2
كۆپ يەرلىرىنىڭ سىرلىرى ئاجرىغان، تاملىرى يۇرتۇمدىكى ھېلىقى مەسچىتنىڭكىدەك ئېگىز، ئون كىشلىك ياغاچ كارىۋات قىستاپ توشقۇزۇلغان، تېگىگە سېغىز خىش زىپچىلاشتۇرۇپ بېسىلغان چوڭ ياتاقنىڭ دەرىزە تۈۋىدىكى كونا ياغاچ كارىۋاتقا ‹‹ئۇھ!›› دېگىنىمچە ئولتۇرغاچ ياتىقىمنى تاشلاپ ياتاق ئىچىگە قايتىدىن كۆز يۈگۈرتتۈم: بەزىلىرى ئورۇنلىرىنى راسلاۋاتقان، بەزىلىرى مەكتەپكە كېلىشىگىلا راسلانغان ئورۇندا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقان، يەنە بەزىلىرى ھاردۇق يەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ ئاياغلىرىنى سېلىشىپ ئارام ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقان يېڭى ساۋاقداشلىرىمغا زوق بىلەن قاراپ چىقتىم ۋە ھەر بىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ كۆرۈشۈپ چىقتىم. بەزىلىرىنىڭ سالام قايتۇرغاندىكى ئىنكاسى بەكمۇ قىزغىن، ئۇلار بىلەن تونۇشۇپمۇ بولدۇم؛ بەزىسى قولۇمنى ئالدىراپ سىقىپ قويۇپ ئۆز ئىشىغا راۋان بولۇشاتتى، مەن بۇلارنىڭ بۇ خىل پىسخىك ھالىتىنى كىتابلاردا تولا ئوقۇغاچقا ئانچە كۆڭلۈمگە ئېلىپمۇ كەتمىدىم.
ئەمدىلا ئورۇنۇمنى راسلاپ تۇرۇشۇمغا ئېگىز بويلۇق، قاڭشارلىق، چاچلىرى ئۆسكىلەڭ، قارا قاش يىگىتتىن بىرسى ئىشكتىن كىردى-دە، يېنىمغا كېلىپ ئىللىققىنە سالامغا قول ئۇزاتتى:
ــــ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مېنىڭ ئىسمىم پەرۇخ. مەن توققۇزىنچى يىللىق بىرىنچى سىنىپقا تەقسىم قىلىنغان، ئۆزەڭلاچۇ بۇرادەر؟
ئۇچىسىغا كۆك خادانى چاپان كىيگەن، رەڭگى ئۆچكەن چىپراقۇت ئىشتىنىنىڭ تىزى خۇددى جەينەكتەك ئېگىلىپ تۇرغان، پۇتىغا ئۇچ تەرىپى ئازراق يىرتىلغان رېزىنكە خەي كىيىۋالغان بۇ خۇش چىراي يېڭى ساۋاقدېشىمغا مەنمۇ ھۆرمەت بىلەن سالام قايتۇردۇم:
ــــ ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام، مېنىڭ ئىسمىم ئىلھام. ئىككىمىز بىر سىنىپلىقكەنمىز، كېيىنچە پارتىداش بولۇپ قالساق ئەجەب ئەمەس.
ــــ ئەكىلىڭلا، مەن راسلىشىپ بېرەي. ــــ دېدى ئۇ تېخى يىشىلمىگەن يۈك-تاقىمغا قول ئۇزاتقاچ كۈلۈمسىرەپ، ــــ ياتاقداش، سىنىپداش ئىكەنمىز، سىلە دىگەندەك پارتىداش بولۇپ قالساق بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە جەھەتتە بىر-بىرىمىزگە ھەمدەم بولۇشۇپ ئوقۇپ كېتەرمىز.
ئۇنىڭ سەمىمىيەتلىك چىقىپ تۇرىدىغان تۇنجى سۆزلىرى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. مەن تەكەللۇپ بىلەن:
ــــ بولدى، سىلىنى ئاۋارە قىلماي. ــــ دېدىم ئۇنىڭ قولىغا چىقىپ بولغان يۈك تاقىمنى تارتماقچى بولۇپ، ــــ ئۆزۈم سالاي، سىلە ئارام ئېلىۋېلىڭلا، ھېرىپ قالغانسىلە.
ــــ ھاي، ما قىلىقىڭلا بولمىدى ئاغىنە. مەن بايام نېمە دېدىم؟ بىر-بىرىمىزگە ياردەمدە بولىمىز، دېدىم. قېنى سىلە ئاۋۋال ھاردۇقۇڭلارنى ئېلىۋېلىڭلا، بۇنچە كۆپ نەرسىنى كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ بولغۇچە ھېرىپ قالدىڭلا ھەقىچان.
ئۇنىڭ دوستلۇق يۈزىسىدىن كۆيۈمچانلىق بىلەن ئېيتىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم ۋە قىلغىلى قىلىق تاپالماي ئاۋارە بولدۇم.
ــــ نېمە بۇ سومكىنىڭ ئىچىدىكى؟ نېمانچە ئېغىر؟ ــــ ئۇ سومكامنى كۆتۈرۈپ ئۇيان-بۇيان ئۆرۈگىنىچە قاراپ مەندىن سورىدى.
ــــ كىتاب. ــــ دېدىم قىچىشمىغان بېشىمنى قاشلاپ قويغاچ ــــ بىر دۆۋە خەت بېسىلغان قەغەز.
ئۇ كۈلۈپ تاشلىدى:
ــــ ھا-ھا-ھا... خەت بېسىلغان قەغەز، دەڭلا. ھە، تازا كىتاپخۇمار ئوخشىمامسىلە؟
ــــ شۇ ئاز-تولا كىتاب ئوقۇيمەن، بۇ مەن ئىككى-ئۈچ قېتىم ئوقۇپ بولغان كونا كىتابلار. يېڭى كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇلۇم يوق، بولمىسا بۇ سومكىنىڭ ھەجىمى، ئېغىرلىقى تېخىمۇ ئاشاتتى.
ــــ زىچلىقىمۇ ئاشاتتى-دە.
بىز بىر پەس كۈلۈشتۇق. ياتاق ئىچىدىكى باشقا ساۋاقداشلارمۇ كۈلۈشۈپ قويدى.
ئۇ ــــ پەرۇخ ناھايىتى خۇش چاقچاق يىگىتكەن، ئۇنىڭ بىلەن بىردەمدىلا يېقىن دوستلاردەك بولۇپ كەتتىم. ئۇ سومكامدىكى كىتابلارنى ئاۋايلاپ ئېلىپ، يىرتىلاي دەپ قالغان مۇقاۋىلارنى خۇددى كۆيۈمچان دادا بالىسىنىڭ بېشىنى سىلىغاندەك مېھىر بىلەن سىيپىدى. مەن ئۇنىڭ كىتابنى قەدىرلەيدىغان، ماڭا ئوخشاش ئىلىم-بىلىمگە ھېرىسمەن ئىكەنلىكىگە مەمنۇن بولۇپ ئىللىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.
ــــ كىتاب ئوقۇشنى بىلىپ، ئاسراشنى بىلمەيدىكەنسىلە ئەمەسمۇ؟ ــــ دېدى ئۇ مېنى خىجىل قىلىپ، ــــ ئەكىلىڭلا، ھەممە كىتابلىرىڭلانى ئۆزۈملا مۇقاۋىلاپ بېرەي. قارىمامسىلە، مەن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، ئەمما ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان كىتابلاركەن بۇ. مەن مۇقاۋىلاپ بەرسەم ئارىيەتكە بېرىپ تۇرامسىلە؟ خاتىرجەم بولۇڭلا، مەن كىتابنى قۇرئاننى ئاسرىغاندەك ئەتىۋارلايمەن.
ــــ ئەلۋەتتە بولىدۇ، يۈتۈپ كەتمىسلا، يىرتىلىپ كەتمىسىلا بولدى. ــــ دېدىم خۇددى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمنى بوينۇمغا ئالغاندەك سىلىق تەلەپپۇز بىلەن، ــــ ئىشقىلىپ مەن بۇ كىتابلارنى خېلىلا چۈشىنىپ بولدۇم، خېلى كۆپ خاتىرىمۇ قالدۇردۇم. ئەمدى يېڭى كىتابلار بولسا ئوقۇيمەن.
ــــ ۋاي-ۋۇي، ماۋۇ كىتابنىڭ ئىچى نېمانچە ئالا-چىپا؟ كىتابنىڭ ئۈستىگە كىتاب يازدىڭلارمۇ نېمە؟
ــــ ھە، بەزىسى يادقا ئېلىش ئۈچۈن، بەزىسى خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن، يەنە بەزىسى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم.
ــــ مۇنداق دەڭلا، لېكىن كىتابنىڭ ئىچىنى كىگىزچىدەك بويىۋېتىپسىلە ئەمەسمۇ؟ بوپتۇ، ئارىيەتكە بەرگىنىڭلارغا خۇش بولاي. رەھمەت جۇمۇ.
ئۇ كىتابلىرىمنى قولتۇقلاپ ئۆز كارىۋىتىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئورۇنى نېپىز بىر قەۋەت گەنچ ساڭگىلاپ تۇرغان، يۈزىگە ھەرخىل قەلەم، تۆمۈر چوكا دېگەندەك نەرسىلەر ئارقىلىق يېزىلغان خەتلەر، سىزىلغان نەقىشلەر بىلەن بويىلىپ كەتكەن ئۇدۇلۇمدىكى تام تۈۋىدە ئىكەن. ئۇ ئاۋۋال كىتابلارنى ئاۋايلاپ كارىۋاتقا قويدى-دە، خۇددى ئىشتىھاسى تۇتۇپ كەتكەن ئاچ قورساق ئادەمدەك ئالدىراپ ئايىغىنى سېلىپ كارىۋىتىغا چىقتى. ئۇنىڭ ھەر قېتىم بېشى سىلكىنگەندە، ئۇيان-بۇيان لەپىلدەپ تۇرىدىغان سېرىققا مايىل ئۆسكىلەڭ چاچلىرى ئات يۈزىگە بەكمۇ چىرايلىق ياراشقانىدى.
ھەممە ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش. مەن ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى ساۋاقداشلىرىمغا ئانچە نەزەر سېلىپمۇ كەتمىدىم، كۆزۈم پەقەت ئۇنىڭ ھەرىكىتىگىلا تىكىلگەن ئىدى: ئۇ بوغچىسىدىن بىر تۇتام كونا خەنزۇچە گېزىت ئېلىپ، كىتابلارنىڭ ئۇزۇن-كەڭلىكىنى ئۆلچەپ، قەلىمى بىلەن گېزىتنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىگە چېكىت قويماقتا، قوللىرى نازۇك ئىشلاردا پىشىپ قالغانمۇ، گېزىتنى قولى بىلەن تىك ھالەتتە يىرتماقتا، تەييار بولغان گېزىت پارچىسىنى كەڭ يېيىپ، كىتابنى ئۆلچىۋالغان يېرىگە ئەكىلىپ تۇرۇپ مۇقاۋىلىماقتا... مانا، ھەش-پەش دېگۈچە ئۈچ پارچە كىتابقا چىرايلىق جىلتا كىيگۈزۈپ ئۈلگۈردى. مەن ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە زوق بىلەن قاراپ چىقتىم.
ئېگىز، كەڭ قوش قاناتلىق ياتاق ئىشكى ھاڭغىرىقاي ئوچۇق، ياتاقداشلار كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ. مەن كۆزۈمنى توپا بېسىپ كەتكەن دەرىزە ئەينىكىدىن سىرتقا ــــ مەكتەپ مەيدانىغا يۆتكىدىم. ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ھەر تەرەپكە نەزەر سېلىپ پاراڭلىشىۋاتقان يېڭى ئوقۇغۇچىلار، مەيدانغىلا يۈك تاقىنى تاشلاپ ئۈستىدە ئاللىكىملەرنى ساقلاپ ئولتۇرۇشىۋاتقان ئاتا-بالىلار، قىزىل گىلاستۇكنى يارىشىملىق چىگىۋېلىپ، قولىدا كىتاب كۆتۈرىشىۋالغان يۇقىرى يىللىق ساۋاقداشلار، يەنە تېخى كۈز كېلە-كەلمەستىلا خازانلىرى سارغايغان سۆگەت دەرىخى ئاستىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقلاردا قىززىق بىر مەسىلىنى تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار... ئىشقىلىپ يېڭى ھاياجان، يېڭى قىزىقىشلار بىلەن ھەممىگە قاراپ چىقتىم.
بىر قەۋەتلىك ئېگىز سىنىپ بىناسى ئارقىسىدىكى قارا-تېرەكلەر، سۇۋادان تېرەكلەر ئارىسىدىن كۈلۈپ تۇرغان قۇياش ماڭا، كۈزنىڭ باش ئايلىرىدا ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان ئىللىق شاماللىرى تېرەكلەرنىڭ يوپۇماقلىرىنى ھەر سۆيۈپ ئۆتكىنىدە كۆزىنى قىسىپ، جىلمىيىپ قوياتتى.
(داۋامى بار...)
2014-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى دۈشەنبە، قاراقاش.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-9 03:16 AM):
ئەسكەرتىش: ‹‹ئىدرىس›› دېگەن ئىسىم ‹‹ئىلھام›› دەپ يېزىلىپ قاپتۇ.