11
ئۈچ ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مەنىسىز، زېرىكىشلىك، مەن ئۈچۈن بەكمۇ تەستە ئۆتكەن كەچلىك مۇزاكىرە. نەمتۇلنىڭ يېنىمدا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرۇپ قىززىق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىشلىرى، ئىلگىرىكى كۈلكىلىك ئىشلارنى شوخلۇق بىلەن سۆزلەپ بېرىشلىرى، مەن ياخشى كۆرىدىغان جۇغراپىيە، تارىخ كىتابلىرىنى ۋاراقلاپ خەرىتە ئىچىدىكى رايۇنلارنى ئۆزىدىن ئۆزىگە بۇيرۇق بېرىپ ئىزدەپ كېتىشلىرى، ‹‹چىڭگىزخان›› توغرۇلۇق رىۋايەتلەرنى ئۆز ھېسسىياتىغا ئارىلاشتۇرۇپ ماڭا ماختاپ بېرىشلىرى... ئىشقىلىپ، پاراكەندە بولغان كۆڭلۈمنى مەن ياقتۇرىدىغان ئىشلار بىلەن ئۇتۇش ئۈچۈن قىلغان بارچە سۆز-قىلىقلىرى مېنى تېخىمۇ ئازابقا سالسا سالدىكى، ھەرگىزمۇ خۇشال قىلالمىدى.
قاچانلا قارىسا قاپىقى تۈرۈك، قوپال سۆزلىرىدىن ئاچچىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ‹‹بەز››دەك دوستۇمنىڭ مەن ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشلىرى مەن ئۈچۈن ئازاب، چۈنكى بۇنداق بولىۋەرسە مەن ئۆزۈمنى قەرزدار ھېس قىلىپ قالىمەن. ھېچكىمگە بۇنچە يېقىنچىلىق قىلماي، مەن ئۈچۈنلا بۇنداق پايپېتەك بولۇشلىرى ئەلۋەتتە مېنىڭ باشقىچە ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەمدۇ؟ ياق، مەن ئۇنچىلىك ئالاھىدە ئەمەسمەن، باشقىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى بولسا، مېنىڭمۇ ھەم شۇنداق، باشقىلار گۆش يۈرەك بولسا، مەنمۇ گۆش يۈرەك، قىسقىسى، باشقىلار ئوقۇغۇچى بولسا، مەنمۇ شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى. ئەگەر مېنىڭ ‹‹ئالاھىدە›› تەرىپىم بولىدىغان بولسا، ئۇ ــــ ئۆز ئانىسىنىڭ چىرايىنىمۇ ئەسلىيەلمەسلىك.
دېمەككى، مەن ئۈچۈن دوستلىرىمنىڭ ئازابلىنىشىنى، چىرايىغا يالغاندىن كۈلكىلەرنى يۈگۈرتۈپ، مېنى بەزلەپ كېتىشلىرىنى ھەرگىز خالىمايمەن. ھازىر يالغۇز، جىمجىت ئولتۇرۇپ تاتلىق ئازابلىنىۋالىدىغان يۇرتۇمدىكى ئاشۇ كۆل بويلىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ماكان...
ــــ قانداق، ئەجەپ ئېچىلمىدىڭغۇ، نېمە قىلىپ بېرەي ساڭا؟ ــــ نەمتۇل ۋارقىراپ قولىدىكى كىتابنى ئۈستەلگە زەردە بىلەن تاشلىدى، ــــ خەپ، ياتاققىمۇ چىقارمىز!
باياتىن بېرى ئۇۋىسىنى تاپالمايۋاتقان بىر توپ ھەرىلەرنىڭكىدەك ‹‹غۇڭ-غۇڭ›› ئاۋازلار بىلەن تولغان سىنىپ ئىچى بىردىنلا ‹‹پاڭ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جىمجىتلىققا چۆمدى، ھەممە مەن تەرەپكە قارىشاتتى. مەن خۇددى بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىدەك ئۇلارغا قاراشقا پېتىنالمىدىم، كۆزۈم پارتا پۇتىغا تىكىلگەنىدى.
ــــ نېمە بولۇشتۇڭلار، ئۆگىنىشىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار!
نەمتۇل ۋارقىرىدى. سىنىپ باشلىقى:
ــــ ئۆزۈڭ نېمە بولدۇڭ، نېمىگە ئانىسىنى تاپالمىغان موزايدەك كاركىرايسەن؟! ــــ دېدى ئورنىدىن قوزغىلىپ.
‹‹ئانىسىنى تاپالمىغان موزاي؟›› ئاھ ياق، مەن بۇ گەپنى ئۆزۈمگە ئېلىۋالماسلىقىم كېرەك، ئائىلە ئەھۋالىمنى ئوبدان بىلىدىغان يېنىمدىكى ماۋۇ قىززىق قان يىگىت ــــ نەمتۇلمۇ مەن ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئازارلاشماسلىقى كېرەك... قانچە تېز شۇنى ئويلاپ يەتكەن بولسام، نەمتۇلمۇ ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ سىنىپ باشلىقى ئېلىنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ياقىسىنى قاماللاپ ئۈلگۈردى. مەن ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ئىتتىك قوزغالدىم، پەرھات، ئادىل، پەرۇخلار ئاللىبۇرۇن نەمتۇلنى ئاجرىتىش ئۈچۈن ئارىغا چۈشكەنىدى.
ــــ ھۇت چاپاق! ــــ نەمتۇل ئېلىغا مۇشت ئاتتى، ــــ كىم ئانىسىنى تاپالمايۋېتىپتۇ؟ گەپ قىلە!
تۇيۇقسىز قالغان ئېلى ئۈستەل ئۈستىگە ئوڭدا چۈشتى، رېھىمجان، پەرھات ۋە ئىلھاملار ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئادىل، پەرۇخ ئۈچىمىز نەمتۇلنى ھەممە كۈچىمىز بىلەن توسۇۋېلىشقان ئىدۇق، باشقىلار نېمە قىلىشنى بىلمەي قاراپ تۇرۇشاتتى. كۆزۈمدە ياش، قوللۇرۇم نەمتۇلنىڭ ئورۇق بېلىدە، ھەممە كۈچۈم بىلەن ئۇنى كۆتۈرگىنىمچە ئارقامغا تاشلىدىم. ئىككى بېلىكىدىن چىڭ تۇتۇۋېلىنغان ئېلى ئۇزۇن پۇتلىرى بىلەن نەمتۇلنى تەپمەك بولاتتى، نەمتۇلمۇ قوچىقىمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەر يان سىلكىنەتتى.
ــــ بولدى! ــــ پەرۇخنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ۋارقىرىشى بىلەن تەڭ، ئىككىلىسى جىم بولۇشتى، ــــ سىنىپ ئىچىدە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشما!
ــــ خەپ چاپاق!
ــــ ئەستا، مېنى قويۇۋېتىش! بىلىمەن، ھەممىڭ بىر. مېنى قويۇۋېتىش، سىنىپ باشلىقى بولمىساممۇ سەن بەزلەشكە ۋارقىرغىچىلىكۈم بار!... مېنى قويۇۋېتىش!
ــــ مېنىمۇ قويىۋەت!
نەمتۇلنى يانغا ئىتتىرىۋېتىپ، بىر- بىرىگە ئاچچىق بىلەن ۋارقىرىشىپ، ئاران دېگۈدەك يۇلقۇنۇپ تۇرۇشقان ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىغا چۈشتۈم:
ــــ بولدى قىلىڭلار، ھەممىگە مەن سەۋەبلىك! ــــ كۆزۈمدىكى ياش بۇرنۇم ئۈستىدىن سىيرىلىپ ئېغىزىمدىن چاچرىدى، ــــ ئېلى، مېنى سىنىپنىڭ قائىدىسى بويىچە جازالا.
ھەممە ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىشاتتى، بەكمۇ نومۇسچان بولغانلىقىم ئۈچۈن، ۋاقىت توشمايلا سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم...
ــــ كۆڭلۈڭنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن، ئۇ چاپاقنىڭ ھېلىقى گەپلىرىنى ئەمدى ئويلىما!
ــــ مەن ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايمەن نەمتۇل، ئۇ پەقەت ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا شۇنداق دېدى، مەن بۇنى بىلىمەن.
ھەر كۈنى كىتاب، ئۆگىنىش، سىنىپتىكى ئىشلار ۋە ئاللىنېمىلەر توغرۇلۇق قىززىق پاراڭلار بىلەن ئاۋات بولىدىغان ياتاق ئىچى بۈگۈن تىپتنچ ئىدى. بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئىدى، قىسقىسى، مەن ئۈچۈن، مەندەك بىر ئەرزىمەس، شەخسىيەتچى يىگىت ئۈچۈن ئىدى. مېنى دەپ نەمتۇل باشقىلار بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالسا، تېخى ماڭا قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلسا، ياتاق توكى ئۆچۈپ قالغۇچە كىتاب ئوقۇيدىغان ھېيتەم قىممەتلىك ۋاقتىنى ماڭا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن قۇربان قىلسا، پەرۇخ، ئادىل، پەرھات، رېھىمجان قاتارلىقلار كارۋىتىمنىڭ بېشىدا تۇرۇپ ماڭا ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرۇشسا، ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ قالىدىغان توختىمۇ كارۋىتىدا ئولتۇرۇپ خۇددى ئېچىق بېشىدىكى داققالدەك مۈگدەپ ئولتۇرسا مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئازابى بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەل تۆلىشىگە پەرۋامۇ قىلمىسام، مەن يەنە شەخسىيەتچى، يارىماس بولماي نېمە؟!
ــــ ئۆزۈڭنى بۇنچە يوقىتىپ قويما ئىدرىس، سەن بۇنداق تۇرىۋالساڭ بىزمۇ ئۇخلىيالمايمىز.
نەمتۇلدىن باشقىسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئازابلىنىشىمنىڭ سىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار سوراپمۇ قويمىدى، ئەلۋەتتە، سورىغان تەقدىردىمۇ مەن ھەرگىزمۇ سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. مەن ئۇلارغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۈلۈمسىرەپ قارىدىم، باياتىن بېرى يامغۇر ئالدىدىكى ھاۋا رايىدەك كۆرۈمسىز چىرايىم بىردىنلا بۇلۇت يېرىپ چىققان قۇياشتەك ۋاللىدە ئېچىلدى:
ــــ دېدىمغۇ، مېنىڭ ھېچكىمدىن، ھېچ ئىشقا ئاغرىنىپ يۈرۈشكە ھوقۇقۇم يوق. بولدى، ھەممەيلەن ئۇخلايلى.
شۇنداق دېدىم-دە، دەرىزە تەرەپكە قاراپ يوتقان ئىچىگە شۇڭغۇدۇم. شىپىر-شىپىر ئاياغ تىۋىشىلىرى، ئېغىر يىنىك تىنىشلار، كارىۋاتنىڭ سۇس غىچىرلىغان ئاۋازلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز كارىۋىتىغا چىقىپ يېتىپ بولغانلىقىنى پەملدىم.
ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىگەن قانچە بەدەللىرى مېنى ئازابقا سالىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئازابنى يۈدىۋالغاندىمەن. ئەمما باشقىلار بۇنداق چۈشەنمىسىچۇ، مېنى شەخسىيەتچى، ھاكاۋۇر دەپ ئويلاپ قالسىچۇ؟ مەن بۈگۈن بەكلا ئاشۇرۋەتتىممۇ قانداق؟! خۇددى بۇلاردىن يەنە باشقىچە بىر تەسەللىيلەرنى ئۈمىد قىلغاندەك خېلى ئۇزۇنغىچە چىرايىم ئېچىلمىدى. مەن بىلەن ئوخشاشلا پەرىشانلىق بىلەن ماڭا دوستلۇق ئىپادىسىنى بىلدۈرۈشتى، دوست دېگەن مۇشۇنچىلىكلا قىلىپ بېرەلەيدىغۇ، مەن يەنە بۇلاردىن نېمىنى تەمە قىلاي؟! ھازىر ماڭا بۇنداق ئارتۇقچە كۆڭۈل ئاغرىقى نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرسە كەلتۈرىدۇكى، ھېچ قانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، شۇڭا مەن ئىلگىركى ھالىتىمگە قايتىشىم كېرەك: ئۆگىنىشنى ۋاقتىدا قىلىپ، كىتاب ئوقۇشنى، خاتىرە قالدۇرۇشنى تاشلىۋەتمەي، دوستلىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى سۇسلاشتۇرماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىم كېرەك. مەۋسۈم توشاي دەۋاتقاندا، خۇش كەيپىيات بىلەن تەتىل قىلىشىم كېرەك.
دوستلىرىم، بۈگۈن مېنى كەچۈرۈڭلار!
(داۋامى بار...)
2014-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى يەكشەنبە، قاراقاش.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-19 01:10 PM