مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1579|ئىنكاس: 10

ھەققانىي: مۇھىم ۋەزىپە ( ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 09:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىم ۋەزىپە
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
تۇراخۇن جۈيجاڭ ئەزەلدىن خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش،ئويۇن-تاماششانىمۇ قانغۇچە ئويناش لازىم،دەپ قارايتتى.يېڭى يۆتكۈلۈپ كەلگەن بۇ جاينىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۈزىنىڭ كۆڭلىدىكى«ياخشى ئىشلەش،قانغۇچە ئويناش»ئارزۇسىنىڭ مانا بۇ جايدا چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمان قىلمىدى.لېكىن ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغان تەرىپىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.
«ئويۇن»دىگەندە ھاراقتىن ئىبارەت بۇ شەيتاندىن ئايرىلغىلى بولمايتتى
«يېڭى كەلگەنلىك شەرىپىڭىزگە...»«ئاغىنىدارچىلىق ئۈچۈن...»دىگەندەك تەكەللۇپلار بىلەن دوست-يارەنلەر،يېڭى تونۇشلار،خىزمەتداشلار،پۇقرالار تۇتقان ھۆرمەت شارابىنى ئىچمىسە تېخى بولمايتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىن تۈرلۈك زۈرۈرىيەتلەر،خىزمەت تەكشۈرۈشلەر،باھالاپ سېلىشتۇرۇشلار ئۈچۈن ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان ئۆمەكلەرنى،رەھبەرلەرنى كۈتۈۋالمىسا،باشلامچى بولۇپ بىللە ئىچمىسە،قىزىپ-قاينىمىسا ئەسلا ياراشمايتتى.ئەمما تۇراخۇن جۈجاڭ ھاراقنى مۇنداق ئىچىپ كەتسە ئەسلا بولمايدىغانلىقىنى،سالامەتلىكىدىن كاشىلا چىقىدىغانلىقىنى ھەم بىلەتتى.ئۇ«ھاراق بىلەن دوستلاشقىنىڭ-ھايات بىلەن خوشلاشقىنىڭ»دىگەن ماقال-تەمسىلنىمۇ پىششىق ئەستە ساقلاپ كەلگەن ئىدى.بىراق قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇ بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا كاللا قاتۇرۇپ ئويلاپ كەلمەكتە ئىدى.يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئىشلىگىلى بىر يىل بولغان چاغدا ئۆز ئەتراپىدا پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ يۈرىۋاتقان سادىق خىزمەتكارلار ئارىسىدىكى شىر مۇھەممەت ئىسىملىك بىر نامزاتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تاللاپ ئىشخانىسىغا چاقىرتتى.
شىر مۇھەممەت كىرىپلا دەماللىققا تېنەپ-تەمتىرەپ قالدى،«نىمىش باركىن؟»دەپ ئويلاپ باشلىققا تەلمۈرۈپ ئىشىك ئالدىدا ئۆرە تۇردى.
ـ كىلىڭ،كىلىڭ، قېنى ئۇياققا كىرىسلوغا كىلىپ ئولتۇرۇڭ،ـ تۇراخۇن جۈيجاڭ ساپانى ئىما قىلىپ شىر مۇھەممەتنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ ئەتتى ھەم مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىشى قىلىدىغان قىياپەتتە سۈرلۈك ھالدا شىر مۇھەممەتنىڭ ئايىغىدىن بېشىغىچە قاراپ چىقىپ ئۇنىڭ سالامەتلىكى،ئائىلە ئەھۋالى،خىزمەتتە ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقلارنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە تەپسىلى سۈرۈشتىلەر ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ئەسلى مەقسىتىگە كۆچتى:
خەۋىرىڭىز بار،مەن بۇ جايغا يۆتكۈلۈپ كىلىپ خىزمەت ئىشلەۋاتقىلىمۇ ھەمزاتتا بىر يىل بولۇپ قالدى.بىر يىلدىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز ھەر ھالدا ئۈنۈملۈك بولدى.بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنىمۇ تۇلۇق چۈشەندىم.ھەر قايسىڭلارنىڭ خىزمەت ئاكتىۋچانلىقىدىن،ماڭا يېقىندىن ماسلاشقانلىقىڭلاردىن رازى بولدۇم. جۈيجاڭ بىر پەس سۈكۈت قىلىپ گېلىنى قىرىۋەتكەندىن كىيىن يەنە سۈزىنى داۋام قىلدى:
ـ لىكىن ماڭا بېسىم بولىۋاتقان بىر ئىش بار،ئۇ بولسىمۇ خىزمەت زۈرۈرىيىتىنى دەپ كۆپرەك زىياپەت سورۇنلىرىدا بوپ قېلىپ زىيادە ئىچىپ قويۇش ئىشى.ئىچمەي دىسە دوستلارنىڭ،خىزمەتداشلارنىڭ تۆۋەندىكىلەرنىڭ كۆڭلى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىن كۈندە دىگۈدەك كىلىۋاتقان تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى،رەھبەرلەرنى كۈتمىسەك،داستىخان سالمىساق،مەي-شاراپلار قۇيمىساق،ئۆزىمىز راۋۇرۇس ئىچىپ،مەيدان قىزىتىپ بەرمىسەك تېخى بولمىغان،ھەي..
بۇ گەپلىرى ھەقىقەتەن راست،دەرۋەقە سىلىگە بىر تارتقۇلۇق   بولىۋاتىدۇ،ـ شىر مۇھەممەت باشلىقنىڭ گىپىنى قوللاپ قۇۋەتلىدى.
- بۇ ئىشتىن باش تارتىۋالىلى دىسەك بۇ بىر مۇھىم خىزمەت ئىشى،ھەممە ئىشلارنى ئىشخانىدىلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ،پەمىمچە باشلىق بولۇپ مەشەدىلا ئولتۇرىدىكەنمىز زىياپەت،ھاراق-شاراپ دىگەن بىزگە بارلىكى-بار.شوڭا خېلى ئۇزۇندىن بىرى كۈزۈتۈش ئارقىلىق سىزنىڭ ھەقىقەتەن ھاراق كۆتۈرۈش ئېختىدارىڭىزنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قېلىۋاتىمەن.نۆۋەتتە بۇمۇ بىر ئارتۇقچىلىق بوپ قالدى،- شىر مۇھەممەت باشلىقنىڭ ئۈزىنى ماختاۋاتقانلىقىدىن خېلى روھلىنىپ قالغاندەك بولدى،تۇراخۇن جۈيجاڭ شىرمۇھەممەتنىڭ كۆتىرەڭگۈ كەيپىياتىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا گىپىنى داۋام ئەتتى:
- ھاراق سورىنىمۇ ناھايتى مۇھىم بىر مەيدان،بۇ مەيداندىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىساق بىزنىڭ باشلىقلىق ئابرۇيىمىزغىمۇ بەلگۈلۈك تەسىر يېتىدۇ.شوڭا سىزنى يېقىن بىرادەرلىككە تاللىدىم،بۇنىڭدىن كىيىن مەيلى قانداق زىياپەت-سورۇنلارغا باراي سىزنى يانداپ ئېلىۋالىمەن.قىسقىسى دوستلۇق ئورنىتىمىز،-شىر مۇھەممەت ئورنىدىن قىمىرلاپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى:
- رەخمەت جۈيجاڭ،رەھمەت،ماڭا ئىشەنگەنلىرىگە رەھمەت.قانداق ۋەزىپە تاپشۇرسىلا بىجاندىل ئورۇنلاشقا مانا مەن تەييار!-شىر مۇھەممەت بۇ«ۋەزىپە»توغرىسىدا ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈردى،
تۇراخۇن جۈيجاڭ يەنە ئۆز گىپىنى داۋام ئەتتى:
  - بۇنىڭدىن كىيىنكى سورۇنلاردا مەنمۇ تىگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ،مىھمانلارنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئادا قىلىمەن، لىكىن ماڭا سەل-پەل جىق كەتكەن ھامان باشقىلارغا بىلدۈرۈپ-بىلدۈرمەي ماڭا كەلگەن ھاراقنى سىزگە تەڭلەيمەن،سىز خۇپىيانە ئىچىپ ئىشنى چېنىشتۇرمايسىز،بولامدۇ؟
-     ئەلبەتتە،ئەلبەتتە جۈيجاڭ،لىكىن مۇشۇ ھاراق ئىچىشتە چوڭ گەپ قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىشتى،دىگەن يەرلىرىدىن چىقالماي قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.- شىر مۇھەممەت سەل-پەل تولغۇنۇپ قالدى
-     شۇنى بىلىڭكى،بۇ قانداقتۇر ئاددى بىر ھاراق ئىچىش مەسىلىسى بولماستىن مۇھىم بىر خىزمەت ۋەزىپىسى،رەھبەرلىكلنى قوغداش،قوللاش مەسىلىسى.جاھاندا بىزگە ئۈلپەت بولالمايۋاتقان ئادەم بەك جىق،بۇ ئىشنى سىزگە زور ئىشەنچ قىلغاچقا تاپشۇرىۋاتىمەن.
   - ئەلبەتتە شۇنداق،ئەلبەتتە،مەن بۇنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.
  - ھىم....ئىش شۇنداق بولسۇن.بۇنىڭدىن كىيىن يانفۇنىڭىز 24سائەت ئۇچۇق تۇرسۇن.لازىم بولغاندا سىزنى تاپالماي قالىدىغان ئىش چىقىپ قالسا بولمايدۇ.
- ماقۇل،- شىر مۇھەممەت ئامالسىزلىقتىن بۇ يېڭى«ۋەزىپە»نى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
ھەش-پەش دىگۈچە بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى.خىزمەتلەر،ئىشلار، ھەرخىل پائالىيەتلەر نورمال يۈرىشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىر مۇھەممەت بىر ھەپتىدىن بىرى ئىدارىدە كۆرۈنمەي قالدى.
تۇراخۇن جۈيجاڭ شىر مۇھەممەتنىڭ ئۈيىگە تېلىفۇن قىلىپ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋىدى،شىر مۇھەممەتنىڭ ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ بىر ئەنسىز خەۋەرنى يەتكۈزدى.   شىر مۇھەممەتنىڭ يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكى دىگەندەك ياخشى بولماي دوختۇرغا تەكشۈرتسە ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش خارەكتىرلىك جېگەر قېتىش كېسىلىگە دۇچار بولغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.باشلىق بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندى ۋە شىر مۇھەممەتنىڭ ئايالىغا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى:
- خىزمەت بەك ئالدىراش بولغاچقا پات ئارىدا يوقلاپ بارالمايدىغان ئوخشايمەن.شۇنداقتىمۇ ئالاھىدە تاپىلايدىغىنىم، ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭ ئۈزىنى كۆپرەك ئاسىرىسۇن،-باشلىقنىڭ ئەمدىكى خىيالى كىيىنكى نامزاتتا ئىدى.
(مەزكور ھىكايە 1995-يىلى يېزىلىپ 2007-يىلى 10-سان«شىنجاڭ خەلق قورۇلتىيى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 10:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 09:03:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە قۇرلىرىنى تەڭشەپ قويغان بولساڭلا.رەتسىز چىقىۋالدى.ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،باشقۇرغۇچىلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102069
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە 15يىل بولغان بولسىمۇ تىخى كۇچىدىن قالماپتۇ
تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر

شامنىڭ كۇيىشى ‏ئۈزىنى كۆيدىرۋىلىش ‏ئەمەس بەلكى ‏ئەتراپىدكلەرگە يۇرۇقلۇق ‏ئاتا قىلىش ‏ئۇچۇندۇر!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:23:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنى قۇربانلىق قىلىش ھېسابىغا ئۆزى ياشايدىغان بۇنداق باشلىقلار كۆپ جەمىيىتىمىزدە.شىرمەمەتتتەك بىھۇدە قۇربانلىق بولىدىغان تەخسىكەشلەرمۇ ھەم مەۋجۇت....

يېزىلغىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ تەسىرىنى يوقاتمىغان ئەسەر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98967
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:43:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلپىندىكى دادۇيجاڭلارمۇ قالتىسكەندە....


ھىكايە ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 11:43:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىراق-يېقىندىكى تورداشلارنىڭ ئەسىرىمگە ياخشى باھالارنى بىرىپ ئىلھاملاندۇرغىنىغا رەھمەت.ھىكايىچىلىققا ھەۋىسىم بار لىكىن بەك جىق يېزىپ باقمىدىم. يازاي دىسە ھەر ماڭدامدا ھىكايىگە لازىملىق دىتاللار ئۇچراپ تۇرىدىكەن.لىكىن قاملاشتۇرۇپ يازماق بەك تەسكەن.شۇنداقتىمۇ بىلجىرلاپ باقتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7749
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 03:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ ساتىرالىرىڭىز بەك ياخشى، ھىكايىنىمۇ ياخشى يېزىپسىز ، سىزگگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 03:34:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىندىن  بويان مۇنبەرگە  كىرىپ  كۆرگەن  تىتىملىق  ئەسەر  مۇشۇ  بوپتۇ

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13225
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 04:46:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھاراق ، ھاراق مەس ئىچكەندە بولىمىز پەس .
مۇشۇ باشلىقلارمۇ ھەي ...

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 01:03:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققانى ئەپەندىمنىڭ ساتىرىك شىئىرنىلا يازامدىكى دىسەم ،ھىكايە دىگەنىنىمۇ ژىتىپ قويدىكەن ئەمەسمۇ ،،،،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن ،ھارماڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 01:04 AM  


ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش