مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1016|ئىنكاس: 26

ھەققانىي: دۈشمىنىم(11) (ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 02:58:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۈشمىنىم (11)
(ساتىرا)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي

سەت ئىش تۇرسا ئۈيىدە،تىرىكمەيمىش دۈشمىنىم،
ئەمما مىنى تىللاشتىن،زىرىكمەيمىش دۈشمىنىم.
**
توۋا!دەيمەن، خۇي-پەيلى،ئەجەپ غەيرى،ئەجەپ كاج،
كۆپلەر بىلەن مېجەزى،كىلىشمەيمىش دۈشمىنىم.
**
ئامراق ئىكەن ئاداۋەت،جېدەل،غەلۋە-غۇدۇرغا،
شوڭا داڭگال ئېيتىشتىن،ئىرىنمەيمىش دۈشمىنىم.
**
نەدە قارغىش،جەڭ-نىزا،بولسا پىتنە-شىكايەت،
يۈگرەر ئىكەن شۇ جايغا،كىچىكمەيمىش دۈشمىنىم.
**
سەندىن-مەندىن كۆرەركەن،ھەتتا جۈدەپ قالسىمۇ،
بۇ دىياردىن يوقالسام،سىمىزلەيمىش دۈشمىنىم.
**
غەيۋەتلەردىن بەك يىراق،ئۆز ئىشىمدا يۈرسەممۇ،
مىنى كۆزگە سانچىلغان،بىگىز دەيمىش دۈشمىنىم.
**
خاتا ئويلاپ قاپتۇ زەپ،توساقمىشمەن يۇلىغا،
مەن بولمىسام شان قۇچۇپ،ئىلگىرلەيمىش دۈشمىنىم.
**
ئۆسمىسىمۇ بوي-بەستى،مەندىن ئىزدەر سەۋەپنى،
يىراق كەتسەم بوي تارتىپ ئىگىزلەيمىش دۈشمىنىم.
**
بالا-قازا كەپ قالسا،ماڭا ئەگەر پاتمانلاپ،
ئىچ-ئىچىدىن شاتلىنىپ،يىنىكلەيمىش دۈشمىنىم.
**
ھەپتىسىگە بىر-ئىككى ئادەم بىلەن چۇقۇشۇپ،
ئېغىزىدا«ئىناقلىق»«بىرلىك»دەيمىش دۈشمىنىم.
**
كىممۇ خۇشتار دەيسىلەر،مۇنداق نېجىس غەيۋەتكە،
ھەق سۆزلۈكتىن قەدەمدە،تېپىك يەيمىش دۈشمىنىم.
**
رەخمەت!مىنىڭ قولۇمدىن جىق ئىش كېلەر كۆرگەنگە،
بەردى ماڭا چىن ساۋاق-ئاچچىق كەچمىش، دۈشمىنىم.
***

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 22 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ھۆكۈما + 97 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 119   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار، ئەگەر ئەسىرىم تەستىقلىنىپ قالسا ئوتتۇرىغا تەڭشەپ قويغان بولساڭلا.ئۆزۈم تەڭشىيەلمەي قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4968
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:24:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىندىن مىسرانىمدا  شىئىرىيەت تۈرىدىكى ياخشى ئەسەر دەپ ئويلايمەن .رەھمەت!

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز . ھارمىغايسىز .
شېئىردىكى بەزى قۇلىدىن ئىش كەلمەي ، يەنە باشقىلارنى يامان كۆرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا ؛

ئىش كەلمىسە قۇلىڭدىن ،
زەپەر قۇچسام چاۋاك چال .
شوتا بولغىن ئۆرلىسەم ،
ئاق يول تېلە كۈلۈپ قال .

قاپاق تۈرمە گۈل قىسسام ،
ئۆرەك قازما يولۇمغا .
ھېچ بولمىسا پۈۋلەپ قوي ،
قان تامچىغان قۇلۇمغا  .

قان يۇتمىغىن ھەسەتتە ،
ئوڭغا تارتسا ئىشلىرىم .
سەنمۇ مەندەك تەر تۆككىن ،
كىرىشمەستە چىشلىرىم .

يۈرمە رەنجىپ تاڭرىدىن ،
يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن .
قۇسۇر ئىزدەپ يۈرىيسەن ،
قىلغان ئىشىم سۆزىمدىن .

ئىش كەلمىسە قۇلىڭدىن ،
بال تامچىسۇن دېلىڭدىن .
بارچە ساڭا مەدەتكار ،
تانساڭ ئەسكى خۇيۇڭدىن .




ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زەردار007 + 10
nazigul8 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 03:29 PM
ياخشى يېزىپسىز . ھارمىغايسىز .
شېئىردىكى بەزى قۇلىدىن  ...

ئاپرىن ياخشى يىزىپسىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز .كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن قىرىندىشىم

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31270
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4214 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 03:40:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساتېرىك ئەسەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتلەر تولۇق ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ....

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 04:09:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى ئۆتكۈر ئىسىل چىققان ساتىرا

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 04:10:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108911
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2014-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 04:30:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا دۈشمىنىم 11  دەپ ماۋزۇ  قويۇلغاندۇ

كۆيۈپ كۈل بولغۇچە ئۆچمەيمەن....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش