10
خۇشاللىق ئادەمنى راھەتلەندۈرىدۇ، ئادەم شۇ راھەت ئىچىدە مەڭگۈ ياشاپ قېلىشنى ئارمان قىلىدۇ. خاپىلىق خۇشاللىققا ھەر ۋاقىت ھەمراھ. ئۇ سېنى ئازابلىغاندا، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭ خۇددى ئۈششۈك تەگكەن گۈل بەرگىدەك سولىشىشقا باشلايدۇ. بىراق، خاپىلىقتىن كېيىنكى خۇشاللىق قارا بۇلۇت ئارىسىدىن كۈلۈپ چىققان قۇياشقا ئوخشاش ساڭا ھارارەت بېغىشلايدۇ، خۇش ياقمىغاندەك مەجبۇرى سوقىۋاتقان يۈرۈكۈڭنىمۇ ئىتتىكلىتىپ سېنى مىدرىلاشقا، ھەرىكەت قىلىشقا، ياشاشقا ئۈندەيدۇ.
دوستلۇق مېھرى بىلەن ئاتا ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت باشقا-باشقا نەرسە ئىكەن: دوستۇڭ چىرايىڭدىكى كۈلكەڭ، قىياپىتىڭدىكى خۇشاللىقنىلا ھېس قىلىپ يېتەلەيدىكەن، سەن يالغاندىن كۈلۈپ يۈرسەڭ، يالغاندىن مەجبۇرى خۇش بولۇپ يۈرسەڭ سېنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىڭدىن خاتىرجەملىنىپ، قەلبىڭگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن. ئاتاڭچۇ؟ ئاتاڭ تۇغۇلۇشىڭدىن باشلاپلا ساڭا ھەممە مېھرى بىلەن كۆيۈنىدۇ، ئاسرايدۇ. ئۇ سېنىڭ نازۇك، كىچىك ئىشلىرىڭدىن تارتىپ ھەممىنى بىلىدۇ، شۇڭا ساڭا قانداق چاغدا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ...
ھەممە دەرستىن چۈشۈپ ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن چاغ. بېشىغا گۈللۈك بادام دوپپا كىيىۋالغان، بۇرۇتلۇق، يۇمىلاق يۈز، كەڭ مۆرىسى، سېمىز قورسىقىغا ناھايىتى ياراشقان قارا رەڭ كاستۇمى پارقىراپ تۇرىدىغان ئېگىز كىشى ــــ ئادىلنىڭ دادىسى مەكتەپكە كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىككى قولىغا ھەر خىل رەڭدىكى بومبەك سومكىلار پاتماي قالغان، ئوغلى ئۈچۈن، ساۋۇت مۇئەللىم ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغاتلىرى بەكمۇ كۆپتەك قىلاتتى. ئۇ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپلا ئۆزىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرىۋاتقان توختىنى قېشىغا چاقىرىپ بىرنېمىلەرنى دېدى. توختى گەپمۇ قىلماستىن بېشىنى لىڭشىتتى-دە، خۇددى ئۆزىنىڭ ئاتىسى كەلگەندەك خۇش بولۇپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى ۋە سىنىپ بىناسى تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى. ئۇ كىشى ئوغلىنى ئىزدەۋاتقاندەك مەكتەپ مەيدانىغا ئوبدان نەزەر سالاتتى.
ــــ ھەي ئادىل، داداڭ كەپتۇ. ئادىل...
توختىنىڭ ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن تەڭ ئىشك تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىدىم، ئۇ ھاسىراپ، كۈلۈپلا تۇراتتى.
ــــ ئادىل باياملا سىرتقا چىقىپ كەتكەن، بىردەمدىن كېيىن كىرىدۇ.
ــــ ئەمسە ئۇنىڭغا دەپ قويغىن، دادىسى ساقلاپ تۇرىدۇ.
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا ئارقىسىغا بۇرۇلدى. مەن دەرىزە تۈۋىگە قايتىپ كېلىپ سىرتقا كۆزۈمنى تاشلىدىم: توختى ئادىلنىڭ دادىسىغا گويا ‹‹مەن بالىڭىزنىڭ ياتاقدېشى، ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتىمەن›› دەپ سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ياتاق بىناسى ئارقىسىغا چىققىلى بولىدىغان، بايراق سۇپىسى يېنىدىكى كىچىك يولدىن ئادىلنىڭ چىقىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ھېلىقى كىشى توختنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماستىن ئالدىغا سىلجىدى، ئوغلىنىڭ يېنىغا بېرىپ، قولىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە قويۇپ ئادىلنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى ۋە گۆشلۈك يۈزىنى يىنىككىنە چىمدىپ قويدى...
كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى، ئاتا-بالا ئىككىسىنى چۆرىدەپ تۇرۇۋېلىشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەسەت، قىزىقىش، سېغىنىش، تەلپۈنۈش... ئارىلىشىپ كەتكەن سەبىي چىرايلىرى كۆزۈمگە كىرمىدى. مەن ئاستا ئۆزۈمنى رۇسلىدىم-دە، ھەرخىل خەتلەر بىلەن تولغان دوستكىغا قارىغىنىمچە ھىجران ئازابىنى باشلىدىم.
تۇغۇلۇپ ئۆز ئانامنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ئانا مېھرىگە قانماي كېلىۋاتقان، ياق، ئانا مېھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدىغان مەندەك بىر يۈرىكىنىڭ يېرىمى يوق يىگىت ئۈچۈن دادا دېگەن قانچە ئۇلۇغ ئىنسان-ھە؟!
ــــ بالام، سەن كىچىك چېغىڭدا دائىم ‹‹ئانام قېنى؟›› دەپ مېنى خاپا قىلغان چېغىڭدا نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشۈمنى پەقەتلا بىلمەيتتىم. سېرىق قۇچقاچتەك تولا ۋىچىرلاپ مەندىن سوئال سوراپ كېتىدىغان شۇ ئوقۇغۇچىلىرىمغىمۇ جاۋاب بېرىپ ئۈلگۈرەتتىم، ئەمما سېنىڭ بۇ سوئالىڭغا خېلى ئۇزۇنغىچە باش قاتۇراتتىم، قىسقىسى گەپنىڭ بېشىنى تاپالمايتتىم. ئەمدى سەن كىچىك ئەمەس، خەت ئوقۇيالايدىغان بولدۇڭ، كەررە بىلىسەن. خەت ئوقۇيالايدىغان ئادەم دېگەن ئوڭايلا چوڭ بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا سېنى يېنىمغا چاقىرىپ بۇ ئىشارنى سۆزلەپ ئۆتمەكتىمەن.
سەن ‹‹ئانا›› دەپ چاقىرىدىغان ھېلىقى ئايال ئۇ سېنى تۇغقان ئۆز ئاناڭ ئەمەس، ئۇ مېنىڭ ئانام، سېنىڭ چوڭ ئاناڭ. نېمە، يىغلاۋاتىسەنغۇ؟ جېنىم بالام، يىغلىما. ئانام ساڭا ناھايىتى كۆيۈنىدىغۇ، ئۆينىڭ چوڭ نەۋرىسى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى ئۆز بالىسىدەك ئاسراپ، سۆيىدىغۇ؟ شۇڭا يىغلىما، مەن ھەممە ئىشنى ئېيتىپ بېرەي:
بىلىسەن بالام، ئۆيىمىز ئىچىدىكى يەتتە بالىنىڭ ئارىسىدىن بىر مەنلا كادىر. چوڭ بالا بولغىنىم بىلەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆگىنىشىم ياخشى بولغانلىقى، ھەممە كىشى بىلىملىك كىشىلەردىن قاچىدىغان مەزگىللەردە دادامنىڭ مېنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن داۋاملىق ئوقۇتقۇسى بارلىقى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئوقۇغۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئوقۇدۇم، ھەممىنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمىدىم. ۋەزىيەت مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلىدىلا بىراقلا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، تەرەپ-تەرەپتىن ئەپەندى دېگەننىڭمۇ قىممىتى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ نەچچە يىللاپ كۈتۈپ كەلگەن گۈزەل ئارزۇيۇممۇ ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك بولدى، مەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدىم. مانا، باشقىلاردەك ئۆز يۇرتىدىن يىراق جايلارغا تەقسىم قىلىنماي مۇشۇ سەن ئوقۇغان مەكتەپكە ئورۇنلاشتىم... بالام، ئەمدى ئۆزۈڭنى تۇتىۋېلىپ ئولتۇر، بولمىسا مەنمۇ ئېقىپ كېتىمەن. شۇنداق قىلىپ بالام، بىر يىلغا بارمايلا سېنىڭ ئاناڭ بىلەن تويۇمنى قىلدىم، ئۇ شۇنچە گۈزەل ئىدى. ساڭا ئۇنىڭ بىلەن قانداق تۇنۇشۇپ قالغانلىقىمنى سۆزلەپ بېرىش ھاجەتسىز، پەقەت دەۋاتقىنىمنى ئوبدان ئاڭلىۋالساڭلا بولدى. ئۆينىڭ چوڭى بولغاندىكىن، ئۇزاققا قالمايلا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتىم. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئاناڭ تۇنجى بالىمىزغا ھامىلدار بولدى، مەن خۇددى ئىلگىرىكىدەك ئەپەندى بولغاندەك، ئاناڭ بىلەن قايتىدىن تويۇمنى قىلغاندەك، ياق، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خۇشال بولغانىدىم. يەتتە ئايلىق بولغاندا ئۆيدىكىلىرى تۇغدۇرغىلى ئېلىپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ يۇرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. ئۇ ئۆي ئايالى بولغاچقا قوي قىرقىش، پادىلارنى قويۇۋېتىش، تال ئېچىش، قىغ توپلاش، ئېتىز ئىشى... دېگەندەك ھەممىنى ئۆزۈم قىلدىم. قانداق يېتىشتىڭىز، دەمسىنا؟ ھەر كۈنى مەكتەپتىن كېلىپ ئاران دېگۈدەك قىلىپ تۈگەتتىم، ئۆزۈممۇ كىچىكىمدە ئىش قىلىپ يوغىنىغاچ جىق بىلىنمىدى... ھەي، ئىككىلىمىز نېمانچە شور پېشانە-ھە؟ قانداقسىگە، دەمسىنا؟ جېنىم بالام، كەل، سېنى بىر قۇچاقلىۋالاي. يىغلىماي گەپ قىلىڭچۇ، دەۋاتامسەن؟ ماقۇل، مەن يىغلىماي، ئەمسە ھېلى سەنمۇ يىغلىمىغىن جۇمۇ. تازا غورا ۋاقتى ئىدى، ئاناڭدىن خەۋەر كەلدى، مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنى شۇ يەردە قويۇپ ئۇچقاندەك تېزلىك بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا چاپتىم. ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ ياتقان ئۆيگە ئۈسسۈپ كىرمەكچى بولىۋېدىم، قېيناتام تۇسىۋالدى. مەن ئۆزۈمنى تېپىپ، خىجىللىقتا ياندىكى ئۆيدە تىت-تىت ئىچىدە ئولتۇردۇم. بىردەمدىن كېيىن توغۇت ئايالىنىڭ ‹‹ۋاي بولمىدى، بولمىدى!›› دېگەن ئۈنلۈك ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەممەيلەن يۈگۈرۈپ كىردۇق، قارىسام سېنى ئانام قۇچىقىدا كۆتۈرگەچ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ. مەن سېنىڭ تېخىچە ئىڭڭەلەپ يىغلاۋاتقىنىڭدىن خاتىرجەملىنىپ، ھوشسىز ياتقان ئاناڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنى ئاتتىم، باشقىلارنىڭ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزىشى بىلەن ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارماق بولۇشتۇق... ئۆيىمىزنىڭ چەتلىكى، يېقىندا دوختۇرخانا بولمىغانلىقى ئۈچۈن يولدىلا مۇسىبەت يۈز بەردى. بالام، جېنىم بالام، بىز مانا مۇشۇنداق شور پېشانە ئىكەنمىز...
دادامنىڭ ئاشۇ قېتىملىق ئاچچىق يىغىسى ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ. كۆزۈمدىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياشنى سۈرتمەكتىمەن، مېنى دەپ ھازىرغىچە بويتاق يۈرىۋاتقان ئاشۇ دادامنىڭ ئېغىر ئازابلار يۇشۇرۇنغان تەبەسسۈملىك چىرايىنى ئويلىساملا مارجانلىرىم تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. ئۇ مەن ئۈچۈن قانچە ئۇلۇغ-ھە؟!
ئۇ مەن بىر ياشقا كىرگەندە بىر ئايال بىلەن توي قىلىپتۇ، ئەمما ئىككى يىل بولۇپمۇ ئۇ ئايال تۇغماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىجانلىق دادام مېنى چوڭ ئانامنىڭ يېنىدىن ئۆز قېشىغا ئەكىلىۋاپتۇ... دادام ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ يەنە ئىككى ئايال بىلەن توي قىلىپ چىقتى، نە سەۋەب؟ ئۇلارمۇ ئۈچ يىلغىچە تۇغمىدى. شۇڭىمۇ دادام ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى، نېمە دېسەم شۇنى قىلىپ بېرەتتى، مەنمۇ مۈمكىن بولمايدىغان ياكى يامان ئىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتمايتتىم.
مېھرىبان دادام، غەمگۈزار دادام، تىلتۇمار دادام، زۇلپىقار دادام، تاغ كەبى دادام... دادام بەكلا بالىجانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق ئاتىلارچە مېھرىنى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئىدى. باشقىلارنىڭ دادامغا كۆيۈنۈپ: ‹‹مەمەت ئەپەندى، تويۇڭنى قىلىۋالساڭ بولمامدۇ؟ بۇ قېتىم خۇدايىم بېرە.›› دېگەنلىكىنى، دادامنىڭ بولسا: ‹‹ھەي، مېنىڭ ئىدرىستىن بۆلەك نەچچە ئون بالام تۇرسا، شۇ يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟›› دەپ ئۆزىنىڭ نېمىگىدۇر ئاچچىق بولىدىغان قەلبىنى يوشۇرغانلىقىنى مەن نەچچە قېتىم ئاڭلىغان. شۇ چاغدا دادامنىڭ نەقەدەر باغرى كەڭ، ئوتلۇق مېھرى مەھەللەمدىكى بولاقنىڭ سۈيىدەك تۈگىمەس ئىكەنلىكىدىن ئالامچە دىلىم يايرىغان ئىدى، دادامدىن پەخىرلەنگەنىدىم. ئەمدىچۇ؟ ئەمدى چوڭ بولۇپ بەزى ئىشلارنى ئاز-تولا بىلىپ يەتكەن چېغىمدا دادامنىڭ قەيسەرلىك بىلەن، لېۋىنى لېۋىگە چىشلەپ تۇرۇپ مۇشۇ چاغقا ئۇلاشقىنىنى ئويلىساملا دادامنىڭ ئورنىدا ئازابلىناتتىم، يىغلايتتىم، يۈرۈكۈم نېمىشقىدۇر پۇچىلىناتتى...
ــــ يىغلاپسەنغۇ دوستۇم، نېمە بولدى ساڭا؟
نەمتۇلنىڭ قاتتىق، لېكىن ھېسداشلىق چىقىپ تۇرىدىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا قارىدىم: ئۇ مۆرمگە قولىنى قويغاچ ھەيرانلىقتىن تۈگۈلگەن قاشلىرى ئاستىدىكى قارا كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. كىچىكىمدىنلا بىر مەكتەپتە ئوقۇپ چوڭ بولغان بۇ يېقىن بۇرادىرىم كۆزۈمگە شۇنچىلىك ئىسسىق كۆرۈندى-دە، ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئېتىپ يىغلىۋەتتىم. ئۇ مۆرەمگە يېنىك مۇشتلىغىنىچە ماڭا تەسەللىي بەرگەچ، سوئاللارنى سورايتتى، مەن جاۋاب بېرىشكە بەكمۇ ئاجىز ئىدىم. مەن دوستۇمنى قۇچاقلاپ تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم...
(داۋامى بار...)
2014-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى پەيشەنبە، قاراقاش.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-16 07:41 PM