8
دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنڭ قىرىق تۆت يىللىقىغا قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت بايرىمىنى مەكتىپىمدە بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۈم، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ماڭا توڭ كۆرۈنىدىغان ئادىلنىمۇ ئوبدانلا چۈشۈنۈپ يېتىشكە باشلىدىم: ئۆزىنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى ئاسانلا باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان، بىراۋغا ئاسانلا ‹‹يوغان پوق، نەزىرى ئۈستۈن›› كۆرۈنىدىغان بۇ يىگىتنىڭ ئۆزگىچە خارەكتېرى ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرقىغا بەكمۇ ماس كەلگەن، چۈنكى ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا مانا مۇشۇنداق ئەركە ۋە نازۇك. ئۇنىڭ ئىچىگە ئوبدان كىرىپ چىقىدىغان بولسىڭىز ئېگىز تاغ چوقىسىدىكى قار لەيلىسىدەك پاكىز ۋە ئەركىن، يىراقتا سۇلىرى ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان ئېقىن بويلىرىدىكى مامكاپتەك نازۇك ۋە تىنچ، خۇددى بۇلبۇلنىڭ كېلىپ قونۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان، كۆڭلى نېمىدىندۇر ياتسىراپ قالغان تەنھا گۈل غۇنچىسىدەك پاك ۋە غۇبارسىز قەلىب دۇنياسىنى كۆرۈۋالالايسىز.
مەكتەپ ــــ بىر ئىللىق ئائىلە. ئوقۇتقۇچىلار ــــ مەسئۇلىيەتچان ئائىلە باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار بولسا بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ كەپسىز بالىلىرى. خۇددى ئائىلىدىكى كەپسىز بالىلار بىردەملىك ھاياجان بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، يەنە بىردەمدىلا چىن قېرىنداشلىقىغا قايتقىنىغا ئوخشاش، مەنمۇ ئادىل بىلەن ئۇزۇنغا قالماي يېقىن دوستلاردەك بولۇپ كەتتىم. ئىلگىرى دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماي، دائىم دەرىزە سىرتىغا قاراپ نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىدىغان بۇ ساۋاقدېشىم، شۇ قېتىمقى كىچىك بىر جېدەلنىڭ نەتىجىسى ــــ پەرھات ۋە پەرۇخلارنىڭ قېرىنداشلارچە تاتلىق نەسىھەتلىرى، مېنىڭ ۋە ياتاقداشلارنىڭ دوستانە ئىللىق مۇئامىلىلىرى بىلەن ئۆزىگە قايتقاندەك بولدى: دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭغا پات-پات ئوغرىلىقچە كۆز يۈگۈرتكىنىمدە قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، ھەيرانلىقتىن يوغىنىغان كۆزلىرى مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىغا تىكىلگەن ئىدى؛ ئىستىھارەت ۋاقىتلىرىدا ئىلگىركىدەك مەيدانغا چىقىپ قىز مارىلايدىغان ھەرىكىتى ھازىر چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرنى، ئىددىيىسىدىن ئۆتمىگەن بەزى پىكىرلەرنى مەن ۋە باشقا ساۋاقداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۆزگەرگەنىدى؛ ياتاقتا ساندۇقىغا ئالدىنئالا تەييارلاپ قويۇلغان ئاق شامىنى ياندۇرۇپ ئۇزۇنغىچە تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى... ئۇنىڭغا بارغانچە مەستلىگۈم كېلەتتى...
مەكتەپتىكى كۈنلىرىم ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ۋاقتىدا پىششىقلاش، باسقۇچلۇق ئىمتىھان تەييارلىقى، ساۋاقداشلار ئارا مۇناسىۋەت... ئىشقىلىپ، ئالدىراشچىلىق بىلەن بىر-بىرىدىن مەنىلىك ئۆتۈۋەردى. ئەلۋەتتە، دوستلىرىم بىلەن ئارام ئېلىش، ھاردۇق چىقىرىشمۇ مەن ئۈچۈن كەم ئەمەس ئىدى ۋە تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى.
مەكتەپ ھاياتىدا كۆڭۈللۈك ئىشلار نۇرغۇن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تېخىمۇ قىززىق ۋە ئەڭ نازۇك ئىش لەقەم سىڭىپ قېلىش. بىرسى سېنى چاقچاق قىلىپ بىرەر نەرسىگە ئوخشاتتىمۇ، بولدى. خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك، ئاخۇنۇم تەكبىر ئوقۇپ، ئەزان توۋلاپ چاقىرغان ئىسىمدەك تاكى شۇ مەكتەپتىن ئايرىلغۇچە ساڭا مۆھۈر بولۇپ بېسىلىدۇ، تېخى ئۇ بىراۋنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس خاسلىقىدەك، مەكتەپتىن ئايرىلغان بولساڭمۇ بىر-بىرىڭ بىلەن ئۇچراشقىنىڭدا دەرھال ئېسىڭگە كېلىپ گۈزەل چاغلارنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئىشمۇ بەزىدە ياخشى: ئادەمنىڭ نېمىدىندۇر غېرىپسىنغان، نېمىگىدۇر سېغىنىپ تارتىشقان يۈرىكىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ياشارتىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ماڭىمۇ لەقەم سىڭدۈرۈپ ئۈلگۈردى، لېكىن مەن باشقىلاردەك ئاسانلا خاپا بولمايتتىم. ‹‹ھەي، ئىدرىس باداڭ››، ‹‹ھەي، كىتاب تاغىرى›› دەپ چاقىرىشلىرىنىڭ قايسىسىغا خاپا بولاي؟ باشقىلارنىمۇ ‹‹نەمتۇل بەز، رېھىمجان مايمۇن، ئادىل سۈندۈك، پەرھات كاتاك، پەرۇخ مەشرەپ...›› دەپ چاقىرىشسا نەمتۇلدىن باشقىسى چاقچاق بىلەن گەپ قايتۇرىدىغۇ؟
سىنىپىمىزدىكى قىرىق يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇز ئۈچى ئوغۇللار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن گاھى كۈنلەردىكى ئىستىھارەت ۋاقتىدا سىنىپ ئىچى بەكمۇ قىززىيتتى: كەچ كۈزنىڭ غۇي-غۇي سوغۇق شاماللىرىدا مەيدانغا چىقىپ توپ ئويناشنى، بىكاردىن يەر چىڭداپ، لاغەيلەپ يۈرۈشنى خالىمايدىغان ماڭا ئوخشاشلار سىنىپنىڭ ئوتتىرىسىغا ئورنىتىلغان چېلەك مەشنىڭ ئەتراپىغا ئورۇندۇقلارنى تىزىپ ئولتۇرۇشۇپ، قولىدا مەش كوچىلايدىغان زىخچىنى ئويناپ تۇرۇپ زوق بىلەن سۆزلەپ كېتىدىغان ‹‹گەپدان››لارنىڭ سۆزلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىشاتتى، ئۆتكۈر چاقچاقلارنى قىلىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشەتتى، قىززىق تالاش-تارتىشلارغا چۈشۈپ بەزىدە قىزىرىشىپمۇ قالاتتى؛ قىزلار كىمنىڭ كىمگە بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلغانلىقى، ئاخشام كىمنىڭ ياتاق دەرىزىسى تۈۋىدە كىمنىڭ مارىلاپ يۈرگەنلىكى، يەنە كىملەر كىمنىڭ پارتىسىغا خەت تاشلاپ قويغانلىقى... توغرىسىدا بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلىشىپ، قوڭغىراقتەك جىرىڭلاپ كۈلۈشەتتى؛ يەنە بەزىلىرى قېلىن چاپىنىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالغان بېشىنى پارتىغا قويۇۋېلىپ بىردەم مۈگدىۋالاتتى...
ئادىل، بولۇپمۇ رېھىمجان ‹‹سورۇن››نى خېلىلا قىززىتىپ قوياتتى.
بىر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ‹‹سايىت كاپ-كاپ›› دەيدىغان ساۋاقدېشىمىز سۆزلەۋاتقان قىززىق پارىڭىنى تۈگەتمەيلا رەتلىك، لېكىن نېپىز كىيىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن مەش كانىيىغا قولىنى سوزۇپ ئىسسىنىۋاتقان بولسىمۇ تىترەپ ئولتۇرغان ئادىلغا قېشىنى ئوينىتىپ گەپ ئاتتى:
ــــ ھە، ماۋۇ ئالدىغىراق كېلىپ ئولتۇرۇڭلا، سۈندۈكتەك تىترىگىچە.
ھەممە كۈلۈشتى، لېكىن ئادىلمۇ بوش كەلمىدى:
ــــ سىلە ئېغىزىڭلىدىن كۆپۈك قايناپ كەتسىمۇ تولا كاپىلداپ، ئادەمگە تۈكرۈك چاچرىتىسىلە. ئورنۇمدا ئولتۇرۋېرەي، بولدى.
باشقىلار كۈلۈشكىنىچە تەرەپ-تەرەپتىن ئادىلنىڭ قاتارىغا ئۆتتى:
ــــ شۇ، شۇڭا ياقىسى ساتراچنىڭ كېپىدەك شالتاق بۇنىڭ.
ــــ يوقىلاڭ ئىشلارغىمۇ ياقىسىنى تولا چىشلەپ يۇمشىتىپ تۇرىدۇ، بۇ!
ــــ سوپۇن ئىشلەتمەيدۇ، دېگىنە، ماغزىپى ئۆزىدىن بولغاندىكىن. ھا-ھا-ھا...
ــــ ھەي، سېنىڭ ماغزىپىڭ توقاچ سوپۇندەك قاتتىق بولمىغاندىكىن، سۇيۇق قىلىپ سوپۇن ئىشلىسەڭ بولمامدۇ، بىكارغا كاپىلدىغۇچە.
ــــ تۈكرۈكۈڭ ‹‹ئەپەندىم›› سوپۇنىچىلىك پاكىز ئەمەس، راست!
ــــ ھا-ھا-ھا...
ھەممەيلەن تېلىقىپ كۈلۈشتۇق، رېھىمجاننىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكەنىدى. بۇ قېتىم ‹‹كاپ-كاپ›› ئۆزىنى ئوڭشاپ رېھىمجانغا گەپ تاشلىدى:
ــــ قاراڭلا، مايمۇنمۇ يىغلىيالايدىكەن-ئەنە! قانداق، ئورمانلىقتا مۇسىبەت بولمىغاندۇ، ئاداش؟
رېھىمجان ئەمدىلا يېشىنى سۈرتۈپ، گازىر كۆزى تېخى ئېچىلماي تۇرۇپلا ‹‹كاپ-كاپ››نىڭ بۇژغۇن پەيدا بولغان ئېغىزىنى كۆرۈپ قېلىپ تولغۇنۇپ تېلىقتى، كۈلكىمىز تېخى ئاياقلاشماستىلا ئۇنىڭ كۈلكىسىگە قاراپ قاقاقلىشىپ كەتتۇق. باشقىلار بۇ قېتىم ‹‹نىشان››نى رېھىمجانغا قاراتقانىدى:
ــــ يۇرتىدا ناماز بولىۋاتسا كۈلۈۋاتقىنىنى، مانىڭ...
ــــ ھېلى يىغلايدۇ، ھېلى كۈلىدۇ، ساراڭ مايمۇن ئوخشايدۇ.
ــــ ھەي، بوش تولغىنىڭلا، مەشنى قۇچاقلىۋالماڭلا، يەنە! ھا-ھا-ھا...
ــــ ئالتۇن قاشلىرىڭلا كۈمۈش قاش بولۇپ قالمىسۇن، ھېلى!
ــــ ئوچاقتا چوغ تۈگەپ قالىدۇ، ھەممىنى قېشىڭلىغا سۈركىۋېلىپ...
بۇ قېتىممۇ سىنىپ ئىچىنى بىر ئالغانىدۇق: بەزىسى ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، بەزىسى بىر-بىرىنىڭ مۆرىلىرىگە، يوتىلىرىغا شاپىلاقلىشىپ، يەنە بەزىلىرى ئۈستەلگە مۇشتلاپ قاقاقلىشىپ كۈلۈشەتتى. ئۇخلاۋاتقانلار ئويغۇنۇپ كەتكەنىدى، قىزلار بىزگە قاراپ ھەيرانلىق بىلەن كۇسۇرلىشاتتى، قوشنا سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئىشك تۈۋىدە پەيدا بولۇپ ‹‹نېمە ئىش بولغاندۇ، بۇلارغا؟›› دىيىشىكىنىچە بىزگە قاراپ قالاتتى...
بەزى چاغلار مانا مۇشۇنداق كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما، ئۆگىنىش قىلىدىغان ۋاقىتتا ھېچكىممۇ ئۈنلۈك پاراڭ قىلمايدۇ، چوقۇم تىنچ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىشى كېرەك ياكى سىرتقا چىقىپ كېتىش كېرەك. بۇ ھەممەيلەن ئورتاقلىشىۋالغان قائىدە.
مەن سىنىپىمنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بۇ قائىدىسىنى ياقتۇرىمەن، بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىمەن: بەزى كۈنلىرى توپ ئوينىغىلى چىقمايدىغان پەرۇخ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مەسىلە ئىشلەيمەن، كونسېپت يازىمەن، خەنزۇچە جۈملە يادلايمەن؛ رېھىمجاندىن تاپشۇرۇق ئىشلىگەن-ئىشلىمىگەنلىكىنى پات-پات سوراپ قويىمەن ۋە جېكىلەپ تۇرىمەن؛ ئادىلجاننى جۈملە يادلاتقۇزىمەن، ئۆتۈلگەن دەرسلەردىن بىر قۇر سوراپ چىقىمەن... ئىشقىلىپ، ئۇلار مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمنى ياقتۇرىدۇ، مەنمۇ ئەلۋەتتە خالايمەن ۋە ئۇلارغا زېھىن بېرىمەن. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يېقىن ھەمراھلىرىم ئىچىدىكى ‹‹پارلاۋاتقان يۇلتۇز››لاردۇر.
(داۋامى بار...)
2014-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سەيشەنبە، قاراقاش.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-14 12:32 PM