مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9889 
  •    ئىنكاس 
       118 

سىياۋۇش قىسسىسى(شاھنامە 4-بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 24- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-24

كاۋۇسنىڭ بوۋاقلار ئىشىنى تەكشۈرگەنلىكى C$~ly=@  
كاۋۇسنىڭ كاللىسى تازىمۇ قاتتى.سۇدابە ئۇنى يېشىش قىيىن بولغان تېپىشماققا سېلىپ قويۇپ قىينىماقتا ئىدى.كاۋۇس بۇ ئىشقا ئەقلى يەتمىگەندىن كېيىن بۇ سىرنىمۇ كەلگۈسىنى ئالدىن بىلگۈچى،پىنھان سىرلارنى يەشكۈچى مۇنەججىم مۇبەدلەرنىڭ قولى ئارقىلىق يىشىش نىيىتىگە كەلدى.ئۇنىڭ پەرمانى ۋە مەخسۇس چاقىرتىشلىرىغا بىنائەن يۇلتۇزلار ھىسابى ئارقىلىق پال سالىدىغان  يۈزگە يېقىن مەشھۇر پالچى مۇبەدلەر كاۋۇس قوبۇلخانىسىغا يىغىلىشتى.كاۋۇس قوبۇلخانىدىن بۇلاردىن باشقىلارنى چىقىرىۋېتىپ ئۆزى دۇچكەلگەن قىيىن ‹‹تېپىشماق››نى  ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى.بۇ سىرنى قەتئى مەخپى تۇتۇش شەرتى ئاستىدا، بالىلارنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى،سىياۋۇش بىلەن سۇدابەنىڭ قايسىسى ‹‹پاك››،قايسىسى ‹‹يوشۇرۇن قەستلىگۈچى گۇناھكار›› ئىكەنلىكىنى قىلچە خاتانى ئارىلاشتۇرماي، ئېنىق ئايرىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. AG9DJ{T  
كاۋۇس ئۇلاردىن توغرا جاۋاپ ئېلىش ئۈچۈن كىچىك پىئىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.قاتتىق ئىززەتلىدى.تۇرىدىغان يەرلىرى،يەيدىغان ئىچىدىغانلىرىنى يۇقۇرى دەرىجىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى.مۇبەدلەر قاتتىق خۇشال بولۇشۇپ، ئۆزلىرىدە بار بولغان بارلىق ھۈنەر ماھارەتلىرىنى چىقىرىشتى. زىج ھېساپلىرىنى ۋە يۇلتۇزلار تۈركۈمى پال جەدۋەللىرىنى مۇتالىئە قىلىشىپ توپتوغرا بىر ھەپتە سۆھبەتتە بولۇشۇپ ئاخىرى پال ھېسابىىن چىققان يەكۈننى مۇنداق بايان قىلىشتى: }F!Uu KR  
  -ئەي شاھىم،زەھەر تولغان جامدا شاراپ بولمايدۇ.بۇ بوۋاقلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى سىلىنىڭ پۇشتىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى باشقا پۈشتىدىن ئىكەن.ئۇلارنىڭ ئاتىسىمۇ ئانىسىمۇ بۆلەك ئىكەن.بۇلار شەھرىيار ئالەمنىڭ پۇشتىدىن بولغان بولسا پالغا ئاسان چىقاتتى.بۇلارنىڭ يۇلتۇزلىرىنى پۈتۈن  ئاسمان ھەتتا يەر بىتىدىنمۇ تاپالمىدۇق.بۇلار بەلكىم زىددىيەت تۇغدۇرغۇچى ئەھرەمەن دىۋىلەرنىڭ پۇشتىدىن بولسا كېرەك.پالغا چۈشۈشىچە بوۋاقلارنىڭ ئەسلى ئانىسى سۇدابە خانىم ئەمەس، بەلكى بەتبەشىرە بىر دەللە خوتۇن ئىكەن.ئۇ خوتۇنمۇ ھازىر جاناپلىرىنىڭ ھەرەمخانىسىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.تەكشۈرۈپ كۆرگەيلا جاناپلىرى. saP%T~  
يۈرىكى پوك- پوك بولۇپ، سىرىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغان سۇدابە مۇبەدلەرنىڭ بۇ سىرنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلىپ تۇرالماي يەنە بىشەملىكىگە ئېلىپ دات- پەرياد كۆتۈردى: OUF%DMl4  
  -ئەي شەھرىيار،مەن سەندىن ئادالەت تەلەپ قىلىمەن.سەن مېنىڭ سۆزۈمگە ۋە چۈشۈپ كەتكەن،ھەممە ساراي ئەھلى كۆرگەن بوۋاقلارنىڭ ئەمىلىيىتىگە قارىماي، نەدىكى نان كۈچۈكى  كاززاپ پالچىلارنىڭ ئازدۇرمىچى سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، ماڭا ئۇۋالچىلىق ئۈستىگە ئۇۋالچىلىق سېلىۋاتىسەن. سەن مېنى بۇنداق تۆھمەتلەر بىلەن قىينىماي ئۆلتۈرگۈڭ بولسا ئۆلتۈر! سۈرگۈن قىلغۇڭ بولسا سۈرگۈن قىل.ماڭا  تۇغۇلۇش نېسىپ بولماي ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن  بىر جۈپ بالامنىڭ ئازابىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ... Ui (nMEon  
-ئەي سۇدابە،بولدى تولا ئويۇن ئويناۋەرمە،بۇرۇن ساڭا  خۇددى ئۆزۈمگە ئىشەنگەندەكلا ئىشىنەتتىم.بىرنەچچە قېتىملىق يالغانچىلىقىڭ،كۆز بويامچىلىقىڭ تۈپەيلى نەزىرىمدىن چۈشتۈڭ،ئەمدى نىمىلا دە ساڭا ئىشەنمەيمەن. G~(\N?2  
شاھ كاۋۇس مۇبەدلەرنىڭ سۆزى بويىچە ياساۋۇللارغا پۈتۈن ئوردا ئىچىنى قاتتىق تىنىتىپ، ھېلىقى كاززاپ قېرى جادىگەرنى نەدىن بولمىسۇن تېپىپ چىقىشقا بۇيرۇق بەردى.ئۇلار ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ، ئاخىرى قېرى جادۇگەرنى  ھەرەمخانىدىكى يوشۇرۇنغان يېرىدىن تۇتۇپ كېلىشتى. -V}xvSVg  
كاۋۇس ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشكە ئالدىراپ، دەللىنى شەخسەن ئۆزى سوراق قىلىپ كەتتى.ئالدى بىلەنشاھ دەللىنىڭ  قېنىدىن كەچكەنلىكىنى،ئۇنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقى،ئەگەر يۇۋاشلىق بىلەن گۇناھىنى تەن ئېلىپ  ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى دەپ بەرسە ئۇنى جازالاش ئورنىغا ھېساپسىز مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى دەپ  تۇرۇپ،چىرايلىق مۇئامىلە بىلەن سىلىق سىپايە سوراق قىلدى.ئەمما دەللە ‹‹بۇ بالىلار مېنىڭ ئەمەس، تونۇمايمەن›› دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. قاتتىق قىيناققا ئېلىپ سوراق قىلسىمۇ يەنىلا ئېتىراپ قىلمىدى.كاۋۇسنىڭ غەزىپى چېكىگە يەتتى .ئۇ مىرغەزەپ جاللاتلارنى چاقىرىتىپ ئۇلارغا بۇيرۇدى: JZ`h+fAt  
-بوينى قاتتىقلىق قىلىپ شاھنى ئالدىغان،ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان،ەۇناھسىز كىشىلەرەە ئۇۋال قىلىشقا سەۋەپچى بولغان بۇ دەللە ئېلىپ چىقىلىپ ئەڭ ئېغىر قىيناقلار بىلەن قىيناپ سوراق قىلىنىپ ئاغزى ئېچىلسۇن.ئەگەر ئاخىرغىچە قارشىلىشىپ جاھىللىق قىلسا ، دارغا ئېسىلىپ، ھەرە بىلەن كېسىپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىلسۇن! J( XDwt  
سوراقچى قاللاتلار دەللىنى شاھنىڭ يېنىدىن ئېلىپ چىقىپ :‹‹ھەي دەللە،قېرى جېنىڭنىڭ كېرىكى بارمۇ يوق،چىرايلىقچە ئېيتساڭ ئېيت.بولمىسا شۇنداق قىيناشلارغا ئۇچرايسەنكى ئاڭلىغانلارنىڭمۇ تېنى شۈركۈنۈپ كەتسۇن!›› دەپ باشتا قورقۇتۇپ بېقىشتى، كېيىن ئەڭ قاتتىق قىيناقلار بىلەن قىيناپمۇ دات پەرياتتىن باشقا جاۋاپقا ئېرىشەلمىدى.كىلىپ ۋەقەنى شاھقا مەلۇم قىلىشىپ قايتىشتى. iJ^}{-  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 25- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-24

كاۋۇس سۇدابەنى چاقىرتىپ كىرىپ بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى مۇبەدلەر ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى،بۇ ئىككى بالىنىڭ سۇدابەنىڭ ئەمەس،بەلكى جادىگەر خوتۇننىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى،تولا يالغانچىلىق قىلماي گۇناھىنى تەن ئېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. 7 
سۇدابە يەنىلا  بىشەملىك ئارىلاشقان جاھىللارچە ھەييارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ مۇنداق دىدى: I@Hx LEGj  
  -سەن ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى بىلمەكچىغۇ؟! ئۇنداق بولسا مەن ساڭا ئېيتىپ بېرەي.سېنى ئالداۋاتقىنى مەن ئەمەس بەلكى سىياۋۇش بىلەن مۇبەدلەر،ئۇلار  سىياۋۇشتىن قورقۇپ سەندىن پالدا چىققان ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتىدۇ. 2?q>yL!Gz  
- نىمە دەپ مەندىن  قورىقماي سىياۋۇشتىن قورقۇپ، ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرغۇدەك؟ wM R,r@}  
-شۇنىڭغىمۇ ئەقىللىرى يەتمىدىمۇ؟سىياۋۇش دىگەن رۇستەمدىن گۇمپا ئۆگىنىپ ئۇستازىدىن قېلىشمىغۇدەك باتۇر بولۇپ يېتىشىپ  چىققان كۈچتۈڭگۈر ئۆكۈز. ئۇنىڭ ئالدىدا شىرمۇ تىترەپ ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدۇ.ئاڭلىسام ئۇنىڭ سەكسەن پىلغا كۈچى يېتەرمىش.ئەگەر ئۇرۇش بولۇپ قالسا، نەرە تارتىپ جەڭگە كىرسە،يۈزمىڭ شۆھرەتلىك لەشكەرمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەي تەرەپ تەرەپكە قېچىپ كېتەرمىش.يەنە بىرتەرەپتىن ئۇ دېگەن سىلىنىڭ ئورۇنلىرىنى باسىدىغان كەلگۈسى تەخت ۋارىسى.ئەگەر ھازىر راست گەپ قىلىپ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويسا ‹‹سۇ كېتىپ تاش قالىدۇ،ئوسما كېتىپ قاش قالىدۇ››دىگەندەك كەلگۈسىدە ئۇنىڭ قولىغا قالغاندا كۈنى نىمە بولماقچى؟ ئەھۋال شۇنداق تۇرسا سىلى ئۇنىڭلا سۆزىنى راست قىلىپ ماڭا ئۇۋال قىلىۋەرسىلە،گۇناھكارنى ئاقلاپ، گۇناھسىزنى جازالىسىلا ئادالەتنى ياقلىغان،ھەق ئىش قىلغان بولاملا؟ qsoq1u,?  
سۇدابە سۆزىنى تۈگىتىپ يالغاندىن شۇنداق ئېچىنىشلىق يىغلىدىكى، كاۋۇسمۇ راست دەپ ئىشىنىپ قېلىپ تەڭ يىغلاپ كەتتى.كاۋۇس سۇدابەنىڭ يېنىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە قايسىسىغا ئىشىنىشنى بىلەلمەي چۆرگىلىتىپ قويۇۋەتكەن ئادەمدەك گاراڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى.بىراز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئازراق ھۇشىنى تېپىپ مۇنداق ئويلىدى:‹‹ نەدىمۇ ئېچىلمايدىغان سىر،يىشىلمەيدىغان تۈگۈن بار ئىكەن؟مەن كېچە كۈندۈز داۋاملىق  تەكشۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ راست يالغىنىنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىمەن.›› }B7Txo,Z  
كاۋۇس ئەتىسى ئوردىدىكى كېڭەشچى دانىشمەنلەرنى يىغىپ كېلىپ بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى زادى قانداق ئېنىقلاش توغرىسىدا ئۇلارنىڭ دانا مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلىدى.ئۇلارنىڭ ئەڭ دانالىرىىدىن بىرى مۇنداق دىدى: Oo; ]j)z  
-ئەي شاھى جاھان، بىزگە مەلۇم سىلى ھازىر مۈشكۈل ئەھۋالدا قېلىپ تەڭلىك  تارتىۋاتىدىلا،كونىلاردا ‹‹ئاچاي دىسەڭ سىرنىڭ ئۆزىنى،تاشقا ئۇرغىن پىنھان كۆزىنى›› دىگەن گەپ بار.يەنە‹‹پەرزەنتىڭ بولسىمۇ ھەرقانچە ئەزىز،دىلىڭنى دەز قىلار گۇمان شۈبھىسىز››دىگەن ھىكمەتمۇ بار.سىلى ھازىر ئوغلۇمغا بولۇشۇپ ئايالىمنى جازالاي دىسىلە ئاياللىرىغا   قىيالمايلا،ئاياللىرىنىڭ دىگىنىگە ئىشىنىپ ئوغۇللىرىنى جازالىسىلا ئوغۇللىرىنىڭ ئازاپلىنىشىغىمۇ چىىمايلا،ھازىر ھەر ئىككىلىسى ‹‹مېنىڭ ھەق ›› دەپ سىلىدىن ھەققانىيەت تالىشىۋاتقان شارائىتتا ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسىغا بولۇشالمايدىلا.مەندە زىخمۇ كۆيمەيدىغان،كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر ياخشى ئامال بار. بۇنىڭدا سىلى ئارىلاشمىسىلىمۇ ھەق ناھەق ئۆزلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىپ يامانلار جازاسىنى تارتىدۇ.گۇناھسىزلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ. &t 
-ئۇ قانداق ئامال ؟  
دانىشمەن كاۋۇسنىڭ قۇلۇقىغا پىچىرلاپ ئامالىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ ئامال كاۋۇسقا خېلى ياققان چېغى،چىرايىدا بىراز تەشۋىش ئارىلاشقان تەبەسسۇم پەيدا بولۇپ بېشىنى لىڭشىتتى. Gn^lF7yE  
دانىشمەن ئېيتقان بۇ ئامال ياخشى ھەم ئادىل  بولغىنى بىلەن خەتەرلىك ئىدى.كاۋۇسنىڭ بۇ قەدىردانلىرىنى خەتەرگە ئىتتىرگۈسى كەلمىدى .شۇڭا ئاخىرقى قېتىم ھەر ئىككىسىدىن ئىشنىڭ تەكتىنى قايتىدىن سوراپ باقماقچى،ھەقىقەت يەنىلا ئاشكارىلانمىسا ئاندىن بۇ ئامالنى قوللانماقچى بولۇپ ئالدى بىلەن سۇدابەدىن سورىدى: '9WTz(0?  
  -گۇمان ۋە شۈبھىلەردىن دىلىم پاچاق-پاچاق بولۇپ كەتتى.ھەر ئىككىلىڭلار‹‹ مەن ھەق›› دەپ ئۆزۈڭلارنى ئاقلاپ، قارشى تەرەپنى ۋاپاسىزلىققا چىقىرىۋاتىسىلەر.ھەق ناھەقنى ئاستىن ئۈستىن قىلىۋاتىسلەر.چىرايلىقچە راست گەپنى دېسەڭلار دەڭلار، بولمىسا ھەر ئىككىڭلارغا‹‹ ئاتەشتىن ئۆتۈش جازا سىنىقى›› بېرىپ تەڭرى پەرمانى بىلەن ھەق ناھەقنى ئايرىيمەن.بۇ سىناقتا گۇناھسىزلار ھايات قېلىپ ،گۇناھكارلار  كۆيۈپ ئۆلىدۇ .شۇنىڭغا رازىمۇسەن؟ w%qn H e9  
-مەن ھەق ،سۆزۈم راست دەپ قانچە قېتىملاپ  ئېيتتىمغۇ؟ ئۆزلىرىمۇ بوۋاقلارنىڭ جەسىدىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن  كۆردىلە .ھەممە ئىش كۆز ئاالدىلىرىدا كۈندەك روشەن تۇرسا يەنە مېنى گۇناھكار دىېسىلە، تەڭرىمۇ راۋا كۆرمەس؟! n4dNGp7\`  
كاۋۇس شۇ مەزمۇندىكى سۆزنى ئوغلىغىمۇ دىۋىدى، سىياۋۇش مەردانىلىق بىلەن مۇنداق جاۋاپ بەردى: 2qE_SSXn  
  -سۈتتەك ئاق،يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك پاك ۋە گۇناھسىز تۇرۇپ نۇرغۇن رەزىل تۆھمەتلەرگە ئۇچرۇدۇم.بۇ ماڭا دەۋزەخكە كىرگەندىنمۇ ئازاپلىق تۇيۇلدى.بۇنداق قىينىلىپ يۈرگەندىن تاغدەك ئاتەشتىن ئۆتۈپ كۆيۈپ ئۆلگىنىم ياخشى ئەمەسمۇ؟! t27UlFX  
TPBQfp%HU  
ps2j]g  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 26- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-24

سىياۋۇشنىڭ ئاتەشتىن ئۆتكەنلىكى (|AZO!  
كاۋۇس قارارنى چىقىرىپ بولغان بىلەن غەمدىن نېرى بولالمىدى.ئاتەش سىنىقىدىن ئۆتىدىغانلار ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئەمەس،مەيلى ئوغلى،مەيلى خوتۇنى بولسۇن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشىگە تەۋەككۇل قىلىپ قاراپ تۇرغىلى بولمايتتى.قارارىدىن يېنىۋالاي دىسە ‹‹شاھ لەۋزى ئاتقان ئوق››دېگەندەك چۈشۈرۈپ بولغان پەرماننى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتەش خەۋپىدىن كاۋۇس قورقۇپ تۇرغىنى بىلەن سىياۋۇش قىلچە قورىقمىغاندەك ، ئاتەش سىنىقىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەتئى نىيەتكە كېلىپ بولغاندەك قىلاتتى. سۇدابەمۇ بۇ توغرىلىق قارشىلىق بىلدۈرمىدى.بەلكىم بىرىنچى نۆۋەت سىياۋۇش ئۆتۈش جەريانىدا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلسە كاۋۇس  ئېچىنىپ يىغلاپ، بۇنداق خەتەرگە سۇدابەنىمۇ ئىتتەرمەسلىكى،ياكى بولمىسا‹‹ سىياۋۇش گۇناھكار بولغاچ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى،    دىمەك سۇدابەدە گۇناھ يوقكەن›› دەپ ئويلاپ سۇدابەنى بۇ خەتەرگە كىرىشكە بۇيرۇماسلىقى مۈمكىن ئىدى. w+ ')wyB  
كاۋۇس غېمىنى داۋاماشتۇردى:‹‹ئەگەر ئاتەش سىنىقىدىن ئىككىسىدىن بىرى چىقالىسا،‹مۇشۇنداق خەتەرلىك ئىش بىلەنمۇ ئادەم سىنامدۇ؟!› دەپ ئەل ماڭا مالامەت قىلماسمۇ؟مېنى يەنىلا ھۆرمەتلەپ ‹شەھرىيار› دەپ ئاتايدىغانلار چىقارمۇ؟ مەن ئوتتا كۆيدۈرۈپ سىنىماقچى بولغانلارنىڭ بىرى قېنىم بولسا بىرى يىلىكىم، ئوت دېڭىزىدىن ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۆتۈپ قايسىسى ئۆتەلمىسىمۇ ماڭا شادلىق –ئاراملىق نىسىپ بولمايدۇ.قانداق قىلسام بولار؟  ياخشىسى بۇنداق بەتخىياللارنى قىلىپ كۆڭلۈمنى بىسەرەمجان قىلىپ يۈرگىچە  بىرەر چارە تېپىپ كۆڭلۈمنى پاكلاپ ئالسام بولاتتى.›› RTd,bi*  
كاۋۇسنىڭ يېنىدا ھېلىقى دانىشمەن بار ئىدى، ئۇ كاۋۇسنىڭ دىلىغۇل بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا نەدەت بەردى: + @fEw  
-ئەي شاھىم،شاھلار دىگەن كەسكىن،تەدبىرلىك بولغىنى ياخشى. ئالدىراپ بىرەر قارار چىقارماسلىق،چىقاغان قارارنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك .‹‹ياپسام پىشارمۇ -كۆمسەم پىشارمۇ؟›› دەپ ئارىسالدى بولىدىغانلار ئەزىمەت ھېساپلانمايدۇ.بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن سىلى ئەندىشە قىلمىسىلا،ئوت كۈچلۈك  بولغان بىلەن گۇناھسىزلارنى ھەرگىز كۆيدۈرمەيدۇ. nl(GoX$vRQ  
دانىشمەننىڭ سۆزى كاۋۇسنى قەتئى  نىيەتكە كەلتۈردى.ئۇ يۈرىكىنى قاتۇرۇپ دادىللىق بىلەن پەرمان چۈشۈردى: 4|%Y09"lv  
-كارۋان  بېشى تېز يولغا چىقىپ يۈز كارۋان تەييار قىلسۇن! يۈز كارۋان بىلەن توختىماي ئوتۇن توشۇسۇن.شۇنداق كۆپ ئوتۇن توپلانسۇنكى ،ئوت يېقىلغاندىن كېيىن يېقىلغان گۇلخان پۈتۈن ئىران زىمىنىغا كۆرۈنگۈدەك ئىەىز بولسۇن! i75\ 
پەرمانغا بىنائەن يۈز كارۋان يىراق يېقىنلاردىن  بىر ئايدەك ئوتۇن توشۇپ  ئىگىز ئىككى تاغدەك  ئوتۇن دۆۋىلىدى.كەڭلىكى ۋە ئىگىزلىكىنى ھېساپلاپ كۆرۈۋىدى. ئىككى پەرسەڭدىن كەلدى. دىمەك كاۋۇس ئەشۇنداق ئۇلۇغ گۈلخان يېقىپ ئۇنىڭدىن ئوغلى بىلەن خوتۇنىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنى سىنىماقچى ،كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى ئايرىماقچى بولغان ئىدى.بۇ  گۇلخان ۋەقەسى بۇ داستاننى شۇنداق زور شۆھرەتكە ئىگە قىلغان ئىدىكى، بۇ داستاننى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئەركەك  خوتۇنلارنىڭ ئۇششاق سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايتتى.پاك خوتۇن ئالالىغانلار سۇدابەدىن ئىبرەت قىلىپ خوتۇنىنىڭ پېشىنى مەھكەم تۇتار ئىدى.ناپاك ئايال جانغا ئاپەت بولۇپ  ھەرقانداق ‹‹ئاكاڭ مانا مەن›› دەيدىغان ئەرنىمۇ خارلىققا دۇچار قىلىدۇ. E7R%G OH  
ئەلقىسسە ئوتۇندىن چوڭ ئىككى تاغ ھاسىل بولغان ئىدى.ئوتۇن دۆۋىسى بەك چوڭ بولغاچقا، قارىغان ھەرقانداق ئادەمنى تىترەك باساتتى.ئىككى تاغ ئارىسى بەكمۇ  تار بولۇپ ئىككى ئاتلىق قاتارلىشىپ ماڭالمايتتى. F|+B8&-v  
ئوتۇن دۆۋۈلۈنۈپ بولغاندىن كېيىن كاۋۇسنىڭ پەرمانىغا بىنائەن ئوتۇننىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك كۆيۈشى ئۈچۈن ئوتۇنلار ئۈستىگە قاراماي قۇيۇلدى.قوللىرىدا مەشئەل كۆتۈرگەن ئىككى يۈز كىشى ئوتۇن دۆۋىسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ھەر تەرەپتىن ئوت قويۇش،كۆيمىگەن يەرلەرنى پۈۋلەپ ئوتنى ئۇلغايتىش بىلەن مەشغۇل بولدى.ئوت يېقىلىپ بولغاندىن كېيىن دەسلەپ  ئىس تۈتۈن دەستىدىن كۈن يۈزى توسۇلۇپ كۈندۈز قارا تۈنگە ئايلاندى.تۈتۈن تارقالغاندىن كېيىن ئوتنىڭ شولىسى بارا- بارا كۈچىيىپ يەر يۈزىنى كۈندەك يورۇتىۋەتتى.ئوت شۇ قەدە ئۇلۇغ كۆيۈشكە باشلىدىكى ئوتۇن دۆۋىسىدىكى ئادەمنىڭ قۇچىقى تەس يەتكۈدەك لىملارمۇ خەس سامانلاردەك شىددەتلىك كۆيمەكتە ئىدى.ئوتنىڭ تەپتىمۇ شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىدىكى ئەتراپتىكى بوستانلىقلارنىڭ دەرەخلىرىمۇ بۇ ھارارەت تۈپەيلى قاغجىراشقا باشلىدى... ua=7YG  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 27- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-24

سىياۋۇش ئاتەشتىن ئۆتۈشكە تەييارلىنىپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇ بېشىغا زەر دوبۇلغا،ئۇچۇسىغا كىپەنلىككە سىمۋول قىلىنغان ئاپپاق كىيىم كىيىپ،ئويناقلاپ تۇرۇدىغان قارا تاي مىنىۋالغان ئىدى.چىرايىغا قارىسىڭىز ئۆلۈمگە كېتىۋاتقاندەك ئەمەس بەلكى، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك،كۆڭۈللۈك بىر ئىشقا كېتىۋاتقاندەك ، يۈزلىرىدە تەبەسسۈم،لەۋلىرىدە كۈلكە،كۆزلىرىدە بولسا روشەن ئۈمىد نۇرلىرى پارلاپ تۇراتتى.سىياۋۇشنىڭ پۈتۈن كىيىملىرىگە كاپۇر چېچىلغان بولۇپ ،كاپۇر ئەينى زامان ئادىتىدە كىپەن كىيگەن جەسەتلەرگىلا چېچىلاتتى.سىياۋۇش كاۋۇسنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندىن كېيىن، ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ بېشى يەرگە تەككۈچە ئىگىلىىپ سالام قىلدى.ئەل يۇرتتىن ئۇيۇلۇپ ئاران تۇرغان كاۋۇس ئوغلىغا جاۋاپ سالام بېرىپ بولۇپ،ئۇنىڭ ئوتتىن سالامەت چىقىشى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.سىياۋۇش كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاپ بەردى: )iIsnM  
-    ئەي ئاتا،مەن ئۈچۈن غەم يەپ كۆپ  ھەسرەت چەكمىگىن.بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى مانا مۇشۇنداق ۋاپاسىز،ھىچ ئىش ئىنساننىڭ رايىغا باقمايدۇ.مەن بۈگۈن بۇ ئۇلۇغ ئوتتىن قورقۇپ كەينىمگە يانسام ئەل يۇرت ئىچىدە شەرمەندە بولارمەن.مەن بۇ ئوتتىن قىلچە قورىقمىدىم،سەۋەبى مەن پاك،گۇناھسىز.ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئوت دىگەن گۇناھكار بەندىلەرنىلا كۆيدۈرۈشكە يارالغان.مەن بۇ ئۇلۇغ ئوتتىن سالامەت ئۆتۈپ ئاللاھنىڭ ساماۋى ھۆكمىنى،ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايمەن... ".AW   
سىياۋۇش مەردانە سۆزلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئېتىنى مىنىپ ئاتەشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن غايەت زور گۇلخانغا يېقىنلاپ كەلدى.ئۆتۈشتىن بۇرۇن  پاك دىلى بىلەن ئاللاھتىن مەدەت تىلىدى: n]w%bKc-9  
-ئەي ياراتقان تەڭرىم،ئەبەدى مەرھەمەتلىك ئۇلۇغ زات،سەن قۇدرىتىڭ بىلەن يوقنى بار قىلىسەن،بارنى يوق قىلىسەن،پاختا ئىچىدە چوغنى كۆيدۈرمەي  ساقلىيالايسەن،مېنىڭ نەقەدەر پاك ئىكەنلىكىم ئۆزۈڭگە مەلۇم.زالىم ،شەرمەندە،كۆڭلى قارا سۇدابە مەندەك بىر پاك ئىنساننى شەيتان يولىغا باشلىيالمىغىنى ئۈچۈن مەندىن ئۆچ ئالماق بولۇپ  بۇ بالالارغا گىرىپتار قىلدى.ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى نەمرۇتنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ  ئوتىدىن ئامان ئىسەن ساقلاپ، ئوت دۆۋىسىنى گۇلزارغا ئايلاندۇرۇپ دۈشمەننىڭ قەستىنى بىت چىت قىلغىنىڭ جىمى ئالەم خەلقىگە مەلۇملۇق.مەن ئىبراھىمدەك پەيغەمبەر بولمىساممۇ پاك بەندەڭمەن.بۈگۈن بۇ مۈشكىلات ئالدىدا مەنمۇ قۇدرىتىڭگە سېغىندىم.مېنى بۇ ئوت دېڭىزىدىن سالامەت ئۆتۈشكە نىسىپ قىلىپ ئاتامنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى ئاق ھەم يورۇق قىلغايسەن.سۇدابەنىڭ ھىيلە مىكرى ۋە بارلىق قەستلىرىنى بەربات قىلىپ،بۇندىن كېيىن يامان يولدىن قايتۇرغايسەن! Xe`$SNM  
سىياۋۇش ئىلتىجاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن مىسلى ئەجدىھادەك ئوت ئىچىگە قارىتىپ ئات سالدى.ئىككى ئوتۇن تېغى ئارىسىدىكى ئىككى گۇلخاننىڭ يالقۇنلىرى ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرغان تار قىستاڭ يول بىلەن ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى. Wo9= cYC)  
تۈمەن مىڭلىغان ئادەم بۇ يەرگە ئاجايىپ ۋە دەھشەت بۇ ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن كىلىشكەن ئىدى.سىياۋۇشنىڭ ئات مىنىپ ئاسمان پەلەك  گۇلخان ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئالامان ئۇنىڭغا قاتتىق ئىچ ئاغرىتىشىپ ،تاش يۈرەك كاۋۇسقا لەنەت بىلەن قارىشىپ چۇقان سۈرەن كۆتۈرۈشۈپ كېتىشتى. *<{hLf  
سۇدابە بۇ چاغدا قەسىرىدە ئىدى.ئۇ چۇقان سۈرەنلەرنى ئاڭلاپ تاماششا كۆرمەكچى بولغاندەك قەسىرىنىڭ يېنىدىكى ئىگىز راۋاققا چىقىپ گۇلخان تەرەپكە قارىدى...دەۋزەخ ئوتىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئۇلۇغ ئوتنى كۆرۈپ قاتتىق قورقتى ۋە كاۋۇس بىلەن سىياۋۇشنى قاغاپ كەتتى... b/T k$&  
ئەمدى قىسسىمىزنى يەنە سىياۋۇش ئۈستىدە بايان  قىلىمىز:سىياۋۇش ئېتىغا قامچا ئۇرۇپ ئوت ئىچىەە قاراپ ماڭغاندا ئېتىمۇ ھۈركۈپ قاچماستىن خۇددى ئۇلۇغ ئوتقا ئاشىنا بولغاندەك چېپىپ كىرىپ كەتتى.ئات بىلەن سىياۋۇشنى ئۇلۇغ ئوت ۋە دۇت ئورۇۋالدى...ئۇلار بىردەمدە ئۇلۇغ ئوت ئىچىدە كۆرۈنمەي قالدى. خالايىق ‹‹ئۇلۇغ ئوت شاھزادىنى يۇتۇپ كەتتى›› دىيىشىپ قاتتىق يىغا- زارە قىلىشىپ كەتتى.خېلى ئۇزاق  ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سىياۋۇش گۇلخاننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ ساق -سالامەت چىقىپ كەلدى.قاتتىق يىغا زارە قىلىشىۋاتقان ئالامان خۇشاللىقتىن سەكرەپ چۇقان سۈرەن كۆتۈرۈشۈپ كەتتى. . Z9c.E{  
سىياۋۇش تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈمسىرەپ  مەردانە قىياپەتتە كېلەر ئىدى.دىمەك ئۇشۇنچىۋالا ئۇلۇغ ئوت ئارىسىدىن ھىچيېرى كۆيمەي،دۈشمەننىڭ نىيىتىدىكىدەك كۆيۈپ ئۆلمەي، خۇددى گۇلزارلىق باققا سەيلىگە بارغاندەك ساق سالامەت كۈلۈپ چىققان ئېدى.ئۇ پەرىشتە ئەمەس ئىدى،ۋە ياكى ئوتتا كۆيمەس سەمەندەرمۇ ئەمەس ئىدى.خۇددى سىز بىزدەكلا پاك دىل، ساپ، ئاددى ئىنسان ئىدى.جادۇ قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى.ئۇلۇغ پەرۋەردىگاربۇ ئىش ئارقىلىق  يەنە بىر قېتىم كارامەت كۆرسۈتۈپ، ئىنسانلارنى پاك ياشاشقا،يامانلىقتىن قېچىشقا،ياخشى ئىش،ياخشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ پاك ئىمان بىلەن ياشاشقا بىشارەت بەرگەن ئىدى. D}ZPgt#   
كىشىلەر سىياۋۇشنىڭ چىرايىغا قاراشتى.ئۇنىڭ يۈزى كۆيۈپ تارتۇق بولۇپ قالماستىن،ۋە ياكى بىرەر ئىس ياكى قارا تەگمەستىن   باھارنىڭ گۈل چىمەنلىرىدەك ئېچىلىپ ياشناپ چىققان ئىدى. K-.%1d@$y  
كاۋۇسنىڭ سىنىقىدىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى-  بۇ گۇلخان سىياۋۇشقا دەۋزەخ بولۇپ تېنىنى كۆيدۈرمەستىن بەلكى جەننەت بېغى بولۇپ  ئۇنى راھەت قۇچۇقىغا ئالغان ئىدى.پۈتۈن ئالامان شاتلىقتىن بوراندەك گۈركىرەشتى.ھاياجاندا سىياۋۇشنىڭ باشلىرىدىن يېنىدا بار بولغان بارلىق  ئالتۇن –كۈمۈش،زىبۇ زىننەت،تىللا - دىرھەملىرىنى چاچقۇ قىلىشىپ ئۇنى قىزغىن تەبرىكلەشتى.گويا پۈتۈن ئالامانغا چوڭ بايرام بولغاندەك بىر بىرىگە خوش-خەۋەر يەتكۈزۈشۈپ شاتلىقتىن بەھرىمەن بولۇشاتتى.‹‹گۇناھسىزلارغا ئاتەشمۇ تەسىر قىلمايدىكەن ›› دېيىشەتتى. ??hKsjNAm0  
بۇ يەردىكى خۇشاللىقنىڭ ئەكسىچە سۇدابە خەۋەچىسى ئېلىپ كەلگەن خەۋەردىن قاتتىق ئەلەم يۇتۇپ ،بىر ئازابى مىڭ بولۇپ چاچلىرىنى يۇلۇشقا،ئۆزىنى كاچاتلاشقا،يۈز كۆزلىرىنى تاتىلاپ يېڭىۋاشتىن يارا قىلىشقا باشلىدى.ھەسەت ۋە دۈشمەنلىك ئەنە شۇنداق ئاچچىق زەھەر ۋە مەرەز كېسەلكى، قايسى ئادەمگە چاپلاشسا ئۇنى يالماۋۇز ياكى  قەبىھ ئالۋاستىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ... 1!+0]_8K  
سىياۋۇش شاھ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كەلدى. يەنە بۇرۇنقىدەكلاچاققانلىق بىلەن ئاتتىن چۈشۈپ بېشىنى يەرگە قويۇپ ھۆرمەت تازىمى قىلدى.ھەم ھەيران ھەم ىۇشال بولغان كاۋۇسمۇ ئوغلىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئاتىلىق مىھرى بىلەن چىڭ قۇچاقلاپ باش كۆزلىرىگە سۆيۈپ كەتتى.كۆزلىرىدىن ىۇشاللىق ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلمەكتە ئېدى.ئۇ سىياۋۇشقا دىدى: 97>|eDc Y  
  -جاھاندا كەم تېپىلىدىغان يىگانە پالۋان ئىكەنسەن.تۇخۇمۇڭ پاكىزە،نىيىتىڭ ساپ ئالتۇندىنمۇ ساپ بولغىنى ئۈچۈن بۇ زور سىناقتىنمۇ ئامان ئېسەن ئۆتەلىدىڭ.بارىكاللا ئوغلۇم.گۇناھسىز ئىكەنسەن،سېنى ‹‹گۇناھكار›› دەپ قارىلىغانلارنىڭ يۈزلىرى قارا بولسۇن.سېنىڭدەك پەرزەنتلەر جاھان شاھى بولۇشقا مۇناسىپ.مەن سۇدابەنىڭ ئىغۋالىرىغا ئىشىنىپ، ئالتۇندەك ئوغلۇمدىن گۇمانلانغىنىم،پاك ئەقىدەڭنى خارلىغىنىم ئۈچۈن قاتتىق ئۆكۈندىم.مېنى كەچۈر. ,&O&h2=  
كاۋۇس سىياۋۇشنى قايتۇرۇپ كېلىپبېشىغا  ئۆزىنىڭكىدىنمۇ قىممەتلىك تاج تاقىدى. غەزىنىسىدىن ئەڭ قىممەتلىك تون سەرۇپايلارنى، ئالتۇن كەمەرلەرنى ئېلىپ چىقىپ سىياۋۇشقا كىيدۈردى.ئۈچ كۈنگىچە غەزىنە ئىشىكىنى خالايىققا ئېچىپ پۇل مال ،كىيىم كېچەك،ئاشلىق...دېگەندەك نەرسىلەرنى   تارقىتىپ ئاۋام كۆڭلىنى خوش قىلدى. YD~(l-?"  
"6%qi qt  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 28- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-29

سىياۋۇشنىڭ ئاتىسىدىن سۇدابەنىڭ قېنىدىن كېچىشنى تەلەپ قىلغانلىقى Y$ ZDJNz  
سىياۋۇش ئاتەش سىنىقىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن كاۋۇس‹‹ سىياۋۇش گۇناھسىز ئىكەن،ئەسلى گۇناھ سۇدابەدە ئىكەن›› دىگەن يەكۈنگە كەلدى. ئەمدى ئۇ سۇدابەنىمۇ ئاتەشتىن ئۆتكۈزۈپ سۆزىنىڭ راست يالغانلىقىنى ئايرىشى كېرەك ئىدى.لېكىن خوتۇنىنىمۇبۇنداق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلدۇرۇشقا چىدىمىدى بولغاي ئىش شۇنىڭ بىلەنلا بېسىقىپ قالدى. {\k:?w4  
تۆتىنچى كۈنى كاۋۇس غەزەپ قىلغان ،باشقىلارنى جازالىغان چاغلىرىدا كۆتۈرۈۋالىدىغان ئۆكۈز باشلىق چوقماقنى كۆتۈرۈپ تەختىگە چىقتى.ئەمىرلەر ،ۋەزىرلەر ‹‹قايسىمىزنى جازالار›› دەپ قورقۇشۇپ خۇدۇكسىرەپ تۇرغان چاغدا سۇدابەنى چاقىرتىپ كىرىپ تەخىت ئالدىدا يۈكۈندۈرۈپ قويۇپ غەزەپ بىلەن سوراقلاپ كەتتى: #W L>ha v  
  -سەن شەرمى ھايانى بىلمەي يۈزۈمنى يەر قىلدىڭ.قەدىناسلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ،گۇناھلىرىڭنى كەچۈرسەممۇ يەنە ئۆزۈڭنى بىلمەي دىلىمنى كۆپ قېتىم رەنجىتتىڭ .مەيلىڭگە قويۇپ بەرسەم ھەددىڭدىن ئېشىپ ھە دىسىلا پاكىزە پەرزەنتىمنى قارىلاپ، ئۇنىڭ جېنىغا قەست قىلدىڭ.ھەرقانداق پولات تەنلىك ئەزىمەت كىرسىمۇ ئېرىپ كەتكۈدەك كۈچلۈك ئاتەشكە سالغۇزدۇڭ.سېنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىڭ چېكىدىن ئاشتى،ئەمدى ساڭا كەچۈرۈش يوق،ئۆلۈمگە ھازىرلان.سېنى مۇكاپات ئەمەس ئاخىرەتكە ئۇزۇتۇپ قويۇدىغان دار كۈتىۋاتىدۇ.تېزراق ئۆلۈمگە ھازىرلان! %BkPkQA  
  -ئەي شەھرىيار،بۈگۈن قاتتىق غەزەپكە كەپسەن.سېنىڭ غەزىپىڭ ئالدىدا دار ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.ئەگەر مەقسىدىڭ مېنىڭ كاللامنى ئېلىش بولسا، بولدى، تېزراق پەرمان چۈشۈرۈپ كاللامنى كەستۈر.سېنى ياخشى كۈتەلمىگەن گۇناھىمنىڭ جازاسى بوپقالا،لېكىن بۇ ئۆلتۈرۈشۈڭ سىياۋۇش ئۈچۈن بولسا مەن بۇنۇڭغا قايىل ئەمەس. G^\.xk]  
-نىمىشقا قايىل بولمايسەن؟ سىياۋۇش ئاتەشتىن ساق سالامەت چىقىپ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى،سېنىڭ يالغانچى گۇناھكار ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلىدىغۇ؟ jpfFJon)w  
  -بۇ دېگەن سېنىڭ قارىشىڭ.ئۇنىڭ ئاتەشتىن ساق چىققانلىقى ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنىڭ پاكىتى  ئەمەس. P76QHBb l  
  -بۇ نېمە دېگىنىڭ ؟ N..@}}  
  -نېمە دىگىنىم بولاتتى؟ ھەق گەپ قىلغىنىم.سىياۋۇش زابۇلىستاندا تۇرغاندا سېھرىگەرلىكنىمۇ ئۆگىنىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئوتقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىگە سېھىر ئىشلىتىپ ئوتتا كۆيمەس بولىۋاپتۇ. 1uc;:N G=  
-قۇرۇق گەپ قىلما،نەدىمۇ سېھىر جادۇ دەيدىغان نەرسە بولسۇن .‹‹قارا ئاقارماس،سارڭ ساقايماس››‹‹دوكلارنى قەبرىمۇ تۈز قىلالماس›› دېگەندەك سەندەك شەرمى ھايانى تەرىك ئېتىپ ھەق يولدىن قايتقانلارنى ئۆزگەرتىپ ياخشى ئادەم قىلماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن. &PEw8: TX  
شۇسكزدىن كېيىن كاۋۇس يېنىدىكى ۋەزىرلىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرىدىن سورىدى: M7AUY#)  
  -سۇدابەنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى ھەممىڭلارغا مەلۇملۇق ئۇنىڭغا قانداق جازا بەرسەك بولار ؟ myWa>Mvb  
  -ئەي شاھىم،راستىنلا جازالاش نىيىتىڭىز بولسا،ئۇنىڭ گۇناھىغا پەقەت ئۆلۈم جازاسىلا مۇۋاپىق كېلىدۇ-دېيىشتى مەسلىھەتچىلەر بىردەك. 6\/(TW&  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 29- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-29

كاۋۇس مەسلىھەتچىلەرنىڭ مەسلىھىتىگە كىرىپ ،جاللاتلارغا سۇدابەنى ئېلىپ چىقىپ دارغا ئېسىشقا پەرمان چۈشۈردى: ua>YI  
  -ئەي جاللات،قېنىسەن! دەرھال بۇنى ئېلىپ چىقىپ دارغا ئاس.يالغان سۆز ئارقىلىق جادۇ قىلىپ ،باشقىلارنى توغرا يولدىن ياندۇرۇۋېتىدىغان بۇ مەلئۇننى كۆزدىن يوقات! C{8(ew  
جاللات سۇدابەنى دارغا ئېسىش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىۋىدى سىياۋۇش توسۇۋالدى: MF/@Efjn ]  
  -ئەي ئاتا،بولدى قىل،ھەممە ئىش ئۆتتى كەتتى.سۇدابە يالغانچىلىق قىلغان بولسىمۇ ھىچكىمگە زىيان يەتكىنى يوق،مانا مەنمۇ ئالدىڭىزدا ساق سالامەت تۇرمامدىمەن.ئۇ بۇئىشنى ئىبرەت قىلىپ بۇندىن كېيىن تۈزۈپلۈپ كەتسە،سىزگىمۇ ياخشى،ئۆزىگىمۇ ياخشى.شۇچاغدا ئۇ يەنىلا مېنىڭ ياخشى ئانام بولالايدۇ.كونىلار: ‹‹ئەپۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشۈدىغان ياخشى پەزىلەت ›› دەپ ئېيتقان ئىكەن.سىز بۇ ئىش ئارقىلىق پەزىلەت ئىگىسى بولۇڭ... (S1Co&SX  
سىياۋۇش نۇرغۇن ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ كاۋۇسنى سۇدابەنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىشقا كۆندۈردى.ئەسلىدىمۇ كاۋۇسنىڭ سۇدابەنى جازالاشقا كۆزى قىيمايتتى.بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بولۇپمۇ رەڭگى ئېزىقىپ كەتكەن.پەرمانىنى قايتۇرۇۋېلىشقا باھانە تاپالماي چوغ دەسسەپ سالغاندەك تىپىرلاپلا قالغان ئىدى.ئۇ سىياۋۇشنىڭ رەنجىپ قېلىشىدىن قورقۇپلا شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. مانا ئەمدى ھەممە ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولدى.سىياۋۇشقا بولغان مىھرىبانلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى. }IGoPCV|  
سىياۋۇشنىڭ مۇنداق قىلىشىدىمۇ سەۋەپ بار ئىدى.ئۇ ئاتىسىنى ياخشى بىلەتتى.ئۇ ھازىر سىياۋۇشقا يۈز كېلەلمەي قېلىشىدىن قورقۇپ ،سۇدابەنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغىنى بىلەن ئاز كۈن ئۆتمەيلا قاتتىق پۇشايمان قىلاتتى.‹‹ئامراق خوتۇنۇمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولدى›› دەپ قاراپ يەنە سىياۋۇشتىن يامانلاپ قالاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدابەنىڭ ئاتىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپسا ئۇرۇش قوزغىشى ،ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدا يەنە قانلىق ئۇرۇش پارتلاپ نۇرغۇن ناھەق قانلار تۆكۈلۈپ زور زىيان كېلىپ چىقاتتى. g<$q#l~4xH  
سىيۋۇش سۆزىنى دەپ بولۇپلا شاھنىڭ تەختىنى سۆيۈپ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ بولۇپ قايتىپ چىقىپ كەتتى. جاللاتمۇ سۇدابەنى قويۇۋېتىپ چىقىپ كەتتى.كۆڭلى قارا كىشىلەر ئاجايىپ بولىدىكەن.بۇ ئىشتىن كېيىن سۇدابە سىياۋۇشنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ كۆپ مىننەتدار بولۇشى، ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولۇشى، ،قىلغانلىرىغا تۆۋە قىلىپ،ياخشى ئادەم بولۇشى كېرەك ئىدى.لىكىن بۇلارنىڭ ئەكسىچە ئۇ سىياۋۇشقا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.ئۇ ئويلىدى:‹‹مېنى كەچۈرۈم قىلغۇزۇپ يالغاندىن ئالىجاناپ ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالغىنىڭمۇ بۇ؟! كۆڭلۈڭدە مېنى مىننەتدار بولىدۇ دەپ ئويلىدىڭمۇ؟ چۈشەكەپسەن!ئۆلگەن بولسام بۇ دەرتلەردىن قۇتۇلغان بولار ئىدىم.مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغىنىڭ مېنى ‹ئىشىقنىڭ يالقۇنلۇق ئوتىدا داۋاملىق كۆيۈپ ئۇزاققىچە قىينالسۇن،قىينىلىپ ئۆلسۇن› دېگىنىڭ بولماي نېمە؟ئالدىرىماي تۇر ! بۇندىن كېيىن سۆزۈمگە كىرسەڭ كىردىڭ، بولمىسا سېنى كۆزدىن يوقاتمىغۇچە بىر كۈنمۇ تىنچىمايمەن.ئېرىشەلمىگەن بەخىتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا- چوڭ بەختسىزلىك!›› ,@4~:OY  
سۇدابە ھەرەمگە قايتىپ كەلدى.كېنىزەك،خىزمەتكار قۇل چاكارلارنىڭ ھەممىسى يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ خوجايىنىنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىنىدىن مىننەتدار بولۇپ ئۇنىڭ پېشىنى سۆيۈپ يىغلىشىپ كېتىشتى. 5|0}   
  ئارىدىن بىرەر ھەپتىچە ۋاقىت ئۆتكەندە كاۋۇسنىڭ سۇدابەگە بولغان ئىشقى مۇھەببىتى يەنە كۈچىيىپ كەتتى.ئۇ سۇدابەگە غەزەپ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ ھەرەمگە يەنە قەدەم قويدى... M"Q{lR  
سۇدابە بۇ يېقىنچىلىقتىن نەپ ئېلىپ سىياۋۇشقا يەنە زىيانكەشلىك قىلماققا تەرەددۇت قىلدى.ئۇ يەنە تۈرلۈك ھىيلە نەيرەڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىپ كاۋۇسنى سىياۋۇشتىن قاتتىق گۇمانلىنىدىغان قىلىپ قويدى. o-_H+p6a  
بۇ ھەقتە فىردەۋسى مۇنداق نەزمە پۈتكەن: !{%BfZX<&  
  شۇنداق بولۇر دائىم مەردۇمى ناچار، pDV8B/{  
ھىچنىمە قىلالماس دىل بولسا ھۇشيار. 5Gw B1}q  
ئەگەر زەھەر بىلەن تولدۇرسا پەلەك، e'0BP,\f_}  
ئۇ قاچىدىن شەربەت ئىزدىمە پەقەت. 7/b\NLeJ'  
تەقدىردىن زادىلا ئاغرىنمىغىن ھىچ، JsD|igqF-  
ياراتقۇچىمسەن ،يوق داۋادىن كەچ. j9^V)\6)  
شۇنداق ئىكەن ئەسلى پەلەك قىلمىشى، oo2CF!Xy  
سەندىن يۈز ئۆرۈمەك بولۇپتۇ ئىشى. eNc>^:&y*  
دانا رەھبەر قىلمىش بىر ھىكمەت تارتۇق: [Lal_}m?  
‹‹قانداشلىق مىھرى ھەر نەرسىدىن ئارتۇق. }NpN 
ئۆزۈڭگە لايىق تاپتىڭمۇ پەرزەنت ، 2D)B%nM[  
ئاياللار ئىشقىغا دىلىڭ قىلما بەنىد. c.4WwzK  
ئۇلارنىڭ تىللىرى دىللىرى باشقا، *!m(oP  
بۇرنۇڭ قانار قولۇڭ يەتكەندە ئاشقا. Cm%|hk>fQ  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 30- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-30

كاۋۇسنىڭ ئەفراسىياپنىڭ كېلىشىدىن خەۋەر تاپقانلىقى 5a&BgBO1M  
كاۋۇس سۇدابە ئىشقىغا بېرىلىپ مەملىكەت ئىشلىرىنى ئۇنتۇشقا باشلىغان مەھەلدە مەلۇماتچىلار ئۇنىڭغا يېڭى خەۋەر مەلۇم قىلىپ قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى.مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە ئەفراسىياپ ئىككى يۈزمىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن ئىرانغا يۈرۈش باشلىغانمىش.بۇلارنىڭ يۈزمىڭى تۈرۈكلەر ئارىسىدىن تاللىۋالغان باتۇر لەشكەرلەر ئىكەن.بۇ خەۋەر كاۋۇسنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ ئارامىنى بۇزدى.تىنىچ زاماندا بەزمە مەشرەپ ئويناپ،شاراپ ئىچىپ، گۈزەل خانىشلىرى بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ ئەيىش -ئىشرەتلىك راھەت تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان كاۋۇسقا بۇ خەۋەر ئەلۋەتتە بوش تەسىر قىلمايتى.رەقىبى بىلەن جەڭ قىلىپ يېڭەلىسىغۇ يەڭدى،يېڭەلمەي قالسا جېنى ئامان قالمىغاننىڭ سىرتىغا پۈتۈن مەملىكەت خەقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتەتتى. |7QSr!{_  
كاۋۇس دەرھال مۇبەدلەر،ۋەزىرلەر،چوڭ سەركەردىلىرىنى ھەربى  كېڭەشكە چاقىرىپ ياۋغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.كاۋۇس مەجلىس ئەھلىگە مۇنداق دېدى: jo' V.]\  
  -مەن بۇ ئەفراسىياپ دېگەننىڭ زاتىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم.تەڭرى بارلىق مەخلۇقاتلارنى توپا،ئوت،ھاۋا،ۋە ئاب(سۇ)دىن ئىبارەت تۆت خىل تەركىبتىن  ماتريال قىلىپ ياراتقان.لىكىن ئۇنى بۇ تەركىبلەردىنمۇ باشقىچە بىرنىمىدىن ياراتقانمىكىن دەيمەن.ياكى ئۇ ئادەم ئاتىنىڭ پۇشتىدىن ئەمەسمۇ؟! ‹‹نىمىشقا ؟›› دېسەڭلار،مەن ئۇنىڭ خاراكتېرىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.بىز بىلەن پات –پات  بىز بىلەن سوقۇشۇپ زىمىن تالىشىپ تۇرىدۇ.يېڭىلىپ قالسىلا يارىشىش كويىغا چۈشۈپ، تەسىرلىك سۆز ئىبارىلەر بىلەن قەسەم ئىچىپ تىلى ھەم دىلىنى گۆرۈگە قويىدۇ. مادار توپلاپ ھېساپسىز قوشۇن يىغىۋالسىلا ۋەدە قەسەملىرىنى ئۇنتۇپ ،ئەھدە پەيماننى بۇزۇپ بىزگە قارشى قوشۇن تارتىپ چىقىدۇ.مەن ئۇنىڭ بۇ تۇترۇقسىز قىلىقلىرىدىن قاتتىق زېرىكتىم.بۇ نۆۋەت زور قوشۇن توپلاپ ئۆزۈم باش بولۇپ چىقاي دەيمەن.ئىشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويماي ،ئۈزۈل -كېسىل جەڭ قىلىپ يورۇق كۈنلىرىنى قارا قىلاي، ئوقيا ئوقىدەك يىراققا ئۇچۇراي ،نام -نىشانىنى جاھاندىن يوق قىلاي دەيمەن.بولمىسا ئۇ ھامان بىزگە تىنىچلىق بەرمەي ئىراننى ۋەيران قىلمىغۇچە توختىمايدىغاندەك قىلىدۇ. 35J VF*z  
مۇبەدلەر ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىپ مۇنداق دېيىشتى: Irui{%T  
  -ئەي ئۇلۇغ شەھرىيار،بۇ قانداق دېگىنىڭ ؟ رۇستەمدىن تەلىم ئېلىپ پۈتۈن جاھان پالۋانلىرىغا تېتىيالىغۇدەك بولۇپ يېتىشىپ چىققان شىرى غەرراندەك ئوغلۇڭ تۇرۇپ،يەنە قول ئاستىڭدا نەچچە مىڭلاپ باتۇر سەركەردە سەردارلىرىڭ تۇرۇپ نىمىشقا جەڭگە ئۆزۈم بارىمەن دەيسەن؟نىمىدەپ ئۇرۇش ئۈچۈنغەزىنىدىكى بايلىقل؛ىرىمىز دۇنيا دەپىنلىرىمىزنى ئىسراپ قىلىپ سورۇۋەتكۈدەكمىز؟سەن ئىككى قېتىم ئۆزۈڭ قوشۇن باشلاپ ئۇرۇش قىلىشقا چىقىۋىدىڭ، دۈشمەنلەر غالىپ كېلىپ سېنى ئەسىر ئېلىۋالمىىمۇ؟ئەزىز جېنىڭغا قەست قىلىشقا قىل قالمىدىمۇ؟بىزنىڭ پىكرىمىزچەبۇ قېتىمقى جەڭگە ئوغلۇڭ سىياۋۇشنى چىقارغىنىڭ ياخشىدۇر.بۇنىڭ مۇنداق ئىككى پايدىسى بار.بىرى،ياش، جەسۈر، تەڭداشسىز پالۋان ئوغلۇڭنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەنگە ھەيۋەڭنى كۆرسۈتەلەيسەن،ئىككىنچىدىن سىياۋۇش ئوردىدىن يىراقلاشسا خانىش  ئايىم بىلەن بولغان ئوتتۇردىكى زىددىيەت پەسىيىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دۈشمەنلىك تۈگەپ كېتىشىمۇ مۈمكىن. Va[t'%~&zR  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 31- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-30

مۇبەدلەرگە جاۋابەن كاۋۇس مۇنداق دىدى: 10)RLh|+  
  -ئۆزۈمدىن ئۆزگىنى ئەفراسىياپ بىلەن جەڭ قىلىشقا باش قوماندان بولۇپ بېرىشقا مۇناسىپ دەپ قارىمايمەن.بىز ئىككىمىز بىر –بىرىمىز بىلەن جەڭ قىلىشقا‹‹سەن ماڭا باپ ،مەنمۇ ساڭا باپ››دېگەندەك، بەكمۇ ماس كېلىمىز.سۇغا كېمەبولمىسا بولمىغاندەك،كېمىگىمۇ سۇ بولمىسا بولمىغاندەك ئۇرۇشتا بىرىمىز كەم بولساق بولمايدۇ.بۇ ھەقتە ئوبدانراق كېڭىشىپ كېڭەش قارارى بويىچە ئىش كۆرەيلى. r`\@Fv,&#  
بۇلار كېڭىشىپ تۇرسۇن، ئەمدى گەپنى سىياۋۇشتىن ئاڭلايمىز . تۇرانلىقلارنىڭ ئۇرۇش قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقى،بۇ ھەقتە كىمنى باش قىلىپ ئۇرۇشقا ئەۋەتىش توغرىسىدا جىددى كېڭەش بولۇۋاتقانلىق خەۋىرى سىياۋۇشقىمۇ ئاڭلاندى.سۇدابەنىڭ داۋاملىق پەسكەش تەلەپ قويۇپ يالۋۇرۇشلىرى، سىياۋۇش ئۇنىمىغانچە ئەسەبىلىشىپ تېخىمۇ بەك دۈشمەنلىشىشلىرى تېخىچە توختاپ قالمىغان،سىياۋۇشنى ئوردىدا تۇرغۇسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئېدى.شۇڭا ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مۇشۇ ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئىراندىن بىر مەزگىل بولسىمۇ سىرتقا كېتىشنى خىيال قىلىپ قالدى:‹‹ئەگەر بۇ ئۇرۇشقا ‹‹مەن بارىمەن›› دەپ مەيدە كېرىپ چىقسام،يۇمشاق سۆزلەر بىلەن يالۋۇرسام، شاھ ئاتاممۇ ‹‹ياق›› دېمەيدۇ.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۇدابەنىڭ ھىيلە مىكرىدىن،ئاتامنىڭ تەنىلىك سۆزلىرىدىن بىر مەزگىل يىراق بولىمەن.ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتسەم، بۇ كۆڭۈلسىز ئاۋارىچىلىقلاردىن بىراقلا قۇتۇلىمەن.ئەگەر مەن بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ دۈشمەننى چېكىندۈرەلىسەم ئەل ئارا شۆھرىتىم ئاشىدۇ.شاھ ئاتتاممۇ مېنىڭدىن رازى بولىدۇ.ياخشىسى تەلەپ قىلىپ ئۇرۇشقا بارغىنىم تۈزۈك.›› شۇخىياللاربىلەن بىر قاراغا كەلگەن سىياۋۇش بېلىگە كەمەر تاقاپ شاھ ھوزۇرىغا كەلدى. U#&+n-n pO  
  -ئەي ئاتا،مەندەك قىرانىغا يەتكەن ئوغلۇڭىز تۇرۇپ ،ئۇرۇشقا سىز ئۆزىڭىز بارسىڭىز جاھان باتۇرلىرى ماڭا مالامەت قىلماسمۇ؟ ماڭا يېتەرلىك ئەسكەر بېرىڭ،بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا مەن ئۆزۈم باراي،دۈشمەن قوماندانلىىرىنىڭ بېشىنى سويما ئۈزگەندەك ئۈزۈپ كېلىپ ئالدىڭىزغا قوياي.تۇرانلىقلار مېنىمۇ تونۇپ قويسۇن،ئىككىنچىلەپ چېگرىمىزغا كۆز ئالايتىپ قاراشقا پېتىنالمايدىغان بولسۇن! Lz!JLiMEET  
سىياۋۇش مەردانىلىق بىلەن بۇ ئۇرۇشنى ئارزۇلاپ چىققىنى بىلەن، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئۇنىڭ ھالاكىتىگە سەۋەپ بولىدىغان ئۇرۇش ئېدى.ئىنسان بىر ئىشلارنى ‹‹ئۇنداق قىلىمەن ،بۇنداق قىلىمەن ›› دەپ ئكزىچە چوڭ پىلانلارنى سوقۇپ كەتكىنى بىلەن، ھەممە ئىش پەرۋەردىگەرنىڭ ھۆكمى،تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولاتتى... @;x*~0 GZ  
ئەلقىسسە سىياۋۇش قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن شاھ ۋە مۇبەدلەر سىياۋۇشنىڭ باش قوماندان بولۇپ ئەسكەر باشلاپ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا بېرىشىغا بىردەك قوشۇلۇشتى.بولۇپمۇ كاۋۇس ئوغلىنىڭ چوڭۇپ يارملىق ئادەم بولۇپ قالغىنىدىن ، بولۇپمۇ مۇشۇنداق جىددى پەيتتە  ئاتىسىنى ئاياپ ،جېنىغا ئارا بولۇپ ئۇرۇشقا ئۆزى بارماقچى بولغىنىدىن ئالەمچە سۆيۈندى.خوشاللىقتىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىياۋۇشقا مۇنداق دېدى: IMBjI#\  
   -بولىدۇ ئوغلۇم،تەلىپىڭگە قوشۇلدۇم،شاھلىق غەزىنىسىدىكى بارلىق مال بىسات،ئىلكىمدىكى بارلىق لەشكەر ۋە سەركەردە تامامى سېنىڭ ئىختىيارىڭدا!خالىغىنىڭچە لەشكەر ۋە سەرپىياتلىق مال- مۈلۈك ئېلىپ ئۇرۇشقا بارغىن. evpy%/D  
شۇنداقتىمۇكاۋۇس سىياۋۇشتىن ئەنسىەپ خاتىرجەم بولالماي، دىۋە ئەجدىھالارمۇ تەڭ تۇرالمايدىغان قۇدرەتلىك باتۇر رۇستەمنى  زابۇلىستاندىن چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سىياۋۇشنى تاپىلاپ مۇنداق دېدى: |f/Uzd ~  
   -ئەي ئالەم پالۋىنى،سەن جەڭگە كىرسەڭ دىۋە ئەجدىھالارمۇ قاچارغا جاي تاپالماي قالىدۇ.قۇدرىتىڭ ھەرقانداق كۈچلۈك دۈشمەننى بويسۇندۇرالايدۇ.ئوغلۇم سىياۋۇشنى ئۆزۈڭ تەربىيەلەپ ئۆستۈردۈڭ.جەڭ ماھەرەتلىرىگە پىششىق قىلدىڭ.شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم جەڭگە چىقىشى بولغاچقا، يۈرىكىم ئۈيگەندەك بولۇپ تازا خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن.سەن ئوغلۇم بىلەن جەڭگە بىرگە بارغىن.كېچە-كۈندۈز يېنىدىن ئايرىلماي ئۇنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىغىن،ئۇرۇشتا ياخشى مەسلىھەتچىسى بولۇپ دۈشمەننىڭ ھىيلە -مىكرىدىن ساقلاپ قالغىن... A7,%'.k  
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،پەقىر سېنىڭ پەرمانبەردار قۇلۇڭمەن.خىزمىتىڭ يولىدا كېچە كۈندۈز تەييارمەن.پەرمانىڭنى جېنىم -تېنىم بىلەن ئورۇندايمەن.سىياۋۇش سېنىڭ جېنىڭ بولسا، مېنىڭمۇ كۆز نۇرۇم،جانۇ –جاھانىمدۇر.مېنىڭ ئاسمىنىم ئۇنىڭ تاجى تەختى بولسۇن... !XM<`H/  
كاۋۇس بۇ گەپنى ئاڭلاپ بارىكاللا ئېيتىپ كەتتى.ئۇ ئوغلىنى رۇستەمگە تاپشۇرغىنىدىن خاتىرجەم ئىدى.ئىنسان مانا شۇنداق بىخۇد ئەقىلسىز كېلىدۇ.پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان،بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ھايات –ماماتىنى بەلەىلەيدىغان قۇدرەتلىك تەڭرى تۇرسا، بەزىدە تەڭرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ،ھايات ماماتىنى ئىنسانغا باغلاپ  ئىنساندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ.ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغاندا بولسا بىردىنلا ھۇشىنى تېپىپ چەكسىز پۇشايمان ئوتىدا يۈرىكىنى داغلاپ ھەسرەت يۇتىدۇ. &]GR*a  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
hap.爱情
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3723

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   278 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6669 (سوم)
 ياخشى باھا:   346 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   370  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1099
 سائەت
دەرىجىسى:
1099 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 32- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-31

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  oygunux كە 2011-08-19 12:54 AMئەۋەتىلدى  : ^67}&O^1 ,  
ئىسىمگە كەپ قالدى بۈگۈن لىتپۇللا، ar\|D\0V  
ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك قەيسەر ئوغلانى. cZ|NGkZ  
مەمتىلى ئەپەندى ۋە ھەم ھۆرمىتىم، =v?P7;T  
مىللەتنىڭ ئەركىسى پۇتمەس داستدنى. }|2A6^FH.  
^.iRU'{  
....... , +J)`+pJx  
&U?4e'N)T  
ۋەھشى يېزىپ قۇيۇپسىزغۇ .......، ھەقىقەتەن پەيزى چىقىپتۇ ....... .U=x2txb  

 
قەلبىمدەبولسىمۇچەكسىزمۇھەببەت،
ئىنسانغاتىنمايمەن ئەبەدىل-ئەبەد.
ئۆلسەممۇرازىمەن قايغۇھەسرەتتە،
كۈتمەيمەن ئىنساندىن پەقەتلا شەپقەت.
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 33- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-31

سىياۋۇشنىڭ لەشكەر تارتقانلىقى b3[[ Ah-  
لەشكەرېلەر يولغا چىقىش ئالدىدا ناغرا دۇمباق ئاۋازلىرى ساماغا يەتتى.بارگاھ ئەتراپىدا سان-ساناقسىز سىپاھلار ئالدىراش يۈرىشەتتى.پادىشاھ لەشكىرى لازىمەتلىكلەر ئۈچۈن غەزىنىسىدىن ھىچنىمىنى ئايىمىدى.نىمە كېرەك بولسا ئېلىشى ئۈچۈن غەزىنىلەر ئاچقۇچلىرىنى سىياۋۇشقا بەردى.ۋە مۇنداق دېدى: KzV|::S^  
  -ئەي چوڭ يۈرەك ئوغلۇم،غەزىنىدىكى تاپقان- تەرگەن دەپىن-دۇنيلالىرىمنىڭ ھەممىسى سېنىڭ.غەزىنە مۈلكىمۇ پۈتۈن لەشكەر سەركەردىلەرمۇ ھەممىسى ساڭا ھاۋالە،نىمە قىلساڭ قىل... >SvS(N{  
سىياۋۇش جەڭ تەييالىقى ئۈچۈن كىرىشىپ، جەڭ كۈنلىرى تۈرلۈك ھۈنەر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەرۋەن باتۇر لەشكەرلەردىن ئون ئىككى مىڭنى تەق قىلدى.يەنە پەھلەۋى، پارىس،بەلۇچ،گىلاندەن،سەرۇچ دەشىتلىرىدىن ۋە باشقا يۇرتلاردىن ئون ئىككى مىڭ پىيادە لەشكەر يىغدى.بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ قالقان ۋە شەمشەرلەر بىلەن قوراللانغان ئىدى.يەنە ئىراندىن نامدار،ئەقىللىق ۋە ھۇشيار،ياشتا ۋە قامەتتە سىياۋۇش بىلەن تەڭ كېلىدىغان،بەھرام،زەنگە ئىبنى شاۋەرانغا ئوخشاش داڭقى جاھانغا كەتكەن باتۇر پەھلىۋانلاردىنمۇ نەچچە مىڭنى تاللاپ ئۇچار ئاتلارغا مىندۈرۈپ ،خىل ئاتلارغا مىندۈرۈپ ئۆزىگە ھەمدەم قىلدى.بۇلاردىن باشقا جەڭ كۈنلىرى ئەسقاتىدىغان،لەشكىرى ئىلىملەرگە پىششىق مەسلىھەتچى مۇبەدلەرىنمۇ يېتەرلىك ئېلىۋالدى.قالغان لەشكەرلەرنىڭ ھەددى سانى يوق بولۇپ، كاۋە بايرىقى كۆتۈرۈلۈپ قوشۇنلارغا يۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەندە بىپايان چۆل لەشكەر دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى.ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن يەر يۈزى كۆرۈنمەيتتى.تەرەپ تەرەپلەردە ،لەشكەرلەر بېسىپ ئۆتكەن بىپايان كەڭلىكلەردە پىيادە لەشكەرلەرنىڭ ئىزلىرى بىلەن ئات تۇياقلىرىنىڭ ئىزلىرى يېڭى- يېڭى يوللارنى پەيدا قىلىۋېتكەن ئىدى.ئوتتۇرىدىكى كاۋە بارىقى قادالغان جايدا نەچچە يۈزلىگەن رەڭگەرەڭ بايراقلار ئاي ئەتراپىدىكى يۇلتۇزلاردەك نۇر ئۈستىگە نۇر بولۇپ قوشۇنغا ھەيۋەتلىك سېھرى تۈس بېرىپ تۇراتتى. 2>^(&95M  
@0PWbs$  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
namatman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18751

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   234 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3731 (سوم)
 ياخشى باھا:   203 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6251
 سائەت
دەرىجىسى:
6251 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 34- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-06

ئاخىرىغا تەشنامەن .
 
چوڭ بولغانسىرى ئاشۇ غەمسىز بالىلىقىمنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم دىسە !
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 35- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-06

كەۋۇس تورۇق ئات مىنىپ قوشۇنلار ئەتراپىنى ئايلىنىپ، پۈتۈن قوشۇننى كۆزدىن كەچۈردى. كۆردىكى پۈتۈن قوشۇن  يېڭى لەشكىرى كىيىملەر بىلەن يېڭى كېلىندەك چىرايلىق ياسانغان،جەڭچىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن ناغرا دۇمباقلار بەس-بەس بىلەن گۈمبۈرلەپ چېلىنىپ تۇرغان.لەشكەرلەرمۇ ئۈستۈن روھى كەيپىيات بىلەن سەپراس بولۇشۇپ تۇرۇشقان ئىدى.كاۋۇس قوشۇننى ئىلھاملاندۇرۇش يۈزىسىدىن ئىگىز بىر جايغا چىقىپ سۆز قىلدى: %#&njP  
  -ئەي قەدىمى مۇبارەك جەسۇرانە لەشكەر سەركەردىلىرىم،مەن سىلەر يولغا چىقىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئامانلىق،غەلىبە ۋە شان شەرەپ تىلىمەكچىمەن.ئاتا بولغۇچى يىراق سەپەرگە چىققان ئەزىز ئوغلىنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ.سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ باتۇر ئوغۇللىرىمغا ئوخشايسىلەر.سىلەرنىڭ ھايات ماماتىڭلار مېنىڭ تەقدىرىمنى بەلگىلەيدۇ.قايسى بىر شاھنىڭ سىلەردەك باتۇر لەشكەر- سەركەردىلىرى،جان تىكەرلىرى بولسا ئول شاھ غەم يۈزى كۆرمەيدۇ.ئۇنىڭ مەملىكىتىنىڭ پۇقرالىرىمۇ ئامان ئېسەن ياشايدۇ.ھەممىڭلارغا بەخت ئامەت يار بولسۇن.ئامانلىق نېسىپ بولسۇن.ئىقبالىڭلار پارلاپ يۇلتۇزدەك يورۇپ كەتسۇن.ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىپ ۋەتەنگە ساق سالامەت قايتىپ كېلىش ھەر بىرىڭلارغا نېسىپ بولسۇن.سىلەرگە قەست قىلىپ كەلگەن دۈشمەنلەرنىڭ يۈزىمۇ يولىمۇ قارا بولۇپ، ئۇرۇشتا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ بىزگە ئىككىنچى تىك قارىيالمىغۇدەك بولۇپ بوراندىكى چاڭ- توزانلاردەك توزۇپ سورۇلۇپ كەتسۇن... fdwP@6eh  
كېيىن لەشكەرلەر يولغا چىقىشتى.ئۇلار  يۇرتى خوتۇن بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قايتىپ كېلەلىشى نائېنىق بولغان خەتەرلىك يىراق سەپەرگە ماڭغاچقا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياشلارنى ئېلىشىپ يوشۇرۇن ئاھ ئۇرۇشاتتى،قايرىلىپ ئۇزاتقۇچىلارغا ۋەتەن بوستانلىرىغا قىيماي قارىشاتتى.كاۋۇس قوشۇننىڭ ئالدىغا چۈشۈپ بىر كۈنلۈك سەپەرگىچە پۈتۈن قوشۇننى ئۇزۇتۇپ بىرگە كەلدى.كېيىن ئاتتىن چۈشۈپ ئوغلى سىياۋۇش بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆزلىرىدىن باھار بۇلۇتىنىڭ يامغۇرىدەك ياشلارنى تۆكۈپ تۇرۇپ خوشلاشتى.ئۇلار ئەزەلدىن بىر بىرى بىلەن سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن خوشلاشسا بۇنداق ياش تۆكۈشمەيتتى.لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى يۈز كۆرۈشىشى ۋە ئاخىرقى خوشلۇشۇشى ئىكەنلىكىنى يۈرەكلىرى تۇيغاندەك بىر بىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي يىغا تۇتۇپلا تۇراتتى. w 2U302TZ  
تەقدىرنىڭ ئىشى ئەنە شۇنداق .كىشى تەقدىر قولىدىن بەزىدە شىرىن شەربەتلەرنى ئىچسە، بەزىدە ئاچچىق زەھەرنىمۇ ئىچىپ قالىدۇ. ?tqJkL#  
كاۋۇس ھەمراھلىرى ئارقىسىغا قايتىپ كەتتى.سىياۋۇش پۈتۈن قوشۇن بىلەن ئىلگىرلىدى.ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرى زابۇلىستان دىيارىدىن كېسىپ ئۆتەتتى. ئۇلار زابۇلىستانغا كەلگەندىن كېيىن پۈتۈن  قوشۇننى بۇ يەردە توختۇتۇپ نەچچە كۈنلەپ ئارام ئالغۇزۇپ رۇستەملەرگە مېھمان بولدى.رۇستەم زابۇلىستاننىڭ داڭلىق سازەندە ۋە ناخشىچىلىرىنى، ئۇلۇغزاد نامدارلىرىنى يىغىپ كېلىپ سىياۋۇشلارغا كاتتا بەزمە مەشرەپلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى.يىمەك ئىچمەكلەر مول قويۇلۇپ ،ئىسىل شاراپلار قۇيۇلۇپ ئويۇن تاماششىلار راسا قىزىدى... [.Fq l+  
ئەسلى پىلاندىكى نەچچە كۈنلۈك توختاش نەچچە ھەپتىلەرگە سوزۇلۇپ كەتتى. ئىران باتۇرلىرى بىلەن زابۇلىستان نامدارلىرى رۇستەم ۋە سىياۋۇشلار بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مېڭىشقانلىرىنىمۇ ئۇنتۇشۇپ ئويۇن تاماششا قوينىغا غەرىق بولۇشتى. |dqESl,2  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى