مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 9

ھەققانىي: مەھەللەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 11:51:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھەللەم
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي

ئېسىل ئۆرپە-ئادەتنى داۋام قىلغان مەھەللەم،
مىھرى-ۋاپا گۈللىرى،چېچەك ئاچقان مەھەللەم،
ئىناق ئۆتۈپ ئۆز ئارا،ساۋاپ تاپقان مەھەللەم،
يازسام پۈتمەس شەنىڭگە،تۈمەن داستان مەھەللەم،
تۇرار چاقناپ ئۈستۈڭدە،كۆپ-كۆك ئاسمان مەھەللەم.
**
ئادەملىرىڭ ئەزەلدىن،بىر-بىرىگە كۆيۈمچان،
تۇققان،قوشنا،ھەممىسى شۇنچە ئىشچان،تىرىشچان،
سۈيۈڭ ئەلۋەك،قوينۇڭ باغ،نامىڭ شوڭا گۈلۈستان،
تەلىيىم شۇ: مەن سەندەك گۈلزارلىقتا تۇغۇلغان،
جۇلا بىرىپ يۇرتۇمغا،ھۆسىن قاتقان مەھەللەم.
**
ھۇشقۇرتسىمۇ بىر چاغلار،قاباھەتنىڭ بورىنى،
شەيتان يۇرتنى بۇلغاشقا،ئېبەرتسىمۇ دورغىنى،
كەلدى ھەرگىز يوقاتماي،ئېسىل خىسلەت روھىنى،
ھېچكىم تارتماي ئالدىغا،مەنپەئەتنىڭ چوغىنى،
ھارۋىسىنى تۇرمۇشنىڭ،بىللە تارتقان مەھەللەم.
**
سەندىن چىقتى زىيالى،ئۇستاز،دېھقان،ھۈنەرۋەن،
ساڭا قاراپ بەك شىرىن،خىياللارنى سۈرەرمەن،
سەن ئەزەلدىن گۈزەل جاي،چىن دىلىمدىن سۆيەرمەن،
قوينۇڭ تولغاچ نىممەتكە،پەخىرلىنىپ يۈرەرمەن،
خىسلىتىڭدىن يۇرتۇمغا،تۆھپە قوشقان مەھەللەم.
**
جامائىتىڭ ھەر كۈنى،ساۋاپ ئىزدەپ ئۆتەردۇر،
قايسى ئۆيدە ئىش جىددى،يەڭ شىمايلاپ كىرەردۇر،
بىر-بىرىگە مىھرىبان،خالىس ياردەم بېرەردۇر،
يىغلىغانغا تەڭ يىغلاپ،كۈلسە بىللە كۈلەردۇر،
كۆڭۈللەرگە كۆڭۈلنى،مەھكەم چاتقان مەھەللەم.
**
ياردىمىنى ئاياشماس،«مەسلىھەت چاي»«توي»لاردا،
تەل قىلىشۇر كېمىنى،ئىنسابى بار بايلاردا،
مەھەللەمدىن كەتكەنلەر،دەل مۇشۇنداق چاغلاردا-
ئۈنۈپ بولار، بولسىمۇ، قانچە يىراق جايلاردا،
سەيناسىغا-باغرىغا،سۆيگۈ تولغان مەھەللەم.
**
ئۆلۈم-يىتىم بوپ قالسا،بېرەر ئۆيدە تەسادىپ،
مۇسىبەتكە چۆمەدۇر،چوڭ-كىچىكلەر ئۇھ!تارتىپ،
كىلىشىدۇ ئۆلۈملۈك بولغان ئۆيگە سەپ تارتىپ،
بولىشىدۇ پاي-پىتەك،يەلكىسىگە ئىش ئارتىپ،
جىددى پەيتتە ئۆز ئارا،ھەمدەم بولغان مەھەللەم.
**
           مەھەللەمدە كۆرگەنمەن،تۇنجى قېتىم ئاپتاپنى،
            تەكچىلەرگە تىزىلغان،رەت-رەت ژورنال،كىتاپنى*،
            شۇ كىتاپتىن زوق ئېلىپ،يازغان ئىدىم قوشاقنى،
             دادام ماڭا ئۈگەتكەن،ماندېلىننى*-راۋاپنى،
             مەرىپەتنىڭ مارشىنى،ياڭراق چالغان مەھەللەم.

**
مەھەللەمنىڭ ئەزەلدىن،يۇرت ئىچىدە يۈزى بار،
چۈنكى بۇندا ياشىغان،دانىشمەنلەر ئىزى بار،
دۈشمەنلەرگە ئوق ئۈزگەن،قەھرىمانلار ھېدى بار*،
ئەجدادىمنىڭ ھېكمەتلىك،بىزگە مىراس سۈزى بار،
ئېلىم نۇرى يۇلتۇزدەك،بالدۇر يانغان مەھەللەم.
***
ئىزاھات:*1-مەن تۇغۇلۇپ ئەقلىمگە كەلسەم ئۆيىمىزدە بوۋام ئىمانقۇلى خەلپىتىم مەخسۇس كىتاپ ئوقۇيدىغان،لىق كىتاپ تىزىقلىق قىزىلچا ئۆي دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىرائەتخانا ئۆي باركەن،بۇ مىسرادا شۇ ئۆي كۆزدە
تۇتۇلىدۇ.
ماندېلىن*2--چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئەقلىمگە كەلسەم بىزنىڭ ئۆيدە بىرسى باركەن،بۇ سازنى دادام چالاتتىكەن.كىيىن مەن ئۈگەندىم.مىنىڭ مۇزىكانت بولۇشۇمدا ئەنە شۇ چالغۇ ئەسۋاپ
تۈرتكۈلۈك رول ئوينىغان.
*3-ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىي جەڭچىسى تاغام كېرىموف كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 11:54 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 01:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ،ئۆزلىرى كەلپىنلىك ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى بولامدىلا؟

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 06:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەردار007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 01:39 PM
بەك ياخشى چىقىپتۇ،ئۆزلىرى كەلپىنلىك ئابدۇۋەلى راخمان  ...

شۇنداق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 06:29:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akkani يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 06:02 PM
شۇنداق.

مەن تېخى ئالدىنقى ھەپتە تىلۋىزۇردىن سىلنى كۆرگەن،مەن تېخى سىلىنى 40 ياشلار ئەتىراپىدىمىكىن دەپ پەرەز قىلغان،بىراق ياشتا چوڭۇپ قاپلا ئۆزلىرى ئاسرىسىلا، بىزگە سىلىدەك زىيالىيلار كېرەك....

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7749
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 12:16:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەتئى ھارمىغايلا ئاكا، مەن سىلىنىڭ ھەرقانداق ساتىرالىرىغا بەك ئامراق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 03:02:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەردار007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 06:29 PM
مەن تېخى ئالدىنقى ھەپتە تىلۋىزۇردىن سىلنى كۆرگەن،مەن ...

كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەخمەت. قايسى پىرىگۇراممىدا كۆردىڭىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 03:04:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lostba يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 12:16 AM
قەتئى ھارمىغايلا ئاكا، مەن سىلىنىڭ ھەرقانداق ساتىرالى ...

مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 03:19:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akkani يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 03:02 PM
كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەخمەت. قايسى پىرىگۇراممىدا كۆردى ...

ئېنىق ئېسىمدە يوق، قايسىدۇر بىر ئورۇننىڭ پىنسىيونىرى دەپ چىققان ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ....

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6054
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 11:12:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇخەممەسنى ناھايىتىمۇ ياخشى يېزىپسىز ، ئىنكاسلاردىن ئوقۇسام پىشقان شائىر ، ياشانغان پىنسىيونىر ئىكەنسىز ، ياشىنىپ قالغىنىڭىزغا قارىماي ، مۇشۇنداق ياخشى شئېرلارنى يېزىپ ، مۇنبەردە ھەمبەھىرلەپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1551
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 04:42:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرمۇ-بىر سۆرەتلەپ مەدىھلەپسىز بۇ مەھەللىنى.ياخشى ئەسەركەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش