مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5099 
  •    ئىنكاس 
       64 

رۇستەم ۋە سوھراب(شاھنامە ئۈچىنچى بۆلۈم)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07

رۇستەم ۋە سوھراب ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسسە(شاھنامە 3-بۆلۈم) 8KdcLN@  
رۇستەم بىلەن سوھراب ھەققىدىكى قىسسە ‹‹شاھنامە››دىكى ئەڭ قىزىقارلىق شۇنداقلا ئەڭ تەسىرلىك قىسسە،بۇ قىسسىنى كىم ئوقۇسا تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ تاشلايدۇ.شۇنداقلا ئۇلۇغ قەھرىمان،ئالەم پالۋىنى رۇستەمنىڭ ئىش ۋە بەختسىز قىسمىتىدىن كۆڭلى تولىمۇ غەش بولىدۇ. =L; n8~{@y  
تېخى پىشمىغان خام مىۋىنى ئۈزگۈچىنى سېتەمكار دىيىش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن داھگاھقا بېرىپ داد ئېيتىش كېرەكمۇ؟!بۇنداق كىشىنى ھۈنەرۋەن دەمدۇق ياكى ئەقىلسىز نادان دەمدۇق؟! VT~ ^:-]  
ئەگەر پۈتۈن ئالەم خەلقىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك قابىل بىر  ياش يىگىتنىڭ ئۆلۈمىنى شەپقەت دەپ ئاتاشقا توغرا كەلسە ئۇ چاغدا غەم ئەندىشىنىڭ،داد پەريادنىڭ،نېمە كېرىكى بار؟! ئەگەر ئكلۈمنى شەپقەت دىيىشكە توغرا كەلسە ئەشۇ ياش يىگىتنىڭ ئانىسى بولغان گۈزەل بەختلىك مەلىكە  ئۆز ئاتىسى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ياش نەۋقىران ئۈچۈن دەريا- دەريا ياش تۆكۈپ پەلەكنىڭ رەھىمسىز قىسمىتىدىن  دات پەرياد كۆتۈرۈپ  ئېلىشىپ قالمىغان ۋە ئىچىگە سىغدۇرۇپ بولالمىغان دەرت ھەسىرتى تۈپەيلى قان يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتمىگەن بولار ئىدى. O6/=/-?N=c  
كىشىلەر ئاسماندىكى ئاينىڭمۇ خېلى بار دىيىشىدىكەن.شۇنىڭدەك دۇنيادىمۇ پۈتۈنلەي مۇرادىغا يەتكەن ،ھەممە ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولغان،دۇنيادىن ئارمانسىز كەتكەن بىرمۇ ئىنسان ئۆتكەن ئەمەس.رۇستەم مەيلى كۈچ،مەيلى ئەقىل،مەيلى پۇل بايلىق،مەيلى ھوقۇق ئىمتىياز،مەيلى شان شۆھرەت،مەيلى ئۇزۇن ئۆمۈر،مەيلى بارلىق رەقىپلىرىنى بويسۇندۇرۇپ غالىبىيىتىدىن ھوزۇرلىنىشتا بولسۇن دۇنيادا ھىچكىم يېتەلمىگەن چەككە يەتكەن ئىدى.لىكىن مۇشۇنداق بىر بەخت ساھىبىنىڭ ئۇقۇشماستىن تېخى يۈزىنىمۇ كۆرۈش ۋە تونۇشۇشقا مۇيەسسەر  بولالمىغان،جېنىدىن ئېزىز كۆرۈدىغان جان جىگەر ئوغلىنى ئۇقۇشماستىن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ  باشقىلارنىڭ ئۆمۈر بويى تارتقان ئازاپلىرىنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك ،بىر ئاتا بولغۇچى ھەرگىزمۇ چىداپ بولالمىغۇدەك ئەڭ ئېغىر قايغۇ دەرت ئەلەمگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھېسابىغا ئۆزىدىن قىساس ئاماقچى بولغانلىقىنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك.بۇ رۇستەمنىڭ خاتالىقىمۇ ياكى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن رۇستەمنىڭ كېيىنكى تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇ قىسسىگە قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ دىققىتىڭىزگە سۇنۇلىدىغان‹‹ شاھنامە››نىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە بولسۇن. fO}1(%}d  
رۇستەمنىڭ ئوۋدىكى كەچۈرمىشلىرى kU9AfAe  
بىر كۈنى رۇستەمنىڭ كۆڭلىگە دالىغا چىقىپ ئوۋ قىلىپ كىرىش ھەۋىسى چۈشتى.شۇنىڭ بىلەن ئوۋغا چىقىشقا بەل باغلاپ تەييارلاندى.ساداق ئوق  بىلەن لىق تولدى.ئۇ پىلدەك زور ۋەكۈچلۈك تۇلپارىغا مىنىپ ئوۋ قىلىدىغان يەرگە قاراپ تېز يۈرۈپ كەتتى. b8-^wJH!  
رۇستەم خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىر ئولجا ئىزدىگەندەك ئوۋلايدىغان ياخشى ئولقا ئىزدەپ دالا تۈزلەرنى،ئويمان دۆڭلەرنى كېزىپ  يۈرۈپ ئۆزىمۇ سەزمەيلا ئىران زىمىنىدىن چىقىپ تۇران يەرلىرىگە كىرىپ قالدى. ئۇنىڭ بارغان يېرىدە قۇلان كىيىكلەر بەكمۇ كۆپ ئىدى.رۇستەمنىڭ خۇشال بولۇپ كەتكىنىدىن يۈزلىرى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى. V9 t:JY  
رۇستەم تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ يۈرۈپ ئوۋنى باشلىدى.قولىدىكى كامان ۋە نەيزىلەرنى ئىشلىتىپ كەچكىچە ناھايىتى كۆپ ئوۋ غەنىمەتلىرىگە ئىگە بولدى.قۇرسىقى ئاچقان ئىدى.كاۋاپ پىشۇرۇپ يىيىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى قۇرۇق ئوتۇن ،تەمەچ ۋە شاخ شۇمبىلاردىن ئوتۇن راسلاپ، چاقمىقىدىن ئوت چىقىرىپ ەۇلخان يېقىپ كاۋاپ پىشۇرۇپ يىمەكچى بولدى.ئوت ئوبدان كۆيۈپ نۇرغۇن چوغ چۈشكىچە قۇلاندىن بىرنى سويۇپ گۆشنىمۇ تەييار قىلىپ بولغان ئىدى.قارىسا كاۋاپنى سانچىپ پىشۇرىدىغانغا زىخ كەملىك قىلاتتى.رۇستەم ئۇياق- بۇياققا قاراپ ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى يوغان بىر دەرەخنى كۆرۈپ ئۇنى تېگى يىلتىزى بىلەنلا قوشۇپ يۇلىۋالدى.ئۇنىڭ غولىدىن زىخ ياساپ ئەشۇ زىخ بىلەن كاۋاپ پىشۇرۇپ تويغۇدەك يىدى.قۇرسىقى تويغاندىن كېيىن بۇلاقتىكى سۇ بويىدا دۈم يېتىپ تۇرۇپ قانغۇدەك سۇ ئىچتى.تەشناىلى قانغاندىن كېيىن بىر كۈنلۈك ئوۋ جاريانىدا چارچىغانلىقىنى ھىس قىلدى.كۆزلىرىنىمۇ ئۇيقۇ بېسىپ ھەدەپ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئادەم غەمسىز تىنىچ مۇھىتتا تۇرغان ۋاقىتتا ئازراقلا ھېرىپ چارچىسائاسانلا ئۇيقۇسى كېلىدىغان گەپ ئىكەن.شۇڭا رۇستەممۇ تۇلپارىدىن ئىگەر جابدۇقلارنى ئېلىپ تاشلاپ ئوتلاش ئۈچۈن قويۇپ بەردى دە ئەپلىك بىر چىملىقتا يېنىدىن ئايرىمايدىغان ھېلىقى يولۋاس تېرىسىنى يېپىنىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى. I:2jwAl  
ئادەمنى پالاكەت بېسىپ غەپلەتتە قالغاندا ئاسان ئۇيقۇ كېلىدىغان گەپ ئىكەن.رۇستەم بۇ يەردە بىمالال ئۇىلاپ ياتقىنى بىلەن بۇ يېقىن ئەتراپتا سەككىز نەپەر ئاتلىق تۈرىك ئەسكىرىنىڭ ئايلىنىپ يۈرگىنىنى ئۇلارنىڭ رۇستەمنىڭكىدەك ئىسىل تۇلپار ئاتنى كۆرۈپ قالسا ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. sVl:EVv  
بۈم قېتىمقى دەسلەپكى يازما  مەشەدە ئاخىرلاشتى.داۋامىھەر كۈنى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ. g8@i_  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن رۇستەمنىڭ ۋە تۇلپارىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە قىزىقسىڭىز ھەر كۈنى دىققىتىڭىز سەھىپىمىزدە بولسۇن.ئىشىنىمەنكى رۇستەم ۋە ئوغلى ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسسىلەر قۇرسىقىڭىزنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، رامىزىنىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن سىزگە ياخشى ۋاقىت ئەرمىكى بولغۇسى. R8Ei:f}  

تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-01, 10:59
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-01

دەل رۇستەم ئۇخلاپ ياتقان مەھەلدە بۇ يەردىن سەككىز نەپەر تۈرۈك ئاتلىق ئۆتۈپ قالدى .ئۇلار ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ رۇستەمنىڭ تۇلپارىنىڭ ئىزىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇلار بۇ ئات ئىزىنىڭ يېڭى، چوڭ ۋە چوڭقۇرلۇقىغا <t2?Oii;  
قاراپ ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئات ئەمەسلىكىنى، بۇنى قولغا چۈشۈرۈپ ساتسا ناھايىتى كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىپ ئۇنى ئىزدەشكە چۈشتى. u9%:2$[  
ئىزدە ئاخىر ئوت سۈيى مول بىر توقايلىقتىن ئكزلىرى تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ نەچچە يۈز ھەسسە ئىسىل بىر شىر ئاتنىڭ ئوتلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بۇ ئاتنى قورشاپ تۇتۇشقا كىرىشتى.ئۇلار تۇلپارنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ كېلىىپ كامان تاشلاشتى.ئات ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى ۋە ئۆزىگە تاشلاۋاتقان سىرتمىقىنى كۆرۈپ  ئۇلارنىڭ نيامان نىيىتىنى چۈشەندى.ئۇلاردىن  ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئېلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش نىيىتىگە كەلدى.تۇلپار قۇترىغان ئارىسلاندەك ئۆزىنى ھەر ياققا ئۇرۇپ، شىددەت بىلەن چاپچىپ پۇت قويۇپ  ئۇلار بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشتى.ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى تېپىپ ئۆلتۈردى.بىرسىنىڭ بېشىىنى چىشلەپ ئۈزىۋالدى. G!Q)?N    
بىرەر سائەتكە يەتمىگەن شىددەتلىك ئېلىشىشىتا بىردەمدىلا ئۈچ ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغان تۈرۈكلەر مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي تۇلپار بىلەن داۋاملىق ئېلىشىپ ھەر تەرەپتىن كامان ئېتىشتى.ئۇلار داۋاملىق ئېلىشىپ ئاخىر تۇلپارنى ئىككى ئۈچ كامان بىلەن بەنىد قىلىپ تۇتۇۋالغانغا قەدەر ئېلىشىپ ئاخىر نائىلاج قالغان تۇلپارنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ كېتىشتى.رۇستەم بىر چاغدا ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ تۇلپارىنى ئىزدىدى.تۇلپارى ھىچيەردە كۆرۈنمەيتتى.ئۇ جىددىلىشىپ ئەتراپنى ئايلىنىپ تۇلپارىنى چاقىردى.لىكىن تۇلپار ئاقتىمۇ كۆكتىمۇ كۆرۈنمەيتتى. 0a;zT O/"v  
رۇستەم ئۇزاق ئىزدەپ بىر يەردە ئۈچ تۈرىكنىڭ ئۆلۈپ ياتقانلىقىنى،ئەتراپتا نۇرغۇن ئاتلىقلارنىڭ تۇلپار  بىلەن ئېلىشقان ئىزى تۇرغانلىقىنى كۆردى. دىمەك تۇلپارنى تۇرانلىق تۈرۈكلەر تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.رۇستەم   بۇ يەرگە يېقىن بولغان سەمەنگانغا پىيادە بېرىپ ئېتىنى شۇ يەردىن ئىزدەپ بېقىشنى قارار قىلدى.لىكىن خېلى ئارىسالدى بولدى.نىمىشقا دىگەندە رۇستەم داڭقى ئالەمگە تارالغان پالۋان بولغاچقا ئۇنى تونۇيدىغانلار كۆپ ئىدى.ئۇخلاپ يېتىپ ئېتىنى يوقۇتۇپ قويۇپ پىيادە قالغانلىقىنى خەق ئاڭلىسا ئۇنىڭ نام ئابرۇيىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەتتى. r!=VV!XZ  
لىكىن شۇ تاپتا نومۇستىن قورقۇپ بۇ يەردە تۇرىۋەرسىمۇ بولمايتتى.قانداقلا بولمىسۇن تۇلپارنى ئىزدەپ تېپىش كېرەكتە؟ قاپ يۈرەك ئوغرىلار جۇرئەت قىلىپ رۇستەمدەك باتۇرنىڭ تۇلپارنى بۇلاپ كەتسە بۇنىڭغا قانداقمۇ سەۋر قىلىپ تۇرغىلى بولسۇن.؟ Q 7?4GxMj  
رۇستەم گۈرزە قىلىچ ۋە كامان قاتارلىق جەڭ قۇراللىرىنى يۈدۈپ سەمەنگان شەھىرىگە قاراپ راۋان بولدى. !T1i_   

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-02

رۇستەم سەمەنگان شەھرىگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئوتلاقتا ئېتىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، سەمەنگانغا پىيادە  كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى ئۆزىدىن بۇرۇن سەمەنگانغا كىلىپ بولغان ئىدى.سەمەنگەننىڭ پادىشاھى قول ئاستىدىكى ئەمەلدار ۋە ئۇلۇغلىرى، ئەسكەرلىرىدىن بىر بۆلۈك كىشى بىلەن  رۇستەمنى كۈتۈۋالغىلى ۋە كۆڭۈل سورىغىلى ئالدىغا چىقتى.ئۇلار رۇستەمنى كۆرگەندە ئۇنىڭ شىر قامەت ئەزىمەت بولۇپلا قالماي يىگىتلىك ھۆسىندىمۇ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن: /J:j '6  
-بۇ كىشى رۇستەممۇ ياكى پارلىغان قۇياشمۇ ؟!   -دېيىشىپ كېتىشتى. c eX*|B@=  
رۇستەم كۆرۈنگەندە سەمەنگان پادىشاھى ئۇنىڭ ئالدىغا پىيادە بېرىپ قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە ھال ئەھۋال سورىدى.رۇستەمدىن ئەھۋالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران بولغان ھالدا: )c/BD C7g  
   -ئەي ئالەمگىر باتۇر،سېنى ھەممە ئادەم تونۇيدۇ.پۈتكۈل ئىنسان سەندىن قورقۇدىغان ۋە تەپتارتىدىغان تۇرسا ، كىممۇ سەن بىلەن ئېلىشىشىنى خىيال قىلىپ، ئېتىڭنى بۇلاپ كېتىپ ساڭا قەست قىلار؟ئۇنۇڭ ئۈستىگە بىزنىڭ سەمەنگان پۇخرالىرى ئۇزاقتىن بۇيان سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭنى كۆپ ئاڭلاپ دىدارىڭنى بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن.ئۇلار سېنى شۇ قەدەر ھۆرمەتلەپ بېشىدا كۆتۈرىدۇكى ئۇلار ھەتتا يولۇڭدا ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىشقىمۇ رازى. cR} =3|t  
بۇ سۆزلەر باتۇرنىڭ قەلبىدىكى شەك ۋە گۇمانلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتتى.شۇنىڭ بلەن ئۇمۇ ‹‹ئىگىلگەنگە ئىگىل ›› دىگەن ماقال ئىددىيىسى بويىچە شاھقا جاۋابەن ھۆرمەت كۆرسۈتۈپ تازىم بەجا كەلتۈردى دە دىدى: |@F 
  -تۇلپار ئېتىم قولۇمدىن چىقىپ كەتتى.ئۇنى ئوتلاشقا قويۇۋەتكىنىم ئۈچۈن ئۈستىدە ئىگەر ۋە يۈگەنلىرى يوق ئىدى.پەقەت توقۇم،ئېغىزدۇرۇق ۋە ئۇنى يىراق كەتمىسۇن دەپ سېلىپ قويغان كىشەنلا بار ئىدى.ئۇ ئوتلىغان يەردىكى ئېرىق ۋە توقاي بويلىرىدىن تۇلپارنڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشقان باشقا ئاتلىقلارنىڭ تۇياق ئىزىنى بايقىدىم.تۇلپارىم بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا بۇلاڭچى ئوغرىلاردىن ئۈچى ئۆلۈپتۇ.قالغانلىرى تۇلپارىمنى بەنىد قىلىپ سەمەنگان تەرەپكە ئېلىپ كېتىپتۇ.مىنىڭ مەقسىدىم شۇكى ئەگەر تۇلپارىم بۇ يەردىن ئامان ئىسەن تېپىلسا  سىلەر  بىلەن دوستانە مۇناسىبەتتە بولۇپ ھەممىڭلارنى مۇكاپاتلايمەن.ئەگەر تۇلپارىمنى ساق ساامەت تاپالمايدىكەنمەن ھىچكىمنىڭ بېشىنى ئامان قويمايمەن. Dr 
-ئەي ئاچچىقى يامان كىشى،مۇشۇمۇ ياخشى ئادەمنىڭ دەيدىغان سۆزىمۇ؟ بۇنداق قوپال سۆزلەرنى قوي.ياخشىسى رايىمىزغا بېقىپ بىزگە مىھمان بول.بىز سېنى ياخشى كۈتۈۋېلىشقا،بۈگۈن كېچە ياخشى مەي،ئىسىل تائام ۋە ناخشا سازلار بىلەن كۆڭلۈڭنى ئېلىشقا  ھەرقاچان تەييار. ھەرقانچە قاپ يۈرەك كىشى ئوغرىلىغان بولسىمۇ سېنىڭ ئېتىڭ ئىكەنلىكىنى ئۇقسا ئۇزاققىچە يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.خاتىرجەم بولغىنكى بىز ئېتىڭنى تېزلىكتە ئىزدەپ  تېپىپ ساڭا ساق سالامەت قايتۇرۇپ بېرىمىز.  
رۇستەم بۇ چىن سۆزلەرگە ئىشىنىپ كۆڭلىدىكى غەشلىك ۋە غەزەپ يوقالدى.ئورنىنى خوشاللىق تەبەسسۇمى ئىگەللىدى.شۇنىڭ بىلەن شاھقا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئىسىل ئېتىغا مىنىپ بىرلىكتە شەھەرگە شاھ سارىيىغا كەلدى.سەمەنگەن شاھى شەھەرنىڭ كاتتا ئۇلۇغلىرىنى ۋە ئۇستا سازەندە ناخشىچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ سارىيىدا كۆرگەنلەر ئاپىرىن ئېيتقۇدەك كاتتا  بىر شاتلىق سورۇنى ھازىرلاپ رۇستەمنى مىھمان قىلىشتى.ئويۇن تاماششا ،ناخشا سازلار تاكى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتى.پەرىزاتلاردەك گۈزەل نازىنىن قىزلار خىزمەت قىلىپ ئىسىل  شاھانە مەيلەرنى ناز كەرەشمە بىلەن سۇناتتى.سازچىلار سازلىرىنى ئەڭ گۈزەل كۈيلەرگە چالسا ،ناخشىچىلارمۇ ئەڭ لىرىك،ئەڭ شوخ ناخشىلارنى ئېيتىپ رۇستەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى.سورۇن تاكى رۇستەم ئېغىر كەيىپ بولۇپ  ئۇيقۇ بېسىپ بولالمىغانغا قەدەر داۋاملاشتى.كىيىن رۇستەمگە ئەڭ ھەشەمەتلىك سارايغا تېخى تۇتمىغان يوتقان كۆرپىلەرگە مۈشك ئەنبەرلەرنى سېپىپ تۆشەك راسلاپ بېرىشتى. o=}?aC3I  
@nK 08Kj-  
سەمەنگەن شاھىنىڭ قىزى تەھمىنەنىڭ رۇستەمنى كۆرۈشكە كەلگەنلىكى e$Ej7_.#;  
تۈن تەڭدىن ئېشىپ تاڭنىڭ چولپان  يۇلتۇزى پارلاپ چىققان ، رۇستەم شىرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋتقان بىر چاغدا رۇستەم ياتقان ھوجرىنىڭ  ئىشىكى ئاستاغىنە ئېچىلىپ رۇستەمنىڭ قۇلۇقىغا خۇددى مەيىن شاماللارنىڭ تىۋىشىدەك شىرىن بىر شىۋىرلاش ئاڭلىنىپ قالدى.بۇ نىمە سىر ئەمدى؟! 4k 8 @u  
قولىدا شام كۆتۈرگەن غۇلام يىگىتنى ھەمراھ قىلىپ، خۇشبۇي ئىپار ئەنبەر ھىدلىرىنى ھەريانغا چېچىپ،بوي بەستى پەرىلەردىن ،ھۆسنى قۇياشتىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىر ماھىرۇي نازىنىن غۇلامنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ قېشى بىر كامان بولسا،سېكىلەك چاچلىرى بىر كامان بولۇپ كۆرگەن كىشىنىڭ  يۈرىكىنى ئىشىقنىڭ رەھىمسىز ئوقى بىلەن يارىدار قىلىشقا تەييار ئىدى.بويى سەرۋى دەرخىدەك  تۈز ۋە زىلۋا،يۈزى يەمەن ھېقىقىدەك سۈزۈك،ئاغزى بولسا ئاشىق دىلىدەك تار ئىدى.بۇ سەنەم ئەقىل پاراسەتتىلا تولغان بولۇپ قالماي خۇددى نۇردىن يارالغاندەك  شۇنداق پاك ۋە تەڭداشسىز گۈزەل ئىدى. Y`v&YcX;  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-02

رۇستەم ئۇنى كۆرۈپلا  ھەيرانلىقتا ئەقلى لال بولۇپ قالدى.ۋە ئىىتىيارسىز  خۇدا نامىنى تىلغا ئېلىپ تەھسىن ئاپىرىن ئېيتىپ كەتتى.رۇستەم قىزدىن سورىدى: x9a0J1Nb-h  
-ئەي گۈزەل ماھ،كىمسەن ؟نامىڭ نىمە ؟ بۇ خىلۋەت  كېچىدە بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىسەن ؟ a83o (9  
-مەن سەمەنگان شاھىنىڭ قىزى بولىمەن،   -دىدى قىز جاۋاپ بېرىپ   -ئىسمىم تەھمىنە.بىزنىڭ ئەجدادىمىزمۇ سىلىدەك يولۋاس سۈپەت ئۇلۇغ باھادىرلاردىن.مەن ئۇزاقتىن بېرى سىلىنىڭ ئۇلۇغ ناملىرىنى ئاڭلاپ  غايىبانە ئاشىق بولۇپ دىدارلىرىنى بىر كۆرۈشنى تەڭرىدىن تىلەپ كىلىۋاتقان ئىدىم.مانا بۈگۈن تىلىكىم ئىجابەت بولۇپ سىلىنىڭ مۇبارەك قەدەملىرى بۇ تەرەپكە يەتتى.مەن سېلىنىڭ جەڭنامە داستانلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم.سىلى نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىپ،يولۋاس،شىر،دىۋە،جىن،ئەجدىھا ۋە لەھەڭلەردىن بولۇپ نۇرغۇن ۋەھشى دۈشمەنلەرنى يوقۇتۇپ ئالەمگە مەشھۇر بولدىلا.بۇ قېتىم سىلى ئىرانلىقلاردىن ھىچكىم كىرىشكە جۇرئەت قىلالمايدىغان  تۇران تەۋەسىگە ئوۋغا چىقىپ نۇرغۇن قۇلانلارنى ئوۋ قىلپ كاۋاپ قىلىپ يەپلا،ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋاتقانلىرىدا ئاتللرىنى باشقىلار ئېلىپ كېتىپ شۇ ئاتنى ئىزدەش باھانىسى بىلەن دىيارىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىپلا.سىلىدەك ئېغىر گۈرزىسىنى ساماغا كۆتۈرۈپ دۈشمەن يۈرىكىنى تىترىتىدىغان،قىلىچ يالىڭاچلاپ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكىمۇ ۋەھىمە سالالايدىغان،ھەتتا بۇلۇتلارنىمۇ قان يىغلىتالايدىغان،كامان تاشلاپ دائىم شىر يولۋاسلارنى بەنىد قىلىپ ۋەھشى ھايۋانلارنىمۇ تىنىچ قويمايدىغان ئالەمگەىر پەھلىۋان كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.مەن سىلى ھققىدە مۇشۇ خىلدىكى داستانلارنى كۆپ ئاڭلىغان بولغاچقا قەلبىمدە دائىم شىرىن خىياللىرى ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.مانا مەن لىۋىمنى چىشلەپ يۈرۈپ كۈتكەن ۋىسال پەيتى ئاخىر يېتىپ كەلدى.بۇ دۇنيادا مەلەكلەر ئىچىدە ماڭا تەڭ كەلگۈدەك يەنە بىر سەنەم تېخى تۆرەلگىنى يوق. ھەم شۇنداقلا مىنى شۇ كەمگىچە ھىچبىر يات ئەركەك چۈمبەلسىز كۆرۈپ باقمغان.ئاۋازىمنى ئاڭلاپ باققانلارنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.شۇڭا مىنىڭدەك بىر دىلرەبانى دەرگاھىڭدىن قوغلىمىساڭ،ئۇزاقتىن تەشنا بولغان نۇرجامالىڭنى قانغۇدەك  بىر كۆرۈپ تەشنا يۈرىكىمنى قاندۇرۇۋالسام.سىلىدىن ئۆتۈنۈشۈم شۇكى مېنى بۈگۈن ھەرگىز رەت قىلمىغايلا،ماڭىمۇ يىگىتلىك ئىشقى ھەۋەسلىرىدىن بېرىپ قىزلىق ئارمىنىمغا يەتكۈزۈپ بەخىتىيار قىلغايلا،يەنە ىر مەخسىدىم شۇكى مەن  ھوزۇرلىرىغا سىلىدىن بىر پەرزەنىت تىلەپ كەلدىم.سىلى بۇيەردىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن پەرزەنىتلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ سىلىنىڭ ئىشىق دەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كۆيۈۋاتقان يۈرىكمنى سەگىتىپ سۆيگۈ ئازاپلىرىمنى يىنىكلىتىدۇ.ئەگەر مەن سىلىدىن ئوغۇل پەرزەنىت كۆرۈپ قالسام ئۇمۇ سىلىدەك ساھىپ ھۈنەر باتۇر ئەزىمەت بولۇپ ئۆسىدۇ.ئۇنىڭ تەلەي يۇلتۇزىمۇ ئاتىسىنى دوراپ سىلىدەك بولىدۇ.يەنە بىر ئىش سىلى مىنى ئوبدان رازى قىلسىلا مەنمۇ سىلىنى رازى قىلىپ تۇلپارلىرىنى تېپىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىمەن. 3.soCyxmc  
رۇستەم قىزنىڭ سۆزلىرىنى باشتىن ئاخىر ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ھەممىنى چۈشەندى.قىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى توغرا تېپىپ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلماقچى ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭمۇ ئارزۇسىنى بىرگە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. رۇستەم  داڭلىق باتۇر بولۇپلا قالماي يەنە تەڭرى يولىنى تۇتقان ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى.نىكاھسىز ھارام زىنانىڭ بەكمۇ زور گۇناھلىقىنى ياخشى چۈشىنەتتى.شۇڭا ئىشنى توغرا يول توغرا ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلماقچى بولۇپ ىىزمىتىنى قىلىۋاتقان خىزمەتكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ كىرىپ بۇيرۇدى: R6ywc "xE  
  -دەرھال چىقىپ دانىشمەن ھەم سۆزمەن مۇبەدتىن بىرنى تېپىپ كىر.ئۇ مىنىڭ ئورنۇمدا شاھقا ئەلچى بولۇپ كىرىپ قىزى تەھمىنەنى ماڭا ھالال جۇپتىلىققا سوراپ ماڭا ۋاكالىتەن قۇللۇق قىلسۇن! ئەجرىنى ئوبدان بېرىمەن. o9JJ_-O"  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-02

ئىشلار رۇستەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ناھايىتى ياخشى بىجىرىلدى.سەمەنگان شاھى  ناھايىتى خۇشال بولۇپ رۇستەمنى كۇيوغۇللۇققا قوبۇل كۆردى. ناھايىتى چوڭ ھەشەمەتلىك چاي-توي مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈپ قىزىنى رۇستەمگە ئۇزاتتى.بۇ تويدىن ھەممە كىشى شاتلادى.يۇرت ئاۋاتلاشتى.ھەممە رۇستەمگە تەھسىن ئاپىرىنلار ئېيتىشىپ بىردەك:‹‹ بۇ مەھلىقا ھەقىقەتەن رۇستەمگە مۇناسىپ ئىدى.گۈلى-گۈلىگە،خىلى-خىلىغا دىگەندەك ئىش بولدى.بۇلارغا بەخت ئامەت مەڭگگۈ يار بولسۇن،دۈشمەنلىرى زەھەر يۇتۇپ قان يىغلاپ قالسۇن››دىيىشتى. <.#i3!  
بىر جۈپ يۈرەك زارىقىپ كۈتكەن كەچمۇ بولۇپ گۈزەل پەرى قىز بىلەن پەھلىۋان يىگىت قاراڭغۇ تۈندە ئۆزلىرىگە ئارزۇ  قىلغان بەخت ئىقبالى قۇچاق ئاچقان خاس ھوجرا ئۆيدە ئاي بىلەن كۈن تېپىشقاندەك پىنھان بولۇشۇپ  شىرىن مۇھەببەتنىڭ ئەستىن چىقماس پەيزىنى سۈرۈشتى.غۇنچە گۈل مەلىكە ىشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ شەبنەمگە پۇر بولدى.ئەۋرىشىم بويلىرى مۇھەببەت لەززىتىنى قانغۇچە تېتىپ يىگانە دۇر بولدى.سەدەپلىرى ئىچرە ئىسىل قەترىلەر تولۇپ ئىللىق باغرىدا مىسلىسىز قىممەتلىك گۆھەر پەيدا بولدى.بۇ كىچە پۈتكۈل جاھان ئىچىنى ئاختۇرسىمۇ بۇ ئىككىسىدىن خۇشال،بۇ ئىككىسىدىن بەخىتلىك ئىككىنچى بىرسى تېپىلمايتتى. kz]qk15w  
قىز بىلەن يىگىتكە ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلغۇسىز شىرىن ئەسلىمىلەرنى ئاتا قىلغان بۇ كىچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاشىقلار يۈرىكىنى داغلاپ شەرىقتىن  قىزىل قۇياش شەپەق يېرىپ كۆتۈرۈلۈپ چىققاندا  ئۇلار بىر بىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەندەك تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاشتى.لىكىن ‹‹ئامراقبىز› دەپ ھوجرىدىن چىقماي يېتىۋەرگىلىمۇ بولمايتتى.ئاخىر رۇستەم بىلىكىنى مەھبۇبىنىڭ ئۇقادەك ئاپپاق بوينىدىن ئاجرىتىپ ئورنىدىن تۇردى.يۇيۇنۇش ۋە بىرگە ناشتىلىق قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇستەم ئايرىلىش ئالدىدا بىلىكىدىن قۇياشتىن زىيادىراق نۇر چاچىدىغان بىر قىممەتلىك گۆھەرنى چىقىرىپ تەھمىنەگە بېرىپ مۇنداق دىدى: o[aRG7C  
-ئەي گۈل يۈزلۈك ،بۇنى ئال!بۇ مەن بولغۇسى پەرزەنتىمىزگە قالدۇرغان سوۋغات ۋە نام نىشان.ئەگەرتەڭرى تائالا بىزگە قىز پەرزەنىت ئاتا قىلىپ قالسا سەن بۇنى ئۇنىڭ چېچىغا تاقاپ قوي.ئەگەر ئوغۇل پەرزەنىت تۇغۇلسا ‹‹ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپتۇ›› دەپ بىلىپ بۇنى ئوڭ بىلىكىگە تاقاپ قوي.بۇ ئۇنىڭغا مېنىڭ ئورنۇمدا  ھەمراھ بولۇپ پارلاپ نۇر چاچسۇن.ئۇمۇ ئەجدادىمىزنى تارتىپ سام ۋە نەرىماندەك  شۆھرەتلىك باتۇرلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقسۇن.
 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-02

قۇياش كۆتۈرۈلۈپ خېلى ۋاق بولۇپ قالغان بولسىمۇ رۇستەمنىڭ تەھمىنەدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ‹‹بۇسە›› مۇكاپات ئالماقتا ئىدى.‹‹مۇكاپات ئېلىش›› قېيناتىسى سەمەنگان شاھى تۇلپاردىن خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلەن ۋاقىتقىچە داۋاملاشتى.رۇستەمنىڭ كېچىدىن بېرىقى خوشاللىقىغا يېڭى خوشاللىق قوشۇلدى. ئۇ شۇ دەرىجىدە خوشال بولدىكى بېشى ئاسمانغا يەتكەندەك بولدى. ئۇنىڭ بۇ خوشاللىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلار ئۆزىنىڭ  ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى بىر قېتىم يوقۇتوپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن چاغدا تۇيۇقسىز قايتا ئېرىشىپ باقسۇنچۇ قېنى؟! بۇ خوشاللىق ئۇنىڭغا يېڭى ئېرىشكەن چاغدىكىدىنمۇ شېرىن بولىدۇ. g:8k,1y5  
رۇستەم تەھمىنە بىلەن خوشلىشىپ بولغان ئىدى.ئەمدى ئاتنى كۆرگەن چېغىدا بۇ‹‹ قانىتى›› بىلەن ‹‹ئۇچۇپ›› يەنە پەرۋاز قىلغۇسى كەلدىمۇ سەمەنگەان شاھىغا رەھمەت تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ بولۇپ ناشتىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېتىنى مىنىپ سىيىستانغا قايتىپ كەتتى. V q4g#PcG  
ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۇزاق تۇرماسلىقى تۆۋەندىكىدەك سەۋەپلەردىن ئىدى.بىرى مەردانە باتۇرلار مەردلىك ۋاپادارلىقنى قەدىرلەيدۇ.ئىشقى ھەۋەسلەرگە ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كەتمەيدۇ. قىزدىن پادىشاھلىق ئىشىنى،ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى ئەلا بىلىدۇ. بۇ خىل مىجەز خاراكتىر‹‹ سۇ بويىدا›› رومانىدىكى ۋۇ سوڭ،لى كۈي،سۇڭ جىياڭ قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئىككىنچىدىن ئەينى زاماندا ئىران بىلەن تۇران تېخى  ئەشەددى دۈشمەنلىشىكلىك ئەھۋالدا بولۇپ رۇستەمنىڭ تۇرانلىقلار زىمىنىغا بېرىپ دۈشمەنلىرىدىن بىرىەە كۇيئوغۇل بولغانلىقىنى كاۋۇس ئۇقسا رۇستەمدىن شەكلىنەتتى.ئارىغا ئاداۋەت چۈشۈپ مۇناسىۋەتكە ئېغىر تەسىر يېتەتتى. كىيىن سوھرابنىڭ تۇغۇلىشى ۋە تۇراننىڭ بىرىنچى پالۋىنى بولۇپ ئىران بىلەن سوقۇشىشى،ئاتىسى بىلەن ئېلىششى بۇ خىل كۇيئوغۇللۇق مۇناسىۋەتنىڭ خاتالىقى ئىدى.ئۈچىنچىدىن رۇستەمدەك ۋاپادار ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ئۇقتۇرمايلا تويدىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك ئىشىنى ئۆزى بىكىتىپ ئۆزىلا قىلىپ كېتىشىمۇ ئۇلارنىڭ رەسىم قائىدىسىدە يوق ئىش ئىدى. }6b" JoC  
[ بۇ يازما Qabiljan تەرپىدىن 2011-08-02 05:40 PM دە ]

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-02

سوھرابنىڭ تۇغۇلىشى {&TP&_|H  
ئارىدىن توققۇز ئاي توققۇز كۈن ئۆتكەندە تەھمىنەنىڭ كۆزى يورۇپ تولۇن ئايدەك نۇرلۇق بىر ئوغۇل تۇغدى.ئۇ ئاتىسى ۋە ئەقدادىنى چىراي قامەتتە تۇغۇلىشىدىنلا تارتقان بولۇپ ئۇنى كۆرگەن كىشى‹‹ بۇ رۇستەممۇ ياكى ساممۇ ۋە ياكى نەيرەممۇ ؟!›› دىيىشىپ ھەيران بولۇشاتتى.بالىنىڭ يۈزى گۈلدەك ئىسىل ۋە كۈلگۈنچەك بولغىنى ئۈچۈن ئىسمىنى ‹‹ سوھراب›› دەپ قويۇشتى.بۇ بالا رۇستەمنى چىرايدىلا تاتىپ قالماي،كۈچ قۇدرەت،جاسارەت،ۋە تېز ئۆسۈپ يېتىلىش جەھەتتىمۇ شۇنداق تارتقان بولۇپ بىر ئايدا بىر ياشلىق بالىدەك تەرەققى قىلىپ تېز ئۆسۈپ يېتىلمەكتە ،ئۇمۇ ئاتىسى رۇستەمدەك بىر ئانىنىڭ سۈتىەە چىقىش قىلماي 20-30ئانىنىڭ سۈتىگە ئاران تويار ئىدى. بۇمۇ يەتمەي چىلەكلەپ سىيىر سۈتى بېرىشەتتى. =C#22xqQ.  
ئۇ شۇنداق تېز تەرەققى قىلغان بولغاچقا ئۈچ ياشقا كىرگەندە كۈچ قۇۋۋەتتە تولۇپ، 10-12 ياشلىق بالىلاردەك بوي تارتىپ  باتۇرلار بىلەن ئېلىشىپ بېقىش ئۈچۈن مەيدان تەلەپ قىلدى.بەش ياشقا كىرگەن چېغىدا شىر يولۋاسلاردىنمۇ قورىقمايدىغان ئەزىمەت بولۇپ يىتىشتى.ئون ياشقا كىرگەن چېغىدا بولسا تۇراننىڭ داڭلىق پەھلىۋانلىرى بىلەن كۈچ سىنىشىپ ئۇلاردىن زور چىقتى. pN=>q <]L  
لىكىن سوھرابقا شۇ كۈنگىچە ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى ھىچكىم دەپ بەرمىەەنئىدى. 0JE*|CtK  
بىر كۈنى سوھراب  ئانىسى تەھمىنەنىڭ يېنىغا كىرىپ ئاخىر بۇ سىر توغرىسىدا ئېغىز ئاچتى: g|Xjw Ti8$  
  -ئەي ئانا،سەن مۇشۇ كەمگىچە مېنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ بېقىپ كەلگەن بولساڭمۇ لىكىن تا ھازىرغىچە ماڭا ئۆز ئاتامنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دەپ بەرمىدىڭ.مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن.بويۇم باشقىلاردىن ئۆسكىلەڭ،تەڭتۇشلىرىمنىڭ بويى تىزىمغىمۇ كەلمەيدۇ.كۈچ قۇۋۋىتىممۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇى.مەندە چوقۇم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان سىر بار.مۇھىم سىر دىگەننى بىلىشكە تىگىشلىكلەرگە  چوقۇم بىلدۈرۈش كېرەك.مەن بۈگۈن مۇشۇ سىرنى جەزمەن بىلىش ئۈچۈن يېنىڭغا كىردىم.مەندىن يوشۇرىمەن،داۋاملىقسىر قىلىپ ساقلايمەن دەپ ئاۋارە بولما ! قېنى ئېيتچۇ ! باشقىلارنىڭ ‹‹ئاتاڭ كىم ؟›› دەپ سورىغان سۇئالىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن؟ U_sM==~  
-بولىدۇ ئوغلۇم،دىسەم دەپ بېرەي،بۇ سەندىن يوشۇرغۇدەك سىر ئەمەس،سەن كىملىكى ى يوشۇرغۇدەك ئەمەس نامىنى پەخىرلىنىپ تىلغا ئالغۇدەك كىشىنىڭ بالىسىسەن. بۇندىن كېيىن كىم سورىسا دادىل جاۋاپ بەر. سېنىڭ ئاتاڭ نامى پۈتكۈل ئالەمگە مەشھۇر بولغان ئالەم پەھلىۋانى، شۆھرەتلىك رۇستەم بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامى تىللاردا داستان بولۇپ كەتكەن بولغاچ كىشىلەر ئادەتتە ئۇنى‹.رۇستەمى داستان›› دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئىران زىمىنىدىكى زابۇلىستان مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى مەشھۇر زال زەرنىڭ يالغۇز ئوغلى.ئۇ ھازى ئىسپاھان شەھىرىدە ھۆكۈمران بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ شەھەر ئۇنىڭ مازەندىراندا دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ قانخور دىۋىلەرنى  يوقاتقانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات قىلىپ بېرىلگەن. E>c*A40=.n  
شۇندىن كېيىن تەھمىنە ئوغلىغا رۇستەم قالدۇرغان ‹‹ئەجەپنامە›› دەپ ئاتىلىدىغان ھېلىقى بىباھا قىممەتلىك گۆھەر تاشنى بەردى ۋە بىلىكىگە تاقاپ قويۇپ ئۇنىڭ رۇستەمنىڭ سوۋغىتى ۋە بەلگە نىشانىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنى يېنىدىن ئايرىمسلىقى ۋە يوقۇتىۋەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تاپىلىدى. eWOZC(I*z  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-02

رۇستەم بۇرۇن خوتۇنىنىڭ ئوغۇل پەرزەنت تۇققانلىقىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىنى ئىپادىلەپ ۋە ئايالىنىڭ تۇغۇتىنى مۇبارەكلەپ  ئىراندىن خەت بىلەن قوشۇپ ئۈچ دانە قىممەتلىك گۆھەر ۋە ئۈچ خالتا تىللا ئەۋەتكەن ئىدى. تەھمىنە نىشان ئۈچۈن سوھرابقا ئۇلارنىمۇ بەردى: 2{01i)2y  
-ئەي ئەزىز ئوغلۇم،مانا بۇلار ئاتاڭ رۇستەم ساڭا ئەۋەتكەن يادىكار بويۇملار،سەن ئۇنى تۇماردەك ئەتىۋا بىلىپ ئەزىزىلىشىڭ،يېنىڭدىن ئايرىماسلىقىڭ كېرەك. بۇلار ساڭا ئاتاڭنى ۋە ئۇنىڭ ساڭا بولغان مىھرى مۇھەببىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.كۈنلەردىن بىر كۈنى پۇل مالغا ھاجىتىڭ چۈشۈپ قالسىمۇ قالتىس ئەسقاتىدۇ.چۈنكى بۇ ئۈچ گۆھەرنىڭ جاھاندا تەڭدىشى يوق.ئاتاڭ ئۇنى مازەندىراندىكى دىۋىلەر ئۇۋسىدىن ئېلىپ كەلگەن.ئادەم بالىسى تېخى بۇنداق ئىسىل گۆھەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان.ساڭا تاپىلايدىغان يەنە بىر مۇھىم سۆزۈم شۇكى سېنىڭ رۇست5ەمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىڭدىن تۇران شاھى ئەپراسىياپ خەۋەر تاپمىسۇن.چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى،ئەگەر ئۇ بۇسىردىن خەۋەر تاپسا سەن بىزنى ھەرگىز تىنىچ قويمايدۇ.بوۋاڭغىمۇ ياخشى بولمايدۇ... FT h /1" a  
-ئەي ئانا،بۇنى سىر تۇتۇپ نىمىمۇ قىلىمىز؟   -دىدى سوھراب قايىل بولماي    -مەن رۇستەمدەك بىر ئۇلۇغ ئەرنىڭ پۇشتى تۇرۇپ  نىمىدەك ئاتا بالىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى يوشۇرۇپ يۈرگىدەكمەن.ئاتامنىڭ شۇنداق ئۇلۇغ ئەر تۇرۇپ ئىران تەختىگە ئولتۇرالماسلىقى مەن ئۈچۈن نوپمۇس.ھېلىقى كاۋۇس دىگىنى ئىران شاھى بولۇشقا  مۇناسىپ ئەمەس. مەن تۇرانلىق باتۇر ئەرلەردىن لەشكەر ئېلىپ  ئىرانغا قارشى ئۇرۇش باشلايمەن.كاۋۇس دىگەن بەدبەختنى ئىران تەىتىدىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا ئاتام رۇستەمنى شاھ قىلىپ تىكلەيمەن.يەنە شۇنىمۇ دەپ قويايكى ئەفراسىياپتىنمۇ قورقۇشۇم يوق. ئەگەر ئۇ يۇۋاشلىق بىلەن رايىمغا باقماي  مەن ۋە ئاتامغا  دۈشمەنلىك قىلىدىكەن ئۇنىمۇ تەختتىن غۇلۇتۇپ ئامەتلىك كۈنلىرىنى ئاپەتكە ئايلاندۇرىمەن.ئىراننىمۇ تۇراننىمۇ  بويسۇندۇرۇپ ئاتامنى ۋە سېنى پۈتۈن دۇنيانىڭ شاھلىق تەختىگە چىقىرىمەن... V4. }wz_Y  
`aM8L  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-03

باتۇر سوھراب ئانىسىغا دىدىكى: My\  
  -ئەي ئانىجان،زاماندىن ماڭا بەخت تەلەي كۈلۈپ بېقىپتۇ.دىمەك مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلمىقىم لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن مەندەك كىشىلەرگە ئادەتىتكى ئاتلار بولمايدۇ.ئاتامنىڭ تۇلپار ئېتىدەك كۈچلۈك،چوڭ،غەرەز ئۇقىدىغان،تېز چاپىدىغان،جەڭ قىلالايدىغان بىر ياخشى ئات كېرەك.ئۇ ئاتنىڭ تۆت تۇۋىقى چاپقاندا تاشقا تەگسە ئوت چاچرىتالايدىغان،ئىەىز تاغلارغىمۇ يەلدەك ئاسان ،تېز چىقالايدىغان؛ئېدىرلاردىن بوران ياكى سەلدەك ئۆتەلەيدىان ،چاپقاندا،ھاۋادىكى قۇشلار،سۇدىكى بېلىقلاردىن تېز چاپىدىغان،چۆلدە يۈرگەندە كىيىكلەردىنمۇ تېز چاپىدىغان،بەدىنى پىلدەك چوڭ بولۇپ مېنى ۋە  ئېغىر قۇرال ياراقلىرىمنىمۇ كۆتۈرۈپ يىراقلارغا بارالايدىغان پىلدەك كۈچلۈك ئات بولۇشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا كۈچلۈك ياۋ بىلەن تۇتۇشقاندا ئۇلار بىلەن قانداقمۇ پىيادە جەڭ قىلغىلى بولسۇن؟! # fl%~Y  
تەھمىنە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولغىنىدىن بېشى كۆككە يەتكەندەك بولدى.شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئات باققۇچى چوپانلارغا بارلىق ئاتلىرىنى ئېلىپ كىلىپ سوھرابنڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.پەرمانغا بىنائەن چوپانلار بارلىق  يىلقىلىرىنى ئېلىپ كىلىپ توپلىغاچ، شەھەر ئەتراپىدىكى سەھرا دالىلىرىنى خۇددى تۈتۈندەك يىلقا قاپلاپ كەتتى. cRC)99HP  
سوھراب يىلقىلار ئارىسىدا ئىسل كۆرۈنگەن ئاتلارنى قوغلاپ يۈرۈپ  ئات تاللاشقا تۇتۇندى. ئۇ كەمەند تاشلىسا ھەرقانداق بىر ئات بەنىد بولاتتى.ئۇ تۇتۇۋالغان ئاتنىڭ بېلىگە قولىنى قويۇپ باقاتتى.ئاتنىڭ بېلى كاماندەك ئىگىلىپ كەتسە يارامسىز دەپ شاللىۋېتەتتى. X5eTj  
. QTjOLK$e$  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-03

باتۇر سوھراب ئانىسىغا دىدىكى: (&$|R\W.  
  -ئەي ئانىجان،زاماندىن ماڭا بەخت تەلەي كۈلۈپ بېقىپتۇ.دىمەك مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلمىقىم لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن مەندەك كىشىلەرگە ئادەتىتكى ئاتلار بولمايدۇ.ئاتامنىڭ تۇلپار ئېتىدەك كۈچلۈك،چوڭ،غەرەز ئۇقىدىغان،تېز چاپىدىغان،جەڭ قىلالايدىغان بىر ياخشى ئات كېرەك.ئۇ ئاتنىڭ تۆت تۇۋىقى چاپقاندا تاشقا تەگسە ئوت چاچرىتالايدىغان،ئىەىز تاغلارغىمۇ يەلدەك ئاسان ،تېز چىقالايدىغان؛ئېدىرلاردىن بوران ياكى سەلدەك ئۆتەلەيدىان ،چاپقاندا،ھاۋادىكى قۇشلار،سۇدىكى بېلىقلاردىن تېز چاپىدىغان،چۆلدە يۈرگەندە كىيىكلەردىنمۇ تېز چاپىدىغان،بەدىنى پىلدەك چوڭ بولۇپ مېنى ۋە  ئېغىر قۇرال ياراقلىرىمنىمۇ كۆتۈرۈپ يىراقلارغا بارالايدىغان پىلدەك كۈچلۈك ئات بولۇشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا كۈچلۈك ياۋ بىلەن تۇتۇشقاندا ئۇلار بىلەن قانداقمۇ پىيادە جەڭ قىلغىلى بولسۇن؟! pTK|u!fs  
تەھمىنە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولغىنىدىن بېشى كۆككە يەتكەندەك بولدى.شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئات باققۇچى چوپانلارغا بارلىق ئاتلىرىنى ئېلىپ كىلىپ سوھرابنڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.پەرمانغا بىنائەن چوپانلار بارلىق  يىلقىلىرىنى ئېلىپ كىلىپ توپلىغاچ، شەھەر ئەتراپىدىكى سەھرا دالىلىرىنى خۇددى تۈتۈندەك يىلقا قاپلاپ كەتتى. ?WX&,ew~  
سوھراب يىلقىلار ئارىسىدا ئىسل كۆرۈنگەن ئاتلارنى قوغلاپ يۈرۈپ  ئات تاللاشقا تۇتۇندى. ئۇ كەمەند تاشلىسا ھەرقانداق بىر ئات بەنىد بولاتتى.ئۇ تۇتۇۋالغان ئاتنىڭ بېلىگە قولىنى قويۇپ باقاتتى.ئاتنىڭ بېلى كاماندەك ئىگىلىپ كەتسە يارامسىز دەپ شاللىۋېتەتتى. $0Y&r]'  
. z~xN ]=  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-03

بۇ خىل تاللاشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي نۇرغۇن ئاتلار مېيىپ بولۇپمۇ قالدى.سوھراپ بۇ قېتىم نەچچە ئونمىڭ ئاتنى سىناپ باققان بولسىمۇ  لىكىن لايىق كەلگۈدەك ئات تاپالمىدى. .3|9 ~]  
شۇ ئارىدا قېرىراق بىر چوپان ئالدىغا  چىقىپ سوھرابقا مۇنداق دىدى: Uzb"$Ue4  
  -مەن تۇلپار زاتىدىن  شۇنداق بىر ئىسىل قۇلۇننىڭ ئۇچۇرىنى بىلىمەن. ئۇنىڭ كۈچ قۇدرىتى شىردىن ئارتۇق تۇرىدۇ.قامىتىمۇ يوغان تاغدەك بار.ئۇنىڭ چېپىشىغا ئۇچار قۇشلارمۇ يېتىشەلمەيدۇ.ئۇنىڭدەك ئاتنى تېخى ھىچكىم كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، تۇياقلىرى پولاتتىن سوقۇلغاندەك مەزمۇت ۋە چىڭ، ئەەەر سەكرەيدىغان بولسا كۆكتە چاقماق چاققاندەك زاھىر بولىدۇ. دەريا دېڭىزلارغا كىرسە بېلىقتەك ئۈزۈپ،  چۆل -باياۋانلاردىمۇ ئۇچار ئوقتەك تېز چاپالايدۇ.ئەگەر جەڭگە مىنىپ كىرىپقالسىڭىزمۇ ياۋ بېشىنى بىر ئۆزىلا ئۈزۈپ تاشلىغۇچىلىكى بار... R[&lk~a{=  
قېرى چوپاننىڭ تەرىپلىرى دەل سوھرابنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك ئىدى شۇڭا ئۇ بۇ ئۇچۇردىن ئالەمچە شاتلىنىپ كەتتى.سوھرابنىڭ تەلىپى بىلەن قېرى چوپان ئۆزى سۈپەتلىگەن ئات بار يەرگە سوھرابنى باشلاپ باردى. +H&_Z38n  
بۇ تېخى تاي ئات بولۇپ  سوھراب ئۇنى سىناپ بىلىنى قانچە باسسىمۇ ئىگىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن سوھرابنىڭ ئۇنىڭغا تېزلا مىھرى چۈشتى.شۇنىڭ بىلەن سوھراب بۇ ئاتنى دەرھال ئىگەرلەپ مىنىپ سىناپ كۆردى.بۇ ئات بوي بەستى،رەڭگى،كۇچ قۇۋۋىتى،چېپىشىدىن تارتىپ سەكرەشلىرىگىچە ھەر تەرەپتىن سوھرابنىڭ دىتىغا ياقتى شۇڭا ئۇ تەڭداشسىز گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ ئات ئىگىسىنى تىللا ۋە گۆھە ر  ياقۇتلارغا كۆمىۋەتتى. DJQ]NY|  
سوھراب كۆڭلىدە:‹‹مۇشۇنداق بىر ئىسىل ئاتقا ئىگە بولغىنىم يولۋاسقا قانات چىققاندەك بەك كاتتا ئىش بولدى.ئەمدى بۇ ئات بىلەن لەشكەر تارتىپ جەڭ قىلىدىغان بولسام كاۋۇسقا جاھان تارلىق قىلىدىغان بولدى.›› دىگەنلەرنى ئويلىدى. GPR`=]n& &  
سوھراب شۇ كۈندىن بۇيان ئۇرۇش تەييارلىقلىرىغا كىرىشىپ بىر تەرەپتىن ئۆزىگە باپ كەلەۈدەك چوڭ ۋە ئىسىل قۇرال ياراق تەييارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن لەشكەر توپلاشقا كىرىشىپ كەتتى.تەرەپ تەرەپتىن لەشكەر ۋە سىپاھلار كىلىپ ئۇنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ئەسكىرى كۈچلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. eN> (IW  
سوھرابنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن  بىر كۈنى بوۋىسى سەمەنگان شاھىنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن پاتىھە سورىدى: dWqFP  
-ئەي شاھ بوۋا،مەن نەۋرىڭىزمۇ چوڭ بولۇپ ياراملىق ئەرلەر قاتارىغا قېتىلدىم.لەشكەر ۋە قۇرال ياراقلارنى تەييارلاپ ئىران زىمىنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ بارماققا تەييارلىنىپ بولدۇم.ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى،تىلىكىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پاتىھە بەرسىڭىز. (uG4W|?p  
سەمەنگان شاھى نەۋرىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى‹‹ توغرا›› دەپ قاراپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوۋغا سالاملارنى بېرىپ ياخشى دۇئالارنى قىلىپ ئۇنى سەپەرگە ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولدى. uAvs  
[ بۇ يازما Qabiljan تەرپىدىن 2011-08-03 05:30 PM دە ]

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14392 (سوم)
 ياخشى باھا:   1198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1134  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5264
 سائەت
دەرىجىسى:
5264 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-03

ئەفراسىياپنىڭ   بەرمان بىلەن ھۇمماننى سوھراب ھوزۇرىغا ئەۋەتكەنلىكى y[|g!9Rp  
ئەفراسىياپ  سوھراپنىڭ بىھىساپ لەشكەر توپلاپ ئىرانغا كاۋۇس  بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى بارماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ بىلىدىغانلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ  سوھرابنىڭ  تېخى ئاغزىدىن سۈت ھىدى كەتمىگەن كىچىك بالا بولسىمۇ، لىكىن، ئۇنىڭ ناھايىتى باتۇر ئىكەنلىكىنى،خەنجەر بىلەن پۈتۈن يەر يۈزىنى بويسۇندۇرالىغۇدەك جاسارەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ ئەفراسىياپتەك كاۋۇسنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ تاجاۋۇزچىلىق ۋە قىساسخورلۇق ئۇرۇشى قوزغىيالماي تۇرغان بىماجال دۈشمەن ئۈچۈن ئەلۋەتتە كاتتا خوش خەۋەر ئىدى.شۇڭا ئۇمۇ دەرھال جىددى ھەركەتكە ئۆتۈپ ناھايىتى كۆپ قوشۇن توپلىدى.بۇ قوشۇنلارنىڭ ئىچىدىن باتۇر لەشكەرلەردىن ئون ئىككى مىڭنى تاللاپ ئالاھىدە قوشۇن قىلىپ تۈزۈپ ئۇنىڭغا ھۇممان بىلەن بەرمان  ئىسىملىك قورقۇمسىز باتۇر ئىككى   سەركەردىلەرنى  قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى. pMB=iS 
بىر كۈنى ئەفراسىياپ ھۇممان بىلەن بەرماننى يېنىغا چاقىرتىپ ئۇلارغا مەخپى يارلىق بېرىپ شۇنداق دىدى: xI<dBg|]+  
ـ ئەي باتۇر ۋە دانا سەركەردىلىرىم  ،مەن سىلەرنى ئالاھىدە جەڭ ۋەزىپىسى بىلەن سوھرابنىڭ قوشۇنىغا ياردەمگە ئەۋەتىمەن.سىلەر ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىرانغا قارشى جەڭ قىلىسىلەر. مېنىڭ ئىگەللىشىمچە  بۇ سوھراب دىگەن  رۇستەمنىڭ ئوغلى ئىكەن.لىكىن ئوغلى تۇغۇلغاندىن بۇيان بۇ ئاتا- بالىلار تېخى كۆرۈشۈپ  باقمىغان بولغاچقا، تېخىچە بىر بىرىنى تونىمايدىكەن.يەنە بىر پايدىلىق ئۇچۇر شۇكى رۇستەم كۆڭلىدە ‹‹ئوغلۇم تېخى كىچىك،ئەمدىلا ئون ياشقا كىردى.ئۇ تېخى بالىلىق ئويۇنلىرىنى ئويناپ يۈرگەن گۆدەك›› دەپ ئويلىغاچقا بۇ ئۇرۇش قوزغاپ چىققان سوھرابنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى قىلچىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەپتۇ. بۇ تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت.ئىككى قۇدرەتلىك ئەجدىھا ئېلىشقاندا چوقۇم بىرى يېڭىلىپ ئۆلىدۇ.بۇ ئۇرۇشتا ئۇلاردىن قايسىلا بىرى يىڭىلىپ ئۆلسە بىز ئۈچۈن پايدىلىق. چۈنكى ئۇلار ئاتا -بالا، ھامان بىر كۈنى ئۇلار  بىرلىشىۋالسا تېخىمۇ چوڭ ئاپەتكە ئايلىنىپ، كاۋۇسقىمۇ ماڭىمۇ   ئەڭ زور تەھدىت بولاتتى.ئاڭلىشىمچە سوھراب دىگەن بۇ شىر يىگىت كۈچ ۋە ماھارەتتە  ئاتىسى رۇستەمنى بېسىىپ چۈشەر  ئىمىش.ئەگەر بۇ قېتىم رۇستەم ئۇنىڭ قولىدا ئۆلسە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىمىمىز يوقۇتۇلغان بولىدۇ. رۇستەم يوقۇتۇلغاندىن  كېيىن بىز سوھرابنى ئۇيقۇغا مايىل قىلىپ قويۇپ ئۇنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتەلىسەك ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ھەر ئىككىسىلا يوقۇتۇلغان بولىدۇ.بۇ جەڭدىكى يەنە بىر پايدىلىق تەرەپ  شۇكى،جەڭدە  بۇ ئىككىسى بىر بىرى بىلەن ئېلىشىپ قايسىسى قايسىسىنى ئۆلتۈرمىسۇن ئۆلمەي ھايات قالغىنى كىيىن ئارىدىكى ئاتا- بالىلىق مۇناسىبەتنى بىلىپ قالسىمۇ ،چىدىغۇسىز  ئىچ قاينىقى ۋە ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن  ئۆزىدىن ئۆزى قىساس ئېلىپ ،ئۆزىنى ھالاك  قىلىۋېتىشى مۈمكىن.ئەگەر ئىش شۇنداقلا بولۇپ قالسا بىزگە قوش ئامەت يار بولدى دىگەن گەپ.شۇڭا سىلەر بۇ ئۇرۇش جەريانىدا سوھرابقا ئالاھىدە يېقىنلىشىپ يېنىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماڭلار! نىمە قىلساڭلار قىلىپ،ئۇنىڭ  زور ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىڭلار.سىلەرنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ۋەزىپەڭلار ئۇرۇش قىلىش ئەمەس،بەلكى  تۈرلۈك چارە ئاماللار بىلەن بۇ ئاتا بالىلار ئارىسىدىكى خەۋەرلەرنى كونتىرۇل قىلىپ رۇستەم بىلەن سوھرابنىڭ  ئۆز-ئارا تونۇشۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.سىلەر  مۇشۇ بىر ئىشنىلا ئورۇندىيالىساڭلار بىھىساپ زور خىزمەت كۆرسەتكەن ھېساپلىنىسىلەر. jkP70Is  
شۇ مەقسەد بىلەن ئەفراسىياپ بۇ ئىككى خائىننى نۇرغۇن قىممەتلىك سوغا سالام ۋە مەكتۈپ بىلەن سوھرابنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. j?,*fp8  

 
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى