سىياۋۇش ھەققىدە قىسسە q 2?X"!
(شاھنامە 4-بۆلۈم)
6)gd^{ K`:=]Z8 مۇقەددىمە ئورنىدا
QP I+y8N= تازا زېرىكىپ تۇرغان ۋاقتىمدا، شىرىن زۇۋان مەدداھ دوستۇم كىرىپ تولىمۇ قىزىقارلىق شۇنداقلا بەك ياخشى،تەسىرلىك بىر داستاننى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.كىمنىڭ گەپ سۆزلىرىگە ئەقىل- پاراسەت يوشۇرۇنغان بولسا بۇ سۆزلەر سۆز ئىگىسىگە شان –شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.كىمنىڭ گەپ سۆزلىرىدە ئەقىل- ھۇش كەم بولسا بۇنداق سۆزلەر ئاڭلىغۇچىلارنى ناخۇش قىلىدۇ.كىمىكى سۆزمەنلەرنى نادان ساناپ ئەيىپلىسە ،ئاقىللار ئارىسىدا رەسۋا بولىدۇ.ھەممىلا ئادەم ئۆز ئىشىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ،لېكىن ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۆز ئەيىپىنى تونۇپ كېتەلىشى ناتايىن .ھەرقانداق ئىش قىلساڭ ئەقىل بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىل ۋە قىلغان ئىشىڭنى دانالارنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈز. ئەگەر قىلغان ئىشىڭدىن دانالارنى مەمنۇن قىلالىساڭ، ساپ چەشمە سۈيىدىن بەھرە ئالغاندەك قىلغان ئىشىڭدىن بەرىكەتكە ئېرىشەلەيسەن.
)|#%Czd4 مەن پەدازچى ئەمەس، شۇڭا پەدازنى بىلمەيمەن. دېھقان ئوغلىغا دېھقانچە تىل چىقىدۇ.شۇڭا مىنىڭ تىلىممۇ دىھقانچە تىل . دېھقان تىلى ساپ ،پەدازسىز،تەبىئى ،لېكىن چىن بولىدۇ.مەن مۇشۇ تىل بىلەن كونىراپ ئەستىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغان ئىسىل بىر داستاننى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇناي دەيمەن.
Lm)\Z P+W سىياۋۇشنىڭ ئاپىسى ھەققىدە ھىكايەت.
%,*$D}H ھىكايەتچى دانىشمەن قىسسىنى شۇنداق باشلايدۇ:
< a rZbM بىر كۈنى خوراز تۇنجى چىللىغان مەھەلدە تۇس، گېۋ،گۇدەرىز،قاتارلىق بىر توپ ئىران باتۇرلىرى ئالدىراش ئوۋغا چىقىشتى.ئۇلارنىڭ كەينىدە بىرگە چىققان نەچچە يۈز ھەمراھلىرى سەپ تارتىپ كېلىشەتتى.ئۈچ باتۇر قوللىرىدا قارچۇغا كۆتۈرۈپ ئۆزلىرى ئوۋ ئوۋلاۋاتقان يايلاقتىن يېقىنلا يەردىكى دەريا بويىغا قاراپ ئات چېپىپ كېتىشتى.بۇ يەردە ئوۋ ھايۋانلىرى مول بولغاچقا ئۇلار ئۇزاققا بارمايلا بىرمۇنچە ئوۋ غەنىمىتلىرىگە ئېگە بولۇشتى.ئۇلارنىڭ مەقسىدى قىرىق كۈنگە يەتكۈدەك ئوزۇققا ئېرىشىش ئىدى.شۇڭا داۋاملىق ئوۋ ئوۋلاشتى.
Zy"=y+e!E; بۇلار ئوۋ ئوۋلاۋاتقان ئوتلاق تۇرانلىقلانىڭ زىمىنىنىڭ يېنىدىلا ئىدى.ئۇ يەردىكى ئوتلاقتا تۇرانلىقلارنىڭ يەر يۈزىنى قاپلاپ كەتكەن چېدىرلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ناھايىتى قېلىن،بۈك –باراقسان بىر ئورمانئوتلاق بىلەن ياندىشىپ تۇرانلىقلار زىمىنىنىڭ چېگرىسىدىن باشلاپ تۇران زىمىنى ئىچىگە سوزۇلۇپ يىراقلاپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئورماندا ئوۋ غەنىمەتلىرى تېخىمۇ مول ئىدى.تۇس بىلەن گېۋ ھەمراھلىرىنى دەريا بويىدا قالدۇرۇپ،ئۆزلىرىگە بىرنەچچە نۆۋكەرنىلا ھەمراھ قىلىپ، ھېلىقى ئورمانلىققا شىكار قوغلىشىپ كىرىپ كېتىشتى.
m@
xi0t
ئۇلار خېلى ۋاقىت ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ بىر چاغدا ئورمانلىق ئىچىدە ئاي دىسە يۈزى بار،كۈن دېسە قېشى بار ئاجايىپلا گۈزەل بىر قىزنى ئۇچرۇتۇپ قېلىشتى.بۇندىن ئىلگىرى بۇ ئىككىسى ئوۋچىلىق قىلغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە بۇ ئىككى باتۇرنى بۈ گۈزەل قىز ئوۋلىۋالغان بولۇپ ئىشقىغا ئەسىر بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار شۇ كەمگىچە بۇنداق گۈزەل چىراينى ھىچ يەردە كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ،قىزنىڭ ھۆسنىدىن قىلچىلىك نۇقسان تاپقىلى بولمايتتى.بۇنىڭغا مۇنۇ نەزمە دەلىل:
/!FWuRe^ قامەتتە سەرۋى ناز،يۈزى گويا ماھ،
*tQk;'/A] جۈرئەت قىلىپ بولماس تاشلاشقا نىگاھ.
9|r* pK[ تۇس بۇ قىزغا ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىپ سۇئال سورىدى:
mPZGA\ -ئەي پەرى قىز،سىز قانداق بولۇپ بۇ قېلىن ئورمانلىققا كېلىپ قالدىڭىز؟
>O9sk -كېچە ئۆز دادام قانداقتۇر بىر بەزمىدىن ئېغىر مەست قايتىپ كېلىپ، مەستلىكتە مېنى ئۆلتۈرمەكچى،بېشىمنى تىنىمدىن جۇدا قىلماقچى بولدى.شۇنىڭ بىلەن جان قايغۇسىدا ئۆيۈمنى ۋە يۇرتۇمنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ ئاخىر بۇ ئورمانلىققا كېلىپ قالدىم.
<_S@6? -ئەجدادلىرىڭىز كىم بولىدۇ؟
G&{HTYP -مەن ئۇلۇغ شاھىنشاھ پەرىدۇن نەسلىدىن،گەرسېۋەز تۇخۇمىدىن بولىمەن.
|!z2oO -بۇ يەرگە پىيادە قېچىپ كەلدىڭىزمۇ ؟
~Vh =5J~ - ئۆيدىن ئات بىلەن قاچقان ئىدىم.قورقۇنچۇم كۈچلۈك بولغاچقا، ئېتىمنى بەك تېز چاپتۇرۇۋېتىپتىمەن، ئېتىم ئۇزاق يولغا بەرداشلىق بېرەلمەي دەرمانىدىن كېتىپ يىقىلىپ ئۆلدى.يېنىمدا ئۆيدىن ئېلىپ چىققان ساپ گۆھەرلىك ئىسىل تاجىمدىن باشقا ، نۇرغۇن ئالتۇن كۈمۈش ۋە گۆھەر ياقۇتلىرىم بار ئىدى.ئېتىمدىن ئايرىلىپ قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرسام، توساتتىن بىر دۆڭنىڭ كەينىدىن ئىككى قاراقچى پەيدا بولۇپ يېنىمغاكەلدى. يېنىمدىكى بارلىق نەرسىلىرىمنى بۇلاپ بولغاندىن كېيىن، ماڭا كۆزى چۈشۈپ مېنى ئۆز ئارا تالىشىپ قالدى. قارشىلىق قىلغىنىم ئۈچۈن قىلىچنىڭ دەستىسى بىلەن بېشىمغا ئۇرۇپ مېنى يارىدار قىلدى.كېيىن ئىككىسىنىڭ مېنى تالىشىپ ئۇرۇشۇۋاتقان پەيتىدىن پايدىلىنىپ يېنىدىن قېچىپ كەتتىم.كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ بۇ يەرگە كەلدىم.
.=RlOK -ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟
3 pWM~(#>- -ئاتامنىڭ كەيپى يىشىلىپ ھۇشىغا كەلسە مېنى ئىزدەيدۇ.مېنى ئۆيدىن ۋە يۇرتتىن تاپالمىسا ئادەم ئەۋەتىپ تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەيدۇ.ھەممىدىن ئانامغا بەك ئۇۋال بولىدىغان بولدى.ئەگەر ئۇ مېنىڭ يوقالغىنىمنى بىلسە قان يىغلاپ بىر كۈنمۇ ئارامىدا يۈرەلمەيدۇ.
pgc3j
P! بۇ مەلىكە بۇ ئىككى پالۋاننىڭ يۈرۈكىگىمۇ تەڭلا ئوت سالغان ئىدى.ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشكۈسى بار ئىدى.،قارشى تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ھىچقايسىسى ئۇنىمايتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى پالۋانمۇ ھېلىقى قاراقچىلاردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە نومۇسسىزلىشىپ قىزنى بىر- بىرىدىن تالىشىشقا چۈشتى:
E$\~lcq -قىز مېنىڭ، - دەيتتى نەيزەر ئوغلى تۇس ، -قىزنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئالدىغا مەن بىرىنچى بولۇپ كەلگەن.
R'K/t|MC - ئەي سىپاھدار،ئىنساپ بىلەن گەپ قىل!بىز ھەمراھلىرىمىزنى يىراقتا قالدۇرۇپ بۇ يەرگە تەڭ كەلگەن تۇرساق،قانداقسىگە سەن بۇرۇن كەلگەن بولىسەن ؟ -دەپ سۆز بەرمەي تالىشاتتى گېۋمۇ.
T.&7sbE_ -نەدىمۇ سەن بۇرۇن كەلگەن بولىسەن؟
mX# "+X| -بىھۇدە گەپ قىلما،سەندىن بۇرۇن كەلگىنىم راست تۇرسا؟! شۇ بىر كېنىزەكنى دەپ بۇرادەرچىلىكىمىزنى ئۇنتۇپ يالغان سۆز قىلساڭ ئەيىپ ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ سەۋەپتىن ئارىمىزدا جاڭجال چىقىشنى خالىمايمەن.
*7gT}O;p 5 ئۇلار ئىككىسى بىر بىرىگە يول بەرمەي داۋاملىق تالىشىپ، بارا- بارا ئارىدا پەدىشەپ كۆتۈرۈلدى، ھەتتا ئار-نومۇسنىمۇ ئۇنتۇپ بىر بىرىگە تىغ كۆتۈرۈشۈپ چىقىشتى.جىدەل بارغانسېرى ئۇلغۇيۇپ قان تۆكۈلۈشكە ئاز قالغاندا بىرگە كەلگەن سەرۋازلىرىدىن بىرى ئارىغا چۈشۈپ ماجرانى بېسىقتۇردى.ئۇ ئۇلارنى كېلىشتۈرۈش مەقسىدىدە مۇنداق دىدى:
"PWl4a& -سىلەرنىڭ بۇنداق بىر-بىرىڭلاردىن تالىشىپ تۇرۇشۇڭلاردىن قان تۆكۈشتىن باشقا ياخشى نەتىجە چىقمۇغۇدەك.مىنىڭ بىر ياخشى مەسلىھەتىم بار.شۇنىڭغا كىرسەڭلار ئىش ئاسان ھەل بولىدۇ.
|hzT; -قانداق ياخشى مەسلىھەت؟ قېنى تېز ئېيت ! -دىيىشتى ئىككىسى تەڭلا.
E)p9eU[# -سىلەر بۇ قىزنى ئېلىپ ئىران سۇلتانى كاۋۇسنىڭ قېشىغا بېرىڭلار.ئەھۋالنى ئېيتىڭلار.ئۇ سىلەرگە ئادىل ھۆكۈم قىلىپ قىزنى بىرىڭلارغا بۇيرۇپ بەرسۇن.
8v_C5d\ بۇ مەسلىھەت ھەر ئىككىلىسىگە تازا ياقتى. ئۇلارچە ئۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ قالمىغاندەك تۇراتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتلىرىنى مىنىپ قىزنىمۇ يەنە بىر ئاتقا مىندۈرۈپ ئاتلىرىنى راسا قامچىلاپ ئوردىغا، كاۋۇسنىڭ يېنىغا جۆنەپ كېتىشتى.
v|t{1
[C كاۋۇس شاھنىڭ ئىچى تار،شەخسىيەتچى،تەرسا،ئادىل ئىش قىلمايدىغان ئادەملىكى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇملۇق.تۇس بىلەن گېۋ قىزنى ئۇنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ خاتا قىلغانلىقىنى ،قىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئۇنىڭدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى قىلچە ئويلىمىغان ئىدى.
$ @1u+w كاۋۇسمۇ قىزنىڭ چىرايىنى بىرلا كۆرۈپ شۇئان ئاشىق بولۇپ ئۆزىنى تۇتالماي ئوتلۇق ئاھ تارتىۋەتتى.شۇنداقتىمۇ نىيىتىنى پالۋانلىرىدىن يوشۇرۇپ ئۇلارغا دىدى:
Iin#Wd-/ -مەن سىلەرنى شىكارغا ئەۋەتكەن ئىدىم.ئوۋدىن شاھقا لايىق ناھايىتى ياخشى ‹‹كىيىك››تىن بىرنى ئوۋلاپ كەپسىلەر.ئوۋدىن كەلگۈچە يول ئازابى تارتىپ ھېرىپ چارچىدىڭلار.ھازىرچە قايتىپ ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار.،مەن ئەتە قىزىڭ ئۆزىدىن سوراب باقاي.ئۇ كىمنى تاللىسا قىز شۇنىڭ بولسۇن!
j~av\SCU* تۇس بىلەن گېۋ لىۋىنى چىشلەپ نائىلاج قايتىپ كېتىشتى.بىر قىزنى دەپ ھىچكىم شاھقا قارشى چىقالمايتتى.
JJk#,AP ئۇلاركەتكەندىن كېيىن كاۋۇس قىزدىن ئەجدادىنى سۈرۈشتۈردى:
#gZ|T
M/h -ئەي پەرى چېھىر قىز،ئەجدادىڭ كىم؟
]#eh&jw -ئانام بولسا تۇرانلىق،ئاتا تەرەپ ئەجدادىمىز بولسا پەرىدۇن شاھ جەمەتىدىن.بوۋام سىپاھدار گەرسېۋەز بولىدۇ.ئۇنىڭ نۇرغۇن يەر- زىمىنلىرى، ئىسىل قورا جايلىرى،ۋە ھېساپسىز مال دۇنيالىرى بار.
C8b''9t. - سەن شۇنداق ئىسىل ئەجدادتىن تۇرۇپ ئۆيدىن قېچىپ، ئەجدادىڭنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمەكچى بولدۇڭمۇ؟
;Rnhe_A. -يوقسۇ شاھىم،ئۇندىاق قىلىشقا ھەددىم ئەمەس،ئاتام كەيىپلىكتە مېنى سەۋەپسىز ئۆلتۈرمەكچى بولغاچقا جان قايغۇسىدا ئۆيدىن قاچقان ئىدىم.
EQ
>t[ &
-گۇناھىڭنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆز ئەجدادىڭدىكىلەردىن بىرىگە ھالال نىكاھلانساڭ گۇناھتىن ساقىت بولىسەن.مانا مەنمۇ پەرىدۇن ئەجدادىدىن.مەن ساڭا زەر نەقىشلىك ناھايىتى كاتتا قەسىر ساراي ئىلتىپات قىلىپ خۇش چىراي ئاچسام ،سەن قەسىرىمدە مەن بىلەن قېلىپ، ئاي يۈزلۈكلەر بېكەسى بولساڭ قانداق؟
Wr%7~y*K -خوپ بولىدۇ شاھىم.مەنمۇ ئۆزلىرىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ، سەركەردىلىرىگە قارىغاندا ئۆزلىرى ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇشقا تازا لايىق.
4('JwZw\! شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى.كاۋۇس تۇس بىلەن گېۋغا،ئىسىل ئات،زەررىن تاج،پىل چىشى نەقىشلىك تەخت،
Z6s5M{mE
قاتارلىق نەرسىلەرنى تەڭلا سوغات قىلىپ ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى.
iD_TP كېيىن كاۋۇس قىزنى پىل چىشلىق تەختكە ئولتۇرغۇزدى.بېشىغا گۆھەر بىزەكلىك بىباھا تاج تاقاپ،ئۇچۇسىغا زەرباب ۋە شايىلاردىن تىكىلگەن ئەڭ ئىسىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ پۈتۈن بەدىنىنى گۆھەر ياقۇتلار بىلەن ئورىۋەتتى.بۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ھۆسنى تېخىمۇ جۇلالىنىپ كەتتى.كېيىن كاۋۇس ئۇنى نىكاھىغا ئېلىپ ھوجرىسىغا ئېلىپ كىردى.قېرىپ يېشى بىر يەرلەرگە بېرىپ قالسىمۇ كۆڭلى تېخى قېرىمىغان قېرى خوتۇنباز كاۋۇس قىزنىڭ ئالما ئانارىغا قول ئۇزاتتى.قىزنىڭ قىزىل ياقۇتىغا تېخىچە يىپ ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىدى.
@)0 Y~A ) 78Y@OL_$ مەنبەسى:ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ ‹‹شاھنامە ››ناملىق داستانىغا ئاساسەن نەسرىلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەندى. Jq1 n0O
ئۆزگەرتىپ ئىشلىگۈچى: ئۆزۈم[ بۇ يازما oychan تەرپىدىن 2011-08-17 07:59 PM دە قا ]