مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9894 
  •    ئىنكاس 
       118 

سىياۋۇش قىسسىسى(شاھنامە 4-بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

ئاياللار بەزىدە شۇنداق ھىلىگەر بوپ كېتىدۇكى جان ئالىدىغان ئىشى بولسىمۇ  ئەرلەرگە چاندۇرماي كۈلۈپ تۇرۇپ ھىيلە تورى توقۇپ  بىلىندۈرمەيلا قىلتاققا دەسسىتەلەيدۇ.سەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان قايماقتەك سۆز لىرىگە  قاراپ ‹‹ئىچكى دۇنياسىمۇ شۇنداقمىكىن›› دەپ قالىسەن. بۇنداق چىرايلىق تەلەپكە كاۋۇس  ئەلۋەتتە قوشۇلماي قالمايتتى.شۇڭا ئۇ بۇ تەلەپنى ئورۇنلۇق كۆرۈپ خۇرسەنلىك بىلەن شۇنداق جاۋاپ بەردى: Ph%{h"  
  -ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭ.سەن بولساڭ ئانا،ئۇ بولسا بالا،ئوغۇلنىڭ ئانىسى يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە سىڭىللىرىنى يوقلىشى نورمال ئىش.بۇ تەلىپىڭدىن شۇ نەرسە ئايانكى سەن گەرچە ئۆگەي ئانىسى بولساڭمۇ شاھزادىگە ئۆز ئانىسىدىن چارە كۆيۈنىدىكەنسەن.بولىدۇ.مەن شاھزادىگە ئېيتىپ ھەرەمخانىغا كىرگۈزەي.ئانا –بالا راسا بىر مۇڭدىشىۋېلىڭلار.بۇ بانىدا ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن بۇيانقى دەرتلىرى يەڭگىللەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. 2WDe 34   
سۇدابە خوشال خورام قايتىپ كەتتى.كاۋۇس  سۇدابەنىڭ ھىيلە مىكرىنى چۈشەنمىگەچكە تېزلا ئالدىنىپ سىياۋۇشنى يېنىغا چاقىرتىپ كىرىپ مۇنداق دىدى: v)T# iw[  
  -ئەي ئوغلۇم،تەڭرى سېنى پاك ھەم گۈزەل يارىتىپتۇ.شۇڭا ساڭا تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھەۋىسى كېلىپ سېنى ئۆزىگە  يېقىن كۆرىدۇ.ئۇنىڭغا قارىغاندا قانداش قېرىنداشلارنىڭ مېھرى -مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ.شۇڭا قېرىنداشلار دائىم بىر بىرىنى ئىزدىشىپ، ھەرقانداق سۆزلىرى بولسا ئېيتىشىپ يېقىن ئۆتۈشىدۇ.كونىلار ‹‹ئىزدىشىپ تۇرمىسا تۇققانلارمۇ ياتلىشىپ كېتىدۇ›› دېيىشىدىكەن.ئاناڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تولىمۇ غېرىپسىنىپ قالدىڭ.ھەرەمدىكى قېرىنداشلىرىڭمۇ سېنىڭ دىدارىڭنى سېغىنىپتۇ.سەن بۇندىن كېيىن پات-پات ھەرەمخانىغا كىرىپ ئاناڭ ۋە سىڭىللىرىڭنى يوقلاپ ئۇلارغا قېرىنداشلىق مىھرىڭنى ئىپادىلەپ تۇرغىن.ئۇلار شۇ تاپتا قاملىڭغا مۇنتەزىر بولۇپ تۇرۇپتۇ. >|c?ZqW  
ئاتىسى بۇنداق دەۋاتسا سىياۋۇش قانداقمۇ رەت قىلىپ ياق دېيەلىسۇن؟!  ‹‹ياق ئاتا،كىرمەيمەن،سىز ئۇنداق دىگەن بىلەن ئانامنىڭ نىيىتى بۆلەك،ئۇنىڭ نىيىتى بۇزۇلغان،ئۇ سىزنىڭ ھەققىڭىزگە خىيانەت قىلماقچى.مېنىمۇ شەرمەندە قىلىپ ئېغىر گۇناھقا پاتۇرماقچى›› دېگىلى بولاتتىمۇ؟ eAo+w*D(  
سىياۋۇش بۇ سكزلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى.بېشىدىن ھۇشى قاچتى.نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي بىردەم جىم ئولتۇرۇپ قالدى،دەردىنى يوشۇردى.ئۇ شۇنداق گۇمان قىلدىكى، ئاتىسى ئۇنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئەتەي ئۇنى ھەرەمگە كىرىشكە ئۈندەۋاتقان بولىشى مۈمكىن ئىدى. سىياۋۇش ئەدەپ ئەخلاقلىق،ھۇشيار ۋە سەزگۈر بولغاچقا ھەرەمگە كىرىپ ئانىسىنىڭ رەزىل مەقسىدىگە يېتىشىگە ھەمشېرىك بولۇشتىن قورىقتى.ئەگەر ئۇ ئاتىسىنىڭ سۆزىگەكىرىپ ھەرەمگە كىرسە سۇدابە ئارىدىكى ئانا –بالىلىق ئار نومۇس پەدىشەپلەرنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭغا ئىنسان بالىسى قىلمايدىغان يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلاتتى.كىرمەي دېسە شاھ ئاتىسى ئارىدىكى يوشۇرۇن سىرنى بىلمىگەچكە ئوغلىدىن خاپا بولۇپ قالاتتى.شۇڭا ئۇ بىرئاز ئويلۇنۇۋېلىپ مۇنداق جاۋاپ بەردى: Xy%||\P{)  
  -ئەي شاھ ئاتا،سەن مېنى تولىمۇ ياخشى كۆرىسەن،بەكمۇ قەدىرلەپ بېشىڭدا كۆتۈرىسەن. ماڭا ھىچنىمەڭنى ئايىمىدىڭ،ئەتىۋارلاپ شاھ قىلىپ ئىشلەتتىڭ.سەن مېنىڭ ئاتاملا  ئەمەس جاھان خەلقىنىڭمۇ ئادىل غەمخان پادىشاھىسەن.خۇددى ئاسماندىكى قۇياشنىڭ نۇر ئاپتاپ ھارارىتى ناھايىتى كۆپ يەرگە چۈشۈپ سانسىز كىشىلەرنى بەھرىمەن قىلغىنىغا ئوخشاش سېنىڭ ئادالەت نۇرۇڭمۇ يەر يۈزىنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىدىكى پۇقرالىرىڭغىچە يېتىپ بارىدۇ.سېنىڭ بارلىق ئىشىڭ ئەقىل ۋە بىلىمنى يەر يۈزىگە تارىتىشتىن ئىبارەت.سېنىڭ مەدىتىڭ بولغاچقا مەيلى تاغقا چىقاي،مەيلى داۋانلىقلاردا يۈرەي ھىچقانداق يەردە ئادىشىپ قالمايمەن،قورقۇشنى بىلمەيمەن.مەن سەندىن ئادىمىلىك ۋە پەزىلەتلەردىن باشقا دانا ئادىل شاھ بولۇشنىمۇ ئۆگىنىۋاتىمەن.شۇڭا سەندىن ئايرىلمىسام ھىچنەگە بارمىسام دەيمەن.ھەرەمخانىغا خوتۇنلار ئارىسىغا كىرسەم ئۇ يەردە نىمىمۇ ئۆگىنەلەرمەن؟ ئەگەر سېنىڭ پەرمانىڭ شۇ بولسا ‹‹كىرمەيمەن›› دېيىشكە ھەددىم ئەمەس. "AZ|u #0P  
-ئەي ئوغلۇم،دائىما شادىمان بولغىن.ھەرقانداق ئىش قىلساڭ ئەقلىڭ بىلەن قىلغىن.ئەقلىڭ ھەمىشە ساڭا يار بولسۇن.مەن سېنىڭ ئەقىل بىلەن قىلغان سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولدۇم.سەن پاك نىيەت ساددا ئوغۇلسەن.قىلچە يامانلىقنى بىلمەيسەن.مۇشۇ پاك نىيەتلىكىڭ مەڭگۈ ساڭا ھەمراھ بولسۇن.ساڭا يەنە بىر نەسىھىتىم غەم ئادەمنى قېرىتىدۇ.شۇڭا دائىما شادىمان بولغىن.قايغۇلۇرۇڭنى سۈپۈرۈپ تاشلا.مەن سېنىڭ ھەرەمگە كىىرىپ قېرىنداشلىرىڭ بىلەن تونۇشۇشۇڭنى،ئۇلار بىلەن ئاكا- سىڭىللىق مىھرى مۇھەببەتنى چىڭىتىپ مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈشۈڭنى، مەندىن كېيىن قالساڭمۇ ئۇلاردىن مېھرى مۇھەببىتىڭنى ئايىماي قېرىنداشلىق شاپائىتىڭدىن دائىما بەھرىمەن قىلىپ تۇرۇشۇڭنى سورايمەن.ئۇلار ساڭا ئامراق،سېنى كۆرسە خۇشال بولۇشىدۇ.قاتتىق يايراپ قىنىغا پاتماي قالىدۇ. O Bcz'f~  
-بولىدۇ ئاتا،ئەمىسە ئەتە تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ھەرەمخانىغا كىرىپ خاھىشىڭىز بويىچە ئىش كۆرەي. Wlxmp['Bh  
سىياۋۇشنىڭ جاۋابىغا مۇنۇ نەزمە دەلىل: QRvyaV  
مانا مەن تۇرىمەن ھۆكمىڭنى سۈيلەپ، a7c`[   
پەرمانىڭغا قەلىب،جان ،بېلىمنى باغلاپ. *1Bq>h:  
بېرىشقا بۇيرۇقۇڭ بىلەن ھازىرمەن، jhf# gdz%  
ئەگەردە قۇللۇققا بولسام قادىرمەن. ~CT]&({  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

سىياۋۇشنىڭ سۇدابە ھوزۇرىغا كىرگەنلىكى >t3_]n1e  
ھىربەد ئىسىملىك كۆڭلىدىكى بارلىق يامانلىقلىرى ئەبەدىلىك قوغلىۋېتىلگەن بىر ئادەم بار ئىدى.ئەشۇ ئادەم كاۋۇسنىڭ ھەرەمخانىلىرىنىڭ  پاسىبان ئىتى ئىدى.بارلىق ھەرەمخانىلارنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.ئەنە شۇ پاسىبانغا شاھتىن پەرمان كەلدى: 5P\>$N1p  
-ئەتە تاڭ ئېتىپ قۇياش چىققاندىن كېيىن سىياۋۇش قېشىڭغا بارىدۇ.ئۇنىڭ خىزمىتىگە ھۇشيار بول.ئۇ سەندىن نىمىنى تەلەپ قىلسا جانپىدالىق بىلەن ئورۇنلا.سۇدابەگە بېرىپ ئېيت ،ساندۇقلىرىنى ئېچىپ،سىياۋۇشنىڭ قەدەم رەنجى ئۈچۈن گۆھەر ياقۇتلىرىنى چېچىپ،ئۇنى زور ھۆرمەت بىلەن كۇتۈۋالسۇن. 8{jXSCP#  
كېنىزەكلەر بىلەن سىڭىللىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىباشلىرىغا مۈشكى ئەنبەرلەرنى چېچىپ ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۆرۈشسۇن. aO (PVS|P  
دىگەندەك ئەتىسى قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن سىياۋۇش ھوجرىسىدىن قوزغۇلۇپ شاھ ئاتىسىنىڭ ھوزۇرىغا كىردى.ئاتىسىنىڭ تەختى ئالدىغا كېلىپ تەخت پايىسىنى سۆيۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى.ئاتىسى ھەققىدە شۈكرى ۋە ھەمدى سانالارنى ئوقۇپ ھۆرمەت ۋە ساداقىتىنى ئىپادىلىدى.كېيىن ئاتا -بالا بىراز ۋاقىت پىنھان پاراڭلاشتى.كېيىن سۆھبەت تۈگىگەندە  شاھ ھىربەدنى چاقىرتتى.ھىربەرد شاھنىڭ يوليۇرۇقلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن،شاھ سىياۋۇشقا قاراپ مۇنداق دىدى: \W .CHSD  
  -ئوغلۇم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغىن،تۇققانلىرىڭنىڭ دىدارىنى كۆرۈپ ،ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ كۆڭلۈڭنى كۆتۈرۈپ كەلگىن. bFX{|&tHU  
ئىككىسى خوشاللىق ئىلكىدە بىرگە مېڭىىپ ھەرەمخانا ئالدىغا كەلدى.ئەمما ھىربەد ھەرەمخانا ئىشىكىنى ئاچقاندا سىياۋۇشنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنۇچ كىرىۋالدى.ھەرەم ئەھلى سىياۋۇش كەلگەندىن كېيىن شاتلىق بەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ناخشا سازلارنى ئاڭلاش، كۈلكە چاىچاقلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرۇشۇۋاتاتتى.خانىلار باشتىن ئاياغ ھەشەمەتلىك بىلەن بېزىتىلگەن بولۇپ،  ھەر تەرەپتىن مۈشكى ئەنبەرنىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇراتتى. كېنىزەكلەر سىياۋۇشنى كۆرگەن ھامان قوللۇرىدىكى ئالتۇن جامللاردىن  گۆھەر ياقۇت،ئالتۇن كۈمۈش تىللالار ۋە دىرھەملەرنى ئۇنىڭ ئايىقى ئاستىغا  چېچىپ قىزغىن قارشى ئېلىشتى.ھوجرىلار چىن شايىلىرى بىلەن ئورالغان ، ئېسىل زىننەتلەنگەن ھوجرا بۇيملىرىدىكى دۇرلار جۇلاسىدىن ھەممە يەر يوپ- يورۇق كۆرۈنەتتى.ھەرەم خانلار بەئەينى بىھىش كەبى بېزىتىلگەن ئىدى.خانىش –مەلىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىدا ياقۇت تاجلار چاقناپ تۇراتتى.خانىش مەلىكىلەر،كېنىزەكلەردىن تارتىپ بارلىق ھەرەم ئەھلىنىڭ ھەر بىرى بىر-بىرىدىن گۈزەل بولۇپ،گۈزەللىكتە بىر بىرىگە خىرىس قىلىشاتتى.  كېنىزەكلەر چېلىۋاتقان تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋاپلاردىن شوخ مۇزىكىلار ياڭراپ تۇراتتى... 6^gp /{  
زىياپەت ئۈچۈن ھەممە تەييارللىقلار پۈتۈپ، كېرەكلىك نەرسىلەر تەخ قىلىنىپ بولغان ئىدى. تۆردىكى گۆھەرلەر بىلەن نەقىش ئويۇلغان، يالتىراپ تۇرىدىغان ئالتۇن تەختكە ئەتلەس شايىلار تاغدەك دۆۋىلەپ قويۇلغان ئىدى.تەخت ئۈستىدە سەرۋى قامەت مەھلىقا سۇدابە  ھۆسنىدىن نۇر ياغدۇرۇپ ئولتۇراتتى. ئونىڭ ھۆسنى ۋە قىياپىتىنى مەدھىيەلەپ  فىردەۋسى مۇنداق نەزمە يازغان: p[C"K0>:_F  
تەختتە سۇدابە سەرۋ قەد  مەھلىقا، ]gq)%T]  
ھۆسنىدە گۈلزارنىڭ ئۆزى مۇتلەقا. 8X7??f1;Y  
قارا مۈشىك زۇلپىن قىلىپتۇ شىكەن، w w^\_KGu7  
نۇر چېچىپ ئولتۇرار سۇھەيلى يەمەن. %XG m\p  
بېشىدىكى تاجى پەلەكتىن بەلەند، PT2;%=f  
تۆۋەنگە چۈشۈپ تۇرار مۈشىك كەمەند. rw'+2\  
كېنىزەك ئالتۇن كەشىن تۇتۇپ تۇرار ، E L CNf   
جان پىدا ھەر ئىماسىنى بايقاپ تۇرار . KrpIH6  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 14- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

V"# 0\ |]m  
^EUR#~b5iy  
2w.FC  
_BewaI;w  
باشقۇرغۇچىلار بۇ رەسىمنى تەھرىرلەپ چوڭايتىپ قويغان بولساڭلار بولاپتىكەن. &ivU4rEG  
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-09-29 04:56 AM دە ]

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 15- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

ھەرەمگە سىياۋۇش كىرىپ كەلگەن ھامان سۇدابە تەختتىن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك چۈشۈپ سەرۋىدەك قەددىنى كاماندەك ئىگىپ تازىم قىلىپ كەتتى.ئاندىن ئۇنى تەختكە ئېلىپ چىقىپ  ئۇزاققىچە قۇچۇقىغا ئېلىپ ئولتۇردى. سىياۋۇش قۇچىقىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولسا قويۇپ بەرمەي يۈز كۆزلىرىگە ئارقىمۇ- ئارقا سۆيۈشكە باشلىدى. دىدارىغا قاراپ –قاراپ قانمىدى.ئۇ  شۇ ھەركەتلىرىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ شۇنداق دەيتتى: phDIUhL$z  
-سېنى ماڭا يەتكۈزۈپ بەرگەن خۇداغا مىڭ مىراتىۋە شۈكۈر.مەن ساڭا ئاشىق بولغاندىن بېرى نامىڭنى زىكىر قىلپ كەلدىم.ھىچكىمنىڭ سېنىڭدەك گۈزەل ھەم دانا پەرزەنتى يوق.شاھلىقىمىزغىمۇ سېنىڭدىن ئېشىپ چۈشكىدەك ياخشى ۋارىس يوق... *9n[ #2sM<  
سىياۋۇش سەزدىكى بۇ  بىر ئانىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان ئانىلىق مېھرى ئەمەس ئىدى.ئەگەر بۇ مىھىر بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە سىياۋۇشنى بىر بالاغا تىقماي قويمايتتى.ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ ‹‹مىھىرلىك قۇچاق››تىن تەستە ئاجراپ ، سىڭىللىرىنى كۆرۈشنى باھانە قىلىپ بۇ ھوجرىدىن چىقىپ كەتتى. @* hv|zjs  
سىڭىللىرى بۇ ئاكىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قەدەم تەشرىپىگە ئاپىرىنلار ئېيتىپ  ئۇنى شاھانە زەررىن كۇرسىغا ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرغۇزدى.ئۇ سىڭىللىرى بىلەن ئۇزاققىچە مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆزىنىڭ پاكلىق بىلەن ھەرەمدىن  قايتالىغىنىغا خوشال بولۇپ ئوچۇق چىراي ھالدا ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىردى.ئۇ مەيۇس ھالدا ئاتىسىغا ھەرەمنىڭ پارىڭىنى قىلىپ بېرىپ شۇنداق دىدى: 9'( _*KSH  
  -ئەي شاھ  ئاتا، ھەرىمىڭگە باردىم .ئۇ يەردىكى ئاجايىباتلارنى كۆردۈم.پۈتۈن جاھان بايلىقلىرى ئايىقىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكنى بايقىدىم.ئۇ يەردە ئاشكارە بايلىقلارمۇ،پىنھان بايلىقلارمۇ تولۇپ تېشىپ تۇرۇپتۇ.بۇرۇنقى ئۇلۇغ شاھلاردىن ھۇشەڭ،جەمشىد،پەرىدۇنلارنىڭ ھىچقايسىسى بايلىق ۋە ئۇلۇغلۇقتا ساڭا يېتەلمەيدىكەن.ساڭا ئاللاھ يار ئىكەن. ?h`,@~6u  
كاۋۇس بۇ سۆزلەردىن خۇشال بولۇپ ساراينى مىسلى باھاردەك بېزەتتى.مەي ۋە شەربەتلەرنى تەييارلاپ بەزمە ئۇيۇشتۇردى.بەزمە ئارقىلىق كۆڭۈللىرىنى شاد قىلىپ ھايات تەشۋىشلىرىنى ئۇنتۇشتى. e,OXngC  
بەزمە كەچكىچە داۋام قىلدى.ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرى پانۇس كەبى يېقىلغاندا كاۋۇس بەزمىدىن يېنىپ ھەرىمىگە كىردى.سۇدابە بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا  سىياۋۇش ھەققىدە بايقىغانلىرىنى سۆزلەشنى بۇيرۇپ مۇنداق دىدى:  C6gSj1  
   -سەن بۈگۈن سىياۋۇش بىلەن كۆرۈشتۈڭ،ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تولىمۇ تۇيغۇن كېلىدۇ.بۈگۈن سىياۋۇش ھەققىدە نىمىلەرنى بايقىغان بولساڭ بىرىنىمۇ يوشۇرۇپ قالماي ھەممىسىنى سۆزلە! ئۇنىڭ رايىدىن،ئەقلىدىن،قەددى قامىتىدىن،گۇپتارى( گەپ سۆزلىرى)دىن،ئالغان تەلىملىرىدىن بايقىغانلىرىڭنى ماڭا سۆزلەپ بەر.ئۇنىڭ ئەقىل –دىتى ساڭا يارىدىمۇ؟ ئۇ شان شۆھرەتكە،ماختاشقا،ئىزىمغا ۋارىسلىق قىلىشقا لايىق كېلەمدىكەن؟ M.H!dZ  
-ئەي بەنەزەر شاھ،سەندەك دىتى يوق شاھنى ھىچبىر تەخت ۋە سىپاھ كۆرۈپ باقمىغان.پۈتۈن جاھاننى ئىزدىسەڭ سەن ئېيتقان تەرەپلەردە ئوغلۇڭنى بېسىپ چۈشكىدەك ئىككىنچى بىرى تېپىلمايدۇ.بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەش ياكى سىر يوشۇرۇش كېرەكمىكەن؟ ~ T}D#}  
-ئۇنداق بولسا ئۇ بويىغا يەتكىچە ساقلايلى.يامان كۆز،يامان سۆزلەردىن خالى بولۇپ مۇشۇ پېتىچە ئۆتۈپ تۇرسۇن . }zA|M 9%E  
-ئەي جۇپتى ھالالىم،مەن بۇ پەرزەنتىڭنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم،ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويغۇم كەلمىدى.مېنىڭچە ،مېنىڭ پۈشتۈمدىن بىر قىز تېپىپ ئۇنىڭغا ھالال جۈپلۈككە چېتىپ قويايلى.ياتلار سىياۋۇشتەك ياخشى ئوغۇلغا ياتلىق بولۇشتەك بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋالمىسۇن.ئەگەر  مېنىڭ قىزىممۇ ئاتىسىغا ئوخشاش نۇرانە ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەرسە  ،ئۇمۇ ئوغۇللار ئىچىدە شان شۆھرەتلىك بولۇپ ئۆسۈپ شانىمىزغا شان قوشماسمىدى.ئەگەر ئۇنى مۇۋاپىق كۆرمىسەڭ سېنىڭ جەمەتىڭدىكى كەيارەس،كەيپەشىن ئۇرۇقىدىكىلەرنىڭ قىزلىرىدىن بولسىمۇ بولىدۇ. VY/r2o#  
-مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ شۇنداق ئىدى.ئەگەر ئوغلۇمغا جەمەتىمدىكىلەرنىڭ بىرىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن نەۋرە كۆرسەم ئالەمچە شاتلىناتتىم. UusAsezm:  
ئەتىسى سىياۋۇش ئاتىسىنىڭ ئالدىغا سالامغا كەلگەندە كاۋۇس مەسلىھەتكە بىنائەن ئۇنىڭغا كېلىن توغرىلىق ئېغىز ئاچتى: I 6WHC*  
  -ئەي ئوغلۇم، ھازىرغىچە ھاياتىم تەشۋىشتىن يىراق تىنىچ ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ ،لېكىن دىلىمدا يوشۇرۇن ساقلاپ يۈرگەن بىر ئارزۇيۇم بار. يەنى سېنى تېزراق ئۆيلەپ قويسام ،خۇددى سېنىڭدەك چېھرى  نۇرانە نەۋرىدىن يەنە بىرنى كۆرسەم دەيمەن. مۇبەد ۋە مۇنەججىملەرنىڭ پالىدىن قارىغاندا سېنىڭ پۇشتۇڭدىن شۇنداق ئۇلۇغ بىر شەھرىيار چىقىپ پۈتۈن جاھاننى ئىلكىگە ئالارمىش.ئۇنىڭ نامى ئالەم ئارا مەشھۇر بولۇپ مەڭگۈ يادىكار بولۇپ قالارمىش.مەن ساڭا ھەر بىر باققىنىمدا ئاتىلىق مىھرىم قوزغۇلۇپ ئېيتقۇسىز شاتلىققا تولىمەن.سەنمۇ سۆزۈمگە كىرىپ تېزراك ئۆيلىىنىش كويىغا كىرسەڭ، نەچچە يىلغا قالماي سەنمۇ  پەرزەنتلىك بولۇپ، مەن تېتىغان  بەختنىڭ تەمىنى تېتىيالىغان بولاتتڭ.شۇڭا بۈگۈن سېنىڭ ئۆيلىنىشىڭنى قارار قىلدىم.بىزنىڭ كەي  جەمەتىمىزدىكى ئۇلۇغلارنىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ماڭا كېلىنلىككە تاللىغىن. توي دىگەن كۆڭۈل ئىشى،ئۆمۈر سودىسى   بولغاچقا كىلىننى مەن تاللاپ بەرسەم بولمايدۇ .قىز  تاللاشتا ئۆزۈڭ ھەركەت قىل.كەيپەشىن قەسرى بىلەن كەيارەس ھەرىمىگە ئۆزۈڭ كىرىپ، قىزلىرىنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ مەلىكە  تاللا. دىتىڭغا ياققان قىزنى تاپقاندا ماڭا بىشارەت بەرگىن.مەن سەن تاللىغان شۇ قىز بىلەن تويۇڭلارنى قىلىپ قوياي. *effDNE!  
-ئەي ئاتا،سەن بولساڭ ئۇلۇغ شاھ،مەن بولسام دەرگاھىڭدىكى سادىق بىر خىزمەتكارىڭمەن.مەن كىمنى تاللىشىمدىن قەتئى نەزەر، ئىشنىڭ ئاخىرى يەنىلا سېنىڭ ھۆكمىڭ بويىچە بولىدۇ.شۇڭا بۇ ئەركىنلىكىمنى يەنىلا ئۆزۈڭگە بېرەي.نىمە دېسەڭ سۆزۈڭگە كىرەي.سەن ئۆز جەمەتىڭدىكىلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئەقىللىق،بىلىملىك،شەرمى- ھايالىق قىزدىن بىرنى تاللاپ ماڭا ئۆزۈڭ چېتىپ قويغىن.نىمىشقا دېسەڭ،مىنىڭ قىز تاللىماقچى بولغىنمىنى سۇدابە ئانام ئاڭلىسا ئۆز قىزلىرىدىن بىرەرنى ماڭا چېتىپ قويۇش ئۈچۈن شاپاشلاپ ئىشىمىزنى بۇزىدۇ. مېنىڭ ئۇنىڭ ھەرىمىدىكىلەر بىلەن ئىشىم يوق.شۇڭا بۇ ئىشقا ئۇ قول تىقىپ بولغىچە تېزراق تۇتۇش قىلىپ ئىشنى پۈتتۈرۈۋالايلى. قىزنى سەن تاللاپ بەرسەڭ ئۇمۇ بىرنىمە دېيەلمەيدۇ. _ (b4|hJ'  
-ئەي ئوغلۇم،بۇنداق يامان ئويلارنى كۆڭلۈڭدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋەت.بىز ھەممىمىز ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمىز.ئالىدىغان قىزىڭنى تاللاش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، سېنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى.سۇدابەنىڭ دىگەن سۆزلىرىنى كۆڭلۈڭدىن چىقىرىۋەت.ئۇ  نېمىلا دىسە ساڭا دۈشمەنلىك نىيىتىدىن ئەمەس بەلكى، مىھرىبانلىقى كۆيۈمچانلىقىدىن قىلىدۇ. 0of:tZU  
ئاتىسىدىن بۇ قەدەر سۆزلەرنى ئاڭلاپ سىياۋۇش قاتتىق خوشال بولدى.كۆڭلىدىكى غەمكىن ئويلىرى يوقالدى.مۇشۇنداق كۆيۈمچان، غەرەز ئۇقۇدىغان، ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان بىر ياخشى ئاتىسى بولغانلىقىدىن شەرەپ ھىس قىلدى.ئۇ تەشەككۈر يۈزىسىدىن ئاتىسنىڭ ئالدىدا يەر سۆيۈپ رازىمەنلىكىنى ئىپادىلىدى.ئاندىن سۇدابەنىڭ خەۋىرى بولمىغان  ئاساستا بۇ ئىشنى پۈتتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ئاتىسى بىلەن پىنھان مەسلىھەتكە چۈشۈپ كەتتى. u9;3Xn8  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 16- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

سىياۋۇشنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھەرەمگە كىرگەنلىكى 1i Y?t  
شۇنداق ئىشلار بىلەن تۈن ئاخىرلىشىپ كۈندۈز باشلاندى.سۇدابە تەختىدە شات- خورام ئولتۇراتتى.بېشىدىكى قىزىل ياقۇتلۇق تاجى كۈندەك يالتىرپ تۇراتتى.ئۇ قىزلىرىنى چاقىرىپ كىرىپ، ئالتۇن كۇرۇسلاردا  ئولتۇرغۇزدى.ھەر بىرىگە بىردىن گۈزەل كېنىزەكنى بۇيرۇپ  ، كۆڭۈل قويۇپ پەداز قىلدۇرۇپ ئاجايىپ چىرايلىق ياساندۇردى.بۇ ئىشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھىربادنى چاقىرتىپ كىرىپ ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈردى: b4^a zY  
  -سەن تېزدىن سىياۋۇشقا بېرىپ مۇددىئايىمنى يەتكۈز.ھەرەمخانامغا كىرىپ مەن بىلەن كۆرۈشسۇن.بۇ ياشنىغان باغ ئېرەملەرنى كۆرۈپ ھۆسنىنى تاماششا قىلسۇن. Y$q--JA  
ھىرباد شۇ ھامان شاھ ئالدىغا چېپىپ بېرىپ سۇدابەنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزدى.كاۋۇسمۇ بۇ تەلەپنى رەت قىلىشقا چارىسىز قېلىپ سىياۋۇشنى كىرىشكە بۇيرۇدى.سۇدابەنىڭ بۇ ئىشىدىن سىياۋۇشنىڭ قەددى پۈكۈلۈپلا قالدى.چىرايىنىڭ قېنى قېچىپ كەھرىۋا رەڭگىگە كىردى.كىرمەسلىك ئۈچۈن چارە ئىزدىگەن بولسىمۇ مۇۋاپىق چارە تاپالماي خۇداغا نالە قىلدى.ئۇ دەرت ئەلەمدىن يۈرىكى مىڭ پارە بولغان ھالدا ئاخىر ھەرەمگە كىرىشكە مەجبۇر بولدى. aj+I+r"~  
بېشىغا ياقۇت تاج كىيىپ، چاچلىرىغا  قىممەت باھا گۆھەرلەردىن  بېزەك تاقىغان سۇدابە سىياۋۇشنى كۆرۈپلا يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ خوشلىقىدىن نەچچە  تازىم قىلىپ كەتتى.كېيىن سىياۋۇشنى يەنە ئالتۇن تەختكە چىقىرىپ ئولتۇرغۇزدى.قىزلىرىنى بىر بىرلەپ چاقىرىپ كىرىپ سىياۋۇشنىڭ ئۇدۇلىدىكى تەختلەردە ئولتۇرغۇزۇپ سىياۋۇشقا كۆرسەتتى. ئوبدابراق كۆرۈپ چىقىشقا ئۈندەپ شۇنداق دىدى: YWhS<}^  
  -ئەي ئوغلۇم،بۇ تەختلەرگە ئوبدانراق قارا،ئۇلاردا ئالتۇن كۇلاھ كىيگەن بىر بىرىدىن ئۇز سەنەملەر ئولتۇرۇپتۇ.ھەممىسى تېخى ئەركەك چىۋىنمۇ قونۇپ باقمىغان نارىسىدە قىزلار.ھەممىسىلا بىلىملىك،شەرمى ھايالىق،ھۆسنىنى گۈل دىسەڭ گۈل،ئاي دىسەڭ ئاي دېگۈچىلىكى بار.نازغا تولغان ۋۇجۇدىغا ئوبدانراق نەزەر سال.قايسىسى نەزىرىڭگە خۇش كېلەركىن؟! imS&N.*3m  
بۇ قىزلار بىر –بىرىدىن گۈزەل،بىر بىرىدىن سەرۋى قامەت بولۇپ، شۇ زاماننىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇشقا مۇناسىپ يىپ ئۆتكۈزۈلمىگەن گۆھەرلىرىدىن ئىدى. am WIA`n=  
شاھزادە ئۇلارغا بىر بىرلەپ نەزەر تاشلىدى.ئۇلارمۇ شاھزادىگە نەزەر تاشلاپ ئۇنىڭ مىڭ يىگىتنى بېسىپ چۈشكىدەك تەڭداشسىز ساھىپ يۈزىدىن ھۇشىنى يوقۇتۇپ ئىختىيارسىز ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كېتىشتى.ئۇلاركۆڭلىدە شۇنى ئويلىشاتتى:‹‹نەقەدەر خۇشچىراي يىگىت بۇ؟ئاسماندىكى تولۇن ئايمۇ ئۇنىڭ ھۆسنىدىن شەرمەندە بولۇپ قلغۇدەك؟!››  سىياۋۇش تېخى ئۇلارنى تاللىماي تۇرۇپ ئۇلار بىر -بىرىدىن سىياۋۇشنى قىزغىنىپ قەلبىدە ھەسەتنىڭ  يوشۇرۇن ئۆچمەنلىكلىرى پەيدا بولۇشتى. 5geZ6]|  
سىياۋۇش نەزەر سېلىپ بولغاندىن كېيىن جىممىدە يەرگە قارپ ئولتۇرۇۋېلىپ ئىندىمىدى. n@e|PWu  
سۇدابە قىزلىرىنى چىقىرىۋەكەندىن كېيىن سىياۋۇشقا قاراپ مۇنداق دىدى: ( (mNB]sy  
  -ئەي ئوغلۇم، قاچانغىچە كۆڭلۈڭنى خامۇش تۇتۇپ شاتلىقتىن قېچىپ يۈرىسەن؟قىزلىرىمدىن قايسى بىرى كۆڭلۈڭگە مەقبۇل كەلدى؟ سەن ھەقىقەتەن گۈزەللەرنىڭ سەردارىسەن.ھۆسنىڭنى پەرىلەر كۆرسىمۇ قۇللۇق قىلىدۇ.قايسى بىر جاناننىىڭ ساڭا كۆزى چۈشسە،شۇئان ئەس ھۇشىنى يوقۇتۇپ ئىشقىڭنىڭ دىۋانىسىغا ئايلىنىدۇ.قېنى ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن بېقىپ  جاۋاپ بەرگىنە، قىزلىرىمدىن قايسىسىنى كۆڭلۈڭ خالىدى ؟ {u7_ 
سىياۋۇش يەنىلا گەپ قىلماي جىم ئولتۇراتتى. ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇشۇ سۇدابەنىڭ كۈندەشلىكى سەۋەپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ كوڭلىدىن مۇنۇ ئويلار كەچمەكتە ئىدى:‹‹دۈشمەننىڭ قىزىنى يار تۇتۇپ قوينىغا كىرگىنىمدىن، پاك تېنىمنى كېپەنگە ئورىسا، ماڭا شۇ ياخشى ئىدى.چوڭ كىچىك پالۋانلارنىڭ ھەممىسى ھەماۋەران شاھى ھەققىدە داستان سۆزلىشىدۇ.بۇ شاھ زالىم ۋە ھىيلىگەر بولۇپلا قالماي قىزى سۇدابەمۇ ئۇچىغا چىققان قارا نىيەت بۇزۇق بىرنىمە.ئۇ ئاتامنى كاردىن چىقىرىپلا قالماي، يوشۇرۇنچە بۇزۇقچىلىق قىلىپ نۇرغۇن ئىران پالۋانلىرىنىمۇ يولدىن چىقارغانمىش.مۇشۇنداق دۈشمەن بىلەن تۇققان بولۇشسام قانداق بولىدۇ؟!›› n;dp%SD  
سىياۋۇش يەنىلا گەپ قىلماي جىم ئولتۇرۇۋەردى.بەزىدە جىم ئولتۇرۇۋېلىشمۇ باشقىلار ئۈچۈن مىڭ ئېغىز سۆزدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ. k3"Y!Uha:  
سۇدابە پەردىدىن يۈزىنى ئېچىپ سىياۋۇشقا مۇنداق دىدى: Y1F P |  
-    يېڭى ئاي يېنىدا قۇياشنىڭ چاراقلاپ نۇر چېچىپ تۇرىدىغانلىقىنى يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.ئاي خىرە كۆرۈنگەندە ئۇنىڭ سىرىنى ئىزدىمە.مەن سېنىڭ قۇچۇقۇڭدا قۇياش بولالايمەن.ماڭا ئوبدانراق قارا،بېشىمدىكى ياقۇت تاج،ئۈستۈمدىكى بىباھا شايى كىيىملەر زىبالىقىمغا ھەسسە قوشۇپ تۇرۇپتۇ.ماڭا كىمنىڭ نەزىرى چۈشسە باشقا مەھلىقالارغا قىيا بېقىپمۇ قارىمايدۇ.ئەگەر سەن سۆزۈمگە كىرىپ مەن بىلەن ئەھدە پەيمان قىلىشساڭ، قوش پايدىغا ئېرىشىسەن.بارلىق ئىشلىرىڭنى ئاسان قىلىمەن.نارىسىدە قىزىمنى قوينۇڭغا سېلىپ بېرىپلا قالماي ،مەن ئۆزۈممۇ مەشۇقۇڭ بولۇپ ھەرۋاقىت كۆڭلۈڭنى ئاچىمەن.شاھ ئاتاڭ قېرىدى،تۆت كۈنلىكىلا قالدى.ئۇزاققا قالمايلا ئىران تەختىنى ۋە مېنى ساڭا يادىكار قىلىپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ. ھازىر سۆزۈمگە كىرسەڭ  ئۇ چاغدا ھەممە نەرسە سېنىڭ بولىدۇ. ماڭا ۋەدە بەر، دىگىنىمنى قىلىشقا،ھىچبىر سۆزۈمدىن چىقماسقا قەسەم قىل.ئۇنداق بولمايدىكەن، مىنىڭ قولۇمدىن ھەرقانداق يامانلىق كېلىدۇ.كۆپ جاپا تارتىپ قالىسەن. T xwZ3E  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 17- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

-    سۇدابە ئەنە شۇنداق تەھدىت ئارىلاشقان شىرىن سۆزلەرنى قىلىپ، قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلەرنى تەڭ ئىشقا سېلىپ، سىياۋۇشنىڭ گەپ قىلماي جىم ئولتۇرغان ھالىتىنى غەنىمەت بىلىپ ئۇنى يەنە قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ شەرمى ھايانى قايرىپ تاشلاپ، ھەدەپ شەرمەندىلەرچە سۆيۈشكە، غىلجىڭلاشقا باشلىدى.نومۇستىن سىياۋۇشنىڭ تاقىتى تاق بولدى.يۈزلىرى قىپ قىزىل بولۇپ كەتتى.ئەلەملىك ياشلىرى قىزارغان يۈزلىرىنى بويلاپ بىر بىرلەپ دومىلاپ چۈشمەكتە ئىدى.ئۇ كۆڭلىدە ئۇيلايتتى:‹‹ماڭا ھازىر ئادەم ئەمەس بىر چىشى ئەجدىھا يېپىشتى.مەن بۇنداق يۈزى قېلىن بۇزۇققا ئاشىنا بولۇپ ئاتامغا بىۋاپالىق قىلسام ،تەڭرىمۇ مېنى كەچۈرمەيدۇ.ئەگەر مەن بۇ ئەھرەمەنگە غەزەپ قىلىپ قوپال سۆز قىلسام ،ئارىمىزدا ئاداۋەت پەيدا بولىدۇ. بۇ يامان خوتۇن مەن توغرۇلۇق تۈرلۈك پىتنە ئىغۋالارنى تارقىتىپ، ئاتام بىلەن دۈشمەنلەشتۈرۈپ قويىدۇ.ئاتامنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ دۈشمىنىنى كۆپەيتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلماي يۇمشاق ۋاستە قوللۇنۇپ ‹‹تىلى باشقا، دىلى باشقا›› دىگەندەك قىلىپ پاكلىقىمنى ساقلاي!›› . شۇنىڭ بىلەن سىياۋۇش شىرىن تىل بىلەن يالغاندىن ئۇنىڭ رايىغا باقتى: FaC;vuSpy  
-سەنمۇ مىنىڭ جانانىمسەن،يەتتە ئىقلىمدا كەم تېپىلىدىغان يىگانىمسەن.سەن شۇنداق گۈزەلسەنكى، ئاسماندىكى ئايمۇ ئالدىڭدا خىجىل بولۇپ بۇلۇت ئارىسىغا  مۆكۈۋالىدۇ.بۈگۈن ماڭا سېنىڭ قىزىڭ بولسا شۇ يېتەرلىك.ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىم كېرەك ئەمەس.سەن تېزدىن ئىران شاھىنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيت.قۇلاق سالغىنكى شۇ پەيتتە ئۇ نىمە دەپ جاۋاپ بېرەركىن؟ مەن ساڭا ئەمەس قىزىڭغا كۆڭۈل بەردىم.دىلىممۇ،تىلىممۇ روھى- راۋانىممۇ شۇ.مەن شۇنداق قەسەم قىلايكى ئۇ مېنىڭ يېشىمغا يىتىپ مەن بىلەن  توي قىلالىغۇدەك بولغىچە ساقلاپ تۇرىمەن.باشقىغا ھەرگىز قارىمايمەن.سەن بايا مېنىڭ چىرايىم ھەققىدە سۆز ئاچتىڭ،مەن سېنى ئەتەي كۆيدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق بولۇۋالمىغان.مىنىڭ چىرايىم تەڭرىنىڭ ھەدىيىسى،ئۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم يوق.سەن بۇ سىرنى پىنھان تۇتۇپ ھىچكىمگە بىلدۈرمە. مەنمۇ مەخپى تۇتىمەن.ئەي باتۇرلار بانۇسى بولغان ئەقىللىق سەنەم،مەن سېنى ئانام ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلەيمەن.شۇڭا ئانام تۇرۇپ ماڭا باشقىچە نەزەردە قارىمىغىن! Q0I22?  
سىياۋۇش شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرەمدىن چىقىپ كەتتى. gh3XC.&  
سۇدابەنى ئىشىق دەردى داۋاملىق قىينىماقتا ئىدى.كەچقۇرۇن كاۋۇس شاھ يەنە ھەرەمگە كەلدى.سۇدابەنىڭ تۈمەنمىڭ ھىيلە نەيرەڭلىرىنى بىلمەستىن، تەڭلەپ تۇرغان كەمەندىگە بەنىد بولغىلى كەلدى.ئۇ سىياۋۇشنىڭ ھەرەمگە كىلىپ قىزىنى تاللىغانلىق ‹‹خوش خەۋەر››ىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دىدى: vl <W`)'  
-نامدار شاھزادە ھەرەمگە كېلىپ ھەرەمنى تاماششا قىلدى.قار كۆز سەنەملەرنى قاتار- قاتار قىلىپ تىزىپ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈۋىدىم، قانچىلىغان خۇش چىراي قىزلار ئايۋانغا لىق كەلدى. ئۇلار شۇنچە خۇشچىراي قىزلار ئىدىكى ھەربىرى ئاسماندىكى ئايدىن ئېشىپ چۈشەتتى.شاھزادە ھەممىسىنى پىسەنتىگە ئىلمىدى.قىزىمدىن باشقىسىغا قاراپمۇ قويمىدى.  `k/hC  
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كاۋۇس قاتتىق  خۇشال بولدى.قۇچىقى ئاي بىلەن تولغاندەك تۇيۇلۇپ ھاياجاندىن سۇدابەگە بارىكاللا ئېيتىپ كەتتى. كېيىن غەزىىنىنى ئاچتۇرۇپ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك گۆھەرلەرنى،زەرباب تون،شايى،ئەتلەس،كىمخاپ،زەرلىك ئىپەك،ئالتۇن كەمەر،گۆھەر تاج،ئالتۇن تەخت،نۇقرە -سىيىم،لەئىلى بەدەخشان،قاتارلىق ناھايىتى كۆپ مال دۇنيالارنى ئېلىپ چىققۇزۇپ، سۇدابەگە ۋە قىزىغا تارتۇق قىلغۇزدى.(ئۇ ئىسلام شەرئىىتى تىخى يولغا قويۇلمىغان،ئوغۇل ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭلىسىنى توي قىلىپ خوتۇنلۇققا  ئالسا بولىدىغان جاھىلىيەت دەۋرى بولسا كېرەك.) ئاندىن سۇدابەگە مۇنداق دىدى: iXt >!f*  
   -مانا بۇ نەرسىلەر ئوغلۇم سىياۋۇش ئۈچۈن سىلەرگە تارتۇق قىلىپ بېرىلدى.ياخشى بىر كۈننى تاللاپ خەيرلىك توي ئىشىمىزنى قىلىۋېتەيلى.سىياۋۇشقا بېرىپ دىگىن‹‹خېمىردىن پېتىر،كىيىنكى بەرگىنىم ئالەمگە تېتىر››.ھەر ئىش ۋاقتىدا بولغىنى ياخشى.خەيرلىك ئىشنى كەينىگە سوزمىسۇن. j^}p'w Tu{  
سۇدابە بۇ گەپ ۋە ئىشلاردىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى.ئىچىدە مىڭبىر ئەپسۇسلاندى.ئۇ ئاسان تەن بېرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى.ھەرقانداق چاغدا رەزىل مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرماق بولۇپ قالسا ھىچنىمىدىن ئايانمايتتى.ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلۇتۇپ، مەلۇم شۇم نىيەتنى دىلىغا پۈكۈپ مۇنۇلارنى ئويلىدى:‹‹بۇ شۇمتەكنىڭ پەرمانىمنى ئاڭلىماي،‹‹ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا ››دىگەندەك ئىش قىلىپ، مېنى قېينانا قىلىۋېلىش ئارقىلىق مېنىڭدىن يىراقلىشىپ ، چاڭگىلىمدىن قۇتۇلماقچى بولۇۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان؟! سەندەك نىمىگە تېتىمىغان جېنىمدىن  ئۈمىدىمنى ئۈزىمەن.دۇنيادا نى-نى ياخشى يامان چارە -تەدبىرلەر بار.مەن ئۇلارنى ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ئىشقا سېلىپ قولۇمغا چۈشۈرمەي قويمايمەن،دىگىنىمگە كۆنمىسە غەۋغا كۆتۈرۈپ تۆھمەت چاپلاپ يۇرتتا تۇرالمىغۇدەك رەسۋا قىلىۋېتىمەن. oX@0+*"  
b/='M`D}#G  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 18- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

سىياۋۇشنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ھەرەمگە كىرگەنلىكى .'QE o  
بېشىغا كۈندەك نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ناھايىتى قىممەت باھالىق تاج كىيىپ،قۇلۇقىغىمۇ قۇلىقى ئاران كۆتۈرەلىگۈدەك كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان زىرە سېلىۋالغان سۇدابە سىياۋۇشنى ھەرىمىگە يەنە چاقىرتىپ كىردى.ئۇ كۆزلىرىنى نازلىق تىكىپ تۇرۇپ سۆھبەتنى قىزىتىۋەتتى: iq_y80g`8h  
-شاھ ئاتاڭ تويۇڭلار ئۈچۈن ناھايىىتى كۆپ سوۋغات تەييارلىدى.بۇنداق ئىسىل تاجۇ- تەخت،بۇنداق ھەشەمەتلىك ئالى ھوجرا،سان –ساناقسىز بايلىقلار ھىچكىمدە يوق.ئەگەر ئېلىپ كېتىشنى خالىساڭ ساڭا بېرىشكە تەييارلاپ قويغان ئىككى يۈزدىن ئارتۇق  پىلمۇ بار.مەن ئۆزۈمنى ساڭا بېغىشلاپلا قالماي، قىزىمنىمۇ بەخشەندە قىلىپ بەردىم.ئالدىڭدا بايلىق دىسەڭ بايلىق،ھۆسۈن دىسەڭ ھۆسۈن،نىمە لازىم بولسا شۇ تەييار تۇرۇپتۇ.شۇنداق تۇرسا ئىشقىمنى رەت قىلىشقا يەنە نىمە باھانەڭ بار؟!مېنىڭ ھۆسنۈم دۇنيادا يىگانە تۇرسا،سەن ياقتۇرمىغۇدەك يەنە نىمە بار؟ مەن سېنى كۆرگەن كۈندىن بېرى تېنىمدە ئەقلى- ھۇشۇم قالمىدى.كىچە كۈندۈز ئازاپتا تولغۇنۇپ يە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ،يە گېلىمدىن غىزا ئۆتمەيدۇ.بۇ دەرتلىرىڭ مېنىڭ رۇشەن كۈنلىرىمنى خىرە قاراڭغۇ كۈنلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.سېنىڭ ئىشقىڭغا گىرىپتار بولغىلى يەتتە يىل بولدى. قىينىقىڭدىن كۆزلىرىمدىن ياش ئورنىغا قانلار ئاقىدۇ.مېنى بۇنداق ئازاپلاپ ئۆلتۈرگىچە بىر مەخپى شادلىق ئاتا قىلغىن.سېنىڭ ياشلىق مۇھەببىتىڭگە بىر ئېرىشسەم،گويا پۈتۈن جاھانغا شاھ بولغاندىن ئارتۇق شاتلىق ھىس قىلىمەن.مەن ساڭا ئاتاڭ بەرگەندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق بايلىق بېرەي،قانداق تەلىپىڭ بولسا بەجا كەلتۇرەي. ئەگەر سەن ئەمرىمنى يەنە رەت قىلىپ دەردىمگە دەرمان بولمىساڭ، سېنى شاھ ئالدىدا ئەشەددى دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. كۆزۈڭگە ئاي بىلەن قۇياشنىمۇ قاراڭغۇ كۆرۈنىدىغان قىلىۋېتىمەن. &eYnO~$!  
سىياۋۇش تەمكىنلىك بىلەن تۇرۇپ ئۇنىڭغا يەنە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:  II;fBcXF  
  -ئۆزۈڭنى بېسىۋال،بۇنداق يامان ئىش قىلىپ دىندىن چىقساڭ بولمايدۇ.سەن دەپ باققىنا، قانداق يەردە ئادىمىزات پەرزەنتى ئۆز ئاتىسىغا ئاسىلىق قىلىپ ئانىسى بىلەن بىرگە بولىدۇ.بۇ ئەڭ پەسكەش ئاسىلىق بولۇپ كىشىنى مەردلىكتىن،ئادىمىلىكتىن،ئەقىلدىن جۇدا قىلىدۇ.سەن سارايدىكى ئەڭ چوڭ شاھبانۇ تۇرۇپ بۇنداق زور گۇناھ بولىدىغان ئىشنى قىلساڭ بولمايدۇ. `NqX{26GV+  
  -مەن دىلىمدىكى پىنھان  سىرلىرىمنى ئېيتىپ سەندىن دەردىمگە دەرمان بولۇشنى تىلىگەن ئىدىم.سەن تىلىكىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئورنىغا مېنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچىمۇ؟ سەن مېنى شەرمەندە قىلساڭ مەن سېنى پاك ياشىغىلى قويارمەنمۇ؟ d7 )&Z:   

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 19- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-22

سۇدابەنىڭ كاۋۇسنى ئالدىغانلىقى ISo{>@a-  
سۇدابە تەھدىتلەر ئارقىلىق سىياۋۇشنى باش ئەگدۈرەلمىگەندىن كېيىن، ئۆچمەنلىك تىغىنى قولىغا ئېلىپ، سىياۋۇشقا زىيانكەشلىك قىلىش قارارىغا كەلدى.ئۇ ئەلۋەتتە بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ قول سالالمايتتى.ھىيلە نەيرەڭ ئارقىلىق سىياۋۇشقا تۆھمەت چاپلاپ ،كاۋۇسنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن غەزىپىنى قوزغاپ ،كاۋۇسنىڭ قولى ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىدى.ئۇبۇ رەزىل نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىياۋۇش ھەرەمدىن چىقىپ كەتكەن ھامان ھىيلە قاپقىنىنى قۇرۇپ ھەركەت باشلىدى. خۇددى سىياۋۇشنىڭ ‹‹پەسكەشلىكى››گە ئۇچراپ خورلانغان بىچارە ئانىدەك ساىتا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ قولى بىلەن لىباسلىرىنى پارچە پارچە قىلىپ يىرتىشقا،تىرناقلىرى بىلەن يۈز كۆزلىرىنى تاتىلاپ يارىدار قىلىشقا،بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ دات –پەرياد كۆتۈرۈپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا باشقىلارنى ئىشەندۈرمەكچى بولۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ سەت چىرقىراپ ۋارقىراشلىرى پۈتۈن سارايلانى قاپلاپلا قالماي ھەتتا كوچىلارغىمۇ ئاڭلىنىپ قالدى.بۇ پەريادلارنى ئۇ شۇنچىلىك ئۇستۇلۇق بىلەن قىلىۋاتاتتىكى تۇرقىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ‹‹ئۇ جەزمەن خورلۇققا ئۇچراپتۇ ››دىگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالاتتى. yP:/F|E$  
بۇ ئاھۇ-ۋاھ ئاۋازلىرى ئورىدىدا تەختتە ئولتۇرغان كاۋۇسنىڭ قۇلۇقىغىمۇ ئاڭلاندى.(ئالايىتەن ئۇنىڭغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ۋارقىراپ دات سېلىۋاتقان تۇرسا ئاڭلانماي قالامتى؟) كاۋۇس نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كاللىسىدا تۈمەنمىڭ ئەندىشىلىك خىياللارنى قىلىپ تەختتىن چۈشۈپ ھەرەمگە كەلدى.قارىسا بىشەم سۇدابە كىيىملىرى يىرتىق،يۈز كۆزلىرى قان ۋە ياشبىلەن تولغان ھالەتتە ھەدەپ ئۆزىنى ئۇرۇپ ۋايدات سېلىپ چىرقىراپ يىغلىماقتا ئىدى.ئۇ كاۋۇسنى كۆرۈپلا تېخىمۇ ئۆپكىدەپ يىغلاپ،تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ پەرياد كۆتۈردى.‹‹دات شاھىم ،ماڭا ئىگە بولسىلا !›› دەپ كاۋۇسنىڭ ئايىقىغا ئۆزىنى تاشلاپ بىشەم يىغىسىنى پەلەككە چىقاردى.كاۋۇس ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ ئۇنى تەستە پەسكۇيىغا چۈشۈردى. ئەتراپىدىكىلەرنى چىقىرىۋېتىپ يالغۇز قالغاندىن كېيىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. سۇدابە يالغان ئەھۋال مەلۇم قىلىپ شۇنداق دىدى: 2q2;Uo`"S.  
-ھوجرامدا تەنھا ئولتۇراتتىم،تۇيۇقسىز سىياۋۇش ھوقرامغا كىرىپ كېلىپ تەختىمگە چىقىپ يېنىمدا ئولتۇردى.مەن ئۇنى بالام بولغاندىن كېيىن باشقا يامان نىيىتى يوقتۇ دەپ ئويلاپ بىغەم ئولتۇرۇپ ئىلتىپات كۆرسۈتۈپ كېتىپتىمەن .ئۇ پاراڭ ئارىسىدا بىنومۇس گەپلەرنى قىلىپ ،ماڭا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى،بۈەۈن بۇ يەرگە دەردىگە داۋا ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ مېنى ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.بۇنداق پەسكەش گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ :‹‹سەن كىم ،مەن كىم،كاۋۇس شاھ كىم؟ مەن سېنىڭ ئۆگەي بولسىمۇ ئاناڭ تۇرسام مۇشۇنداق پەسكەش تەلەپنىمۇ قويامسەن؟! دەرھال چىقىپ كەت!›› دەپ ئۇنى يېقىن كەلتۈرمىدىم.ئۇ چىرايلىق گەپ بىلەن مەقسىدىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ دەرھال ماڭا ئېسىلىپ كىيىملىرىمنى يىرتىشقا،زورلۇق بىلەن ماڭا باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.مەن بىر تەرەپتىن قارشىلىق قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن بار ئاۋازىم بىلەن توۋلاپ ئادەم چاقىردىم.ئاڭغىچە كېنىزەكلەر ۋە خىزمەتچى ىادىملار قوغدىغۇچىلار كىرىپ قېلىپ ئۇ مەقسىدىگە يېتەلمەي مېنى خەپلەپ قويۇپ ھەرەمدىن چىقىپ كەتتى.بولغان ئەھۋال شۇ ،مەن سىلىدەك بىر ئالەمپاناھ شاھنىڭ خانىشى تۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن شۇنداق خورلانسام ماڭا ئازاپ ئەمەسمۇ؟!ئۇ ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان ھايۋان مېجەز ئوغۇللىرىنى باشقۇرالىسىلا باشقۇرسىلا، بولمىسا مەن بۇ يەردە خورلۇنۇپ ياشىغۇچە شاھ ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىپ شۇ يەردە ئارامىمدا ياشاي!... u+7B-l=u*  
بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەن ئالدىن كۆزلىگەن ئۈنۈمىنى كۆرسۈتۈپ، كاۇسنىڭ غەزىپىنى پەلەككە يەتكۈزدى.ئۇ غەزەپىنى باسالمىغان ئاساستا كېنىزەكلەردىن ئەھۋال سۈرۈشتۈردى.ئۇلار ھەممىسى سۇدابە بىلەن بىر تىل ،بىر دىللىق تۇرسا ئىشنىڭ راستىنى ئېيتاتتىمۇ؟ ئۇلارمۇ سۇدابەگە بولىشۇپ سىياۋۇشنى داتلاپ يامان كۆرسۈتۈشتى.شۇنۇڭ بىلەن كاۋۇس يۈرىكى تەڭلىكتىن قىسىلىپ،بۇ يەردىكى سۈيىقەستلىك ئويدۇرمىلار بېشىنى قايدۇرۇپ ئەقلىنى كېسىپ سىياۋۇشقا جازا بېرىش خىيلالىغا كېلىپ قالدى:‹‹خوتۇننىڭ ۋە كېنىزەكلەرنىڭ دىگەنلىرى راست بولسا،ئوغلۇمغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى يوق .ئەكسىچە راستىنلا ماڭا ۋاپادارلىق كۆرسۈتۈپ پاكلىقىنى قوغداش يۈزىسىدىن بۇ ئىش چىققان بولسا،مەن قاراپ تۇرماسلىقىم،ئادەم قېلىپىدىن چىقىپ ئىنسان بالىسى قىلمايدىغان پەسكەشلىكنى قىلغان، ئۆز ئاتىسنىڭ ھالال رىزقىغا قول سوزغان، ئىنسانلىق شەنىنى بۇلغىغان، قارا يۈرەك ۋاپاسىزنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ كېيىنكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالمىقىم زۆرۈر،مەن ئالدى بىلەن ئوردىغا كىرىپ بۇ ئىش توغرۇلۇق ئاقىللارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ باقاي،ئۇلار نىمە دەيدۇ قېنى؟ ‹‹كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس›› دىگەن ھىكمەت بار ئەمەسمۇ!››كاۋۇس شۇ خىياللارنى قىلغاندىن كېيىن سۇدابەگە ىرمۇنچە كۆڭۈل كۆتۈرىدىغان تەسەللى سۆزلەرنى قىلىپ،سىياۋۇسنى قاتتىق جازالاشقا ۋەدە بېرىپ ،ئۇنىڭ غەلۋىسى بېسىققاندىن كېيىن ئوردىسىغا قايتىپ چىقتى.ئۇئوردىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئەتراپىدىكى خادىملارغا بىر ھۈرپىيىپلا تارقىتىۋېتىپ،يېنىغا سىياۋۇشنى چاقىرتىپ كىردى.بىر تەرەپنىڭلا سۆزىنى ئاڭلاپ شۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى. /rRQ*m_  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 20- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

كاۋۇس سۇدابەدىن ئاڭلىغانلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، مۇلايىم قىياپەتتە سىياۋۇشتىن سورىدى: ;% *e}w0  
-ئەي ئوغلۇم،مىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم شۇنداق، مەن بۇنداق ئىش يۈز بېرەر دەپ قەتئى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئەمدى سېنىڭمۇ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ باقاي،ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى راستمۇ؟ بۇ ئىشنى راست قىلغان بول ياكى قىلمىغان بول مەندىن ھىچ سىرنى يوشۇرماي ،كۆزۈمگە تىك قاراپ تۇرۇپ، ھەممە ئىشنىڭ ھەقىقىتىدىن مېنى خەۋەردار قىلغىن. d"78w-S  
سىياۋۇش ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى،مەقسىدىگە يېتەلمىگەن بۇزۇقنىڭ‹‹ قورىققان ئاۋال مۇشت كۆتۈرۈپتۇ›› دىگەندەك قىلىپ ئۆچ ئېلىشنى باشلاپ بىشەملىك بىلەن تۆھمەت توقۇپ چىققانلىقىنى چۈشەندى.ۋە بولغان ئەھۋاللارنى تولۇقى بىلەن ئىخچام چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. w <]7:/  
كاۋۇس چىقىپ سۇدابەدىن  قايتا سورىۋىدى سۇدابە:  ‹‹يالغان سۆزلەپتۇ.ياخشى نىيىتىم بىلەن ‹ئۆيلەپ قوياي› دەپ قىزلارنى كۆرسەتكىلى ھەرەمخانىغا چاقىرتسام قىزلارنى رەت قىلىپ مېنى تاللىدى.‹ ئۇ قىزلاردىن سەن ئارتۇق،مەن پەقەت ساڭىلا ئاشىق،ماڭا جانان بول› دەپ تۇرۇۋالدى.تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلسام زورلۇق قىلماقچى بولدى...››  -دەپ يەنە ئۆز گېپىنى يورغىلاتتى. z) 5n&w S  
كاۋۇس قارىسا ھەر ئىككىلىسىنىڭ سۆزى توغرىدەك تۇيۇلاتتى.ئۇ قايسىسىغا ئىشىنىپ قايسىسىنى رەت قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ ئالدىراپلا ھۆكۈم چىقىرىپ بىر تەرەپنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ يەنە بىر تەرەپنى جازالىسا ئۇۋال قىلىنغان تەرەپ جازاغا ئۇچراپ قالسا، ھەق ناھەق ئاستىن –ئۈستىن بولۇپ يامانلارغا يانتاياق بولغان بولۇپ قالاتتى.شۇڭا ئۇ بۇ ئىشتا  كىمنىڭ ھەقىقى گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئايرىپ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمىدى. R~b9 )  
ئۇسىياۋۇشنى ئالدىغا چاقىرتىپ كىرىپ ئۆزىگە يېقىن كېلىپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ ئۇنىڭ مۈرىسىدىن قۇچاقلاپ يېقىنچىلىق قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ قول،مۈرە،يۈز ۋە قويۇنلىرىنى ھىدلاپ باقتى.لېكىن ئۇنىڭ بەدىدىندىن سۇدابەگە خاس ھىچقانداق پۇراقنى بايقىمىدى.ئەگەر سۇدابەنىڭ سۆزى راست بولسا چوقۇمزورلۇق قىلماقچى بولغان چاغدىكى بەدەننىڭ بەدەنگە تېگىشىشىدىن سۇدابەنىڭ بەدىنىدنىڭ پۇرىقى ۋە باشقا چاچ دىگەندەك نەرسىلەر سىياۋۇشنىڭ بەدىنىدە بولۇشى كېرەك ئىدى.ئەكسىچە سۇدابەنىڭ بەدىنىدىن  مەي شاراپنىڭ،مۈشكى ئەنبەر ۋە گۇلاپنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا سۇدابەنىڭ ‹‹سىياۋۇش مېنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ زوراۋانلىق قىلماقچى بولدى›› دېگەن سۆزى تۆھمەت ئىدى. ovCk :Vz  
كاۋۇس ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكەندىن كېيىن سۇدابەگە قاتتىق غەزپلەندى.ئۇ ئاچچىقىدا قولىغا تىغ ئېلىپ كىرىپ سۇدابەنى ئۆز قولى بىلەن ئىككى پارچە قىلىۋەتمەكچى بولدى.لېكىن قېيناتىسى ھەماۋەران شاھىنى ئېسىگە ئېلىپ ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمىدى.بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار ئىدى. بىرىنچى سەۋەپ -ھەماۋەران شاھىمۇ كاۋۇستىن قېلىشمىغۇدەك چوڭ دۆلەت پادىشاھى ئىدى.ئەينى چاغدا ئىككى تەرەپ قاتتىق جەڭ قىلىپ كاۋۇس تەرەپ يېڭىلىپ قېلىشقا يۈزلەنگەندە رۇستەم  كېلىپ ھەماۋەرانلىقلارنى مەغلۇپ قىلىپ مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويغان ئىدى.ئەگەر سۇدابە ئۆلسە ھەماۋەران شاھى قاراپ تۇرماي قىزىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇنقىدىنمۇ دەھشەت ئۇرۇش قوزغاپ كاۋۇسنى يەنە ھالسىرىتىپ قويۇشى، يەنە رۇستەمگە ھاجەتمەن قىلىپ قويۇشى مۈمكىن ئىدى.ئىككىنچى سەۋەپ كاۋۇسنىڭ سۇدابەگە ياخشىلىق ۋە كۆڭۈل قەرزى بار ئىدى. ئەينى چاغدىكىئىككى دكلەت ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە  كاۋۇس ھەماۋەران شاھىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان،ئۇ زىندانغا بەنىد قىلىنغان ئىدى.سۇدابە ئاتىسىنىڭ غەزىپىدىن قورىقماي زىندانغا بېرىپ كاۋۇسنى يوقلىغان، ئاش تاماق،ياىشىكىيىملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان،كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي  ئېپىنى تېپىپ كاۋۇسنى زىنداندىن قاچۇرۇۋەتكەن،كاۋۇس زىنداندىن قاچقاندىن كېيىن ئاندىن رۇستەمنى چاقىرتىپ كېلىپ ھەماۋەرانلىقلارنى يەڭگەن ئىدى. +7<{yP6wU  
ئۈچىنچى سەۋەپ كاۋۇس سۇدابەنى بارلىق بانۇ ۋە توقاللىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتى.ئۇنىڭدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلغۇسى كەلمەي ھەركۈنى ئوردىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپلا ئۇنىڭ يېنىغا يۈگەرەيتتى.‹‹ياماننىڭ ئوتى يامان›› دېگەندەك سۇدابە جەلىپكار بولۇپلا قالماي يەنە، ھىيلە مىكىر،ناز خۇلۇق،كاۋۇسنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشلارغا ئۇستا بولۇپ يۈرىكىنى تازا سىلاپ باقسا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى.كاۋۇس قېرىغان ،ياشلىق كۈچى ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى جەلىپكار قىياپەتلىرىنى ئاللىقاچان  يوقاتقان تۇرسا ، ياش ،تەلەپكار ئايالىنىڭ ئۇنىڭدىن رازى بولۇشى،باشقىلارغا كۆز سالماي يۈرىشى تەس-تە؟ /#$bb4  
تۆتىنچى سەۋەپ سۇدابەنىڭ تۇققان بالىلىرى تېخى ياش ھەم كىچىك بولۇپ سۇدابە ئۆلسە ئۇنىڭ كىچىك مەسۇمەلىرىمۇ ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئازاپ تارتىپ قالاتتى.دىمەك كاۋۇس شۇ تاپتا ‹‹ئوڭ قولۇمنى چىشلىسەممۇ ئاغرىيدۇ،سول قولۇمنى چىشلىسەممۇ ئاغرىيدۇ،ھىچقايسىسىنى چىشلىمەسلىككە بانا بارمۇ؟›› دەيدىغان ھالدا قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئىشنى كۆپ داۋراڭ قىلماي غىپپىدە يۇغۇشتۇرۇۋېتىش ،‹‹يېپىق قازاننى يېپىق پېتىچە قويۇش›› قارارىغا كەلدى. )iy>sa{  
كاۋۇس بىر نىيەتكە كەلگەندىن كېيىن سىياۋۇشنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ ۋە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دىدى: i`r,B`V`08  
-ئەي ئوغلۇم،ساڭا ئازار بېرىپ قويدۇم،مېنى ئەپۇ قىل،ئەمدى بۇ ئىشلارنى قايتا ئويلىما! بۇندىن كېيىن سۇدابەنىڭ ھىيلىلىرىدن ھۇشيار بولۇپ ئۆزۈڭنى قوغدا،بۇ ئىشنى قەتئى سىر تۇتۇپ ھىچكىمگە دىمە. بۇئىش سىرتقا يېيىلىپ كەتسە ھەممىمىزنىڭ شەنىگە نۇقسان يېتىدۇ. 6f=/vRAh$  
FStE/2?  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
burkvt
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51537

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5 (سوم)
 ياخشى باھا:   20 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-08-26
ئاپتورنىڭلا 21- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

بۇ ئىشنى قەتئى سىر تۇتۇپ ھىچكىمگە دىمە. بۇئىش سىرتقا يېيىلىپ كەتسە ھەممىمىزنىڭ شەنىگە نۇقسان يېتىدۇ. 4z*_,@OA  
XB Y"7}  
سىزمۇ نېمىشقا بۇ سىرنى ئاشكارىلايسىز ئىرانلىقلارنىڭ شەنىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ b@X@5SJFW  
E{6}'FG+A  
5 rWRE-  

 
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 22- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 21قەۋەت  burkvt كە 2011-08-23 03:18 PMئەۋەتىلدى  : Cre0e$ a  
بۇ ئىشنى قەتئى سىر تۇتۇپ ھىچكىمگە دىمە. بۇئىش سىرتقا يېيىلىپ كەتسە ھەممىمىزنىڭ شەنىگە نۇقسان يېتىدۇ. 5d?!<(e6  
*[xNp[4EU  
سىزمۇ نېمىشقا بۇ سىرنى ئاشكارىلايسىز ئىرانلىقلارنىڭ شەنىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ ]EM)_:tRf  
3 2 1={\X  
KBr5bcm4u  
....... o ?va#/fk  
A:.IBctsd  
دوستۇم، بۇ ئىشنى فىردەۋسى بۇندىن 1000يىل بۇرۇن پۈتۈن ئالەمگە يېيىۋېتىپتىكەن.بۇنداق ئىش تاڭ ئوردىسىدىمۇ بولغانغۇ؟!
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 23- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-23

سۇدابەنىڭ جادۇگەر مومايدىن چارە ئىزدىگەنلىكى MiSja#"+A  
كاۋۇس جىمىپ قالدى.سىياۋۇشنىمۇ جازالىمىدى.زېرەك سۇدابە ھىيلىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى تۇيۇپ،باشقىچە چارە ئىزدەپ تېپىپ سىياۋۇشتىن قىساس ئالماقچى بولدى.قانچە ئويلانسىمۇ بىرەر ئۈنۈملۈك چارە تاپالمىدى.بۇرۇنقىلاردا ‹‹قېرى دەللىنىڭ كاللىسى،شەيتاننىڭ مىكىر خالتىسى›› دىگەن ئەقلى سۆز بار.ھەرەمدە  ياشلىقىدا مەلىكىلەرگە ئىنىكئانىلىق قىلىپ يۈرۈپ،مانا ئەمدى  قېرىپ قالغاندىن كېيىنمۇ خانىشلارنىڭ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن بىر قېرى دەللە خوتۇن بار ئىدى.ئۇ ئىچى خىلمۇ- خىل ھىيلىلەر بىلەن تولغان، شەيتانغىمۇ مىكىر ئىلمىدىن دەرس بېرەلىگۈدەك كاززاپ خوتۇن ئىدى.ئۇ خوتۇن ھامىلدار ئىدى.ئاي كۈنى يېقىنلاشقان بولغاچقا، قۇرسىقىمۇ تازا يوغىنىغان ئىدى.سۇدابە ئۇنى چاقىرتىپ كىرىپ دەردىنى تۆككەندىن كېيىن ، دەللە ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسەتتى.ھەتتا ئۆزىمۇ بۇ نەيرەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا مىكىر تىراگىدىيەسىدە بىر كىشىلىك رول ئوينىدى. P9 {}&z%:  
پىلانغا ئاساسەن دەللە بالا چۈشۈرۈش دورىسى يەپ بالىسىنى چۈشۈردى.بۇ بۇزۇق دەللە قايسى ھارامدىن تاپقان بولغىيدىكىن،قۇرسىقىدىن ئەھرەمەنگە ئوخشايدىغان دىۋىزات  ئىككى بالا چۈشتى.كېنىزەكلەر بىر ئالتۇن تەڭنە ئېلىپ كەلدى. تەڭنىگە بۇ ھاراملىقلارنىڭ لېشىنى سېلىپ كاۋۇسقا كۆرسىتىشكە تەييارلاپ قويۇشتى.سۇدابە دەللىنىڭ بۇ خىزمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ ئالتۇن مۇكاپات بەردى.ھەمدە بۇ ئىشنى قاتتىق مەخپى تۇتۇش توغرىسىىدا ۋەدە ئالدى. f$1Gu  
ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن سۇدابە ئالتۇن تەڭنە يېنىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ بەكرەك ۋايداد سېلىپ ۋارقىراپ- جارقىراپ ساراينى بېشىغا كىيدى.سارايدىكى بارلىق كېنىزەك ۋە چاكارلار يەنە سۇدابەنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈشتى.قارىغۇدەك بولسا تەڭنىدە بوۋاق لار لېشى تۇرغان،سۇدابە بولسا يامغۇردەك ياش تۆكۈپ دات پەرياد سېلىۋاتقان. Iz6ss(UJ  
سۇدابەنىڭ پەرياد ئاۋازى يەنە كاۋۇسنى ھەرەمگە باشلاپ كىردى.قارىغۇدەك بولسا سۇدابە بەدەنلىرى قان بىلەن بۇلغانغان ھالدا ئورنىدا ئىڭراپ ياتقان، كۆزلىرىدىن توىتىماي ياش ئېقىۋاتقان. ئۇنىڭ يېنىدىكى زەر تەڭنىدە  چالا تۇغۇلۇپ قالغان ئىككى بوۋاق ياتقان.ئۆينىڭ پەگا ۋە تۆرلىرى كېنىزاكلەر،دىدىەكلەر ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن تولغان .يوشۇرىمەن دەپمۇ يوشۇرۇپ بولالمىغۇدەك رەسۋاچىلىق مانا مەن دەپ تۇرغان ئىدى. XGE 2J  
كاۋۇس بارلىق خىزمەتچىلەرنى تارقاتقۇزۇۋېتىپ يەنە نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى.سۇدابە ھىيلە كەمەندىنى سۆز بىلەن تاشلاپ كاۋۇسنىڭ ئەقلىنى بەند قىلىش ئۈچۈن كاززاپلىق ھۈنىرىنى يەنە ئىشقا سالدى: h^o+E2<]  
-    نىمە ئىش بولاتتى،قايسى كۈنى ئەتىۋارلىق ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا زورلۇق قىلغانلىقىنى دەپ سىلىدىن ياردەم سورىسام سىلى مىنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنمەي ئوغۇللىرىنى جازالىمىدىلا،مەنمۇ بوپتۇ دىگەن ئىدىم .مانا ئەمدى قارىماملا بۈگۈن ئۇ ئوغۇللىرى يەنە كەلدى.يېنىمدىكى كېنىزەكلەرنى بۇيرۇق بىلەن چىقىرىۋېتىپ ماڭا بولمىغۇر تەلەپ قويدى.مەن يەنە ئۇنىمىسام ئۇ مېنى تۇتۇۋېلىپ زورلۇق قىلماقچى بولدى.كىيىملىرىمنى يىرتتى.يەرگە بېسىۋېلىپ نومۇسۇمغا تەگمەكچى بولدى.مەن نومۇسۇمنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق تىركەشتىم ،ئۇ مىنىڭ سۆزىگە ئۇنىمىغىنىمنى كۆرۈپ قۇرسىقىمغا ئارقىمۇ- ئارقا مۇش بىلەن ئۇردى. تاياق يىسەم مەيلى ئىدىغۇ ،ۋاي ئىسىت، مانا قارىماملا ئاخىرى قۇرسىقىمدىكى بالىلارمۇ تەۋرەپ چۈشۈپ كەتتى.ۋاي ئىسىت بالىلىرىم !جېنىم بالىلىىم،يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشقا مۇيەسسەر بولالماي زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن بەخىتسىز بالىلىرىم.ھۈ...ھۈ...ھۈ... p!HPp Ef+#  
بۇ ھالەت ۋە بۇ سۆزلەر سۇدابەچە بولغاندا كاۋۇسقا قاتتىق تەسىر قىلىپ، غەزىپىنى چېكىگە يەتكۈزۈپ، سىياۋۇشنى ھايالسىز جاللاتقا تاپشۇرۇشقا يېتەرلىك ئاساس بولالايتتى.لىكىن سۇدابە شۇنى ئويلىمىغانكى، كاۋۇس بېشىدىن جىق ئىسسىق سوغاق ئۆتكەن،ھىيلە نەيرەڭگە سۇدابەدىنمۇ ئۇستا پىشىپ كەتكەن قاقۋاش ئىدى.كونىلارنىڭ‹‹گوللىغىلى كىچىك بالا ياخشى،خۇدا ئۇرسۇن قاقۋاشنى›› دىگەن ماقالى بىكارغا چىقمىغان ئىدى -دە! _7Xd|\Zc  
`Mg8]H~  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى