6
قىزىل رەڭدە يېڭىلا سىرلانغان قوش كىشلىك پاكار ياغاچ پارتا-ئورۇندۇقلار ئۈچ قاتار قىلىپ رەتلىك تىزىلغان، چوڭ ئىككى دەرىزىسى كۈن چىقىش تەرەپكە ئورنىتىلغانلىقتىن يورۇق، ئازادە سىنىپ ئىچىدە ئۈچ-تۆتتىن توپ بولۇشۇپ كۇسۇرلىشىۋاتقان، چىرايلىرىدىن كۈلكە، خۇشاللىق، تەمتىرەش، خۇدۈكسىرەش، ھەيرانلىق يېغىپ تۇرغان يېڭى ساۋاقداشلىرىم... مەنمۇ پەرۇخلار بىلەن تېخى بور ئىزى تەگمىگەن قارا دوسكا ئالدىدىكى سېمنۇت پەشتاقتا يېڭى قوشۇلىدىغان پەن، يېڭى مېتودلار بىلەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى، بىز چىرايىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان يېڭى ساۋاقداشلار توغرىسىدا ھاياجان ئىلكىدە پاراڭلاشماقتىمەن.
ــــ بالىلار، مۇئەللىم كەلدى.
ئىشك تەرەپتىن ئالدىراپ كىرگەن قوي كۆز يىگىت ئىتتىكلا بىر ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇرىۋالدى. ھەممەيلەن خۇددى نېمىدىندۇر ئۈركىگەن پادىلاردەك ئوپۇر-توپۇر بولۇشۇپ ئورۇن ئىگەللىدۇق. دېگەندەك ساۋۇت مۇئەللىم كىرىپ كەلدى، ھەممەيلەن سالامغا تۇردۇق:
ــــ سالام مۇئەللىم!
بىزنىڭ ھەرخىلدىكى ئېلىشاڭغۇ ئاۋازلىرىمىز سىنىپ ئىچىدە جاراڭلىدى. ساۋۇت مۇئەللىم قولىغا سېرىق تاشلىق تىك دەپتەر كۆتۈرۋالغانىدى، ئۇ مۇنبەر ئالدىغا كېلىپ، بىر قولى بىلەن دوستكا ئۆچۈرگۈچنى ئوينىغاچ سالىمىمىزنى ئېلىك ئالدى:
ــــ سالام ساۋاقداشلار، قېنى ئولتۇرۇڭلار! ــــ ئۇ بېشىنى يېنىك لېڭشىتىپ، بىزنى سانىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى: ــــ ئىككى كۈندىن بۇيان مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاز-تولا بولسىمۇ كۆرۈپ يەتكەنسىلەر؟ پاكىز، ئازادە، يېڭى تۈستىكى ئوقۇتۇش مۇھىتى، باغچىلاشقان مەكتەپ مەنزىرىسى، ھەرخىل تۈردىكى كەڭرى تەنتەربىيە مەيدانى... قانداق، بۇ سىلەرگە يېڭىلىق تۇيۇلمىدىمۇ؟
سىنىپ ئىچى يەنە بىر قېتىم جاراڭلىدى.
ــــ شۇڭا، مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك، تىرىشىپ ئوقۇش كېرەك! ئەمدى، ۋاقىتلىق سىنىپ ھەيئەتلىرىنى تۇرغۇزىۋالايلى، ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى دەرسلىك كىتابلارنى تارقىتىمىز. ئۈچىنچى سائەتتىن باشلاپ دەرس باشلايدۇ. قېنى، ئىلگىرى سىنىپ ھەيئىتى بولۇپ باققانلار ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، راستچىل، سەمىمىي بولۇڭلار. سىنىپ كادىرى بولماقمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، قىزغىن ئۆگىنىش ئېڭى، ئوقۇغۇچىلارغا خاس ئۈلگە كېرەك...
بىرىنچى رەتتە، ئىشك تۈۋىدىلا ئولتۇرۋالغان ھېلىقى قوي كۆز يىگىت، شۇ قاتاردىكى ئاخىرىدىن ساناپ ئۈچىنچى پارتىدا قاڭشارلىق، ئات يۈز، بەستلىك، چىرايىدىن سۈر يېغىپ تۇرىدىغان قارا قاش يىگىت، دەرىزە تۈۋىدىكى پارتىدا پاكىز چىراي ئادىل، ئۈچىنچى قاتارنىڭ بىرىنچى پارتىسىدا ئىككى ئۈرۈمە قىلىنغان ئۇزۇن چېچىنى ھال رەڭ گاز ياغلىقىنىڭ ئارقىسىدىن ساڭگىلتىۋالغان، قاشلىرى توم، يۇمىلاق يۈزلۈك پاكار بىر قىز، ئوتتۇرا قاتار، ئالدىدىكى ئىككىنىچى ئورۇندا مەن بىلەن بىللە ئولتۇرغان پەرھات... ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇشقان ئىدى. مەن بۇلارنىڭ ئارىسىدىن نەمتۇلنىڭ بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم، ئەمما ئۇ ئارقامدىلا قولى بىلەن ئېڭىكىنى دىيىگىنىچە، مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئولتۇراتتى. مەنمۇ ئىتتىكلا ئۆزۈمنى رۇسلىدىم.
ــــ ھە، ياخشىغۇ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹مەن ئۈلگىلىك سىنىپ ھەيئىتى بولالايمەن›› دەيدىغانلار بولسىمۇ تۇرساڭلار بولىدۇ.
سىنىپ ئىچىدە كۇسۇرلىشىشلار باشلاندى. بۇ قېتىم مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ نەمتۇلنى نۇقۇدۇم ۋە پەس ئاۋازدا دېدىم:
ــــ تۇرە، سەنمۇ بولالايسەن، تېز تۇرە!
ــــ ئۆزۈڭ نېمىشقا تۇرمايسەن؟ قويە ئۇنداق نەپ تەگمەيدىغان ئىشنى!
ئۇ گېپىمنى سىلكىۋەتتى. مەن پەرۇخنى ئۈندەش ئۈچۈن يېنىمغا قارىغانىدىم، ئۇ بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرغانىدى.
ــــ ھە، يەنە بارمۇ يا تۈگىدىمۇ؟ ئۇنداقتا مۇنۇ ساۋاقداشلارغا ئون مېنۇت ۋاقىت بېرەي، سىنىپ ھەيئىتى بولساڭلار نېمە ئىشلارنى قىلماقچى، قانداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىڭلار بار؟ مۇشۇلارنى ئىخچام يېزىپ چىقىڭلار.
مېنىڭ سىنىپ كادىرى بولۇش ئويۇم بولمىسىمۇ قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىپ باقماقچى بولدۇم.
ــــ قانداق، ئۆگىنىش ھەيئەتلىكنى ئاۋۇ قىزدىن تارتىۋالماقچىمۇ سىلە؟ ــــ دېدى پەرۇخ پىخىلداپ كۈلۈپ.
مەن ئۇنىڭ گېپىگە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ يېزىشىمنى داۋام قىلدىم.
ــــ ھە، ۋاقىت توشتى. قېنى، يازغانلىرىڭلارنى ئۈنلۈك ئوقۇڭلار. ھە، سىز باشلاڭ.
ساۋۇت مۇئەللىم قوي كۆز يىگىتنى ئىشارەت قىلدى، قارىغاندا رەت بويىچە ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ. ئۇ ئورنىدىن تۇرغانىدى، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا تىكىلدۇق.
ــــ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىنىپ مۇدىرىم ۋە ساۋاقداشلار. مېنىڭ ئىسمىم ئىلھام، بۇ يىل يىگىرمە بىر ياشقا كىردىم. مەن ئون بەش يېشىمدىن تارتىپ سىنىپ باشلىقى بولۇپ كېلىۋاتقانمەن. ئەگەر كۆپچىلىك مېنى قوللىسا ھەم مېنىڭ سىنىپىمىزنى ئالدىنقى ئورۇن بىلەن يېتەكلەپ كېتەلىشىمگە ئىشەنسە، مەن بارلىق كۈچۈم بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايمەن. خەت يېزىشقا ئۇستا ئەمەسمەن، شۇڭا كېيىنكى ئىپادىلىرىم بىلەن ماڭا باھا بەرگەيسىلەر. كۆپچىلىككە رەھمەت!
ئۇ قولىدىكى قەغەزنى قىلچە ھۇدۇقماستىن، جاراڭلىق بىلەن ئوقۇدى.
نۆۋەت بىلەن باشقىلارمۇ ئوقۇپ ئۆتتى، ئوخشىمىغان پىكىردىكى جانلىق سۆزلەر ھەممىمىزنى ھاياجانلاندۇردى.
ــــ ساۋاقداشلار خەپشۈك.
ساۋۇت مۇئەللىم ئالتەيلەننىڭ ئىسمىنى دوستكىغا چىرايلىق قىلىپ، رەت بىلەن يازدى: ئىلھام، ئېلى، ئادالەت، ئادىل، پەرھات، پەرۇخ...
ــــ ھازىرچە ۋاقىتلىق تەيىنلەيمىز، كېيىن ھەر قايسى ئىپادىسىگە قاراپ مۇقىملاشتۇرىمىز ياكى ئالماشتۇرىمىز. سايلام ‹‹بېلەت تاشلاش›› پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھە، ئاۋۋال سىنىپ باشلىقىنى تۇرغۇزىۋالايلى، ئۆزۈڭلار لايىق دەپ قارىغان نامزاتقا قولۇڭلارنى كۆتۈرسەڭلار بولىدۇ. قېنى، ئىلھامغا...
ساۋاقداشلار ئىپادە بىلدۈرۈشتى.
شۇنداق قىلىپ ۋاقىتلىق ھەيئەتلەر مەيدانغا كەلدى: ھلېقى سۈرلۈك يىگىت ــــ ئېلى سىنىپ باشلىقى، ئىلھام تۇرمۇش ھەيئىيى، پەرھات تەنتەربىيە ھەيئىتى، ئادالەت ئۆگىنىش ھەيئىتى بولۇپ تەيىنلەندى. مەن پەرۇخنىڭ چىرايىغا ئىتتىكلا كۆزۈمنى ئاغدۇردۇم، ئۇ خۇددى ھېچ ئىش بولىمىغاندەك، مۇشۇنداق بولۇشلار نورمال ئىشتەك پەرۋاسىزلىق بىلەن چاۋاك ياغدۇرۇپ ئولتۇراتتى.
ــــ ھە، ئەمدى دەرسلىك كىتاب تارقىتىپ بېرىمىز. ئىلھام، ئېلى، پەرھات يۈرۈڭلار، كىتابلارنى ئەكىرىمىز.
ساۋۇت مۇئەللىم ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.
پاھ، ساندۇقتەك-ساندۇقتەك چوڭلۇقتا قىلىپ چىگىلگەن كىتابلارنى مۇنبەر ئۈستىگە قويغانىدى، پەس ئاۋازدىكى كۇسۇرلىشىشلار ئاۋۇدى. مەنمۇ بويۇنۇمنى سوزۇپ ئىختىيارسىز ئالدىغا سىلجىدىم.
ــــ تىنچ، ساۋاقداشلار! ئەسلى ئورۇنۇڭلارنى قايتىدىن تەڭشەپ قويۇش كېرەكتى، لېكىن سىلەر ناھايىتى ئوبدان ئولتۇرۇپسىلەر. شۇڭا كىتابنى تارقىتىۋېرەيلى، ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلارمىز. قېنى، ھەر پەندىن ھەممەيلەنگە بىر پارچىدىن تارقىتىڭلار...
كىتاب تارقىتىلدى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىسى كىتابنى ھاياجان ئىچىدە ۋاراقلاپ پۇراپ بېقىشاتتى، بەزىسى ئالدىراپ ئىسىملىرىنى يېزىشاتتى، يەنە بەزىسى ئاللىبۇرۇن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى. مەنمۇ ئەدەبىياتنىڭ ‹‹كىرىش سۆز›› قىسمىغا كۆز يۈگۈرتتۈم.
ــــ ھە، ساۋاقداشلار ھەممىڭلارغا تولۇق تەگدىمۇ؟ ــــ ساۋۇت مۇئەللىم سۆزلەۋاتاتتى، ــــ كىتاب يەتمىگەنلەر بولسا ئېلىغا ئىسمىڭلارنى دەپ بېرىڭلار، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىمىز.
قولۇقۇمغا ھېچ نېمە كىرمىدى، پەرۇخ بىلەن يېڭى كىتابلارنى رەتلىك تىزىپ پارتىمىزغا سالدۇق. ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە، فىزىكا، خېمىيە، جۇغراپىيە، تارىخ، سىياسەت، بوتانىكا، زوئولوگىيە، ئۇيغۇرتىلى، خەنزۇتىلى، ئەدەبىيات... قاتارلىق ھەرخىل مۇقاۋىدىكى يېڭى كىتابلارنى ھەر قېتىم قولىمىزغا ئالغىنىمىزدا خۇددى ئىچىدىكى ھەممە يېڭى بىلىملەرنى ھازىرلا ئۆگۈنۈۋالغۇمىز باردەك قايتا-قايتىدىن ۋاراقلاپ چىقاتتۇق، ئەمما بىز ئۇنىڭغا قادىر ئەمەس-تە!
مەن ئۈچىنچى سائەتلىك دەرسكە داڭ چېلىنغۇچە سىرتقىمۇ چىقماي ئولتۇرۇپ، بىزگە تۇنجى سۆزلەيدىغان دەرسلىك ‹‹ئالگېبرا››نىڭ بىرىنچى پىراگرافىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم. ئەنە، ھېلىقى توققۇزىنچى يىللىق ئىككىنىچى سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ــــ ئورۇق، پەينەك مۇئەللىم كىرىپ كەلدى، ھەممىمىز سالامغا تۇرۇپ يېڭى مۇئەللىمنىڭ يېڭىچە دەرىسىنى ھاياجانلىق بىلەن كۈتىۋالدۇق.
(داۋامى بار...)
2014-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكشەنبە، قاراقاش.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-12 01:58 PM