مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9891 
  •    ئىنكاس 
       118 

سىياۋۇش قىسسىسى(شاھنامە 4-بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 48- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-11

شاتلىق بەزمىسى داۋامالاشماقتا ئىدى.سىياۋۇش گەرسىۋەز يولدا چارچىغان بولسا ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ئۇنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئىسىل شايىلار بىلەن بېزەلگەن ئالى دەرىجىلىك خانە ئاجرىتىپ بەردى.يەنە خىزمىتى ئۈچۈن بىرنەچچە غۇلام ۋە كېنىزەكلەرنىمۇ بەلگىلىدى.گەرسىۋەزنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سىياۋۇش بىلەن رۇستەم قايتىپ كەتتى.لېكىن گەرسىۋەز ئۇخلاشقا ئالدىرىمىدى.بەزمە داۋاملىشىۋاتقاچقا ئەنجۈمەنگە قاتناشقانلار توپى تېخىى تارىمىغان ئىدى. بۇ ئىشلاردىن پىلتەن رۇستەم شۈبھىلىنىپ قالدى.يۈزبەرگەن ئىشلارنى ئەقىل ئەلگىگىگە سېلىۋىدى، نۇرغۇن كەم جايلار بايقالدى:‹‹ ئەجەبا،ئەلچىلىك رەسمىيەتلىرى تۈگىگەن تۇرسا گەرسىۋەز نېمە ئۈچۈن قايتىپ كېتىشكە ئالدىرىمايدىكىنە؟›› y!gM)9vq  
ئېھتىياتچان رۇستەم ھۇشيارلىقنى ساقلاش يۈزىسىدىن ھەر تەرەپكە قاراۋۇل ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.باشقا ئېھتىيات چارىلىرىنىمۇ كۆرۈپ قويدى. :BX{ *P  
سىياۋۇش بۇ خۇسۇستا رۇستەمدىن سورىدى: igrog  
  -ئەي ئۇستاز،بۇ ئەلچىلىككە بىرەر ھىيلە- مىكىر ئارىلاشقان بولسا سىرنى پاش قىلىمىزمۇ قانداق؟ 5j,qAay9  
مېنىڭچىمۇ بۇ سۈلھىنىڭ تېگىدە بىر گەپ باردەك قىلىدۇ.بىز ياخشىراق كاللا ئىشلىتىپ دۈشمەننىڭ غەرىزىنى بايقاپ ئۈلگۈرۈشىمىز كېرەك.دۈشمەن دوستلۇق نىقابى ئىچىدە بىزگە تۇتقان ئاش زەھەرمۇ ياكى تەرياكمۇ؟مەن مۇنداق ئويلاۋاتىمەن.گەرسىۋەزنىڭ يېقىن كىشىلىرىدىن يۈز كىشىنى چاقىرىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ نامىنى يېزىۋالايلى.ئۇلار تىنىچلىق سۈلھىسى مەزگىلىدە بىزدە گۆرۈدە تۇرۇپ تۇرسۇن.بىز ئۇلاردىن شۈبھىلەنگىنىمىزنى بىرىگىمۇ چاندۇرۇپ قويماي ئىشنى پەم بىلەن توغرىلايلى.ئەگەر  گەرسىۋەز بىز تەلەپ قىلغان يۈز يېقىن كىشىسىنى بىزگە گۆرۈگە قويۇشقا قوشۇلسا بىزمۇ ئۇلارغا ئۆز  كىشىلىرىمىزدىن يۈزنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتەيلى.شۇنداق قىلساق ئۇلارنىڭ يامان غەرىزى بولغان تەقدىردىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالماي بىز بىلەن يارىشىشقا،ياكى يامان غەرىزىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. 3Q  
رۇستەم ئۇنىڭ قارىشىنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى: K$cIVsfr  
  -خۇددى مەن ئويلىغاندەك ئويلاپسەن.شۇنداق قىلساق ئىش كۆڭلىمىزدىكىدەك بولۇپ پۈتىدۇ. ms7 7{A3  
   Tud1xq  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 49- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-11

سىياۋۇشنىڭ ئەفراسىياپ بىلەن ئەھدۇ پەيمان قىلغانلىقى Z!- 
بېشىغا كۇلاھ،بىلىگە كەمەر باغلىۋالغان گەرسىۋەز تاڭ سەھەردە سىياۋۇشنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ زىمىننى سۆيۈپ تۇرۇپ سىياۋۇشقا  رەھمەت ئاپىرىنلىرىنى ئىزھار قىلدى. سىياۋۇشمۇ ئۇنىڭدىن ھال ئەھۋال سورىدى. te*Y]-&I|/  
  -ئەي گەرسىۋەز،كېچىدىن بېرى قانداقراق ئۇخلىدىڭ؟ بەزمە مەشرەپچىلەرنىڭ شاۋ-شۇۋ ئاۋازلىرىدىن قۇلاقلىرىڭ بىزارلىق ھىس قىلمىدىمۇ؟مەنمۇ تۈن بويى تۈزۈكرەك ئۇخلىيالماي سېنى خىيال قىلىپ چىقتىم. يېنىمغائوبدان كەپسەن.ئىككىمىز بىرگە ئولتۇرۇپ سۆھبەت قۇرايلى،غەم تۇيغۇلارنى كۆڭۈل قەسىرلىرىمىزدىن يوق قىلايلى.ئاندىن سەن قايتىپ ئەفراسىياپقا مېنىڭ خەۋىرىمنى تېزراق يەتكۈزگىن.ئۇ ئەمدى بارلىق ئاغرىق ئاداۋاتلەردىن قول ئۈزۈپ يارىشىش يولىغا تېزراق قەدەم قويسۇن.ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى ئاقىۋىتى يامان بولىدىغان ئىشتىن قاچىمەن دېسە ،ناباپ ئىشتىن دەرھال قول ئۈزمىكى دەركار.ئىنسان دىلى ئەقىل ئىدراك بىلەن بىزەلسە ئۇنى دۇنيا بايلىقلىرى بىلەن تولغان خەزىنە دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ.ئىچىملىك كىشىگە زىيانلىق نەرسە، ئۇ نورمال ئىچىلسە كۆڭۈلگە خۇشاللىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.چەكتىن ئېشىپ كەتسە زەھەرگە ئايلىنىدۇ .سەن يېنىمىزغا سۈلھى تۈزۈش نىيىتى بىلەن كەپسەن.بىز سۈلھى تۈزۈشكە قارشى تۇرمايمىز.پەقەت سۈلھىنىڭ يالغان چىقىپ قېلىشىدىنلا گۇمانلىنىمىز.چۈنكى بۇنداق ئىشلار بۇرۇن كۆپ يۈز بەرگەن.سىلەرنىڭ سۈلھىلىشىش نىيىتىڭلار راست بولسا ،سۆزۈڭلارنىڭ راستلىق كاپالىتى ئۈچۈن بىز سىلەردىن تەلەپ قىلغان يېقىن قېرىندىشىڭلاردىن يۈز كىشىنى بىزگە گۆرۈگە قويۇسىلەر.ئۇلار بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرۇپ ئەھدىنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولىدۇ.بۇ ھەقتە چۈشەنمىگەن يېرىڭ بولسا رۇستەم پالۋاندىن سورىساڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.بۇ بىز چىقارغان بەلگىلىمە ئەمەس، تا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە  سۈلھىلەشكەن تەرەپلەر ئۆز -ئارا يېقىن كىشىلىرىنى بىر –بىرىگە  گۆرۈگە قويۇپ، ئەھدىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپلا قالماي ئىجراسىغا نازارەتتە بولغان. سەندىن تەلەپ قىلىدىغان يەنە بىر ئىشىم شۇكى، ئىلگىركى ئۇرۇشلاردا تۇران تەرەپ ئىگەللىۋالغان ئىران زىمىنلىرىدىن،ئۇ يەردە تۇرغۇزۇلغان لەشكەر ۋە پۇقرالىرىڭلارنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىپ ،زىمىنىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىپ سۆھبەتتىكى سەمىمىيىتىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر.بۇنداق قىلغىنىڭلار بىزگە دوستلۇق بىلدۈرگىنىڭلار،ئۇرۇشتىن ھەقىقى ۋاز كەچكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىغىنىڭلار بولىدۇ.مەن بۇ ھەقتە  ئەفراسىياپقا بىر پاچە مەكتۇپ يېزىپ قويدۇم كېتەردە شۇنى ئالغاچ كەتكىن... $',GkK{NX  
سۆھبەتتىن كېيىن گەرسىۋەز ئارام ئېلىش ئورنىغا قايتىپ خىزمەتچىلىرىدىن بىرىنى چاپارلىققا تاللىدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق گەپ تاپىلىدى: \8*,&ak%  
  -سەن ئەڭ ياخشى ئاتلاردىن مىنىپ بوراندەك تېزلىك بىلەن شاھىمىز قېشىغا يىتىپ بار.كىچىكىپ قېلىشقا باھانە ئىزدىمە.ئۇنىڭغا دىگىنكى مەن بۇيەردە كۆپ ئالدىراشچىلىققا قالدىم. ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارىدۇ.شاھىمىز تىنىچلىققا ئېرىشىدىغان بولدى.لىكىن، سىياۋۇشنى جەڭدىن قولىنى ئۈزسۇن دېسە، دەرھال نامدار  يۈز كىشىنى تاللاپ سىياۋۇش ھوزۇرىغا  گۆرۈگە ئەۋەتىشى لازىم ئىكەن.ئەنە شۇ چاغدىلا تىنىچلىق ئىشقا ئاشىدۇ. S`c]Fc  
چاپار گەرسىۋەزنىڭ پەرمانى بويىچە ھىچ يەردە ئارام ئالماي  ناھايىتى تېز مېڭىپ ئەفراسىياپ ھوزۇرىغا يىتىپ باردى. سىياۋۇشنىڭ خېتىنى ۋە گەرسىۋەزنىڭ تاپىلىغان گەپلىرىنى ئەفراسىياپقا تولۇق يەتكۈزدى.ئەفراسىياپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئلدىراپ خوش بولۇپ كەتمىدى.ئەكسىچە ئويغا چۆكۈپ قالدى:‹‹تىنىچلىققا ئېرىشىشقۇ ياخشى ئىش ،لىكىن بۇنىڭ بەدىلىمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن،ئەگەر يېقىن تۇققانلىرىمدىن يۈزكىشىنى تاللاپ ئىرانلىقلارغا گۆرۈگە ئەۋەتسەم ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولۇر؟كىيىن تاسادىپەن جەڭ بولۇپ قالسا، جەڭدە ماڭا خەۋىپ يەتمەي قالسا ،ئۇلارنى قانداق قۇتۇلدۇرۇپ كېلەلەيمەن؟ مەندىن گۆرۈگە ئادەم سورىما،ۋەدەمگە ئىشەن دىسەم قانداق بولار؟! گۆرۈگە ئادەم بېرەلمىگىنىم ۋەدەمنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ.ئۇ ھالدا مەن قانچىلىك ۋەدە قەسەم بەرسەممۇ سىياۋۇش ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋۇس دىگەن قاقۋاشمۇ مىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.گۆرۈگە ئادەم بەرمەي تۇرۇپ بۇ ئىشىم راستىنلا پۈتمىگۈدەك.مەيلى سىياۋۇشنىڭ تەلىپى شۇ بولسا ئادەم ئەۋەتسەممۇ ئەۋەتەي.ئىشىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى بۇ بەدەلگە ئېھتىياجلىق تۇرسا مەندە نىمە ئامال بار؟›› 2b4pOM7W  
ئەفراسىياپ ئاخىر سىياۋۇشنىڭ رايىغا بېقىپ گۆرۈگە بىرىدىغان ئادەمنى سىياۋۇشنىڭ تەلەپ قىلغىنىدىنمۇ ئارتۇق ئەۋەتتى.ھەتتا ئۇلارنىڭ قوللىرىغا سىياۋۇشقا تارتۇق قىلىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ھەدىيەلەرنىمۇ كۆتۈرتۈپ قويدى.ئۇندىن باشقا سىياۋۇشنىڭ تەلىپى بويىچە ھەربى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ۋە تېزلىكتە يەتكۈزۈپ، بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردا ئىراندىن تارتىۋېلىنغان بۇخارا،سوغدى،سەمەرقەند،چاچ،سەججاپ قاتارلىق جايلاردىن تۇران قوشۇنلىرىنى تېزلىكتە چېكىندۈرۈپ چىقىپ ئۇ زىمىنلارنى ئىرانغا بوشۇتۇپ بەردى.  LbV]JP  
بۇ ئىشلار تەلىپى بويىچە ئورۇندالغاندىن كېيىن رۇستەممۇ ئەفراسىياپنىڭ ۋەدىسىنىڭ چىنلىقىغا ئىشىنىپ گۇمانىنى تۈگەتتى.ئاندىن سىياۋۇشنىڭ يېنىغا كىرىپ مۇنداق دىدى: OHP3T(Q5  
  -ئەفراسىياپ ۋەدىسىدە تۇرۇپ بىز تەلەپ قىلغان ئىشلارنى تولۇق  ئورۇنلاپ ،سۈلھى ۋەدىسنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئەمدى بىز ئۇنىڭغا ئىشەنسەك بولىدۇ.گەرسىۋەزنىڭمۇ ۋەزىپىسى ئورۇندالدى.ئۇنىمۇ قايتۇرۇۋېتەيلى. 0"kE^=  
سىياۋۇش خۇرسەن بولۇپ گەرسىۋەزنى يېنىغا چاقىرتتى.غەزىنىچىدىن گەرسىۋەزگە تارتۇق قىلىشقا ماس كەلگۈدەك نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ ئىسىل تارتۇقلار بىلەن تارتۇقلىدى.گەرسىۋەزگە بېرىلگەن تارتۇقلار مۇنۇلار ئىدى: زەر يىپ بىلەن تىكىلگەن ئىسىل كىمخاپ تون،ئالتۇن كۈمۈشلەر بىلەن ھەل بېرىلىپ زىننەتلەنگەن ئالى سەردارلارغا خاس ئىسىل قورال ياراقلار،ياقۇتتىن كۆز قويۇلۇپ شاھلارغا خاس ئىشلەنگەن شاھانە كەمەر،زەر كۇلاھ، ئىگەر توقۇمى ئالتۇندىن ياسالغان ئىسىل ئەرەپ ئېتى.ساپ ئالتۇندىن سوقۇلغان ئىسىل قىلىچ... قاتارلىق ئىسىل نەرسىلەر بار ئىدى.گەرسىۋەز بۇنچىلىك ئىسىل تارتۇقلارنى ھەتتا ئاكىسىدىنمۇ ئېلىپ باقمىغان ئىدى.شۇڭا شاتلىقى پەلەككە يەتتى.ئۇ چېھرىدىن تولۇنئاي كەبى نۇر تارىتىپ، ئېتىنى ئايىقى يەرگە تەگمىگۈدەك قامچىلاپ ئالدىرىتىپ تۇران زېمىنىغا قايتىپ كەتتى. _ .OMjUBZT  
 

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 50- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-14

سىياۋۇشنىڭ رۇستەمنى كاۋۇس ھوزۇرىغا ئەۋەتكەنلىكى q'%[[<  
سىياۋۇش بېشىغا پىل سۆڭىكىدىن نەقىش بېرىلگەن ئىسىل  تاج تاقاپ ،ھەم پىل سۆڭىكىدىن زىننەت بېرىلگەن ھەشەمەتلىك تەختكە چىقىپ ئولتۇرۇپ خۇددى كاتتا شاھلاردەك سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ  تۇران بىلەن بولغان سۈلھى ئىشىدا ئۆزى بىۋاستە قارار چىقىرالمايتتى.چوقۇم ئاتىسى كاۋۇسنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپ، تۇران بىلەن بولغان سۈلھى ئىشىنى مەلۇم قىلىپ،بۇ ھەقتە كاۋۇسنىڭ يوليۇرۇقىنى ئېلىپ كېلىشكە مۇھىم ئادەم ماڭدۇرۇشى زۆرۈر ئىدى.بۇ ئىشقا ئادەتتىكى ئادەملەر بارسا شاھ ئەلۋەتتە رەت قىلىۋېتەتتى.ئۆزى باراي دېسە لەشكەرلەرنى تاشلاپ قويۇپ كەتسە بولمايتتى.ئۇ ئويلا-ئويلا ئاخىرى بۇ ئىشقا رۇستەمنى ئەۋەتىش قارارىغا كەلدى.رۇستەم چاقىرتىلغاندىن كېيىن سىياۋۇش مۇنداق دېدى: &?/N}g @K  
  -قوشۇنىمىزدىن بىر باتۇر سۇخەندان تېپىلسا،مەكتۇبىمنى ئېلىپ بېرىپ،بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلىپ ،شاھ ئاتامنىڭ پەرمانىنى ئېلىپ كەلسە ياخشى بولاتتى.مۇۋاپىق ئادەم تاپالماي بېشىم قېتىۋاتىدۇ. bl" (<TM  
رۇستەم جاۋابەن دېدى: Ei{(  
  -ئەي جەڭگىۋار پىل،بۇ دىگەن كاۋۇسنىڭ ئارزۇسىغا قارشى زور ئىش تۇرسا،باشقىلارنى ئەۋەتكەن بىلەن شاھتىن قورقۇپ قانداقمۇ ئېغىز ئاچالىسۇن.بۇ ئىشقا ئەڭ ياخشىسى مەن ئۆزۈم بارغىنىم تۈزۈك. DnNt@e2|  
  سىياۋۇش بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوشال بولدى.رۇستەم بارسا كاۋۇس ئۇنىڭدىن ھېيىقىپ بولسىمۇ تەلىپىنى رەت قىلىۋېتەلمەيتتى.رۇستەمنىڭ بارغىنى ئىشنىڭ پۈتكىنى بىلەن باراۋەر ئىدى.ئىككىسى بۇ كۈنى بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇزاققىچە ئۇياق بۇياقتىن پاراڭ قىلىشىپ كەڭرى سۆھبەتلەشتى.كېيىن سىياۋۇش كاتىپ چاقىرتىپ كىرىپ  قەغەز ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىسىل ئاق  يىپەك رەختكە مەكتۇپ يازدۇردى.مەقسەد ئايدىڭ بولغاچ ئوقۇرمەنلىرىمىزنى مەكتۇپ تەپسىلاتىدىن ئازاد قىلىمىز... &TP:yA[  
بىز يول مۇشەققەتلىرىدىنمۇ ئېغىز ئاچمايمىز. رۇستەم سەپەر ھازىرلىقىنى پۈتتۈرۈپ، تۇلپارىنى مىنىپ، سىياۋۇشنىڭ مەكتۇبىنى ئېلىپ،يولغا چىقتى.ئۇ ئىراننىڭ ئەڭ ئالى سەركەردىسى بولغاچقا تەنھا ماڭمايتتى.شۇڭا سەلتەنىتىنى نامايەن قىلغۇچى كاتتا تۇغىنى ۋە نەچچە يۈز ھەمدەمچى لەشكەرلىرىنى ئېلىپ دەبدەبە بىلەن سەپەرگە چىقتى.نەچچە كۈنلۈك سەپەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئىرانغا كاۋۇس ھوزۇرىغا يىتىپ باردى. $f 
ئەمدى گەپنى گەرسىۋەزدىن ئاڭلايمىز.گەرسىۋەز بەلختىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەفراسىياپ ئۇنى ھوزۇرىغا چاقىرىپ كىرىپ ئەھۋال سورىدى.گەرسىۋەز سىياۋۇشنىڭ تەرىپىنى قىلىپ سۆزلىرىگە زەردەك قىممەت ۋە زىننەت بېرىپ مۇنداق دېدى: <[Tq7cO0  
-    ئەي قۇدرەتلىك شاھىم،سىياۋۇشنىڭ  تەرىپىنى بىر دېمە.پۈتۈن ئىقلىمنى كېزىپ چىقساڭ ئۇنىڭدەكتىن يەنە بىرىنى ھىچيەردىن تاپالمايسەن.مەيلى ئەقلى- ھۇش جەھەتتە بولسۇن،مەيلى تەدبىركارلىق چېچەنلىك جەھەتتە بولسۇن،مەيلى قەددى- قامەت،ھۆسىن -چىراي جەھەتتە بولسۇن ئالەمدە تەڭدىشى تېپىلمايدۇ.ئۇ مەيلى باتۇرلۇق جەھەتتە بولسۇن،مەيلى بىلىم- ماھارەت جەھەتتە بولسۇن،مەيلى ئەدەپ ئەخلاق بابىدا بولسۇن،دۇنيادا يىگانىلا.كاۋۇسنىڭ مۇشۇنداق بىر ئوغلىنىڭ بولغىنى ئۇنىڭ ئامىتى ياخشى ئىقبالى ھېساپلىنىدۇ.لېكىن ئاڭلىشىمچە شۇنچە پەزىل ئىگىسى بولغان بۇ ئۇلۇغ ئوغۇل كاۋۇسنىڭ ئەركە چوڭ خوتۇنى تەرىپىدىن يامان كۆرۈلۈپ ،كاۋۇسقىمۇ يامان كۆرسۈتۈلۈپ، ئىسىل  گۆھەر تاشنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن.شۇ سەۋەپتىن قۇرساق كۆپۈكى تارتىپ، ئۇلاردىن يىراقراق تۇرۇش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى جەڭگە ئۆزى تەلەپ قىلىپ چىقىپتۇ.بىز ئۇنىڭغا زىيادە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ يېنىمىزدا تۇرغۇزۇپ قالالىساق ھەم خەتەردىن قۇتۇلىمىز،ھەم ئۇنى قالقان قىلىپ كاۋۇسنىڭ غېمىدىن قۇتۇلىمىز... 5T$}Oy1  
ئەفراسىياپ  بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولدى.ۋە مۇنداق دېدى: RNv{n mf  
  - سۈلھى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغىنىڭ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.مەن ھېلىقى قورقۇنۇچلۇق چۈشنى كۆرگەندىن بۇيان دىلىم بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ئەمەس. بۇ بالادىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى قەبىھ دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرۇش ئىدى.سەن بۇ نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۈستۈمدىكى غەم تاغلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدىڭ.بىز بۇ ئىشقا ئايىماي پۇل مال دۇنيا سەرىپ قىلغان بولساقمۇ، ئېزىز جېنىمنى ساقلاپ قېلىش يولىدا بۇبەدەللەر ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ... gt =j5  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 51- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-14

رۇستەمنىڭ كاۋۇسقا سىياۋۇش نامىسىنى تاپشۇرغانلىقى 8K|J:[7  
رۇستەم كاۋۇس ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن ھەمراھلىرىنى سىرتقا جايلاشتۇرۇپ قويۇپ،ھايالشىمايلا ئىران شاھى كاۋۇسنىڭ يېنىغا كىردى.رۇستەم شاھ سارىيىغا كىرىپ كاۋۇسنىڭ ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ ھۆرمەتتە تۇردى.تەختتە ئولتۇرغان كاۋۇس رۇستەمنى كۆرۈپلا خوشاللىقىدىن چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.رۇستەمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن  پەسكە چۈشتى ۋە ئالدىغا ئىتتىك مېڭىپ كېلىپ، ئۇنىڭ مۈرىسىدىن  قۇچاقلاپ قىزغىن كۆرۈشتى.كاۋۇس ئوغلى سىياۋۇشنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدى.ئۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغىمۇ ئەلۋەتتە بەكلا قىزىقاتتى، شۇڭا تەقەززالىق بىلەن رۇستەمنى سۇئال -سوراقلارغا كۆمىۋەتتى. 7n\ThfH{  
  -ئەي ئالەم پالۋىنى، سالامەت تۇردۇڭمۇ ؟سىياۋۇش ھەم سەركەردە لەشكەرلەر سالامەت تۇرۇۋاتامدۇ؟ %9t{Z1$  
  -تەڭرىگە شۈكۈر،ھەممەيلەن سالامەت،ھەممەيلەن ئالىلىرىغا سالام ئېيتتى. rpUy$qrRc  
  -سىلەر ھازىر نەدە تۇرۇۋاتىسىلەر؟ نىمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟ تۇران بىلەن بولغان ئۇرۇش قانداق بولدى؟ MVeF e\r  
  -بىز ھەممىمىز ھازىر بەلىخ  شەھىرىدە تۇرۇۋاتىمىز.ئۇ يەرنى ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىن  جەيھۇن دەرياسىدىن ئۆتۈپ داۋاملىق تۇران زىمىنىغا  ئىچكىرلەپ كىرمەكچى بولغان ئىدۇق .لېكىن ،تۇيۇقسىز ئەفراسىياپ ئەلچى ئەۋەتىپ يولىمىزنى توسۇپ قويدى. ETM2p1 ru0  
-يولىمىزنى توساپ قويدى؟ ئۇ نىمە دەپ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ؟! t:\l&R&  
-كۆپ يىللاردىن بېرى ئىككى دۆلەت  كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپ ھېرىپ چارچىدۇق،نۇرغۇن زىيان تارتتۇق،ئەمدى ئۇرۇش توختىتىپ دوست ئىناق بولۇپ ئۆتسەك،سۈلھى تۈزۈشسەك دەيدۇ. Vd,'  s  
  -قۇرۇق گەپ،بۇ دېگەن ئەفراسىياپ دېگەن كاززاپنىڭ كونا ھىيلىسى،ئۇ بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆزى ئۇرۇش قوزغاپ،ئۇرۇشتا  يېڭىلىپ قېلىشقا ئاز قالغان چاغدا سۈلھى تەلەپ قىلىپ بىز بىلەن  يارىشىۋېلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان.ئۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.سەن رۇستەم ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى  كۆپ قېتىم تۇتۇشقان،ئۇنىڭ ھىيلە مىكىرلىرىنى مەندىن ئوبدانراق بىلەتتىڭغۇ ؟ نېمىشقا سىياۋۇشنى سۈلھى قىلىشتىن توسۇمىدىڭ؟! 24/ /21m  
-مەنمۇ ئىشەنمەيتتىم،لېكىن بۇقېتىم ئۇنىڭ سۆزى چىن ئىكەن.بىز  ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنى سىناپ كۆرۈپ ئاندىن سۈلھى قىلىشقا قوشۇلدۇق. ^uia`sOP4  
-سۈلھى قىلىشقا قوشۇلدۇق؟!ئىراننىڭ  باش ھۆكمىرانى مەن تۇرسام، ئۇنداق چوڭ ئىشقا باشباشتاقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشتا سىلەرگە  كىم رۇخسەت قىلدى؟! \,2gTi,=  
-ھىچكىم رۇخسەت قىلمىدى.بىزمۇ تېخى جاۋاپ بەرمىدۇق.بۇ ئىشتىن سېنى ۋاقىپلاندۇرغىلى،قارارىڭنى ئۇققىلى،ئاندىن شۇنىڭغا ئاساسەن  ئىش تۇتقىلى ئالايىتەن ئالدىڭغا كەلدىم،مانا بۇ سىياۋۇشنىڭ ساڭا يازغان مەكتۇبى،قالغان ئىشلار مەكتۇپتا ئېنىق يېزىقلىق. >L^xlm%7o  
رۇستەم سۆزىنى تۈگىتىپ   سىياۋۇشنىڭ مەكتۇبىنى كاۋۇسقا ئۇزاتتى.كاۋۇس مەكتۇبنى كاتىپىغا ئوقۇتۇپ ئاڭلىدى.مەكتۇپ ئوقۇلغانسېرى ئۇنىڭ چىرايى بۇلۇتى قويۇقلىشىۋاتقان ئاسماندەك بارغانسېرى تۇتۇلۇپ كەتتى. 4avc=Y5  
jk )Vb  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 52- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-15

كاۋۇس نامەنى ئاڭلاپ بولۇپ قاتتىق ئاچچىقلاندى.شۇڭا ئۇ ئاغرىنىشلىرىنى ئىپادىلەپ رۇستەمگە تۆۋەندىكىسۆزلەرنى قىلدى: ?W!ry7gXO  
  -ئوغلۇم سىياۋۇش تېىخى بەكلا ياش،ئىش كۆرمىگەن،بېشىدىن ئىسسىق سوغاق ئۆتۈلمىگەن،كىم ياخشى،كىم يامان،نىمىنى قىلسا توغرا،نىمىنى قىلسا خاتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كېتەلمەيدىغان ساددا يىگىت.سەنچۇ ؟سەن بولساڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە ،مەن سىياۋۇشنى مۇنداقلا يالغۇز ئەۋەتمەيتتىم،سېنى بار دەپ،سېنى ئىش ئۆگىتىدۇ ،توغرا يولغا باشلايدۇ،شىرغىمۇ جەڭ ساۋىقى بېرەلەيدۇ دەپ ساڭا ئىشىنىپ سېنى بىرگە ئەۋەتكەن ئىدىم.لېكىن‹‹ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتماپتۇ››دېگەندەك سەن ئۇنى خاتا يولدىن توسىماپسەن.مەن سىلەر ماڭىدىغان چاغدا سىياۋۇشقا ‹‹ئەفراسىياپ بەكمۇ ۋەھشى ۋە  ھىيلىگەر،جەڭدە غەلىبە قىلسا ھىچكىمنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ،ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا ‹سۈلھى تۈزىمەن ›دەپ تۇرىۋېلىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ››دەپ قايتا-قايتا تاپىلىغان ئىدىم.لېكىن ئەفراسىياپ يەنىلا سىلەرنىڭ بوشاڭلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ‹‹ ياخشى ئادەم›› قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ سىلەرنى ئالداپ كېتىپتۇ.مەن سىلەرنى ئەۋەتكەن بىلەن‹‹ ئىشلار مەن غەم قىلغاندەك بولۇپ قالمىغىيدى›› دەپ كېچە –كۈندۈز ئەنسىرەپ بىر كۈنمۇ خاتىرجەم بولالمىغان ئىدىم.ئاخىر ئىش مېنىڭ ئەنسىرىگىنىمدەك بولۇپ چىقىپتۇ.ئەمدى سىلەر مېنىڭ ئىشەنچىمنى يەرگە ئۇردۇڭلار،‹‹قىلما ››دېگەن ئىشىمنى قىلدىڭلار.شۇڭا تۇرانغا ئۆزۈم بارمىسام،ئەفراسىياپ بىلەن ئۆزۈم جەڭ قىلىپ جەڭدە ئۆز قولۇم بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ھىيلە نەيرەڭ بىلەن تولغان بېشىنى يېرىۋەتمىسەم ھېساپ ئەمەس.شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان بولىدۇ.مەن ئەسلى باشتىلا ئۆزۈم بارغان بولسام بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمىگەن بولار ئىدى.سەن ‹‹شاھىم سەن بارما،ئورنۇڭغا ياش پادىشا بارسۇن،ئۇرۇش قىلىشنى،تەدبىر تۈزۈشنى،دشمەنننىڭ تۈرلۈك ھىيلىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەنسۇن،ئىسسىق سوغاقنى كۆرۈپ پىشسۇن››دەپ تۇرۇۋالدىڭ.شۇڭا ساڭا ئىشىنىپ ئوغلۇمنى مۇشۇنداق زور ئىشقا تەۋەككۇل قىلدۇرۇپ ئەۋەتىپتىمەن.سەن ئۇنى خاتا يولدىن توساپ،توغرا يولغا باشلىماقتا يوق، ئۇنىڭ خاتا يولغا مېڭىشىنى قوللاپ ،ئۇنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويۇپسەن،دۈشمەننىڭ سوغا سالاملىرىغا ،چىرايلىق گەپلىرىگە ئالدىنىپ ئوغلۇمنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلدۇرۇپسەن. ئالتۇن كۈمۈش،گۆھەر ياقۇت دېسەڭلار غەزىنەمدە تولۇپ تۇرۇپتىغۇ.سىلەردىن نېمىنى ئايىدىم؟يۈز نەپەر چىرايلىق تۈرۈك كېنىزىكىنى كۆرۈپ ئەقلىڭلاردىن ئاداشتىڭلارمۇ؟! ئوردىدا سىلەرگە كېنىزەك كەمممىدى.كېرەك بولسا ھەرقايسى ئىقلىم كېنىزەكلىرىدىن ئالدىڭلارغا مىڭلاپ تىزىپ بەرمەسمىدىم؟!ئۇلار سىلەرنى ھەق يولدىن ئازدۇرۇشتىن باشقا نىمىگە يارايدۇ؟! يەنە ئەجدادىنىڭ تايىنى يوق،يۈز تۈرۈك غولىمىنى كۆرۈپ ماڭا قىلغان بۈيۈك ۋەدىلىرىڭلارنى ئۇنتۇغۇنۇڭلار نېمىسى؟!خىزمىتىڭلاردا مىڭلاپ غۇلاملار خوش-خوش دىيىشىپ يۈرىشىدىغۇ؟! مەن ئەمدى سەندىن ئۈمىد كۈتمەيمەن.ھەم رەنجىپمۇ يۈرمەيمەن .سەن ئۇرۇشتىن قاچقان بىلەن مەن قاچمايمەن،ئەفراسىياپتىن سەن قورىققان بىلەن مەن قورىقمايمەن.ئورنۇڭغا ئەقىللىق،تەدبىرلىك،ھۇشيار مەرد باتۇردىن بىرنى ئەۋەتىپ توختىغان ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغۇزىمەن.ئۇ ئۇرۇش ئوتىنى ئۇلغايتسۇن،تۈرىكلەرنى ئۇرۇشتا يېڭىپ ئەسىر ئېلىپ  پۇت قوللىرىغا كىشەن سالسۇن.ئەۋەتكەن سوغىلىرىنى ئاتەشكە سېلىپ كۆيدۈرۈپ ئەفراسىياپنىڭ يۈرىكىنى ئەلەمدە ئۆرتىسۇن.يەنە سوغا قىلىنغان ،گۆرۈگە قويۇلغان بارلىق تۈرۈكلەرنى يېنىمغا ئەۋەتسۇن.ھەممىسىنى جاللاتقا تاپشۇرۇپ كاللىسىنى ئېلىپ ئالدامچىلىققا ۋاستە بولغۇچىلارغا ئىبرەت قىلىمەن.ئۇ لەشكەر بىلەن يۈرۈپ كېچە كۈندۈز جەڭ قىلىپ دۈشمەننى يوقاتسۇن.قەدىمى نەگە يەتسە شۇ يەرنى قۇرۇتسۇن.خۇددى قوي قوتىنىغا كىرىپ قالغان ئاچ بۆرىگە ئوخشاش دۈشمەنگە قىلچە رەھىم قىلماي باتۇرلارچە جەڭ قىلسۇن. ئەنە شۇندىلا ئەفراسىياپ ئىلاجىسىز قېلىپ سۈلھى ھىيلىسىدىن يانىدۇ.ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ ۋەھشى قاپلانغا ئايلىنىپ جەڭگە چىقىدۇ... ox[ .)v  
G6V/SaD  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 53- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-15

بۇ گەپلەر رۇستەمنىڭ كۆڭلىگە بەكمۇ كەلدى.ئۇ كاۋۇسقا جاۋابەن مۇنداق دېدى: DnF jEP^  
  -ئەي شەھرىيار،سەن بەكمۇ ەۇمانىور بولۇپ كېتىپسەن.بۇ ئىش سەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس. بۇ ئىشقا ئۇنچىۋالا ئىنچىكىلەپ كاللا قاتۇرۇپ كەتمە. سۆزۈمگە  قۇلال سال.مەن ئاۋال دەيدىغىنىمنى دەۋالاي،مەن سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، چۈشەنچە بېرىشىم پىسەنتىڭگە توغرا كەلمىسە جاھان سېنىڭ بولغاندىكىن كېيىن  بىلگىنىڭنى قىل.بىز بەلىخنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ،نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي  سەندىن پەرمان تەلەپ قىلىپ چاپار ئەۋەتكەن ئىدۇق. شۇ چاغدا سەن:‹‹ قاچانكى ئەفراسىياپ سىلەرنىڭ ئەلىمىڭلارغا چىدىماي  دەريادىن ئۆتۈپ كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم  قىلمىغۇچە سىلەر يۈرۈش قىلماڭلار.››دەپ بۇيرۇق يەتكۈ‍زگەن ئىدىڭ.پەرمانىڭغا بىنائەن بىز بەلختە ئەفراسىياپنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىشىنى ،چوڭراق ئىش تەۋرىتىشىنى كۈتۈپ ياتتۇق.ئەمما، ئۇ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بىزگە جەڭ ئىشىكىنى ئەمەس ،سۈلھى ئىشىكىنى ئاچتى.ساڭا دەيدىغان ئىككىنچى گېپىم شۇكى،پادىشاھ قەسەمخور بولسا ياخشىلار ئالدىدا ئابرۇي ئىناۋىتى بولمايدۇ.مېنىڭ ئويلىغىنىم شۇكى سىياۋۇش تېخى ئەقلى ھۇشى،كىشىلىك دۇنيا قارىشى تولۇق يىتىلمىگەن،ئەقىدە ئېتىقادىدىن تولۇق ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغان شاھزادە،سەن ھازىرغىچە ئۇنىڭغا چوڭ ھوقۇق تۇتقۇزمىدىڭ،ئوردا ئىچىدە ھوقۇق ۋە ئىمتىيازىنى چەكلەپ كەلدىڭ.مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئۇ كۆڭلىدە ساڭا  يوشۇرۇن غۇم ساقلاپ كەلگەن بولسا،تۇران بىلەن بولغان سوقۇشتا تولۇق نۇسرەت قازىنىپ،تۇراننىڭ زىمىنى،بايلىقلىرى،تاجۇ-تەختى...قاتارلىق بارلىق نەرسىلىرىنى تولۇق قولغا كەلتۈرسە، بۇ ئارقىلىق سەن بىلەن تەڭ ھوقۇققا ئىگە بولسا،سەن  ئويلاپ باقە،ئۇ چاغدا ئۇ ساڭا يەنىلا بەيئەت قىلارمۇ؟!داۋاملىق جەڭ قىلىشنى خالارمۇ؟! سەن ئەفراسىياپنىڭ يۈز ئۆرۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلما.ئەگەر ئەفراسىياپ بىزگە بەرگەن ۋەدە قەسەملىرىنى ئۇنتۇپ بىزگە قارشى قايتا ئۇرۇش قىلىشقا ئۇرۇنسا،بىز ئۇنىڭدىن يەنىلا قورقۇپ قالمايمىز.دەرھال قەھىرلىك شىرغا ئايلىنىپ، كۈچلۈك بىلىكىمىز بىلەن ئۆتكۈر شەمشەرلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئەفراسىياپنى بىردەمدە مەغلۇپ قىلىمىز.ئىككىنچى قارشى چىقالمىغۇدەك پاجىئەلىك زەربىگە دۇچار قىلىمىز.ئەگەر سەن سىياۋۇشنىڭ جەڭدە بىرەر  زىيان -زەخمەتكە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولساڭ سىياۋۇشمۇ ئۇرۇشتىن قايتىپ سەن بىلەن تەختتە ئولتۇرۇپ كۈتۈپ تۇرسۇن.مەن زابۇل لەشكەرلىرى بىلەنلا تۇرانغا ھۇجۇم قىلىپ ئەفراسىياپنى پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن تارمار قىلىپ پۈتۈن تۇران زىمىنىنى ئىختىيارىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرەي...مېنىڭ يېڭەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرىمە! ئەگەر مەن گۈرزە ئوينۇتۇپ جەڭگە كىرىدىغان بولسام ئەفراسىياپنىڭ يورۇق كۈنى قاراڭغۇ تۈنگە ئايلىنىدۇ.ئۇ مەن بىلەن كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان.مېنى ياخشى چۈشىنىدۇ.مەندىن قاتتىق قورقىدۇ.ئەگەر غەيرىتىگە ئېلىپ سىناپ باققىسى كەلسە، مەن  بىر جەڭدىلا  ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قويىمەن.سوغات قىلىپ كېلىپ ئالدىڭغا تاشلايمەن.سەن بۇ ئۇرۇشتا ئوغلۇڭدىن گۇمان قىلىپ ئۇنى ‹‹ئۇرۇش قىلىشتىن توسايمەن،مەڭگۈ ۋاپادارلىق قىلىشقا قەسەم قىلدۇرىمەن››دەپ ئاۋارە بولما.بۇ دېگەن گۇناھلىق ئىش، بۇنى سىر تۇتۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ،ئوغلۇڭ سىياۋۇش راست سۆزلۈك، قەيسەر ۋە مەرت پالۋان يىگىت.ئەگەر ئۇ سېنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكىڭنى،ئەقىل بىلەن قىلغان ئىشىنى ‹‹بىر تىيىنغا يارىماس خاتا ئىش ››دەپ بىھۇدە ئەيىپلەپ ئارۇسىغا خىلاپ ئىش قىلىشقا قىستىساڭ ئۇ سەندىن  غەزەپلىنىدۇ.پەرمانىڭنى رەت قىلىدۇ.بۇنداق بولسا ھەر ئىككىڭلارغىلا پايدىسى يوق.سەن جاھىللىق قىلىپ ئوغلۇڭنى داۋاملىق  ئەيىپلەۋەرمە،ئۇنىڭ بەختىنى قارا قىلما،بولمىسا بېشىڭغا بالا ياغىدۇ. BvK QlT  
R0wf#%97  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 54- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-17

كاۋۇسنىڭ رۇستەمنى سىىيستانغا قايتۇرىۋەتكەنلىكى `1+F, &e  
رۇستەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ  كاۋۇسنىڭ چىرايى كۆمۈردەك قارىيىپ كەتتى.ئاچچىقتىن لاغ-لاغ تىترىدى. كۆزلىرى ئالىيىپ جامدەك بولۇپ كەتتى.ئۇ رۇستەمگە پەقەتلا ئاچچىقلىنالايتتى.جازا بېرىشكە پېتىنالمايتتى. jfp z`zE  
ئۇ رۇستەمگە قاراپ ئەلەم بىلەن مۇنداق دېدى: I7(?;MpI  
  -مەن سىياۋۇشقا‹‹ ئەفراسىياپ بىلەن قىلچە ياراشما››دەپ قاتتىق تاپىلىغانتىم.ئۇ گەپ ئاڭلايدىغان بالا ئىدى.نىمىشقا گېپىم قۇلىقىدا تۇرمىدىكىن دەپ گۇمانلانغانتىم،مانا ئەمدى سىر يېشىلدى.ئۇنىڭغا پەرمانىمغا قارشى چىقىشنى سەن ئۆگۈتۈپسەن.ياۋغا بولغان نەپرىتىڭنى يوقۇتۇپ،ئۇرۇش قىلماي ئارام ئېلىىپ راھەت كۆرۈشنى كۆزلەپ قاپسەن.نىمىشقا مېنىڭ تاجۇ- تەختىمنىڭ روناق تېپىشىنى،ئابروي ئىناۋىتىمنىڭ يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىنى خالىمايسەن؟بولدى،ئەمدى ساڭا ھاجىتىم قالمىدى.سەن بۇ يەردە قېلىپ ئارام ئېلىپ ئوينا،كۆڭلۈڭ خالىغاننى قىل.مەن سېنىڭ ئورنۇڭغا تۇسنى ئەۋەتىمەن.ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاچچىق سۆزلەر بىلەن خەت يېزىپ بەلخكە  سىياۋۇشقا چاپار ئەۋەتىمەن.ئەگەر سىياۋۇش ئەمرىمدىن باش تارتسا، ،ئارىمىزدىكى ئەھدۇ پەيمانغا رۇئايە قىلمىسا، پۈتۈن لەشكەرنى تۇسقا تاپشۇرۇپ قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇيمەن.ئەگەر ئۇ قەيسەر بولۇپ پەرمانىمنى ئورۇنلىسا،ئەفراسىياپقا قارشى قايتىدىن جەڭگە ئاتلانسا ئاندىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىدىن ئۆتۈمەن.ئۇنداق قىلمايدىكەن ئوغلۇم دەپ ئاياپ ئولتۇرماي قاتتىق جازالايمەن... 42+#<U7T  
مەن سەندىن قاتتىق رەنجىدىم،بۇندىن كېيىن سېنى دوستۇم دېمەيمەن.شۇنداق ئىكەن‹‹ ساڭا بۇندىن كېيىن يېقىن تۇرىمەن،سەن ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىمەن›دېگۈچى بولما! +L%IG  
كاۋۇس بۇرۇندىن ئىچى تار،يىراقنى كۆرمەيدىغان،ئازراق ئاچچىقلانسىلا توقۇمنى قارنىغا ئېلىپ دوستلىرىدىن،شاپائەتچىلىرىدىن تېنىپ ئۆمۈرلۈك ياخشىلىقلىرىنى تېزلا ئۇنتۇيدىغان خۇمسى مىجەز ئادەم ئىدى.رۇستەم بۇنى ياخشى بىلەتتى.ئەگەر ئۇ ۋەتەن مەنپەتىنى،ئەلنىڭ تىنىچلىقىنى  دېمىگىنىدە كاۋۇستەك چاكىنا ئادەملەر ئۈچۈن ئاللىقاچان ئىشلىمىگەن بولار ئىدى.بۇ تەرىپى ئۇنىڭغا ئايدىڭ بولغاچقا كاۋۇستىن ئارتۇقچە خاپا بولۇپمۇ كەتمىدى.لىكىن كاۋۇسنىڭ تۇسنى ئۆزىدىن ئارتۇق كۆرگىنى ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم قىلدى. شۇڭا ئۇ كاۋۇسقا قاراپ مۇنداق دېدى: uQ/h'v  
-مەنمۇ سېنىڭ يېنىڭغا دۈمبەم قىچىشىپ قېلىپ كەلگىنىم يوق،سۈلھى ئىشىمۇ سەن يامان كۆرگەندەك خاتا ئىش ئەمەس ئىدى.مەنمۇ ھەر ئىش قىلسام ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ ئويلۇنۇپ قىلغان ئىدىم.ئەگەر مىنىڭ خىزمىتىم ساڭا يەتكەن،ياخشىلىقلىرىمنى يامانلىق دەپ چۈشەنگەن، تۇسنى مېنىڭدىنمۇ ياخشى ۋە ئىشەنچلىك دەپ ئويلىغان بولساڭ بوپتۇ،مەنمۇ بېرىپ ئۆز ئىشىمنى قىلاي،سەن ئىشەنگەن تاغلىرىڭنىمۇ كۆرۈپ قوي. )L5i&UK.  
رۇستەم سۆزىنى تۈگىتىپلا ھىچكىمگە قارىماي ئىشىككە قاراپ ماڭدى.ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن،غەزەپ ۋە ئەلەمدىن چىرايلىق كۆزلىرى چەكچەيگەن ئىدى.ئۇ چىقىپلا سىپاھلىرىنى ئېلىپ ھىچكىمنىڭ توسۇشى،ئارىغا چۈشمەك بولۇشى ۋە كاۋۇس ئۈچۈن ئەپۇ سوراشلىرىغا پەرۋا قىلماي سىپاھلىرىنى ئېلىپ سىيىستانغا قايتىپ كەتتى. G P a`e  
تۇس كاۋۇسنىڭ پەرمانىنى تاپشۇۇۋالغاندىن كېيىن،لەشكەرگاھقا كېلىپ  يېڭىدىن نەچچە تۈمەن لەشكەر تاللىدى.ئاندىن  كۆپەيتىلگەن بۇ بىر تۈركۈم لەشكەرنى ۋە شاھ پەرمانىنى ئېلىپ، ناغرا دۇمباقلىرىنى گۈمبۈرلىتىپ چېلىپ،  پۇقراغا ھەيۋىسىنى كۆرسەتكىنىچە تۇرانغا يۈرۈش باشلىدى. #07!-)Gv  
W|5_$p  
yj_4gxJ\  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 55- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

سىياۋۇش مەكتۇبىغا كاۋۇسنىڭ جاۋاپ يازغانلىقى 2?q(cpsN  
كاۋۇس چاپارنى يورغا تۆگە بىلەن يولغا سېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپ، سىياۋۇشقا جاۋاپ خەت يېزىش ئۈچۈن كاتىپىنى چاقىردى.كاتىپىغا ئوچۇق چىراي ئېچىپ تەختى يېنىدا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن كاتىپقا بۇيرۇدى: @.C{OSH E  
-ئەي كاتىپ،بۈگۈنكى نامەنى شۇنداق قاتتىق تەلەپپۇزدا يازغىنكى ،ئۇ خۇددى زەھەرلىك ئوقتەك ئوقۇغان كىشىگە قاتتىق تەسىر قىلىپ مېنىڭ نەقەدەر غەزەپلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدىغان بولسۇن! yYZxLJ='  
كاتىپ ئۇنىڭ تەلىپىنى جان دىل بىلەن ئورۇندايىغانلىقىنى بىلدۈردى.نامىەە مۇنۇلار يېزىلدى: ` uCIXb  
ھەممىدىن  بۇرۇن بىز ئىنسانلارنى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكرى سانالار بولسۇن.ئۇ يىگانە خۇدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى سۈلھى ۋە جەڭ ئىگىسىدۇر.ھەممە ئىشنى ئىرادىسى بويىچە توغرىلاپ ياخشىلارغا مۇكاپات،يامانلارغا جازا بەرگۈچىدۇر.ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلارنىڭ ،قۇياش ئاي ۋە ئاسمانلارنىڭ،زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.شاھلار تاجۇ- تەختى ۋە ئىنسانلارغا كېلىدىغان ياخشىلىق –يامانلىقلارنىڭمۇ ئىگىسىدۇر.ئاسمانمۇ ئۇنىڭپەرمانى بىلەن ئايلىنار،قۇياشمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئالەمنى يورۇتار. *# {z3{+  
ئەي ياش ئوغلان،ساڭا دائىم بەخت كۈلۈپ باقسۇن،ھەمىشە نىسىۋەڭ تاجۇ تەخت بولسۇن. XzIx:J6  
ئەمدى پەرمانىمغا قۇلاق سال! مەن سېنى نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمىدلەر بىلەن تۇرانلىقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىدىم.مەقسىدىم سېنى‹‹ تۇرانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارنى يەڭسۇن،ئەفراسىياپنى تۇتۇپ ئەسىر ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئۇزاق يىللىق قىساسىمنى ئېلىپ بەرسۇن ››دىگەندىن ئىبارەت ئىدى.ئەپراسىياپنىڭ جەڭدە يېڭىلىشكە يۈزلەنگەن ھامان سۈلھىلىششنى تەلەپ قىلىپ ھالاكەتتىن قۇتۇلىۋالىدىغان،سەللا ئەتلىنىپ قالسا يەنە لەشكەر تارتىپ چىقىپ ئۇرۇشىدىغان كونا ئادىتىنى بىلگەچكە ساڭا باشتىلا ئەپراسىياپ بىلەن سۈلھىلەشمەسلىك توغرىسىدا ئالاھىدە گەپ تاپىلاپ سەندىن  ئالايىتەن ئەھدە ئالغان ئىدىم.لېكىن سەن مېنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرمانىمنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتىپسەن. ھەق يولنى تاشلاپ خاتا يولغا قاراپ مېڭىپسەن. بۇرۇنقى ئىشلار ئېسىڭدىمۇ؟ تۇران ئىران بىلەن سوقۇشقاندا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماي بىزنىڭ نۇرغۇن زىمىنلىرىمىزنى بېسىۋالمىدىمۇ؟ھەتتا ئوردىمىزغىچە باستۇرۇپ كىرىىپ ھەممىمىزنى قىرىپ تاشلاشقا تاس-تاس قالمىدىمۇ؟ شۇڭا ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا،دۈشمەننى دوست تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى قىلىشقا زادى بولمايدۇ.ساڭا پەرمانىم شۇكى،دۈشمەن بىلەن يارىششىنى توختات! دۈشمەندىن دوست ئىزدىگىنىڭ،ئەلنىڭ بېشىغا بالا ئىزدىگىنىڭ.دۈشمەن سېنى شىرىن گەپ بىلەن ئالداپ ئۇچارسا،ئۇچارغانغا ئۇچما.ئېقىمغا،ئەقىلگە قارشى ئىش قىلساڭ پەلەك چەرخىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايسەن. ساڭا شۇنى بۇيرۇيمەنكى ئەفراسىياپ گۆرۈگە قويغان تۈرۈكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قول ئاياغلىرىنى چىڭ باغلاپ ،زەنجىر كىشەنلەرنى سېلىپ مېنىڭ ئوردامغا ئەۋەتىپ بەر.مەن بۇرۇنقى ئىشلارغا ئاساسەن شۇنداق قىياس قىلىمەنكى ،ئەفراسىياپنىڭ ياراشماقچى بولغىنى يالغان.چۈنكى بۇ ھەقتە مەندە تەجرىبە ساۋاقلار كۆپ.ئۇ بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم يالغاندىن يارىشىپ مېنى قاتتىق ئالدىغان.مەن بىلەن ‹‹يارىشىمەن›› دەپ مېنى بىخۇد ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماڭا كۈتمىگەن يەردىن زەربە بېرىپ  نەچچىە قېتىم ئېغىر زىيانلارغا ئۇچراتقان.شۇڭا بۇ قېتىم  سېنى ئەشۇ ئەخمەق قىلىنىشلار ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا ئەۋەتتىم،ھەرگىز سۈلھىگە ئەۋەتمىدىم.سەن مېنىڭ ياخشى ئوغلۇم بولساڭ ئەفراسىياپنىڭ ئەۋەتكەن گۈزەللىرىگە ئالدىنىپ  كۆڭۈل بېرىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈمەيسەن.سەن رۇستەم ئەمەس ،بەلكى مېنىڭ ئەقىللىق ھۇشيار ئوغلۇم.رۇستەم دۈشمەننىڭ مال دۇنيالىرىنى كۆرۈپ ئەقىل ھۇشىنى يوقۇتۇپ مال دۇنياغا سېتىلىپ كېتىپتۇ.مال دۇنيا مەندىنمۇ قەدىرلىك بىلىنىپ مەندىن يۈز ئۆرۈپ كېتىپتۇ.ئۇ ئەزەلدىن ئەشۇنداق دۇنياخۇمار ئادەم ئىكەن.مەن شۇنداق تەھلىل قىلدىمكى- سەن مېنىڭ رازىلىقىمنى ئەمەس، تۇراننى ئىگەللەپ ئۇنىڭغا  شاھ بولۇشنى، تاج كىيىشنى كۆزلەپ ياشلىق قىلىپ قويۇپسەن.پەرمانىمنى ئۇنتۇپ بەڭۋاشلىق قىپسەن.ئەمدى ساڭا كەسكىن پەرمان شۇكى،مۇستەقىللىق يولىنى شەمشەر بىلەن ئاچ، نەدە جەڭ قىزىپ دۈشمەن كۆپ يوقۇتۇلسا شاھ ئابرۇيى شۇندا بولۇركى بوشاڭلىقتىن قاچ!  مەن ساڭا ھەمكارلىشش،غېمىڭنى غەم،جېڭىڭنى جەڭ قىلىش ئۈچۈن تۇسنى لەشكەر بىلەن ئەۋەتتىم.ئۇبېرىپ ماڭا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىپ سەن قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.گۆرۈدىكى تۈرۈكلەرنىڭ پۇت قوللىرىغا كىشەن سېلىپ ئىشەك كارۋىنى بىلەن ھوزۇرۇمغا ئەۋەتىدۇ.سېنىڭ تۈزگەن بۇ سۈلھىيىڭ  ساڭا خوشاللىق ئورنىغا كۈتۈلمىگەن ئەلەم ئېلىپ كېلىدۇ.سېنىڭ دۈشمەن بىلەن سۈلھى تۈزگەنلىك خەۋىرىڭ ئىرانغا ئاڭلىنىدىغان بولسا ئەل سەندىن  قاتتىق  رەنجىپ تىنىچلىقنى بۇزىدۇ.بىز بىلەن بىر نىيەتتە بولمايدۇ.گەپنى كۆپ سوزماي ،ئاساسى پىكىر شۇكى-دۈشمەنگە دۈشمەن بول.دوستقا دوستتەك بول.شاھلىق ئۇ زورلۇق كۈچى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.بۇ قەدىمدىن كېلىۋاتقان شاھلار ئادىتى بولۇپ، سەن بۇ ئادەتنى ئالدىراپ بۇزما. دۈشمەن ئويناۋاتقان تىنىچلىق ئويۇنىنى دەرھال بۇزۇۋېتىپ، قولۇڭغا شاھانە مەي جامىنى ئەمەس، بەلكى قورالىڭنى ئال.بارلىق لەشكەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ قاتتىق جەڭ مەيدانى بەرپا قىل.دۈشمەننى تېزراق يوقۇتۇشقا ھەركەت قىل.يەرلەر دۈشمەننىڭ قېنى بىلەن قىپ- قىزىل بويۇلۇپ، قانلار دەريا بولۇپ ئاقسۇن. دۈشمەننىڭ باشلىرى ئاتلار ئارىسىدا دومۇلىسۇن.ئەفراسىياپ سېنى بىخۇد قىلىپ قويۇپ، سېنى يوقۇتۇشقا چارە ئىزدەۋاتقان ئۆيىدىن  قاتتىق چۆچۈپ چىقىپ،قوشۇنلىرىنى قايتىدىن قوزغۇتۇپ سەن بىلەن يېڭىباشتىن جەڭ باشلىسۇن. }28=  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 56- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

ئەگەر ئەفراسىياپقا ھىسداشلىق قىلساڭ،ئۇنىڭغا مېھىر قويغان،ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدە قەسەملىرىڭ ئۈچۈن يالغانچى بولۇپ قېلىشتىن قورىقساڭ، قوشۇننى تۇسقا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئوردىغا قايتىپ كەل.دۈشمەن نىمە ئۈچۈنلىكىنى سورىسا :‹‹مەن ئەسلىدىنلا جەڭچى  ئەمەس ئىدىم.جەڭ قائىدىلىرىنى بىلمەيتتىم. قىلغانلىرىم ھېساپ ئەمەس،ئەمدى مەن قايتىمەن،شاھس پەرمانىنى كۈتىمەن. قوشۇننى شاھ تۇسقا تاپشۇردى.تۇسنىڭ دېگىنى ھېساپ› دېگىن.›› كاۋۇس مەكتۇبنى پۈتتۈرگۈزۈپ ئۇنىڭغا مۆھۈرىنى باستى.ئالدىنئالا  تەيىنلەنگەن چاپار ئۇنى ئېلىپ ئۇچقۇر تۆگىگە مىنىپ  شامالدەك تېزلىك بىلەن يولغا راۋان بولدى... DE$q+j0P  
سىياۋۇش چاپاردىن خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى يېقىمسىز سۆزلەردىن جېنىغا ئوت چۈشتى.چاپارنى چاقىرىپ كىرىپ رۇستەم نامىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئوردىدا بولغان ئىشلارنى سورىدى. چاپار كۆرگەنلىرىنى تولۇق سۆزلەپ بەردى.سىياۋۇش بولغان ئەھۋەاللارنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلاندى. رۇستەم ئۈچۈن ياش تۆكتى.بىر ياخشى ھەمكارى،ئۇستازى،مەسلىھەتچى  سەپدىدىشىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا قاتتىق ئۆكۈندى.ئاتىسىنىڭ يولسىزلىقى ئۈچۈن غەزەپلەندى.ئۇنىڭ غېمى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيتتى.گۆرۈدىكى تۈرۈكلەر، سۈلھىلىشىش ئىشى،بېرىلگەن  ۋەدىلەر،ئىشنى قانداق يىغىشتۇرۇش ھەققىدە ھەققىدە يېڭىۋاشتىن باش قاتۇراتتى.ھەممىدىن بېشىنى قاتۇرغىنى گۆرۈدىكى يۈز تۈرۈك پالۋىنىنىڭ تەقدىرى ئىدى.ئۇنىڭچە بولغاندا تۈۈك شاھى،باتۇر،مەرد،ئاقكۆڭۈل،كۆيۈمچان ئادەم ئىدى،دوستلۇققا يارايتتى.ئەگەر سىياۋۇش ئاتىسىنىڭ پەرمانىغا بويۇسۇنۇپ تۈرۈكلەرنىكىشەنلەپ  ئەۋەتىپ بەرسە ،ئاتىسىنىڭ ئۇلارنى قىلچە ئىززەتلىمەيدىغانلىقى،سوراق قىلىپ قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەتتا ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.ئۇنداق بولغاندا بۇ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ھېساپلىناتتى.ئاتىسىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ گۇناھى سىياۋۇشقا يۈكلىنىپ قالاتتى.چۈنكى بۇ تۈرۈكلەرنىڭ ھاياتى ئۇنىڭغا ئامانەت قويۇلغان ئىدى.ئەگەر سىياۋۇش ئۇلارنى ئەۋەتىپ بېرىپ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ بۇ گۇناھىنى خۇدامۇ كەچۈرمەيتتى.ئەگەر ئۇ پەرمانغا بىنائەن ھىچقانداق ئۈن تېۋىش چىقارمايلا قايتىدىن تۇرانغا قارشى جەڭ باشلىسا تەييارلىقسىز تۇرغان تۇران سىپاھلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايتتى.بۇ ئىشمۇ نامەرتلىك جۈملىىسىدىن بولۇپ خۇداغا بۇئىشمۇ مەقبۇل كەلمەيتتى. پۈتۈن خالايىق غەيۋەتكە سۆز ئېلىپ سىياۋۇشنى نامەرتلىكتە،ئالدامچىلىقتا،قارا يۈزلۈكتە،ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقتا، ئامەنەتكە خىيانەت قىلىشتا ئەيىپلەپ  بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋېتەتتى.ئەگەر شاھنىڭ پەرمانىغا بىنائەن لەشكەرلەرنى تۇسقا تاپشۇرۇپ بېرىپ قايتىپ كەتسە ئەفراسىياپ بىلەن ۋەدىلەشەن ئىشلار ھەققىدە  ھىچنىمە قىلالمايتتى.ئوڭىدىمۇ،چۈشىدىمۇ بالا قازادىن قۇتۇلالامايتتى. قايتىپ بارسا يەنە سۇدابەنىڭ ھېلىقىدەك پەسكەش بوزەك قىلىشلىرى ۋە يەكلەشلىرىگە ئۇچراپ دەرت ئۈستىگە دەرت قوشۇلاتتى.ئۇ تەقدىرنىڭ نىمىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، كېيىنكى تەقدىرىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. B;6]NCx D  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 57- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

سىياۋۇشنىڭ بەھرام ۋە زەنگىگە مەسلىھەت سالغانلىقى D%mXA70  
سىياۋۇش ئاتىسىنىڭ مەكتۇبىدىكى تەلەپكە قارىتا نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ بولالماي بېشى تازا قاتتى.ئۇ ئادەتتە قىيىنچىلىققا يولۇقسا رۇستەمدىن مەسلىھەت ئالاتتى.ھازىر رۇستەم يېنىدا بولمىغاچقا ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرىرۇستەمدىن باشقا قاش بىلەن كۆزدەك يېقىن ئۆتىدىغان سىرداش سەركەردىلىرىدىن بەھرام بىلەن زەنگى ئېسىگە كەلدى.سىياۋۇش ئۇلارنى ھوزۇرىغا كېڭەشكە چاقىرتتى.ئۇلار كەلگەندىن كېيىن دىل سىرىنى ئېيتىپ مەسلىھەتىنى ئالدى.سىياۋۇش مۇنداق دېدى: :AdDLpk3j  
  -مەن نىمىدىگەن بەختى قارا يارىلىپ قالغان بولغۇيتتىم دەيمەن.ھەدىسىلا قىلغان ئىشىم تەتۈرىگە مېڭىپ، بېشىمدا بالا –قازا ئەگىپ يۈرىدۇ.شاھ ئاتامنىڭ ماڭا بولغان مىھرىبانلىقى دەريادەك چوڭقۇر ئىدى.ئۇ ماڭا مىۋىلىك دەرەختەك ھەم سايىۋەن ھەم مىۋىدار ئىدى. سۇدابە بۇ مىھىرگە زەھەر قوشتى.ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ،ھە دېسە مېنى شاھ ئاتامغا  يامان كۆرسۈتۈپ ماڭا ئىشەنمەس قىلىۋەتتى.ماڭا بولغان مىھرىنىمۇ سۇسلاشتۇرۇۋەتتى.شاھ ئاتامنىڭ جەننەتتەك ئوردا قەسىرلىرى ماڭا دەۋزەختەك ئازاپلىق جايغا ئايلىنىپ قالدى.شۇڭا ئوردىدا قىلچە تۇرغۇم كەلمەي بۇنداق ئازاپلىق تۇرمۇشتىن جەڭ مەيدانىنى ئەۋزەل كۆرۈپ بۇ قېتىمقى جەڭگە ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ چىققان ئىدىم.بۇ تىمساھ ئاغزىدىن يىراق تۇرغىنىمغا باراۋەر ئىدى. WL,&-*JAW  
سىلەرمۇ بىلىسىلەر بىز بۇبەلخ شەھىرىگە كەلگەندە بۇ يەرنى گەرسىۋەز سان ساناقسىز لەشكەر بىلەن قوغداپ ياتقان،بىزگە يىرتقۇچ يولۋاستەك ھەملە قىلىپ تۇرغان ئىدى.بىز قاتتىق جەڭ بىلەن بۇ يىرتقۇچ يولۋاسنى يېڭىپ بەلىختىن قوغلاپ چىقاردۇق.بۇ ۋاقىتتا ساتقىن شەھرىيار ئەفراسىياپ ئاداۋەتتە تاۋلانغان  يۈزمىڭدەك تىغۋاز لەشكىرى بىلەن سوغدىدا تۇرۇۋاتاتتى.بىز شىددەتلىك بوراندەك تېز ئۇچۇپ دۈشمەنلەرگە  بىردەممۇ ئارام بەرمەي قوغلاپ زەربە بەردۇق.ئۇلار زەربىمىزگە بەرداش بېرەلمەي يەرلىرىمىزنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشتى.كېيىن ئۇلار دانىشمەن مۇبەدلەردىن مەسلىھەت ئېلىپ ئۇرۇش قىلىشتن قول ئۈزمەكچى، بىز بىلەن سۈلھى تۈزۈپ ئۇرۇش توختۇتۇپ يارىشىپ قالماقچى بولدى.شۇڭا بىزگە نۇرغۇن گۈرزە قىلىچلار،ئالتۇن يامبۇلار،ئىسىل ئاتلار ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئەۋەتىپ سوۋغا بېرىپ بىزدىن كەڭچىلىك قىلىشنى،دۈشمەنلىكنى دوستلۇققا ئۆزگەرتىشنى،بۇندىن كېيىن ئۇرۇش قلماي تىنىچ بىرگە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى.بىزنىڭ بۇ يەرگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىشتىن مەقسىدىمىزمۇ دۈشمەننى يوقۇتۇپ كۆپلىەەن پۇل مال –دۇنيا تېپىش،قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش،دۈشمەندىن قىساس ئېلىش ئىدىغۇ؟! مانا بۈگۈن بىز دۈشمەن سوغا قىلغان ھېساپسىز پۇل مال دۇنياغا ئېرىشتۇق.دۈشمەن تارتىۋالغان يەر زىمىنلىرىمىزنىمۇ قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇ يەرلەردىن دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئىزىنى ئۆچۈردۇق.ئاساسى مەقسىدىمىز ئەمەلەە ئاشقان،دۈشمەن دۈشمەنلىكىنى تاشلاپ دوستانە مۇ ئامىللە قىلىۋااتقان ۋاقىتتا بىز يەنە نىمە ئۈچۈن ئۇلار بىلەن داۋاملىق ئاداۋەتلەشكۈدەكمىز؟نىمىدەپ بىكاردىن يەنە قان تۆكۈپ باشقىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغۇدەكمىز؟ قايسى باشتىن ئەقىل ھۇش قاچسا ئۇ ياخشى بىلەن ياماننى پەرىق قىلالمايدۇ.بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچى دۇنيا،ئۇ ھىچقايسىمىزغا باقىۋەندە ئەمەس.بۇرۇنقى شاھ كەيقۇبادمۇ ئۇزۇن ياشىيالماي تەختىنى شاھ ئاتامغا تاپشۇرۇپ ئۇ ئالەمگە كەتتىغۇ؟ كەيقۇباد ئۇزۇن ياشىيالمىغان يەردە شاھلىق شاھ ئاتامغا مەڭگۈلۈك نېسىپ بولۇرمۇ؟! ئۇ نىمىشقا بويسۇنغان،دوستلۇققا قەدەم قويغان دۈشمەننى قويۇۋەتمەي داۋاملىق ئۇرۇش قىلماقچى بولىدۇ؟ نىمىشقا خەققە ياققان تىنىچلىق ئۇنىڭغا ياقمايدۇ؟ھەممىمىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ توپىغا ئارىلىشىپ چىرىپ تۈگەيمىزغۇ؟ مەن شاھ ئاتامغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ياۋ بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدىم. ۋىژدانىمغا ،شاھ ئاتامغا يۈز كېلەلمىگۈدەك ھىچ بىر ئىش قىلمىدىم.شۇنداق تۇرۇپ قىلغانلىرىم نىمىشقا شاھ ئاتامغا ياقمايدىغاندۇ؟نىمىشقا مېنىڭ توغرا قىلغان ئىشىمنى خاتاغا چىقىرىپ ئەيىپلەپ ئاچچىقلاپ كېتىدىغاندۇ؟
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 58- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-19

ئۇ ماڭا يازغان مەكتۇبىدا:‹‹سۈلھى ئىشىنى بىكار قىل،ياۋ بىلەن داۋاملىق جەڭ قىل ›› دەپتۇ.مەن ئۇرۇش قىلماسلىق،تىنىچ بىرەە ئكتۈش توغرىسىدا ئەفراسىياپ بىلەن ئەھدە پەيمان قىلىپ قەسەم ئىچىشكەن تۇرسام قەسىمىمدىن يېنىۋالسام قانداق بولىدۇ؟قەسەمدىن يانغانلىق خۇداغا ئاسىيلىق قىلغانلىق بولمامدۇ؟ بۇرۇنقى ئاتىلار سۆزىدىمۇ بۇ ئىش قەيت قىلىنغان ئەمەسمۇ؟ شاھ ئاتام  خۇدانىڭ،ئەلنىڭ رايىغا خىلاپ ئىش تۇتۇپ، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئۇرۇشنى قىلىپ،بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان بەدەلنى بەرگۈزۈپ ،مېنى ھەر ىككى دۇنيادا بالاغا تىقماقچى،ئەھرەمەننىڭ يولىنى تۇتۇشقا  مەجبۇر قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.ئەگەر بىز ھەققە قارشى مۇقام توۋلاپ ياۋ  بىلەن جاھىلانە جەڭ قىلىۋەرسەك بۇ يات يەردىن قايسىمىزنىڭ بېشى ئامان ئىسەن كېتەلەر؟!مەن ھازىر ئەفراسىياپ بىلەن شاھ ئاتام ئوتتۇرىسىدا قېلىپ قاتتىق تەڭلىك تارتىپ قىينىلىۋاتىمەن.قايسىسىغا يان بېسىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.بۇنداق تەڭلىك تارتىپ ئىككى تاش ئارىسىدا ئازاپلانغىچە كىچىك ۋاقتىمدىلا ئۆلگەن بولسام نىمە دېگەن ياخشى بولار ئىدى؟  ھازىرغىچە تارتقۇلۇقۇم پەقەتلا رەنجى –بالا بوپتۇ.مەن نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئازاپ چېكىپ زەھەر يۇتىمەن.باشقىلار مېنى شاھ ئوغلى شاھزادە،تەخت ۋارىسى،بەخت بۆشۈكىدە ئەللەيلەنگۈچى دەپ ئويلاپ قاتتىق ھەۋەس قىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ياش يۇمران دەرەخ ھىممەتتىن مەھرۇم بولۇپ كېچە كۈندۈز دەرت- ھەسرەتتە قېلىپ مېۋىسى زەھەر، ياپرىقى زەققۇم بولماقتا .مەن ئەفراسىياپ بىلەن سۈلھى تۈزگەندە:‹‹ تىنىچلىققا قەتئى ئەمەل قىلىمەن،ئۇرۇشتىن قول ئۈزىمەن،بىھۇدە قان تۆكمەيمەن،ۋەدەمگە مەڭگۈ خىلاپلىق قىلمايمەن›› دەپ تەڭرى نامى بىلەن قەسەم ئىچكەن تۇرسام بۇ قەسىمىمدىن يېنىۋالسام قانداق بولىدۇ؟!خۇدا ئالدىدا ئاسىي بولۇپ ئېغىر گۇناھ ئارتىۋالسام قانداق بولىدۇ؟! ئەگەر شاھ ئاتامنىڭ پەرمانىغا ئەمەل قىلىپ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرسەم تارىختا نامىمغا يامانلىق يېزىلار،ھەق مېنى ئېغىر جازاغا تارتار.تىرىكلا بولسام نەگىلا بارسام ئەل مېنى ‹‹ۋاپاسىز ،يالغانچى ،ۋەدىسىدە تۇرماس،ئىشەنچكە يارىماس،تۇرانلىقلارنىڭ قېنىنى ساتقان ساتقىن›› دەپ ئەيىپلىشىدۇ.ئەگەر ئاتامنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋەتلەشسەممۇ دىنى مىزانلارغا خىلاپلىق قىلغان بولىمەن.بۇنداق قىلساممۇ قىلغان ئىشىم تەڭرىگە ماقۇل كەلمەس.ھازىر مەن‹‹ ئۇنداق قىلساممۇ بولمايدۇ،بۇنداق قىلساممۇ بولمايدۇ.ھەريان ئويۇن كۆرسۈتۈپ پەلەك مەيلىمەە قويمايدۇ››دېگەن قوشاقنى ئوقۇش  ھالىغا چۈشۈپ قالدىم.شۇڭا ئۇزاق ئويلاپ باشقىچە چىقىش يولى تاپالمىغاچقا مۇنداق قارارغا كەلدىم. بىر مەزگىل شاھ ئاتامدىن پىنھان بولۇپ ئادەمسىز بىر يەرلەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرەي دەيمەن. بۇ مەزگىلدە بىرەر تىرىك جان مېنىڭ نامىمنى ئاڭلىمىسۇن.بۇ ھايات ئاجايىپ بىر ھايات،ئۇ بەزىدە شۇنداق قاراڭغۇ بولۇپ كېتىدۇكى ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.بەزىدە ئۇ شۇ قەدەر يارقىنكى، ھەممىلا نەرسە ئاپ –ئاشكارە بولۇپ كېتىدۇ.ئاتىلار ھەممە ئىش تەڭرى ئىرادىسى بىلەن بولۇر دەپتىكەن.مەن بىر بەندە پەلەك ئىشىنى قانداقمۇ ئۆزگەرتەلەيمەن.نىمە ئىش بولسا تەڭرى پەرمانى خاھىشى بويىچە بولسۇن.ئەي زەنگە باتۇر،شۇ تاپتا مېنىڭ ساڭا ھاجىتىم چۈشۈپ تۇرۇپتۇ.سەنمەن ئۈچۈن بىر خىزمەت قىلىپ مۈشكۈلنى يېڭىشىمگە ياردەم بەرگەن بولساڭ.يەنى ئەفراسىياپنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن گۆرۈدىكى ھەممە ئادەملىرىنى،سوغات قىلغان بارلىق مال دۇنيالىرىنى  تولۇقى بىلەن ئېلىپ ئەفراسىياپ ھوزۇرىغا ئاپىرىپ ساق سالامەت قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن،ئەھۋالدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە مېنىڭ چارىسىزلىقىمنى يەتكۈزۈپ ۋاكالىتەن ئەپۇ سوراپ كەلگەن بولساڭ.مەن تارتىۋاتقان ۋىژدان ئازابىنى يېنىكلەتكەن بولار ئىدىڭ . ;4M> 
سىياۋۇش يۇقارقى سۆزلەردىن كېيىن بەھرامغا مۇنداق دېدى: 5(W"-A}  
  -ئەي گۇدەرىز ئوغلى بەھرام،مەن ئەمدى پۈتكۈل لەشكەرنى ،ئەل ئۇلۇسنى،ۋە بارلىق لەشكىرى بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تاپشۇرىمەن.سەن تۇس كەلگۈچە بۇلارغا قاراپ تۇر  ۋە ھەممىسىنى ساق سالامەت تاپشۇرۇپ بەر. !Fw?H3X!"q  
بەھرام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ  كۆڭلى ئىنتايىن غەش بولدى.زەنگىمۇ  سىياۋۇشنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ قان يىغلىماقتا ئىدى.ئىككىسى كۆزلىرى ياش،روھلىرى چۈشكۈن،يۈرىكىدە ئوت لاۋۇلدىغان ھالدا سالپىيىپ ئولتۇرۇشاتتى.بەھرام سىياۋۇشقا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: =cN&A_L(  
  -سېنىڭ چىقارغان بۇ قارارىڭ توغرا بولمىدى.سەن ئاتاڭدىن ئايرىلىپ يات يەرلەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ھىچبىر ئامانلىق تاپالمايسەن.گۈلنىڭمۇ تىكىنى بار.ئۇ گەرچە گۈلنىڭ خىلى بولمىسىمۇ گۈلنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر. سەن مۇنداقا كەتمەي ئەھۋالىڭنى شاھ ئاتاڭغا چۈشەندرۈپ قايتىدىن بىر نامە ياز.شاھ ئاتاڭ قايتىدىن ئويلىنىپ قارار چىقارسۇن،رۇستەمنى قايتۇرۇپ كەلسۇن. ئەزەلدىن ئاتا بۇيرۇقى بالىغا پەرز دېگەن گەپ بار.شاھ ئاتاڭ سېنى نىمىگە بۇيرىسا شۇنى قىل.ئالدىراڭغۇلۇق بىلەنلا قارار چىقىرىپ، شاھ ئاتاڭدىن يامانلاپ پەش قېقىپ چىقىپ كەتسەڭ ئەل سېنى يەنىلا ئەيىپلەيدۇ.پەرزەنىت دېگەن مىڭ قىلسىمۇ ئاتىدىن كىچىك.سوغوققانلىق بىلەن ئىش باشلا،ئاتاڭدىن ئەپۇ سوراپ رايىغا باق.گۆرۈدىكىلەرنى تەلىپى بويىچە يېنىغا ئەۋەت.شۇندىلا ئۇ ساڭا ئىشىنىپ گۇمانى يېشىلىدۇ.خۇشال بولۇپ سېنى ئەپۇ قىلىدۇ.ئەگەر بۇ گۆرۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئېچىنارلىق بولىدۇ  دەپ قارىساڭ ئۇلارنى ئەۋەتىپ يۈرمەي مەشەدىلا قويۇۋەتكىن ئۆزلىرى قايتىپ كەتسۇن.ئەگەر ئۆز قولۇڭ بىلەن ئەفراسىياپقا ئاپىرىپ بەرگىنىڭنى شاھ ئاتاڭ ئۇقسا ساڭا بولغان ئاداۋىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.بۇ يەردىلا قويۇۋەتسەڭ ھىچكىم سېنى ئەيىپلىيەلمەيدۇ.ھىچكىم گۆرۈچىلەر ھەققىدە گۇۋاھ بولۇپ شاھقا دات ئېيتالمايدۇ.ئاتاڭ جەڭگە خەت ئارقىلىق پەرمان چۈشۈرىدۇ.يېنىڭغا كېلىپ ھەممە ئىشلىرىڭغا تولۇق ئارىلىشىۋالمايدۇ.دەرت دېگەن تۈگىتەلىگۈچىلەرگە چاپلىشالمايدۇ.چارىسىزلاردىن نېرى كەتمەيدۇ.جەڭ توغرىسىدا ئەفراسىياپتىن ۋايىم يېمە.ئۇ ئەزەلدىن ۋەدىسىدە تۇرماس،ئاسىلىق قىلىپ يۈز ئۆرۈمىگۈچە تىنىم تاپماس ئادەم.ئۇ ئەيىپلەپ نامە ئەۋەتكەن تەقدىردىمۇ‹‹بۇ دېگەن شاھ ئاتامنىڭ پەرمانى،ئۆز رايىم ئەمەس.ئەزەلدىن بالا ئاتىنىڭ،سەرلەشكەر پادىشاھنىڭ پەرمانىنى تۇتماق ۋە ئىجرا قىلماق پەرىز،مەندىن رەنجىمە ›› دەپ لا گەپنى ئۈزۈۋەتسەڭ بولىۋېرىدۇ.ئەفراسىياپنىڭ تولا ئاسىلىق قىلىپ شاھ ئاتاڭ ئالدىدا يۈزى قالمىغان بولغاچقا بۇ ئىشنى قايتا تەگىيەلمەيدۇ.سەن شاھ ئاتاڭغا قارىتا مۇلايىم بول،قاپاق تۈرمە،ياخشى سۆزلەر بىلەن قاتقان دىلىنى يۇمشاتقىن.شۇنداق قىلالىساڭ بەختىڭ نۇرلىرى غۇۋالاشماس.ئۇلۇغلۇق دەرىخىڭ مېۋىگە كىرەر.شاھانە دەرىخىڭ يىلتىزىدىن غۇلىماي داۋاملىق كۆكىرىپ تۇرار.ئۇنىڭ ئەكسىچە قىلساڭ زامان زۇلمى سېنى دائىم قان يىغلىتىدۇ. تاجۇ-  تەخت قانغا بويىلىدۇ.شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى ئىران تەختى ساڭا مۇھتاج.ئىران تەختى،ئوردا قەسىرلىرى سەنسىز خۇنۇكتۇر.بارلىق لەشكەر ۋە سەركەردىلەر سەن بولمىساڭ دەرمانسىز جاسارتسىز ھالغا كېلىپ قالار.مەكتۇپنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا كاۋۇس نامىنى كاللىسى قىزىپ ئاچچىقى كېلىپ قالغان چاغدا يېزىپتۇ.ھەق يولدىن، توغرا سۆزدىن ئېزىپتۇ.بۇ ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.ئاچچىقى يانغاندا ئەقلى- ھۇشىنى تاپىدۇ.ىاتا قىلغانلىقىنى بىلسە تۈزەتمەي قالمايدۇ.شۇڭا بۇ قارارىڭدىن يان،پەندىم بويىچە ئىش كۆر...  x:vu'A  
بەھرامنىڭ سۆزلىرى شۇنچە توغرا ۋە ئورۇنلۇق بولسىمۇ لېكىن سىياۋۇش توغرا تاپمىدى. ~^u16z,  

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
namatman مۇنبەر پۇلى +100 09-21 ھارمىغايسىز !
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 59- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-23

سىياۋۇش بەھرامنىڭ نەسىھەتلىىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: !R*-R.%  
   -شاھ پەرمانىدىكى مەقسەد نەزىرىمدە قۇياشتەك روشەن. پەرزەنت بولغۇچى ھەرقانداق چاغدا ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشى، ئۇلار كۆرسەتكەن يول بىلەن مېڭىشى،ئۇلار قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشلاردىن بويۇن تولغىماسلىقى كېرەك.شاھ پەرمانىدىننمۇ شۇنداق.مەن بۇ ئىككى تەرەپنى نەزەرگە ئىلغىنىمدا سەن دېگەندەك قىلسام بولاتتى. لېكىن،شاھ ئاتامنىڭ پەرمانى ۋە ئارزۇسى تەڭرى يولىغا خىلاپتۇر. مەن ئۇ پەرمانغا رۇئايە قىلىپ ئاللاھ ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بولۇشنى خالىمايمەن.تەڭرى ئەمرىنى تۇتۇش ھەممىگە ۋاجىپ.تەڭرى دېگەنكى:‹‹ يۇقۇرىسى ئادەم ۋە پىلدىن تارتىپ، تۆۋىنى سامان ۋە چۈمۈلىگە قەدەر ھىچقانداق بىر جان باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمىسۇن.ناھەق قان تۆكمىسۇن.››بۇرۇن ئەفراسىياپ بىزگە ھۇجۇم قىلىپ زىمىنلىرىمىمزنى تارتىۋالغان،داۋاملىق زىيىان سېلىۋاتقان  چاغدا بىز قوغدىنىش يۈزىسىدىن ئۇرۇش قىلساق تامامەن ھەقلىق ئىدۇق.بىز ۇئلارنى يوقاتمىساق ئۇلار بىزنى يوقۇتىۋېتەتتى.بۈەۈن بولسا ئوىشىمايدۇ.ئۇلار يامان نىيىتىدىن،تاقاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن  ياندى.ھەقىقەتكە قايتتى. زىمىنلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى.بىز بىلەن دوستلۇق ئورناتتى.دېمەك ئۇ بىزگە نىسبەتەن زىيانلىق ئادەمدىن زىيانسىز ئادەمگە ئايلاندى.مۇنداق ئادەمگە قارشى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىمەن،دوستنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇپ ئۇرۇشۇشقا مەجبۇرلايمەن دەپ ئىككى خەلىق ئارىسىدا قايتىدىن جەڭ باشلىسام تەڭرى ماڭا غەزەپ قىلماسمۇ؟! ئاسىي قارا يۈزلەردىن بولۇپ قالماسمەنمۇ؟ قىيامەتتە بۇ ئۇرۇشتا ناھەق تۆكۈلگەن قانلارنىڭ جاۋاپكارى بولۇپ قالغىنىمدا ھالىم بەكمۇ ئېچىنىشلىق بولماسمۇ؟! شاھ ئاتام ھازىر گۆرۈگە قويۇلغانلارنى ئۆلتۈرۈپ ئەفراسىياپتىن قىساس ئېلىش ،ئۇنى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغانلارنىڭ قېنىغا تەشنا بولۇپ ئولتۇرماقتا.ئەگەر مەن ئۇنىڭ رايىغا بارسام بۇ بىگۇناھ كىشىلەرمۇ ئاداۋەت قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ ئۇلارنىڭ قان قىساسىمۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلىنىدۇ.مەن ئۇنداق قىلالمايمەن.ئەگەر مەن گۆرۈدىكىلەرنى قويۇۋېتىپ ،لەشكەرلەرنىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرماي قۇرۇق  قول قايتىپ بارسام ئۇ ماڭا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ.مېنى ئوغلۇمكەن دەپ ئاياپ قويماي جازالاشتىنمۇ يانمايدۇ. قايتىپ بېرىپ دىلىمغا ئوت يېقىپ  خورلۇق تارتقاندىن كۆرە جېنىمنى ياقىغا ئېلىپ پىنھاندا ماكان تۇتۇپ ئۆزۈم بەگ ئۆزۈم خان ھالەتتە  ئادەمسىز دەشتتە قېلىپ ماكان تۇتقىنىم مىڭ ئەۋزەل.شۇڭا سىلەر مېنى تولا خىجىل قىلماي رايىمغا بېقىڭلار. $Vc~/>  
سىياۋۇشنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىككى پالۋان تەڭلا غەمگە چۆكتى.سىياۋۇشتىن ئايرىلىشنىڭ جۇدالىق غېمىدە يىغلاپ كېتىشتى.ئۇلار شۇ تاپتا خۇددى كۈچلۈك يالقۇندا قېلىپ پۈتۈن بەدىنى كۆيۈۋاتقاندەك بىئارام بولماقتا ئىدى.بۇ ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيتتى.سىياۋۇش مۇنداقلا كېتىپ قالسا كاۋۇس بۇ پالۋانلارنى ،‹‹سىياۋۇش كېتىمەن دېسە نېمىشقا نەسىھەت قىلىپ توسۇۋالمىدىڭ؟!›› دەپ قاتتىق  ئەيىپلەپ كېتىشى، غەزەپلىنىپ  جازاغا تارتىشىمۇ مۈمكىن ئېدى. پالۋانلارنىڭ دىلى سېزىپ  تۇراتتىكى،بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى دىدارلىششى بولۇپ قېلىشى،بۇندىن كېيىن قايتا  كۆرۈشەلمەي قېلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى.كاۋۇسنىڭ غەزىپىنىڭ غېمىدىن كۆرە بۇ خىل جۇدالىق تۇيغۇسى ئۇلارنى بەكرەك ئازاپلايتتى. b }T6v  
زەنگە سىياۋۇشقا بېقىپ شۇنداق دىدى: s5RjIa0$7  
  -ئەي  شاھزادە،بىزلەر سېنىڭ يېقىن دوستلىرىڭ بولۇپلا قالماي پىداكار غۇلامىڭ.دىلىمىزدا چوڭقۇر مىھرىڭ،تىلىمىزدا شۇ ئەزىز  نامىڭ تەكرار بولۇپ تۇرۇپتۇ.ھەرنە ئىش بولسا بۇ ئەزىز جېنىمىز يولۇڭدا پىدادۇر.بىزنى تاشلاپ كەتمىگەن ،بىزنى جۇدالىق ئازابىغا سالمىغان بولساڭ . "MIq.@8ra  
سىياۋش باتۇر دوستلىرىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ چوڭقۇر مىھرى مۇھەببىتىدىن قاتتىق تەسىرلەندى.شۇنداقتىمۇ قارارىدىن يانماي زەنگىگە ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: ]$U xCu  
  -بايا ھەممە گەپنى دېدىم،مەن ئەمدى باشقىچە يول تۇتالمايمەن.مەن ئەفراسىياپقا بەرگەن ۋەدە قەسىمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئاتامنىڭ رايىغا قارشى ئىش تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالدىم.ئەمدى ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بېرىشىم يوق.شۇڭا سەن بېرىپ ئەفراسىياپ بىلەن كۆرۈشۈپ مېنىڭ ئەھۋالىمدىن دېرەك بەرگىن.مەن ھازىر بىر خۇدادىن باشقا ھىچكىمدىن پاناھلىق تىلىمەيمەن.مەن ئەفراسىياپنى دەپ،ئاتا-ئانامدىن،ۋەتىنمدىن،تاجۇ- تەختىمدىن،بارلىق ئىستىقبال راھەت پاراغىتىمدىن ۋاز كەچتىم،بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭدىن ھىچ نەرسە  تەلەپ قىلمايمەن.پەقەت تۇران زىمىنىدىن ئكتۈپ كېتىشىم ئۈچۈن ماڭا يول ئېچىپ بەرگەن بولسا،مەن تۇران ئارقىلىق باشقا بىر ئەلگە چىقىپ كېتىپ بىرەر پىنھان ماكان تېپىپ شۇ يەردە يوشۇرۇنۇپ يېتىپ شاھ ئاتامنىڭ غەزىپىدىن پاناھلانماقچىمەن.مەن ئەمدى قالغان ئۆمرۈمدە كاۋۇسنى كۆرمىسەم،ئۇنىڭ پەس خۇلقىدىن سۆز ئاڭلىمىسام دەيمەن. 9}B`uJ  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى