتتىلە،مەن بىلەن سودىدا كىلىشەلمىسىلە،سىلە بىلەن كىلىشەلەيدىغان خېرىدار بۇ بازار تەۋەلىكىدىن چىقمايدۇ،قويلىرىنى ماۋۇ ئۇكام بىرمىڭ تۆتيۈز قىلدى،مانا مەن بىرمىڭ بەشيۈزنى بېرىمەن،ئەكەسلە!

-ياق..ياق كەم بولىدۇ،-ساتارمەن تېخىمۇ چىڭ سۆزلەيتتى.

- ۋاي ئاتام..ئەجەپمۇ چىڭ تۇرۇپ كەتتىلە بۇ سودىدا،«ئۆردەك غاقىلدىسا،پاقا ۋاقىلدارمىش»دەپتىكەن،بولدى،بىرمىڭ بەشيۈز ئەللىك كويغا بەردىلىمۇ؟

- ياق،كەم بولىدۇ.

- دىگەنلىرىگە بەرمىسىلە ئۇنىمايدىغان جاھىل ئادىمىكەنلا،قوينى ئەكەسلە. بىرمىڭ ئالتە يۈز،-ئايال غالىپلارچە گېدىيىپ ئەتراپقا قارىدى،

-بوپتۇ ئالسىلا خېنىم،ئوغۇل بالىدەك ئايالكەنلا،قويغا ئۆزۈم باشتا ئەرزان باھا قويۇپ قويۇپتىمەن.ئېغىزىمدىن چىقىپ كىتىپتۇ،بىرىۋېتەي.

-بەرگەن بولسىلىرى ئالدىم،-ئايال ئىچ يانچۇقىدىن پۇل ئېلىشقا تۇتۇندى،دەل شۇ پەيتتە يىگىرمە ياش ئەتراپىدىكى گازىر يۈز،كۆزلىرى قىسىق،بۇرنى پاناق بىر يىگىت توپ ئىچىدىن سالاچىلار ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ سۆزلەشكە باشلىدى:

- خالايىق، ئىش خاتا بولمىسۇن،قوينىڭ سودىسى ئەمدى پىشتى.دەسلەپتە قويغا كۈزى چۈشكەن يىگىت مانا بۇ،-يىگىت مۈرەمگە قېقىپ تۇنۇشتۇرۇشقا چۈشتى،-بىراۋ قىلغان سودىنى بۇزۇپ مال ئالساڭ ئاش بولماي قالىدۇ،«بازارغا بارساڭ بۇرۇن بار،بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار»دەپتىكەن،ئاچا،سىلى ئوغۇل بالىدىن قېلىشمايدىغان نوچى ئايالكەنلا،ئاخىرىغىچە مەرتلىك قىلاي دىسىلە سودىنى ھېلىمۇ مۇشۇ يىگىتكە ئۆتۈنۈپ بەرسىلە قانداق؟

- «قاش بىلەن كۆز جايىدا بولسا،باشقىسى بازاردا»دىگەن گەپ بار ئۇكا،پۇلۇڭ بولسا بازاردا قوي دىگەن جىق،سودا بۇ ئۇكامدىن ئاشقاندا ئۆزۈم چۈشتۈم،ھېلىمۇ مۇشۇ ئۇكامدىن قالسۇن،يەنىلا ئۆزۈم ئالىمەن دىسە مانا قوي،ئالمايتتىم دىسە مەن ئالىمەن،-ئايال ئۈزىنى تولىمۇ مەغرۇر كۆرسۈتۈشكە تىرىشاتتى.ئايالنىڭ بۇ ئەلپازى راستىنى ئېيتسام مىنى سەل-پەل تەمتىرىتىپ قويىۋاتاتتى.بىر خوتۇن كىشىچىلىك قورقماي سودا قىلالمىسام مىنىڭ نەرىم ئەركىشى بولسۇن!بۇ ئايالنىڭ نوچىلىقى ئەرلىك غۇرۇرۇم ئۈچۈن ھاقارەتتەك تۇيۇلدى-دە:

-بولدى ئالدىم!-دەپ ۋاقرىۋەتتىم.بىرمىڭ ئالتە يۈز كوينى ساناپ بىرىپ قوينى يىتىلەپ چىقىپ كەتتىم.

مىھمان كەلگەن كۈنى ئالدى بىلەن سودىدا ئۇتقان ياكى ئۇتتۇرغانلىقىمنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن گۆشنى جىڭلاپ ھىساپلاپ كۆرسەم بۇ پاخلاننىڭ سودىسىدا نەق بەش يۈزكوي ئۇتتۇرۇپتىمەن.نەدىن كەلدى ھېلىقى كاسكى خوتۇن؟شۇ كاززاپ خوتۇن كەلمىگەن بولسا مەن بۇ سودىدىن يانغان ئەمەسمىتتىم،ھەي

ئىسىت...ھەي ئىسىت..ئايالىمنىڭ تاپا-تەنىسىنى دىمەمسىز تېخى،

زىيان دىگەن ئاچچىقكەن،شىرىقلاپ تۇرغان بۇ بەشيۈزكوي ئاز پۇلمىدى؟ ئويلىغانسىرى زىيان ئىچىمنى زەھەردەك ئېچىشتۇراتتى.

**   **

  بۇ ئىش يۈز بىرىپ ئارىدىن بېرەر ئاي ئۆتمەيلا يانتو توغراق كەنتىگە يېزا خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنىپ ئائىلە سۆھبىتىگە كىرىشىپ كەتتۇق.بىر ئائىلىگە كىرگىنىمدە ئۈچ نوپۇسلۇق بۇ ئائىلىدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا قاراپ ھاڭ-تاڭ قالدىم.ھەيران قالغىنىمنى بىلىندۈرمەي ئۇلارنىڭ ئىسىم-پامىلىسىنى،ئائىلە ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ چۈشەندىم. ئۇلارنىڭ بىرسى ماڭا قوي ساتقان ئادەم- بەكرى سوك-سوك،يەنە بىرسى بەكرى سوك-سوكنىڭ ئايالى،قوي سودىسىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھېلىقى خوتۇن-نىسا جاڭ-جاڭ،ئۈچۈنچىسى بولسا بۇ ئايالدىن سودىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بىرىشكە دەۋەت قىلغان گازىر يۈز يىگىت،ئۇلارنىڭ ئوغلى-تۇرەك پەيدا ئىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 02:24 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 E$ r% u% K. S- A* t
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! }- @# j3 O3 Y" t5 y% S

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36934
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5730 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
2#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
قۇرلىرى تەتۈر چىقىۋاپتۇ.تەڭشەشنى بىلەلمىدىم.بىلىدىغان باشقۇرغۇچىلار تەڭشەپ قويغان بولساڭلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4634
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1463 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-2-27
3#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
سودىدا سىز كېلىشەلمەسلىكنى پەم قىلغاندا ئۈچىنجى بىرى پەيدا بولىشىغا قاراپ بۇ سودىدا ئويۇن باركەن دەپ تەخمىن ئەتسىڭىز بولاركەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ y- c! v; S5 x" C$ @6 m& b

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 f0 \) ^' {; @( ^- V- Hزادى ھەر قانداق سودىدا ئالارمەن دىتىغا كەلمەي قىلىشىغا باشقا بىر نوچى پەيدا بولۇپ ئالارمەننىڭ ئىچىنى قىزىتىشقا ئالدىرايدۇ.بۇ چاغدا سىز بۇ سودىدىن يانسىڭىز تەلىيىڭىز.يانماي سىيىت نۇچىدەپ يۈرسىڭىز زىيىنىنى تارتىشىڭىز ئىنىق.بۇ سالاچىلىقنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق ئەھۋالدا قۇرۇلغان بولىدىكەن.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1823
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 911 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-2-27
4#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگنىڭ دىگەن شۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئەر كىشى ئانچە - مۇنچە بازار كۆرۈپ تۇرمىسىمۇ بولمايدۇ.  بازار كۆرسە « دېت » دېگەن بىر نەرسە ھاسىل بولىدۇ، ئاۋۇ كىشىدەك دېتسىز، پەمسىز بولۇپ قالمايدىغان گەپ... ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ، ۋەقەلىكىمۇ ناھايتى راۋان، ئەمەلىي بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 975
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-2-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ئاخرقى قۇرلارنى ئوقۇپ كۇلىۋەتتىم ھەجەپ قىزىق چىقىپتۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 X" G4 {3 b& o6 q
ئەسەرنىڭ تىلى راۋان يۇمۇرۇستىك چىقىپتۇ ئملا خاتالقىغا دىققەت قىلسىڭىزلا بولغىنى

I LOVE YOU WORLD'S

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-2-28
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بىر ئەۋلاد ئالدامچىلارنىڭ قولىغا چۈپسىز دەڭە

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-2-28
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مەن بۇرۇنلا بىلىپ قالغان بۇنداق ئالدامچىلىقلارنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3411
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12719
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1037 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-2-27
9#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
توۋا مۇندا ئىشلارمۇ بولدىكەن، ئا بىرئۆيلۈك ئالدامچىلار ئارتىستلىقتا يېتىشكەن ئالدامچىلاركەن دىسە

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12323
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32697
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4399 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-28
10#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تىلى يۇمۇرىستىك،جەلپ قىلارلىق چىقىپتۇ....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  d; Z, s* C* z- pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 a' Z( R, r: p+ Q- r' l8 ^
‹‹مەن››نىڭ ۋە  بىر ئائىلىلىك ئۈچ كاززاپنىڭ تەسۋىرلىرى جايىدا....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش