راست
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
**
رەزىللىكنىڭ ئورىسىنى قازغىنىم راست،
يامانلارنىڭ خىيالىنى بۇزغىنىم راست،
راستچىللىقنى مىزان قىلىپ ماڭغىنىم راست،
سازنى غەزەپ پەدىلەرگە چالغىنىم راست،
ساتىرادىن ئونلاپ-يۈزلەپ يازغىنىم راست.
**
ئىللەت سۆكسەم ئېلىۋالدى ئۆزلىرىگە،
سەت كۆرۈندۈم بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىگە،
مىنى تىللاپ بويۇن تولغاپ يۈرگىنىگەـ
تىگىپ كەتتى نەيزەم قايسى بىرلىرىگە،
بۇ ئىشلاردىن ھەيرانۇ-ھەس قالغىنىم راست.
**
ئوقيا ئاتسام مۆلچەر بىلەن دوۋىلىققا،
دەل تىگىپتۇ مەينىتى كۆپ توڭرىلىققا،
دەز كىتىپتۇ ئىسمدە يوق جۇۋىلىققا،
ئوبدان بولدى تەگسۇن ھارام ئولجىلىققا،
ئوۋچى بولۇپ ئىللەتكە ئوق ئاتقىنىم راست.
**
ئاق كۆڭۈللەر ساتىرامدىن ھۈركىمەڭلار،
ھەق جايى بار ئۆزۈڭلارغا سۈركىمەڭلار،
ئۇقۇشماستىن ماڭا زەھەر پۈركىمەڭلار،
خاتا ئويلاپ ئۆمرۈڭلارنى قىرقىماڭلار،
نا ئەھلىنى قوشاقلارغا قاتقىنىم راست.
**
مۇنىكى بارنىڭ خۇدىكى باركەن ئەيۇھەنناس!
ئۈزى تويسا بەزىلەرنىڭ كۈزى تويماس،
پەرۋايىم يوق ھەيۋە قىلسا تۈلكە،يولۋاس،
ياخشىلارغا مەندە باردۇر مىھرى ئىخلاس،
ھەر يازمامدا خاس بىر يولنى تاپقىنىم راست.
**
ھېچقاچاندا قوي بولالماس ئىت بالىسى،
ساقايمايدۇ ئاسانلىقچە دىل يارىسى،
بەزىلەرنىڭ يۈرىكىدە كىر-ئالىسى،
ئەمدى ئايان بولغاچ ماڭا ئاق-قارىسى،
شۇنداقلارغا دوست بولۇشتىن تانغىنىم راست.
**
ئاگاھ يۈردۈم شېكەر تامغان تىللىرىدىن،
ئىھتىياتتا بولدۇم قايسى بىرلىرىدىن،
ھەزەر ئەيلەپ زەھەر مۈككەن دىللىرىدىن،
بىزار بولغاچ يالغان كۈلكە-ئۈنلىرىدىن،
كۆڭلى ئالا شەيتانلاردىن قاچقىنىم راست.
**
يازمام بىلەن يامانلارغا سەت كۆرۈندۈم،
خىيانەتچى،ئوغرىلارغا ئىت كۆرۈندۈم،
كۆزۈم كىچىك،ئۈچەي قىسقا پىت كۆرۈندۈم،
چىرىكلىككە ئۆچ ئاۋامغا،ھەق كۆرۈندۈم،
«ھەققانىي»دەپ ئەلدىن ئاتاق ئالغىنىم راست.
**
پارىخورلار كاجقا تولغار تەلىيىمنى،
سۇندۇرالماي بەك ئاۋارە،قەلىمىمنى،
بىلسە قاقشار تورغا ئەسەر بەرگىنىمنى،
ئۆچ كۆرىدۇ مىنىڭ ھەر بىر ئەسىرىمنى،
چۈنكى تاشتەك، يۈرىكىگە پاتقىنىم راست.
**
دەرتلەر قاتماق بولدى مىنىڭ شاتلىقىمغا،
كۆز قىزارتىپ ھالال رىزىق-ئاشلىقىمغا،
بۆھتان توقۇپ چېقىپ باردى باشلىقىمغا،
توساق سالدى يولدا راۋان ماڭمىقىمغا،
ھەق سۆز ئۈچۈن دەردۇ-دىشۋار تارتقىنىم راست.
**
پاك ئىنسانغا مەدىھيەم بار،تەرىپىم بار،
كۆيلەپ چالسام ياندا قۇشتار-غېرجىكىم بار،
تا ئەزەلدىن دۇرۇسلارغا ھۆرمىتىم بار،
نا كەسلەرگە ھەجۋىي قوشاق،نەپرىتىم بار،
ياخشى ئۈچۈن قوشلاپ كەتمەن چاپقىنىم راست.
***
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 12:16 PM