مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9893 
  •    ئىنكاس 
       118 

سىياۋۇش قىسسىسى(شاھنامە 4-بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
8115
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38328

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   156 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1273 (سوم)
 ياخشى باھا:   226 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1152
 سائەت
دەرىجىسى:
1152 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 84- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-09

  
 
НаБи
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43449

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   121 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   578 (سوم)
 ياخشى باھا:   109 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 86
 سائەت
دەرىجىسى:
86 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 85- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-09

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  nazarbay كە 2011-08-17 08:42 PMئەۋەتىلدى  : 9s.x%m,  
سىياۋۇش يەنى ئەفراسىياب تۈركى تىللار دىۋانىدا ئالىپ ئەرتۇڭا نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ، شاھنەمە ئىرانلىقلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولغانلىقتىن ئەلۋەتتە ئەفراسىياپنى تاجاۋۇزچى دەپ تەرىپلىسە ، تۈركى تىللار دىۋانىدا ئۇ تۇران زىمىنىدىن چىققان پارس ئىمپىرىيەسىگە قارشى مىللى قەھرىمان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ... UI?AM 34  
( !THd  
K> rZJ[a  
سىياۋوش بىلەن ئالىپ ئەرتۇڭا  قاچاندىن بېرى بىر  شەخىش  بوپ قالدى  ؟    بىرى تۇران شاھى يەنە  بىرى بولسا  ئېران شاھى ، .
 
ئەللەر ياخشى بىز يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان
Kurxad
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7432

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   209 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6195 (سوم)
 ياخشى باھا:   316 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   401  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 75
 سائەت
دەرىجىسى:
75 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-22
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 86- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-10

   مېنىڭ ئىنكاسىمغا جاۋاپ بېرىدىغان بىرىڭلار يوقمۇ  ؟
 
رەزىيتۇ بىللاھى رەببان ، ۋەبىلئىسلامى دىينان ،
          ۋەبى محمدىن نەبىييان !
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 87- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-10
Re:9قەۋەتتىكى(Qabiljan) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 83قەۋەت  Kurxad كە 2011-10-09 11:00 AMئەۋەتىلدى 9قەۋەتتىكى(Qabiljan) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش : svRYdInBNu  
        تېمىڭىزنى تېخى كۆرگىدەك بولمىدىم قېرىندىشىىم... كىرىپلا كۆرگىنىم M"s+k  
قابىلجاننىڭ ئاستىدىكى مەردان يىگىت دېگەن سۆز بولدى ...مەردان يىگىتنىڭ o XFo  
مەنىسى نېمە بولدىكىن سوراپ باقسام ...مەرد سۆزى ئەسلى فارىسچە ئەر =O amN7V=  
دېگەنلىك بولىدۇ ... ئۇيغۇر تىلىغا ھەم مەرد سۆزى فارىسچىدىن كىرگەنلىكى ?^gq  
مۇقەررەرغۇ ... مەردان سۆزى شۇ چاغدا ئەرلەر دېگەنلىك بولىدۇ ... $i|d=D&t  
....... SQ la]%  
5*\]F}  
مەن سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ماتېريال كۆردۈم. مەرت ،مەردان دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن فارىس تىلىدىن قوبۇل قىلغان سۆز ئىكەن.ئۇنىڭ مەنىسى ‹‹مەرىتلەرچە››،‹‹مەرتلەرگە خاس››،‹‹مەرتلىك بىلەن ››‹‹مەرتلەرگە باتۇرلارغا خاس››‹‹قەھرىمانلارچە›› دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىكەن. @bF4'M  
مېنىڭ‹‹مەردانە ››دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىشتىكى چۈشەنچەم ،ياماندىن قورىقمايدىغان،يۇۋاشنى بوزەك تاپمايدىغان،بېسىمدىن،تۈرلۈك توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قورىقماي مەردانە،باتۇرلارچە ياشايدىغان،دېگەن مەنىلەرنى بېرەتتى. يۇقارقى مەنە يەشمىلىرى بىلەن  ‹‹يىگىت››يەنى ئەر سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىرلەشتۈرسەك ،تۈرلۈك بېسىمدىن، توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قورىقماي ھەقىقى ئەردەك ياشايدىغان ئەر دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. fJD+GvV$x  
{NUI8AL46A  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 88- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-10

پىران سىياۋۇشنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تەسەللى يۈزىسىدىن مۇنداق دېدى: 5'/ff=  
  -ئەي باتۇر ئوغلۇم،مۇنەججىملەرنىڭ قالايمىقان پالىدىكى بولمىغۇر سۆزلەرگە ئىشىنىپ مۇنچىۋالا بىئارام بولۇپ ئۆزۈڭنى ئازاپلىمىغىن.ئادەمنىڭ قىسمىتى مۇنەجقىملەرنىڭ پالىغا قاراپ ئەمەس خۇدانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان قىسمىتىگە قاراپ بولىدۇ.پالچىلارنىڭ سۆزى دېگەن ئىلاھى سۆز بولماستىن جىن- ئالۋاستىلارنىڭ سۆزىدۇر.سەن شاھىمىز ئەفراسىياپتىن قىلچىلىك گۇمان قىلمىغىنكى ئۇ ساڭا ھەممىمىزدىن بەك تولىمۇ مىھرىباندۇر.سېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ،ئۆز پەرزەنىتلىرىدىنمۇ ئۆتە قەدىرلەيدۇ.ھەممىمىز بىلىمىز شاھنىڭ شاھلىق ئۈزىكى خۇددى قولۇڭدا تۇرغاندەكلا، ھەممەيلەن سېنى شاھىمىز بىلەن بارابەر كۆرۈپ ھۆرمەتلەيمىز.شۇنىڭغا شەكسىز ئىشەنگىنكى ئەگەر بۇ جېنىم تېنىمدە  ھاياتلا بولىدىكەن، سەن بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدە پەيمانىمىز بۇزۇلمايدۇ.سەن ھەرقانداق ئىش چىقىشىدىن قورىقماي خاتىرجەم ياشاۋەرگىن.مانا مەن باشقىلارنىڭ سېنىڭ بىر تال مويۇڭغىمۇ چېقىلىشىغا يول قويماي ئۆمرۈم بويى جانپىدالىق بىلەن قوغدايمەن،ماڭا بىر ئىش بولماي تۇرۇپ ساڭا ھەرگىز ھىچ ئىش بولمايدۇ. 2  ZyO  
  -بەللى،ئەي داڭدار پالۋان،سەن مېنىڭ ھۆرمەتلىك قېيناتام بولۇپلا قالماي  مېنىڭ ئۆمۈرلۈك پاسىبانىمسەن.سەن بولغاچ ھەرقاچان ئىشلىرىم سەرەمجان تاپىدۇ.مېنىڭ پۈتۈن سىرلىرىم پەقەت ساڭىلا ئايان.سەن بولغاچ تا مۇشۇ كەمگىچە ماڭا شاتلىق ۋە بەخت ئامەت قۇچاق ئاچقان.ھەممىمىزنىڭ بەختىگە سالامەت بولغىن،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىن.سەن مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ ياخشى قىلدىڭ.مېنىڭ يەنىلا ئاللاھ مىھرىدىن ئاگاھلىقىم بار.ئۇلۇغ پەلەك سىرلىرىدىنمۇ خەۋىرىم بار. مەن ساڭا كېيىن بولىدىغان بىر ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەي.كېيىن :‹‹ماڭا ئېيتماپسەن ›› دەپ مەندىن ئاغرىنىپ قالما! ئېيتقانلىرىمنى قۇلىقىڭغا قۇيۇۋال.شۇنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتىكى ،مەن ئېيتقان ئىشلار كېيىن ھەقىقەتەن يۈز بېرىدۇ.شاھىمىز ماڭا ھازىر ھەممىدىن بەك ئامراقلىق قىلغان بىلەن كۆپ ئۆتمەي ئۇنداق قىلمايدىغان،مېنى يوقۇتۇشنى ئىستەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.مېنى قان يىغلىتىپ تۇتقۇزۇپ كېلىپ بىگۇناھ  ئۆلتۈرىدۇ.سالغان قەسىر -ئايۋانلىرىم،قۇرغان شەھەرلىرىم،توپلىغان پۇل –مال دۇنيالىرىم خەققە نېسىپ بولىدۇ.سەن ئەزەلدىن ئەھدىڭگە سادىقسەن،ماڭا ياخشىلىق قىلىشنىلا ئويلايسەن.ئەمما پەلەكنىڭ رايى تامامەن باشقىچە.مەن شاھ ئالدىدا ئۆلۈمگە لايىق گۇناھ ئۆتكۈزمىدىم ۋە ئۆتكۈزمەيمەن.ئەمما مېنىڭ تۇغۇلۇشۇمدىنلا بەختىم قارا،ماڭا ئۆمۈرلۈك بەخت سائادەت نېسىپ بولمايدۇ.شاھ ھازىر ماڭا مۇتلەق ئىشەنگەن بىلەن كۆپ ئۆتمەي ئىغۋاچىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كېتىدۇ.ماڭا بولغان مىھرىبانلىقىنىڭ ئورنىنى غەزەپ نەپرەت ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مېنى خارۇ-زار قىلىپ تۇتۇپ ئەكىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ،تاجۇ -تەختىمدىن جۇدا قىلىشنى پەران قىلىدۇ.مەن بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن قىساسىم ئۈچۈن ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن جەڭ باشلىنىدۇ.بۇ ئاداۋەت ھەممىلا يەرگە غەم بالالىرىنى تېرىۋېتىدۇ.تەرەپ تەرەپتە قىلىچ نەيزىلەر ئىشقا چۈشۈپ قانلار يەنە دەريا بولۇپ ئاقىدۇ.قىزىل،سېرىق،زەڭگەر،قارا،ئاق...ھەر خىل نۇسخىدىكى بايراقلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىران سىپاھ ۋە لەشكەرلىرى كەلكن سۇدەك كېلىپ ھەممە يەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ.ھەممە يۇرتلارغا ۋەيرانچىلىق يېتىپ غەزىنىلەر توپىدەك سورىلىدۇ.بەك كۆپ مەملىكەتلەر بۇ ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قېلىپ پايخان بولىدۇ.مانا شۇ چاغدا تۇران ئەمەلدارلىرى قىلغان ئىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىشىدۇ.لېكىن پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ.بۇ ئىشلاردا ھىچقايسىمىزنىڭ چوڭ مەسئۇلىيىتىمىز يوق.تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان قىسمىتى شۇنداق.ھىچكىم ھىچ بەندە تەڭرىدىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ.تەقدىرنىڭ يازمىشى قانداق يېزىلسا بىز ئۇنىڭغا قارشى نىمىلەرنى قىلمايلى ھامان تەقدىر قىسمىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.ھامان جاھان ئىشلىرى قىسمەت ھۆكمى بويىچە بولىدۇ. *tfD^nctO  
شۇڭا بۇ ئىشلارغا ئارتۇقچە ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەيلى،بىر كۈن خۇشال –خورام ئۆتۈش نېسىپ بولسا بىر كۈن خۇشال ياشايلى .كېتەر ۋاقتىم كەلسە ،ياش تۆكۈپ قايغۇرۇپ كەتمەي مىھمان مىھماندارچىلىقتىن يانغاندەكلا پەرۋاسىز كېتىۋېرەي.دانىشمەنلەر دەپتىكەنغۇ: n(W&GSj|u9  
بەش كۈنلۈك دۇنياغا كۆڭۈل باغلىما، A<+1:@0  
ئازار سېتەملەردىن كۆيۈپ يىغلىما. 3)y=}jw  
ئەمگىگىڭ مېۋىسى باشقىغا قالار، hQeG#KQ  
يەپ ئىچمەي توپلىساڭ دۈشمىنىڭ ئالار! )E m`kle  
پىران بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭقۇر پىكىرلەر قاينىمىغا غەرىق بولدى.دىلىدىكى شادلىق ئورنىنى قايغۇ ئەلەم ئىگەللىدى.ئۇ ئۆزىچە تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاپ قالدى: EHK+qrym  
  -سىياۋۇشنىڭ ئېيتقانلىرى راست بولسا مېنىڭ ھايات يىپىم چۇۋۇلىدۇ. مەن شاھنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىۋار قىلماي،نۇرغۇن رەنىج مۇشەققەتلەرنى چېكىپ ئۇنى تۇرانغا مەن چىللاپ كەلدىم،شاھقا ئېيتىپ ناھايىتى كۆپ تارتۇق- مۇكاپاتلار،ئابرۇي ئىناۋەتلەر،ئەمەل-مەنسەپلەر بېرىپ قەدرىنى كۆتەردىم.ئەگەر شۇنچىۋالا تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپمۇ يەنە ئاداۋەت تۈگۈچىنى يېشەلمىسەم. ئۆمۈرلۈك تىنىچلىقنى جارى ئېتەلمىسەم ماڭا ھەقىقەتەن ئەلەم بولىدۇ.ھەممىدىن بەك ئەلەم بولىدىغىنى _& r19pY  
باشقىلارنىڭ:‹‹ ئەگەر  پىران سىياۋۇشنى تۇرانغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلمىگەن بولسا سىياۋۇش بۇ يەردە ئۆلمەيتتى.بۇ ئۇرۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا پىران سەۋەپچى›› دەپ مېنىڭدىن خاتا ئاغرىنىشى... VaA.J  
پىران بىردەمدىن كېيىن يەنە مۇنداق ئويلار بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بەردى: -$$mrU  
  -ئاسمان سىرلىرىنى قايسى ئىنسان بىلەلەيتتى.سىياۋۇشمۇ ۋەتىنىنى سېغىنىپ قېلىپ،ئىراندىكى سائادەتلىك كۈنلىرىنى ئەسكە ئېلىپ، ھىجران ئازابىدا كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئەشۇنداق دەپ ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاپ بىھۇدە بىسەرەمجان بولىۋاتقاندۇ.مەن ئارتۇقچە غەم قىلىپ كەتمەي ئىشىمنى قىلىۋېرەي.قاچانكى سىياۋۇش بىلەن ئەفراسىياپ ئوتتۇرىسىغا سوغاقچىلىق چۈشۈپ قالسا مەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ قويساملا چوڭ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەس. t N4-<6  
كېيىن سىياۋۇش پىران شەرىپىگە زەر داستىخان ھازىىرلاپ ئىسىل نىئمەتلەرنى تۆكمە قىلىپ يەپ ئىچىشكەچ قىزغىن سۆھبەتكە كىرىشىپ كەتتى. ,(&Fb~r]  
i,t!17M:  
bd H+M?k  
a#l ytp  
*5{1.7  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 89- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-11

ئەفراسىياپنىڭ پىراننى مەملىكەتلەر بويلاپ سەپەرگە ئەۋەتكەنلىكى @WJ\W`P  
سىياۋۇش پىران بىلەن بىرلىكتە غەمنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئويۇن تاماششالار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كۆڭلىنى شاد قىلىپ يۈرۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا بىر  ھەپتە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. سەككىزىنچى كۈنىگە كەلگەندە شاھتىن  پىرانغا خەت كەلدى.خەتتە پىرانغا:‹‹كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەي تېزدىن جابدۇنۇپ يېتەرلىك لەشكەر بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىش، تۇرانغا تەۋە چىن،ھىندى،سىنىد... قاتارلىق  بارلىق مەملىكەتلەرنى ئايلىنىپ چىقىش بۇيرۇلغان ئېدى.بۇنىڭدىن مەقسەد  بۇ يۇرتلارنى ئايلىنىپ باج يىغىش،پاسىبانلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش،ئەل-ئاۋامنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش،قايسى جايدا باج تاپشۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا قارشىلىق قىلىدىغان ئىسيانچىلار بايقالسا لەشكەر تارتىپ ئۇنداقلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ ئىچكى دۈشمەنلەرنى يوقۇتۇپ ئەلنى تىنجىتىش ›› بۇيرۇلغان ئېدى. fFYoZ/\  
پىران پەرمانغا ئاساسەن سەپەرگە تەييارلاندى.كېرەكلىك لەشكەر لەرنى چاقىرىش (لەشكەر يىغىش) ئۈچۈن ناغرا -دۇمباق ئاۋازلىرى گۈمبۈرلەشكە باشلىدى.ئۇلاردىن باشقا تەرەپ- تەرەپلەرگە چاپار ۋە جاكاچىلارمۇ ماڭدۇرۇلدى.لەشكەر ۋە سەركەردىلەر چاقىرىققا بىنائەن تەرەپ-تەرەپلەردىن يىغىلىشقا باشلىدى.يىغىلغانلارنىڭ ھەممىسى جەڭدە پىشقان،شىر- يولۋاسلاردىنمۇ يانمايدىغان باتۇر ئەزىمەتلەر ئېدى.لەشكەرلەر يىغىلىپ سەپەر ھازىرلىقلىرى تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن پىران سىياۋۇشقا يەنە كۆپلىگەن سوغا –سالاملارنى بېرىپ كۆڭلىنى تەسكىن تاپتۇرۇپ سەپەرگە ئاتلاندى. LAY:R{vI  
U=7nz|  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 90- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-11

سىياۋۇشنىڭ سىياۋۇشگىرد شەھىرىنى بىنا قىلغانلىقى 5%e+@X;j  
سىياۋۇشنىڭ ‹‹گەنىگ قەلئەسى ماڭا نېسىپ بولمايدۇ،بۇ يەردە مېنىڭ دۈشمەنلىرىم ئولتۇرىدۇ›› دېگەن تەسەۋۋۇرى راست چىقىپ قالدى.مەلۇم بىر كۈنى كېچىدە ئەفراسىياپنىڭ چاپارى  جىددى مەلۇمات بىلەن خەت ئېلىپ كەلدى.چاپار خەتنى تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز  شىددەت بىلەن يول ماڭغاچقا ئاتتىن يامغۇردەك تەر تامچىلايتتتى،ئاتمۇ ئىگىسىمۇ ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ئىدى. DcdEt=\)h  
خەتتە قۇياشتەك ئىللىق مىھىر مۇھەببەت ئەكىس ئەتكىنى بىلەن بەرىبىر سىلىق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن  سىياۋۇش گەنگ قەلئەسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئىدى.بەلكىم ئەفراسىياپ سىياۋۇشنىڭ نەچچە يۈزمىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەنمۇ ھۇجۇم قىلىپ ئالغىلى بولمايدىغان بۇ مۇستەھكەم قەلئەگە جايلىشىۋېلىپ ئۆزىگە قارشى چىقىشىدىن ،كېيىن ئۇنى بويسۇندۇرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۈمكىن.بۇ  ئەھۋالدىن ھەسەتخور، ئوتقۇيرۇق تۆھمەتخورلارنىڭ شاھ بىلەن سىياۋۇش  ئارىلىقىغا سوغاچقچىلىق سېلىپ،ئەفراسىياپتا سىياۋۇشقا نىسبەتەن  شەك گۇمان پەيدا قىلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: t89Tt@cf  
- ئەي باتۇر ئوغلۇم،سەن يىراققا كەتكەندىن بېرى سېنى تولا سېغىنىپ ئارامىم بۇزۇلدى.كىچەيۇ –كۈندۈز ئوي خىيالىمدىن چىقمايسەن.سەن مەندىن قانچە يىراقتا تۇرساڭ ،سېنىڭ ئامانلىقىڭدىن  شۇنچىلىك ئەنسىرەپ پاراكەندە بولىدىكەنمەن.مەن سېنىڭ تىنىچلىقڭنى ئويلاپ، ھەم ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقنىڭ يېقىن بولۇشىنى ئويلاپ سېنىڭ تۇرۇشۇڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر جاينى تاللاپ سېنىڭ مۇندىن كېيىن تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم.بېرىپ كۆرسەڭ بىلىسەنكى ئۇ جاي تولىمۇ گۈزەل ۋە خۇش ھاۋالىق بىر ئاۋات جايدۇر.ئۇ جايغا بارغانلارنىڭ دىلى شادلىققا چۆمۈپ دۇنيا غەملىرىدىن ئازاد بولغۇسىدۇر.سەن شۇ يەرگە بېرىپ ئۇ يەرنىڭ پادىشاھى بول، ئەسلا دەرت ئەلەم تارتما،ھەمىشە خۇشۋاق بول!ئۇ ئەلگە سەندەك بىر باتۇر پاسىبان كېرەك.سەن ئۇ يەرنىڭ ھامىيسى بولۇپ،خەلقىنىڭ بېشىنى سىلا،قەست قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ بېشىنى –پارە-پارە قىل! {jmy:e2  
  سىياۋۇش پەرمانغا ئەمەل قىلماي نىمىمۇ دىيەلەيتتى.ئۇنىڭ بۇرۇندىن ئىددىيەۋى تەييارلىقى بولغاچقا ئۈن تۈنسىز سەپەرگە تەييارلىنىپ كارۋان ھازىرلاپ، شاھ كۆرسەتكەن جايغا قاراپ يول ئالدى. rQ_@q_B.  
سىياۋۇشنىڭ سەپەر كارۋىنى زور بىر كارۋان قىلىپ تەشكىللەندى.ئۇنىڭدا رەڭگا-رەڭ يۈك ئارتىلغان مىڭچە قىزىل تۆگە بار ئېدى.ھەممىسىگە تاي –تاي قىلىپ تەڭمۇ تەڭ يۈك ئارتىلغان ئېدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈز تۆگىدە پەقەتلا پۇل-بايلىق(دىرھەم) بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىرىق تۆگىدىكىسى پۈتۈنلەي دىنارئىدى. ]d@>vzCO  
ئىراندىن ۋە تۇراندىن بولۇپ ئونمىڭ قىلىچۋاز چەۋەنداز سەپ تارتىپ بۇ بايلىقلارنى قوغداپ ماڭماقتا ئىدى.سىپاھلارنىڭ ئالدىدا رەڭگارەڭ مەپىلەر مېڭىشقان بولۇپ ئۇنىڭدا سىياۋۇشنىڭ گۈزەل مەلىكىلىرى ۋە  كېنىزەكلىرى بار ئىدى.ئۇلار ھەممىسى ئالىپتە كىيىنگەن ،ئالى بېزەكلەرنى ئېسىشقان،تاجلىرىغا گۆھەر،ياقۇت مەرۋايىت،ۋە ئىسىل مارجانلار قاپلىنىپ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان نازىنىن سەنەملەر ئىدى. تۆگىلەردىكى يۈكلەر ئارىسىدا مۈشىك –ئەنبەر،ئۇد،ئەتىر دېگەندەك قىممەتلىك خۇشپۇراق ماتېرياللارمۇ كۆپ ئىدى. بۇلاردىن باشقا ئوتتۇز تۆگىگە مىسىر،چىن،ئىران قاتارلىق توقۇمىچىلىقى تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ  يىپەك شايىلىرى،گەزمال ماتالىرى توپ توپى بىلەن يۈكلەنگەن ئىدى. ~6@`;s`[Y  
ئۇلارنىڭ بارىدىغان مەنزىلى خۇررەمبەھار دەپ ئاتىلىدىغان زېمىن ئىدى. زور كارۋان سەپىرىنى تاماملاپ ئاخىرى مەنزىلىگە يېتىپ كەلدى.سىياۋۇشلار خۇررەمبەھارغا يېتىپ كېلىپ ئېتىنى توختاتتى. قالغانلارمۇ ئات ئۇلاقلىرىدىن مەپىلىرىدىن چۈشۈشۈپ يۈكلەرنى ئېلىشتى. خۇررەمبەھارنىڭ ئەتراپى چەكسىز كەتكەن تۈزلەڭ يايلاق ئىدى.  بوش مۇنبەت يەرلەر كۆپ ئىدى. سىياۋۇش بۇ يەردىمۇ ئىسىل بىر شەھەر بىنا قىلىشنى نىيەت قىلىپ كېلىپلا ئىككى پەرسەڭ كەڭلىكتىكى بىر يەرنى ئاجراتتى.نەچچە يىللاپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئەجىر مېھنەت سىڭدۈردى. تەرەپ تەرەپلەردىن ماھىر قۇرۇلۇشچى مىمارلارنى،تامچى ئۇستىكارلارنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ ،ئېلىپ كەلگەن پۇل بايلىقلارنى ئايىماي  ئىشلىتىپ بۇ يەردىمۇ كاتتا بىر شەھەر بىنا قىلدى.بۇ يېڭى شەھەرنىڭ سارايلىرى ھەيۋەت،كوچىلىرى رەتلىك، كەڭ ۋە ئازادە،باغى ئىرەم گۈل- گۈلىستانلىرى كۆپ ئىدى. ھەر دوقمۇشلىرىدا ئىگىز- ئىگىز مۇنارلار ھەيۋەد بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى .ئۇلارنىڭ ئىگىزلىكىگە بۇلۇتلارمۇ يېتەلمەي ئاۋارە بولاتتى.ساراي ئايۋانلارنىڭ تاملىرىغا ماھىر رەسساملارغا  ھەر خىل سۈرەتلەرنى سىزدۇرۇپ شاھلار ھەشەمىتىنى،دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلدى.بۇ سۈرەتلەردە يەنە ئىران ۋە تۇراننىڭ شاھىنشاھلىرى ،داڭدار پالۋانلىرى ناھايىتى ئوخشۇتۇلۇپ سىزىلىپ جەم قىلىنغان ئىدى.مەسىلەن پىلتەنلىك رۇستەم تەخت يېنىدا  ئاسمان تۈۋرۈكىدەك ھەيۋەت بىلەن تۇراتتى.ئۇنىڭ يېنىدا زال،گۇدەرز،..قاتارلىق داڭدارلار تۇراتتى.يەنە بىر تەرەپتىكى سۈرەتتە تۇران داڭدارلىرىدىن شاھ ئەفراسىياپ،پىران،گەرسىۋەز ۋە باشقا سىپاھلار سىزىلغان ئىدى.بۇ شەھەر ياخشى پىلانلىنىپ ،ھەممە گۈزەللىكلەر جەم قىلىنىپ ئاجايىپ زېھىن بىلەن  بىنا قىلىنغاچقا جەننەتتىن نىشان بېرىپ تۇراتتى.شۇڭا ئۇزۇنغا قالماي پۈتكۈل ئىران ۋە تۇرانغا داڭ كەتتى.ھەتتا مەشھۇر نامى دۇنيانىڭ جاي -جايلىرىغىچە يەتتى.بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرسىلا ئەمەس يەنە باتۇر پالۋانلىرىمۇ بىر بىرلەپ يېتىشىپ چىقىپ داڭقى چىقتى.ئۇ يەردە كۈنۈ -تۈن بەزمىلەر قىزىيتتى.ناخشىلار ئوقۇلاتتى.كوچا رەستىلەردىكى ئاۋات دۇكان سارايلاردىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى مىھمانلار   ۋە خېرىدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.بۇ شەھەرگە سىياۋۇشنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەجىر مېھنىتى سىڭگەن بولغاچقا ئەل جامائەت بۇ شەھەرنىڭ نامىنى‹‹ سىياۋۇشگىرىد›› دەپ قويدى. dt,Z^z+" E  
_8 |X820  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 91- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-13

پىراننىڭ سىياۋۇشگىردقا كەلگەنلىكى o?hr>b  
پىران ھىندى، چىن قاتارلىق مەملىكەتلەرگە قىلغان سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كېلىپلا سىياۋۇشنىڭ يېڭىدىن قۇرغان سىياۋۇشگىرىد شەھىرىنىڭ نام شۆھرىتىنى ئاڭلىدى.پۈتۈن تۇرانلىقلارنىڭ ئاغزىدا مۇشۇ شەھەرنىڭ گېپى بولۇپ كەتكەن ئىدى.تۇرانلىقلار بۇ شەھەرنىڭ گۈزەل زىمىنى،دەريا ئۆستەڭلىرى،تەڭدىشى يوق سارايلىرى،كۆكتات ئېتىزلىرى،باغ –گۈلشەنلىرى،تاغ-دالىلىرى،مۇنبەت ئېتىزلىرى...ئىشقىلىپ ھەممىلا نەرسىلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشاتتى.بۇ تەرىپلەرنى ئاڭلاۋەرگەنسېرى پىرانغىمۇ شۇ يەرگە بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىش ئىشتىياقى قوزغالدى.بۇ ئىشتىياق كۈچەيگەنسېرى ئۇنى سىياۋۇشگىرىدقا  تېزراق بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە ئالدىراتقىلى تۇردى.پىران سىياۋۇشگىرىدقا بىرگە بېرىشقا مىڭ نەپەر ئاتلىق دانىشمەن پالۋاننى تاللىدى.ئۇلارنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ زور كارۋان بولۇپ تەشكىللىنىپ يولغا چىقتى. ,Q7;(&x~  
سىياۋۇش پىراننىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ خېلى يىراق يەرگىچە  ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا چىقتى.پىران سىياۋۇشنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆرۈشمەك ئۈچۈن ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە يول ماڭدى.سىياۋۇشمۇ مىنىپ چىققان قارا ئېتىدىن چۈشۈپ پىيادە بولۇپ پىران تەرەپكە كەلدى.ئۇلار ئۇچراشقاندىن كېيىن خۇددى ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان يېقىن دوستلاردەك قايتا-قايتا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.كېيىن ئۇلار ئاتلىرىغا مىنىشىپ قاتارلىشىپ مېڭىشىپ شەھەرگە بىرلىكتە كىرىشتى. mQ"uG?NE  
ئۇلار شەھەرگە كىرىگەندىن كېيىن سىياۋۇش ئۇلارغا ‹‹ھاردۇق چېيى›› بەردى.چايدىن كېيىن بىرلىكتە شەھەرنى ئايلىنىپ تاماششا قىلىشتى.شەھەر ئىچىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شەھەر ئەتراپىنى كۆرۈشتى.شەھەر ئەتراپىدا يېڭى –يېڭى قورۇقلار ئېچىلغان بولۇپ رەت-رەت ساراي ئىمارەتلەر گۈلزارلىقلار،مۇنبەت ئېتىزلار،شىرىن -شەربەت مىۋىلىك باغلارگوياكى نۇرلۇق چىراقتەك چاقناپ تۇراتتى.پىران ئېتىنى ھەر تەرەپلەرگە چاپتۇرۇپ بىر بىرىدىن چىرايلىق  مەنزىرىلەرنى،يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا بارىكاللا ئېيتاتتى ۋە سىياۋۇشقا مۇنداق دەيتتى: 3>@VPMi  
-ئەي ئوغلۇم سىياۋۇش،ئەگەر ساڭا شاھانە كۆلەم ، چەكسىز ئەقىل- ئىدراك ۋە يۈكسەك شىجائەت ھەمدەم بولمىغىنىدا ئىدى، بۇنداق كۆركەم جاي بەرپا بولمىغان بولاتتى.سەن كىشىلەرگە ئەبىدىلئەبەد يادىكار قالغۇدەك ئىسىل بىر شەھەر بەرپا قىلدىڭ.بۇندىن كېيىن كىمىكى ھەقنى تونۇيدىغان  مەرد –مەردانە ئەر بولسا سېنى ياد ئىتىپ تۇرىدۇ.ئەۋلاتلىرىڭمۇ ساڭا تەسەننا ئوقۇيدۇ.ئاللاھ ئىگەم ئەجرىڭنى يەردە قويمىغاي،ئەبەدى مۇزەپپەر ۋە جاھاندار بولغىن. %NxQb'  
شەھەر ئايلىنىپ كۆرۈش تاماملانغاندىن كېيىن پىران سىياۋۇشنىڭ سارىيىغا چۈشۈپ ئارام ئېلىشقا تۇتۇندى.باشقا ھەمراھلىرىمۇ مۇۋاپىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېدى.ھەممە ياق مىھمان خۇشاللىقى بىلەن تولغان بولۇپ مۇلازىملار خۇشال- خورام ھالدا مىھمانلار خىزمىتى بىلەن ئالدىراش يۈرىشەتتى.پىران سارايغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن قىزى پەرەنگىسنى سېغىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەك ئۈچۈن ئاۋات كوچىلار بىلەن يۈرۈپ پەرەنگىس سارىيىغا كەلدى. K8&;B)VT>  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 92- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-14

پەرەنگىس تاغسىىسىنىڭ كەلگەنلىكىدىن زىيادە شادلىنىپ  باش ۋە ئاياقلىرىغا دىنارلارنى يامغۇردەك ياغما قىلىپ چېچىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.كېيىن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چىرايلىق زىننەتلىنىپ ئالاھىدە ياسالغان  مەخسۇس سارىيىغا باشلاپ كىرىپ شاھلارغا خاس ياسالغان ئالى تەختتە ئولتۇرغۇزدى.ئالدىغا داستىخان سېلىپ بۇ يەرنىڭ داڭلىق مىۋىلىرىدىن تارتىپ ئالى يىمەكلىكلىرىگىچە ھەر خىللىرىدىن تۆكمە قىلىپ ئەكىرىپ مىھمان قىلىۋالدى. بۇ سورۇنغا يەنە پىران ئامراق شاراپلاردىن كەلتۈرۈلۈپلا قالماي ماھىر سازەندىلەرمۇ تەكلىپ قىلىنىپ كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئىسىل كۈي نەغمىلەردىنمۇ ھوزۇرلاندۇرۇلدى. تاغا-بالا يانمۇ –يان ئولتۇرۇپ غىزالانغاچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن شۇ پەيت پىران سارايغا نەزەر تاشلىدى.بىر-بىرىدىن گۈزەل قۇياش مەسەل كېنىزەكلەر پەرەنگىسنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئالدىراش چېپىشىپ يۈرىشەتتى.بۇ ساراي ئەفراسىياپنىڭ  بىرىنچى خانىشلىرىنىڭ سارايلىرىدىنمۇ ئىسىل ياسالغان بولۇپ مەيلى تام،مەيلى يەر، مەيلى تورۇستا بولسۇن باشقا شەھەر،باشقا مەملىكەتلەرگە ئوخشىمايدىغان خاس ئۆزگۈچىلىكلەر ھەشەمەتچىلىكلەر‹‹ مانا مەن ›› دەپ ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. t~->&Ja   
بۇ زىياپەت شۇنداق باشلىنىپ ئاخىرىغا سىياۋۇشمۇ كېلىپ قاتنىشىپ پىراننىڭ باشلاپ كەلگەن داڭدارلىرىمۇ تەكلىپ ئېتىلىپ دائىرسى كېڭەيتىلدى.بۇ زىياپەت توپتوغرا بىر ھەپتە داۋاملاشتى. مىھمانلار بەزىدە مەست،بەزىدە خۇشال ھالەتتە ئولتۇرۇشۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل يىمەك- ئىچمەكلەردىن ھوزۇرلانغاچ ئۇنتۇلغۇسىز بەختىك مىنۇتلارنى باشتىن كەچۈردى.بۇنداق كاتتا زىياپەتنى شاھلار كۆرسىمۇ ھەسەت زەھىىرى قاينىماي قالمايتتى. ;/j2(O^  
سەككىزىنچى كۈنىگە كەلگەندە پىران سىياۋۇش جەمەتىدىكىلەرگە سوۋغات تارقاتتى.بۇ سوغاتلار ئىچىدە ياقۇت ۋە گۆھەرلەرنىڭ ئەڭ كاتتىلىرى بار بولۇپلا قالماي چىن شايىلىرى ۋە ماتالىرى؛زەرنىگار؛ كۈمۈش ئىگەرلىك، ئالتۇن يۈگەنلىك، توقۇمى پەلەڭدىن قىلىنغان  ئۇچقۇر ئاتلار بار ئىدى. ئۇلاردىن باشقا  يەنە مەلىكە  پەرەنگىسكە ئاتاپ ئالتۇن تاج بىلەن زىرە سوغا قىلىندى.بۇ تاج بەك ئىسىل بولۇپ شادىسى مەرۋايىتتىن بىزىكى ئالماستىن ئىدى.پىران ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يۇرتى خوتەنگە كەتتى. بۇ چاغدا خوتەن ئەفراسىياپنىڭ يازلىق پايتەختى ئىدى. 27e!KG[&  
پىران ئەفراسىياپ بىلەن كۆرۈشۈپ قوبۇلدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتتى.ئۇ ئۇدۇل شەبىستانىغا كىرىپ ئايالى گۈلشەھىر بىلەن كۆرۈشتى.سىياۋۇشگەرىدتە كۆرگەنلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بېرىپ ئاخىرىدا دېدىكى: bP&QFc  
-ئۇ شەھەرنى شەھەر دېگەندىن كۆرە پانى دۇنيادىكى جەننەت دېگەن تۈزۈك.كىمىكى ھاياتلىقىدا  بىھىش رىزۋاننى كۆرمەكنى ئارزۇ قىلسا سىياۋۇش شەھىرىنى تاماششا قىلسا تىلىكىگە يەتكەندەك بولىدىكەن.بىھىشنىڭ باغلىرىمۇ ھەرقانچە بولسا شۇنچىلىك باردۇ.سىياۋۇشنىڭ پەقەت شەھىرىلا ئەمەس ئۆزىمۇ بىر نۇرلۇق قۇياش ئىكەن.تەختكە يارىشىپ پارلاق نۇر چېچىپ ئولتۇرغان چىرايلىق ۋە ياش بۇ شاھنى كۆرگەن ھەرقانداق ئىنسان بارىكاللا ئېيتماي قالمايدۇ.ئەگەر سەنمۇ دىلىڭغا شادلىق ئىزدىسەڭ قىزىڭ جەرىرەنى يوقلىغاچ سىياۋۇش شەھىرىنى بىر كۆرۈپ كەلگىن.شەھەر ئىگىسى سىياۋۇشنىڭ چېھرى كۆكتىكى قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرسا ،شاھ قىزى پەرەنگىسمۇ رەڭ تۈزۈپ باشقىچە گۈزەللىشىپ ھۆسنىگە تولۇپ گوياكى ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ... MY^{[ #Q  
ئۇلار شۇنداق مۇڭداش پاراڭلار بىلەن يېتىپ قېلىشتى.ئەتىسى پىران خىزمىتى ئۈچۈن شاھ ھوزۇرىغا كەتتى. N]A# ecm  
ئۇ شاھ بىلەن كۆرۈشۈپ ئالدىنقى سەپەردە چىن، ھىندى قاتارلىق مەملىكەتلەرگە باج يىققىلى بارغاندا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى،يولۇققان مەسىلىلەرگە قارىتا قوللانغان تەدبىرلىرىنى بىر –بىرلەپ مەلۇم قىلدى.بۇ مەلۇماتلاردا ھىندى يېرىدە قىلغان ئۇرۇشلىرى،سىياۋۇش شەھىرىدە كۆرگەنلىرىمۇ بار ئىدى.ئەفراسىياپ سىياۋۇشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقىپ قالدى ۋە ئۇ ھەقتە  سۇئال  سورىدى: *|fF;-#v  
   -سىياۋۇش ھەققىدە تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرگىنە ،ئۇنىڭ تاجۇ- تەختى ۋە شەھىرىدە قانداق ئۆزگىچىلىكلەر بار ئىكەن؟ ^}_Ka//k  
پىران سىياۋۇش شەھىرىنى ئاجايىپ تىل ماھارىتى بىلەن تەرىپلەپ كېلىپ ئاخىرىدا :‹‹ئۇ جاي گوياكى ياشنىغان جەننەت.ئۇ جاي شۇنداق غايەت بەركامال شەھەركى بەلكىم جەننەت بوستانلىرىمۇ ئۇنى بېسىپ چۈشەلمەس. ئادەم بالىسى پۈتۈن دۇنيانىن كېزىپ چىقسىمۇ ئۇندىن گۈزەل جاينى تاپالمايدۇ. نە تۇران،نە ئىران ،نەچىن،ۋە ھىندى ۋىلايەتلىرىدە ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدە ھىچ يەر يوق.ئۇندىن گۈزەل جاينى ئىنسان تۇرماق قۇياش بىلەن ئايمۇ كۆرۈپ باقمىغان. باغلار شىرىن شەربەت مىۋىلەرگە تولۇپ ياشناپ تۇرغان،ئەتراپىنى تۈمەن خىل گۈل چېچەكلەر ئوراپ تۇرغان، چىمەنلەردە خىلمۇ خىل نەغمىچى قۇشلار،گۈزەل كېپىنەكلەر ئۇچۇشۇپ بەھرى ئېلىپ تۇرغان،ئېرىىقلىرىدا ناۋاتتەك تاتلىق،ئاجايىپ سۈزۈك سۇلار ئېقىشىپ تۇرغان،ساراي ئىمارەتلىرىمۇ ئىگىزلىكتە كۆك بىلەن بوي تالىشىپ دۇررى گۆھەردەك نۇر چېچىپ تۇرغان،مەيلى قەيەرگىلا قارىما بىرەر ئەيىپ نۇقسان تاپالمايسەن.كۇيوغلۇڭ سىياۋۇشمۇ بارغانسېرى تولۇپ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشنىڭ ئۆزىلا بولۇپ كېتىپتۇ.مەيلى ھۆسۈن،مەيلى ئەقلى –ھۇش ۋە يۈرۈش تۇرۇشتا ئادەم پەرزەنتى ئىچىدە ئۇنى بېسىپ چۈشەلىگۈدەك ئىككىنچى بىرى يوق.پەرىىشتىلەر ئاسماندىن چۈشسىمۇ ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايدۇ.سىياۋۇش يەنە باتۇرلۇقتىمۇ يېتىلىپ شىر قامەت بولۇپ كېتىىپتۇ.باتۇرلۇقتىمۇ ھىچبىر جان ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىسە كېرەك.كىشىنى ھەممىدىن بەك خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى ھازىر ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختاپ ئىچكى دۈشمەنلەرمۇ بويسۇندۇرۇلۇپ  ھەقىقى تىنىچلىق ئەمەلگە ئاشتى.ئىقبالىڭغا ئەبەدى بەخت-ئامەت يار بولسۇن.مادارىڭ ھەمىشە ئەدلى –ئادالەت بولسۇن ›› دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.ئەفراسىياپ ئۇنىڭ مەلۇماتىنى ئاڭلاپ شادلىنىپ كۈلدى ۋە پىرانغا ئالى تارتۇق مۇكاپاتلارنى بېرىپ ئارام ئېلىشقا قايتۇردى. d#g))f;  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 93- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-14

ئەفراسىياپ ئەتىسىلا گەرسىۋەزنى چاقىرتىپ كىرىپ سىياۋۇش شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈپ كېلىش،بۇ شەھەر ھەققىدە نىمە گەپ سۆزلەر بولسا بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى.ئۇ مېڭىش ئالدىىدا  شاھ گەپ تاپىلاپ مۇنداق دېدى: D)d]o&  
  -سەن بېرىپ سىياۋۇشگىرد شەھىرىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرپ كەلگىن.ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ نىمە ئىشلار بارلىقىنى بىلىپ كەلگىن.سىياۋۇش تۇرانغا كەلگەندىن بېرى تۇرانغا كۆڭۈل بېرىپ ئىراننى ياد قىلماس بولدى. بىز بەرگەن زىمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ تەخت- تاجنى قولىغا  ئالغاندىن بېرى ھاكىمىيەت ئىشىغا ۋە شەھەر قۇرۇلىشىغا كۆڭۈل بېرىپ يارانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنۇتتى.ئۇ ئەمدى ئاتىسى كاۋۇسنى،دوستلىرى گۇدەرز،بەھرام،تۇس قاتارلىقلارنى، ئۇستاز پەدەرلىرىدىن رۇستەم، زال قاتارلىقلارنى سېغىنىپ بېرىپ كۆرۈپ كېلىش غەلۋىسىنىمۇ قىلمايدۇ.ئۇ ئەمدى بىز بىلەن ئۆزلىشىپ كەتتى.قولىغا قۇرال ئالمايدۇ.بىزنى يوقۇتۇش قەستىدە بىرەر يوشۇرۇن سۇيىقەستلەرنىمۇ قىلمايدۇ.مەن ئۇنى ئەۋەتكەن جاي چەكسىز چۆل باياۋان ۋە كۆز يەتكۈسىز تىكەنزار ئىدى.بىزگە كۆڭۈل بەرگەچكە ۋە ئەبەدى تۇرۇپ قېلىشنى كۆزلىگەچكە ئۇ يەرگە شەھەر سېلىپ باھار كەبى ياشنىتىۋېتىپتۇ. قىزىم پەرەنگىسكە مۇھەببىتىنى بېرىپ، دىل تۆرىدىن جاي بېرىپ مەخسۇس ئالى قەسىر ياسىتىپ ئەتىۋارلاپتۇ.سەن تېزلا سەپەر ھازىرلىقىنى پۈتكۈزۈپ بۈگۈنلا يولغا چىق.سىياۋۇشنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىق،پەرمانىم شۇ گەپنى كۆپ سوزما،بېرىپ كېلىشتە،مۇئامىلىلەردە شاھلار ئادىتىنى بۇزما. چۈنكى سەن ئۇ يەرگە مېنىڭ خاس ئەلچىم بولۇپ بارىسەن. تىلىڭدىن سۆز ئۈنچىلىرىنى تۆكۈپ ئۇنى ئۇلۇغلار ئالدىدا ئۇلۇغلا،ماختا،ئىززىتىنى ئوبدان قىل.ئالتۇن كۈمۈشلەردىن،ئات ئۇلاغلاردىن،ئىسىل تاج ۋە تەخىتلەردىن ئالتۇن كەمەر،گۆھەر ياقۇتلاردىن ،كىمىاپ،چىن شايىسى،شاھانە قۇرال ياراق،ئالماس ئۈزۈك،..دېگەندەك غەزىنىدە بار بولغان ئىسىل نەرسىلەردىن ناھايىتى كۆپ  تارتۇق سوۋغاتلارنى تەييارلا،غەزىندىكى سوغاتلىققا يارىغۇدەكلا نەرسە بولسا قىلچە ئايىما.بېرىپ يېڭى ئىسىل شەھەر بەرپا قىلغان تۆھپىسى ئۈچۈن مۇكاپاتلا.بۇ ھەدىيەلەردىن پەرەنگىسكىمۇ ئېلىۋال.شۇنى پەقەت ئۇنۇتمىغىنكى ھەرقانداق چاغدا تىلىڭدىن ئالقىش- مەدھىيە چۈشمىسۇن.مەن ساڭا پات قايتىپ كەل دېمەيمەن.ئەگەر ساھىپخان خۇش چىراي،خۇش خەندانلا بولسا ئۇ يەردە ئىككى ھەپتە تۇرۇپ راسا مېھمان بولۇپ، ئىشلارنى تولۇق بىلىپ ئاندىن قايتىپ كەل. 6_CP?X+T  
گەرسىۋەز پەرمانغا بىنائەن پۇختا تەييارلىق قىلىپ،بىرگە بارىدىغانغا ھەمراھلىققا مىڭدەك باتۇر ئاتلىق چەۋەندازنى تاللىۋېلىپ  ئاندىن يولغا چىقتى.ئۇلار خۇددى كۈچلۈك قۇيۇندەك يەردىن چاڭ توزۇتۇپ سىياۋۇش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.سىياۋۇش ئۇنىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلاندى. ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا ناھايىتى كۆپ  ئادەم باشلاپ چىقتى.ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن سىياۋۇش شەھرىيارنىڭ ھالىنى سورىدى.قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرلىكتە شەھەرگە سارايغا قايتشتى. &@0~]\,D7  
گەرسىۋەز سىياۋۇش ئالايىتەن تەييارلىغان ئالى دەرىجىلىك مىھمانلار چۈشىدىغان ھەشەمەتلىك مىھمان سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئالى دەرىجىلىك  زىياپەت بېرىلىپ ھاردۇق سورالدى.كەچتە ئۇزاق سەپەردىن ھېرىپ كەلگەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. {w@qFE'b  
ئەتىسى گەرسىۋەز شاھ پەرمانىغا بىنائەن ئېلىپ كەلگەن تارتۇق مۇكاپاتلىرىنى سىياۋۇشقا تاپشۇردى.ئۇنىڭ كاتتا شەھەر بەرپا قىلغان ئەجىر تۆھپىلىرىنى ئاجايىپ تىل ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ راسا ماختىدى.سىياۋۇش بۇنچىۋالا ماختاش ۋە ئەتىۋارلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشاللاندى ۋە قاتتىق ھاياجانلاندى.چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ باھاردەك ياشناپ كەتتى.كېيىن ئېتىنى مىنىپ گەرسىۋەز ۋە ھەمراھلىرىنى باشلاپ شەھەر كوچىلىرىنى بىرمۇ بىر ئايلاندۇرۇپ كۆرسەتتى. SyWZOE%p  
n6/Ous  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 94- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-14

سىياۋۇش ئوغلى فۇرۇدنىڭ تۇغۇلغانلىقى ' zyw-1  
سىياۋۇش گەرسىۋەزگە ھەمراھ بولۇپ شەھەر ئايلىنىۋاتقان شۇ پەيتتە بىر چاپار شامالدەك تېز كەلدى دە سىياۋۇشقا خۇش خەۋەر ئېيتىپ ئۇنىڭدىن سۆيۈنچە سورىدى.مەلۇم بولدىكى، سىياۋۇشنىڭ خوتۇنى پىران قىزى جەرىرە ئايدەك بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ.ئۇ بۇ تۇغۇتى ئارقىلىق سىياۋۇشنى ئوغۇللۇق قىلىپلا قالماي يەنە پىراننىمۇ قېرىغان چېغىدا ئوغۇل نەۋرىلىك قىلىپ قويغان ئېدى.سىياۋۇش ناھايىتى خوشال بولۇپ چاپارغا توي قىلىپ خوتۇن ئېلىۋېلىشىغىمۇ يەتكۈدەك نۇرغۇن ئالتۇن سۆيۈنچە بەردى.بوۋاق چوڭ بولغاچقا جەرىرە تۇغۇتى جەريانىدا قاتتىق قىينىلىپ تەستە تۇققاچقا تېخى ئورنىدىن تۇرالمىغان ئېدى.سىياۋۇش بۇ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى‹‹ فۇرۇد›› دەپ قويدى. zsL@0]e&  
بۇ خوش خەۋەر پىرانغا يەتكۈزۈلگەندە ئۇمۇ خوشاللىقتىن ھاياجىنىنى باسالماي قالدى.ئۇ قىزىنىڭ تۇغۇتىنى تەبرىكلەپ نامە يېزىپ مۆھۈرىنى بېسىپ مۆھۈرىنىمۇ نامە بىلەن قېتىپ بىرگە ئەۋەتتى.ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى ‹‹نەۋرەم  چوڭ بولغاندا مېنىڭ ئىشلىرىمغا ۋارىسلىق قىلسۇن›› دېگىنى ئىدى.ئۇ :‹‹قېرىغان چېغىمدا خۇدا ماڭا ئوغۇل ئورنىدا بىر نەۋرە ئاتا قىلىپ غېمىمنى تۈگەتتى،دىلىمنى خەندان قىلدى›› دەپ نەچچە كۈنگىچە قاتىق ھاياجان بىلەن سۆزلەپ يۈردى. ; !n>  
بۇ بوۋاق ھەققىدە سىياۋۇشنىڭمۇ ئۈمىدى زور ئېدى.چۈنكى بۇ بالا ئۇنىڭ ھايات چېغىىدا كۆرگەن بىردىنبىر پەرزەندى ئېدى.شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھلىق تەختى  شۇ بوۋاقنىڭ ئەبەدىلىك بەختى بولسۇن ›› دەپ خەت مۆھۈر پۈتتى.سىياۋۇش بىلەن پىراننىڭ چاپارلارغا تەقدىم قىلغان ئىنئاملىرى شۇنچە كۆپ ئېدىكى ئۇلار كۆتۈرەلمەي ھاسىراپ قېلىشقان ئىدى.سىياۋۇش فەرەنگىس سارىيىغا بېرىپ يەنە بىر ئايالى فەرەنگىسكە بۇ خوش خەۋەرنى ئۆزى يەتكۈزدى. ddHl&+G  
گرسىۋەزمۇ پىرانغا ئوخشاش شاھ ئىنىسى بولسىمۇ ئەمما ئىچى تار ھەسەتخور ئادەم ئىدى. ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان سىياۋۇشنىڭ قۇرغان شەھەرلىرىنى،ئەفراسىياپنىڭكىنى بېسىپ چۈشكىدەك ئىسىل قەسىر ئايۋانلىرىنى،ھكسۈندە تەڭداشسىز مەلىكە فەرەنگىسنىڭ گۆھەر   تاج كىيىپ كۈندەك نۇرلۇنۇپ نازاكەت بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى،تىللا تاج تاقىغان رۇخسارى ئايدەك قانچىلىغان گۈزەل كېنىزەكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئالۋاستى ئۆڭكۈرىدەك قارا كۆڭلىدە  ھەسەت ئوتلىرى يېلىنجاپ كەتتى.ئەس ھۇشى قاچتى.ھەسەت زەھىرى چىرايىغا تېپىپ چىرايىمۇ ئۆزگەردى.چىرايى ھەمساتتا سارغىيىپ ئۈلگۈردى. a5*r1 ,  
ئاقكۆڭۈل فەرەنگىس تاغىسىنى كۆرۈپلا تەختىدىن ئىلدام چۈشۈپ ئىگىلىپ سالام بەردى.ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈشنى سەپەر ھارغىنلىقىدىن دەپ چۈشۈنۈپ يول جاپاسىدىن سۇئال سورىدى.فەرەنگىس ئۇنى تەختكە تەكلىپ قىلىپ ئولتۇرغۇزۈپ ئالدىغا داستخان سېلىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.تۈزكور گەرسىۋەز سىياۋۇشنىڭ تۇزىنى يەپ ئولتۇرۇپ ئەتراپقا قارىغاچ ھەسەتلىك خىياللارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى: HNzxF nh  
‹‹ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتمەيلا شاھزادە مۇنداق ئىسىل شەھەرنى قۇرۇۋېلىپ،ئۆزى ئۇنىڭغا پادىشاھ بولۇۋېلىپ ئادەمنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.بۇنىڭ ئوردا سارايلىرى،ئەسكەرلىرى ۋەتىنى ۋە بايلىقلىرى خۇددى شاھىنشاھلارنىڭكىدەك كاتتا بولۇپ كېتىپتۇ.بۇنداق كېتىۋەرسە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېيىن ئاكام ئەفراسىياپنىمۇ كۆزگە ئىلمىغۇدەك...›› fO<40!%9cQ  
گەرسىۋەز ھەسەت ئوتى ئىچىدە گۈلخاندەك لاۋۇلداپ ،قارا يارىكىنى مۈشۈكتەك بىرنىمىلەر تاتىلاپ تۇرسىمۇ يەنىلا چاندۇرماي چىرايىغا زومۇ زو كۈلكە يۈگۈرتۈپ سىياۋۇشقا دېدى: 05d0p|},  
  -ئەي سىياۋۇش بىسيار جاپالارنى چېكىپ شەھەر بەرپا قىلغان بولساڭمۇ مېۋىسىنى كۆرۈپسەن.بەخت ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن. f$I=o N  
سىياۋۇش سارايغا ئىككى ئالتۇن تەخت ئورناتتى .ئىككىسى يانمۇ يان ئولتۇرۇپ گەسىۋەز شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان كاتتا بەزمە-زىياپەتكە داخىل بولۇشتى.چالغۇچىلار،ناخشىچىلار ،رەققاس ئۇسۇلچىلار ساقىيلار ئارقىمۇ ئارقا يېتىپ كېلىپ ئۆز ماھارەتلىرى بىلەن بەزمىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى..ئويۇن تاماششالار راسا قىزىغاندا گەرسىۋەزنىڭ ھەسەتتىن يېرىم بولغان كۆڭلىنىمۇ خۇشاللىق ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالدى. o'2eSm0H  
بىر قېتىم سىياۋۇش گەرسىۋەزگە ھەمراھ  بولۇپ چەۋگەن ئويناشقا بارىدۇ.چەۋگەندە ئەلۋەتتە سىياۋۇش غالىپ چىقىدۇ.گەرسىۋەز بۇنىڭغا چىدىماي ئۆزى ئېلىپ كەلگەن قوشۇنلىرى بىلەن مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا سەپ تۈزىدۇ- دە قايتا  ئېلىششىقا چاقىرىدۇ.لېكىن سىياۋۇش ئۇنىمايدۇ: qC`}vr|Z  
  -سەن دېگەن شاھنىڭ ئىنىسى،مەن بولسام سىلەرنىڭ كۇيوغلۇڭلار بولىمەن.سەن بىلەن ئېلىشسام ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.شۇڭا ساڭا قارشى قول كۆتۈرەلمەيمەن.بولدى قىلايلى.ئەگەرئېلىششىتا  زادى چىڭ تۇرۇۋالساڭ سېنىڭ ئورنۇڭدا قوشۇنىڭدىن ئىككى پالۋان چىقسۇن مەن شۇلار بىلەن چېلىشاي . PTe L3L  
شۇ سۆز  بىلەن گەرسىۋەز قوشۇنىدىن قاپاق تېرەكتەك ئىگىز،ئېيىقتەك   تەتۈر ئۇستىخان  ئىككى پالۋاننى Gwd38  
سىياۋۇش بىلەن ئېلىششقا چىقىرىدۇ.سىياۋۇش ئېلىششى جەريانىدا ھەر ئىككىسىنى ئىگەردىن يۇلۇۋېلىپ يەرگە ئۇرىدۇ.ئۇلار قاتتىق ئەلەم ئىچىدە قوشۇنىغا قايتىپ كىرىپ كۆزدىن يۈتىدۇ.پالۋانلىرىدىن ماخىتىنىپ كېرىلگەن گەرسىۋەزمۇ نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى كۈنىدىكى ھەسەتخورلۇققا ئاداۋەت ئوتى قوشۇلۇپ يۈرىكىدە يالقۇنجايدۇ.بىر ھەپتىلىك بەزمىدىن كېيىن سىياۋۇش ئۇلارنى ئېلىپ كەلگىنىدىنمۇ ئارتۇق سوغا- سالاملار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.گەرسىۋەز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاداۋەت تۈپەيلى سىياۋۇشقا بۆھتان چاپلاپ ئەفراسىياپقا:‹‹سىياۋۇشنىڭ كەيكاۋۇس بىلەن مەخپى ئالاقىسى بار ئىكەن.ئىككىسى بىرلىشىپ ساڭا قارشى چىقىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ›› دەپ يالغان مەلۇمات يوللايدۇ. zxR]+9Zh  
ئەفراسىياپ بۇنىڭغا ئىشىنىپ قېلىپ گەرسىۋەزنى قايتا بېرىپ سىياۋۇشنى ئېلىپ كىلىشكە ئەۋەتىدۇ.كۆڭلىگە شۇملۇق پۈككەن گەرسىۋەز سىياۋۇشنىڭ يېنىغا بېرىپ:‹‹ئاكامننىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ.تۆھمەتخورلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قاپتۇ.شۇڭا سېنى ئېلىپ كىلىپ جازالاشقا مېنى ئەۋەتتى.باھانە تېپىپ بارما›› دەپ گەپ ئۆگىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن سىياۋۇش كەلمەيدۇ.گەرسىۋەز يەنە ئەفراسىياپنىڭ يېنىغا بېرىپ : :=Olp;+_  
ئەمرىڭىزگە بىنائەن سىياۋۇشنى چاقىرغىلى بارسام گۇناھىدىن قورقۇپ كېلىشتىن باش تارتتى.ئۇ ھازىر كەيكاۋۇس بىلەن بىرلىشىپ ساڭا تۇيۇقسىز ھۇقۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.   –دەپ يەنە يالغان ئېيتىدۇ. :ld~9  
بۇ ئارىلىقتا سىياۋۇش مۇدھىش چۈش كۆرۈپ ئۆلۈمىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى تۇيىدۇ ۋە ئايالى فەرەنگىسكە ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ.ئاندىن ئادەملىرىنى ئېلىپ ئىرانغا كەتمەكچى بولىدۇ.كىم بىلسۇن گەرسىۋەزنىڭ تۇزىقى تۈپەيلى يېرىم يولدا ئەفراسىياپ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالىدۇ.ئۇرۇش باشلىنىپ كېتىدۇ.ئاقكۆڭۈل سىياۋۇش ئەفراسىياپقا قول كۆتۈرۈپ قۇرال تەڭلىمەيدۇ.ئەسكەرلىرىگىمۇ ئۇرۇش قىلماي جىم تۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ.ئەمما قاتتىق غەزەپلەنگەن ئەفراسىياپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ سىياۋۇشنىڭ ھەمراھلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ.سىياۋۇشنى ئەسىر ئېلىپ قايتىپ كېتىدۇ.سىياۋۇشنىڭ ئادەملىرىنىڭ ناھەق تۆكۈلگەن قانلىرى ئېرىق بولۇپ ئاقىدۇ.فەرەنگىس ئاتىسى ئالدىغا كېلىپ يىغلاپ  سىياۋۇشنى ئاقلايدۇ. لېكىن شاھ ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي سىياۋۇشنى زىندانغا تاشلايدۇ. b RAD_  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 95- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-15

سىياۋۇشنىڭ گۇرۇي دەستىدىن ھالاك بولغانلىقى LK}g 
قارا يۈز گەرسىۋەز سىياۋۇشنىڭ ئەڭ  قەبىھ دۈشمەنلىرىدىن بولۇپ قالغان ئىدى.سىياۋۇش قەتلى قىلىنىدىغان كۈنى ئۇ جاللات گۈرۈي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ سىياۋۇشنى ئىتنى خارلىغاندەك خارلاپ ئازاپلاپ ئۆلتۈرۈشنى مەخپى مەسلىھەتلىشىۋالدى.سىياۋۇش زىنداندىن ئېلىپ چىقىلغاندا گەرسىۋەز ئۇنىڭ يېنىغا ئىتتىك بېرىپ ئار نومۇسنى قايرىپ قويۇپ دەررۇ ساقىلىغا چاڭ سالدى.ھاقارەتلەپ تىللىغىنىچە ساقاللىرىدىن بىرمۇنچىنى يۇلۇۋالدى.بۇمۇ يەتمىگەندەك چېچىدىن تارتىپ يەرگە يىقىتىپ چىرايلىق يۈزلىرىنى توپىغا مىلىدى.باش كۆزلىرىگە ئۇرۇپ تېپىپ بىرمۇنچە زۇلۇم قىلدى. پۇت قوللىرىنى چۈشەپ  باغلاپ مىدىرلىغۇسىز قىلىۋەتتى. كېيىن ئۇنى شۇ ھالىتىدە بىرنەچچە زالىم چاپامەنەەقاراشقا تاشلاپ قويۇپ ،ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان جايغا قانداق ئېلىپ بېرىش ،قانداق ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا شاھ پەرمانىنى ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى.سىياۋۇش ئۆلۈم زىندانىدا ئاچ ھەم ئۇسسۇز قويۇلۇپ خارلانغان بولغاچقا شۇ تاپتا قۇرسىقى ئېچىپ تارتىشىپ ھالىدىن كەتكەن ،تەشنالىق دەستىدىن كالپۇكلىرى يېرىلىپ كەتكەن ئىدى.جاللاتلاردىن قورىقتىمۇ ياكى كارىنى قىلدىمۇ تاماششا ككرەىلى مىڭلاپ ئادەم توپلاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ھالىنى سورايدىغان،بىرەر جام سۇ بېرىپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ قويۇدىغان بىرمۇ كىشى چىقمىدى. fXMY.X>f  
تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئەزىزلىكتە ئۆسكەن،خارلىق تارتىپ باقمىغان سىياۋۇشقا  چېكىدىن ئاشقان بۇ مۇئامىلە بەكمۇ ھار كەلدى.لېكىن ئۆز ۋەتىنىنى،دادىسىنى،ۋاپادار يېقىن دوستلىرىنى تاشلاپ،ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن،ئاتا دۈشمىنىنى ئاتا تۇتۇپ،دۈشمەن قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆز ۋەتىنىدىن قەۋمى -قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن سىياۋۇشقا بۇ جازالار ھەق ئىدى.لېكىن ئۇ بۇ قىسمەتنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن كۆرمەي، ئاساسى سەۋەپنى يەنىلا گەرسىۋەزدىن كۆرمەكتە،كۆڭلىدە ئەفراسىياپنى يەنىلا‹‹ ياخشى ئادەم›› دەپ ئاقلىماقتا ئېدى. ئۇ ئۆلۈمگە باش ئەگكەن،ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئېدى.شۇڭا ئۆلۈم ئالدىدا ئاللاھتىن تىلەك تىلىگەندە نىجاتلىق تىلىمەستىن ئۆزى ئۆلەەندىن كېيىن ئۆزى ئۈچۈن قىساس ئالىدىغان  قىساسكار تەلەپ قىلىپ نالە قىلماقتا  ئېدى: iqlb,8  
-ئەي قۇدرەتلىك ئىگەم،مەن زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس ئىدىم،زۇلۇمغا ئۇچرۇدۇم.قان تۆككۈچى ئەمەس ئىدىم،قېنىم تۆكۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەس ئىدىم،ئۇۋاللىققا ئۇچرۇدۇم.ھىچكىشىنى خارلىقتا قويمىغان ئىدىم .ھىچكىم كۆرمىگەن خارلىققا دۇچار بولدۇم.سەندىن مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئۆتۈنمەيمەن.پەقەت ناھەق ئۆلتۈرۈلگىنىم ئۈچۈن قىساسىم ئېلىنماي قالمىسا دەيمەن.ئەي گەردىشى پەلەك،قىساسىمنى ساڭا ھاۋالە قىلدىم.مېنىڭ پۇشتۇمدىن بىر باتۇر شاھزادە ئاپىرىدە قىلغىن.ئۇ مېنىڭ ئارقامدىن ئىزلىرىمغا ۋارىس بولۇپ چىقسۇن.مەرتلىك ۋە ئەدلى ئادالەتنى ئادەت قىلسۇن،كىشىلەرگە زۇلۇم قىلماي،زۇلۇمكارلارنىڭ كۈشەندىسى بولسۇن.ماڭا تۆھمەت چاپلاپ ناھەق ئۆلۈشۈمگە سەۋەپچى بولغان،مېنىڭ ۋە يارەرنلىرىمنىڭ قېنىنى رەھىمسىزلىك بىلەن تۆكۈپ پاك تۇپراقنى گۇناھسىزلانىڭ قېنى بىلەن بوياپ مەڭگۈلۈك ئۇۋالچىلىق پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن. /4T6Z[=s  
سىياۋۇش شۇنداق قان يىغلاپ نالە قىلىۋاتقاندا بۇرۇن ئۇنىڭ كۆپ ياخشىلىقىغا ئۇچراپ قەددى ككتۈرۈلەەن،يېقىن ئكتۈشكەن تۇرانلىق دوستلىرىدىن  پىلسەم دېگەن يىگىت دىلى ئوت بولۇپ يانغان،كۆزلىرىدىن ياشلار سۇدەك ئېقىۋاتقان ھالدابىر قام سۇ كۆتۈرۈپ تەسەللى ئېيتىش ۋە ۋىدالىشىش ئۈچۈن سىياۋۇشنىڭ يېنىغا كەلدى.جاللات چاپارمەنلىرىنىڭ‹‹يېقىن كەلمە››دەپ ھەيۋ قىلىشلىرىغا سىلىق سۆز بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ  ئۇلانىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى يېقىن كەلگىلى،سۇ بەرگىلى،ئازراق پاراڭلاشقىلى قويدى. سىياۋۇش سۇنى ئىچىپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن مىننەتدارلىقىنى دەپ بولۇپ ۋىدالاشقاچ دەردىنى تۆكۈپ  شۇنداق دېدى: kWW2N0~$  
-ئەي ئۇكام،ئەلۋىدا! سەۋرى قىلغىن،بۇ گەردىشى پەلەكنىڭ ئويۇنلىرى،بۇ ھامىنى يۈز بېرىدىغان تەقدىر ئىدى.شۇڭا مەن ئۈچۈن ئارتۇقچە ياش تۆكۈپ مالال بولمىغىن.دۇنيا ئىشلىرىغا سەۋرىدىن باشقىسى بىكار.جاھان ئۆرۈش بولسا سەن ئارقاق بولغىن.جاھان كەلكۈن بولسا،سەن قىرغاق بولغىن.قىيانغا توساق بولۇش ئاجىز ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.دانالار ئېيتقان:‹‹ھەممىمىز بۇ دۇنياغا تۆت كۈنلۈك مىھمان،مىھماننىڭ كەلگەن ئىكەن ھامىنى كەتمىكى بار.شۇڭا توساپ قالغىلى بولمايدىغان قازاغا سەۋرى كېرەك. تەقدىر قىلىنىپ كەتكەن ئۆلۈمگە ھىچكىم چارە قىلالمايدۇ.›› مۇشۇنداق قىيىن پەيتتە يېنىمغا كېلىپ خويمۇ ئوبدان قىلدىڭ.مەندىن پىرانغا سالام ئېيتقىن.دۇنيا ئۆزگۈرىدىكەن،مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولمىغىنىدەك، ئۆمۈرلۈك دوستلۇقمۇ بولمايدىكەن.مېنىڭ پىراندىن ئۈمىدىم چوڭ ئىدى.مەن يوپۇرماق بولسام ئۇ شامال ئىدى.مەن مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ ھامان كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ دائىم غەم يەيتتىم،شۇنداق چاغلاردا پىران:‹‹ئەنسىرىمە، مەن سېنى ئامان ئېسەن ئېلىپ كەلگەن ئىكەنمەن،تىنىچ خاتىرجەم تۇرۇشۇڭغا،ھاياتىڭنىڭ قەستكە ئۇچرىماسلىقىغا مەن كېپىللىك قىلىمەن.شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ سەن بەندكە چۈشۈپ قالساڭ،سېنى بەندتىن بوشۇتۇشنى شاھتىن  ئىلتىماس قىلىمەن.ئۇ سۆزۈمنى ئىلىك ئالىدۇ،ئەگەر شاھ  سۆزۈمنى ئىلىك ئالمىسا ئىلكىمدە يۈزمىڭ ئاتلىق چەۋەندازىم بار.ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋان يىگىتلەر، ئۆتكۈر قىلىچلار بىلەن قۇراللانغان،   قىلىچ نەيزە ئۆتمەيدىغان ئىسىل ساۋۇتلىرى بار.بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار ماڭا ھەمكار بولۇپ ھەرقانداق مۈشكىلاتتىن قۇتۇلدۇرىدۇ،شۇڭا ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك خاتىرجەم يايراۋەر،مەن ھامان سېنىڭ ھىماتچىڭ.سەن بېلىق بولساڭ،سۈيۈڭ بولاي،پادا بولساڭ يايلىقىڭ بولاي،پىيادە قالساڭ مىنىدىغان ئات ئۇلۇقۇڭ بولاي›› دەپ دائىم كۆڭلۈمنى كۆتۈرەتتى.ھالا بۈگۈن گەرسىۋەزنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ خارلىق ئىچىدە ئۆلۈم تەھلىكىسىدە قالغىنىمدا ئۇ كېلىپ قۇتۇلدۇرۇش ئەمەس كېلىپ بىرەر ئېغىز تەسەللى بېرىشكىمۇ،ئۆزرە ئېيتىپ ئاخىرەتكە ئۇزۇتۇپ قويۇشقىمۇ يارىمىدى.بۇ دۇنياغا ۋە ئىنسانلارغا ئىشەنگىلى بولمايدىكەن،بۇرۇن ئەزىز ئىدىم، بۈگۈن خار بولدۇم.بۇرۇن مىڭلاپ دوستۇم بار ئىدى،بۈگۈن تەنھا قالدىم.بۇرۇن گۆھەر تاجلار پارقىراپ تۇرغان ئەزىز بېشىم بۈگۈن توپىغا پاتۇرۇلۇپ كۆزۈمدىن ئاققان قانلىق ياشلار بىلەن لاي  بولدى.بۇرۇن شايى تونلار ئىچىدە يايرىغان تېنىم بۈگۈن قامچا دەستىدىن تىلىم- تىلىم يارا بولۇپلا قالماي يەنە يەرگە سۆرۈلۈپ يەتكىچە خورلاندى. قول پۇتلىرىم مەھكەم چۈشەپ باغلىنىپ قاسساپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈشكە تەييارلانغان   قويغا ئوخشاپ قالدىم. يات ئەل دېگەن ھامان يات ئەل ئىكەن. مانا قارا، ھازىر سەندىن ئۆزگە مەندىن ئەھۋال سورايدىغان،ئىچ ئاغرىتىدىغان،مەن ئۆلگەندە مەن ئۈچۈن يىغلاپ ياش تۆكۈدىغان بىرمۇ ئادىمىم،بىرمۇ قېرىندىشىم يوق. YZ>L_$:q  
شۇ ئارىدا زالىم گەرسىۋەزنىڭ قارىسى كۆرۈندى.پىلسەم نېرى كەتتى.سىياۋۇش شەھەر سىرتىدىكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان مەيدانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلتۈرىلەتتى.ئارىلىق خېلى بولغاچقا ئادەتتە گۇناھكارلار ماڭدۇرۇلۇپ ياكى كۆشۈك ھارۋىلارغا سېلىنىپ ئېلىپ بېرىلاتتى.شاھ پەرمانى شۇنداقمۇ ياكى گەرسىۋەزنىڭ  ائۆچمەنلىكى شۇنچە چوڭقۇرمۇ گەرسىۋەز بىلەن گۈرۈي كېلىپلا سىياۋۇشنى ئادەتتىكى چاغلاردا مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق چاچلىرىدىن ئارغامچا ئورنىدا تۇتۇپ سۆرەپ چىدىغۇسىز خورلۇق ئىچىدە ئېلىپ ماڭدى.بۇ سۆرۈلۈشتىن سىياۋۇشنىڭ بەدىنى يارا بولۇپ قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن يىغلاپ- زارلاپ دۈشمەننى خوش قىلماسلىق ئۈچۈن پەقەت ئۈندىمىدى.چىشىنى چىىشىغا چىڭ چىشلەپ بارلىق ئازاپلارغا چىدىدى.ھەدىسلەردە دىيىلىشىچە ئاللاھ ئىگەم خىتاپ قىلىپ:‹‹مېنى ئىزدىمەكچى بولساڭلار،يىتىم- يوقسۇللار،غېرىپ ئاجىزلارنىڭ كۆڭلىدىن،زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ يېنىدىن ئىزدەڭلار!›، دېگەن ئىكەن.بۇنداق خورلاش ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئۇنۇتقانلىق،بۇ دۇنيادىكى ياخشى- يامان ھەر بىر ئىشىمىزنىڭ ئۇ دۇنيادا سورىقى بارلىقىنى ئەستىن چىقارغانلىق بولۇپ چېكىدىن ئاشقان ۋەھشىيلىك ۋە قارا كۆڭۈللۈك ئېدى.ئاللاھ سىياۋۇشنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى.بىرىنچى زۇلۇمكار ئەفراسىياپنىڭ قىزى پەرەنگىس سىياۋۇشنىڭ بالىسىغا قۇرساق كۆتۈرگەن ئېدى.ئۇ بوۋاقنىڭ تەقدىرى لەۋھۇلمەھپۇزدا  بەختىيار قىلىپ بەلگىلەندى.ئۇ بوۋىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ شاھىنشاھ بولىدىغان،زۇلۇم قىلغۇچىلارنى جازالاپ ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئالىدىغان قىلىپ بەلگىلەندى.ئاللاھ ئالدىن بىلگۈچىدۇر،ھەممە ئىشقا قادىردۇر.بەك مىھرىباندۇر.شۇڭا زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ! =\lw.59  
زالىملار سىياۋۇشنى خەلقى ئالەم ئالدىدا خارلاپ سۆرەپ ئېلىپ مېڭىشنى شەھەردىن چىقىپ چۆل يولىغا چۈشكەندىمۇ توختاتماي تاكى جازا مەيدانىغا قەدەر شۇنداق ئازاپلاپ ئېلىپ كەلدى.جازا ئىجرا قىلىنىدىغان نىشاندا ئادەمنىڭ كىندىكىگىچە ئىگىزلىكتە كېلىدىغان،قاسساپنىڭ گۆش چانايدىغان دۆشىسىگە ئوخشايدىغان  يوغان بىر دەرەخ كۆتىكى بار ئىدى.ئادەتتە گۇناھكارلار قوللىرى ئارقىسىغا قىلىنىپ پۇتى بىلەن چېتىپ مەھكەم چۈشەپ چىڭ باغلىنىپ مۇشۇ يەردە ئۆلتۈرۈلەتتى.سىياۋۇش ئەشۇ كۆتەكنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىنىپ تىزلاندۇرۇلدى.كۆتەكنىڭ ئاستىغا ئۇنىڭ قېنىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر زەر ئىدىش قويۇپ قويۇلدى.قارا كۆڭۈل، تاش بېغىر  جاللات گۈرۈي سىياۋۇشنىڭ سەرۋىدەك قەددىنى ئېگىپ چىرايلىق بېشىنى كۆتەككە بېسىپ ئۆلتۈرمەككە تەييارلاندى.گەرسىۋەزنىڭ سەت ھىجىيىشى ۋە ئىشارىتىن كېيىن قىلىچىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ سىياۋۇشنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇردى.سىياۋۇشنىڭ سەرۋىدەك چىرايلىق بېشى ئۈزۈلۈپ كۆتەك ئۈستىدىن توپىلىق يەرگە دومىلاپ چۈشتى.ئۈزۈلەەن بويۇندىن دەسلەپ فونتاندەك پۈركۈلۈپ، كېيىن بۇلاق سۈيىدەك بۇلدۇقلاپ خېلى كۆپ قانلار ئاقتى.گۈرۈي ئۇزاق يىل جاللاتلىق قىلپ ئادەم قېنى يالاشقا خۇمار  بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇ سىياۋۇشنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپلا قىلىچىغا يۇققان قان داغلىرىنى ئىتتەك يالاپ كەتتى. *H!BThf t4  
گۇرۇي سىياۋۇشنىڭ قېنى بىلەن لىق تولغان ئىدىشنى كۆتۈرۈپ بېرىپ نېرىراق بىر يەرلەرگە تۆكۈۋەتتى.بىگۇناھ قەتلى قىلىنغان سىياۋۇشنىڭ قېنى تۆكۈلگەن جايلاردىن كېيىنكى كۈنلەردە بىر خىل گۈل ئۈنۈپ چىقتى.كىشىلەر بۇ قان تامچىلاپ تۇرغاندەك قىپ قىزىل گۈلنىڭ نامىنى‹‹ سىياۋۇش قېنى ››دەپ ئاتىدى.جاللاتلار شاھقا ككرسۈتۈش ئۈچۈن سىياۋۇشنىڭ بېشىنى ئېلىۋېلىپ تېنىنى شۇ پېتى تاشلاپ قويۇپ كېتىشتى.پىلسەم بىرنەچچە يېقىن دوستلىرى بىلەن كېلىپ باشسىز جەسەدنى ھارۋىغا سېلىپ بۇ يەردىن خىلى يىراق بىر جايدىكى ناھەق قان تۆكۈلمىگەن پاك تۇپراق بار بوش يەرگە گۆر كولاپ شۇ زاماننىڭ ئادىتى بويىچە دەپىن قىلىشىپ ئاندىن قايتىپ كېتىشتى. t*hy"e{*a  
گەرسىۋەز ئەفراسىياپنى خوش قىلىش ئۈچۈن سىياۋۇشنىڭ كاللىسىى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى.قان يۇقى قېتىپ قالغان ھالدا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى بار باش ئەفراسىياپنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى.ئۇ ئىختىيارسىز ‹‹ۋايجان›› دەپلا كۆزىنى يۇمۇۋالدى.قاتتىق قورقۇپ كەتكەچكە يۈرىكى ئىگىز پەس سوقۇپ كەتتى.بۇ ھالنى كۆرۈپ گەرسىۋەزمۇ قورىقتى.ئۇ شاھنىڭ ‹‹مېنى قورقۇتۇۋەتتىڭ›› دەپ جازالىشىدىنقورقۇپ دەرھال سىرقا چىقىپ باشنى كوچىغا تاشلىۋەتتى.دەل شۇ چاغدا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پىلسەم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ باشنى ئالدى.ئارقىسىغا يېنىپ بېرىپ باشنى تەننىڭ يېنىغا ئورەك كولاپ پۇختا كۆمۈپ قويدى. JU17]gQ  
=803rNe  
IL|Q-e}Ol  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى