مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9890 
  •    ئىنكاس 
       118 

سىياۋۇش قىسسىسى(شاھنامە 4-بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 36- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-06

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر مەن بىر ئوقۇتقۇچى.يازلىق تەتىل ۋاقتىمىز توشۇپ يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىپ خىزمەتلەر ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكى،يەنە بىر تەرەپتىن ھېيت كېلىپ ئالدىراشلىق ئۈستىگە ئالدىراشلىق بولۇپ كەتكەچكە 4-5  كۈندىن بېرى تورغا چىقالماي ئەسەرنىڭ داۋامىنى ۋاقتىدايوللىيالمىغان ئىدىم، ئاخىرىنى بۇندىن كېيىن داۋاملىق يېزىپ يوللاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.چۈشىنىشىڭلارنى،رەنجىمەسلىكىڭلارنى سورايمەن
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 37- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-06

سىياۋۇش بىلەن رۇستەم ئامراق ئۇستاز شاگىرتلار گاھىدا بەزمە تۈزۈپ مۇڭلۇق راۋاپ كۈيلىرىنى ئاڭلاشسا،گاھىدا قولىغا شاراپ تولدۇرۇلغان جاملارنى ئېلىشىپ پۈتۈن دۇنيا غەملىرىنى ئۇنتۇپ مەست مۇستەغرەق بولۇپ كېتىشكىچە ئىچىشەتتى؛گاھىدا تەختتە يانمۇ يان ئولتۇۇپ ئۆتكەن كەچكەن پاراڭلىرىنى قىلىشىپ مۇڭدىشىپ كېتىشسە ،گاھىدا ئوۋغا چىقىشىپ كىيىك توشقان ئوۋلىشاتتى.كاماندازلىق قىلىشاتتى.  *[t@j*al  
شۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئويۇن تاماششا قىلىشىپ ئارام ئېلىشىۋالغاندىن كېيىن لەشكەرلەرنى يەنە قوزغاپ  ھەربى يۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. 7Rqjf6kX`O  
رۇستەممۇ يۇرتىدىكى تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ، كاۋۇسقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن سىياۋۇشلار بىلەن بىرگە كەتتى.قوشۇن يول جەريانىدا زابۇل،كابۇل ھىندى قاتارلىق تەۋە يۇرتلاردىن ئۆتكەندە ئۇ يەرلەردىن ھەمدەمچى لەشكەر ۋە سەرۋازلار قوشۇلۇپ ئادەم سانى تېخىمۇ ئاۋۇپ باردى.ئەمدىكى سەپەر يۆنۈلۈشى ھىرات ئىدى.يېڭى قوشۇلغانلار ساپلا پىيادە لەشكەرلەر بولغاچقا، ئاتلىق قىسىمدىن پىيادە قىسىمنىڭ لەشكەر سانى ئېشىپ كەتتى. {SVd='!V  
سىياۋۇش  باشقۇۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن زەڭگى باتۇرنى پىيادە قىسىملارغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى.قوشۇن ھىراتتىن ئۆتۈپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ تالىقان،مەرۋرۇد قاتارلىق جايلاردىنمۇ ئۆتتى.ئۇلار قىيان كەبى تېز ئىلگىرلەپ بەلىخ شەھىرىگىمۇ يېقىنلىشىپ قالدى. قوشۇن  سىياۋۇشنىڭ قاتتىق بۇيرۇقى بويىچە بېسىپ ئۆتكەن ھەر بىر يېرىدە پۇقرانىڭ يىڭنە چاغلىق نەرسىسىگە تەگمەيتتى.ھىچكىمگە قوپال گەپ قىلىپ  دىلىنى رەنجىتمەيتتى.شۇڭا يەرۇ ئاسمان ئۇلارغا بارىكاللا ئېيتاتتى. *6=2UJcJ  
  تۇران تەرەپتىنمۇ گەرسىۋەز بىلەن بارمان قۇم تۇپراقتەك لەشكەرلەر بىلەن بوراندەك ئىلگىرلەپ كەلمەكتە ئىدى.بارمانغا تىڭتىڭچى لەشكەرلەر سىياۋۇشنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزدى: uA dgR  
-    ئىران بۇ قېتىم ناھايىتى زور قوشۇن تەشكىللەپ ئەۋەتىپتۇ.باتۇرلىرىنىڭ گۈرزىسى تولىمۇ ئېغىر ھەم خەۋىپلىكمىش،ئىرانلىقلار قوشۇنىغا سىياۋۇش ئىسىملىك يېڭى بىر قەھرىمان باتۇر باش سەردار بولۇپ كەپتۇ. ئۇ رۇستەمنى ئۇستاز تۇتۇپ جەڭ ماھارەتلىرىنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى كامىل ئۆگىنىپ ، رۇستەمدىن قېلىشمىغۇدەك زەبەردەست پالۋان بولۇپ يېتىلگەنمىش.ئۇلار بىلەن بىرگە يەنە يېڭىلمەس قەھرىمان رۇستەممۇ، بىر قولىغا خەنجەر،بىر قولىغا كېپەن ئېلىپ زور ھەيۋە بىلەن ئات سېلىپ بىرگە كېلىۋاتقۇدەك. `?{i dg  
بارمان بىلەن گەرسىۋەز خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچىدى. شۇنداقتىمۇ رۇستەملەر بىلەن بىرەر قېتىم رەسمى تۇتۇشۇپ باقمىغان بولغاچقا غەيرىتى ۋە قاراملىقىغا ئېلىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭىشىشتى. ?a+>%uWt  
سىياۋۇش دۈشمەن ھالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن بەلىخ تەرەپكە  مەخپى چاپار ئەۋەتتى.يېرىم كۈن ساقلىسىمۇ چاپارلار قايتىپ كەلمىدى.ساقلاۋېرىپ تاقىتى تاق بولدى.‹‹ئۇرۇشتا ۋاقىتنىڭ ئۆزى پۇرسەت ۋە غەلىبە ›› دېگەن گەپ بار ئىدى.شۇڭا چاپارلارنى  داۋاملىق ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايتتى.سىياۋۇش قوشۇننى قوزغاپ ئېتىغا قامچا سېلىپ بەلخكە يۈرۈش باشلىۋەتتى. oY{L0B[  
گەرسىۋەز كۆردىكى دۈشمەن سەلدەك باستۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.يەنە كۈتۈپ تۇرىۋەرسە پۈتۈن قوشۇن تېزلا گۇمران بولاتتى.ئۇ باشقا ئىلاج تاپالمىغاچقا قوشۇنلىرىنى باشلاپ دۈشمەنگە قارشى ئات سالدى. .I_Mmaq;i  
ئىككى قوشۇن بەلخنىڭ ئاستانىسىدە تۇتۇشۇپ قالدى.قانلىق ئۇرۇش دەھشەتلىك تۈس ئېلىپ ئۈچ كۈن داۋاملاشتى.گەرسىۋەز بۇ ئۇرۇشتا قاتتىق يېڭىلدى.لەشكەرلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قىرىلىپ كەتتى.تۆتىنچى كۈنى تۈن  كېچىدە  ئۇ قورشاۋنى يېرىپ چىقىپ ئازغىنە لەشكەرلىرى بىلەن ئەفراسىياپ تەرەپكە قېچىپ كەتتى. i;>Yx#  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 38- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-07

سىياۋۇشنىڭ كاۋۇسقا مەكتۇپ يوللىغانلىقى Y~vyCU5nWR  
سىياۋۇش سىپاھلىرى بىلەن بەلخنى ئالغاندىن كېيىن تېزلىكتە نامە پۈتكۈزۈپ، بۇ خۇشخەۋەرنى چاپار ئارقىلىق كاۋۇسقا ئەۋەتتى.بۇ مەكتۇپنىڭ سىياھىغا مۈشكى ئەنبەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قەغىزى شايىدىن ئىدى.نامىدە مۇنداق مەزمۇنلار بار ئىدى: fL-lx-~  
