مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9897 
  •    ئىنكاس 
       118 

سىياۋۇش قىسسىسى(شاھنامە 4-بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1605 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14409 (سوم)
 ياخشى باھا:   1199 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
— تېما باشقۇرغۇچى hokumran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-09-29) —

سىياۋۇش ھەققىدە قىسسە   jG[Vp b  
(شاھنامە 4-بۆلۈم)
~|} ]  
r&E  gP  
مۇقەددىمە ئورنىدا L5FOlzn  
تازا زېرىكىپ تۇرغان ۋاقتىمدا، شىرىن زۇۋان مەدداھ دوستۇم كىرىپ تولىمۇ قىزىقارلىق شۇنداقلا بەك ياخشى،تەسىرلىك  بىر داستاننى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.كىمنىڭ گەپ سۆزلىرىگە ئەقىل- پاراسەت يوشۇرۇنغان بولسا بۇ سۆزلەر سۆز  ئىگىسىگە شان –شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.كىمنىڭ گەپ سۆزلىرىدە ئەقىل- ھۇش كەم بولسا بۇنداق سۆزلەر ئاڭلىغۇچىلارنى ناخۇش قىلىدۇ.كىمىكى سۆزمەنلەرنى نادان ساناپ ئەيىپلىسە ،ئاقىللار ئارىسىدا رەسۋا بولىدۇ.ھەممىلا ئادەم ئۆز ئىشىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ،لېكىن ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۆز ئەيىپىنى تونۇپ كېتەلىشى ناتايىن .ھەرقانداق ئىش قىلساڭ ئەقىل بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىل ۋە قىلغان ئىشىڭنى دانالارنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈز. ئەگەر قىلغان ئىشىڭدىن دانالارنى مەمنۇن قىلالىساڭ، ساپ چەشمە سۈيىدىن بەھرە ئالغاندەك قىلغان ئىشىڭدىن بەرىكەتكە ئېرىشەلەيسەن. JI-i7P  
مەن پەدازچى ئەمەس، شۇڭا پەدازنى بىلمەيمەن. دېھقان ئوغلىغا دېھقانچە تىل چىقىدۇ.شۇڭا مىنىڭ تىلىممۇ دىھقانچە تىل . دېھقان تىلى ساپ ،پەدازسىز،تەبىئى ،لېكىن چىن بولىدۇ.مەن مۇشۇ تىل بىلەن كونىراپ ئەستىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغان ئىسىل بىر داستاننى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇناي دەيمەن. 2L](4Q[M  
سىياۋۇشنىڭ ئاپىسى ھەققىدە ھىكايەت. SCcvU4`o  
ھىكايەتچى دانىشمەن قىسسىنى شۇنداق باشلايدۇ: ]#]Z]9w  
بىر كۈنى خوراز تۇنجى چىللىغان مەھەلدە تۇس، گېۋ،گۇدەرىز،قاتارلىق بىر توپ ئىران باتۇرلىرى ئالدىراش ئوۋغا چىقىشتى.ئۇلارنىڭ كەينىدە بىرگە چىققان نەچچە يۈز  ھەمراھلىرى سەپ تارتىپ كېلىشەتتى.ئۈچ باتۇر قوللىرىدا قارچۇغا كۆتۈرۈپ ئۆزلىرى ئوۋ ئوۋلاۋاتقان يايلاقتىن يېقىنلا يەردىكى دەريا بويىغا قاراپ  ئات چېپىپ كېتىشتى.بۇ يەردە ئوۋ ھايۋانلىرى مول بولغاچقا ئۇلار ئۇزاققا بارمايلا بىرمۇنچە ئوۋ غەنىمىتلىرىگە ئېگە بولۇشتى.ئۇلارنىڭ مەقسىدى قىرىق كۈنگە يەتكۈدەك ئوزۇققا ئېرىشىش ئىدى.شۇڭا داۋاملىق ئوۋ ئوۋلاشتى. >)ekb7  
  بۇلار ئوۋ ئوۋلاۋاتقان ئوتلاق تۇرانلىقلانىڭ زىمىنىنىڭ يېنىدىلا ئىدى.ئۇ يەردىكى ئوتلاقتا تۇرانلىقلارنىڭ يەر يۈزىنى قاپلاپ كەتكەن چېدىرلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ناھايىتى قېلىن،بۈك –باراقسان  بىر ئورمانئوتلاق بىلەن ياندىشىپ تۇرانلىقلار زىمىنىنىڭ چېگرىسىدىن باشلاپ تۇران زىمىنى ئىچىگە سوزۇلۇپ يىراقلاپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئورماندا ئوۋ غەنىمەتلىرى تېخىمۇ مول ئىدى.تۇس بىلەن گېۋ ھەمراھلىرىنى دەريا بويىدا قالدۇرۇپ،ئۆزلىرىگە بىرنەچچە نۆۋكەرنىلا ھەمراھ قىلىپ، ھېلىقى ئورمانلىققا شىكار قوغلىشىپ كىرىپ كېتىشتى. fmz"Zg 9=  
ئۇلار خېلى ۋاقىت ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ بىر چاغدا ئورمانلىق ئىچىدە ئاي دىسە يۈزى بار،كۈن دېسە قېشى بار ئاجايىپلا گۈزەل بىر قىزنى ئۇچرۇتۇپ قېلىشتى.بۇندىن ئىلگىرى بۇ ئىككىسى ئوۋچىلىق قىلغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە بۇ ئىككى باتۇرنى بۈ گۈزەل قىز ئوۋلىۋالغان بولۇپ ئىشقىغا ئەسىر بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار شۇ كەمگىچە بۇنداق گۈزەل چىراينى ھىچ يەردە كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ،قىزنىڭ  ھۆسنىدىن قىلچىلىك نۇقسان تاپقىلى بولمايتتى.بۇنىڭغا مۇنۇ نەزمە دەلىل: X,v.1#[  
قامەتتە سەرۋى ناز،يۈزى گويا ماھ، ez'NHodwk2  
جۈرئەت قىلىپ بولماس تاشلاشقا نىگاھ. d-~V.  
تۇس بۇ قىزغا ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىپ سۇئال سورىدى: _X4Y1zh  
  -ئەي پەرى قىز،سىز  قانداق بولۇپ بۇ قېلىن ئورمانلىققا كېلىپ قالدىڭىز؟ YcobK#c  
   -كېچە ئۆز دادام قانداقتۇر بىر بەزمىدىن ئېغىر مەست قايتىپ كېلىپ، مەستلىكتە مېنى ئۆلتۈرمەكچى،بېشىمنى تىنىمدىن جۇدا قىلماقچى بولدى.شۇنىڭ بىلەن جان قايغۇسىدا ئۆيۈمنى ۋە يۇرتۇمنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ ئاخىر بۇ ئورمانلىققا كېلىپ قالدىم. ;W?#l$R  
-ئەجدادلىرىڭىز كىم بولىدۇ؟ 64?HqO 6(  
-مەن ئۇلۇغ شاھىنشاھ پەرىدۇن نەسلىدىن،گەرسېۋەز تۇخۇمىدىن بولىمەن. NuQ!huh  
-بۇ يەرگە پىيادە قېچىپ كەلدىڭىزمۇ ؟ F$a s#.7FF  
  - ئۆيدىن  ئات بىلەن قاچقان ئىدىم.قورقۇنچۇم كۈچلۈك بولغاچقا، ئېتىمنى بەك تېز چاپتۇرۇۋېتىپتىمەن، ئېتىم ئۇزاق يولغا بەرداشلىق بېرەلمەي دەرمانىدىن كېتىپ يىقىلىپ ئۆلدى.يېنىمدا ئۆيدىن ئېلىپ چىققان ساپ گۆھەرلىك ئىسىل  تاجىمدىن باشقا ، نۇرغۇن ئالتۇن كۈمۈش ۋە گۆھەر ياقۇتلىرىم بار ئىدى.ئېتىمدىن ئايرىلىپ قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرسام، توساتتىن بىر دۆڭنىڭ كەينىدىن  ئىككى قاراقچى پەيدا بولۇپ يېنىمغاكەلدى. يېنىمدىكى بارلىق نەرسىلىرىمنى بۇلاپ بولغاندىن كېيىن، ماڭا كۆزى چۈشۈپ مېنى ئۆز ئارا تالىشىپ قالدى. قارشىلىق قىلغىنىم ئۈچۈن قىلىچنىڭ دەستىسى بىلەن بېشىمغا ئۇرۇپ مېنى يارىدار قىلدى.كېيىن ئىككىسىنىڭ مېنى تالىشىپ ئۇرۇشۇۋاتقان پەيتىدىن پايدىلىنىپ يېنىدىن  قېچىپ كەتتىم.كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ بۇ يەرگە كەلدىم. h< r(:.%!}  
-ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟ I<D#   
-ئاتامنىڭ كەيپى يىشىلىپ ھۇشىغا كەلسە مېنى ئىزدەيدۇ.مېنى ئۆيدىن ۋە يۇرتتىن تاپالمىسا ئادەم ئەۋەتىپ تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەيدۇ.ھەممىدىن ئانامغا  بەك ئۇۋال بولىدىغان بولدى.ئەگەر ئۇ مېنىڭ يوقالغىنىمنى بىلسە قان يىغلاپ بىر كۈنمۇ ئارامىدا يۈرەلمەيدۇ. "A}sD7xy9  
بۇ مەلىكە بۇ ئىككى پالۋاننىڭ يۈرۈكىگىمۇ تەڭلا ئوت سالغان ئىدى.ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشكۈسى بار ئىدى.،قارشى تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ھىچقايسىسى ئۇنىمايتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى پالۋانمۇ ھېلىقى قاراقچىلاردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە نومۇسسىزلىشىپ قىزنى بىر- بىرىدىن تالىشىشقا چۈشتى: sq2:yt  
-قىز مېنىڭ،   - دەيتتى نەيزەر ئوغلى تۇس ،  -قىزنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئالدىغا مەن بىرىنچى بولۇپ كەلگەن. sQ}|Lu9hZ  
- ئەي سىپاھدار،ئىنساپ بىلەن گەپ قىل!بىز ھەمراھلىرىمىزنى يىراقتا قالدۇرۇپ بۇ يەرگە تەڭ كەلگەن تۇرساق،قانداقسىگە سەن بۇرۇن كەلگەن بولىسەن ؟   -دەپ سۆز بەرمەي تالىشاتتى گېۋمۇ. oy8jc];SO  
-نەدىمۇ سەن بۇرۇن كەلگەن بولىسەن؟ A r!0GwE+  
-بىھۇدە گەپ قىلما،سەندىن بۇرۇن كەلگىنىم راست تۇرسا؟! شۇ بىر كېنىزەكنى دەپ بۇرادەرچىلىكىمىزنى ئۇنتۇپ يالغان سۆز قىلساڭ ئەيىپ ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ سەۋەپتىن ئارىمىزدا جاڭجال چىقىشنى خالىمايمەن. MrR`jXz  
ئۇلار ئىككىسى بىر بىرىگە يول بەرمەي داۋاملىق تالىشىپ، بارا- بارا ئارىدا پەدىشەپ كۆتۈرۈلدى، ھەتتا ئار-نومۇسنىمۇ ئۇنتۇپ بىر بىرىگە تىغ كۆتۈرۈشۈپ چىقىشتى.جىدەل بارغانسېرى ئۇلغۇيۇپ قان تۆكۈلۈشكە ئاز قالغاندا بىرگە كەلگەن سەرۋازلىرىدىن بىرى ئارىغا چۈشۈپ ماجرانى بېسىقتۇردى.ئۇ ئۇلارنى كېلىشتۈرۈش مەقسىدىدە مۇنداق دىدى: %hSQ\T<8[o  
  -سىلەرنىڭ بۇنداق بىر-بىرىڭلاردىن تالىشىپ تۇرۇشۇڭلاردىن قان تۆكۈشتىن باشقا ياخشى نەتىجە چىقمۇغۇدەك.مىنىڭ بىر ياخشى مەسلىھەتىم بار.شۇنىڭغا كىرسەڭلار ئىش ئاسان ھەل بولىدۇ. B%8@yS  
  -قانداق ياخشى مەسلىھەت؟ قېنى تېز ئېيت !  -دىيىشتى ئىككىسى تەڭلا. ^bv^&V&IB  
-سىلەر بۇ قىزنى ئېلىپ ئىران سۇلتانى كاۋۇسنىڭ قېشىغا بېرىڭلار.ئەھۋالنى ئېيتىڭلار.ئۇ سىلەرگە ئادىل ھۆكۈم قىلىپ قىزنى بىرىڭلارغا بۇيرۇپ بەرسۇن. ~, }|~  
بۇ مەسلىھەت ھەر ئىككىلىسىگە تازا ياقتى. ئۇلارچە ئۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ قالمىغاندەك تۇراتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتلىرىنى مىنىپ قىزنىمۇ يەنە بىر ئاتقا مىندۈرۈپ  ئاتلىرىنى راسا قامچىلاپ ئوردىغا، كاۋۇسنىڭ يېنىغا جۆنەپ كېتىشتى. s\;/U|P_  
كاۋۇس شاھنىڭ ئىچى تار،شەخسىيەتچى،تەرسا،ئادىل ئىش قىلمايدىغان ئادەملىكى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇملۇق.تۇس بىلەن گېۋ قىزنى ئۇنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ خاتا قىلغانلىقىنى ،قىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئۇنىڭدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى قىلچە  ئويلىمىغان ئىدى. =de'Yy:\-  
كاۋۇسمۇ قىزنىڭ چىرايىنى بىرلا كۆرۈپ شۇئان ئاشىق بولۇپ ئۆزىنى تۇتالماي ئوتلۇق ئاھ تارتىۋەتتى.شۇنداقتىمۇ نىيىتىنى پالۋانلىرىدىن يوشۇرۇپ ئۇلارغا دىدى:  T01Iu  
-مەن سىلەرنى شىكارغا ئەۋەتكەن ئىدىم.ئوۋدىن شاھقا لايىق ناھايىتى ياخشى ‹‹كىيىك››تىن  بىرنى ئوۋلاپ كەپسىلەر.ئوۋدىن كەلگۈچە يول ئازابى تارتىپ ھېرىپ چارچىدىڭلار.ھازىرچە قايتىپ ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار.،مەن ئەتە قىزىڭ ئۆزىدىن سوراب باقاي.ئۇ كىمنى تاللىسا قىز شۇنىڭ بولسۇن! 9rMO=  
تۇس بىلەن گېۋ لىۋىنى چىشلەپ نائىلاج قايتىپ كېتىشتى.بىر قىزنى دەپ ھىچكىم شاھقا قارشى چىقالمايتتى. EX8+3>)  
ئۇلاركەتكەندىن كېيىن كاۋۇس قىزدىن ئەجدادىنى سۈرۈشتۈردى: ^)-[g  
-ئەي پەرى چېھىر قىز،ئەجدادىڭ كىم؟ ,ucRQ&P  
-ئانام بولسا تۇرانلىق،ئاتا تەرەپ ئەجدادىمىز بولسا پەرىدۇن شاھ جەمەتىدىن.بوۋام سىپاھدار گەرسېۋەز بولىدۇ.ئۇنىڭ نۇرغۇن يەر- زىمىنلىرى، ئىسىل قورا جايلىرى،ۋە ھېساپسىز مال دۇنيالىرى بار. M{L- V  
- سەن شۇنداق ئىسىل ئەجدادتىن تۇرۇپ ئۆيدىن قېچىپ، ئەجدادىڭنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمەكچى بولدۇڭمۇ؟ H7Q$k4\l  
-يوقسۇ شاھىم،ئۇندىاق قىلىشقا ھەددىم ئەمەس،ئاتام  كەيىپلىكتە مېنى سەۋەپسىز ئۆلتۈرمەكچى بولغاچقا جان قايغۇسىدا ئۆيدىن قاچقان ئىدىم. 8%K{lg"  
-گۇناھىڭنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆز ئەجدادىڭدىكىلەردىن بىرىگە ھالال نىكاھلانساڭ گۇناھتىن ساقىت بولىسەن.مانا مەنمۇ پەرىدۇن ئەجدادىدىن.مەن ساڭا زەر نەقىشلىك ناھايىتى كاتتا قەسىر ساراي ئىلتىپات قىلىپ خۇش چىراي ئاچسام ،سەن قەسىرىمدە مەن بىلەن قېلىپ، ئاي يۈزلۈكلەر بېكەسى بولساڭ قانداق؟ yUnV%@.  
-خوپ بولىدۇ شاھىم.مەنمۇ ئۆزلىرىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ، سەركەردىلىرىگە قارىغاندا ئۆزلىرى ماڭا ئۆمۈرلۈك  ھەمراھ بولۇشقا تازا لايىق. nB`|VYmOP1  
شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى.كاۋۇس تۇس بىلەن گېۋغا،ئىسىل ئات،زەررىن تاج،پىل چىشى نەقىشلىك تەخت، O(/~cQ  
قاتارلىق نەرسىلەرنى تەڭلا سوغات قىلىپ ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىدى. !Aj} sh{  
كېيىن كاۋۇس قىزنى پىل چىشلىق تەختكە ئولتۇرغۇزدى.بېشىغا گۆھەر بىزەكلىك بىباھا تاج تاقاپ،ئۇچۇسىغا زەرباب ۋە شايىلاردىن تىكىلگەن ئەڭ ئىسىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ پۈتۈن بەدىنىنى گۆھەر ياقۇتلار بىلەن ئورىۋەتتى.بۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ھۆسنى تېخىمۇ جۇلالىنىپ كەتتى.كېيىن كاۋۇس ئۇنى نىكاھىغا ئېلىپ ھوجرىسىغا ئېلىپ كىردى.قېرىپ يېشى بىر يەرلەرگە بېرىپ قالسىمۇ كۆڭلى تېخى قېرىمىغان قېرى خوتۇنباز كاۋۇس قىزنىڭ ئالما ئانارىغا قول ئۇزاتتى.قىزنىڭ قىزىل ياقۇتىغا تېخىچە يىپ ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىدى. -FJ3;fP&  
NF&Sv  
مەنبەسى:ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ ‹‹شاھنامە ››ناملىق داستانىغا ئاساسەن نەسرىلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەندى. JN/=x2n.  
ئۆزگەرتىپ ئىشلىگۈچى: ئۆزۈم
[ بۇ يازما oychan تەرپىدىن 2011-08-17 07:59 PM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : oychan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-17, 19:59
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
mnafk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   376 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 118- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-23

مۇشۇ مىۋىلەرنى يىڭى زىللاندىيە چىلى ئارگىنتىن دىگەن دۆلەتلەردىن ھازىرمۇ تاپقىلى بولىدۇ ?+.mP]d_  
ھازىر ئۇ يەرلەرنىڭ باھار پەسلى
 
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1605 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14409 (سوم)
 ياخشى باھا:   1199 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 117- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-22

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 115قەۋەت  mnafk كە 2011-10-21 04:14 PMئەۋەتىلدى  : jFg19C{=X  
!21G $ [H  
2HVqJib4Yn  
رەھمەت قېرىندىشىم ،بەك جۇۋاپسىز.خۇددى شۇ مىۋىلەرنى يىگەندەك  بولدۇم.ئاللاھ تىلىكىڭىزگە يەتكۈزگەي! Zs}h>$E5_B  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
mnafk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   376 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 116- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21

رەخمەت قاۋۇلجان مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز
 
mnafk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   376 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 115- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21


 
mnafk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   376 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 114- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21

VWG#v #o  
پولاغا سالالا بەك ئوخشايدۇ
 
mnafk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   376 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 113- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21

sUfH1w)0  
مانا ئەنجانە ئارقىياغلىق مايسىەن سەمىتۈرۈكلەردىن تىتىپ باقسىلا
 
mnafk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   376 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 112- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21

>v7fR<(%s  
X;lL$  
ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىسلا
 
mnafk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   376 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 111- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21

-e_91W I  
V52>K$j  
رەخمەت ئاز بولسىمۇ
 
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1605 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14409 (سوم)
 ياخشى باھا:   1199 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 110- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21

كەيخۇسرەۋنىڭ سىياۋۇشگىرىدقا قايتقانلىقى M7[GwA[Z +  
شاھنىڭ ئىجازىتىدىن كېيىن ئىككىس ئالدىراپ تېنەپ شاھ ھوزۇرىدىن قايتىپ چىقىشتى.شاھ ئۇلارنى كۈزەتكىنىچە قېلىپ قالدى. &6^ --cc  
ئۇلار پىران سارىيىغا كەلگەندىن كېيىن يامانلىق ۋە ياۋۇزلۇقنىڭ كۆزىدىن نېرى بولۇپ خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىشتى. 4#Xz-5v  
پىران شاھ پەرمانىغا بىنائەن خۇسرەۋنى سىياۋۇشگىرىدقا ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپ يول تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى.فەرەنگىس شاھ تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىنغاندىن بېرى ئىزچىل سىياۋۇشگىرىدتا  تۇرۇۋاتاتتى. m#$$xG  
ئۇلار يول تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىرلىكتە سىياۋۇشگىرىدقا قاراپ يولغا چىقتى.بۇرۇن چۆل باياۋان بولغان بۇ زىمىن شەھەر بىنا قىلىنغاندىن بۇيان يىلدىن يىلغا كۆركەم ۋە ئاۋات بولۇپ كەتكەن ئىدى.پۇىرالىرىمۇ نەچچە ھەسسسە كۆپەيگەن ئىدى.فەرەنگىس سىياۋۇشنىڭ ئورنىغا ۋارىس بولۇپ بۇ شەھەرنىڭ شاھى بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.شەھەردىكىلەر پىرانلارنىڭ كېلىشىدن خېلى بۇرۇنلا خەۋەر تېپىپ بولۇشقان ئىكەن. ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدىن يېرىم كۈنلۈك يەرگىچە يول بويلىرىغا سەپ بولۇشۇپ كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىدى.  شۇڭا ،پىران بىلەن خۇسرەۋنىڭ كېلىشى بىلەن  پۈتۈن شەھەردىكى لەشكەر ۋە پۇقرا تەۋرەپ كەتتى. ئۇلار پىران بىلەن خۇسرەۋنى كۆرگەن ھامان خۇشاللىقتا زىچ ئورۇۋېلىشتى.بولۇپمۇ خۇسرەۋنىڭ سىياۋۇشنىڭ تەقى- تۇرقى،چىرايى ۋە سالاپىتىنى ئۆز ئەينى تارتىشى  خۇددى سابىق شاھى تىرىلىپ كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىپ بۇ  شەھەردىكىلەرنى قاتتىق خۇشال قىلىۋەتكەن ئىدى.‹‹سالام››‹‹ئاپىرىن›،ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى.كېيىن ئىككەيلەن زور ئىززەت ئىكرام ئىچىدە شەھەرگە ئېلىپ كىرىلىپ فەرەنگىس سارىيى ئالدىدا ئاتتىن چۈشۈشتى. cR{F|0X  
فەرەنگىس كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆككەن ھالدا قەسىرىدىن  ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ خۇسرەۋنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى.پىران يولدا كەلگۈچە  خۇسرەۋگە كەچۈرمىشلىرىنىڭ مۇھىم قىسمىنى سۆزلەپ بەرگەن ،ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى دەپ بەرگەن بولغاچقا ئۇنىڭمۇ ئىددىيەسىدە تەييارلىقى بار ئىدى.خۇسرەۋ گەرچە ئانىسىدەك ئاۋازلىق يىغلىمىغان بولسىمۇ لېكىن كۆز ياشلىرىنى پات توختۇتالمىدى.ئاتا-ئانىسىنىڭ بەخىتسىز كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭمۇ يۈرەك باغرىنى ئەزگەن ئىدى. 6b7c9n Z  
ئەنە شۇ كۈندىن بېرى كەيخۇسرەۋ سىياۋۇشنىڭ ئورنىغا بۇ شەھەرنىڭ شاھى بولۇپ سىياۋۇشگىرىدتا تۇرۇپ قالدى.شەھەر قايتىدىن ئاۋاتلاشتى.  O$nW  
‹‹شاھنامە››نىڭ نەزمى نۇسخىسىدا بايان قىلىنىشىچە سىياۋۇش ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ شەھەردە بىر ئاجايىپ دەرەخ ئۈنۈپ چىقىپ كۆككە بوي ئۇزۇتۇپتۇ.بۇ دەرەخنىڭ ياپراقلىرىدىن  سىياۋۇشنىڭ چېھرى ئايان بولىدىكەن.بۇ ياپراقلاردىن مۈشكى- ئەنبەردەك خۇشبۇي ھىد تاراپ كىشىلەرگە ھوزۇر بەخش ئېتىدىكەن.باشقا دەرەخلەر قىشتا قۇرۇپ قالسا بۇ دەرەخ قىشتىمۇ قۇرىماي ياپ يېشىل تۇرۇدىكەن.يەرلىك كىشىلەر بۇ دەرەىنىڭ نامىنى ‹‹شەمشاد›› دەپ ئاتىدى.  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئەمدى بۇ قىسسىنىڭ ئاخىرىدىكى فىردەۋسىنىڭ مەسنەۋىلىرىدىن ھوزۇر ئالغايسىز: p,V%wG M  
قېرى پەلەڭ ئىشى شۇ بوۋاقنى قويماي،  Y(  
ئەمچەكنى تارتىۋالار سۈتىگە تويماي. e-Oz`qW~  
ئەمدى مىھىر قويۇپ تۇرغاندا جاھان. K'}I?H~P_  
تۇپراققا تەڭ قىلار ئۇنى ناگىھان. ~ulcLvm:i  
دۇنياغا يېپىشما ئاچكۆزلۈك بىلەن، m*L5xxc!  
دائىم ياۋۇزلۇققا تولۇق بۇ چىمەن. 3-=AmRxW't  
شادلىقتىن ئۆزگىگە دىلىڭ قىستىما، PqIskv+  
غەم بەرگىن پۇرىما ئەلەم ئىزدىمە. J )^F  
باشتىكى ئالتۇن تاج، چورۇق ئاياغتا، 6g\hQ\+Z}  
بەرىبىر ئەبەدى ئۇشبۇ ھاياتتا. L|Xg4Z  
كۆيمە ئۆتكۈنچىدۇر سۆيگەن سارىيىڭ، kS35X)-  
تار تاۋۇت ئىچرەدۇر ئاخىرقى جايىڭ. !g`I*ZE+e  
يەپ ئىچىپ ياشىغىن،يىغىش نە دەركار، o%f:BJS  
رىزقىڭ پاسىبانى پاك پەرۋەردىگار. oY5`r)C7  
ھاياتىڭدا شادان ياشالىساڭ بەس. c:52pYf+  
پەلەك مۇھەببىتىن ھىچكىم كۆرەلمەس. }a/z.&x]V  
بىرى بەختى كۈلگەن بېشى ئاسماندا، *Ojl@N  
لېكىن تېنى خاكقا باقار بىر ئاندا. mo3A*|U  
شۇنداق تاڭ قالىسەن قاراپ پەلەككە، Ozhn`9L+1!  
گاھ ئاڭا باقىدۇ ،گاھ باقار بۇڭا. Fw*O ciC  
ئەمدى تىڭلا قانداق ئالدى ئۇ قىساس. RJUIB  
قىساس بولدى قانداق ئۇرۇشقا ئاساس. gq;>DY]   
كەيخۇسرەۋنى ئېلىپ قېچىشتى قانداق؟ c_CVZR?  
ئاداۋەت ئىشىكىن ئېچىشتى قانداق؟ Z: 
PqL. ^  
4-بۆلۈم ئاخىرلاشتى. <5mv8'{L  
A)4XQF  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
mnafk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61075

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   182 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   376 (سوم)
 ياخشى باھا:   214 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 109- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21

ھا ھا ھا "x=\mA#`  
پادىچىلارنىڭ يىنىدا چوڭ بولغان قارا ساۋات ئادەم ئاشۇنداق دەلدۈش مۆڭ چوڭ بولىدىغان ئوخشايدۇ
 
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1605 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14409 (سوم)
 ياخشى باھا:   1199 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 108- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-21

پىران قايتىپ كىلىپلا كەيخۇسرەۋنىڭ يېنىغا كىردى.ئۇنىڭ خۇشاللىقى يۈزىگە تەپكەچ يۈزلىرى ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ خۇسرەۋنى ئېلىپ كىلىپ بولغانلىقىنى شاھتىن يوشۇرغان ئىدى.بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنى شاھ ھوزۇرىغا باشلاپ بېرىپ كۆرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.شاھ ئۇنىڭ ئەقىللىق دانا چىقىپ قېلىشىدىن خەۋىپسىرەپ تۇرغان چاغدا خۇسرەۋنىڭ ئۆزىنى دۆت گومۇش كۆرسۈتۈشى كېيىنكى ئىستىقبالى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى.شۇڭا پىران ئۇنىڭغا گەپ ئۆگۈتۈپ مۇنداق دېدى: zVS{X=u  
-ھەي ئوغلۇم،ئۈچ كۈندىن كېيىن شاھ ھوزۇرىغا سالامغا بارىمىز.بۇ شاھ سېنىڭ دانا-ھۇشيار ھالىتىڭنى ياقتۇرمايدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە دىلىڭدىن ئەقىلنى سۈپۈر. ئۇ تاغدىن سۆزلىسە سەن باغدىن سۆزلە.سەن ئۇنىڭ شاھلىقىنى تونۇمايدىغان دۇنيادىن بىگانە ئادەمدەك گەپ ۋە قىياپەتتە تۇر.سكزلىرىڭدىن ۋە ئەپتىڭدىن سېنى مەجنۇن دىۋانىكەن دەپ قالسۇن.شۇنداق قىلالىساڭلا ئامانلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ بالا-ئاپەتلەردىن يىراق بولالايسەن. I3nE]OcW@  
ئۈچ كۈندىن كېيىن پىران خۇسرەۋگە شاھزادىلەرگە خاس ئىسىل كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ،بېشىغا گۆھەر ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەنگەن تاج تاقاپ ،ئەڭ ئىسىل يۈگرۈك ئاتلاردىن بىرىنى تاللاپ مىندۈرۈپ شاھ ھوزۇرىغا ئېلىپ ماڭدى.يولدا ئۇچرىغان خالايىقلار ئۇنىڭ چېھرىدىن سىياۋۇشنى قايتا كۆرگەندەك بولۇشۇپ تەلمۈرۈپ قاراپ كۆز يېشى قىلىشاتتى.جارچىلار ياش شاھزادىنىڭ ئالدىدا  خالايىققا جار سېلىپ مېڭىپ يول ئاچماقتا ئىدى: ]%6%rq%9C  
-ئەي خالايىق،شاھىنشاھىمىزنىڭ كەلگۈسى  تەخت ۋارىسى،تۇران ئېلىمىزنىڭ ياش باتۇر شاھزادىسى كېلىۋاتىدۇ.يول بوشۇتۇڭلار،چاپسان يول بوشۇتۇڭلار! }gv'r ";  
پىرانمۇ يەنە بىر ئاتقا مىنىپ خۇسرەۋگە ھەمراھ بولۇپ بىرگە ماڭغان ئىدى.ئۇلار شاھ ھوزۇرىغا كىرگەندە شاھ بوۋىسىنى ئۇيات يۈزىسىدىن تەر بېسىپ كەتتى.شاھنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن پىران يەنىلا كەيخۇسرەۋنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ تېرەك ياپرىقىدەك تىترەپ كەتتى.يۈزلىرىمۇ قورقۇنۇچتىن ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى. Z?o0Q\ }1  
شاھ بىر قاراپلا خۇسرەۋنىڭ چىرايى،تەقى –تۇرقى،سەرۋىدەك تىك قامىتى،يۈرۈش –تۇرۇشى،ۋە ئەقىل پاراسىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە باھا بېرىشكە ئۇرۇندى.ئۇ نەۋرىسىنىڭ چېھرىگە باققىنىدا بىردىن بوۋىلىق مېھرى غالىپ كېلىپ چىرايى ئېچىلىپ كەتتى.ئۇ خۇسرەۋنىڭ ئەقلىنى سىناپ كۆرمەك بولۇپ سۇئال سوراشقا باشلىدى.خۇسرەۋ خۇددى ئادەتتىكى ناتونۇش  ئادەملەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك تاۋاپ تازىممۇ قىلماستىن شاھ سورىغان سۇئاللارغا ئوڭ- تەتۈر جاۋاپ بەرىشكە باشلىدى: |URfw5Hm  
-ئەي چوپان بالا،قېنى ئېيتقىنا، كىچە بىلەن كۈندۈز ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسەن؟ +yO) 3  
-تۈنۈگۈن ئوۋ ئوۋلىغىلى بارغىنىمدا، ئوقۇم بار كامانىم يوق ئىدى. CB#2XS>V  
-سەن مال -چارۋىلارنى ياخشى كۆرەمسەن؟ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا قىيالىدىڭمۇ؟ B9"o Ru^}  
-ئۇچرىغان كىيىكنى ئاتاي دېسەم كامانىمنى تاپالمىدىم،سەن ئوغۇرلىۋالدىڭمۇ؟ SSF:PTeG>  
-سىلەرنىڭ قانچىلىك چارۋاڭلار بار؟ :5~Dca_iU4  
-مەن ئوۋچىلىق قىلىپ بارغان تاغدا كىيىك ئۇچرىماي بۆرە ئۇچرىدى.مەن ئۇنىڭدىن كىيىكنى سورىسام بىلمەيمەن دەيدۇ. QIkFX.^  
-سەن نىمىنى ياخشىلىق دەپ تونۇيسەن؟ قانداق ئىشلار يامانلىق دەپ قارىلىدۇ؟ \;0pjxq=  
-مەن پەلەڭدىن قورىقمايمەن.غاردا پەلەڭ ئۇچرىسا پارا-پارە قىلىۋېتىمەن. QgU]3`z"  
-تاغدا سېنى باققان چوپان سېنىڭ نىمەڭ بولىدۇ؟ ئۇلارنى سېغىندىڭمۇ؟ @JlT*:Dz  
-ئى بىر كۈنى تاغدا بىر شىر بالىسى ئۇچرىغان، ساڭا ئالغاچ كەسەم بوپتىكەن.شىر بالىسىنى باقالامسەن؟ oi0O4J%H  
-ئىران بىلەن تۇران ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسەن؟ lD$s, hp  
-مەن تۇرغان جايدا ئىران دەيدىغان غار يوق.تۇران دېگىنىڭ سېنىڭ خوتۇنۇڭمۇ؟ $R #_c}  
-ئاتا-ئاناڭنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ WDY\Fj   
- ئىتلار ئەركەك شىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسا شىر بىلەن تالىشالمايدۇ.شىر ئۇنى يەپ كېتىدۇ. bnfeZR1m_  
-سېنى ئىرانغا ئەۋەتسەم ،گۇرىد شاھىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى خالامسەن؟ h:pgN,W}  
-ئاخشام چۆلدە بىر ئاتلىق ئادەم ئۇچرىدى.تۇرقىدىن قارىسام شىرغا ئوخشايدىكەن.شىر ئات مىنەلەمدۇ؟ 2Di~}*9&  
شاھ ئۇنىڭ سەۋدايىلارچە جاۋاپلىرىنى ئاڭلاپ قاقاخلاپ كۈلۈپ كەتتى.چىرايىمۇ گۈلدەك ئېچىلدى.پىرانمۇ يىنىك تىنىپ تىترەشتىن توختىدى. |5;,]lbt  
شاھ خۇسرەۋدىن يەنە سورىدى: ^iEf"r  
-مەن ساڭا ئىلىم ئۆگەتكۈزۈپ قوياي ،ئۆگۈنۈشنى خالامسەن؟ ',hoe  
-بايا سۈت ئىچەي دەپ تاۋاققا قارىسام يېغى قالماپتۇ.سەن ئىچىۋالدىڭمۇ؟ +jrx;xwot  
-ساڭا دۈشمىنىڭدىن قىساس ئېلىش پۇرسىتى بەرسەم قىساس ئېلىشنى خالامسەن؟ A&1EOQ=N  
-سۈت بولمىسا قېتىق بولسىمۇ ئىچىمەن.ئەمدى ئىچىۋالغىنىڭنى كۆر.تاياق بىلەن راسا سالىمەن. %u%;L+0Q[  
بۇ جاۋاپلاردىن شاھنىڭ كۈلكىسى قىستاپ كەتتى.ئۇ پىرانغا قاراپ مۇنداق دېدى: 9Y2u/|!.3  
-بۇ تولىمۇ دۆت ئادەم بوپتۇ.كاللىسىدا ئەقىلدىن ئەسەرمۇ يوقكەن.تاغدىن گەپ سورىسام باغدىن جاۋاپ بېرىۋاتمامدۇ.بۇنىڭ قولىدىن ياخشى يامان ئىشلار كەلمىگۈدەك.بۇنداق ئادەم ئاداۋەتنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.سەن بۇنى  سىياۋۇشگىرىدقا ئېلىپ بېرىپ ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەر.ئۇنىڭغا خۇشخۇي دانا ئۇستازدىن بىرنى تېپىپ ھەمراھ قىلىپ قويۇڭلار،ئازراق ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگەنسۇن.بۇنداق يۈرىۋەرسە كېيىن چوڭ بولغاندا خوتۇنمۇ ئالالمايدۇ.لېكىن شۇنى ئەستىن چىقارمىغىنكى ھىچكىم ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ ئۇنىڭ ئېسىگە سالمىسۇن.ئۇنىڭ كۈندىلىك خىراجىتى ئۈچۈن قانچىلىك نەرسە كەتسە غەزىنەمدىن ئېلىڭلار.ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭلار. \KJTR0EB:>  
){GJgk|P  
;,Vdj[W$>  
o7we'1(O  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى