4
تېرەكلەر كەينىگە چوڭقۇرراق يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقان قۇياشنىڭ قىزىل نۇرى خىرە ياتاق دەرىزىسىدىن بۆسۈپ كىرىپ كارۋىتىمنى خېلىلا يورۇتقانىدى. مەن بۈگۈنكى بۇ ئاخىرقى يورۇقلۇقتا كىتاب ئوقۇۋېلىشنى غەنىيمەت بىلىپ، يىڭنە-يىپ بىلەن پارچە ئاق ۋاراقلار رەتلىك تىكىلگەن خاتىرەمنى سومكامغا سالغاچ قولۇمغا كىتاب ئالدىم. ‹‹شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى›› تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹مەرھابا›› ناملىق كىتابنى ھاياجان بىلەن ۋاراقلىدىم. يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك دېھقان شائىرى روزى سايىت تاغىنىڭ ‹‹يەر، قۇياش بار ــــ مەنمۇ بار!›› دېگەن غەزىلى بىلەن باشلانغان ئوتلۇق شېئىرلارنى مەن نەچچە رەت ئوقۇپ تۈگەتكەن، تېخى بەزىلىرىنى يادلىۋالغان. دائىم دادامغا دېكلىماتسىيە بىلەن يادلاپ بەرسەم ‹‹ياخشى ئوقۇساڭ مۇشۇ شېئىردا ئىپادىلەنگەن باغۋەنلەردىن بولالايسەن.›› دەپ مېنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ‹‹مەن باغۋەن›› دېگەن غەزەلنى پەس ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلدىم:
مەن مۇئەللىم ــــ پەن-مائارىپ سېپىنىڭ خىزمەتچىسى،
ياش بوغۇنلارنىڭ كۆيۈمچان تەربىيىچىسى ــــ ‹‹نەپ››چىسى.
مېۋىگە كىرگەي مېنىڭ ئەجرىم بىلەن يۇمران كۆچەت،
ئەل شۇڭا دەيدۇ مېنى ــــ گۈل غۇنچىنىڭ شەربەتچىسى...
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان داڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ شېئىرنى توختىتىپ دەرىزىدىن سىرتقا ــــ مەكتەپ مەيدانىغا قارىدىم. سىنىپ بىناسىنىڭ سول تەرىپىدىكى قاقشال تېرەككە زەنجىر بىلەن ئېسىلغان چوڭ ماشىنا قاسقىنىغا بىر ئوقۇغۇچى ھەدەپ تاش بىلەن ئورۇۋاتاتتى، ھەر تەرەپتىن داڭ تەرەپكە قاراپ ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ئېقىۋاتاتتى. مەن ياتاقداشلىرىمنى چاقىرىش ئۈچۈن بۇرۇلدۇم، پەرھات، رېھىمجانلار ئاللىبۇرۇن دەرىزەم تۈۋىگە كېلىپ سىرتقا قاراپ تۇرۇشقانىكەن. ئۇلار ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈشۈپ قويغاندىن كېيىن پەرھات:
ــــ قارىغاندا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپقا ئايرىغۇدەك، ــــ دېدى ياتاق ئىچىدىكىلەرنى توۋلىغاچ، ــــ ھەي ھېيتەم، نەمتۇللا، پەرۇخ، ئادىل يۈرۈڭلار، مەكتەپ بىناسى ئالدىغا يىغىلغۇدەكمىز!
ــــ توختىنىمۇ ئويغىتىپ بىللە ئېلىپ چىقايلى. ــــ دېدىم مەن ئوڭ يېنىمنى ئىشارەت قىلغاچ قېشىمنى ئوينىتىپ، ــــ ئۇمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمىسۇن.
ــــ توختى، ھەي توختى! ــــ پەرھات بۇرۇلۇپلا ئۇنى ئويغاتتى، ــــ تۇرغىن، سىنىپ ئالدىغا يىغىلىمىز.
ئۇ كۆزىنى ئۇۋلىغىنىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ يوتقىنىغا يۆلەندى. باشقىلارمۇ كارۋىتىدىن چۈشۈشكە تەمشەلگەن: ھېيتەم قولىدىكى كىتابىنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ كارىۋات بېشىغا ئېلىپ قويغان بادام دوپپىسىنى كەيدى، پەرۇخ كىتابنى بوغچىسىغا سېلىپ قويۇپ ئىتتىكلا كارىۋاتتىن چۈشتى، ئادىل بۇرۇنقى قىياپىتى بىلەن ئولتۇرۇپ پەرۋاسىز ھالدا گۈللۈك قول ياغلىقىغا قولىنى ئېرتىۋاتاتتى... مەن تېخىچە تۇرۇسقا قاراپ خىيال سۈرىۋاتقان دوستۇم نەمتۇللانى توۋلىدىم:
ــــ نەمتۇل، كارۋىتىڭدىن چۈش، بىللە چىقايلى.
ئۇ غۇدۇرىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى:
ــــ كەچ كىرەي، دېگەندە نېمە جىق ئىش بۇ؟
پەرھات ۋە رېھىمجان مەن بىلەن بىللە، قالغانلارمۇ ئۆز كارىۋىتىدا خۇددى بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغاندەك ئولتۇرۇشقانىدى. پەرۇخ:
ــــ چىقايلى ئەمسە، تۇرۇڭلار. ــــ دېدى ئىتتىكلا قوزغىلىپ ئالدىمىزدا چوڭ قەدەم تاشلاپ.
بىز كۇسۇرلاشقىنىمىزچە ياتاقتىن چىقتۇق. ياتاقنىڭ چوڭ كارىدورىدا سىرتقا قاراپ ئالدىراش مېڭىۋاتقان كونا-يېڭى ئوقۇغۇچىلار سېپىگە بىزمۇ قېتىلدۇق.
چوڭ سېمنۇت مەيداندا ئوقۇغۇچىلار مىغىلداپ تۇرۇشماقتا، سىنىپ بىناسىنىڭ سول تەرىپىگە، ياتاق بىناسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئورنىتىلغان تۆمۈر موما ئۈستىدە قىزىل بايراق سۇس لەپىلدىمەكتە، ئىككى پەشتاقلىق بايراق سۇپىسىدا قوللىرىدا نېمىدۇر يېزىلغان ۋاراقچىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئوقۇتقۇچىلار ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تەرتىپكە سالماقتا.
ئەنە، ئىككى قاتار بولۇپ رەتلىك تىزىلغان ئوقۇغۇچىلارغا ساۋۇت مۇئەللىم ئاللىنېمىلەرنى سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ. بىز ــــ ياتاقتىن چىققان سەككىزىمىز پەرۇخنىڭ كەينىدىن مېڭىپ سەپنىڭ ئارقىسىغا بېرىپ تىزىلدۇق.
ــــ ھەر قايسى ئوقۇغۇچىلار تىنچ، ھازىر مەكتىۋىمىزگە قۇبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپ مۇدىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز!
بەلكىم مەكتەپنىڭ بىرەر رەھبىرى بولسا كېرەك، پاكار، سېمىز، يوغان قورساق كەلگەن بىر كىشى ۋارقىراپ سۆزلىدى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن يېنىك چاۋاكلار ئاڭلاندى. دېگىنىدەك سۇپىدىكى ئۆرە تۇرۇۋالغان ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەت بويىچە تۇنۇشتۇرۇلدى ۋە مەسئۇل قىلىنغان سىنىپى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بىر قىسىم تەرتىپلەر ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى بار رەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ يوقلام قىلدى. شۇ جەرياندا توختى بىلەن ھېيتەم توققۇزىنچى يىللىق ئىككىنچى سىنىپ قاتارىغا ئۆتتى. ئەسلى ئۇلار بىلەن بىر سىنىپتا تەڭ چوقان سېلىشىپ، ئوخشاش مەسىلىلەردە، ئوخشاش ئوقۇش مۇھىتىدا ئۈچ يىل بىرلىكتە ئىزدەنگۈم، ئۆگەنگۈم بار ئىدى. ئۇلارنى تېخى ئوبدان چۈشەنمىسەممۇ، لېكىن باشقا سىنىپتا ئوقۇيدىغىنىنى بىلىپ خۇددى يېقىن دوستلىرىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئۇلارنىڭ قەدىمىگە مېھىرلىك بىلەن قارىدىم. ئۇلار ھېچ ئىش بولمىغاندەك، خۇددى مۇشۇنداق بولىشى نورمال ئىشتەك بىزگە ــــ ئالتىمىزگە قاراپمۇ قويمىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بويۇنىنى ئالدىغا سوزۇپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان پاينەكباش، ئورۇق، قىرىق ياشلار ئەتراپىدىكى سىنىپ مۇدىرىنىڭ تۈكۈرۈك چاچرىتىپ سۆزلاۋاتقان ئېغىزىغا تىكىلگەن ئىدى. مەن ئۇلاردىن ئاغرىنمىدىم، چۈنكى ئۇلار بىز بىلەن تونۇشقۇدەك بولمىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بىزگە قارىماسلىقى توغرا.
ساۋۇت مۇئەللىم ئۆزىنى قىسقىغىنە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، يوقلىما قىلدى، تېخى يەنە بەش ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كېلىپ بولالمىغان ئىكەن. ئۇ تولۇقسىزدىكى ھېلىقى ئوقۇتقۇچىلاردەك ئارتۇقچە ئاچچىقلانماستىن، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بىزگە سۆز قىلدى:
ــــ ھېچقىسى يوق، ئەتە كەلسىمۇ بولىدۇ. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئوقۇش باشلايمىز، زۆرۈر ئىشلىرى چىقىپ قالغان بولسا ئۆگۈنلۈككىچە ئۈلگۈرۈپ كەلسىمۇ بولىدۇ.
ساۋاقداشلار، كەچ كىرىپ قالدى. ئەسلى سىلەرنى ئەتە ئەتىگەن سىنىپقا يىغىپ سۆزلىمەكچى ئىدۇق، مەكتىپىزدە ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان يولداشلارنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى يېڭى كىتابلارنى ئەكىلىش، كەملىگەن پارتا-ئورۇندۇقلارنى ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىب-ماتېرياللىرىنى رەتلەپ تۇرغۇزۇش... دېگەندەك بىر قانچە تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۈچۈن ۋاقتىمىز يار بەرمىدى. شۇڭا سىلەرنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ سالدۇق، توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
ساۋاقداشلار ئارىسىدىن يېنىك پاراڭلار ئاڭلاندى. مەن ئۇلارنىڭ يۈزىدىكى ھەرخىل چىراي ئىپادىلىرى توغرىسىدا خىيال قىلىشنى قايرىپ قويۇپ، تېزلا ئالدىمغا قارىدىم. ساۋۇت مۇئەللىم بۇ قېتىم ھاياجان بىلەن ۋارقىراپ سۆزىنى داۋام قىلدى:
ــــ مەن كۆپ سۆزلىمەي، ئەمما مۇنۇ نوقتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇشۇڭلار كېرەك: سىلەر ھازىر توققۇزىنچى سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىلەر، ئۈچ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش ھاياتىنى باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىلەر! سىلەر ئەمدى ئىلگىرىكىدەك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرى ئەمەس، ئۆگىنىدىغان پەنلىرىڭلارمۇ يېڭىدىن قوشۇلغان، دەرسلىكىڭلارنىڭ سالمىقى، ئۆگۈنۈش دەرىجىسى بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئېغىر ۋە مۇرەككەپ! شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆزۈڭلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يىراق سەھرادىن بۇ يەرگە كېلىپ نېمە قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ يېتىشىڭلار زۆرۈر، نېمە ئىش قىلىسىلەر؟ ئەلۋەتتە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىسىلەر، ۋۇجۇدۇڭلاردىكى بارلىق تۇيغۇنى بىلىم ئېلىش ئۈچۈنلا مۇجەسسەم قىلىسىلەر! بۇنداق ئۆگىنىش قىلىپ ئاخىرىدا قانداق نەتىجىگە ئېرىشىسىلەر؟ ئەلۋەتتە توختىماي بىلىم ئېلىش، ئىزدىنىش بىلەنلا كۆزلىگەن غايە-نىشانىڭلار، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانىڭلارغا يېتىسىلەر! قېنى ساۋاقداشلار، ئۆزىنىڭ بەختلىك تەقدىرى، مىللىتىمىزنىڭ شانلىق كەلگۈسى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلالايدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
ھەممەيلەننىڭ قوللىرى ھاۋادا پولاڭلىدى، مەندەك بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەن بەزى ساۋاقداشلىرىم ئىككىلا قولىنى تەڭ كۆتۈرىشىۋالغان ئىدى.
ــــ ياخشى، قوللىرىڭلارنى چۈشۈرۈڭلار! ــــ ساۋۇت مۇئەللىم چېھرىغا خۇش كۈلكە يامرىتىپ ۋارقىراپ تاشلىدى، ــــ سىلەرنىڭ بۇ خىل ئىپادەڭلارگە قاراپ مەن بەكمۇ خاتىرجەملەندىم. ھەر ۋاقىت مۇشۇ خىل كەيپىياتنى ئىزچىل داۋام قىلغايسىلەر! قېنى، ئەمدى ھەممىڭلار ئۆز ياتىقىڭلارغا قايتىپ، ئەتىكى گۈزەل سەھەرنى بىرلىكتە كۈتۈۋالغايسىلەر!
ھەممەيلەن ئاستا-ئاستا چېچىلىپ ياتاق بىناسى تەرەپكە مېڭىشقانىدى. ئالتىمىز ئارىسىدىن ئادىل ئاللىبۇرۇن يۈرۈپ كەتكەن، نەمتۇللا بولسا قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە ئالدىمىزدا ئىتتىك قەدەملەر بىلەن كېتىپ بارغان ئىدى. تۆتىمىز ساۋۇت مۇئەللىمنىڭ ھاياجانلىق سۆزلىرىنى يەنە قايتا ئاڭلىغۇمىز باردەك ئارقىمىزغا ــــ بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن قىزغىنلىق بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان سىنىپ مۇدىرىمىزغا بۇرۇلۇپ قارىدۇق، ئەمما ئۇنىڭ ۋاقتى يوقتەك قىلاتتى. بىز ئۇ ۋە ئۇنىڭ رىغبەتلىك سۆزلىرى ئۈستىدە پاراڭ سېلىشقاچ ئالدىمىزغا بۇرۇلۇپ قەدىمىمىزنى ئىتتىكلىدۇق.
(داۋامى بار...)
2014-يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سەيشەنبە، قاراقاش.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-10 06:01 PM