  -ئەڭ ئاۋال پەرۋەردىگار نامىغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى،ئۇ بولغاچقا پىكرىمىز روشەن، قىلىچىمىز ئۆتكۈر،نەيزىمىز ئىتتىك ،گۈرزىمىز ھەيۋەتلىك بولۇپ دۈشمەننىڭ يۈرىكىنى يېرىپ ئۇستىخانلىرىنى پاچاقلاشقا مۇۋەپپەق بولالىدۇق.ئۇ يالغۇز بىزنىڭلا ئىگىمىز بولۇپلا قالماي قۇياش بىلەن ئاينىڭمۇ ئىگىسىدۇر.ئۇ خالىغان كىشىسىگە ئامەت يار قىلىپ شاھلىق كۇلاھى ئاتا قىلسا،خالىغان كىشىسىنى دەرتمەن قىلىپ ،بېشىغا كۈلپەتلەرنى سېلىپ بەرداشلىق بېرىش  ئىقتىدارىنى سىنايدۇ.تەڭرى ھىچكىمگە بويسۇنماس، ھىچكىمگە يان بېسىپ قارشى كىشىسىنى زىيانغا ئۇچراتماس. !V/Vy/'` *  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 39- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

تەڭرى ئەركىن ھۆكمىراندۇر.ھەممە ئىش ئۆز ھۆكمى رايى بويىچە بولىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن تالىشىش،ھۆكمىگە نارازى بولۇپ قارشىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.بولمىسا بەندە شەيتان لەئىندەك ئاسى مۇناپىققا ئايلىنىدۇ.تەڭرى تولىمۇ ئادىل ئىش قىلغۇچى،باراۋەر مۇئامىلە قىلغۇچى ئالى ھۆكمىراندۇر .ئۇنىڭ ئىنسان تەقدىرىگە پۈتكەن قىسمەتلىرىدە بۇ پانى دۇنيادا نۇرغۇن تەكشىسىزلىكلەر بولغىنى بىلەن ،ئىنسان ئۆتكۈنچى دۇنيادىن مەڭگۈلۈك دۇنياغا بارغانلىرىدا بۇ دۇنيادىكى خارلىقلىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئېزىزلىنىپلا قالماي، ھەر بىر رىيازىتى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا كۆرۈش تۈگۈل ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان  ,>C`|  
راھەت پاراغەتلەرگە يولۇقۇپ تەڭرىدىن دىلى ئاجايىپ سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئۇلۇغ تەڭرى شۇ قەدەر قۇدرەتلىككى ئۇ بۇ يورۇق دۇنيانى يارىتىپلا قالماي ئۇنىڭدىكى بىز ئىنسانلارغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن  تۇرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقان.ئەشۇ قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن شاھىنشاھىمىزغا شان شەرەپلەر ياغسۇن.قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ ئاخىرى ياخشىلىق بىلەن ئاخىىرلىشىپ، كۆڭلى شاتلىق بىلەن تولسۇن.مەن قوشۇنلار بىلەن بەلىخكە كەلدىم.بۇ يەردە ياۋ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ تۇنجى قېتىم قاتتىق جەڭ قىلدىم.بۇ جەڭ دەھشەتلىك باشلىنىپ ئۈچ كۈن داۋاملاشتى.شاھىنشاھىمىزنىڭ ئىقبالى پارلاق بولغىنى ئۈچۈن ئامەت بىزگە كۈلۈپ بېقىپ دۈشمەن ئۈستىدىن نۇسرەت قازاندۇق.دۈشمەن سەردارى گەرسىۋەز بىزگە تەڭ كېلەلمەي ئەسكەرلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى چىقىم تارتىپ ئۆزىنىڭمۇ ئامان قالمايدىغانلىقىنى تۇيۇپ تۆتىنچى كۈنى كېىچىدە ئوقيادىن چىققان ئوقتەك تېزلىك بىلەن شەرمەندىلەرچە قورشاۋىمىزدىن قېچىپ كەتتى.بەلخ شەھىرى قولىمىزغا ئۆتتى. |XGj97#M  
بۈگۈن سىپاھلىرىمنىڭ ئالدى داۋاملىق ئىلگىرلەپ جەيھۇن دەريا ۋادىلىرىغا بېرىپ بولدى.ئەفراسىياپ سوغدىدا لەشكەرلىرىنى رەتكە سېلىش، كۈچلىرىنى تولۇقلاش بىلەن مەشغۇل.ھازىر ئارىمىزنى جەيھۇن دەرياسى ئايرىپ تۇرۇپتۇ.بىز دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە سېنىڭ پەرمانىڭنى كۈتۈپ  تۇردۇق.ئەگەر پەرمان بەرسەڭ قوشۇن بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىمەن. I-glf?F)  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 40- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

سىياۋۇشنىڭ مەكتۇبىغا كاۋۇسنىڭ جاۋابى. 3bK=Q3N  
سىياۋۇشنىڭ مەكتۇبى كاۋۇسقا يەتكەندە كاۋۇسنىڭ خۇشاللىقتىن بېشى ئاسمانغا يەتكەندەك بولدى.ئۇ شاتلىقى ئىچىگە سىغمىغان شۇ ھالىتى بىلەن سىياۋۇش ھەققىدە  دۇئالار قىلىپ خۇدادىن ئۇنىڭغا ئامانلىق،شان – شەرەپ ۋە بەخىت ئامەتلەر تىلىدى: f1wwx|b%.  
  -ئەي خۇدا ،ئوغلۇم سىياۋۇشقا ئۆمۈرلۈك بەخت ئامەتلەر ئاتا قىلغايسەن.ئۇخۇددى يۇمران دەرەخ نوتىسىدەك بەرىق ئۇرۇپ گۈللەپ ياشنىسۇن.توپا ئالسا ئالتۇن.چالما ئالسا يامبۇغا ئايلانسۇن. كۈچ قۇدرىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ مېنىڭدىنمۇ قۇدرەتلىك شاھ بولۇپ يېتىشىپ پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولسۇن... )uK Tf=;  
كاۋۇس شۇ كۈنىلا جاۋاپ مەكتۇپ يېزىپ تېز يۈرەر چاپارلاردىن بىرنى مەكتۇپنى يەتكۈزمەككە تەيىنىلەپ ئىككى ئات بىلەن سىياۋۇشقا ئەۋەتتى.مەكتۇپنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: _s~F/G`iT  
  ‹‹-ئەي ئوغلۇم سىياۋۇش،ساڭا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى،شۇنداقلا ماڭا بۇ تاجۇ دۆلەتلەرنى ئاتا قىلغان قۇدرەتلىك ئاللاھ ئىگەمدىن ئامانلىق ۋە ھېساپسىز ياخشىلىقلار تىلەيمەن.دىلىڭ ئەبەدىل –ئەبەد شاد بولسۇن.كۆڭلۈڭ غەم ئەندىشىدىن ھەردائىم ئازاد بولسۇن.غەلىبە ،شان زەپەر ساڭا ھېمىشە ھەمراھ بولسۇن.بېشىڭدا دائىما شاھلىق تاجى بار بولسۇن.سەن مەن ياشانغان ئاتاڭنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ياشانغان چېغىمدا ئۇرۇشقا بېرىپ رىيازەت چېكىش مۇشەققىتىدىن ئازاد قىلىپ سىپاھلارنى باشلاپ دۈشمەن بىلەن دادىل ئۇرۇش باشلىدىڭ.تۇنجى جەڭدىلا بەختىڭ كۈلۈپ دۈشمەنلەرنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرۇتۇپ كۆزلىرىنى ياشلىدىڭ.ئانا سۈتى تېخى ئاغزىڭدىن كەتمەي تۇرۇپ كامان تارتىپ ياۋلارغا دەھشەت ئوق ياغدۇرۇسەن.دۈشمەنلەرنى كىيىك پادىسىنى سۈرگەن مەردانە شىردەك  سۈر توقاي قىلىسەن. بۈگۈن سېنىڭ باتۇرلۇقۇڭ،جەڭدىكى پەم پاراسىتىڭگە ھەممىمىز قايىل.تېنىڭ جەڭلەردە دائىما مۇزەپپەر (سالامەت،زىيان زەخمەتسىز) بولسۇن.روشەن دىلىڭ ھەمىشە ساڭا ياخشى يول باشلاپ، بارلىق كۈرەشلىرىڭنى يېڭىشكە يۈزلەندۈرسۇن.جەڭ قائىدىسىدە ياۋنى يىڭىپ يەرگە باراۋەر قىلغان قوماندان داۋاملىق ئۇرۇش قىلىمەن دېمەي بىراز دەم ئالغاچ كۈچ  تولۇقلىشى،ئۆزىنى  تۇتۇۋېلىپ قاراملىقتىن ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك.تەلىپىڭگە بىنائەن ساڭا پەرمانىم شۇكى بارلىق قوشۇنلارنى ىر يەرگە جەم قىلىپ، چېچىلىپ كېتىشنىڭ، كۈچنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىن.سەن ئۆزۈڭگە پۇختا بىر قارارگاھ قۇرغىن. بۇ s g6e% 5  
تۈرۈكلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئۆز- ئارا رىياكارلىق بۇزۇقچىلىق.چۈكى ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئەھرەمەن بەد ئەجداد كېلۇر.ئۇلار ئىچىدىمۇ تاجۇ تەخت ئىگىلىرى ،شان شەرەپ ساھىپلىرى،تۆھپە ۋە ئۇلۇغلۇقتا بېشى ئاسمانغا تاقاشقان ئۇلۇغ ئەجدادلىرى ئۆتكەن.ئۇلار ھازىر قاچقان بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بەكمۇ ماھىر.ھىيلە مىكىرلىرى تولا.شۇڭا سەن ئالدى بىلەن جەڭ باشلاپ بارماستىن قارارگاھىڭنى پۇختا ساقلاپ دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىپ كېلىشىنى ساقلا.سەن دەريادىن ئۆتمىسەڭ ئەفراسىياپ ئۆچ ئېلىشقا ئالدىراپ، ئۆزى لەشكەرلىرى بىلەن  جەيھۇندىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كۈچى خوراپلا قالماي قاچار يولىنى ئۆزى ئېتىپ قويىدۇ.سېنىڭ قۇرۇپ قويغان قاپقىنىڭغا موك ئۆزى چۈشىدۇ...›› 15Vo_ wD 
چاپار خەتنى ئېلىپ، نەچچە كۈن تېز يول يۈرۈپ ئاخىر سىياۋۇشنىڭ قولىغا ساق سالامەت يەتكۈزدى.سىياۋۇش خەتنى ئوقۇپ يەرنى سۆيدى.غەم ئەندىشىدىن ئازاد بولدى.شاھ ئاتىسىنىڭ پەرمانىغا جان دەپ رۇئايە قىلىپ بارلىق قوشۇنلارنى بىر يەرگە يىغىپ تەرەپپازلىقنىڭ،چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ قاراملىقنىڭ ئالدىنى ئالدى.   FX&)~)  
`XK+Y  
NB .&J7v  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 41- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

تۇران تەرەپتە شىرمەت باھادىر گەرسىۋەز ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن يارىلانغان شىردەك مەيۈس قىياپەتتە شاھى يېنىغا باردى.ئۇ ئاپارغان خەۋەر تۇران شاھىنى تولىمۇ چۆچۈتىۋەتتى: " yV)&4 )  
-    بەلىخ شەھىرى دۈشمەن قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.قوشۇنلىرىمىز ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. 2\1\Jn#q  
-    نىمىشقا ئۇنداق بولىدۇ؟ بىز ناھايىتى كۆپ لەشكەر ۋە  دىۋىنىمۇ بويسۇندۇرالىغۇدەك داڭدار پالۋانلارنى ئەۋەتكەن ئىدۇققۇ؟ L7qlvS Q  
-    كاۋۇس بۇ قېتىمقى جەڭدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە رۇستەمنى سىپاھدار قىلىپ ئەۋەتىپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە باش سىپاھدارى كاۋۇس ئوغلى سىياۋۇشمۇ  رۇستەمدىن ئۇزۇن مەزگىل تەلىم ئېلىپ يېڭىلمەس پالۋان بولۇپ يېتىشىپ چىققان ‹‹ئىككىنچى رۇستەم›› ئىكەن.بۇ قېتىمقى جەڭ ئۈچۈن بۇ ئىككىسىدىن باشقا ھېساپسىز ئىران باتۇرلىرىنى سىپاھ قىلىپ ئەۋەتىپتۇ.پىيادە لەشكەرلىرىنىڭمۇ سان ئېدىتى يوق.گەرچە ئۇلار ئاتسىز بولسىمۇ قىلىچ قالقان نەيزىلەر بىلەن قوشۇننى ھەيۋەت تاغدەك توسۇۋېلىپ يىرتقۇچ شىرلاردەك نەرە تارتىپ جەڭگە كىرىدىكەن.قورقۇش دېگەننى بىلمەيدىكەن.توسقۇنسىز ئىلگىرلەيدىكەن.ئۇلار شۇ قەدەر قالتىس جەڭ قىلىدىكەنكى، ئۇلار ئۈستىدىن ھەتتا بۈركۈتمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىكەن.ئۇلارنىڭ نەيزە كامانلىرى بۈركۈتلەرنىمۇ ئامان قويمايدىكەن.بىز ئۈچ كۈنگىچە كۆز يۇمماي قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلغان بولساقمۇ ئاچلىق،ئۇسسۇزلۇق،ئارامسىزلىق تۈپەيلى بارا –بارا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدۇق.چۈنكى ئۇلارنىڭ لەشكىرى بىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغىنى،دەملەشتۈرۈپ جەڭگە سالغىنى ئۈچۈن ئۇلارغا زادىلا تەڭ كېلەلمىدۇق.ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى بىزنى پىلە قۇرۇتى غازاڭ يىگەندەك بىر- بىرلەپ يەپ كەتتى.،، gDJ@s    
ئەفراسىياپ مەلۇماتنى ئاڭلاپ ئوت يالقۇنغا دۇچ كەلگەن يۈرەك باغرى كۆيۈپ پۇچۇلانغاندەك بولۇپ قاتتىق  ئاچچىقلاپ سەكرەپ كەتتى.ئۇ شۇ ئاچچىقىدا ئىنىسى گەرسىۋەزنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىغىلى قىل-قىل قالدى.ئاخىرى ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ،قاتتىق ۋارقىراپ ئۇنى ھوزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى.كېيىن:‹‹ بارلىق كاتتىلار،كېڭەش بەگلىرى  ھوزۇرۇمغا يىغىلسۇن!›› دەپ پەرمان چۈشۈردى. : j m|)  
كېڭەشتىن كېيىن ئۇ كېڭەشتىكى خوشامەت سۆزلىرىدىن خېلى يىنىكلەپ قالغان چېغى غەمنى ئۇنتۇپ خۇشاللىق تېپىش مەقسىدىدە كاتتا بىر شادلىق بەزمىسى ئۇيۇشتۇردى.بەزمىدە قانغۇچە كۆڭۈل ئاچتى.يەپ ئىچتى.بەزمە پۈتۈن بىر كۈن داۋاملاشتى. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇشتا يېڭىلىپ روھى چۈشۈپ كەلگەن سەركەردىلىرىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. كەچ كىرگەندە مەست بولغان،چارچاپ ئۇيقۇسىرىغان شاھ بەزمىنى يىغىشتۇرۇپ ئارم ئىزدەپ ھوقرىسىغا ئۇىلاش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى.ئۇ كېچىسىمۇ ياخشى ئۇخلىيالمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن؟ ناھايىتى دەھشەتلىك بىر چۈش ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. )iG+pP@.@  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 42- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

ئەفراسىياپنىڭ قورقۇنۇشلۇق چۈش كۆرگەنلىكى 7,e=|%7.  
ئەفراسىياپ ئۇخلاپ تۈننىڭ ئالدىنقى يېرىمىمۇ بولماي تۇرۇپ، تۇيۇقسىز تېنى بەزگەكتەك  جالاقلاپ تىترەپ ۋارقىرپ ئويغۇنۇپ كەتتى.ئۇ شۇ قەدەر قاتتىق قورقۇپ كەتكەنكى قاتتىق ۋارقىراپ ‹‹ۋاي داد›› سېلىشى بىلەن  ئاۋازى تەرەپ تەرەپلەرگە ئاڭلىنىپ پۈتۈن ساراي ئەھلى پاراكەندە بولۇشۇپ كېتىشتى.ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوردىدىكى بارلىق قۇل چاكارلىرى،كېنىزەكلىرى ،مۇھاپىزەتچىلىرى ،بالا -چاقىلىرىدىن تارتىپ  ھەممىسى   بىردەمدىلا يىغىلىشىپ كېتىشتى.ئەھۋال ئايدىڭلاشقىچە كېنىزەكلەرمۇ خوجىسىغا بولۇشۇپ نىمە ئىشلىقىنى بىلىشمىسىمۇ دات پەريادنى قىزىتىشىپ بېرىشتى.بىر خەۋەرچى دەرھال گەرسىۋەزنىڭ يېنىغا چېپىپ ئۇنىڭغا: Iq\sf-1E  
  -تېز بولۇڭ ،شاھىمىز تۇيۇقسىز ۋارقىراپ ئويغۇنۇپ كېتىپ ،ھەدەپ تىترەۋاتىدۇ.ۋايداد سېلىۋاتىدۇ.ھالى بارا-بارا ئېغىرلىشىپ يىقىلىپ قالايلا دىدى.نىمە ئىشلىقىنى بىلەلمىدۇق.بېرىپ قاراپ باققان بولسىڭىز!    -دەپ ئۇنى چاقىرىپ كەلدى.گەرسىۋەز قارىغۇدەك بولسا ئەفراسىياپ تېخىچە يەردە يېتىپتۇ.ئۇ دەرھال شاھنى يۆلەپ تەختىگە ئالدى.قۇچۇقىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ پىشانىسىنى ئۇۋۇلىدى. شاھ بىراز ياخشىلانغاندەك بولۇپ كۆزىنى قىيا ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى: *0R=(Gy  
  -ئەي ئۇلۇغ شەھرىيار،ساڭا نىمە ئىش بولدى؟تېخى نەچچە سائەت ئالدىدىىلا ساپ ساق ئىدىڭغۇ؟ 8}Y( @ %4  
  -ئەي ئىنىم ،ھازىرچە  مەندىن ھىچنىمىنى سورىما! مېنى بىراز تىنىچلىنىۋالغىلى قوي.سەۋر قىل،مەن بىراز ئەس ھۇشۇمنى يىغىۋالاي،شۇنىڭغىچە مەندىن يىراق كەتمەي، مېنى باغرىڭغا چىڭ بېسىپ تۇرغىن.چۈنكى سەن منىڭ بىردىنبىر ئەڭ يېقىن كىشىم ! &fj&UBA  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 43- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-08

گەرسىۋەز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدى.بىراز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شاھ تامامەن ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچتى.قارىغۇدەك بولسا ئەتراپىغا يۈزلەپ يېقىن كىشىلىرى ئولۇشۇپ كېلىپ  تۇرۇشۇپ كېتىشكەن.ھەممىسى تەشۋىش ئىچىدە نالە- پەرياد سېلىشىۋاتقان... L8j,?u#  
شاھ ھۇشىغا كەلگەن بولسىمۇ بەدىنىدىكى تىترەك يوقىمىدى.خۇددى جىنغا  يولۇقۇپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن كىچىك بالىدەك تۈگۈلۈپلا قالغان بولۇپ ئەتراپقا ئالاق –جالاق قاراپ كېتەتتى. گەرسىۋەز ئۇنىڭدىن قايتا ئەھۋال سورىدى. ئەفراسىياپ ئۇنىڭغا  ئۆزىنىڭ ھازىرغىچىلىك ھىچكىم كۆرۈپ باقمىغان ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق مۇدھىش چۈش كۆرگەنلىكىنى، شۇ چۈش تۈپەيلى قاتتىق قورقۇپ كېتىپ ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئەفراسىياپ كۆرگەن چۈشىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: s*l_O* $'  
  -مەن مىژىلداپ كەتكەن يىلان -چايانلار بار بىر باياۋاندا تۇرغۇدەكمەن.يەر يۈزى چاڭ -توزانغا ،ئاسمان سارغا تولغانمىش.ئەتراپتا قورام تاشلار بىلەن تولغان بىر تىك قىيا بار ئىمىش.بۇ قىيا گويا پۈتۈن جاھاننىڭ يېپىقلىق قاپقىقىغىلا ئوخشارمىش.بىر چەتتە مېنىڭ چېدىر بارگاھىم تۇرغۇدەك.بارگاھىم ئەتراپىدا بارلىق سىپاھ ۋە لەشكەرلىرىممۇ تۇرغۇدەك.بىر كەمدە تۇيۇقسىز شىددەتلىك  بوران چىقىپ چېدىرىم ئۈستىدىكى بايرىقىمنى يىقىتىۋەتكۈدەك.شۇنىڭ بىلەن تەرەپ تەرەپلەردىن قىپ قىزىل قانلار دەريادەك ئېقىپ كېلىشكۈدەك.قان ۋە بوران دەستىدىن چېدىر بارگاھلىرىممۇ كۇمپەيكۇم بولغۇدەك.لەشكەرلىرىمنىڭمۇ تەڭدىن تولىسى ئۆلتۈرۈلۈپ كاللىسى كېسىلگەن بولۇپ يەردە خارلىنىپ يېتىشقۇدەك.ئىران سىپاھلىرى مىسالى بوراندەك تېزلىك بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ تىرىك قالغان لەشكەرلىرىمنىمۇ كامانلاردىن ئوق ياغدۇرۇپ،نەيزىلەرنى گاچىلدىتىپ سانچىشىپ بىرىنىمۇ قويماي  ئۆلتۈرۈشىۋاتقۇدەك.قارىسام نەيزىلىكلەرنىڭ نەيزىلىرىنىڭ ئۇچىغا بىردىن باش سانچىلغان.كاماندازلار بولسا قولتۇقىغا بىردىن باشنى قىستۇرۇۋالغان بولۇپ ھەدەپ ئەتراپتىن ئۆلتۈرگىلى لەشكەر ئىزدەپ يۈرۈشكىدەك.مەن يەنە ئۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنى كۆردۇم.ئۇلار تۇم قارا كىيىملەرنى كىيىشكەن بولۇپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلا كىشىنى ئۆلتۈرۈپ توسقۇنسىز جەڭ قىلىشىۋاتقۇدەك.بىر كەمدە قارىسام ئون نەچچە ئاتلىق تەختىم تەرەپكە ئات چېپىپ كېلىپ نەيزىلىرىنى چاقماقتەك شىلتىپ تەختىمگە ھۇجۇم قىلدى.مەن قارشىلىشالمىغاندىن كېيىن مېنى تەختىمدىن سۆرەپ چۈشۈپ قوللۇرۇمنى چىڭ باغلاشتى.مەن پاناھلىق ئىزدەپ ئەتراپقا قارىسام ھەممە يەر زار –زار يىغلىشىۋاتقان يارىدارلار بىلەن تولغان بولۇپ، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالغۇدەك،مەن تونۇغۇدەك بىرەرمۇ تۇققۇنۇم كۆرۈنمەيتتى.نەدىندۇ ناھايىتى قامەتلىك جەسۇر بىر ياش پالۋان پەيدا بولۇپ  مېنى ئاتنىڭ ئالدىغا سېلىپ،باش كۆزۈمگە قامچا بىلەن ئۇرۇپ تېز يۈگرىتىپ كاۋۇسنىڭ ھوزۇرىغا يەتكۈزگىدەك.چېدىردا ئاسماندىكى ئايدىنمۇ بەكرەك نۇر چاچىدىغان ناھايىتى ئىسىل بىر تەخت قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا باتۇر كاۋۇس شاھ ئولتۇراتتى.كاۋۇسنىڭ يېنىدا مىسلى تولۇن ئايدەك نۇرانە ۋە گۈزەل، بەكمۇ قاملاشقان خۇش چىراي بىر يىگىتمۇ ياندىشىپ  ئولتۇراتتى.بۇ يىگىتنىڭ يېشى تېخى ئون تۆتلەردىنمۇ ئاشمىغان بولۇپ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي قىران يىگىتلەردەك تولىمۇ بەستلىك ئىدى.ئۇ يىگىت مېنى باغلاقلىق ھالەتتە كۆرۈپ قاپىقى تۈرۈلدى.چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، دىۋە غەرراندەك قاتتىق نەرە تارتىپ، قولىدىكى شەمشىرىنى بىرلا شىلتىپ تېنىمنى ئىككى بۆلەك قىلىۋەتتى.شۇ ئاغرىق دەستىدىن زارلاپ تاشلاپتىمەن.قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازىمدىن ئۆزۈم چۆچۈپ قورقۇنۇشلۇق چۈشتىن ئويغۇنۇپ كەتتىم.ھېلىقى ياش بالا شۇ تاپتىىمۇ قىلىچىنى شىلتىپ يېنىمدىلا يۈگرەپ يۈرگەندەك تۇيۇلۇپ شۇ قورقۇنچ تۈپەيلى ھۇشۇمدىن كەتتىم... N{ 9 
-ئەي شەھرىيار ئالەم،غەم يىمىگىن! كونىلاردا چۈش تەتۈرىگە ماڭار دېگەن گەپ بار.بۇ چۈشۈڭ چوڭ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.ئىنشائاللا،بىز بۇ قېتىمقى جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ كاۋۇس لەشكەرلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغۇدەكمىز.ىۇددى چۈشۈڭدە كۆرگەندەك كاۋۇس شاھنى تۇتقۇن قىلىپ باغلاپ كېلىپ كاللىسىنى ئېلىپ ئاپەت يىلتىزىنى قىرقىپ تاشلىغۇدەكمىز.‹‹چۈش تەبىرگە باغلىق›› دەپتىكەن.مېنىڭ تەبىرىم شۇ.تەپسىلىرەك بىلەي دېسەڭ دانىشمەن تەبىرچىلەرنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارغا كۆرگەن چۈشلىرىڭنى بايان قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭمۇ تەبىرىنى ئاڭلاپ باق،ئۇلار نېمەلەرنى دەيدىكىن؟ IeU.T@ $  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 44- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-09

ئەفراسىياپنىڭ مۇبەدلەردىن چۈش تەبىرىنى سورىغانلىقى xl9l>k6,  
شاھنىڭ پەرمانى يەتكەن ھامان ئىككى كۈنەە قالماي يىراق يېقىندىكى  دانىشمەن تەبىرچى مۇبەدلەر بىرى قالماي تېزلىكتە شاھ ھوزۇرىغا يىغىلىشتى.ئۇلار خۇددى تەبىر ۋە تەدبىرلىرى بىلەن  شاھنىڭ جېنىغا ئارا تۇرۇشماقچى بولۇشقاندەك جىددىيلىك ئىچىدە شاھنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈشمەكتە ئىدى.ئۇلار ئىچىدە رەمچىلەر،مۇنەججىملەر،تەبىرچىلەر،يۇلتۇز پالچىلىرىدىن تارتىپ ھەممىسلا بار ئىدى.شاھ ھەممىسىگە ئكز لايىقىدا ھۆرمەت ئىلتىپات كۆرسىتەتتى.شاھ چۈشىنى ئېيتىشتىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: <Q0&[q;Z  
  -ھەممىڭلار قاتتىق ئاگاھ بولۇڭلاركى مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈم ۋە ئۇنىڭ  تەبىرى مۇشۇ ساراي ئىچىدىلا قېلىشى، ھەرگىز سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك. كىمىكى ئېغىز بوشلۇق قىلىپ بۇلارنى سىرتتا سۆزلەپ يۈرىدىكەن.گەپ ئاڭلىمىغان قۇلىقى بىلەن باشقۇرالمىغان تىلىنى قوشۇپ كېسىۋېتىپلا قالماي جەددى جەمەتى قوشۇپ قىرىۋېتىمەن... @ 3@%9E  
شاھ قورقۇتۇشنىلا بىلىپ قلماي خۇش قىلش ئىلھام بېرىشنىمۇ بىلەتتى.ئۇ ‹‹تەبىرچىلەرنى چۆچۈتۈپ قورقۇتىۋەتسەم چۈش تەبىرى بېرىشتە قورقۇپ قورۇنۇپ قالسا ھەقىقەتنى سۆزلىشىگە تەسىر يەتمىسۇن›› دەپ  ئويلاپ قورقۇتۇشلىرىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەسكىن بېرىش مەقسىدىدە ئۇلارغا نۇرغۇن ھەدىيەلەرنى بېرىپ ،ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ كۆڭۈللىرىگە تەسكىن بەردى.ئاندىن چۈشىنى بىر بىرلەپ بايان قىلدى.چۈشنى ئاڭلاپ تەبىرچىلەرنىڭ چىرايىنىڭ قېنى قاچتى.غال-غال تىترەشتى.ئارىدىن باش تەبىرچى ئالدىغا چىقىپ، شاھنىڭ تەختى پايىسىگە يىقىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى: aj,ZM,Ad  
   -ئەي شاھىنشاھ،كۆرگەن چۈشۈڭنىڭ تەبىرىنى بىلدۇق.ئۇنىڭ تەبىرىمۇ خۇددى ئۆزىدەكلا ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىكەن.بىز بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىدىغان بولساق سەن غەزەپلىنىپ بىرىمىزنىمۇ ساق قويمايسەن.ئېيتمىساق تېخى ساق قويمايسەن.شۇڭا تەبىرىنى ئېيتىشتىن بۇرۇن سەندىن ھەممىمىزنىڭ بىر قوشۇقتىن قېنىنى تىلىۋالساق.ئەگەر بىز راستىنى ئېيتساق غەزىپىڭدىن يېنىپ جېنىمىزنى ئامان قويارسەنمۇ؟ 4mAtY m  
-ئەي باش مۇبەد،چۈش كۆرگەن ئادەم مەن تۇرسام،يە ئۇ چۈشنى سىلەر كۆرسەتمىسەڭلار ، سىلەردە نىمە گۇناھ؟ قىلچە قورقماي قورۇنماي نېمىنى بىلگەن بولساڭلار ھەممىنى ئېيتىڭلار.مەن سىلەرنىڭ بىر تال مويۇڭلارغىمۇ زىيان يەتكۈزمەيمەن. 9j"\Lr*o "  
-ئەي شاھى جاھان،ئۇنداق بولسا قىلچە يالغاننى قوشماي نىمە بولسا شۇنى دەۋېرەي.چۈشىڭدە كۆرگەنلىرىڭ كېيىن ھەقىقى يۈز بېرىدىغان ئىشلار ئىكەن.كيىن راستىنلا ئىراندىن ناھايىتى كۆپ لەشكەر ئېلىپ خۇددى تەڭداشسىز ئەجدەردەك بىر پالۋان كېلىدىكەن.ئۇ ئۆزى بىلەن سەن چۈشۈڭدە كۆرگەندەك كېلىشكەن بىر ياش شاھزادىنى بىرگە ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۇنىڭ بەخىت يۇلتۇزى ھەممىدىن پارلاق بولغاچقا ئىقلىمدا ھىچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدىكەن.ئۇ ۋە لەشكەرلىرى دىيارىمىزنى دەھشەتلىك چېقىن چاقماقتەك كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىپلا قالماي سېنىمۇ يېڭىپ ئەسىر ئالىدىكەن.بۇ چۈشۈڭدە كۆرگەن رەقىبىڭ ئېھتىمال بۇ قېتىم سەن بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن  كەلگەن سىياۋۇش بولۇشى مۈمكىن.سەن ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراي دېسەڭ ، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلماستىن قوشۇننى چېكىندۈرۈپ يارىشىپ قېلىش،ئۆز ئارا ئىتتىپاق ئۆتۈش توغرىسىدا مۇرەسسەگە كېلىپ  دوستلۇق ئورنىتىۋېلىشىڭ كېرەك.مانا بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۇك يولى.چۈش تەبىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇكى ،ئەگەر بۇ تەدبىرگە قۇلاق سالماي دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلار بولساڭ،ۋاقتىنچە غەلىبىگە ئېرىشىپ سىياۋۇشنى ئۆلتۈرۈشۈڭ،غەلىبە بىلەن قايتىشىڭ مۈمكىن.بۇ ئارىدىكى ئۆچ ئاداۋەتنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىۋېتىدىكەن.ئىراننىڭ قىساسكارلىقى چېكىگە يېتىپ سىياۋۇشنىڭ ئۆلۈمى سەۋەپلىك ناھيىتى چوڭ كۆلەملىك دەھشەتلىك جەڭ پارتلىشى مۈمكىن ئىكەن.بۇ جەڭ بىزگە پايدىسىز بولۇپ لەشكەر ۋە سىپاھلىىمىز ئىرانلىقلارغا تەڭ كېلەلمەي چۈش رېئاللىققا ئايلىنىپ  چۈشۈڭدىكى ئىشلار ئوڭۇڭدا زاھىر بولۇدىكەن ئەي شاھىم چۈشنىڭ تەبىرى ئەنە شۇ،تەدبىرى بولسا مەن بايا ئېيتقاندەك دوستلۇق ۋە ياخشلىق.بۇ چۈش تەبىرىدىن‹‹ كىمكى قىلسا يامانلىق،ئاخىر تاپماس ئامانلىق››دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ. 8tL61x{]  
بۇ تەبىر ھەقىقەتەنمۇ ئەفراسىياپنى خاپا قىلىپ قويدى.لېكىن باش مۇبەدنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى ھىكمەتنىڭ سالمىقى بەك ئېغىر ئىدى.شۇڭا ئارتۇقچە غەزەپلىنىشنى،تەقدىرنىڭ ھۆكمىگە قارشى ئىش تۇتۇشنى خالىمىدى.مۇبەدلەرگە ناھايتى كۆپ مۇكاپات بېرىپ قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئىنىسى گەرسىۋەزنى يېنىغا چاقىرتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: cm3Y!p{p"  
مەن چۈش تەبىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سىياۋۇش بىلەن جەڭ قىلماسلىق،ئۇنىڭ بىلەن ئۆچ ئاداۋەتلەشمەسلىك قارارىغا كەلدىم.ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلسام يە ئۇ ئۆلۈدىكەن، يە مەن ھالاك بولۇپ زاۋاللىق تارتىدىكەنمەن.ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدا يەنە بۇ ئۇرۇش تۈپەيلى ئۆچ ئاداۋەت تۈگىمەي ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تىنچلىق خاتىرجەملىك بولمايدىكەن.شۇڭا مەن جاھانگىرلىك ئۇرۇشىدىن تىنىچ بىرگە تۇرۇشنى ئەۋزەل كۆردۈم.ئىشىم ئۇرۇش ئىزدەش ئەمەس، تىنىچلىق قېدىرىش بولسۇن.كونىلار ‹‹قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس›› دەپتىكەن.مەن بۇ تىنىچلىق ئۈچۈن بىر مىقدار  مال دۇنيا سەرىپ قىلىپ قوياي.سىياۋۇشقا نۇرغۇن ئالتۇن -كۈمۈش،تاجۇ- تەخىت،ۋە قىممەتلىك گۆھەرلەردىن  تارتۇق ئەۋەتىپ ئەپلىشىپ قېلىشنى ئېيتاي.گەرچە مال دۇنيالىرىم ھەددى ھېساپسىز بولمىسىمۇ بوۋىمىز مەنۇ چېھىر دۇنيانى بۆلگەندە ماڭا بەرگەن نۇرغۇن مىراس ئۈلۈشۈم تېخىچە بار.مەن ئەشۇ مىراس بايلىقلار بىلەن ئىرانلىقلاردىن تارتىۋالغان بىر قىسىم زىمىننى سىياۋۇشقا بېرىپ ئۇنىڭغا بولغان دوستلۇق مېھرىمنى ئىپادىلەي.ئەگەر مەن شۇ يول بىلەن بېشىمغا كەلگەن بالا قازانى تامامەن قايتۇرۇۋېتەلىسەم  ئەللەر ماختاشقا ئەرزىگۈدەك ئىش قىلغان بولىمەن.شۇڭا سەن مەن بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ئۇلۇغ ئىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قەدەم رەنجى قىلىپ قېرىنداشلىقىمىزنى يەتكۈزگەن بولساڭ! P2p^jm   

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 45- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-09

ئەفراسىياپنىڭ ئەرباپلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلغانلىقى F4x7;?W{*  
ئايلىنىپ تۇرغۇچى پەلەك يېرىم ئايلىنىۋىدى، زەڭگىنىڭ يۈزىدەك كۆرۈمسىز تۈن ئاخىرلىشىپ ئالتۇن قۇياش يېڭى تويى بولغان يىگىتتەك كۈلۈپ چىقتى.تۇران ئەمەلدارلىرى شاھىدىن ھال سورىغۇسى كەلدىمۇ ياكى بۇيرۇق كۈتتىمۇ سەھەردىلا شاھ دەرگاھىغا كېلىشتى. ئەفراسىياپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك چىرايلىق كىيىنىپ ئەتتىگەنلىك قوبۇلغا چىقتى.كۈندىلىك ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن شاھ دانىشمەنلەرنى كېڭەش زالىغا يىغىپ كىرىپ ئەنجۈمەن ئويۇشتۇردى. قىلماقچى بولغان ئىشى توغرىسىدا دانالارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولۇپ مۇنداق دېدى: Q*.FUV&;  
  -مەن شاھ بولغىنىمدىن تارتىپ قىسمىتىم ئۇرۇشقىلا پۈتۈلگەندەك ھەدېسىلا باشقىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ كەپتىمەن.بۇ ئۇرۇشلاردا قانچىلىغان باتۇر پەھلىۋانلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ، ئېزىز تېنى ۋاقىتسىز تۇپراق قوينىغا كىرىپ كەتتى.قانچىلىغان سەبىلەر يېتىم قالدى. بۇ ئۇرۇش دېگەن ئاۋاتلىق ئەمەس خاراپلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.قانچىلىغان ئىسىل باغۇ -بوستانلار خانىۋەيران قىلىندى.قانچىلىغان تىنىچ يۇرتلار تەپرىقىچىلىك دەستىدىن خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتتى.ھەتتا شەھەر كوچىلىرىدا سۇ ئورنىغا قانلار ئاقتى. نۇرغۇن يوللارمۇ رەزمىگاھ(جەڭگاھ)قا ئايلاندى.سىپاھلىرىم دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە شۇم نىشانلارنى قالدۇردى.جاھان شاھلىرى ماڭا ئوخشاش بىدادلىق قىلسا يەر يۈزىدە ياخشلىقلار يوقۇلۇپ،كىشىلەر چېھرىدىن تەبەسسۇم كۈلكىلىرى ئۆچەر.قۇلانلار بالىسىنى ۋاقتىدا تۇغالماس،بۈركۈت بالىسى كۆپ زامان كور تۇغۇلار. كىيىكلەر ئەمچىكىدىمۇ  سۈت سوغىلىپ كېتىپ ئوغلاقلىرى سۈتكە تويماس.بۇلاق سۇلىرى قۇرۇپ خىرەلىشىپ سۈزۈك سۇلار تىنىپ كېتەر.ئەتىر گۈللەردىن خۇش پۇراقلار كېتىپ مۇئەتتەرلەرنىڭ بازىرى كاساتلىشار.تەتۈرلۈك ئۇلغۇيۇپ، توغرىلىق قالماس.ھەرياندا ئوغرى يالغان ئاۋۇپ، كىشىلەرنى جەڭگى جېدەل زورلۇق زومبۇلۇقلار جېنىدىن تويغۇزار.ناھايىتى شەپقەتلىك تەڭرى ئەزەلدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ئىنسانلارنى يامان يولدىن توسۇپ توغرا يولغا باشلاپ كەلدى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۈگۈن ئۇرۇش قىلىشنى توختۇتۇپ دۈشمەن بىلەن سۈلھى قىلاي دەيمەن.جاھان خەلقى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ مەندىن بىر زامان ئارام تاپسۇن.ئەجەل مۇئەككەللىرىمۇ بازار قىزىتماي، كاساتلىق كوچىسىدا بىر مەزگىل  ئارام ئېلىپ تۇرسۇن.بۈگۈن قارىسام جاھاننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى زىرى پايەم(تەسەررۇپۇمدا) بولۇپ تۇرۇپتۇ.ئىران بىلەن تۇران ئوخشاشلا مېنىڭ سارايلىرىمدۇر. باشلىرىغا ئىسىل تاج تاقىغان قانچىلىغان سەركەش باتۇرلار ماڭا قۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئەمرىمنى بىجاندىل ئورۇنداپلا قالماي، باج خىراج تاپشۇرۇپ تۇرىدۇ.بۈگۈن مېنىڭ سىلەرگە سالماقچى بولغان مەسلىھەتىم شۇكى،ئەگەر سىلەر ماقۇل كۆرسەڭلار ،بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ ئۇنى رۇستەمگە ئەۋەتىمەن.سىياۋۇش بىلەن ئارلىقىمىزغا سۈلھى ئىشىكىنى ئېچىپ سۈلھى تۈزۈپ يارىشىمەن. قەدەم مۇبارىكىگە نۇرغۇن ئالتۇن- كۈمۈش،ئۈنچە مەرۋايىت ،گۆھەر ياقۇتلاردىن سوۋغات ھازىرلاپ چاچقۇ قىلىپ چاچىمەن. !5j3gr ~  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 46- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-10

دانىشمەن مەسلىھەتچىلەر بىر بىرلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ پايدىلىق پىكىر تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.ئۇلارنىڭ ئورتاق پىكرى مۇنداق ئىدى:‹‹سۈلھى يولى ھەق يولدۇر،ئەي شاھىنشاھ بىز پىكرىڭگە قوشۇلىمىز. بىز قۇللۇرۇڭغا بۇ يولدا قانداق خىزمەت بۇيرۇساڭ جېنىمىز پىدا››  كېڭەش تۈگىگەندىن كېيىن مۇبەدلەر بىر بىرلەپ قايتىشتى. s.;KVy,=Bu  
ئەفراسىياپ گەرسىۋەزنى چاقىرتىپ كىرىپ پەرمان قىلدى: M.:@ 
  -ئەي ئىنىم،ئىرانلىقلار بىلەن ئۇرۇشماي سۈلىھ قىلىش ئىشىغا  ياتلارنى ئارىلاشتۇرماي سېنى تاللىدىم.ئۆزۈڭ  باش ئەلچى بولۇپ ،سۆزمەن دانىشمەنلەردىن تاللاپ ئەلچىلەر ئۆمىكى تەشكىللە.   ئەل ئارىسىدا ‹‹قۇرۇق گەپ قۇرۇق قۇلاققا خوشياقماس ›› دېگەن گەپ بار.سۆھبەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غەزىنەمدىن ناھايىتى كۆپ مال دۇنيا ئېلىپ بارغىن.سەن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك نەرسىلەنى مەن كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان شۇلارنى ئېلىپ بار.قۇياشتەك يالتىراپ تۇرىدىغان ئالتۇن تاج ئىككى دانە،،ياقۇتتىن كۆز قويۇلغان ھىندى قىلىچىدىن يۈز دانە،ئالتۇن تىللادىن ئونمىڭ دانە، تۈرلۈك ئىسىل رەخ،كىمخاپ كىيىم،ئالتۇن كەمەر...دېگەندەك ئىسىل بۇيۇملاردىن يۈزتۆگىلىك  يۈك، ئەرەپنىڭ تۇلپار ئاتلىرىدىن ئىككى يۈز،ئاي يۈزلۈك ،ئاھۇ كۆزلۈك كېنىزەكتىن ئىككى يۇز،ئالتۇن كەمەرلىك ئااپتاپ تەلئەتلىك خۇشچىراي غۇلامدىن ئىككى يۈز بولۇپ تۆتيۈز خىزمەتكار تەييارلا،سوغا سالاملارنى ۋە كارۋاننى قوغداپ مېڭىشقا باتۇر ئاتلىق  لەشكەردىن ئىككى يۈزنى تەييارلا، s$>m0^  
ئۇلارنى باشلاپ  بېرىپ  ئۆزۈڭ ماڭا ۋاكالىتەن سىياۋۇش بىلەن كۆرۈشۈپ ئىللىق سۆھبەت ئۆتكۈز.سۆھبەت جەريانىدا ،تىنىچ يارىشىپ قېلىش، ئۇرۇش توختۇتۇش،بۇندىن كېيىن ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق،تىنىچ  دوستانە بىرگە ئۆتۈش ھەققىدىكى پايدىلىق تەكلىپلىرىمنى شەرھىلەپ چۈشەندۈر.دېگىنكى :‹‹سەن بىلەن پەقەت ئۇرۇشقىمىز يوق.ئىران بىلەنمۇ ھىچقانداق ئۆچ ئاداۋىتىمىز ياكى بىرەر تالىشىدىغان نەرسىمىز يوق.سۆزىمىز،ۋەدىمىز  چىن،قىلچە ساختىلىق يوق،چىن مەملىكىتىدىن تاكى جەيھۇن قىرغىقىغىچە                   بولغان زىمىن ۋە سوغدىلار يېرى بىزگە تەۋە قالغان جايلار سىلەرگە تەۋە ،باشقا ھىچقانداق قاينى سىلەردىن تالاشمايمىز،زىمىن دەۋاسىمۇ قىلىشمايمىز›› دەپ زىمىن مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى يوقۇتۇش مەيدانىمىزنىمۇ ئېنىق  ئىپادىلە.شۇنىمۇ چۈشەندۈرگىنكى ئىران بىلەن تۇران بۇرۇن بىر ئىدى.بىگۇناھ ئەراجەننىڭ قېنى تۆكۈلگەندىن كېيىن ئارا بۇزۇلۇپ ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتكەن.ئىككى دۆلەتنى قايتا بىلىككە كەلتۈرۈش يولىدا قانچىلىغان دانالارنىڭ ئەقلى سۇندى.قانچىلىغان قەھرىمانلارنىڭ دىلى سۆكۈلدى.ئىككى تەرەپ پادىشاھلىرى ئەسلى بىر پادىشاھنىڭ يەنى ئۇلۇغ شاھ پەرىدۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئارا بۇزۇلغاندىن كېيىن ئىزانى بىلمەي ، ئۆز ئارا پېتىشماي دائىم ئۆزئارا سوقۇشۇپ قان تۆكۈشۈپ  ئازارلىشىپ كەلدى.شۇنداق بولسىمۇ ئارىنى ياخشىلاشقا، ،سۈلىھ تۈزۈپ تىنىچ بەخىتلىك ياشاشقا ئۈمىدىمىز زور...بۇ سۆزلەرنى دىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سىياۋۇشنى ماختاپ سۈلھى تۈزۈشتە ئۇنىڭدىن زور ئۈمىت كۈتىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەپ مۇنداق دە:‹‹سەن ھەم ئاقىل،ھەم تەدبىرلىك،ئەھۋالغا يارىشا ئىش تۇتۇشنى بىلىدىغان دانا شاھزادە،شاھ كاۋۇس سېنىڭ مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش،ئۆز ئالدىڭغا قارار چىقىرىش قابىلىيىتىڭگە ئىشىنىپ سېنى پۈتۈن قوشۇنغا باش قىلىپ، تولۇق ھوقۇقلۇق قوماندان قىلىپ چىقارغان.جاھان پالۋانلىرىدا پەقەت قەھرى غەزەپلا بولۇپ قالماي يەنە مىھىر مۇھەببەتمۇ بار.سەن دەل شۇنداق غەزەپ قىلىشنىمۇ،مىھىر مۇھەببەت قويۇشنىمۇ بىلىدىغان ھەقىقى ئەزىمەت.سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن جاھان سۈلھى ئارقىلىق تىنچىپ، جەڭ ۋە ئۇرۇش نىزالار تامامەن تۈگەيدۇ.شاھ ئەفراسىياپ مېنى سېنىڭ قانداق تەلىپىڭ بولسا  ئاڭلاپ  ئۇنى شەرتسىز ئورۇنداشقا  مېنى ئۆز ئورنىدا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى.قانداق تەلىپىڭ بولسا  ماڭا ئېيت.بىز ئۇلۇغ بوۋىمىز پەرىدۇندەك دانا بولايلى،يىراقنى كۆرەيلى،ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ،دوستلۇقنى تىنىچلىقنى ئەلا بىلىپ،جاھاننى ئۇرۇش بالالىرىدىن ئازاد قىلىۋېتەيلى.سەن ئىران شاھىنىڭ پەرزەنتى،يۈرەك پارىسى،گېزى كەلگەندە سېنىڭ سۆزۈڭ ئىران شاھىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ.سەن تەلىپىمىزنى ئاڭلاپ شاھ ئاتاڭغا يەتكۈز.ئۇ بۇرۇنقى ئاغرىق ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ، ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ، بىز بىلەن يارىشىشىقا، تىنىچ ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلسۇن.›› دەپ ئېيت.بارغاندا پەقەت سىياۋۇش بىلەنلا كۆرۈشۈپ توختاپ قالماي پىلتەن رۇستەم بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ نىيىتىمىزنى بىلدۈر.ئۇ سىياۋۇشنىڭ ئۇستازى.ئەگەر رۇستەم تەلىپىمىزگە قوشۇلۇپ سىياۋۇشقا گەپ قىلىدىغانلا بولسا ھەرقانداق مۈشكۈل ئىشلىرىمىزمۇ تېزلا ھەل بولىدۇ... {<}I9D5  
_`@Xy!Ye  
   B#GZmv1  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 47- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-10

گەرسىۋەزنىڭ سىياۋۇش ھوزۇرىغا بارغانلىقى 2[8fFo>  
گەرسىۋەز سىياۋۇشقا سوۋغا قىلىنىدىغان ئىككى يۈز تۆگىلىك قىممەتلىك مال دۇنيالار ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى تولۇق ئېلىپ جەيھۇن بويىغا كەلدى.ئدندىن باتۇر لەشكەرلەردىن بىرىنى خەۋەرچى قىلىپ تەيىنلەپ ، ئۆزىنىڭ سۈلھى مەقسىدى بىلەن كەلگەنلىكىنى سىياۋۇشقا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن  ئالدىن يولغا سالدى.ئەلچى كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتتى.دەريادىن ئكتۈپ بولغاندىن كېېيىن يەنە بىر كۈن ئاتلىق تېز مېڭىپ بەلىخكە كەلدى.سىياۋۇشنىڭ ئالدىغا كىرىپ ،لەتاپەتلىك سۆزلەر بىلەن كېلىش مەقسىدىنى ئىزھار قىلدى.سىياۋۇش ئەلچىنى ئارامئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ مەسلىھەت قىلىش ئۈچۈن رۇستەمنى چاقىرىپ كىردى. ئىككىسى يانمۇ يان ئولتۇرۇپ گەرسىۋەزنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى.مەسلىھەت شۇ بولدىكى‹‹ ئەزەلدىن ئەلچىگە ئۆلۈم بولغان ئەمەس،گەرسىۋەزنى قوبۇل قىلىش ،گەپ سۆزلىرىنى،مەقسىدىى ئاڭلاپ بېقىپ دۈشمەننىڭ رايىنى بىلىپ باققاننىڭ، ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتقاننىڭ يامىنى يوق›› دېيىشتى.ئۇلار بىر قاراغا كېلىپ بولغۇچە گەرسىۋەزنىڭمۇ زور ئەلچىلەر كارۋىنى بىلەن يېتىپ كېلىپ بولغانلىق خەۋىرى  كەلدى.گەرسىۋەز تەكلىپ قىلىندى.ئۇ كىرگەندە سىياۋۇش ئوچۇق چىراي ئېچىپ قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋالدى.گەرسىۋەز كىرىپلا سىياۋۇشنىڭ ئالدىغا يۈكۈنۈپ يەرنى سۆيۈپ قۇللۇق بىلدۈردى.دىلىدا قورقۇنۇچ بار ئىدى.سىياۋۇش ئۇنى ىاتىرقەم قىلىپ ئۈچۈن چىرايىدىن تەبەسسۇم كۈلكىسىنى كەتكۈزمەيلا قالماي گەرسىۋەزنى يېنىغا تەكلىپ قىلىپ ئولتۇرغۇزدى.بىپەرۋا قىياپەتتە خۇددى يېقىن تۇققىنىنىڭ ھالىنى سورىغاندەك ئەفراسىياپنىڭ ھال ئەھۋالىنى سورىدى.گەرسىۋەز سۇئاللارغا چېچەنلىك ۋە ھۆرمەت تەرىزىدە مۇۋاپىق جاۋاپ بېرىپ ئولتۇردى.ئۇ زەر تەختتە ئولتۇرغۇزۇلۇپ ھۆرمەتلەنگەن.ئېزىز مىھماندەك مۇئامىلە قىلىنغان ئىدى.ئۇ سىياۋۇشنىڭ كەڭ قۇرساقلىقىغا،زىيادە ياشلىقىغا،ئەرلەر  ئىچىدە كەم تېپىلىدىغان ساھىپ يۈزى ۋە قاملاشقان تۇرقىغا قاراپ ھەيران بولاتتى.شۇنداق كېلىشكەن ئىنساننى ياراتقان تەڭرى ھەققىدە كۆڭلىدە تەسبىھلەر ئېيتاتتى.كېيىن گەرسىۋەز رۇستەم بىلەن سىياۋيۇشقا قاراپ: W;OYO  
-    ئەي ئالەمپاناھ باتۇرلىرىم،شانۇ شەۋكەتلىك شاھىنشاھلىرىم،تۇران شاھىمىز ئەفراسىياپ سىلەرنىڭ كەلگەنلىكىڭلارنى بىلىپ لايىقىڭلاردا  بولمىسىمۇ ئاز تولا سوۋغاتلارنى ئەۋەكەن ئىدى.سوۋغاتلارنى ئېلىپ كىرىپ نەزىرىڭلاردىن ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغان بولساڭلار. (5Z8zNH`3  
سىياۋۇش ئېلىپ كىرىشكە ئەمىر قىلدى. I5TQ>WJbf  
-    تۇراندىن ئېلىپ كېلىنگەن سوۋغاتلار ئېلىپ كىرىلسۇن. vy{rwZ$  
لەشكەرلەر تۆگىلەردىن چۈشۈرۈپ تەقلەپ قويغان سوۋغىلارنى بىر بىرلەپ ئېلىپ كىرىپ سىياۋۇشنىڭ ئالدىغا رەتلىك تىزىۋەتتى.ئارقىدىن ساھىپجامال كېنىزەكلەر بىلەن خۇشقامەت غۇلاملارمۇ رەتلىك تىزىلىپ كىرىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈشتى.ئاتلاربىلەن تۆگىلەرنى بارگاھتىن شەھەر دەرۋازىسىغىچە بولغان ئارلىقتىكى سىياۋۇشنىڭ خاس يېقىن كىشىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە تەقدىم قىلدى.تا شۇ كەمگىچە ھىچكىم بۇنداق مول سوۋغات ئېلىپ كېلىپ باشقىلارغا تەقدىم قىلىپ باقمىغان ئىدى.شاھزادىگە  ئەفراسىياپ بىلەن گەرسىۋەزنىڭ مەرتلىكى ياراپ كەتتى.شۇڭا تېخىىمۇ قىزغىن،تېخىمۇ ئوچۇق يورۇق بولۇپ گرسىۋەز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.رۇستەم سۆھبەت ئارىلىقىدا سىياۋۇشقا دېدى: dr,B\.|jC  
  - مىھمانلار ھۆرمىتىگە بىرەر ھەپتىگىچە چوڭ كۆلەملىك شاتلىق بەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالايلى.بىزنىڭمۇ ئادىمىگەرچىلىكىمىزنىڭ قاتتىقلىقىنى بىلدۈرۈپ قويايلى.بۇ ئارلىقتا ئەھۋالغا قاراپ سۆھبەتلىشىپ ،نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى يەنە ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ بىرنىمە دېيشەرمىز. fw1;i  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى